مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 72 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : يېڭى كۈن، باھار شادلىقى –نورۇز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2474
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ئۆسۈش: 0.83%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 25
  ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1006 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 91(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-11
  كىرىشى: 2010-07-01

0

 يېڭى كۈن، باھار شادلىقى –نورۇز



يېڭى كۈن، باھار شادلىقى –نورۇز


ئابدۇقەييۇم مۇھەممەتئىمىن


نورۇز ئاتالغۇسى پارىسچە « نەۋرۇز » سۆزىدىن كەلگەن بولۇپ ، تىلىمىزدا « يېڭى كۈن ، يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى » دېگەنلىك بولىدۇ . ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋمىلەرنىڭ مىللىي بايرىمى بولغان « يىلنىڭ بېشى ، يېڭى كۈن » ئاتالمىسىنى ئىرانلىقلار ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلىپ ئېلىپ ، پارىسچە « نەۋرۇز » ( يېڭى كۈن ) دەپ تەرجىمە قىلغان ئىدى . زامانلارنىڭ ئۆتۈشى ۋە ئارىدىكى مەدىنىي ، ئىقتىسادىي ، دىنىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۆپىيىشى تۈپەيلى ئۆز ئانا تىلىمىز ، ئۆز ئاتالمىمىز بولغان « يېڭى كۈن » نى تاشلاپ پارىسچە « نەۋرۇز » سۆزىنى « نورۇز » دەپ قوبۇل قىلدۇق .
شەرقىي شىمالىي ئاسىيادىن كىچىك ئاسىياغىچە سوزۇلغان كەڭ رايونلارغا تارقالغان ئەجدادلىرىمىز قەبىلە ، ئايماق بولۇپ كۆچمەنچىلىك ھاياتىنى كەچۈرۈپ يۈرگەن زامانلاردىن باشلاپلا ، نورۇز بايرىمىنى مىللىي بايراملىرى سۈپىتىدە قۇتلۇقلاپ ئۆتكۈزەتتى . ئوۋچىلىق ، كۆچمەن چارۋىچىلىق ۋە قىسمەن دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەجدادلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سوغۇق ۋە قارلىق شىمالىي قىسمىدا ئەسىرلەردىن بېرى ھەر يىلى جۇت – زىمىستان قىشنى ئۇزىتىپ ، ھاياتبەخش كۆڭۈللۈك باھارنى قارشى ئېلىشاتتى . چارۋا – ماللار يايلاققا كۆچەتتى ، دېھقانچىلىق باشلىناتتى ، خەلق تۇرمۇشى باياشاتلىققا ئېرىشەتتى . باھار ھەرقانداق كىشىلەرگە قارىغاندا دېھقانلار ، چارۋىچىلار ۋە ئوۋچى خەلقلەر ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن باھار ، يەنى كۈن بىلەن تۈننىڭ تەڭلەشكەن 21 – مارت ( 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ) تۈركىي قەۋمىلەردە « قۇتلۇق يېڭى كۈن » - يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ ئالاھىدە داغدۇغىلىق خاتىرىلىنىپ كەلگەن .
نورۇز – ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە يېقىن شەرق خەلقلىرىنىڭ قەدىمكى ئەنئەنىۋى بايراملىرىنىڭ بىرى . بىزگە مەلۇمكى ، بىر يىل ئىچىدە كېچە بىلەن كۈندۈز ئىككى قېتىم تەڭلىشىدۇ . باھاردىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭشەلگەن كۈنى « نورۇز » ، كۈزدىكى كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭشەلگەن كۈنى « مېھرىگان » دەپ ئاتىلىدۇ . « مېھرىگان » ( ھوسۇل بايرىمى ) يىغىم – تېرىم تۈگىگەندىن كېيىن ( 21 – سېنتەبىر ) بولىدىغان مول – ھوسۇل بايرىمىدۇر . بۇ خۇددى ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىينىڭ دېگىنىدەك « ھەر تۈنۈڭ قەدرى بولۇبان ، ھەر كۈنى بولسۇن نورۇز » ، يەنى < ھەر بىر كېچەڭ لەيلى تۇل قەدىر كېچىسى – خەيرلىك ، قۇتلۇق كېچە بولۇپ ، ھەر بىر كۈنۈڭ يېڭى كۈن بولسۇن > دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . باھاردا تەبىئەتنىڭ ئانا يەر باغرىدىكى جېمىكى مەخلۇقاتلار ، قۇرۇت – قوڭغۇز ، ئوت – چۆپلەرنىڭ ئويغىنىش ، جانلىنىش ، بىخ سۈرۈش دەۋرىدۇر . شۇنىڭغا ئاساسەن شەمسىيە يىلى ( قۇياش يىلى ) ھېسابىدا 21 – مارتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ، يېقىن شەرق خەلقلىرى قەدىمدىن باشلاپ « نورۇز » ( يېڭى كۈن ) دەپ كاتتا بايرام ئۆتكۈزۈپ تەنتەنە قىلىشىدۇ .
نورۇز بايرىمىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ ، ئەھمانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلانغانلىقى مەلۇم . ئەھمانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 558 – 330 – يىللىرى ) ئالىكساندېر ماكىدونىسكى ( ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ) ئىستېلاسى بىلەن ئاخىرلاشقان . دېمەك ، نەۋرۇز بايرىمى – مىلادىدىن بۇرۇنلا مەيدانغا كەلگەن ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن . مۇنداقچە ئېيتقاندا نورۇز بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقىنىغا 3000 يىلدىن ئاشقان بولىدۇ .
شەرقنىڭ ئەڭ مەشھۇر پەيلاسوپلىرىدىن بولغان ئۆمەر ھەييام ئۆزىنىڭ « نورۇزنامە » دېگەن ئەسىرىدە نورۇز بايرىمىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ تۈرلۈك تەرتىپ – قائىدىلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان . ئۇنىڭدا يېزىلىشىچە ھويلا – ئارام ، ئۆي – جايلارنى تازىلاش ، ئۆسۈملۈك ۋە گۈللەر بىلەن بېزەش ، ئېرىق – ئۆستەڭ ۋە كۆللەرنى يېڭىلاپ چېپىپ تازىلاش ، ئاتا – ئانا ، ئۇرۇغ – تۇغقانلار ۋە يېقىن كىشىلەر بىلەن دىدارلىشىپ كېلىش ئادەتكە ئايلانغان . خۇددى باشقا ھېيت – ئايەملەردە ئاتا – ئانا ، ئۇرۇغ – تۇغقانلارنى يوقلاپ دىدارلاشقانغا ئوخشاش بولۇپ ، خەلقلەرنىڭ ھاياتىغا سىڭىپ ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئەنئەنىۋىي بايراملارنىڭ بىرىدۇر ۋە كۆكلەم قوشىقىدۇر .
نۇرغۇن ئالىملىرىمىز نورۇز بايرىمىنىڭ كېلىش تارىخىي مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان . شۇلار ئىچىدىن « تارىخىي مەنبەلەردە نورۇز بايرىمى » ناملىق ئەسەردە نورۇز بايرىمىنىڭ باشلىنىشى ۋە نېمە ئۈچۈن نورۇز بايرىمىنىڭ ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى ئالەمنىڭ يارىتىلىشىدىن تارتىپ ئادەم ئەلەيھىسسالام ، نوھ ئەلەيھىسسالام ، يۇنۇس ئەلەيھىسسالام ، تۈركىي قەۋمىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ، جەمشىتكە مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرگە ، ئەھمانىيلار ۋە كۇردلارغا ، ئىرانلىقلارغا ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ، ھەزرىتى ئەلىگە مۇناسىۋەتلىك ۋەقە – ھادىسىلەرگە باغلاپ مۇھاكىمە قىلىنغان . شۇ ماقالىسىدە < ھەزرىتى ئەلىنى نورۇز كۈنى تۇغۇلغان ، نورۇز كۈنى ھەزرىتى ئەلى بىلەن پاتىمە نىكاھلانغان ، نورۇز كۈنى ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولغان > دېگەنگە ئوخشاش مەلۇماتلار بىرىلگەن . يۇقارقى تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا ، نورۇز بايرىمى ئىنتايىن ئۇزاق تارىخقا ئىگە .



( ئاپتور – باي ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ پېنسىئونېرى )
[ بۇ يازما تارىم تەرپىدىن 2010-06-14 11:44 AM دە قاي ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما يېڭى كۈن، باھار شادلىقى –نورۇز,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى تارىم تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-06-14, 03:45

دەرىجىسى: كۆنگەن ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2120
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە347دانە
ئۆسۈش: 3.47%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 347
  ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 2053 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  ۋاقتى: 170(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-07-02

لىكىن بىزنىڭ بۇ يەردە نورۇز بايرىمى ئۇنچە بەك قىززىپ كەتمەيدۇ..
ھە راست... بىرازىلىيە پۇتبول چولپىنى، 2 قېتىملىق دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان رونالدىنخو دەل نۇرۇز كۈنىدە، يەنى 3.21 - كۈنى تۇغۇلغان..
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1436
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە136دانە
ئۆسۈش: 4.53%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 136
  ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1161 سوم
  تۆھپىسى: 2 كىشى
  ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
  ۋاقتى: 63(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-06-27

"يېڭى كۈن " ئاتالغۇسىنى پارسلارنىڭ بىزدىن ئالغانلىقى ھەققىدە قايىل قىلارلىق ئىسپات بارمىكەن؟
مېنىڭچە پاكىت بولسا ئاندىن كېسىپلا مۇشۇنداق بولغان دېيىش كېرەك بولمىسا،
ھىسيات بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ.
ئىلىمگە پاكىت بىلەن ھۆكۈم قىلىش كېرەك.
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت ،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى بۇزىدىغان تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز،،،
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما