مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 119 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قازان يۇغۇچ
ayxolisi
بەخىت ئىچىدە بەخىتسىزلىك ياشايدۇ ، بەخىتسىزلىك&n ..
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16220
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 25
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە25دانە
ياخشى باھا: 41 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1129 سوم
تۆھپىسى: 174 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 141(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-04
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:06

0 قازان يۇغۇچ

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى زۇلقەر دۇنيادىكى مىللەت ۋە ئۆرىپ ئادەتلەر دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-11-22)
 
قازان يۇغۇچ
^\S~?0^m  
>: g3k  
بۈمەريەم شېرىپ خۇشتار
:Nz2z[W$  
gK'1ZLdZ2  
   خەلقىمىز ئۇزاقتىن بۇيان قازان يۇغۇچنى تېرىپ، ئىشلىتىپ كەلگەن، ئۇنى ھويلا – ئاراملارغا، كۆكتاتلىق، ئېتىز قىرلىرىغا تېرىيدۇ. قازان يۇغۇچ يەنە دەسمال، ئاغچا خېنىم دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان. ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئۇ ‹‹بەدرەڭ››، دەپ ئاتىلىدۇ.
   قازان يۇغۇچ ئالاھىدە يىپتىن توقۇلغاندەك چىداملىق، ئېلاستىكىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە. قازان يۇغۇچ سۇدا يۇمشايدۇ، ئۇنى خېلى ئۇزاق ئىشلەتكىلى بولىدۇ. ئادەتتە چىنە – قاچا، قازان – قۇمۇچ قاتارلىقلارنى قاچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلىتىپ يۇغاندەك پاكىز يۇغىلى بولىدۇ. ئۇ قازان، قاچا – قۇچىلاردىكى ياغ ۋە باشقا داغلارنى پاكىز چىقارغاندىن سىرت، يەنە ئۆزىدە كىر توختاتمايدۇ، يۇيۇپ بولغان قاچا – قۇچىلاردا غەيرىي پۇراق قالدۇرمايدۇ.
   قازان يۇغۇچ، ئادەتتە، 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنىگىچە تېرىلىدۇ. قازان يۇغۇچ پىلەك تارتىپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولغاچقا، چۆنەك تارتىپ چۆنەك قىرىغا تېرىلىدۇ. مايسا ئۆسۈپ چىققاندىن كېيىن، يەرلىك ئوغۇت بىلەن ئوغۇتلىنىدۇ. ئۇ تېزلا پىلەك تارتىپ ئۆسۈپ، سېرىق رەڭدە چېچەكلەيدۇ. پىلەك باراڭغا ياماشتۇرۇپ قويۇلىدۇ، باراڭغا ئېلىنمىسا سۈپىتى ياخشى، يوغان قازان يۇغۇچ چۈشمەيدۇ. مايسا ئوبدان پەرۋىش قىلىنسا، بىر تۈپ پىلەكتىن 30دىن ئارتۇق قازان يۇغۇچ چۈشىدۇ. پىشقان قازان يۇغۇچنىڭ سىرتى قاپاقتەك چىڭ بولىدۇ. ئۇنىڭ پىلەكتىن ئۈزۈلگەن تەرىپىدىن ئېغىز ئېچىلسا ئۇرۇقى چۈشىدۇ، ئاندىن قايناقسۇغا بېسىلسا، سىرتىدىكى قاسراق سويۇلۇپ، تورسىمان يۇغۇچ تەييار بولىدۇ.
   تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، قازان يۇغۇچ تەركىبىدە ئاقسىل، كراخمال، كالىتسىي، فوسفور، تۆمۈر، كاروتىن، ۋىتامىن قاتارلىق ماددىلار بولغاندىن سىرت، يەنە ئاز مىقداردا مېۋە كىسلاتاسى، لىمون كىسلاتاسى قاتارلىق ماددىلارمۇ بولىدىكەن. قازان يۇغۇچنىڭ تەبىئىتى مۆتىدىل بولۇپ،  ئۇنىڭ قىزىتمىنى پەسەيتىپ، قاننى سوۋۇتۇش، زەھەر قايتۇرۇش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، بەلغەم بوشىتىش، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈش رولى بار ئىكەن.
<شىنجاڭ گېزىتى>دىن
]Yn_}Bq  
P&^;656r  
نۇرلۇق كۆز  i=oU;7~zK  
  !*B'?|a<\  
يىمىڭ
@X;!92i  
 (ھېكايە)
      ھەر كەچقۇرۇنلۇقى بىر شائىر كۆل بويىدىكى باغچىغا كېلىپ ئىجادىيىتىگە ئىلھام ئىزدەيتتى. باغچىدا بىرنەچچە ئۇزۇن ئورۇندۇق بولۇپ، جۈپ – جۈپ ئاشىق – مەشۇقلار ئورۇندۇقلاردا يانمۇ يان ئولتۇرۇپ، قۇياش پېتىۋاتقان چاغدىكى كەچكى شەپەق  مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىپ، ئاجايىپ رومانتىك ھېسسىياتقا چۆمۈلەتتى. شائىرنىڭ بۇلاردىن ئىلھام ئېلىپ يازغان مۇھەببەت لىرىكىلىرى ‹‹شېئىرىيەت›› ژۇرنىلىدا دائىم ئېلان قىلىنىپ تۇراتتى.
      بىر كۈنى كەچقۇرۇن باغچىدا ئۇزۇن چاچلىق بىر قىز پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. باشقا ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇشقان جۈپ – جۈپ ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ئەكسىچە، تەنھا ئولتۇرغان بۇ قىز ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شائىر قىزنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭدا خۇددى بۇلاقتەك، كۆپكۆك كۆلدەك، تاغ سۈيىدەك، ئاي شولىسىدەك تولىمۇ گۈزەل، تولىمۇ نۇرلۇق بىر جۈپ كۆزنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، قەلبى ھاياجاندىن تېخىمۇ لەرزىگە كەلدى.
     قىز ئورۇندۇقتا مىدىر قىلماي ئولتۇراتتى، ئۇ ئېغىر سۈكۈناتقا چۆمگەن بولۇپ، پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە تامامەن ئەسىر بولۇپ كەتكەندەك ئىدى.
     شائىر ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قىزنىڭ كۆزىنى تەسۋىرلەپ بىر پارچە شېئىر يازدى.
     شۇنىڭدىن كېيىن شائىر ھەر كۈنى كەچقۇرۇن باغچىغا باردى ۋە ھېلىقى قىزنىڭ ئورۇندۇقتا تەنھا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردى. شائىر قەلبىدە قانداقتۇر بىر كۈچلۈك ئىنتىلىشنىڭ مەۋج ئۇرۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئاخىرى ئۇ قايناق ھېسسىياتىنى كونترول قىلالماي، ئۇنىڭ كۆزىنى تەسۋىرلەپ يازغان شېئىرىنى ۋاسىتە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشماقچى بولدى.
     ئەمما شائىر ئىنتايىن ھەيران قالدى.
     –مېنىڭ كۆزۈم ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدۇ، مەن ئەما  دېدى ھېلىقى قىز.
     شائىر بۇ گەپكە ئىشەنمىدى.
     – سىزنى ئالدىمىدىم،  دېدى قىز سەمىمىيلىك بىلەن.
     شائىرنىڭ قەلبىدىكى ئوتتەك ئىنتىلىش بىردىنلا توزغاقتەك توزۇپ كەتتى... ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئۇزۇنغىچە باغچىغا بارمىدى.
     بىر ئاي ئۆتكەندىن كېيىن شائىر يەنە باغچىغا باردى. قىز يەنە ئىلگىرىكى جايىدا بولۇپ، يېنىدا قاملاشقان بىر يىگىت ئولتۇراتتى. يىگىت قىزنىڭ مۆرىسىگە گىرە سالغاچ مۇڭدىشىپ، ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىنچىلىق قىلىۋاتاتتى. شائىر ئىختىيارسىز ئۇلار تەرەپكە يېقىن بېرىپ سۆزلىرىگە قۇلاق سالدى.
    – مەن ئەما، سىز پۇشايمان قىلمامسىز؟ دەپ سورىدى قىز يىگىتتىن.
     – پۇشايمان قىلمايمەن! دەپ جاۋاب بەردى يىگىت.  lrIjJ V  
     – مەن سىزنىڭ كۆزىڭىز!
     بۇ گەپنى ئاڭلاپ شائىرنىڭ قەلبى ھاياجاندىن لەرزىگە كەلدى، ‹‹<مەن سىزنىڭ كۆزىڭىز>، نېمە دېگەن شېئىرىي مىسرا – ھە!...›› دەپ ئويلىدى ئۇ. A"dR{8&0  
شائىر يەنە ئۇزۇنغىچە باغچىغا بارمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەر مىسرا شېئىرمۇ يازمىدى...
     ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ يەنە باغچىغا باردى. شۇ كۈنى كەچلىك مەنزىرە ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى. كۆيۈۋاتقان قۇياش، ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسى، ئۇچۇۋاتقان ئاققۇلار، ئالتۇن رەڭگىدە جۇلالىنىپ تۇرغان تىنىق كۆل سۈيى كىشى كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى. لېكىن قىزنىڭ يېنىدا  ھېلىقى يىگىت يوق ئىدى. شائىر پەرىشان ھالدا قىزنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ سۈزۈك مەڭزىدە سىرغىپ تۇرغان ئىككى تامچە ياشنى كۆردى. سىز...
     –نېمە بولدىڭىز؟
    – سىز كىم بولىسىز؟ دەپ سورىدى قىز.   ;"~ fZ2$U  
 
     –مەن ھېلىقى شائىر بولىمەن، يىگىتىڭىزچۇ؟
    قىز بىردەم جىمجىتلىقتىن كېيىن ئېغىز ئاچتى:   ?WqT[MnK  
      ئۇ بىر قېتىملىق ماشىنا ھادىسىسىدە ئۆلۈپ كەتتى. ئىككى ئاي ئىلگىرى بىز توي خېتى ئالغانىدۇق، بىر بالىنى قۇتقۇزىمەن دەپ، ئۇ...
    شائىرنىڭ قەلبى ھاياجاندىن لەرزىگە كەلدى. ئۇ قىزنىڭ يېنىدا ئولتۇردى.
    ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى نامەلۇم، شائىر ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتى:     jYmR  
    –مەن ... سىزنىڭ ... كۆزىڭىز بولۇشنى خالايمەن.
      –ھازىر مېنىڭ كۆزۈم كۆرىدۇ،  دېدى قىز،  ئۇ ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن دوختۇرلارغا ئۆزىنىڭ كۆز گۆھىرىنى ماڭا كۆچۈرۈپ قويۇشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى، ئوپېراتسىيىمۇ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئۇ ماڭا بىر جۈپ كۆز ئاتا قىلدى...
     شۇنىڭدىن كېيىن شائىر قەتئىي شېئىر يازمىدى.
`ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى  
<شىنجاڭ گېزىتى>دىن
NRIG1v>  
    
=============== &&8IU;J  
<شىنجاڭ گېزىتى>نىڭ قايسى سانىدىن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ! QLiu2U o  
}o?APvd  
[ بۇ يازما زۇلقەر تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : زۇلقەر
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-22, 05:16
-سىز كۆرۋاتقان تىما قازان يۇغۇچ,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
دەقيانوس
غەلىبە، سەن نەدە؟
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 53
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1109
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1109دانە
ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4170 سوم
تۆھپىسى: 96 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 422(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:32

بۇ ئەسلى ئىككى تېما بۇلۇشقا تىگىشلىكى تېما ئىكەن. چۇنكى ئىككىسىنىڭ مەزمۇنى ئايرىم -ئايرىم بۇلۇپ ئازراقمۇ باغلاشمايدۇ، يەنە كىلىپ ئايرىم قىلغاندىمۇ مەزمونى ئاز بۇلۇپ قالمىغۇدەك. ( u\._Gwsx  
g" p%C:NN  
قازان يۇغۇچ بۇرۇن ئىشلىتىلەتتى، ھازىر ھازىر ئاساسەن ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە پايدىسى كۆپ بولغان، تاشلىنىپ قىلۋاتقان نەرسىلىرىمىز كۆپ.
سەپەر قىلىڭلار، ساغلام ۋە رىزىقلىق بۇلىسىلەر.
شەيدا
گۇناھلىرىمنى يۇيۇشقا كۆز يېشىم ئازلىق قىلىدۇ.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2137
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 545
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە545دانە
ياخشى باھا: 141 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5178 سوم
تۆھپىسى: 42 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1916(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:07

قازان يۇيغۇچنى بىزنىڭ ئۆيدە ھازىرمۇ ئىشلىتىدۇ،مۇشۇ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى دەيدىغان نەرسە بىلەن ئانچە خۇشام يوق،يەنىلا قازان يۇيغۇچ ياخشى. mS$j?> m  
ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن شائىردا جۈرئەت كەمكەن،بەلكىم ئۇ قىزغا بالدۇرراق كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان بولسا ئۇمۇ،قىزمۇ ھەسرەتتە قالمىغان بۇلاتتى.لېكىن بۇمۇ ياخشى بۇلۇپتۇ،بولمىسا قىز بىر ئۆمۈر كۆزى كۆرمەي ئۆتەتتى. يەنە لېكىن ئەمما بىراق قىزنىڭ كۆزى كۆرگەن بولسىمۇ ئۆزى سۆيگەن يىگىت يېنىدا ئەمەس.
ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ بولسىمۇ يۈرەكتىن ئىبارەتتۇر
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
Kurxad
ئوڭ مەڭزىڭگە سۆيۈپ قوياي،ئۇيغۇرۇم!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7432
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3173 سوم
تۆھپىسى: 140 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 34(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:02

كۆزۈڭنى يۇم ، كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل دېگەن بىر lYVz 3p  
تەمسىل يادىمغا يېتىپ قالدى ... !
باغلار ئىپار،باغلار بەك  كۆركەم.
ئۇنۇت بارچە قايغۇڭنى ئەركەم .
سەن تېخىچە ئىزدەمسەن بەخىت،
مەن دۇنيانى ئۇنتۇغان نىكەم .
kurdax
قۇرداش
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7410
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2334 سوم
تۆھپىسى: 55 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 256(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:09

ھازىر ھەممە ئادەم زاۋۇتتىن چىققان نەرسىگە ئامراق بوپ كەتتى ، ئېتىزدىن چىققان بولسىمۇ بىۋاستە ئىشلەتكىلى بولىدىغان نەرسىنى بىكارغا بەرسىمۇ ئىشلەتمەيدۇ ، كىيىنچى بۇغداي قوناقنىمۇ ئېتىزدىن زاۋۇتقا ئاپىرىپ پىششىقلاپ ئىشلىتىپ ئاندىن تاماق قىلىپ يەيمىزمۇ تېخى ......
يولغا قاققان قۇزۇقتىن ،
ئورىنىۋالغان بۇزۇقتىن ،
..................... تىن ،
ساقلىغايسىز خۇدايىم .
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
دەقيانوس
غەلىبە، سەن نەدە؟
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 53
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1109
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1109دانە
ياخشى باھا: 186 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4170 سوم
تۆھپىسى: 96 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 422(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 18:52

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  شەيدا كە 2010-11-22 04:07 PMئەۋەتىلدى  : O ,J>/  
قازان يۇيغۇچنى بىزنىڭ ئۆيدە ھازىرمۇ ئىشلىتىدۇ،مۇشۇ يۇيۇش سۇيۇقلۇقى دەيدىغان نەرسە بىلەن ئانچە خۇشام يوق،يەنىلا قازان يۇيغۇچ ياخشى. 1%EBd%`#  
ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن شائىردا جۈرئەت كەمكەن،بەلكىم ئۇ قىزغا بالدۇرراق كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان بولسا ئۇمۇ،قىزمۇ ھەسرەتتە قالمىغان بۇلاتتى.لېكىن بۇمۇ ياخشى بۇلۇپتۇ،بولمىسا قىز بىر ئۆمۈر كۆزى كۆرمەي ئۆتەتتى. يەنە لېكىن ئەمما بىراق قىزنىڭ كۆزى كۆرگەن بولسىمۇ ئۆزى سۆيگەن يىگىت يېنىدا ئەمەس. !g?| 9  
a;rdQ>  
مىنڭچە شائىردا جۇرئەتلا كەم ئەمەس، ئادىمىيىلىكمۇ كەم.  چۇنكى ئۇ قىزنىڭ كۆزى كۆرمەس ئىكەنلىكنى تۇنجى بىلگەن چاغدىلا ئۇنىڭغا مەن سىزنىڭ كۆزىڭىز بۇلاي دىيەلمەي قىچىپ كەتتى. كىيىنكى قىتىم دىەندە ئۇ ئاللىقاچان كىچىككەن، چۇنكى قىزنىڭ كۆزى بار بولغانلىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى قىز ئاللىقاچان باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۇپ بولغان. بىراق شائىردەك ئادەملەر مۇتلەق كۆپ ساندا، ئەمما قىزنىڭ يىگىتىدەك پەزىلەت ئىگىلىرى بەكلا ئاز.
سەپەر قىلىڭلار، ساغلام ۋە رىزىقلىق بۇلىسىلەر.