دۇنيادىكى غەلىتە ئۆسۈملۈكلەر OPOL-2
نىقابلانغان تاشسىمان گۈل zO)A_s.6K
بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدىكى قۇملۇقلاردا ئۆسۈدىغان بولۇپ ، ئۇنىڭ يوپۇرمىقى قېلىن ، شىرنىلىك ، رەڭگى ، شەكلى بەئەينى شېغىل تاشقىلا ئوخشايدۇ . يوپۇرمىقى كۆپ مىقداردا سۇ ساقلىيالايدۇ . گۈلى ئالتۇن سېرىق رەڭدە بولۇپ ھەر بىر تۈپتە پەقەت بىرتاللا گۈل ئېچىلىدۇ ، ئەمما شۇ كۈنىلا ئېچىلىپ سولىشىپ قالىدۇ . ئۇنىڭ بۇنداق تاشسىمان ھالەتتە بولىشى ئەمەلىيەتتە ھايۋانلارنى ئالداپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان سېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر . بۇ خىل ئۆسۈملۈك ئادەتتە قۇم- شېغىللارنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىدۇ ، بۇنداق مۇھىتتىن ئايرىلسا ياشىيالمايدۇ . 6..G/,TB
كالپۇكسىمان گۈل = i9|lU"Va
بۇ خىل ئۆسۈملۈك ترىنىداد ، توباگو ۋە كوستارىكادىكى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرىدا ئۆسىدۇ . قىزىقارلىقى شۇكى ، بۇ غەلىتە ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى «كالپۇك » ئوتتۇرسىدا ئېچىلىدۇ . ئورمانلىقتا ياغقان بىر پەس يامغۇردىن كېيىن قىپقىزىل «كالپۇك » ئوتتۇرسىدا بىر تاللا كىچىك گۈل ئېچىلىپ ، كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ .
cc`+rD5I-
ماڭالايدىغان ئۆسۈملۈك 7vO3+lT/Y;
جەنۇبىي ئامېرىكىدا بىر خىل قىزىقارلىق غەلىتە ئۆسۈملۈك بولۇپ ، زىبرە دەپ ئاتىلىدۇ . ھەر قېتىم كېلىمات قۇرغاق ، سۇ ئېغىر كەمچىل بولغاندا ئۇ يىلتىزىنى تۇپراقتىن چىقىرىپ ، توپتەك يۇمىلاق ھالەتكە كېلىدۇ . ئۇ بەك يىنىك بولۇپ ئازراق شامال چىقسىلا شامالغا ئەگىشىپ دومىلايدۇ ۋە دومىلاپ سۇ بار جايغا كەلگەندە توپتەك يۇمىلاق ھالەتتىن دەرھال ئۆزگىرىپ ئېچىلىپ ئەسلى قىياپىتىگە كېلىدۇ . ئاندىن يىلتىزىنى قايتا تۇپراق ئاستىغا كىرگۈزۈپ ، ۋاقتىنچە شۇ جايدا تۇرۇپ قالىدۇ . ]yI~S(
تۆرەلمىسىمان ئۆسۈملۈك F7[ 55RcP
بەزى ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىرىدىكى دېڭىز ساھىللىرىدا بىر خىل ئۆسۈملۈك توپى - رىزوفورا دەرىخى ئۆسىدۇ . بۇ دەرەخنىڭ ئۇرۇقى پىشقاندىن يەرگە تۆكۈلمەي ، دەرەختە ئىزچىل تۇرۇپ تاكى ئۆز يىلتىزىنى تىرەلەيدىغان ۋە يىلتىزىدىكى سۇنى سۈمۈرەلەيدىغان تاياقچە شەكلىدىكى كىچىك نوتىغا ئايلانغاندىن كېينلا ، ئاندىن شامال كۈچىدە ساھىلغا چۈشۈپ ساھىلدا قايتىدىن دەرەخ بولۇپ شەكىللىنىدۇ . vdA3
ئىسسىق قانلىق ئۆسۈملۈك ?=$=c8xw
ئاۋستىرالىيە ئالىملىرى بەزى ئىسسىق قانلىق ئۆسۈملۈكلەرنى بايقىغان ، مەيلى سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپىراتۇرسى قانچىلىك ئۆزگەرسىمۇ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ تېمپراتۇرسى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ . شۇڭا كىشىلەر بۇ خىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسسىق قانلىق ئۆسۈملۈكلەر دەپ ئاتايدۇ . مەسلەن ، پويرارىيە چېچىكىنىڭ تېمپراتۇرسى 38 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ . سىرتقى مۇھىتنىڭ تېمپراتۇرسى 20 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە ، ئۇنىڭ تېمپراتۇرسى يەنىلا 38 سېلسىيە گرادۇرس پېتى ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ . پوپرارىيە چېچىكىنىڭ بۇ خىل ئۆزىنىڭ تېمپراتۇرسىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇش ئىقتىدارى ھاشارەتلەرنى جەلىپ قلىپ ، چاڭلىشىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر . OwRH
:l
كۈلگەك دەرەخ L-SWs8
ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى رۋاندا پايتەختى كىگالىدىكى بىر ئۆسۈملۈك باغچىسىدا « ھا،ھا ... » دەپ كۈلگەن ئاۋازنى چىقىرالايدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ ، بۇ دەرەخ ئادەتتە يەتتە ، سەككىز مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ . دەرەخ غولى قېنىق قوڭۇر رەڭ .يوپۇرمىقى ئېللىپىسسىمان بولىدۇ . ھەر بىر ئارچىمىقىدا بىر تال پوستىلاق مېۋىسى بولۇپ ، شەكلى خۇددى قوڭغۇراققا ئوخشايدۇ . پوستىلاق مېۋىسى ئىچىدە نۇرغۇن كىچىك شارىكچىلارغا ئوخشاش قاسراقسىمان ئاتىلىقى ياكى ئانىلىقى بولۇپ ، پوستىلاق مېۋە ئىچىدە دومىلايدۇ . پوستىلاق مېۋىنىڭ سىرتقى پوستىدا چېكىتكە ئوخشاش نۇرغۇن كىچىك تۆشۈكلەر بولۇپ ، ھەر دائىم مەيىن شامال چىققاندا ، بۇ دەرەختىن كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ . mz)Z
=`hy
يۈز يىللىق ئۆسۈملۈك fP 4
ئافرىقىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز ساھىلىغا يېقىن تار ئۇزۇن كەتكەن قۇملۇقتىن يىراققا نەزەر تاشلىغاندا ، دەرەخ كۆتىكىگە ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەر ئاندا- ساندا كۆزگە چېلىقىدۇ . بۇ ئۆسۈملۈك ۋېلۋىچىيە دەپ ئاتىلىدۇ . 4FLL*LCNX
ۋېلۋىچىيەنىڭ شەكلى تولىمۇ غەلىتە . دەرەخ كۆتىكىگە ئوخشاش نەرسە ئۇنىڭ غولى بولۇپ ، ئېگىزلىكى 30 سانتىمېتىرغا يەتمىسىمۇ ، ئەمما ناھايىتى توم بولۇپ ، دېئامېتىرى 60 سانتىمېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ . ۋېلۋىچىيەنىڭ گەرچە ئىككى تاللا يوپۇرمىقى بولسىمۇ ، تاكى سولىشىپ قۇرۇغىچە ھەمراھ بولۇپ ، 100 نەچچە يىل ياشىيالايدۇ . شۇڭا 100 يىللىق ئۆسۈملۈك دەپ ئاتالغان . ~Psv[b=]
ئۇرچۇقسىمان دەرەخ v:.
`~h/b
ئۇرچۇقسىمان دەرەخ جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بىرازىل ئېگىزلىكىدە ئۆسىدۇ . يىراقتىن قارىماققا بىر غايەت زور ئۇرچۇقنى يەرگە قاداپ قويغاندەك كۆرۈنىدۇ . ئۇرچۇقسىمان دەرەخ 30 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسىدۇ . ئىككى بېشى ئىنىچكە ، ئۇزۇن بولۇپ ، ئوتتۇرسى توم كېلىدۇ . ئەڭ توم يېرىنىڭ دېئامېتىرى 5 مېتىرغا يېتىپ ، ئىچىگە ئىككى توننا ئەتراپىدا سۇ ساقلىيالايدۇ . يامغۇر پەسلىدە ئۇ كۆپ مىقداردا سۇ سۈمۈرۈۋېلىپ ، ساقلاپ ، قۇرغاق پەسلىدە ئىشلىتىدۇ . o&-c5X4
ئۇرچۇقسىمان دەرەخ خۇددى راۋېنلا دەرىخگە ئوخشاش قۇملۇقتىكى ساياھەتچىلەرنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدۇ .ئادەملەر پەقەت دەرەختىن كىچىك تۆشۈك ئاچسىلا سۈزۈك سۇ توختىماستىن چىقىپ كىشىلەرنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرىدۇ . 8/4i7oOC
«بىلىم-كۈچ » ژورنىلىدىن ئېلىندى .