مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 123 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قانماس خۇمار
bagtemur
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18522
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 21 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:21

0 قانماس خۇمار

خۇمار
  ( ھېكايە )  
ئادىل ئابدۇرېھىم 

 

   يۈسۈپنىڭ ھاراققا بېرىلىپ، ھاراقتىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان بولۇپ قالغىنىغا ئۇزۇن يىللار
بولغان ئىدى .ئۇ دەسلەپتە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئاندا – مۇندا ئۈلپەتلىشىپ يۈرگەن بولسا، مانا ھازىر 10 يىلدىن ئاشتى، خۇدانىڭ قۇتلۇق كۈنى مەست بولۇپ،بازاردا،يولدا،مەكتەپتە خۇدىنى بىلمەي يېتىپ قالىدىغان،ئۈستى-بېشى مەينەت،كىشىنىڭ قارىغىسىمۇ كەلمەيدىغان ، ھەممىلا ئادەم سەسكىنىدىغان يىرگىنىشلىك مەخلۇققا ئايلىنىپ قالدى .
   مانا بۈگۈنمۇ ئۇ غەرق مەست ھالدا ھۇشسىز يېتىۋىتىپتۇ . خىزمەتداشلىرى ئۇنى كەچقۇرۇن كوچىدا يېتىپ قالغان يېرىدىن توپا-لايغا مىلەنگەن،بەتبەشىرە،تونۇغۇسىز بىر ھالدا ئۆيگە ئەكىلىپ قويغان ئىدى . ئۇنىڭدىن دۇنيادىكى ئەڭ نىجاسەتلىك نەرسىدىن چىقىدىغان چىدىغۇسىز بەتبۇي پۇراق كېلەتتى. ئايالى بۇ پۇراققا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كۆنۈك ئىدى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ئېرى مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ،ئەر ئۇنىڭ بۇرنىدىن نېرى كەتمەيدىغان ئەشۇ سېسسىق پۇراق تەرىپىدىن يۇتۇۋېتىلگەن ئىدى .
   ئېرى ئۇنى كوچا-كويلاردا ئېغىر ئاھانەتكە قويغان ئىدى . شۇ تۈپەيلى ئۇ يولدا ئاللىكىملەردىن نومۇس قىلىپ ماڭاتتى. مەكتەپتە خىزمەتداشلىرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىيالمايتى. ئۆزىنى ھامان ئۇياتلىق يېرى ئېچىلىپ قالغاندەك ھېس قىلاتتى . ھە دېسىلا باشقىلار ئۇنىڭغا : « قارا، ئەشۇ سېنىڭ ئېرىڭغۇ ، سەن قانچىلىك نېمە ئىدىڭ ؟! ... » دەۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ،گويا قوقاسقا دەسسەپ مېڭىۋاتقاندەك تىپىرلاپ قالاتتى.

  ئۇ ئېرى تەرەپكە يۈزلەندى، يۈسۈپنىڭ خۇددى سەكراتقا چۈشكەندەك ئاندا-ساندا چۈشىنىكسىز بىر نېمىلەرنى جانسىز ئېڭراپ قويۇشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا،ئۇنىڭ ئۆلۈك-تېرىكلىكىنى بىلگىلى بولمايتى. ئۇنىڭدىن توختىماۇ بۇقسۇپ چىقىۋاتقان ھاراقنىڭ سېسسىق پۇرىقى،ئاچچىق تەر ھىدى ۋە لاي-توپا،تەرەت-قۇسۇقلار ئارىلىشىپ كەتكەن ئەبجەش پۇراق ئايالىغا يېنىدا بېراۋنىڭ ياتقانلىقىنى مەلۇم قىلىپ تۇراتتى . « سېنى قانداقمۇ ئەر دېگىلى بولسۇن !؟ » دەپ غودۇڭشۇپ قويدى ئايالى ئىچىدە .
   ئايال 38 ياشلارغا بېرىپ قالغىنىغا قارىماي،يەنىلا ياش قىزلاردەك جەزبىدار ئىدى. ئۇنىڭ سىپتا كىيىنىشى،قاملاشقان،ئورۇق،زىلۋا قامىتىگە ئارقىسىدىن قارىغان كىشى ئۇنى راستىنلا 18-20 ياشلاردىكى قىز بولسا كېرەك،دەپ قالاتتى. ئايال ئكزىنىڭ لاتاپەتلىكى ھەم ئىنتايىن ھېسياتچان ئېكەنلىكىگە قارشى ، خېلى يىللاردىن بۇيان،ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئەڭ شىرىن ھوزۇر-ھالاۋىتىدىن مەھرۇم ئىدى. چۈنكى،ئېرىنىڭ « ئىش »تىن قالغىنىغا 7-8 يىلچە بولغان ئىدى، ھاراق ئىچكەن كۈنى مۇشۇنداق خۇدىنى بىلمەي،
يىرگىنىشلىك ھالەتتە ياتاتتى ، تاساددىبىي ئىچمىگەن كۈنلىرىدىمۇ « ھېلىقى ئىش » لار تىلغا ئېلىنمايتى .
   ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بار ئىدى، ئوغلى بۇ يىل ناھىيىدە- تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە، ئىككى قىزى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. بالىلارنى ئۈچىلىسى دېگۈدەك مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان ئىدى. بولۇپمۇ ، ئوغلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى . ئايالنىڭ بۇ دۇنيادا كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان بىردىن-بىر نەرسىمۇ، گۈلدەك ئۈچ بالىسى ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇشى؛ ئاندىن قالسا ، ئۆزىنىڭ زامانغا لايىق كىيىنىپ يۈرىشى ئىدى .
     ئايالنىڭ ئېرى بىلەن ھازىر پەقەتلا كارى قالمىغان ئىدى، ئۇنىڭدىن قىلچە ئەنسىرىمەس، ئۇنىڭ غېمىنى يىمەس بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يىغلاپمۇ ، قاقشاپمۇ،كۈلۈپمۇ، سېلىق گەپ قىلىپمۇ ۋە باشقا ھەممە ۋاستىلارنى ئىشلىتىپمۇ ، ئۈنۈمى بولماي زىرىككەن ئىدى . ئۇنىڭدا ئېرىنىڭ ئۆزگىرىپ، ھاراقنى تاشلىشىغا نىسبەتەن قىلچە ئۈمۈد يوق ئىدى. ئېرى ھامان بىر كۈنى ھۇشسىز ھالدا، سىرىتتا-سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ قالىدىغاندەك،ئاخشىمى مەست بولۇپ ياتقان پېتى ئۇيقۇدىن مەڭگۈ ئويغىنالمايدىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئەشۇ مەنزىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرسىمۇ ، كۆڭلى يېرىم بولغاندەك بولمايتتى.چۈنكى ئەر بۇ ئائىلىدە بىر تىرىك موردا ئىدى. بېراق ، ئايالنىڭ ھەيران قالىدىغان بىرلا ئىشى-بالىلار دادىسىغىمۇ ئوخشاشلا ئامراق ئىدى، دادىسى ھەرقانچە بەتبەشىرە بولۇپ كەتسىمۇ،يىرگىنىش ھېس قىلمايتى. ئوغلى نە-نەلەردىن مەست بولۇپ يېتىپ قالغان دادىسىنى تېپىپ كېلەتتى،دائىم دادىسىنىڭ دېرىكىنى قىلىپ تۇراتتى،ئۇنى تالاي قېتىم كىچىككىنە جېنىدا يۈدۈپ دېگۈدەك ئۆيگە ياندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئايالى مۇشۇلارنى ئويلىسا،بىر تەرەپتىن بالىلىرىغا قاراپ زوقى كەلگەندەك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئاچچىقىمۇ كېلەتتى.
   ئايال بىردىنلا ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى چاغلىرىنى ئەسلەپ قالدى . ئۇ دارىلمۇئەللىمىندە، ئەر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، تەڭلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان بولۇپ،چوڭلارنىڭ تېپىشتۇرىشى بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ،تويدىن كېيىنكى مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى راسا سۈرۈپ،بەختلىك ئائىلە قۇرغان ئىدى. ئەر سۈلكەتلىك،قىزغىن،كېلىشكەن،بىلىمى مول،قىزىقىش دائېرىسى كەڭرى،ھاۋايى-ھەۋەستىن يېراق ئىدى. ئايال بولسا يېقىشلىق، غۇنچىدەك چىرايلىق ھەم جەزبىدار ئىدى. ئۇلار توي قىلىشقاندا،ئاڭلىغانلىكى ئادەملەرنى مەستلىكى كەلگەن بولۇپ،«خلى- خىلىغا، گۈلى-گۈلىگە كەپتۇ » دەپ ماختاشقان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ ئىشلار يېراق ئۆتمۈشكە ئايلانغان، ئايالغا خۇددى ئۆڭۈپ كەتكەن سۈرەتتەك غۇۋا كۆرىنەتتى .
بەزىدە ئۇنىڭ شۇنداق كۈنلىرىنىڭ ئۆتكەنلىكىگە ئىشەنگۈسىمۇ كەلمەيتتى .
ئايال ئېغىر ئۇھسىندى. ئۇ دائىم ئۆزىنى ھارغىن ھېس قىلاتتى. ئېچىلىپ-يايراپ باقمىغىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغان ئىدى. بىر ئۆينىڭ پۈتكۈل ئىشى ئۇنىڭغا تاشلىنىپ قالغان ئىدى. بالىلارنى ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇن-ياغ،ئوتۇن-كۆمۈر دېگەندەك لازىمەتلىكلەرنى سېتىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە ئۆزى چاپمىسا بولمايتتى . ئېرى بولسا ھاراق ئىچىشتىن باشقا ئىشنى بىلمەيتتى . بۇ ئىشلار ئايالغا بەكمۇ ھار كېلەتتى . تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق خۇۋلۇقى قالمىغاندەك تۇيۇلاتتى،بولۇپمۇ،ئۆيدىكى ئېرىمەس مەينەتچىلىك ئۇنى جاق تويدۇرغان ئىدى،ئېرىنىڭ ھەر كۈنى غەرق مەست بولۇپ، كىيىم-كىچەكلىرى رەسۋا ھالدا ئەكىلىپ قويۇلۇشى ، ئۇنىڭ ئەشۇ كىيىملەرنى يۇيۇشى ھەر كۈنى تەكرارلىناتتى.شۇ ۋەجىدىن،ئۆيدىكى كىگېز-كىچەك، يوتقان-كۆرپىلەرمۇ پاكىز تۇرمايتتى . ئايال ئامالنىڭ يوقىدىن ئېرىنىڭ كىيىملىرىنى يۇيۇپ تۇردى،ئەمما يوتقان – كۆرپىسىنى يۇماي تاشلىۋەتتى،يوتقاننىڭ پاختىسى قېتىشىپ،رەڭگى ئۆزەىرىپ،كېگىزدەك بولۇپ كەتتى.
   ئۇلارنىڭ بالىلاردىن ئۆيى ئايرىم ئىدى، ئىككى قىزى ئۇدۇلدىكى كىچىك ئۆيدە يېتىپ قوپاتتى. ئۇنىڭ ئېرى بىلەن ئورۇن قوشمىغىنىغا بەكمۇ ئۇزۇن بولغان ئىدى. ئۇ تۈن بويى ئۈگە-ئۈگىلىرىنى چىدىغۇسىز تاتلىق بىر سېزىم چىرماپ غىدىقلاۋاتقاندەك بولۇپ ئۇخلىيالمايتتى، دائىم مۇشۇنداق تۇيغۇ ئىچىدە قىينىلاتتى، بىر يەرلىرىنى مۈشۈك يالاۋاتقاندەك تولغۇنۇپ كېتەتتى، كېچە-كۈندۈز كىرپىك قاقمايتتى ، ئۇياق-بۇياققا ئۆرۈلەتتى، ئۇھ تارتاتتى،يوتقھننى تىپىشلەيتتى، ئۇيقۇسى كەلمەي ئۇيقۇ دورىسى ئىچەتتى، بېراق دورىنىڭ ھېچبىر ئۈنۈمى بولمايتتى. ئېرىمۇ ناگان-ناگاندا ھاراق ئىچمەي كەلگەن كۈنلىرى ئۇيقۇ دورىسى ئىچەتتى، ئەمما كېچىچە ئۇخلىيالمايتتى .كۆڭلىدە ئايالىغا نېمىلەرنىدۇر دېگۈسى، تاققا-تۇققا  بولسىمۇ پاراڭلاشقۇسى كەلگەندەك بولاتتى-يۇ ، ئارقىدىن ئايالى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قىلغۇدەك ھېچقانداق ئىش ھەم گەپ-سۆز قالمىغانلىقىنى ئېسىگە ئېلىپ، ئويىدىن تېزلا ياناتتى، ئۇخلىمىسىمۇ ئۇخلىغاندەك بولۇپ يېتىۋالاتتى،ئىچى ئاچچىق ھەسرەت ھەم پىغانلىق ئۇھ بىلەن توشۇپ كەتكەندەك ھە دەپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنغۇسى كېلەتتى، ئەمما پېتىنالمايتتى ...
   ئۇنىڭغا مەكتەپنىڭ بەرگەن جازا-چارىلىرى ھەددى-ھېسابسىز بولسىمۇ، يەنىلا تۈزەلمىگەن ئىدى . مائارىپ ئىدارىسىگە يوللىسا، ئىلگىرى يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن كۆپ قېتىم چارە كۆرۈلگەن بولغاچقا،خىزمەتتىن ھەيدىلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. ھەر قېتىم ھاراق ئىچسە، مەكتەپ رەھبەرلىرى تەربىيە قىلاتتى، ئۇمۇ نەسىھەتنى ئوبدان ئاڭلايتتى، قۇلىقى يۇمشاق ئىدى،ئەمما چىقىپلا قىلغۇلۇقنى قىلاتتى، كۆپىنچە چۈشتە ۋە چۈشتىن كېيىن، بەزىدە قاق سەھەردە ناشتىمۇ قىلماي، بىر بوتۇلكا ھاراقنى پاكىز ئىچىۋالاتتى-دە، ھايالشىمايلا، ماڭغان يېرىدە يىقىلاتتى، مەكتەپتە ، دەرسخانىدا يىقىلىپ قالغان چاغلىرىمۇ تالاي ئىدى، ھاراقنى ئىچىۋەرگەچكىمۇ، كۈن بويى تاماق يىگۈسى كەلمەيتتى، شۇڭىمۇ ئورۇقلاپ، بىر تىرە-بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان ئىدى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەشۇ تۇرقىدا ھاراق ئىچەلىگىنىگە ، ئىچكەن ھاراقلىرىغا ھازىرغا قەدەر ئۆلۈپ قالمىغىنىغا ھەيران ئىدى. ھاراقنىڭ تەسىرىدە چىرايى سەتلىشىپ، قارا ئىسرەڭ توپا ئۆرلەپ تۇراتتى، ساقاللىرى ئۆسۈپ، كىيىملىرى مەينەتلىشىپ، جاھان كېزەر شەيىخلەرگىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى، كۆپ ھاللاردا  ئېغىز-بۇرنى، پىشانىسى قان يۇقى ھالدا ئەكىلىپ قويۇلاتتى، يۈز-كۆزلىرىدىن تارتۇق نېرى كەتمەيتتى، ئايالىنىڭ ئۇنىڭ چىرايىغا قارىغۇسىمۇ كەلمەيتتى...
   بالىلارنىڭ ئۇخلىغىنىغا خېلى بولغان ئىدى، ئەر ئايالىنىڭ يېنىدا ئۆلۈكتەك ياتاتتى، شۇ تاپتا ئايالنىڭ نەزىرىدە ئېرى مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ئايال ئىككى پۇتىنى چىڭ جۈپلەپ، ئوڭدىسىغا ياتاتتى، ئازاپلىق قىيناش يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىدى، ھېلىقى چىدىغۇسىز تاتلىق سېزىم پەقەتلا ئارام بەرمەيۋاتاتتى، ئۇ ئىككى يوتىسىنى تېخىمۇ چىڭ جۈپلەپ، تاياقتەك تۈپ-تۈز ياتقىنىچە، يەنە بىر قېتىم ئۇھسىندى...
تۇيۇقسىز دەرۋازىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلغان ئاۋازى ئاڭلاندى، ئايال ئاستا-ئاستا ئۆزىگە كېلىپ، ھويلىغا چىقتى .
-     كىم ؟
-     مەن، كەنجاخۇن !
سىرىتتىكى ئادەم بىر دەقىقتىن كېيىن قوشۇپ قويدى :
-     كۈندۈزى كەلسە، كادىر خەقنى ئۆيىدىن تاپقىلى بولمايدىكەن ، توك پۇلىنى يىغقىلى كېچىدە سىلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .
     كەنجاخۇن دېگىنى مەھەللىنىڭ توك پۇلىنى يىغىدىغان؛ يۈز-كۆزلىرى ساپسېرىق ھەم سەپكۈنلۈك ، شالاڭ ساقال-بۇرۇتلىرى دىردىيىپ تۇرىدىغان،چىكىلىكى مايلىشىپ كەتكەن شەكپىسىنى دائىم چۆكۈرۈپ كىيىۋالىدىغان، گەدىنىدىن پىشانىسىغىچە قوماق بېسىپ كەتكەن كۆرۈمسىز كىشى ئىدى.
ئايال دەرۋازىنى ئاچتى، سۈتتەك ئايدىڭ ئىدى، سىرىتتىكى ئەر ھويلىغا كىردى، ئايال تېخىچە دەرۋازىنى ئاچقان پېتى قوزۇقتەك قېتىپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىچ مايكا ۋە كالتە ئىشتان بىلەن تۇرىۋاتقانلىقىنى ئەسلا تۇيمايتتى، ئەرنىڭ كۆزى ئايالدا ئىدى.
-     ئى ...ھى...،-دېدى ئۇ ئايالنىڭ مانا مەن دەپلا تومپۇيۇپ تۇرغان تولغان كۆكسىگە، پاختىدەك ئاپئاق بەدىنىگە، كالتە ئىشتىنىنىڭ يۇقۇرى-تۆۋىنىگە تويماي قاراپ .
ئايال شۇ چاغدىلا ئۆزىنىڭ يات بىر ئەرنىڭ ئالدىدا يالىڭاچ دېگۈدەك تۇرغانلىقىنى تۇيۇپ، دەرھال ئېسىگە كەلدى ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلدى، بېراق ئەر ئۇنىڭدىن چاققان كېلىپ، ئايالنىڭ بىلىكىگە كاپپىدە ئېسىلىپ، ئۆزىگە تارتتى، ئايال يۇلقۇنۇپ ئۇنى ئۆزىدىن ئىتتەردى .
- خا...خانىم...ئۇنداق قىلمىسىلا...، -ئەرنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتكەچكىمۇ ھەدەپ ھاسىرايتتى،-سېلى...سېلىمۇ ئەر...ئەر... سېغىنىپ قالغانلا،...مەن...بو...بويتاق ...خو...خوتۇن سېغىنىپ قالدىم ...بىر قېتىملا...
ئەر ئايالنىڭ قارشىلىقى كۈچىيىشتىن ئاۋال،بىر قولىدا ئايالنىڭ ئاغزىنى مەھكەم ئىتىپ،يەنە بىر قولىدا ئايالنىڭ نازۇك بېلىدىن قولتۇقلاپ كۆتۈرگىنىچە سىرىتقا- ئىشىك ئالدىدىكى بۆك ئورمانلىقنىڭ ئىچىدىكى قۇمساڭغۇ ئېرىققا ئەكىردى، ئايال ھەدەپ تىپچەكلەيتتى، ئاغزى ھېلىقى ئەرنىڭ قولىدا مەھكەن ئىتىكلىك بولغاچقا، ۋارقىرىيالمايتتى. ئەر  قولى بىلەن شىمىنى پەسكە سىيرىدى-دە،ئايالنى گۈپپىدە باستى، ئايالنىڭ بەدىنى بىردىنلا لاسسىدە بوشىشىپ كەتتى ...
 
 
[ بۇ يازما Misranim3 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : OBRAZ
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-22, 09:17
-سىز كۆرۋاتقان تىما قانماس خۇمار,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
xamran0903
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16901
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 3
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1012 سوم
تۆھپىسى: 40 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 58(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:52

سىز قوشنامنىڭ  تارىخىنى يازدىڭىزمۇ؟
رۇزىمەمەت
دانىش
ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16375
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 87
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1378 سوم
تۆھپىسى: 63 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 169(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-05
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 18:04

ئىنساپ   بەرسۇن   خۇدايىم   شۇلارغا
ئىللەت يوقالمىسا ،مىللەت يوقىلدۇ.
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
xayda314
JaNNaT BiZ NiG KuRuK aRzU KiL HaN LiKi MiZ BiLaN AmAl Ga AxMaY Du
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14814
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2030 سوم
تۆھپىسى: 45 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:13

خەپ مېنىڭ ئىسمىمۇ يۈسۈپ ئىدى ئەجەپ يۈزۈمنى تۆكتە ما سولتەك ............
پاك مۇھەببەت چۈشىنىشكە موھتاج .
hotankizi
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18031
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 5
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە5دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-18
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:25

ھەي...........خۇدايىم ئنساپىنى        بەرسۇن.............
خوتەن قىزى
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
流浪
ئوغۇل بۇلساڭ شوخ بول،بولمىسا يوق بول .
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2048
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 186
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە186دانە
ياخشى باھا: 77 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3399 سوم
تۆھپىسى: 81 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 78(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:01

  
                           نېمە دېسەك بولاركىن تاڭ !
سەرگەردان .
         سەپەر قىلىڭلار .ئۇندا رىزىقىڭلار كەڭ بولىدۇ.
yaprak520
ياحشى كۆرۉپ تۇرۇپ ئايرىلدىم !@
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8222
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 182
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2872 سوم
تۆھپىسى: 60 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1516(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-28
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 21:05

ئۇلۇغ اللاھ ھەممىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن ، ئامىن !
بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا توۋا دىيىشتىن باشقا ئامال يوق !!!!!
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
DAWRAN0991
DAWRAN
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3503
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 82
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە82دانە
ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2415 سوم
تۆھپىسى: 47 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 734(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-07
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 21:21

تۈگىدىمۇ ئاخىرى بارمۇ؟...
zibzkiz
axik bolhan adam  muhabatnig  nimilikni tolok quxinidu
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10638
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 42
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە42دانە
ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2189 سوم
تۆھپىسى: 52 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 539(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-17
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 5سائەت ئىلگىرى 17:33

خۇدا   ئادەملەنىڭ كۇڭلىگە  ئىنساپ بەرگەيسىز