
تۈن لىرىكىسى

نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)

چۈشلىرىمدىن بىزار بۇ ئۇيقۇ،
ئۈزۈپ قاچتى يەنە زەنجىرنى.
يۇلتۇزلارمۇ تاقەت قىلالماي،
ئاستاغىنە چەكتى پەنجىرنى.

شۇ ئەمەسمۇ تۈننىڭ ئۇزلىقى،
چولپان بىلەن زۈھەل ھەم ھۈكەر.
توقۇمىچى، پادىچى يۇلتۇز،
كۆلبەم ئارا مۇڭلۇق كۈي تۆكەر.

خىسلەتلەرگە چۆمۈلگەن كېچە،
نازۇك تۇيغۇ سالدى دىلىمغا.
ھوجىرامدىكى ئاينىڭ شولىسى،
تۇيۇلىدۇ بولۇپ لىرىكا.

كېچە بىلەن مۇڭدىشىپ شېرىن،
تالاي تۈننى ئۇلىدىم تاڭغا.
يۇلتۇزلارغا تۆككەن سىرىمنى،
ئېيتالمىدىم ئەجەپمۇ يارغا.

2010-يىلى 21-نويابىر يەكشەنبە
مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە شوتا يېزىسى
B
>
sTM 
[ بۇ يازما tvnlirikisi تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]