مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 771 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: ھەقىقي ئەركەك قانداق بۇلىدۇ؟
asrari
كۈنلەر ئۇزۇن.ئەتە ئەڭ يىراق بىركۈن.
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5434
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1356
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1356دانە
ياخشى باھا: 356 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5335 سوم
تۆھپىسى: 355 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1499(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-06
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 08:23 PM

2 ھەقىقي ئەركەك قانداق بۇلىدۇ؟

q75ky1^1:  
ئەركەك قانداق بۇلىدۇ؟ NX?}{'f  
                                                              
      ئەنۋەر قۇربان كۇرشاد mge#YV::  
E W`W~h[  
ئادەم مۇرەككەپ ، رەڭگە –رەڭ مۇھىت ۋە شارائىتتا ياشايدۇ ، ناھايىتى كۆپ تاللاشلارغا دۇچ كېلىدۇ . ئادەمگە ھەممە ئىشنى قېتى قېتىغا كىرىپ ئويلاپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق ھەم ئۇنداق قىلىپ كېتىشمۇ زۆرۈر ئەمەس ماددىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە ئاساسلىق زىددىيەت چىڭ تۇتىلىدۇ . شۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلىك ھايات ، تۇرمۇشتىمۇ مۇھىمى ، ئاساسلىقىنى تۇتۇشنى بىلىش زۆرۈر . ھۇش كاللىسى جايىدا ئادەملەرنىڭ ھەممىسى گۈزەل تۇرمۇش، شېرىن مۇھەببەت ، باياشات ئائىلە ، مۇۋەپپەقىيەت دېگەنلەرنى خىيال قىلىدۇ ھەم ئاشۇ خىيال ، ئىستەكلىرىنى رېئاللىقتا كۆرۈشكە ئالدىرايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . Qh*)pt]n  
كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئېنىق ئايرىلىدىغانلىقى، ئاي – كۈننىڭ ، كۈن ئاينىڭ ئورنىنى باسالمايدىغانلىقى ئىنسانغا ئايدىڭ ھەقىقەت. بۇنى قانچىلىك ھېلىگەر ئىنسان بولسۇن ئۆز خاھىشى بويىچە ئۆزگەرتەلمەيدۇ ھەم ئۆزگەرتىشمۇ مەڭگۈ قولىدىن كەلمەيدۇ . بۇمۇ ھەممىگە ئايدىڭ ھەقىقەت. تەبىئەتنى سۆيىدىغان ، تەبىئەتنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى بىلىدىغان ئىنسانغا نىسبەتەن تەبىئەت بىلەن ماسلاشقىلىلا بولىدۇ ، ئويناشقىلى ، قانۇنىيىتىگە خىلاپلىق قىلغىلى ھەم قانۇنىيىتىگە زىت ھەركەتلەردە بولغىلى قەتئىي بولمايدۇ . بۇ نۇقتىمۇ ھەم ئىنسانغا ئېنىق . تەبىئەتنى بويسۇندۇرغۇچى ، ئۆزگەرتكۈچىلەردىن بولغان ئىنسانلار تەبىئىي قانۇنىيەت ئۆزگىرىپ كەتسە بۇنىڭ جاھانغا، ئىنسانغا ئېلىپ كېلىدىغان بىنورمال تەسىرى ھەتتا بالايى – ئاپىتىگە ئىشىنىمىز ھەم قانۇنىيەت بويىچە ياشاشقا تىرىشىمىز ۋە ئۇرۇنۇپ باقىمىز . ئالەمدىكى بارلىق مەخلۇقاتلار كۆپىيىش ، راۋاجلىنىش نۇقتىسىدىن ئىككىلا قۇتۇپقا ، يەنى ئەركەك ، چىشى دەپلا ئايرىلىدۇ . بۇ يورۇق بىلەن قاراڭغۇ ئېنىق ئايرىلغانغا ئوخشاش ئېنىق ، مۇرەسسەسىز قانۇنىيەت . بىراق ، جاھان ۋە ئىنسانىيەت راۋاجىدا ئىنسانلار قانۇنىيەتكە ئىزچىل بويسۇنۇپ بولالمىدى . ئىنسان ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى كۆپىنچە خام سۈت ئەمگەنگە ، يەنى ئۇلۇغ ئانىنىڭ باغرىدىن تۆكۈلگەن ئاق سۈتكە ، ئوغۇز سۈتكە دۆڭگىۋالىدۇ ۋە شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بىرىدۇ ، كۆڭلىنى ياسايدۇ . ئىنساندىكى بۇ قارا يۈزلۈك ، تۆھمەتخورلۇق ئىنساننى ئاخىرى مەھكۇملۇق ، خارابلىشىشقا ئېلىپ بارىدۇ . zm> >} 5R  
بىر قوۋم ، جەمئىيەتكە تەۋە بولغانكەنمىز شۇ قوۋم شۇ جەمئىيەتتە بولىۋاتقان ئىشلار ، ۋۇجۇتقا كېلىۋاتقان يېڭىلىق ، يوقىلىۋاتقان كونىلىق ، خاراپلىشىۋاتقان ۋە ياكى گۈللىنىۋاتقان ئەقىدە ، ئېتhقاد دېگەنلەرنى بىلىپ ، كۆرۈپ ، چۈشىنىپ ياشىماي بولمايدۇ . ئىنسانغا ئۆز قوۋمىنى ، ياشاۋاتقان مۇھىتنى، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنى چۈشىنەلمەسلىك ياكى چۈشەنمەسلىك، چۈشىنىشنى خالىماسلىق، چۈشىنىش ۋە بىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش، چۈشىنىپ تۇرۇپمۇ چۈشەنمەس، بىلىپ تۇرۇپمۇ بىلمەس، كۆرۈپ تۇرۇپمۇ كۆرمەس، سېىپ تۇرۇپمۇ سەزمەس بۇلىۋېلىشتىن ئارتۇق تراگېدىيە بولمايدۇ . >-b&v$  
نەق گەپكە كەلسەم ، مېنىڭ مۇشۇ كەملەردە ئۆزۈم ۋە ئۆزىمىز ، ئۆزۈم ياشاۋاتقان مۇھىت ۋە مۇھىتىمىز، يوقاتقانلىرىم ۋە يوقاتقانلىرىمىز، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلىرىمىز، بالدۇر بىلگەن ياكى كېيىن بىلگەن ھەقىقىتىم ۋە ھەقىقىتىمىز دېگەندەك بىر – بىرسىگە باغلىنىپ كەتكەن مەن ۋە بىز توغرىسىدىكى سوئاللار ۋە يولۇققان تەئەججۈپلىنىش، ئېچىنىش، ۋايساش تەرىقىسىدىكى دوقاللار، بېشىمدىن ئۆتكەن ھايات ئەمەلىيىتى ئۈستىدە تازا ئويلىغۇم، پىكىر يۈرگۈزگۈم ، ھەق دادىغا يەتكەن بىرەر جاۋابقا ئېرىشكۈچە جاھىللىق بىلەن ئىزدەنگۈم كېلىدىغان بولۇپ قالدى . ئەرلەر، يەنى ئەركەكلەر جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى، قوۋم، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشىدا جاۋابكار ئورۇندا تۇرىدۇ. دەرۋەقە، بۇ يەردە بىر ئەجەللىك شەرت بار. ئۇ بولسىمۇ شۇ قوۋم ، شۇ جەمئىيەتنىڭ ئەركەكلىرى ئۆزىنى مەن قوۋمىمنىڭ، جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى، يول باشچىسىمەن، تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىم، بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم، دەپ قورقماي مەيدىسىگە مۇشتلىيالىسا ۋە شۇ تۈۋرۈكلۈك سالاھىيىتىگە ، شەرتىگە توشقان ، يۈز كېلەلىگەن ۋە مەسئۇلىيەت ، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلالىغان بولۇشى شەرت. wfE^Sb3  
ئادەمگە بەزى گەپلەرنى دېيىش ھەقىقەتەن تەس كېلىدۇ . شۇ گەپكە لايىق لايىق ئەمەسلىكىڭنى ھېس قىلغان قىلمىغاننىڭ ئارلىقىدا قالغاندا دېگەن گەپ دېگۈچىنى قاتتىق ئازاب ، دېلىغۇللۇقتا قويىدىكەن. ەمئىيەتتە ئەركەكلەرنىڭ ئورنىنىڭ ئۈستۈن بولۇشى قانداقتۇر جىسمانىي ، ئەقلىي ئارتۇقچىلىقىدىن بولماستىن بەلكى ئاشۇ جىسمانىي، ئەقلىي ئارتۇقچىلىقىغا يۈكلەنگەن ۋە مۇجەسسەملەنگەن مەسئۇلىيەت، بۇرچ ، مەردى – مەردانىلىك ۋە باتۇرلۇق، ئۈستىگە ئالغان مۈشكۈل ۋەزىپە ۋە چوقۇم ئۆتەشكە تېگىشلىك ، باش تارتماس مەجبۇرىيەتتىن بولىدۇ . شۇڭلاشقا، مېنىڭ جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغان مەن ۋە بىز، ئېنىقراق ئېيتقاندا ئەركەكلىكىم ۋە ئەركەكلىكىمىز ئۈستىدە ئويلانغۇم كەلدى . ئويلىنىشمۇ ئادەمگە ئاچچىق – تاتلىق ھۇزۇر، شاتلىق ئېلىپ كېلىدۇ ھەم شۇ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە تەسەللىي تاپقۇدەك جاۋابقا ئېرىشىپمۇ قالىسەن . ئەلۋەتتە، بىر ئەر ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ ئەرنىڭ ئادا قىلىشى كېرەك بولغان ۋەزىپىسى ئۇنىڭ قابىلىيىتى ، قۇربى ، چامى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ. ئەر دېگەن سۆزنىڭ ئۆزىدىنلا مەسئۇلىيەت دېگەن مەنە چىقىپ تۇرىدۇ . ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەتمۇ كۆپ خىل بولىدۇ . ھەقىقىي ئەر مەسئۇلىيەتكە دادىل يۈزلەنگەن، ئۇنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ . مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلالمىغان ۋە قىلمىغان ئەر ئەر سانالمايدۇ . ئەر ئائىلىسىگە شۇ ئائىلىدىكىلەر پەخىرلەنگۈدەك يېتەكچى، پەرزەنتلىرىگە ئۈلگە ، ئايالىغا تاغدەك يۆلەك بولۇشى شەرت. ئەرلەرنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆلچىمى دېگەن گېپىگە، قىلغان ئىشىغا ئىگە بولۇش. ئەر بولغان ئادەم چوقۇمكى گېپىدە تۇرۇشى، ۋەدە قىلغان ئىكەن چوقۇم ۋەدىسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى كېرەك. ئەرلەردىكى مېھرى مۇھەببەت، ۋەدە، سەۋەب كۆرسىتىش دېگەنلەر ئادەتتە بەكلا تۇراقسىز بولىدۇ. بۇنى ئەرلەرنىڭ خاراكتېرى بەلگىلىگەن. مېنىڭ ۋە سىزنىڭ بەرگەن ۋەدىلىرىم ۋە شۇ ۋەدىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدىلىم ۋە بەدىلىمىز بولغاندىلا ئاندىن تۇرمۇش ئۆز مەنىسى، ھايات ئۆز قىممىتىنى تاپقان بولىدۇ . ئېسىمدە تۇرۇپتۇ ، كىچىك ۋاقتىمدا بالىلار بىلەن قول باغلىشىپ قالساق، قوللىرىمىزنى ئىلمەكلەشتۈرۈپ،گىرەلەشتۈرۈپ قول باغلىشىدىغان، تۇرقىمىزمۇ ناھايىتى جۇشقۇن، باتۇرلاردەك، قايسىمىز گەپنى گەپ قىلمىساق ياكى دېگەن ئىشىمىزنى ئەمەلدە كۆرسىتەلمىسەك، ۋەدىمىزدە تۇرمىساق بىر ئىككى مۇشت يەيدىغان، «ۈمبە كۆتەك»قىىدىغان جازالىرىمىز بولىدىغان، دائىم گېپىدە تۇرمايدىغانلار يالغانچى، چىشمەك دېگەن لەقەمگە قالىدىغان . ھازىر ئەمدى ئېغىزدىكى گەپ دېگەن چىقىۋېرىدۇ ، دەيدىغانلا بولدۇق، ۋەدە، باغلىشىشلار ھەزىل پاراڭنىڭ ئۆزىلا بولۇپ قالدى . ئەمەلىيەتچىلىكىمىز بەك يوقىرى پەللىگە چىققان بولسا كېرەك . مۇقەرەركى ، ئەمەلىيەتنىڭ يوقىرى پەللىسى ھەرگىز ئۇ ئەمەس. كۆز ئالدىمىزدىكى كۆرۈپ تۇرغان نەرسىلەرگىلا ئىشىنىپ، كۆرگىلى بولمايدىغان ئەمما ھېس قىلغىلى بولىدىغان نەرسىلەرگە ئىشەنمەيدىغان، ئۇنى ھېس قىلالمايدىغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىدىغان، ئېتىبارسىز، پەرۋاسىز قارايدىغان بولۇپ قالدۇق. ئەسلىدە، بىلگەن ئادەمگە ھېسسىي تۇيغۇنىڭ مەنپەئەتى بەك كۆپ بولىدۇ. B`i$Wt<7  
ئەرلەر ئەرلىكىدىن پەخىرلىنىدۇ، بۇ دۇنياغا ئەر بولۇپ كەلگىنىدىن خۇرسەن بولىدۇ ، سۆيۈنىدۇ. ئەر بۇ دۇنياغا مۈشكۈل بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەر بولغان ئىنسان بىر ئۆمۈر ناھايىتى ۋەزنى، سالمىقى بار ئاتاقنى يۈدۈپ ماڭغان بولىدۇ ھەم شۇ ئاتاققا لايىق سۆزدە، ھەرىكەتتە، تەپەككۇردە يۈرۈشى زۆرۈر ھەم شەرت بولىدۇ. ئەرلەر چوقۇم دېگىنىگە، قىلغىنىغا ھەم ئۆز ئىززەت – نەپسى، غۇرۇرىغا يۈز كېلەلىشى، ھەقىقىي، ھەق دادىغا يەتكەن ئەر بولۇشى كېرەك. ئەرلەرگە نىسبەتەن بۇ سالمىقى ناھايىتى ئېغىر بىر لوقما جەۋھەر گەپ. ئەلگە قانات، ئاجىزلارغا پاسىبان، ئائىلىگە تۈۋرۈك، پەرزەنت قەلبىدە تاغ، ئايال نەزىرىدە قۇياش بولغان، كۆڭۈلسىزلىك، دەرت – ئەلەم، ئازاپنى ئۆز ئۈستىگە ئالالىغان ئەرلەرلا ھەقىقىي ئەر ھېسابلىنىدۇ. ئىرادىسىز ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك. ئەر ئاتا – ئانا ئالدىدا سۆيۈنۈشكە، مەمنۇنىيەتكە لايىق بالا، ئايالى ئالدىدا مەپتۇنلۇق ، ئامراقلىق ، پەخىرلىنىشكە مۇناسىپ ئەر، پەرزەنت نەزىرىدە قەيسەرلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق، راستچىللىق ، ھۆرمەت تۇيغۇسى بېرىدىغان دادا بولۇشى كېرەك. 69>/@<   
كىشىلەر تۇرمۇشتا ئەھدى – ۋاپادىن ئايرىلالمايدۇ . ھەرقانداق ئادەم قەدىرسىز ۋەدىگە ، ئىشەنچسىز ئەھدىگە ئۆچ . سودىدا سودا توختامى بولىدۇ . نەچچە مىليۇنلۇق چوڭ سودىلار قەغەزگە يازغان نەچچە ئون ماددىلىق بىر ئىككى ۋاراق توختام بىلەن يۈرۈشىدۇ، قانۇنغا بويسۇنۇشنىڭ ئۆزىدىمۇ ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئامىللىرى بار، يەنى ھەقىقىي قانۇندا گەپ چوقۇم گەپ بولىدۇ، خالىغانچە ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ ۋەدە، ئەھدىنىڭ ھەممىسى مەنپەئەت بىلەن باغلانغان بولىدۇ. جەمئىيەت ۋەدە، ۋاپا، ئەھدە بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ . ئېغىزاكى ۋەدە بىلەن قول بېسىپ تامغا باسقان ئەھدى ، ۋەدىنىڭ پەرقى بار . قەغەزگە يېزىپ، قول بېسىپ، تامغا باسقان ئەھدى، ۋەدە ئەڭ ئىشەنچلىك بولىدۇ، بۇ ھەممىگە ئايان . ئەمما، ئېغىزاكى ۋەدىدىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە قىممىتى شۇ ۋەدىنى بەرگۈچى، ئاشۇ ئەھدىنى قىلغۇچىنىڭ ئادەمىيلىكى، ئىززەت – نەپسى، خىسلىتىگە باغلىق بولىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئالغاندا كېيىنكىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتى ئاجايىپ يوقىرى بولىدۇ. ۋەدە سەپسەتە، بىھۇش قىلغۇچى دورا بولۇپ قالسا قىممىتىنى يوقىتىدۇ، ئىنسانىي خىسلەتكە ئېغىر تەھدىت ۋە خىرس بولۇپ قالىدۇ. سەپسەتە ئىنساننى چۈشكۈن ، شەپقەتسىز، يالقاۋ قىلسا، بىھۇش قىلغۇچى دورا ئادەمنى دېۋەڭ، زەبۇن قىلىپ قويىدۇ. ھەر بىر ئادەم ئۆز ئائىلىسى، خىزمىتى، پەرزەنت، ئۇرۇق – تۇغقان، دوست – بۇرادەرلىرىگە مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ئادەم ئۆز ھەرىكىتىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەت بىلەن چەكلەپ تۇرىدۇ ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئالدىرايدۇ . ئەر جەمئىيەتنىڭ سۇبيېكتى . ئەر كىشىگە نىسبەتەن، « سېنىمۇ ئەر كىشى دېگىلى بولامدۇ ؟ » دېگەن گەپتىن ئۆتە ئەجەللىك روھىي زەربە بولمايدۇ. بۇ سۆز ئايال كىشىنىڭ ئاغزىدىن چىقىپ قالسا ئۇنىڭ ئەر بولغان كىشىنىڭ روھىغا بەرگەن زەربىسى شۇ ئەرنىڭ جېنىنى ئالغاندىن ئۆتە قاتتىق بولىدۇ . ئىززەت – غۇرۇرلۇق ئەر بولسا ئۇنداق گەپنى قەتئىي كۆتۈرەلمەيدۇ . ML=eL*}l  
ئەر بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ ۋەزنى تەڭ. ئادەم بولماق ئاسان ئەمەس، ھەقىقىي ئەر بولۇش تېخىمۇ مۈشكۈل. ئەر دەپ تۇغۇلغانكەنسىز چوقۇم ئەردەك ياشىشىڭىز ، ئۆز قەۋمىڭىز ، ۋەتىنىڭىز ، ئائىلىڭىز ، ئايالىڭىز ، پەرزەنتلىرىڭىز ، قېرىنداشلىرىڭىزغا مەسئۇل بولۇشىڭىز كېرەك . ئۇنداق قىلالمىسىڭىز سىزنىڭ ھاياتىڭىزنىڭ ئەھمىيىتى ، تىرىشچانلىقىڭىزنىڭ ھوسۇلى ، ئەجرىڭىزنىڭ قىممىتى بولمايدۇ . ئاچچىق ئېيتقاندا سىز ئەر دەپ تۇغۇلغان بىلەن ئەردەك ياشىمىغان ، ياشىيالمىغان بولۇپ قالىسىز . بىز دائىم ئەر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى ، ئوغۇل بالىدەك ئىش قىلە ، ئەر قان تۆكسە تۆكىدۇ ، ياش تۆكمەيدۇ دېگەندەك سۆزلەرنى ئاڭلايمىز . گەپ دېگەن ئېغىزدىن چىقىۋېرىدۇ . بىراق دېگەن گەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماق ، شۇ گەپكە لايىق سالاھىيەت ، ئىززەت – غۇرۇرنى ساقلىماق مۇشۇ كۈنلەردە ئانچە ئاسانغا توختىمايدىغان بولۇپ قالدى . .46#`4av  
ھەقىقىي ئەر تولۇپ تاشقان جەزبىدارلىققا ، قاتتىق سۆڭەك خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ . ياسالما ، غىلپەينەك ، تۇراقسىز ، ئۆزگىرىشچان ، خېنىم مىجەز ئەمەس ، بەلكى مەردى – مەردانە ، خۇشپىچىم ، تەن دۇرۇس بولىدۇ ، ئىش قىلغاندا ، پىلان تۈزگەندە كۆمسەم پىشارمۇ ياپساممۇ دەپ ئولتۇرماي كېسىپ ئىش قىلىدۇ ، ھۆكۈم قىلىدۇ ، قىلغان گەپلىرى ئوچۇق ، ئورۇنلۇق ، جاراڭلىق ، كىشىنى قايىل قىلارلىق بولىدۇ . ئاۋام رازى ، خانىمى مەپتۇن ، پەرزەنتى پەخىرلىنىدىغان ئەر كۆڭلى كۆكسى كەڭ ، ئەپۇچان بولىدۇ ، پايدا –مەنپەئەتتە كىچىك ئىشلار بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايدۇ ، يۈزسىزلىك قىلمايدۇ . دائىم كۆتۈرەڭگۈ ، روھلۇق يۈرىدۇ . كىشىلىك مۇناسىۋەت ، خىزمەت ، دوستلار ئارا باردى كەلدى دېگەندەك ئىشلاردا قارىسا ھامان جۇشقۇن ، چېھرىدىن كۈلكە يوقىمىغان ، دوستانە ، چاخچاقچى بولىدۇ ، ھەرقانچە قىينالسىمۇ ، ئېغىر كۈنگە قالسىمۇ كىشى ئالدىدا ۋايسىمايدۇ ، ھە دېسىلا دەرد تۆكمەيدۇ . كىشىلەر ئالدىدا ئەركىن ، ئازادە يۈرىدۇ ، ئۇلۇغ كىچىك تىنمايدۇ ، چۈشكۈنلىشىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىلىۋالمايدۇ ، ئالدىراپ بىرسىگە ئىچ سىرىنى ، دەردۇ ھالىنى دېمەيدۇ ، ھەر ۋاقىت كىشىگە ئازادە ، دوستانە ، يېقىشلىق تۇيغۇ بېرىدۇ . سۆھبەت ، كېلىشىم ، سودا دېگەندەك ئىشلاردا بولىدىغان بۇرۇقتۇملۇق ، ئوڭايسىزلىق ، كېلىشەلمەسلىك ئەھۋاللىرىنى ئۆتكۈرلۈكى ، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى ، ئورۇنلۇق ، يېقىشلىق سۆزلىرى بىلەن بىردەمدىلا ئوڭشاپ جۇشقۇن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ . شىجائەتلىك كېلىدۇ . ئوپچە پىكىرلەشكەندە ، مۇنازىرىلەردە ئۆزگىچە قاراشقا ، پىكىرگە ئىگە بولۇپ ، قەيسەرلىك بىلەن ئۆز پىكىرىنى ساقلاپ قالالايدۇ ، ناھەقچىلىق ، رەزىللىككە يولۇققاندا ، ھەق – ناھەق كۈرىشىدە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەقىقەت تەرەپتە تۇرالايدۇ . مېھرى مۇھەببەتلىك ، ھېسسىياتقا باي بولىدۇ . كۆڭلى بۇزۇلغاندا يىغلىيالايدۇ ، غەزەپلەنگەندە شىردەك ئېتىلالايدۇ . يېقىن كىشىلىرى ئەڭ مۇھتاج بولغان ، ئەڭ سېغىنغان ۋاقىتتا ھەمراھ بولالايدۇ ، ھىمايىسىگە ئالالايدۇ . ئەلمىساقتىن ئەرلەر ھەقىقەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى بىلەن ئۆز سالاھىيىتىنى نامايان قىلىپ كەلگەن ھەمدە ئاشۇ ھەقىقەت ئالدىدىكى باتۇرلۇقى ، ئەقىل –پاراسىتى بىلەن ئۆز ئوبرازىنى تىكلەپ كەلگەن . كىشىلىك تۇرمۇشتا ئاياللار لاتاپىتى ، زىبالىقى بىلەن ئەرلەرگە خىرس قىلسا ، ئەرلەر ئۆزىدىكى خاراكتېر بىلەن ئاياللارنى بويسۇندۇرىدۇ ۋە مايىل قىلىدۇ . بويسۇنۇش ، بويسۇندۇرۇش ، قايىل بولۇش ، قايىل قىلىش جەريانى مۇشۇ سۆزنىڭ مەنىسىگە يەتكەن ئادەمگە ئاجايىپ مۇرەككەپ ، مۈشكۈل جەريان . چىن قەلبىدىن قايىل بولۇش ، چىن مەنىسىدىن قايىل قىلىش ئوڭاي ئەمەس . S_6g~PHsr  
ئۇنداق قىلسا يامان بولىدۇ ، بۇنداق قىلسا يۈز كېتىدۇ ، ئۇنداق قىلسا نومۇس ، بۇنداق قىلسا شەرەپ دېگەندەك ئۆلچەم ، قائىدە ، چەكلىمە دېگەندەك سۆز تىزمىلىرىنى دېمەك بەكلا ئاسان . ئەمما ، ئاشۇنداق ئۆلچەم ، قائىدە ، چەكلىمىلەرگە لايىقلاشقان ، دەبدەبىلىك ، مۇقەددەس ئوبرازىغا لايىق بولۇش بەكلا مۈشكۈل . سېلىشتۇرۇش ئادەمگە ئاچچىق تۇيغۇ بەرسىمۇ خېلى نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ ، كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ . ئەمدى مەن ۋە بىز يۇقارقى ئۆلچەملەر بىلەن ھازىر زامان كىشىلىرى ئانچە سىنەكەپ كەتمەيدىغان ، ئەمما ئەرلىك بىلەن بىۋاستە چېتىلىدىغان ئەھۋالنى سېلىشتۇرۇپ باقايلى . مەن ۋە سىز ھەرۋاقىت ، ھەر يەردە ۋە ھەر مۇھىتتا قوۋمى قېرىنداشلىرىمىز ، بۇرادەرلىرىمىز ، يېقىنلىرىمىزنىڭ « ئوغۇل بالا مەن ھەي ، ئەگەر گېپىمدە تۇرمايدىغان بولسام خۇدا ئۇرسۇن » ، « يەر يۇتسۇن » ، « ئىشتان بېغىم يېنىمغا ئۆتۈپ قالسۇن » ، « خوتۇن كىشى بولۇپ كېتەي بوپتۇ » ، « سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا » ، » سەنسىز ياشىيالمايمەن » ، « جېنىم بىلەن قەسەم » ، « ۋەدە بېرىمەن » ، « گېپىمدە تۇرمىسام يەتمىش پۇشتۇم جازاغا كەتسۇن » ، « ئۇنداق بىرنىمىنىڭ بوينىنى قۇچقاچنىڭ بوينىنى ئۈزگەندەك ئۈزىۋەتمىسەم ئادەم بالىسى بولماي كېتەي » ، « ئۇنچىلىك ئىشنى بىجىرەلمىسەم چۆلگە چىقىپ كىتەرمىنا » ، « شۇ ئىشنى قىلالمىسام يەر يۇتسۇن » ، « خۇدا ھەققى يالغان ئېيتقان بولسام » دېگەندەك دەبدەبىلىك ، خەتەرلىك ۋەدە ، چوقانلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز ھەم شۇنداق گەپلەر بەزىدە ئاغزىمىزدىنمۇ بىلىپ ياكى بىلمەي چىقىپ كېتىدۇ . سىز ۋە مەن بۇنىڭدىن تانالمايمىز . مەن ئۇنداق دېمىگەن ۋە دېمەيمەن دېيەلمەيمەن ھەم سىزمۇ شۇنداق دېمىگەن دەپ تانالمايسىز . بۇ ئەمەلىيەت . يۈرىكىڭىزنىڭ ۋە يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنغان ، مەن ۋە سىز ئازراق قورقۇش ۋە ئۆتۈپ كەتكەن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن دېۋەڭ ، ناجىنس ، بىغەملەرچە مۇئامىلىدە ئەسلەپ قويىدىغان دەبدەبىلىك ئاشۇ ئىبارىلەر ئەتراپىڭىزدا ۋە ئەتراپىمدا ، ئۆيدە ، دۇكاندا ، سىنىپتا ، ئىشخانىدا ، ئاشخانىدا ، ئىشراتخانا ، قاۋاقخانىدا ، QQ دا ھەتتا ئاتا – بالا ، ئانا – بالا ، قوۋمى قېرىنداش ئوتتۇرىسىدا بوران ھۇيقۇيتىپ تۇرغان كوچىدا كىچىدە قالغان يىتىمدەك ، بىر بۇردا نانغا زار مىسكىندەك ، چۆلدە ئۇسسۇز قالغان جانىۋاردەك ، باھاسى چۈشكەن تۆكمە مالدەكلا قەدىرسىز ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ . O$^xkv5.  
مەن ۋە سىز شۇنى كۆرۈپ تۇرساقمۇ كۆرمەسكە ، ئاڭلىساقمۇ ئاڭلىماسقا، خاتالىقىنى، كەچۈرگۈسىز گۇناھقا پاتىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرساقمۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرۈۋاتىمىز. مېنىڭ ۋە سىزنىڭ ئەركەكمەن ، ئىشتان بېغىم جايىدا دەپ جاكارلىيالايدىغالىقىڭىزغا ۋە جاكارلىيالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن ، چۈنكى مەن ۋە سىز ئېغىزدىن چىققان ئاشۇ قايتۇرىۋالغۇسىز ئوقتەك لەۋزىگە ئويۇننىڭ ، ئېتىبارسىز ، قەدىرسىز خالا قەغىزىگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىمەن ۋە مۇئامىلە قىلىسىز. مەن ۋە سىز ئۇنداق ئەمەس دېيەلمەيمەن ۋە دېيەلمەيسىز . ئەگەر شۇنداقلا دېسەم ۋە دېسىڭىز ئەركەكلىكىم ۋە ئەركەكلىكىڭىز يەنە بىر قېتىم يوقايدۇ ۋە يوقىتىمەن. =~&VdPZ  
ئەركەك بولغۇچى ئەركەكلىكىنى سالاغا سېلىپ ، خۇدانى شىپى كەلتۈرۈپ ۋەدە قىلغانىكەن ۋەدىسىدە تۇرۇشى شەرت . ۋەدىنى بىرىپ قويۇپ ئەتىسى بىلگەنگە دەسسەپ يۈرسە ئۇنداق ئادەمنى خۇدا شۇنداق قاتتىق ئۇرۇدۇكى ، مەڭگۈ باش كۆتۈرەلمەيدۇ ، بۇ بەرھەق ھەقىقەت ۋە ئەمەلىيەت . ئۇنداق باش كۆتۈرەلمىگەنلەر كۈرمىڭ . زېمىن مۇقەددەس ، زېمىن ئانىمىز ، ئاتىمىز ، زېمىن بارلىقىمىز . ئاشۇ كاتتا زېمىنگە ، بىزگە يىمىلىك بەرگەن ، خوشاللىق بەرگەن زېمىنگە ھاقارەت قىلىنسا ئۇ شۇنداق يۇتىدۇكى ، زېمىن يۇتقان ئادەم بۇ جاھانغا كەلمىگەن بىلەن باراۋەر . ئۆزىنى ناجىنىسلىقتا قارغاشتىن ئارتۇق گۇناھ بولمىسا كېرەك . شۇنداق ئىنسان بولسا ، ئۇنداق ئىنسان ئەڭ پەستۇر . مەن ۋە سىزنىڭ خوتۇن كىشى بولۇپ كېتەي ، دەپ قىلغان ۋەدىلىرىڭىز ۋە ۋەدىلىرىم بولغاندا ، ئاشۇ ۋەدە ئەمەلدە يوق بولسا ، شۇ دەقىقىدىلا مەن ۋە سىز ئىنسالىقىمىزنى يوقاتقان بولىمىز . جانان ، ئاتا-ئانا ، قوۋمى – قېرىنداش ئۈچۈن جاندىن كېچىش ھەقىقىي ئەركەككە خاس . ئەپسۇسكى ، جاندىن كېچىمەن دەپ كېچەلمەسلىك لەنەتىلىك ، كۆتۈرگۈسىز گۇناھ . بىر ئادەمنىڭ ئارقىسىدىن گۆرگىچە بارغان ئادەم جاھاندا بەك ئاز . سىز ئەگەر شۇنداق دەپ ، بىراق شۇنداق قىلالمىغان بولسىڭىز ، شۇ ۋەدىگە لايىق كىشىڭىز ساق بولسا سىزدىن نەپرەتتە يۈرىدۇ ، ئەگەردە باقى ئالەمگە سەپەر قىلغان بولسا ، گۆرىدە سىزگە ساقلاپ ئۆرە ئولتۇرىدۇ . جان بىلەن قەسەم بېرىپ جېنىدىن كېچەلمەسلىك ئىنساننى مەھكۇملۇققا باشلايدۇ . مەھكۇملۇق بەك قاتتىق جازا . ۋەدە قىلدىڭىز تۇرالمىدىڭىز ئىنسانلىقتىن چىقتىڭىز ، ئەجدادىڭىز ، ئەۋلادىڭىزنى لەۋز قىلىپ قىلغان ۋەدىڭىز ۋەدە بولماي قالدى ، بۇ يەتمىش پۇشتىڭىزغا يوق يەردىن گۇناھ ئارتتىڭىز دېگەن گەپ . ئۆزىڭىز ئادەم تۇرۇپ ئادەم بولماي دېگىنىڭىز ، سىزنىڭ ئىنسانلار توپىدىن يەنە بىر قېتىم ئايرىلىپ قالغىنىڭىز جۈملىسىدىن. U9 #w  
ھەقىقىي ئەر نۆۋىتى كەلگەندە ئېغىزى بىلەن ئەمەس بېلىكى ، قاپلاندەك ياۋايىلىقى بىلەن ئۆزىنى نامايان قىلالايدۇ . ئوڭۇشسىزلىق ، توسقۇنلۇق ئالدىدا مەڭدەپ قالمايدۇ . ھەممىگە دادىل ، مەردانە يۈزلىنىپ ، ئىبرەت ، ساۋاق ئېلىپ ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىدۇ . ھەقىقىي ئەر ئاتا- ئانىسىغا كۆيۈنىدۇ ، ئۆزىنى ئاتا –ئانىسى ئالدىدا دائىم كىچىك ۋاقتىدىكىگە ئوخشاش بالا دەپ بىلىدۇ ھەم شۇنداق ئورۇندا تۇرۇپ سۆز قىلىدۇ ، شۇنداق سالاھىيەتتە تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىدۇ . ئايالىغا سادىق ، مېھرىبان ، كۆيۈمچان بولىدۇ . ئۆز يېنىدىكى ، ئەتراپىدىكى مۇھەببەتنى ، كۈيۈمچانلىقنى قەدىرلەيدۇ ، ئالا كۆڭۈللۈك قىلمايدۇ . پەرزەنتىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ ، پەرزەنتىنى ئۆزىنىڭ جىسمى ، روھى ، ھاياتىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ھەم پەرزەنتىگە قانداق كۆيۈنۈشنى بىلىدۇ . ئۆزىنىڭ نېمىنى ئويلاشقا، نېمىنى قىلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى ، قايسى ئىشنى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ، قايسى ئىشنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ ، ھەممىگە ئېرىشىش كويىدا بولمايدۇ . قەتئىي تەۋرەنمەي ئىشلەشنىمۇ بىلىدۇ ھەم ۋاز كېچىشكىمۇ جۈرئەت قىلالايدۇ . مەسئۇلىيەتچان بولىدۇ ، مەسئۇلىيەت ، جاۋابكارلىقتىن ئۆزىنى قاچۇرمايدۇ . كەچۈرۈم قىلىشنى ، بولدىلا دېيىشنى بىلىدۇ . ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدۇ ، ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىيالايدۇ . hUh+JW  
خۇلاسە كالام ، مەن ۋە سىز ئەركەكلىكىمىزنى ھەقىقىي بىر ئەركەكنىڭ ۋەتەن ، ئاتا- ئانا ، ئائىلە ، ئايال ، پەرزەنت ۋە ئۆزىگە مەسئۇل بولۇش ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ ئوبدان بىر ئىزدەپ باقايلى . ئۇ زادى نەلەرگە كەتتى ؟ كىم نەرلەرگە ئاپىرىۋەتتى ؟ كىملەر شۇ مەسئۇلىيەتسىز لەۋز بىلەن گۇناھكار بولدى ۋە بولىۋاتىدۇ ؟ ئەركەك قانداق بولىدۇ ؟ تازا بىر چۆچۈگۈدەك ، تازا بىر سەگىگىدەك ئىزدەپ باقايلى . بەلكىم ئەركەكلىكىم ۋە ئەركەكلىمىزنى تېپىپ قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالساق ئەجەپ ئەمەس.
#.H}r6jqs  
   #AShbl jm+  
مەنبەسى: سەنەم مۇنبىرى
)n>+m|IqY(  
‹1› +"dv7  
نامەردلەرگە تون-چاپان ياپمايدىغان ئەركەك بول، /N6}*0Ru  
غورۇرىنى پۇلنى دەپ ساتمايدىغان ئەركەك بول! A (okv  
iPvuz7j=h  
مېڭىپ سەپنىڭ ئالدىدا،بولماي ھەييار تەييارغا، zyFUl%  
ئۈمىدىنى ئەجداتنىڭ ئاقلايدىغان ئەركەك بول! $5NKFJc  
Xh F _]  
پۇل-مېلىڭدىن غادايماي،ھاجەتمەنگە ئالايماي، H}/05e  
مىسكىنلەرنىڭ ھالىغا يىتىدىغان ئەركەك بول. tlQC6Fb#  
Z+4D.bA  
ھەقىقەتتىن چەتنىمەي،پۇشايماندا ھەي دېمەي، pvF-Y9Xb  
ساداقەتنى مۇقەددەس بىلىدىغان ئەركەك بول! C h19h8M  
;SY\U7B\  
ھەق يولىدىن ئازغاشماي،شەيتانلارغا ئارلاشماي، [%pRfjM  
ئادالەتنىڭ يولىدا جان بىرىدىغان ئەركەك بول! UE.4q Y_7  
_ _Nv0Ru  
ئاجىزلارغا گېدەيمەي،ۆۈچلۈكلەرگە پۈكۈلمەي، O"Q7 Rx  
دۈشمىنىنى دوستلارنىڭ چوڭ بىلمەيدىغان ئەركەك بول! ^x m$EY*Y,  
4 
ئۇنتۇپ قالماي بۇرچىنى،ئادا قىلپ قەرزىنى، LT VF8-v  
سۇلىرىدا ئەل-يۇرتنىڭ ئاقىدىغان ئەركەك بول! ;+/o?:AH  
lz<]5T|  
ۋاپا قىلپ ئەھدىگە،ئەمەل قىلىپ لەۋزىگە، F(,UA+$A  
ئوتلىرىدا ۋەتەننىڭ كۆيىدىغان ئەركەك بول! 4( 8xjL:  
&JP-O60  
ئۆز بۇرچىنى ئۇنتىماس،ۋىجدانىنى بۇلغىماس، eE@&ze>X  
ئەل-ئاۋامنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان ئەركەك بول! SF[FmN!^^  
hA1-){aw3q  
قورقۇپ مۇشكۈل-جاپادىن،كۆزلەپ پايدا-مەنپەئەت، {{yZ@> o6  
خوشامەتنىڭ دېپىنى چالمايدىغان ئەركەك بول. 0#*Lw }qi  
,yd=e}lQx  
ئادەملىكى،ۋىجدانى مەنالارغا تۇيۇنغان، VQ#3#Hj  
ياخشىلارغا بۆھتان سۆز تاپمايدىغان ئاركەك بول! \Ae9\Jp8M  
Qnd5X`jF#  
ۋاپاسى يوق ۋاپاغا،كۆڭلى قار نامەردكە، ({WyDu&=  
غەزەپ-نەپرەت ئوقىنى ئاتىدىغان ئەركەك بول. hvka{LD  
U.!lTLjfLz  
ئات چاپتۇرۇپ چەللىدە،ئارقىسىدا بەيگىدە، XolZonJr  
ۋەدىسىدىن،لەۋزىدىن يانمايدىغان ئەركەك بول! X;v$5UKU  
 Q6'x\  
ئەلگە سادىق ئوت يۈرەك،ئەر سېپىدە مەردانە، ^z6_Uw[  
ئەل-ئاۋامنىڭ بەختىگە سۆزلەيدىغان ئەركەك بول! >9e(.6&2XZ  
\^7C0R-hX  
?`zXLY9q7  
يەتمىگىچە مەنزىلگە تىنىم تاپماس ھەرگىزمۇ، ';Zi@f"  
ئۈمىد بىلەن غايىسى ئۆچمەيدىغان يىگىت بول. 4lhw3,5  
M])dJ9&e  
داغ چۈشۈرمەي يۈزىگە،ۋىجدانىنى يوقاتماي، =0uAE7q(9  
ھەقىقەتنى،ھەقنىلا سۆزلەيدىغان ئەركەك بول!  <1%f@}+8  
‹2› `\Hf]b  
مۇشكۈللەرنى يېڭىشقا غەيرىتى بار ئەركەك بول، nWQ;9_qBB  
ئىلىم-ھېكمەت بابىدا سۆلىتى بار ئەركەك بول! >D201&*G%  
P) 3mX.(}  
ھەقىقەتتىن ئايانماي،مال-دۇنياغا ئالدانماي، z~`b\A,$  
مەرد-باھادىر،ئوت يۈرەكل،شۆھرىتى بار ئەركەك بول! _uc hU=  
.9Y)AtJTS  
ئىشلىگەندە ئالدىدا،يەيدىغاندا ئارقىدا، yR(x+ Gs{]  
تۆككەن تەرى،ئىەجرىنىڭ قىممىتى بار ئەركەك بول! 6G=j6gK%P  
E@7J:|.)R  
جاپالاردىن قورقىماس،ھەرگىز كۈتۈپ ئولتۇرماس، u\eEh*<7q  
مۇشەققەتنى يېڭىشقا جۈرئىتى بار ئەركەك بول! c("_bOAT  
zOQ>d|p?X  
مەسئۇلىيەت،بۇرچىنى ھەر دەم ئەسلەپ ئۇنتۇماس، O)vp~@ |  
ئەلگە چۇڭقۇر سۆيگۈسى،ھىممىتى بار ئەركەك بول! fW?o@vlO  
\L"kV!>  
بۈيۈك ئارزۇ-ئىستەكلەر گۈلخان گويا قەلبىدە، 9-MUX^?u  
يېنىۋالماس ئەھدىدىن شۆھرىتى بار ئەركەك بول.
مەنبەسى: كۆيۈكتاغ ئەدەبىيات مۇنبىرى.
G37U6PuZi  
ght$9>'n  
-\C!I  
(يالقۇن ئۆمەرنىڭ شۇ ناملىق غەزىلىگە تەخمىس) 1YH+d0UGn  
U*) 8G  
نەپ ئالدىدا ئىمانى ئۆچمەيدىغان ئەركەك بول، <)3u6Vky9  
ياخشىلارغا ھەسەت قىپ سۆكمەيدىغان ئەركەك بول، {E@Lft-  
ئاۋام بەختى ئۈچۈنلا سۆزلەيدىغان ئەركەك بول، =uS9JU^E  
مۇشەققەتكە بىلىنى پۈكمەيدىغان ئەركەك بول، J@u;H$@/y  
نەگە تىكسە جىرىمدەك كۆكلەيدىغان ئەركەك بول! 2 O%`G+\)  
}"|K(hq  
نامەردلەرنى قاخشىتىپ،مەلئۇنلارغا تاش ئېتىپ، n^g|Ja  
قىممىتىنى چاقنىتىپ،ياخشىلىقنى شاخلىتىپ، 7Ve1]) u  
ھەسەتخورنى زارلىتى،ئەمگىكىدىن باغ ئىتىپ، 0.@&_XTPl  
غورۇر-ئارنى يار قىلىپ،ئاڭا ئالقىش بار قىلىپ، ojan Bg   
نائەھلىلەر قەددىنى پۈكلەيدىغان ئەركەك بول! y]f"@9G#  
C)`Fv=]R  
غېرىپ،مىسكىن يادىدا،قۇلاق سېلىپ ئاھىغا، &__es{;P  
قانائەت قىپ بارىغا،جاپالاردا ئالدىدا، 7Mg=b%IYs  
شەھەر ئالماي ئاغزىسدا،ئەلگە قىلىپ جان پىدا، )% ~OH  
چىقىپ سەپنىڭ ئالدىغا،يۇشۇرۇنماي دالدىغا، bAx-"Lu  
زىمبىسىگە ئەل يۈكى يۈكلەيدىغان ئەركەك بول! f}9zgWU  
يۈرمەي تەمە،غەپلەتتە،ياشاپ دۇرۇس،ئەدەپتە، 8; 0A g  
رەقىپلەرنىڭ كۆزىگە قاراپ غەزەپ-نەپرەتتە، Hl{S]]z  
قارا،تەتۈر قىسمەتكە،بۇيۇن ئەگمەي غەيرەتتە، ;wz^gdh;  
يىتەلمەي قۇت،تەلەپكە،يۇلۇقسىمۇ سەلەپكە، %H]ptH5  
ئىشەنچ-ئارزۇ قولۋىقى چۆكمەيدىغان ئەركەك بول! \1^^\G>H5  
wAf\|{Vn  
ئالغىن دېسە شادلىنىپ،بەرگىن دېسە باتلىنىپ، Ab{ K<:l  
مۇشەققەتتىن زارلىنىپ،شەيتانلارغا ئالدىنىپ، tMf}   
ئەجىر قىلماي يەپ يېتىپ،تۈگىگندە تاتىرىپ، Nn!+,;ut  
راھەت دېسە ياشىرىپ،ئىشلە دېسە قاشىرىپ، "@iK' c^  
بولۇپ ھەييار خىلۋەتكە مۆكمەيدىغان ئەركەك بول! ]:XoRyIZ1[  
M l Jo`d  
ھەشەمەتكە ئېسىلىپ،بۇردا نانغا سېتىلىپ، -zOdU}91Ao  
نامەردلەرگە بېقىنىپ،نەپنى كۆزلەپ يېلىنىپ، "_-Po^u=r  
ئاجىزلارغا گىدىيىپ،كۈچلۈكلەرگە تىزلىنىپ، |}BL F  
مال-دۇنياغا ببېرىلىپ،مەنمەنلىكتىنن كېرىلىپ، 3@dL /x4A  
ئېسىل ئەخلاق-ھايانى سۆكمەيدىغان ئەركەك بول!
"s0)rqf<  
QbkLdM,S*  
-يۇلغۇن يازمىللىرىدىن v+46 QK|I&  
مەنبەسى: يېڭى قاشتېشى مۇنبىرى
[ بۇ يازما قىزغىن تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : saptilak
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-12-02, 12:44
-سىز كۆرۋاتقان تىما ھەقىقي ئەركەك قانداق بۇلىدۇ؟,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(AynaK)
  • مۇنبەر پۇلى:+100(=ALBALSI=) نادىر تىما
  • مۇنبەر پۇلى:+100(Kokyar) ئېسىل
  • قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
    ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
    قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
    نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر.
    ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
    浪漫的回忆
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10410
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 74
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2316 سوم
    تۆھپىسى: 44 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 714(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-15
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-06
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 09:02 PM

    ئەر بولسا بىر ئائىلىنىڭلا تۈۋرىكى ئەمەس بەلكى بىر مىللەتنىڭ تۈۋرىكى.... CR8/K  e  
    بىر مىللەتتە ئەرلەر مەسئۇلىىيەتچان ،غورۇرلۇق .............! بولسا ھەقىقى تۈرۇك بۇلالايدۇ دەپ قارايمەن چۇنكى ئاياللا نىملا دىگەن بىلەن كۆپ ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلدۇ ئەمەسمۇ!
    =ALBALSI=
    ئەقلىمىزنى ئىشلەتسەك، بىز ئەڭ ئەقىللىق مىللەت.
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3940
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1836
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1836دانە
    ياخشى باھا: 567 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 254 سوم
    تۆھپىسى: 237 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 788(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-09
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 09:03 PM

    يارايسىز ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز،بۇلۇپمۇ ماڭا ئاستىدىكى ئەسەر شۇنچىلىك تەسىر قىلدىكى ھاياجىنىمنى باسالماي قالدىم،بەزىلەر ئۆزىنى ئەركەك دەيدۇ لىكىن،ئۆزىنىڭ قىلغان ۋەدىسىنى بىر دەمدە ئۇنتۇپ قالدۇ،تېخى ئايالىنى سىرىتقا چىقىرىپ قۇيۇپ ئايالىنىڭ تاپقان پۇلسىنى خەچلەيدىغان ئەركەكلەرمۇ ئاز ئەمەس، D^yRaP*|7  
    بىر ئۆينىڭ تۆۋرىگى بولغان ئەركەك ئۆزىنىڭ  ئەركەكلىگىنى ئۇنتۇپ قالدۇ،
    ساۋادىسىز ئەلدە سوتسىيالىزىم قۇرغىلى بولمايدۇ.
    Kokyar
    ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرىق بول يا تاپ گۆھەر
    دەرىجە: ئۈمىدلىك ئەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10336
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2961
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2961دانە
    ياخشى باھا: 1410 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 23743 سوم
    تۆھپىسى: 1583 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2574(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-09
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 09:09 PM

    ئەركەك بولساڭ تۈزۈك بول، YPU*@l>  
    يۈرەك باغرى سۈزۈك بول.
    [ بۇ يازما Kokyar تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
    ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
    ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
    ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
    ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
    zilkalb325
    kor gi nig din kop tur kor mi gi nig.kor mi gan ni kori san ol mi ginig
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15699
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 8
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2042 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 159(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-07
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 09:15 PM

    ئاپتۇر (asrari) نىڭ يازمىسىغا

    يىگىتلىرىمىزنى ئۇنداق قىلغۇزۇش  ئانچە ئاسان ئەمەس مېنىڭچە.
    كۈلۈپ ياشاڭ!!!
    ayqeqak1014
    گۈزەلللىك تەبىئىلىكتە .
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6568
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 124
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە124دانە
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2608 سوم
    تۆھپىسى: 45 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 74(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-08
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 09:23 PM

    ئاياللار ئاجىز ئەمەس دەيمىزيۇ ، يەنە نۇرغۇن ئشىلاردا ئاجىزلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يېتىمىز . شۇ ئاتالمىش ئائىلىنىڭ ، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولمىش ئەرلەرنىڭ كەيپ - ساپا ، ئەيش - ئىشرەتتىن يىراق تورۇپ ،  مەسئۇلىيەتچان ، ۋىجدانلىق ، غورۇرلۇق بولۇپ ، ئاددىيسى ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقسا . پەرزەنتلەر ھەر قانداق چاغدا دادام ماڭا يۆلەنچۈك ، دادام ماڭا تۈۋرۈك دەپ يۈرىكى توق تۇرسا ، نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى دەپ قارايمەن . ئەقەللىيسى مىللەتنىڭ ئاتالمىش ئانىسى بولمىش قىزلار ئەشۇ غورۇرلۇق ، ۋىجدانلىق ، ھەقىقى ئەركەك ئاتىلىرىدىن تەپ تارتسا ، نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى .
    قىيىنچىلىق ئەينەك بولسا سەن ئۇنى يەڭگۈچى ئالماس بول .
    al~ogli
    تارىخ تەكرارلانمىسۇن دېسەڭ، تارىخىڭنى بىل!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3964
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 236
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە236دانە
    ياخشى باھا: 57 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2992 سوم
    تۆھپىسى: 60 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1516(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-08
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 09:30 PM

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت ayqeqak1014 كە 2010-12-02 09:23 PMئەۋەتىلدى : f"%{%M$K  
    ئاياللار ئاجىز ئەمەس دەيمىزيۇ ، يەنە نۇرغۇن ئشىلاردا ئاجىزلىقىمىزنى ھېس قىلىپ يېتىمىز . شۇ ئاتالمىش ئائىلىنىڭ ، مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولمىش ئەرلەرنىڭ كەيپ - ساپا ، ئەيش - ئىشرەتتىن يىراق تورۇپ ،  مەسئۇلىيەتچان ، ۋىجدانلىق ، غورۇرلۇق بولۇپ ، ئاددىيسى ئائىلىسىنىڭ ھۆددىسىدىن تۇلۇق چىقسا . پەرزەنتلەر ھەر قانداق چاغدا دادام ماڭا يۆلەنچۈك ، دادام ماڭا تۈۋرۈك دەپ يۈرىكى توق تۇرسا ، نۇرغۇنلىغان ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى دەپ قارايمەن . ئەقەللىيسى مىللەتنىڭ ئاتالمىش ئانىسى بولمىش قىزلار ئەشۇ غورۇرلۇق ، ۋىجدانلىق ، ھەقىقى ئەركەك ئاتىلىرىدىن تەپ تارتسا ، نۇرغۇنلىغان خاتالىقلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى . :cF[(i/k4  
    .^h#_[dp  
    +VO-oFE|  
    مۇشۇ گەپنىڭ خېلى جىنى بار .
    يۈز يىل دەريا بويىدا ياشىساڭمۇ ، تىمساق بىلەن دوس بولالمايسەن .
    qaplin
    چاپلىن دىگەن چاپلىن -دە!
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1809
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 895
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە895دانە
    ياخشى باھا: 288 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6765 سوم
    تۆھپىسى: 9 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 266(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-08
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 09:35 PM

    گىپىدە تۇرمايدىغان ئادەم نىمەگە ئوخشايدۇ  ؟ مىكيانغا ئوخشايدۇ ، چۈنكى مىكيان داننى بىزنىڭكىدە يەپ خەقنىكىدە تۇغۇدۇ  
    قازاندەك قارايسۇن پەلەكنىڭ يۈزى
    جاپا بىلەن جۇپتۇر ۋاپا بىلەن تاق
    ئەيسادەك كىشىگە بىرىپ بىر ئىشەك
    ئىشەكتەك كىشىگە بىرىپ مىڭ بۇراق
    melek
    سەلتەنەت سۈر ئەي قەۋم قايتا!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1305
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 297
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە297دانە
    ياخشى باھا: 136 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8415 سوم
    تۆھپىسى: 98 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 427(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-04
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 10:04 PM

    شۇئارچىلار ئەمەس ئىشنى ئۆزىدىن باشلايدىغان ئەركەكلەر كىرەك. r_ I5. gK  
    ئەركەك ئۇقىمى بىلەن «ئەر» دىن ئىبارەت بىر جىنىس ئۇقىمىنىڭ پەرقىنى ئايرىۋىلىش كىرەك. zk$FkbX  
    بالا تۇغالىغانلىكى ئادەم ئانا ھېسابلىنامدۇ دېگەن مۇنازىرىگە ئوخشاش،ئەر جىنىسلىقنىڭ ھەممىسى ھەرگىز ئەركەك ھېساپلىنىۋەرمەيدۇ. U#lCj0iUt,  
    يۇقىرى ئەسەرلەردە تىلغا ئېلىنغاندەك ئاياللارنى قوغدىيالىغۇدەك،ۋىجدان ،غورۇرلۇق ئەركەكلەر كىرەك. ZP@ $Q%up  
    EMY/~bQW  
    يىغلىغان ئانىنىڭ كۆز يېشىنى سۈرتەلىگىدەك،كوچىدكى بېقىمسىز قالغان كىچىك بالىنىڭ ئۈستى-بېشىدىكى قاسماقچىلىقتىن يىرگەنمىگۈدەك..... _ T iuY  
    باشقىلار يىغلىغاندا تەڭ يىغلىغۇدەك يۇمشاق يۈرەك.... s'!Cp=xQF"  
    دىنى ئۈچۈن قۇربانلىق بىرەلەيدىغان شىر يۈرەك... cqQ#p2<%  
    'GNK"XA^  
    مۇشۇلارنىڭ ھەممىنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئەركەك كىرەك
    بىنا سالدىم،كۈن نۇرىنى توستى،شامال كىرسۇن دەپ دەرىزە ئاچتىم پاشا-چىۋىن كىردى.
    tarhamak
    يىسەم ،يىسەم تۈگۈمەيدۇ  ...
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5550
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 267
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە267دانە
    ياخشى باھا: 35 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3745 سوم
    تۆھپىسى: 102 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1288(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-08
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-02 10:49 PM

    ھەقىقي ئەركەك قانداق بۇلىدۇ؟؟؟؟؟؟؟ fY{1F   
       ھەقىقى ئەركەك ئېغىزدا شە ئالمايدۇ ...   bWH&P/>  
    Z-^LKe  
       بىز ھازىر ماختايدىغان نۇزۇگۇمخان : نۇزۇك بېشىغا كۈن چۈشتى ، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟ دېگەن چاغدا ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇغۇن ئەر ئاتلىق كىشىلەر ئۇنىڭ چىرىكلەر تەرپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىشىغا قاراپ تۇرۇشقان ئىكەن ...   ... =#;3Q~:Jl^  
       ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپتۇ ... ھازىرچۇ ؟  سۆزلىمەي بولدى " ئەركەكلىرىمنىڭ " غۇرورىغا تىگىپ كەتمىسۇن ...
    سەن تەرخەمەك يەۋاتىمەن دەپ ئويلامسەن ؟ بەلكى ئۆز ھاياتىڭنى يەۋاتىسەن كالۋا ...
    sirikbuya
    ئادەمنىڭ ناچىرى خوشامەتچى .ھەي ئىنسان سەن ھەرگىز ..
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17444
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 97
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە97دانە
    ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1721 سوم
    تۆھپىسى: 77 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 133(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-08
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-03 10:35 AM

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 9قەۋەت  tarhamak كە 2010-12-02 10:49 PMئەۋەتىلدى  : J}*,HT*  
    ھەقىقي ئەركەك قانداق بۇلىدۇ؟؟؟؟؟؟؟ NiNM{[3oS  
       ھەقىقى ئەركەك ئېغىزدا شە ئالمايدۇ ...   Nu0C;B66  
    :I"2V  
       بىز ھازىر ماختايدىغان نۇزۇگۇمخان : نۇزۇك بېشىغا كۈن چۈشتى ، ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ ؟ دېگەن چاغدا ئۇنىڭ ئەتراپىدا نۇغۇن ئەر ئاتلىق كىشىلەر ئۇنىڭ چىرىكلەر تەرپىدىن يالاپ ئېلىپ مېڭىلىشىغا قاراپ تۇرۇشقان ئىكەن ...   ... G|[=/>~B  
       ئۇلارغا قاراپ تۇرۇپتۇ ... ھازىرچۇ ؟  سۆزلىمەي بولدى " ئەركەكلىرىمنىڭ " غۇرورىغا تىگىپ كەتمىسۇن ... xN>npP   
    g D0eFTN  
    راس گەپنى دىيىشكە نىمىشقا  ئىككىلىنىسىز قىرىندىشىم  بۇ ھەققەتەن ھازىرقى ئەرلىرىمىزگە تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۆپ بولغان تىما بوپتۇ .سىزمۇ  مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى دەپسىز  . تىما يوللىغۇچىغا  رەھمەت
    ئويغانساڭ ئۇيقۇدىن غەپلەتنى تاشلا ،
    ۋەتەنگە پايدىسىز ئەخلەتنى تاشلا
    مىللىتىم ۋەتىنىم دىگىنى بىلەن
    ئەلسۆيەر پىداكار ئوغلانلار باشقا
    [img]http://i51.tinypic.com/1zw26ar.jpg[/img]
    nadira
    پەرىشتىلەرمۇ ياش تۆكىدۇ
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا

    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4373
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1049
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1049دانە
    ياخشى باھا: 570 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 9351 سوم
    تۆھپىسى: 722 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1145(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-12-08
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-12-03 11:36 AM

    ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەركەك بولالمايدۇ،پەقەت مىللىتى ئالدىدا ئەرلىك ۋىجدانىغا يۈز كېلەلىگەنلەرلا ھەقىقىي ئەركەكتۇر.
    دوست بىلەن مۇھەببەت ئىككىسى ئايرىم - ئايرىم ئۇقۇم، ئۇنى بىر - بىرنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ. مۇھەببەت ئۆمۈرلۈك، دوست مەڭگۈلۈك بولىدۇ.