مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 236 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: نـەۋايـى ۋە ئـانـا تـىـل غـۇرۇرى
تارىم
ھايات_ ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەشتۇر!
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 2284
ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2284دانە
ياخشى باھا: 729 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 9564 سوم
تۆھپىسى: 22726 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 3732(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:03

2 نـەۋايـى ۋە ئـانـا تـىـل غـۇرۇرى

نەۋايى ۋە ئانا تىل غۇرۇرى qL+y8*  
Y-c~"#  
t5Mo'*j =  
ئەسئەت سۇلايمان
.} 
F i/G, [q  
XZ&v3ul  
l9ihW^  
تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىللارنىڭ بىرى . ياكۇب گرىم :«بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر . بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان - سۆڭەك ، قەبرە - كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇلارنىڭ تىلىدۇر» دەيدۇ . دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىغا نەزەر تاشلىساق، بىر ئەل ياكى بىر خەلقنىڭ مەدەنىيىتى گۈللەنگەن دەۋرى دەل ئۇلارنىڭ مىللىي تىلىنىڭمۇ زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ۋە تاكامۇللاشقان دەۋرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. (}}8DB  
نەۋايى ياشىغان دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر مەدەنىيەت، ئەدەبىيات - سەنەت، پەلسەپە ۋە باشقا ئاڭ فورماتسىيىلىرىدە جىددىي ئىسلاھاتقا دۇچ كېلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە تۈركىي تىلىنىڭ ئىستىقبالى مەسىلىسىدىمۇ كەسكىن ئويلىنىشقا توغرا كەلدى. چۈنكى ئوتتۇرا ۋە يېقىن شەرقتە ئىسلامىيەت غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ تەسىر دائىرىسى غەربتە ئىسپانىيىدىن شەرقتە جۇڭگو چېگرىسىغىچە بولغان كەڭ تېررىتورىيىلەرگە يېتىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىككە كەلگەن ئىمپېرىيە ئىچىدە ئەرەب ئىسلام مەدەنىيىتى مىسلىسىز دەرىجىدە گۈللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتى. ئەرەب تىلى ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان «قۇران كەرىم»نىڭ تىلى سۈپىتىدە پۈتكۈل ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ دىن، ئالاقە ۋە ئىلىم - پەن تىلىغا ئايلاندى ھەمدە باشقا مىللىي تىللارنى بارغانسېرى چەتكە قېقىشقا باشلىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەرەب ئىمپېرىيىسى تەۋەسىدىكى مەدەنىيەتلىك خەلق پارسلار ئەڭ ئالدى بىلەن مىللىي تىل مەسىلىسىدە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇردى. پارس زىيالىيلىرى تەرەپ - تەرەپتىن ھەرىكەتكە كېلىپ، مەدەنىيەتتە ئەرەب تىلىنىڭ يېگانە مونوپوللىقىغا قارشى تۇردى. پارس تىلىدا ئەسەر يېزىپ ،«شۇئوبىيە»ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان مەدەنىيەت ئىسلاھاتىنى قوزغىدى ۋە مىللىي مەدەنىيەت تىرىلىشى ئېلىپ باردى. بۇنىڭ بىلەن مىلادىيە 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىن باشلاپ ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى، يەنى خۇراسان رايونىنى مەركەز قىلغان ھالدا دارى پارس تىلى قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. دارى پارس تىلى پەھلەۋى تىلىنى ئاساس قىلىپ، ئەرەب تىلى بىلەن بولغان رىقابەت جەريانىدا شەكىللەنگەن كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىر پارس ئەدەبىي تىلى ئىدى. ئۆز دەۋرىدە رۇداكى ( 850 - 941 ) ، فىردەۋس ( 940 - 1020 ) قاتارلىق شائىرلار دارى پارس تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بېرىپ، پارس ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس ياراتتى ۋە ئەرەب تىلىنىڭ ئىران ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مونوپوللۇقىغا خاتىمە بەردى. C|J1x4sb@  
11 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن 15 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان جەريان پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللەنگەن دەۋرى ھېسابلىنىدۇ. مانا مۇشۇ ئۇزاق جەرياندا پارس ئەدەبىي تىلى ئىران تەۋەسىدىن ھالقىپ چىقىپ، شىمالىي ھىندىستان، پامىر، ماۋەرا ئۇننەھر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىرىغا، جۈملىدىن چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇئەييەن رول ئوينىدى. 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە پارس تىلى ئەرەب تىلىنىڭ شەرقىي رايونلاردىكى تەسىرىگە تامامەن خاتىمە بەردى. بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا پارس تىلىنىڭ تەسىرى كۈچىيىپ، تۈركىي تىلى بىلەن بىۋاسىتە رىقابەتلەشتى. تۈركىي تىللىرىنىڭ لۇغەت تەركىبىگە پارس تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى كۆپلەپ ئۆزلىشىشكە باشلىدى. S+y2eP G  
شۇنداق قىلىپ ، 15 - ئەسىرگە كەلگەندە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىرى جىددىي كرىزىسقا دۇچ كەلدى. پارس تىلىنىڭ كۈچلۈك خىرىسى ۋە كۆپ قىسىم تۈركىي ئاپتورلارنىڭ پارس تىلىدا ئەسەر يېزىشقا مەھلىيا بولۇشى تۈركىي تىلىنىڭ تەقدىرىگە تەرەققىي قىلىش ياكى كەينىگە چېكىنىش مەسىلىسىنى تاڭدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە نەۋايى دەۋرىگە كەلگۈچە بولغان ئارىلىقتا قاراخانىيلار سۇلالىسى دەۋرىدىكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەخمەت يۈكنەكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋرلەردىكى ئەخمەت يەسسەۋىي، رابغۇزى قاتارلىقلار تەرىپىدىن راۋاجلاندۇرۇلغان تۈركىي ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسى خېلىلا سۇسلاشقانىدى. نەۋايى دەۋرىدە گەرچە لۇتفى، سەككاكى ۋە ئاتايى قاتارلىق شائىرلار تۈركىي تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تۈركىي تىلى بىلەن شېئىرلار يېزىپ، چاغاتاي ئەدەبىياتىنى شەكىللەندۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خۇددى نەۋايى ئېيتقاندەك، بۇ تۈركىيگۇي شائىرلارنىڭ لۇتفىدىن باشقىسى پارس ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شائىرلارنىڭ يۇقىرى بەدىئىي ماھارىتى بىلەن تەڭلىشەلمەيتتى ھەمدە كۈنسېرى ئۇلغىيىپ كېتىۋاتقان پارسگۇيلۇق ئېقىمىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى. UQcmHZ+lf  
ئەھۋال ھەقىقەتەن ئېغىر ئىدى. ئۆز دەۋرىدە خۇددى مەھمۇد كاشغەرى ئېيتقاندەك«ئەرەب تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتتەك تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان»تۈركىي تىلى ئەمدىلىكتە پارس تىلىنىڭ كۈچلۈك خىرىسىغا دۇچ كەلگەنىدى. تېمۇرىيلەر ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ھاكىمىيەت بېشىغا چىققان تۈركىي پادىشاھلار تۈركىي تىل - ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن تېمۇرىيلەر دۆلىتى يەنىلا ناھايىتى قويۇق بولغان پارس مەدەنىيىتى چەمبىرىكى ئىچىدە تۇرماقتا ئىدى. تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان بىر قىسىم ئەدىب - شائىرلار ئۆز ئانا تىلىدا ئەمەس، بەلكى پارس تىلىدا ئەسەر يېزىشنى ئابروي بىلىدىغان، ھەتتا تۈركىي تىلىدا ئەسەر يازغانلارنى مەسخىرە قىلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەنىدى. ^aW[~ c  
bC{8yV=)  
بۇنداق بولۇشنىڭ مۇئەييەن تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار ئىدى. تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىران تېررىتورىيىسىدە قۇرغان سالجۇقىيلار قاتارلىق بىر قانچە ھاكىمىيەتلىرىدە پارس تىلى ھاكىمىيەت تىلى سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە 10 - ئەسىردىن 15 - ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا پارس ئەدەبىي تىلى ۋە ئەدەبىياتى مىسلىسىز گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيادا زور تەسىر پەيدا قىلغانىدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە پارسلار بىلەن يېقىن قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىدى . پارسچە يېزىش ، ئوقۇش دولقۇنى ئەۋج ئالدى . ھەتتا بەزى تۈركىي ئەدىبلەرنىڭ پارسچىغا بولغان چوقۇنۇشى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى ، ئۇلار«پارىسىي شېكەرەست»( پارس تىلى شېكەر تىل ) ،«ئەرەبىي ھەسەلەست»( ئەرەب تىلى ھەسەل تىل ) دەپ داۋراڭ سېلىشتى . تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ تەقدىرى جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولۇپ قالدى . تۈركىي تىلى دۇچ كەلگەن بۇ ئېغىر خەۋپنى ئەلىشىر نەۋايى ھەممىدىن چوڭقۇر ھېس قىلدى . خۇددى ئۇنىڭ«شۇ ئېھتىمالغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇكى ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تالانت ئىگىلىرى پۈتۈنلەي پارس تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن - دە ، تۈركىي تىل بىلەن يازمىسۇن ، بەلكى كۆپچىلىكى يازالمىسۇن»دېگىنىدەك ، ئۇنىڭ مىللىي غۇرۇرى ئۆز ئانا تىلىنىڭ بۇ تەقدىرىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا يول قويمىدى . نەۋايى تۈركىي تىلىنىڭ شېئىرىيەتتىكى ئورنىنى ۋە شۇ ئارقىلىق تۈركىي ئەدەبىياتىنى قوغداش ئۈچۈن بەل باغلىدى . kZ9pgdI  
شۇنىڭ بىلەن نەۋايى ئۆزىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشىنى باشلىدى . ئۇ«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»دېگەن ئەسىرىدە ئۆزىنىڭ تۈركىي تىلىغا بولغان دەسلەپكى تەسىراتىنى مۇنداق بايان قىلدى :«ئەقىل يېشىغا قەدەم قويغىنىمدىن كېيىن ھەق سۇبھانەھۇ ۋەتائالا تەبىتىمگە بەخشەندە قىلغان غارايىپچانلىق ، ئەستايىدىللىق ۋە مۈشكۈلاتچىلىق روھىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن تۈركىي تىل ئۈستىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى لازىم تاپتىم . مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگىنىمدىن كېيىن ، مېنىڭ كۆز ئالدىمدا 18 مىڭ ئالەمدىن ئارتۇق بىر ئالەم نامايان بولدى ، مەن ئۇ يەردە توققۇز پەلەكتىن ئېشىپ چۈشكەن بىر زىبۇ زىننەت ئاسمىنىنى كۆردۈم . دۇرلىرى يۇلتۇزلاردىنمۇ جۇلالىق بىر يۈكسەكلىك ۋە بۈيۈكلۈك خەزىنىسىنى ئۇچراتتىم ، ئۇنىڭ يۇلتۇزلاردىنمۇ گۈزەل گۈللەر بىلەن پۈركەلگەن گۈلشىنىگە يولۇقتۇم . ئۇنىڭ ھەرىمى ئەتراپىغا ئادەم ئايىغى يەتمىگەن ، غارايىباتلىرىغا ھېچكىمنىڭ قولى تەگمىگەنىدى . ئەمما خەزىنىنىڭ يىلانلىرى دەھشەتلىك ، گۈلشەننىڭ تىكەنلىرى سانسىز ئىدى . مەن سەنەت ئەھلىنىڭ دانالىرى مۇشۇ يىلانلارنىڭ نەشتىرىدىن قورقۇپ ، بۇ خەزىنىلەردىن بەھرىمەن بولالماي ئۆتۈپتۇ ، نەزم قوشۇنىنىڭ گۈلدەستىچىلىرى مۇشۇ تىكەنلەردىن ئېھتىيات قىلىپ ، بەزمىگە لايىق گۈل ئۈزەلمەي كېتىپتۇ ، دەپ ئويلىدىم . مېنىڭ يۈكسەك ئىرادەم ، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىتىم بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىشىمگە يول قويمىدى ، مەن بۇ يەرنى تاماشا قىلىپ تويمىدىم . تالانتىم لەشكەر بولۇپ ، بۇ ئالەم مەيدانىدا ئات ئويناتتى ، خىيالىم قۇش بولۇپ ، بۇ ئالەم ئاسمىنىدا ئېگىز پەرۋاز قىلدى . دىلىم سەرراپ بولۇپ ، بۇ جەۋھەرلەر خەزىنىسىدىن ھېسابسىز قىممەتلىك ياقۇت ۋە دۇرلارنى ئالدى . كۆڭلۈم گۈل تەرگۈچى بولۇپ ، بۇ گۈلشەن رەيھانزارىدىن چەكسىز خۇشپۇراق گۈللەرنى يىغدى . » Pvw%,=41O  
نەۋايى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە ، تۈركىي تىلىنىڭ بەدىي ئىجادىيەتتىكى يوشۇرۇن كۈچىدىن باشقا يەنە ئۇنى ئىلمىي جەھەتتىن ، تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن تەتقىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى . شۇنىڭ بىلەن 1499 - يىلى ئۆزىنىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن » ( ئىككى تىل توغرىلىق مۇھاكىمە ) ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنى يازدى . نەۋايىنىڭ بۇ ئەسىرى مەھمۇد كاشغەرىنىڭ«تۈركىي تىللار دىۋانى»ناملىق ئەسىرىدىن 500 يىل كېيىن سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ساھەسىدە يېزىلغان يەنە بىر مۇھىم ئەسەر بولۇپ ، 15 - ئەسىردىكى تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىچكى ئالاھىدىلىكلىرى ۋە بەدىي ئىجادىيەتتىكى ئىمكانىيەتلىرى ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرىلگەن . "" نەۋايى بۇ ئەسىرىنىڭ ئاساسىي قىسمىدا چاغاتاي تىلى ( يېقىنقى زامان تۈركىي ئەدەبىي تىلى )نى پارس ئەدەبىي تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، چاغاتاي تىلىدىكى ئەۋزەللىكلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . چاغاتاي تىلىدا ئۇقۇمنى نازۇك جەھەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان سۆزلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ، بەزى ساھەلەرگە خاس بولغان سۆز - ئاتالغۇلارنىڭ موللۇقىنى ، تۇيۇق يېزىش ، قاپىيە كەلتۈرۈش قاتارلىق بەدىئىي ماھارەت ۋە سۆز تۈرلەش ، سۆز ياساش ئىمكانىيەتلىرىنىڭ كەڭلىكىنى نۇرغۇنلىغان مىساللار بىلەن ئىسپاتلايدۇ ؛ چاغاتاي تىلى مۇشۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ ، لېكىن شۇ چاغقىچە بىر كىم تەرىپىدىن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ، بۇ ئەزەللىكلەر يوشۇرۇن ھالەتتە قالغانلىقىنى ، تۈركىي تىللىق شائىرلار ، بولۇپمۇ ياش شائىرلار ياخشى مۇلاھىزە قىلمايلا پارس تىلىنى ئەۋزەل بىلىپ ، شېئىرنى پارس تىلى بىلەن يېزىشقا بېرىلىپ كەتكەنلىكىنى ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈركىي تىللىق شائىرلار بارغانسېرى ئۆز ئانا تىلىنى ياخشى بىلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى زور ئېچىنىش بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ ھەم ئۆزىنىڭ مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا چاغاتاي تىلى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە بەل باغلىغانلىقىنى ، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ تىلنىڭ مول بايلىقىدىن خەۋەردار بولۇپ ، چەكسىز غۇرۇرلانغانلىقىنى ، بۇ تىلنى پۇختا ئىگىلىگەن ئاساستا بەدىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىنى ئىگىلىگەن ئەسەرلىرىنى يارىتىشقا مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى ، ئاخىرىدا ئۆز ئىشىنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە بۇ ئەسەرنى يازغانلىقىنى ئىزھار قىلىدۇ .« %$x FnGb  
شۇنداق قىلىپ ، نەۋايى قەلبىگە بۈيۈك مەقسەتلەرنى پۈكۈپ ، مەردانىلىق بىلەن تۈركىي تىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ باردى ۋە تۈركىي تىلىنىڭ پارس تىلىدىن قېلىشمايدىغان گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەسەرلىرىدىكى يۇقىرى بەدىي ماھارەت بىلەن نامايان قىلدى . بولۇپمۇ بۇ دەۋردىكى تۈركىي تىلى تىرىلىش ھەرىكىتى ئۇلۇغ شائىرنىڭ ئىجادىدا يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى . شائىر ئۆزىنىڭ لىرىك شېئىرلار توپلىمى«خەزائىنۇل مەئانى»بىلەن داستانلار توپلىمى«خەمسە»دە تۈركىي تىلىنىڭ بەدىئىي قۇدرىتىنى جەۋلان قىلدۇردى . شۇڭلاشقا نەۋايىنىڭ ئۇستازى ، زاماندىشى ، بۈيۈك پارس - تاجىك مۇتەپەككۇرى ئابدۇرەھمان جامى ئۆزىنىڭ «خىرەدنامەئى ئىسكەندەر»( ئىسكەندەر ئەقىلنامىسى ) ناملىق داستانىدا نەۋايى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازىدۇ : %nh'F6bNgv  
k>CtWV5B  
تۈركىي تىلىدا داغى نەقىش كەلدى ئەجەب ، _64@zdL+  
ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ باغلىدى لەب . $\!;*SSj  
ئۇنداق گۈزەل نەقىش چۈشۈرگەن قەلەم ، ,GnU]f  
بېشىغا ئافىرىنلار ياغدۇرسۇن ئالەم . |pR$' HO  
كەچۈرسۇن فارسىيدا گۆھەر تەرگەنلەر ، \Agg6tY r  
دارى تىلىدا دۇر ، خەزىنە بەرگەنلەر . OF/)-}!  
بۇنىڭ تىلى ھەم گەر بولسا دارى ، iGMONJRO  
ماجالسىز قالاتتى ئۇلارنىڭ بەرى . UJ$:5*S=u  
m5aaY  
ئۇنىڭدىن باشقا ، نەۋايى ئۆز ئەسەرلىرىدە تۈركىي تىلىنىڭ ئۆلگەن جىسمىغا جان كىرگۈزۈپ ، جانلىق تىلدىلا قوللىنىش ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان بەزى لېكسىكىلىق سۆزلەرنى بەدىئىي ئەدىبىياتقا ئېلىپ كىردى ۋە چاغاتاي تۈركچىسىنىڭ ئەدەبىي سۆز بايلىقىنى ئاشۇردى . ئۆزبېكىستان«پەن»نەشرىياتى نەشىر قىلغان تىلشۇناس بەھرام باقايېفنىڭ«نەۋايى ئەسەرلىرى لېكسىكىسى»ناملىق ئەسەردىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، پۇشكىن ئۆز ئەسەرلىرىدە جەمىي 21197 سۆز ، شېكىسپىر 20 مىڭدىن كۆپرەك سۆز ، سېرۋانتېس 18 مىڭ سۆز ، ئابدۇللا توقاي 14 مىڭ سۆز ، ئاباي 6 مىڭ سۆز ئىشلەتكەن . ئەلىشىر نەۋايىنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىدە تەخمىنەن 1 مىليون 378 مىڭ 67 سۆز ئىشلىتىلگەن بولۇپ ، ئۇلار 26 مىڭ 35 لېكسىكىلىق بىرلىكتە ئومۇملاشقان . نەۋايى پەقەت«فەرھاد - شېرىن»داستانىدا 5431 سۆز ئىشلەتكەن . 8k^y.B  
نەۋايى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا يازغان«مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن»ناملىق ئىلمىي ئەسىرىدە تۈركىي تىلىنى فونېتىكا ، لېكسىكا ۋە گرامماتىكا جەھەتلەردىن پارس تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، تۈركىي تىلىنىڭ بەدىئىي ئىجادىيەتتىكى يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى نەزەرىيە جەھەتتىن دەلىللىدى . تۈركىي تىلىنىڭ بەزى جەھەتلەردىن پارس تىلى مۇمكىن بولمىغان ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، لېكىن تۈركىي ئاپتورلارنىڭ بۇ خىل ئىمكانىيەتلەرگە سەل قارىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ . نەۋايى بۇ ئەسىرىدە ئۆز دەۋرىدىكى پارسگۇي ئەدىبلەرگە قارىتىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ« . . . بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ، مۇخالىپ ۋە دەۋاگەرلىرىم نەۋايىنىڭ تەبىي تۈركىي تىلىغا مايىل بولغىنى ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ تەرىپىدە مۇبالىغا قىلىۋاتىدۇ . پارس تىلى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى چەتكە قېقىپ ئىنكار قىلىۋاتىدۇدەپ قالمىسۇن ، ھالبۇكى ، پارسچىنى ئەتراپلىق ئىگىلەش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش يولىدا ھېچكىم مەندىن ئارتۇق ئىش قىلغان ئەمەس . ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق - كەمچىلىك تەرەپلىرىنى ھېچكىم مېنىڭدىن ياخشىراق بىلگەن ئەمەس ». 34kd|!e,  
كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ، نەۋايى يۈكسەك ئىشەنچ بىلەن تۈركىي تىلىنىڭ پارس تىلىدىن قېلىشمايدىغان گۈزەل ۋە پاساھەتلىك تىل ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ مەنە مۇمكىنچىلىكىنىڭ چەكسىزلىكىنى قەيت قىلىدۇ . نەۋايى مەزكۇر ئەسىرىدە تۈركىي ئاپتورلارنى ، بولۇپمۇ پارسگۇيلۇققا مەھلىيا بولۇپ كەتكەن ياش شائىرلارنى ئۆز ئانا تىلىدا يېزىشقا دەۋەت قىلىدۇ ھەمدە بۇ پىكىرنى ئىلمىي ئاساسلار بىلەن دەلىللەيدۇ :« شۇ قەدەر مول ۋە نازۇك ئۇقۇملارنى ئىپادىلەيدىغان تۈركىيچە سۆز - ئىبارىلەر بىرەر كىشى تەرىپىدىن مۇلاھىزە قىلىنىپ ، ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ھالىتى كۆرسىتىپ بېرىلمىگەنلىكتىن ، ھازىرغىچە يوشۇرۇن ھالەتتە تۇرۇپ كەلدى . بىلىمسىز ھەم بېلى بوش تۈرك يىگىتلىرى ئىشنىڭ ئوڭىيىنى كۆزلەپ پارس تىلى بىلەن شېئىر يېزىشقا بېرىلىپ كەتتى . ۋەھالەنكى ، ئەگەر ئۇلار ياخشى مۇلاھىزە قىلىپ كۆرگەن بولسا ئىدى ، ئۆز تىلىدىكى شۇ قەدەر كەڭ ئىمكانىيەتلەرنى بايقىغان ۋە بۇ تىلدا ھەر خىل پىكىرلەرنى ئىپادىلەش ، خۇش سۆزلۈك ، شائىرانىلىق ۋە داستانچىلىق سەنەتلىرىنى كۆرسىتىش تېخىمۇ ئاسان بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتى . دەرۋەقە بۇ ئەمەلىيەتتىمۇ ئاسان ئىدى . يۇقىرىدا تۈركىي تىلىنىڭ كەڭ مەنىدىكى ۋە ھەر تەرەپلىمىلىكى شۇنچە دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسىتىلدى . روشەنكى ، بۇ خەلق ئىچىدىن چىققان تالانت ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ سالاھىيەت ۋە تالانتلىرىنى ئۆز تىلى تۇرغان يەردە باشقا تىل بىلەن نامايان قىلماسلىقى كېرەك ئىدى ۋە مۇنداق ئىشقا كىرىشمەسلىكى كېرەك ئىدى . ئەگەر ھەر ئىككى تىلدا يېزىش قابىلىيىتى بولسا ، ئۆز تىلىدا كۆپرەك يېزىپ ، باشقا تىلدا ئازراق يېزىش كېرەك ئىدى . بەك ئېشىپ كەتكەندىمۇ ئىككى تىل بىلەن ئوخشاش يېزىش كېرەك ئىدى . شۇ ئېھتىمالغا ھەرگىز يول قويغىلى بولمايدۇكى ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ تالانت ئىگىلىرى پارس تىلى بىلەن شېئىر يازسۇن - دە ، تۈركىي تىل بىلەن يازمىسۇن ، بەلكى كۆپچىلىكى يازالمىسۇن ، يازسىمۇ خۇددى سارتلار ( پارسلار ) تۈركىي تىل بىلەن يازغان شېئىردەك خۇش سۆز تۈركلەر قېشىدا ئوقۇيالمىسۇن ۋە ئۆتكۈزەلمىسۇن ، ئوقۇسىمۇ ھەر سۆزىدىن يۈز ئەيىب تېپىلىپ ، ھەر جۈملىسى يۈز ئېتىرازغا ئۇچرىسۇن ! » \q'fB?bS^  
:[f`HY&  
f94jMzH9z  
مانا بۇ نەۋايىنىڭ «يۈكسەك ئىرادە ، قورقۇش ۋە بىپەرۋالىقتىن خالىي تەبىئىتى»دىن ئۇرغۇپ چىققان ئانا تىل غۇرۇرى ئىدى ! ئۆز دەۋرىدە مۇنداق قاراشلارنى تىلشۇناسلىق ۋە مەنتىقە ئىلمى نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئاسان ئەمەس ئىدى . خۇددى نەۋايى :« مەن تۈرك خەلقىنىڭ خۇش تىللىرىغا بۈيۈك بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلاپ بەردىم »دېگىنىدەك ، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسلىرى ۋە ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى ئارقىلىق زامانداشلىرى ۋە ۋەتەنداشلىرىغا ئەڭ يارقىن ئۈلگە تىكلەپ بەردى . مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ، نەۋايى بىر ئۇلۇغ شائىرلا ئەمەس ، بەلكى يەنە كەسكىن نەزەرىيىچى ، مۇتەپەككۇر ۋە تۈركىي تىل ئىنقىلابىنىڭ يېتەكچىسى ئىدى . بۇنىڭ نەتىجىسىدە نەۋايى ۋەكىللىكىدىكى تۈركىي ئەدىبلەرنىڭ ئىجادىيەت مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ 15 - ئەسىردىكى ئاخىرقى قېتىملىق مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرىنى _ « كەنجى ئويغىنىش دەۋرى»نى مەيدانغا كەلتۈردى . بۇ دەۋر گەرچە تېمۇرىيلەر دۆلىتىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئەگىشىپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ، لېكىن كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى تۈركىي خەلقلەر تەپەككۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى ، تۈركىي ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى . نەۋايىنىڭ يازغىنىدەك : a BH1J]_  
8G] m7Z  
تۈرك نەزمىدە چۇ تارتىپ مەن ئەلەم ، B~z g"  
ئەيلەدىم ئول مەملىكەتنى بىر قەلەم *;E+9^:V  
]NV ]@*`tO  
دېگەن مىسرالىرىدا تۈركىي تىلىنىڭ يوشۇرۇن ھاياتىي كۈچىنى ئاشكارا قىلدى . نەۋايى باشچىلىقىدىكى تۈركىي ئەدىبلەر قوزغىغان«تۈركىي ھۈنەرەست»دولقۇنى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تۈركىي تىللىرى ، جۈملىدىن ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەدەبىي تىلىنىڭ تەرەققىياتى ۋە تاكامۇللىشىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى . M2Fj)w2   
\nAHpF  
ZNpExfGEU  
Guw|00w,Q$  
ئەسلى مەنبە:«مىراس»ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 4 - سانى uE#,c\[8  
ئىنتىرنېتتىكى مەنبە:ئوكيان تورى قامۇس سالۇنى
تېما تەستىقلىغۇچى : زۇلقەر
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-22, 05:11
-سىز كۆرۋاتقان تىما نـەۋايـى ۋە ئـانـا تـىـل غـۇرۇرى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(سىھىرگەر)
  • مۇنبەر پۇلى:+100(Kiyok) ئەسسالامۇ ئە ..
  • دەۋىر قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ،مەدەنىيەت قانچىلىك ئالغا بېسىپ كەتسىمۇ ھايا ۋە ئىپپەت قەدىرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭ!

    ــــQQ:1196769821ـــ
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    muxtak
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4979
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 22
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
    ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2458 سوم
    تۆھپىسى: 65 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 303(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:19

    ئەجرىڭىزگە كۆپ رەخمەت . ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز ... ئانا تىلنى قەدىرلەش بۇرچى ئەمدى بىزنىڭ زىممىمىزگە يۈكلەندى ....
    Kiyok
    ھەممە ئەسلىگە قايتىدۇ !
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6219
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 95
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2299 سوم
    تۆھپىسى: 73 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 903(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:42

    مانا مۇشۇ مەسىلىلەر ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ھەممىنىڭ ئېغىزىدا مۇلاھىزە قىلىنىدىغان ، ئالدىنى ئېلىشتا تەدبىر قوللىنىش مۇھىم بولغان ۋە ھەممە كىشىلەر ئورتاق ھەرىكەتكە كەلگەن ۋەزىيەت بولۇپ شەكىللەنگەن بولسا بىزنىڭ كىيىنكى تەقدىرىمىزگە زور پايدىسى بولاتتى . ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە : << بىر قەۋم ئۆز ھالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئاللاھ ئۇنىڭ ھالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ .>> دەپ ئېيىتقان . بۇنى پەقەت ھەر بىرىمىز ئەتراپىمىزدىن باشلاپ ئۆز ئائىلىمىزگىلا ۋەكىل بولۇپ تۇرۇپ تەشۋىق قىلساق خېلى چوڭ ئىش قىلغان بولاتتۇق ، بەزى غورۇرسىز ، ئۈمىدسىز ، بېلى بوش ، تەسلىمچى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ << ئەمدى ئامال يوق ، بىز تۈگۈشىمىز ، تىلىمىز كىيىن ھامىنى يوقاپ كېتىدۇ ..........>> دېگەندەك گەپلىرىنى ئاڭلىسام گاچىلا بولۇپ قالساڭ بوپتىكەن دەپ قالىمەن . مۇنبەردە مۇشۇنداق تېمىلارنىڭ كۆپلەپ يوللىنىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلىمەن ، تېما يوللىغۇچىغا تەشەككۈر ، مىللەتپەرۋەرلىك مۇشۇنداق كىچىك ئىشلاردىمۇ بولىدۇ مانا.
    كۆزۈڭنى يۇم ! كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل .
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    باياۋان
    مەن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىمەن
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3912
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 347
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە347دانە
    ياخشى باھا: 128 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2897 سوم
    تۆھپىسى: 163 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 767(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:08

    ئانا تىل -ئانا تىلنى سۆيگەن ھەر بىر مىللەت كىشىسىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىلىق تەرەققى قىلىدۇ ۋە گۈللەپ ياشنايدۇ . ھالبۇكى ، مەسئۇلىيەتسىزلىك ئانا تىل تەركىبىگە سىڭىپ كىرگەن ئەبجەش سۆزلەر ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى بۇزىدۇ . -4?xwz9o$7  
    ئۆز ۋاقتىدا ئەلىشىر نەۋائى مۇشۇنچىلىك قەتئىي مەيدان ، مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيىگە كەلگەن بولسا ھازىر ئۇنىڭدىن نەچچە چەندان كۈچەشكە ۋە ئاسراشقا موھتاج بۇلۇۋاتىدۇ . 2&gd"Ak(  
    بۇ نۇقتىنى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئوبدان ئانالىز قىلىشقا ۋە تىل ئىستېمالىدا ئىلاجى بار ئەبجەش سۆز-جۈملىلەردىن ساقلىنىشقا تېگىشلىك . تىما ئىگىسىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ~
    كىتابلاردىن قانائەت تاپالىسام ئۆزۈمنى بەختلىك ھېسابلايمەن .
    رىشتەم
    ئىنسان_ ھامان ئۆز قەلبىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادوۋكاتىد ..
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 395
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 245
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
    ياخشى باھا: 47 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3545 سوم
    تۆھپىسى: 51 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 254(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:20

    ئاباي  تىخى بىر خەۋەر ئوقۇغان ئىدىم ، دۇنيا كىلىماتىنىڭ ئىلىشى، بۇزۇلىشى  سەۋەپلىك 12 يىل ئىچىدە  دۇنيادىكى  ياۋا يولۋاسنىڭ نەسلى قۇرۇپ تۇگەيدىكەن ! -7I1Lh#M  
    دۇنيا ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمىيتې  مۇراجەت قىلىپ يولۋاسلار  قوغداپ قىلىش  ئۇچۇن ئىكئولوگىيە مىنىستىرلىكى 3 مىليارىت 500 مىليون دوللار  مەبلەغ سىلىشنى پىلانلاۋىتىپتۇ ! JFG",09]  
    PG6[l Hmi  
    ئەمدى مىنىڭ كۆز قارىشىم ! ).NcLJw_  
    cQ(}^KO  
    مۇ شۇ  مەبلەغنىڭ نەچچە  ھەسسىسىنى  سالغان بىلەن  بىزنىڭ ئۇيغۇر  تىلى  ساپلىقىنى ساقلاپ قالغىلى بولسۇنمۇ . l_c^ .D  
    <$jKy3@  
    نەۋايى قاراجىمكام ياش كىتىپ قالدى ،،، بىلمەيدۇ . 01LZE,.  
    Kajkw>z  
    زامانىمىز ئۇيغۇر مىللىتىدىكى  شالغۇتلارنىڭ ئومومى نوپوستىكى  نىسبىتىلا بۇنىڭغا جاۋاپ بولالايدۇ.
    [ بۇ يازما رىشتەم تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    ئۇخلاۋاتقان ئادەمنى ئويغاتماق ئاسان
    يالغان ئۇخلاۋاتقان ئادەمنى ئويغاتماق مۇشكۇل
    {  http://rixtam.blogbus.com  }
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    albax
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6147
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 55
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
    ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2292 سوم
    تۆھپىسى: 50 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 369(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 15:30

    بەزى يازغۇچىلارغا ، تەرجىمانلارغا ، ناخشىچىلارغا دەرس قىلىپ ئۈتۈلۈشكە تىگىشلىك ماقالە ئىدى . ئەلشىر نەۋائى تۇرك تىلىنىڭ ۋىجدانى بۇلۇشقا لايىق . شۇڭا  بىزدىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىچىدە 1-گە فارابىنى ، 2-گە ئەلشىر نەۋائىنى تىزغۇم كىلىدۇ . باشقىلارنى تىل توغرىسىدا بىر نەرسە دىگۇم يوق ، ھەر بىرىمىز تىلىمىزنى ھۆرمەتلىسەكلا،  ئاسرىساقلا  ، تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقارساقلا ئۇيغۇر تىلى مەڭگۇ ياشنايدۇ ! ھەر بىرىڭلاردىن سورايدىغىنىم : ھەر قانداق چاغدا تىلىمىزنى ھۆرمەتلەڭلار !
    ummugulsum
    ھەر بىر جان ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر.
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 11404
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 143
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە143دانە
    ياخشى باھا: 40 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2698 سوم
    تۆھپىسى: 62 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 722(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:05

    ھازىر قوش تىللىق ئوقۇتۇش يولغا قويۇلۋاتقاچقىمۇ،ئاتا-ئانىلار بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپلەردە بەك ئوقۇتۋاتىدۇ،تېخى  ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن خەنزۇچە پاراڭلاشقىنىدىن ماز بولۇپ كىتىدىكەن . توۋا دەيمەن،شۇنداقلا قىلىدىغان بولساق يەنە نەچچە يىلغىچە   ھەتتائىسمىنى  ئۇيغۇرچە دىيەلمەيدىغان بالىلارنى ئۇچرىتىدىغان ئوخشايمىز. ئانا تىلنى قەدىرلەش ھەممىزنىڭ بۇرچى.
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Kokyar
    ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرىق بول يا تاپ گۆھەر
    دەرىجە: ئۈمىدلىك ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10336
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2576
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2576دانە
    ياخشى باھا: 1402 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 262 سوم
    تۆھپىسى: 1575 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2163(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:09

    ئاڭلىشىمچە ناۋائىي يۇقىرىدا ئيتىلغان: پارىسىي شېكەرەست»( پارس تىلى شېكەر تىل ) ،«ئەرەبىي ھەسەلەست»( ئەرەب تىلى ھەسەل تىل) دېگەن سۆزنىڭ ئاخىرىغا: تۈركى ھۆنەرىست (تۈرك تىلى ھۆنەر تىلى) دېگەن سۆزنى قوشقان ئىكەن............
    ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
    ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
    ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
    ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
    ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
    HANJAR
    جەننەت+دوزاخ = كىشىلىك ھايات
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1477
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 439
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە439دانە
    ياخشى باھا: 59 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7995 سوم
    تۆھپىسى: 88 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 373(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:12

    ئانا تىل-يېزىقىمىزنىڭ تەقدىرى _ ھەر بىر ئۇيغۇرۇمنىڭ تەخىرسىز يۈرەك ساداسىدۇر ! W:WQaF`2x  
    (ئىنكاسىمنى داۋاملىق تەھرىرلەيمەن)
    سەمىمىيلىك ئىنساندىكى ئېسىل خىسلەتتۇر !
    ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ،مىللەت تۈزەلمەس!
    ھەقىقەت ئېگىلىدۇ ، سۇنمايدۇ !
    تىلى ياتنىڭ دىلى يات !
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    eltekin26
    كۈلگىن، كۈلگىنىڭ سېنىڭ سالامەت،بەختلىك،شادىمان ..
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1424
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 860
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە860دانە
    ياخشى باھا: 338 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1008 سوم
    تۆھپىسى: 342 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1470(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:34

    بىر دۆلەت تەۋەلىكىدە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەر، شۇ دۆلەت دۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتكەن تىلغا ئىختىيارى ۋە ئىھتىياج سەۋەبىدىن يېقىنلىشىشى، ئۇنى ئۆگىنىشى بىر تەبئىي يۆنىلىنىش. شۇنداقتىمۇ شارائىت ۋە مائارىپ تەلىپى يولغا قويغان ئاساستا ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇش، رولىنى جارى قىلدۇرۇش زۆرۈر. گەپ  ئۇنى قايسى ئۇسۇل، قانداق شەكىلدە ئېلىپ بېرىشتا. ھىچقانداق دۆلەت ياكى شەخس، بىر تىلنى دەپ باشقا تىلنى يوق قىلىشنى تەلەپ قىلمايدۇ ئەلۋەتتە. شۇنداقتىمۇ، قانداق قىلىپ ئانا تىل ۋە دۆلەت تىلىنى تەڭ ئىگەللەش، ئەڭ مۇھىمى ئىگەللىتىش ھەممىدىن مۇھىم. ھازىرقى مۇھىم مەسلە مېنىڭچە: ئوقۇتۇش ئۇسۇلى(ئەندىزىسى) ۋە چۈشەنچە مەسلىسى بولىۋاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا مۇۋاپىق دەرسلىك بولىشىمۇ مۇھىم دەپ قارايمەن. تىل ئۆگىنىش شەرەپ. ئانا تىلنى پىششىق بىلىش تېخىمۇ شەرەپ.
    قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.
    zumrattax
    زۇننار قىز
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14907
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 561
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە561دانە
    ياخشى باھا: 28 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4703 سوم
    تۆھپىسى: 87 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 482(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:23

    بۇ تېما ماڭا بەك ياقتى،رەھمەت ،تېما ئىگىسىگە. / $_M@>  
    جەمىيىتىمىزدە دۆلەت تىلىنى بىلمىسەك،تۇرمۇش كەچۈرگىلىمۇ بولمىسا.لېكىن شۇنداق دەپلا ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىز-ئۇيغۇر تىلىنى غېرىپسۇندۇرۇپ قويساق بولمايدۇ-دە!ئانا تىلىنڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى پەرزەنتلىرىمىزگە ئايدىڭلاشتۇرۇش  ۋە ئۈگۈتۈش-ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئولىيىتىدۇر.بۇنىڭ ئۈچۈن ئائىلىدە چوقۇم ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش ،ئەتراپىمىزدىكى  نەرسىلەرنىڭ ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ نام-ئاتالغۇلىرىنى سۆز ئۇيۇنى ئوينىتىش ئارقىلىق ئىسىگە چىڭ سېلىش،شۇنداقلا مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىمۇ ئەستايىدىل ئۈگىتىشىمىز كېرەك.بۇ توغرىلىق ئادەمنىڭ سۆزلىسە سۆزلىگۈسى كېلىدۇ دىسە!
    باشقىلارنىڭ ئەيىبىدىن تىلىڭنى يىغ،بار ئۇنىڭمۇ تىلى ،ساڭاقارالغان تىغ
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    تىلسىم
    ساداقەت بولمىغان بولسا، جەننەتمۇ يارالمىغان بول ..
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1061
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 308
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە308دانە
    ياخشى باھا: 89 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4350 سوم
    تۆھپىسى: 133 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 131(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:01

    ئانا تىلىنىپ ساپلىقى بىلەن مىللى مەدەنىيىتىنىڭ پاكلىقى ساقلىنىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈندىكى ئەبجەشلىك مىللى مەدەنيەتنىڭ تىز سۈرەتتە يىمىرلىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرمەكتە. ytiyF2Kp  
    ET.dI.R8  
    دۇنيادا كەم ئۇچرايدىغان تىلى تۇرۇپ ئۇيالماستىن، ھېيىقماستىن غەيرى تىللارنى ئۆز تىلىغا قوشۇپ كۆرەڭلىك بىلەن سۆزلەۋاتقانلارغا ھەيران بولىمەن...
    سۆيگۈدىن يارالغان زىمىن ئەۋۋىلى،
    سۆيگۈسىز گۇم بولۇر زىمىن ئاخىرى.
    تىلسىم..................................