ئايال دېگەن نېمە ؟ D;sG9Hky
gmp@ TY=:L
fb Bu^]^S
قايسى بىر ئەدىبنىڭ : <<ئاياللارنىڭ ھۆرمىتى بولمىغان مىللەت ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ .>> دېگىنىنى بىر كىتاپتا ئوقۇغىنىم ئېسىمدە . بۇ سۆزنى يەشسەك نۇرغۇن - نۇرغۇن نۇقتىلا ئوتتۇرىغا قويىلىشى مۇمكىن . شۇڭا پەقەت ئەقىللىق تورداشلىرىمىز <<مەن ئەتراپىمىدىكى ئاياللارنى قانچىلىك ھۆرمەتلەۋاتقاندىمەن ؟ >> دېگەننى ئويلاپ باقسا ، جەمىيەتتىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلىشىنى ھە دېسىلا ئاياللارغىلا ئىتتىرىپ قويماي ، ئەرلەر ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ نېمىلىكىنى ئەستايىدىل ئويلاپ باقسا دەپ قارايمەن . جەمىيەتتە ۋە بۇ مۇنبەردە بۇ توغۇرلۇق تېمىلار كۆپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ بىراق ئەقىللىق ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇنداق تېمىلاردىن ئىبرەت ئېلىپ سەۋەبنى ئاۋال ئۆزىدىن ئىزدەشنى ئويلايدۇ ، ئەكسىچە زور كۆپچىلىك نادان ئاياللار بۇنداق سۆزلەرنى ئۆزىگە باھانە قىلىۋېلىپ ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ ، نادان ئەرلەر بولسا ئۆزىدىكىنى ئېتراپ قىلماي < شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ ، ھېڭگايمىسا بىر قانداق بولمايدۇ .> دېگەندەك ماقاللارنى ئۆگىنىۋېلىپ يەنە مەسئۇلىيەتتىن قاچىدۇ ، < شامال چىقسىمۇ لىڭشىمايدىغان دەرەخ > ئەرلەرنى نورمالسىز ، چاتاق بار ، ھېلىقىدەك دەپ قويىدۇ تېخى . مۇنبەرگە ئەقىللىق ئەرلەر ۋە ئاياللارلا كىرىدۇ دەپ ئويلىغاچقا جالالىددىن رۇمىنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيىتقان تۆۋەندىكى ھېكمەتلىرىنى سۇندۇم . مەۋلانەنىڭ بۇ ھېكمەتلىرى ئاياللىرىنى زوراۋانلىق بىلەن باشقۇرىدىغان ، ھەقىقىي ھۆرمەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئەرلەرگە ياخشى مەسلىھەت بولغۇسى . تورداشلارنىڭ بۇ سۆزلەرنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ : << ئاياللار ئەگرى قوۋۇرغىدىن يارىتىلغان ، ئۇنى تۈزلەيمەن دېسەڭ سۇندۇرىۋالىسەن ، شۇ پېتى پايدىلىنېۋىرىمەن دېسەڭ پايدىلىنىۋېرىسەن ، ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىن ، ئۇنىڭ نادانلىقىغا سەۋىر قىلغىن .>> ، << ئاراڭلاردا ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلاردۇر .>> ، << سىلەر ئۈچۈن دۇنيادا پايدىلىنىدىغان نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەر بار ، دۇنيادا پايدىلىنىدىغان ئەڭ ياخشى نەرسە ياخشى ئايال .>> دېگەن ھەدىسلىرىگە باغلاپ تۇرۇپ تەپەككۇر قىلىپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . 8Hq4ppC
RIkIE=+6
2K4Xu9-i:b
مەۋلانە جالالىددىن رۇمى مۇنداق دەيدۇ : << ئايال دېگەن نېمە ؟ بۇ - دۇنيا دېگەنگە ئوخشاش گەپ . بۇنى دېسەڭمۇ -دېمىسەڭمۇ ئۇ ئۆز تەبئىتىنى تاشلىمايدۇ . سېنىڭ سەپسەتىلىرىڭ ئۇنىڭغا پەقەت زىيان يەتكۈزىشى مۇمكىن . مەسىلەن ، بىر ناننى قوينىڭغا تىقىۋېلىپ < ھەر قانداق چاغدىمۇ ھېچكىمگە بەرمەيمەن ،كۆرسەتمەيمەن . > دەپ باق ، سەن قانچىلىك خەسسىلىك قىىلساڭ ئادەملەر ئۇنىڭغا شۇنچىلىك خىرىس قىلىدۇ . يېلىنىپ يالۋۇرۇشقا ، تەھدىت سېلىشقا ، ھاقارەتلەشكە باشلايدۇ . خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ، سەن ئايالىڭغا : باشقىلاردىن ئۆزۈڭنى قاچۇرۇپ يۈزۈڭنى كۆرسەتمە ، دەپ قانچە تاپىلىساڭ ، ئۇنى كۆرۈشنى ئىستەيدىغانلار شۇنچە كۆپىيىدۇ . چۈنكى چەكلەنگەن نەرسە ئىنساننى ئۆزىگە بەك جەلپ قىلىدۇ .... سەن تىنچ ۋە خاتىرجەم تۇرۇۋاتىمەن دەپ ئويلايسەن ، لېكىن ئۆز ئەتراپىڭدا ئۆز قولۇڭ بىلەن نارازلىق ئوتىنى ياققانلىقىڭدىن ئۆزۈڭ بىخەۋەر . ئۇنىڭ قەلبىگە ئىزگۈلۈك ئۇرۇقى چېچىلغان بولسا ، توسساڭ - توسۇمىساڭ ئۇ ياخشىلىق يولىدا ماڭىدۇ . بەس ، بۇنىڭغا ئاۋارە بولمايلا قوي ! ئەگەر ئەكسىچە بولسا ، بەرىبىر ئۇ ئۆزىنىڭ دېگىنىنى قىلماي قالمايدۇ . سېنىڭ تەقىبلىرىڭ ئۇنىڭ خاھىشىنى كۈچەيتىدۇ ، خالاس . سەن كېچە - كۈندۈز ئۇنىڭ بىلەن تالاش - تارتىش قىلىپ ئۇنى تۈزەتمەكچى ، ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۇنىڭ مەينەتچىلىكىنى تازىلىماقچى بولىسەن . ھالبۇكى ، بۇ سىناق ساڭا سەۋەبسىز بېرىلمىگەن ، ئۇنىڭ ياردىمىدە ئۆزۈڭدىكى مەينەتچىلىكنى سۈرتكىن ، دەپ بېرىلگەن . ئۇنىڭ دەشناملىرىنى قوبۇل قىل ، كۆڭلىنى ئال ، مېھرىڭ بىلەن ئۇنى ھېمايە قىل . مۇمكىنقەدەر ، ئەركەكلەرگە خاس رەشىك بالاسىدىن خالىي بولغايسەن . دېيىلمىشكى : < ئەرلەر ئاياللاردىن يۇقىرى تۇرغاي . > (قۇرئان سۈرە نىسا ، 34-ئايەت) . جاھىللار ھەقىقەتەنمۇ ئاياللاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ . چۈنكى ئۇلار قوپال ۋە باغرى تاشتۇر . ئۇلاردا رەھىم - شەپقەت ، مېھرى - مۇھەببەت ، ھىممەت - خەيرىخاھلىق ئاز بولىدۇ . ئۇلارنىڭ تەبئىتىدە ھايۋانىلىق ھۆكۈمران ، مۇھەببەت ۋە مۇرۇۋۋەت بولسا - ئىنسانىيدۇر ، جەھل ۋە خىرىس ھايۋانىيلىقتۇر . بۇنداق ئەركەكلەردىن ئەقىللىق ۋە دىلى پاك بولغان ئاياللار كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ . >> [C!*7h
4{>r_^8
(ot,CpI(I
مەنبە : ئۆزۈم ۋە << تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى >> ناملىق كىتاپ211- بەت .