كىشىلەرگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك، بۆھتان چاپلىماسلىق ۋە كىشىلەرنى ناھەق رەنجىتمەسلىك توغرىسىدا
xva
e^gr
« ئاللاھنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى رەنجىتىدىغانلار (يەنى ئاللاھ ۋە رەسۇلۇللاھ يامان كۆرىدىغان ئىشلارنى قىلىدىغانلار ) نى ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە رەھمىتىدىن يىراق قىلىدۇ ۋە ئۇلارغا خار قىلغۇچى ئازابنى تەييارلايدۇ (57)، مۆمىنلەر ۋە مۆمىنەلەرگە قىلمىغان ئىشلارنى (چاپلاپ) ئۇلارنى رەنجىتىدىغانلار (شۇ) بۆھتاننى ۋە روشەن گۇناھنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان بولىدۇ (58)».
:35h0;8+ ـــ «قۇرئان كەرىم» سۈرە ئەھزاب
U`3?bhzua «كىمكى بىر كىچىك گۇناھ ياكى بىر چوڭ گۇناھ قىلىپ قويۇپ، ئۇنى بىگۇناھ ئادەمگە چاپلىسا، ئۇ شۇ بوھتاننى ۋە ئوپئوچۇق بىر گۇناھنى ئۆزىگە يۈكلىۋالغان بولىدۇ(112)».
| WJ]7C
ـــ «قۇرئان كەرىم»سۇرە نىسا
E)m
\KSwh ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان: «كىمكى بىر ئادەمنى پاسىق ۋە كاپىر دەپ تىللايدىكەن، تىللانغان ئادەمدە مەزكۇر سۈپەتلەر بولمىسا، بۇ تىللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېنىپ قالىدۇ.
tx[;& ; - بۇخارى رىۋايەت قىلغان.
Ww8U{f ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار قېرىندىشىنىڭ ئەينىگدۇر، ئەگەر ئۇ قېرىندىشىدا بىرەر زىيانلىق نەرسىنى كۆرىدىكەن زىيانلىق نەرسىنى ئۇنىڭدىن نېرى قىلسۇن».
T
=
pP -تىرمىزى رىۋايەر قىلغان.
=/'>.p3/S ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ناھەق رەۋىشتە بىر مۇسۇلمانىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ھەقىقەتەن ئەڭ چوڭ گۇناھتۇر .»
^kcuRJ0*$ - ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان.
7Z:HwZ جابىر ئىبنى سۇلەيىم رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دېگەن؛ بىر ئادەمنى كۆردۈمكى، كىشىلەر ئۇ ئادەمنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلاتتى، ئۇ نېمە دېسە شۇنى ئىجرا قىلىشقا ئالدىرايتى، مەن : بۇ كىشى كىم ؟ دېدىم . كىشىلەر بۇكىشىنى رەسۇلۇللاھ بولىدۇ دېدى. مەن ، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى «ئەلەيكە سالام» دەپ ئىككى قېتىم ئيتتىم ، ئۇ ماڭا«ئەلەيكە سالام» دېمىگىن، بۇ ئۆلۈكلەرگە قارىتا ئېيتىدىغان سالامدۇر، «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگىن دېدى، مەن، سەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىمۇ ؟ دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەن شۇنداق ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى دۈرمەنكى، ساڭا بىرەر زىيان-زەخمەت يەتسە ئۇ ئاللاھغا دۇئا قىلساڭ ئۇنى سېنىڭ ئۈستىڭدىن كۆتۈرۋاتىدىغان. ئەگەر سەن قەھەتچىلىك يىلىغا ئۇچراپ قالساڭ ئۇ ئاللاھغا دۇئا قىلساڭ ، ئاللاھ ساڭا ئۆسۈملۈلەرنى ئۈندۈرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر سەن بىرەر جاڭگالدا ياكى دالىدا قىلىپ ئۇلۇغۇڭ يۈتۇپ كەتسە ئۇ ئاللاھغا دۇئا قىلساڭ ئۇنى ساڭا ئاللاھ كەلتۈرۈپ بېرىدۇ»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «ھېچ بىر ئادەمنى تىللىمىغىن» ، دېدى، جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئازات بولسۇن ، قۇل بولسۇن ياكى تۆگە بولسۇن، قوي بولسۇن ھېچبىنى تىللىغىنىم يوق. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەن ئەلەيھىسسالام مۇمداق دېدى دەيدۇ، «قېرىندىشىڭغا ئۇچۇق چىراي بىلەن گەپ قىلىش چاغلىق بىرەر ياخشىلىقنىمۇ سەل چاغلىمىغىن ، بۇ ياخشىلىققا كىرىدۇ، ئىشتىنىڭنى پاقالچىغىڭنىڭ يېرىمىغىچە كۆتۈرۈپ كىيگىن، بۇنىڭغا ئۇنىمىساڭ ئوشۇقۇڭغۇچە كۆتۈرۈپ كىيگىن. ئىشتىنىڭنىڭ پۇچىقىنى سۆرەپ ماڭمىغىن ، شۈبھىسىزكى بۇ تەكەببۇرلۇققا كىرىدۇ ، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەكەببۇرلۇقنى ياقتۇرمايدۇ، بىرەر ئادەم سەندە بار نەرسە بىلەن سېنى ئەيىبلىسە، سەن ئۇنى سەن بىلىدىغان ئۇنىڭدا بار نەرسە بىلەن ئەيىبلىمە ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۇۋال ئۆزىگە بولىدۇ.
|=:@<0.' -ئەبۇ داۋۇت رىۋايەت قىلغان.
Z;~%! ئەبۇ غەفارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن بىر ئادەم بىلەن تىللىشىپ قېلىپ، ئۇنى ھەي قارا خوتۇننىڭ بالىسى دەپ تىللىغان ئىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : «ئى ئەبۇ زەر، ئۇنىڭ ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ تىللىدىڭمۇ؟ سەندە جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ ئەخلاقى بار ئىكەن. سىلەرنىڭ خىزمەتكارلىرىڭلار سىلەنىڭ قېرىنداشلىرىڭلار ھېسابلىنىدۇ. ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئىلىكىڭلاردا قىلدى، كىمكى قېرىندىشىنى (خىزمەتچىسىنى ياكى قولىنى دېمەكچى ) ئۆزىنىڭ قول ئاستىدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن، ئۆزى نېمە يىسە ئۇنىڭغا شۇنى يىگۈزسۇن، ئۆزى نېمە كىيسە شۇنى كىيگىزسۇن، ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار، ئەگەر شۇنداق ئىشلارغا سېلىپ قالساڭلار، ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار» ،دېدى.
|*J;X
-بۇخارى رىۋايەت قىلغان. H74'I}
ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىنىدۇكى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتتە خىل ھالاكەتلىك گۇناھتىن ساقلىنىڭلار دېگەندە ، ساھابىلار : ئى رەسۇلۇللا، ئۇلار قايسى گۇناھلار ؟ دەپ سورىغان. رەسۇلۇللاھ: «ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرمەك، سېھىرگەرلىك قىلماق، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرمەك، جازانىخورلۇق قىلماق، غازاقتىن قاچماق، ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئايالغا بوھتان چاپلىماق»، دېگەن. q7aqbkwz}
-بۇخارى رىۋايەت قىلغان. <75x@!
مەنبە: «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما»(مىللەتلەر نەشرىياتى،1993- يىل) دىگەن كىتاپنىڭ 19- بابى.