نامازدىكى ھەرىكەتلەر گىمناستىكىدىن پايدىلىقتۇر « نورمال بولغان گىمناستىكا بىلەن نامازدىكى ھەرىكەتلەر ئوتتۇرىسىدا دەرھال كۆرگىلى بولىدىغان بەش چوڭ پەرق بار:
1 - پۈتۈن سۈننەتلىرى بىلەن تولۇق ئوقۇلغان بەش ۋاخ نامازدا 40 رەكئەت ۋە ھەر بىر رەكئەتتە 2 دىن سەجدە بولۇپ، جەمى 80 سەجدە بار. ھەركۈنى قانچە گىمناستىكىچى 40 قېتىم يەرگە ئېگىلىپ، 80 قېتىم بېشىنى يەرگە قويۇپ، يەنە تۇرۇپ بۇنچىلىك ھەرىكەتلەرنى قىلالايدۇ؟!
2 - ناماز ئاستا - ئاستا، تەمكىن ھەرىكەتلەر بىلەن ئوقۇلغانلىقتىن بەدەن بىلەن يۈرەك چارچىمايدۇ. گىمناستىكىدا بولسا، ئومۇمىي بەدەن بىلەن يۈرەك چارچايدۇ ۋە ھارغىنلىشىدۇ.
3 - ناماز كۈننىڭ بەش ئايرىم ۋاقىتلىرىدا ئوقۇلىدۇ. قانچە گىمناستىكىچى ھەركۈنى بەش قېتىم ئايرىم - ئايرىم، بەلگىلىك ۋاقىتلاردا مۇنتىزم ھالدا گىمناستىكا قىلالايدۇ؟!
4 - ناماز ئۆمرىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە پەرزدۇر. قانچە گىمناستىكىچى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر گىمناستىكىنى مۇنتىزم ھالدا داۋاملاشتۇرالايدۇ؟ يەنە تېخى ناماز سەپەردە بولسۇن، ئوڭۇشسىزلىقلار ئىچىدە بولسۇن، جەڭ مەيدانىدا بولسۇن، كېسەللىكتە بولسۇن ھېچبىر ۋاقىتتا تەرك قىلىنمايدۇ. گىمناستىكىچىلار بۇنداق شارائىتلاردا گىمناستىكىنى داۋاملاشتۇرالامدۇ؟!
5 - ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تاھارەت ئېلىش، گاھىدا غۇسلى قىلىش شەرتتۇر. ھالبۇكى، گىمناستىكا ئويناش ئۈچۈن بۇنداق بىر شەرت يوق.
ئەمدى باشقا قايتايلى:
بامدات نامىزى تۆت رەكئەت، پىشىن نامىزى 10 رەكئەت، ئەسىر نامىزى ( تەكىتسىز تۆت رەكئەت سۈننىتىنى قوشقاندا) سەككىز رەكئەت، شام نامىزى بەش رەكئەت، خۇپتەن نامىزى (ئالدىدىكى تۆت رەكئەت تەكىتسىز سۈننىتى بىلەن) 13 رەكئەت، ھەممىسى بولۇپ 40 رەكئەت بولىدۇ. بەش ۋاخ نامازنىڭ ھەر بىر رەكئەتىدە ئىككى قېتىمدىن سەجدە قىلغان مۇسۇلمان كىشى كۈندە 80 قېتىم يەرگە يېتىپ - تۇرۇش ھەرىكىتىنى قىلىدۇ. ھېچقانداق بىر گىمناستىكىچى مۇنتىزم ھالدا بۇ ھەرىكەتلەرنى قىلالمايدۇ. گىمناستىكىچىلار كۆپ ئوينىسا ئەتىگەنلىرى 20 ياكى 30 قېتىم ھەرىكەت قىلىدۇ. گىمناستىكا ھەرىكەتلىرى تېز قىلىنغاچقا گىمناستىكىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى يۈرەكلىرىنى چارچىتىدۇ. ھەرىكەتتىن كېيىن بەدەنلىرىنى ئېغىرلىق باسىدۇ. ئۇلار گىمناستىكىنى بىرەركۈن داۋام قىلدۇرالماي قالسا، بەدەنلىرىدە سېمىزلىك ۋە ماي توپلىنىش كەيپىياتلىرى يۈز بېرىدۇ. ئەمما نامازدىكى ھەرىكەتلەر ئاستا - ئاستا، تەمكىن ھالدا قىلىنغاچقا يۈرەكمۇ چارچىمايدۇ ۋە بۇ ھەرىكەتلەر كۈننىڭ ئوخشاش بولمىغان سائەتلىرىدە قىلىنغانلىقتىن ئىنساننى ھەمىشە تىنچ تۇتىدۇ، ئارتۇق سېمىزلىك ۋە ماي توپلىنىشقا توسقۇن بولالايدۇ.
ئىنسان ھاياتىدا قاننىڭ رولى ناھايىتى چوڭدۇر. يۈرەك قاننى بەدەننىڭ ئەڭ كىچىك تومۇرلىرىغا قەدەر ھەممە يېرىگە ئۇلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەمىشە قاننى پۈدەپ، ماڭدۇرۇپ تۇرىدۇ. يۈرەكنىڭ بۇ ۋەزىپىسىنى تولۇق ئورۇنلىيالىشى ئۈچۈن ئۇ تىنچلىققا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك، بىر قىسىم ھەرىكەتلەرگە موھتاجدۇر. بۇ ھەرىكەتلەر ھۇجەيرىلەرنىڭ قان بىلەن بويۇلۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقتىن، بەدەننىڭ ساقلىقى داۋام قىلىدۇ.
مۇئەييەن سائەتلەردە قىلىنغان تەن ھەرىكەتنىڭ پايدىسى ناھايىتى كۆپتۇر. بەش ۋاخ نامازدا بۇ ھالەتلەر كۆپ. چۈنكى ناماز ۋاقىتلىرى تىببىي مۇتىخەسسىسلىرىنىڭ كىشىلەرنى تەنھەرىكەت ئويناشقا تەۋسىيە قىلغان ۋاقىتلىرىنىڭ ئۆزىدۇر. تاڭ سەھەر قۇياش چىقىشتىن بۇرۇن ئۇيقۇنىڭ مەستانىلىكىدىن، چۈش ۋاقتى ئىشتىن قايتىپ ۋۇجۇدنىڭ ھارغىنلىقىدىن، ئەسىر ۋاقتى بىر كۈنلۈك ئىشنىڭ ئاخىرلىشىشى ئالدىدا بەدەننىڭ ئېغىر بىر چارچاشقا تۇتۇلغانلىقىدىن، شام ۋاقتى ئىشلارنى تۈگىتىپ كېچە ئىستىراھىتىگە تەييارلىنىشنىڭ باشلىنىشى سەۋەبىدىن، خۇپتەن ۋاقتى بىر كۈننىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن ۋۇجۇدنىڭ ھارغىنلىقى ۋە ئېغىرلىقىنى كۆتۈرۈش سەۋەبىدىن، قان يۈرۈشىشنى تەمىنلەش ۋە تەنەپپۇسنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەن ھەرىكەت قىلىشىغا ناھايىتى مۇناسىپ ۋاقىتلاردۇر.
رۇكۇ بىلەن سەجدىلەر پۈتۈن ئورگانلارنى جانلاندۇرغاننىڭ سىرتىدا، قان ئايلانمىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. رۇكۇ يەنە سىرت ۋە ئاشقازاننى كۈچلەندۈرۈشتىن باشقا، ئەينى ۋاقىتتا ئاشقازان ئەتراپىدىكى مايلارنى يوقىتىدۇ. سەجدە بولسا، ئۈچەينىڭ پائالىيەتلىرىنى ياخشىلىغاننىڭ سىرتىدا، قاننىڭ بەدەننىڭ ھەر تەرەپلىرىگە، خۇسۇسەن مېڭىگە يېتىپ بېرىشىنى تەمىن ئېتىدۇ.
ناماز ئومۇمەن بەدەننىڭ يۇقىرى قىسمىدىكى ئورگانلاردىن مايلارنى چۈشۈرۈش پائالىيىتىنى ئۆتەيدۇ. بۇ سەۋەبتىن قان بېسىمى يۇقىرىلىقىدىن ئازابلىنىدىغان بىمارلار نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلسا، ئۇلار نامازنىڭ پايدىسىنى ھامان كۆرەلەيدۇ. يۇقىرىقىلار تىببىي ساھەدىكى مەشھۇر مۇتىخەسسىسلەرنىڭ يەكۈنلىرىدۇر.
ناماز رېماتىزىمنىڭ شىپاسىدۇر 2#qcYU
تۈركيەنىڭ« gunaydin» گېزىتى 1983 - يىل 5 - ئاۋغۇست سانىــدا «فىرانسوز دوختۇرلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، رېماتىزىمنىڭ شىپاسى بەش ۋاخ ناماز» دېگەن ماۋزۇدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «فىرانسوز دوختۇرلار رېماتىزىم، بەل ۋە سىرت ئاغرىقلىرىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان كېسەللەرگە، كۈندە بەش قېتىم خۇددى مۇسۇلمانلارنىڭ بەش ۋاخ نامازلىرىدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۆز ئەينىسىنى قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇنداق قىلىشنىڭ يۇقىرىقى ئاغرىقلارغا ناھايىتى ياخشى بىر شىپا بولىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن فرانسۇز دوختۇرلار نامازدىكى ھەرىكەتلەرنىڭ ئەڭ ئنتىزاملىق ۋە پايدىلىق بولغان بىر گىمناستىكا ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلماقتا. فىرانسوز دوختۇرلار ناماز ئەسناسىدا يەرگە قاراپ ئىگىلىپ، يەنە تۇرۇشنىڭ تىز قاپاقلىرىدىكى ئاغرىقلارنى يوق قىلىدىغانلىقىنى، سەجدە قىلىشنىڭ خۇسۇسەن سىرت مۇسكۇللىرىنى كۈچلەندۈرۈشتە ئالاھىدە چوڭ پايدىلىرى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە»([1]).
مەنبە: << ibadetin getirdikleri» ناملىق ئەسەردىن. تۈركچە.
[ بۇ يازما irpan تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]