مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 199 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە مۇقام پېشۋالىرى
xamxarka
ئەركىنلىك ، تېنچلىق ، مۇھەببەت ، ئېتىقاد ۋە روھ...
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7009
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 988
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە988دانە
ياخشى باھا: 120 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 15905 سوم
تۆھپىسى: 222 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1471(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 18:18

2 ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە مۇقام پېشۋالىرى



ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە مۇقام پېشۋالىرى

ئابدۇكېرىم رەخمان

ئۇزاق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا مەدەنىيەت غەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئەنە شۇ تارىخىي تۆھپىلىرىنىڭ يارقىن نەمۇنىسى __ ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىن ئىبارەت . ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بۈيۈك بەدىئىي قامۇسى .    ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر ، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يارقىن ، ئەڭ كۈچلۈك ۋە خاراكتېرلىك مىللىي خۇسۇسىيەتنى ، مىللىي ئىستېتىك پىسخىلوگىيىسىنى نامايەن قىلدى .     ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەنگۈشتىرىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا ، ئىجتىمائىي ھاياتىغا ، پىسخىلوگىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى بېيىتىدىغان ، مىللىي غۇرۇرىنى ، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان ، سەنئەت ھۇزۇرىنى ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ئۇزۇق بولۇپ كەلمەكتە .    ئۇنىڭ ئېتنىك مەنبەسى ھەققىدە شۇنى قەيت قىلىشقا بولىدۇكى ، ئۇنى قەدىمدىن كېلىۋاتقان بىر كۈيلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئالاھىدىلىكلىرى ئاساسىدا راۋاج تاپقان بىر يۈرۈش ناخشا - مۇزىكىلار : شۇنداقلا قەدىمكى كۆسەن ( كۇچا ) ، سولى (قەشقەر ) ، ئۇدۇن (خوتەن ) ، قۇجۇ ( تۇرپان ) ، ئىۋىرغول ( قۇمۇل ) ، نەغمە - كۈيلىرى ۋە دولان ناخشا - مۇزىكىرىنىڭ ئۆز -ئارا گىرەلىشىدىن ھاسىل بولغان دېيىشكە بولىدۇ . . . مۇقام ئاتالغۇسى ئۆزىنىڭ ئېتنولوگىيىلىك مەنبەسىنىڭ قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، مەلۇم سىستېمىغا سېلىنغان مۇزىكا مۇجەسسمىنى بىلدۈرىدىغان خاس نام . ئون ئىككى مۇقامنىڭ بۇنداق تۈزۈلۈش ناملىرى ئەل فارابى ، ئەبۇئەلى ئىبنى سىنا ، ئەلىشىر نەۋائى ، قىدىرخان يەركەندى ، مەلىكە ئاماننىسا ۋە تۇردى ئاخۇن ئاكا قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكا ئۇستازلىرىمىزنىڭ يېتەكچىلىكىدە ، كۆپلىگەن مۇقامچىلارنىڭ قېزىشى ، توپلىشى ۋە رەتلىشى بىلەن ھازىرقى ھالەتتە قېلىپلاشتۇرۇلغان . شۇڭا دۇنيا سەنئەت تارىخىي ئىشلەپچىقىرىش كۆرىشى ۋە سىنىپىي كۈرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى مۇھاببەت ۋە نەپرەتنى ، راھەت ۋە جاپاسىنى ، خوشاللىق ۋە جاپاسىنى ،ئارزۇ ۋە ئارمانلىرىنى ئىپادىلىگەن .   ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەلنەغمە سەنئىتى ئاساسىدا شەكىللىنىپ ، بۈگۈنكىدەك كامالەتكە يىتىش جەريانىنى تۆۋەندىكى 5 باسقۇچ ئارقىلىق چۈشىنىش مۈمكىن .

     1- باسقۇچ : يەنى ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2 - ئەسىردىن تاكى قاراخانىيلار دەۋرىگىچە بولغان يۈرۈشلەشكەن ئەلنەغمىچىلىك دەۋرى .     بۇ دەۋىردە تەڭرىتاغ ، پامىر ، كوئېنلۇن ، قارا قۇرۇم ، ئالتۇنتاغ باغرىدىكى بوستانلىقلاردا ياشىغان قەدىمكى ئۇيغۇر ئەجدادلىرىنىڭ ئەلنەغمىچىلىك سەنئىتى گۈللەپ - ياشناشقا باشلىغان ؛ كۆسەن ( كۇچار ) ، سولى ( قەشقەر ) ، دولان ( يەكەن دەرياسى ۋادىسى ) ، ئۇدۇن ( خوتەن ) ، كروران ( لوپنۇر ) ۋە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەلنەغمىچىلىك تەرەققىياتى تارىختا شۆھرەتكە ئىگە بولغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئەلنەغمىچىلىك سەنئىتى شۇ چاغلاردا غەربىي دىيار دائېرىلىرىدە نام چىقىرىپلا قالماي ، بەلكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سەنئىتىگىمۇ زور تەسىر كۆرسەتكەن . يازما مەنبەلەردىن مەلۇم بولىشىچە ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدىلا خوتەننىڭ << ئۇدۇن نەغمىسى >> خەن ئوردىسىغا مەلۇم بولغان . مىلادىدىن ئىلگىرىكى << باھادۇر >> كۈينى چىڭئەنگە ئېلىپ بارغان ، لى يەننەن بۇ چوڭ كۈيدىن پايدىلىنىپ 28 نەغمە ئىشلىگەن .     مىلادى 568 - يىلى تۈرك قاغانى مۇغانخاننىڭ قىزى ئاسنا مەلىكە ياتلىق بولغان شىمالىي جۇ سۇلالىسىنىڭ ئىمپىراتورى يۈي ۋېنۋاڭ كۆسەنلىك مەشھۇر كۈيشۇناس سۇجۇپنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كۆپلىگەن مۇزىكا - ئۇسسۇل ماھېرلىرىنى چىڭئەنگە ئېلىپ بارغان . شۇنىڭ بىلەن سۇجۇپنىڭ << ئون ئىككى تېمپىراتسىيىلىك كۈي قانۇنى >> سۇي تاڭ مۇزىكىسىنىڭ ئۇلى بولۇپ قالغان . ھەتتا ياپونىيىلىك ئالىم لىن چيەنەن ئەپەندى ئېيتقاندەك ، سۇجۇپنىڭ << ئون ئىككى تېمپىراتسىيىلىك كۈي قانۇنى >> جۇڭگو مۇزىكىچىلىقىدا مىسلىسىز يېڭىلىق كەيپىياتى پەيدا قىىلىپ ، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا ياپونىيە مۇزىكىلىرىغا تەدرىجى تەسىر كۆرسەتكەن . سۇجۇپ بىلەن بىللە چاڭئەنگە كەلگەن كۇچارلىق مۇزىكانت بەي مىندا ( ئارقاي ھاندا ) مۇ ئاتاقلىق كۈيشۇناس بولۇپ ، ئۇيغۇر ئەلنەغمىلىرىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىغا تارقىتىشتا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان . ئەينى زاماندا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى زىيارەت قىلىشقا كەلگەن ۋاڭ يەندى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئۇچۇر بېرىشىچە ، ئىدىقۇت ئوردىلىرىدا مەخسۇس ئوردا مۇزىكىلىرى بولغان .   كىيىنچە ، بۇ ئوردا مۇزىكىلىرى خەلق مەشرەپ مۇقاملىرىغا ئۆزگىرىپ ، دەسلەپكى ئىدىقۇت مۇقاملىرى ۋە قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالغان . شۇنىڭ ئۈچۈن يولداش ماۋزېدۇڭ سۈي - تاڭ مۇزىكا تارىخىي ماتېرىياللىرىغا ئاساسلىنىپ : << سۈي سۇلالىسىنىڭ توققۇز نەغمىسىنىڭ ، تاڭ سۇلاسىنىڭ ئون نەغمىسىنىڭ تولىسى غەربىي دىيار نەغمىلىرى >> ئىدى ، دېگەن ( ماۋزېدۇڭ : << مۇزىكا خادىملىرى بىلەن سۆھبەت >> ) ،     دېمەك ، ئاشۇ دەۋىرلەردە گۈللەنگەن ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىگى ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان ۋە ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ شەكىللىنىشىىدىكى ئاساسلىق مەنبەلەرنىڭ بىرى بولغان .

     2-باسقۇچ: __ قاراخانىيلار دەۋرى .    بۇ مەزگىل ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ، ئىقتىسادىي ،ھەربىي جەھەتلەردە زور تەرەققىي قىلغان بىر دەۋرى بولۇش بىلەن بىللە ، مەنىۋى مەدەنىيەت ساھەسىدىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن دەۋرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . بۇ دەۋىردە خېلى بۇرۇنلا داڭقى چىققان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر ئەلنەغمىچىلىكى مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن راۋاجلىنىپ ، يېڭىچە ئىسلام روھى سىڭدۈرۈلگەن بىر قېتىملىق زور ئىسلاھاتقا دۇچ كەلدى . بۇ تارىخىي ئۇچرىشىشىنىڭ مۇزىكا ساھەسىدىكىمۇقەررەر نەتىجىلىرى بۈيۈك ئالىم ۋە مۇزىكىشۇناس ئەبۇ نەسىر ئەل فارابىنىڭ << كىتابۇل مۇسىقۇل كەبىر >> ، << كىتابۇل مۇسىقۇل سەغر >> قاتارلىق نەزىرىيىسىگە ئائىت ئەسەرلىرىدە كاپالەت تاپتى . ئىبنى سىنا ( 1037 - 980 ) مۇ فارابى مۇزىكا تەلىماتلىرى ئاساسىدا ئون ئىككى تېمپىراتسىيە ( ئون ئىككى پەردە ) ھەققىدە توختالدى . شۇنىڭ بىلەن پەرقلىق ئاۋازلار ( لاد ) قاتارلىق ئون ئىككى پەردە ( مۇقام ) گە ئايرىش ، غەربىي دىيارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئون ئىككى تېمپىرىتسىيىلىك نەغمە - كۈيلىرىنى ئون ئىككى مۇقام بويىچە بۆلەككە ئايرىپ ، ئۇنى پەرقلىق ناملار بىلەن ئاتاش روياپقا چىقتى . نەتىجىدە ئۇيغۇرلار سېستىمىلاشقان نەغمە - كۈيلىرىنىڭ نامىنى ئەرەبچە << مۇقام >> ئىبارىسى بىلەن ئاتىدى . تېخى نەغمە - كۈيلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈشكە ئۈلگۈرمىگەن پارىسلار ، ھىندىلار ۋە ئەرەبلەر ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۈلگىسىدە فارابى ۋە ئىبنى سىنا قاتارلىقلارنىڭ مۇزىكا نەزەرىيىلىرى بويىچە ئۆزلىرىنىڭ مۇزىكىلىق ئەسەرلىرىنى تۈزۈشكە كىرىشتى .     بۇ دەۋىردە يەنى فارابى ، ئىبنى سىنا مۇزىكا نەزىرىيىلىرى ئاساسىدا ، مۇھەممەت ئىبنى مۇسا ئەل خارازەمى ، ئەررازى ، مۇھەممەت بىن مەشئۇد ئەش شىرازى ( 1310 - 1236 ) ، سەينىدىن ئابدۇلمۆمىن ئەل ئورماۋى ( ۋاپاتى 1294 - يىل ) قاتارلىق ئالىملارمۇ مۇزىكا ھەققىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى يازغان . بۇ دەۋىردە قاراخانىيلار زامانىسىدىكى شەرقىي قىسىم رايونىنىڭ بۇددا مەدەنىيىتى بىلەن غەربىي قىسىم رايونىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتى قوشۇلۇپ ، ئومۇمىيۈزلۈك بىرلىككە كېلىپ ، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ئەسلىدە بىر تۇتاش ئاتاپ كېلىۋاتقان كۆسەن مۇزىكىسى ، ئىدىقۇت مۇزىكىسى ، ئىۋىرغول مۇزىكىسى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن نەغمە - كۈي ناملىرىنىڭ ئورنىغا << مۇقام >> ئاتالغۇسىنى قوللىنىش تەڭرى تېغىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدا ئومۇملاشتى ، شۇنداقلا << ئون ئىككى مۇقام >> تەركىبىدىكى بەزى مۇقاملارنىڭ ناملىرى ئەرەب - پارىس تىللىرى بىلەن ئاتالدى . ئەمما يەرلىك مۇقاملار ، مەسىلەن ، دەۋر دولان مۇقامى ۋە قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەنىلا ئۇيغۇرچە ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلدى .     قىسقىسى . بۇ دەۋر قاراخانىيلارنىڭ گۈللەنگەن مەدەنىيەت خاسىيىتى بىلەن جانلانغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تەرەققىياتىنىڭ 2- باسقۇچ ___ سىنكرىتلىشىش باسقۇچىنى گەۋدىلەندۈردى .

    3 - باسقۇچ : ___ تۆمۈرىيىلەر دەۋرى ( ئەلىشىر نەۋائى __ 1501-1441 - دەۋرى ) .     فارابى ، ئىبنى سىنا ياشىغان ئىسلام روھى سىڭدۈرۈلگەن مۇقام ھادىسىسى ئۇلۇغبەگ زامانىسى ( 1449-1394 ) دىن كېيىن بىر بالداق يۇقىرى كۆتىرىلدى . بولۇپمۇ بۈيۈك مۇتەپەككۇر شائىر ئەلىشىر نەۋائى دەۋرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزى ھېراتقا يۆتكىلىپ ، ھەر قايسى جايلاردىكى داڭلىق سەنئەتكارلار نەۋائى ئەتراپىغا توپلاندى .     نەۋائى بۇ دەۋردە ئۆزىنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى ، ئىجادىيىتى ۋە تالانتىنى ئىنساننىڭ بەخت -سائادىتىگە ئىلىم - پەن ۋە ئەدەبىيات - سەنئەت تەرەققىياتىغا بېغىشلىدى . بولۇپمۇ ئۇ مۇزىكا ساھەسىدە ئۇستازى ئابدۇراخمان جامى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ ، ئۆز دەۋرىنىڭ داڭلىق مۇزىكا ئۇستازلىرىنى ، ئىقتىدارلىق سازەندىلەرنى ئۆز تەربىيىسىگە ئالدى . ئۇ مۇزىكا نەزەرىيىسى ھەققىدە << مەھبۇبۇل قۇلۇپ >> ، << مەجالسۇن نەفايىس >> ، << خەمساتۇل مۇتەھەييىرىن >> ، << ھالەتى پەھلىۋان مۇھەممەت >> ، قاتارلىق يىرىك ئەسەرلەرنى يېزىش بىلەن بىللە ، بەزى مۇقاملارنى ئىجادىي راۋاجلاندۇردى ۋە مۇقامنىڭ بەزى تېكىستلىرىنى يېڭىلىدى . بۇ دەۋردە يەنە نەۋائى بىلەن بىللە خوجا يۈسۈپ بۇرھانى ( نەۋائىنىڭ مۇزىكا ئۇستازى ) ، بىنايى ، مۇھەممەتئىلى ، غېرىبى ، مەۋلانە شەيىخى ، پەھلىۋان مۇھەممەت ، خوجا ئابدۇللا قاتارلىق مەشھۇر مۇزىكىشۇناسلار ھەمدە نەۋائىنىڭ شاگېرتلىرىدىن ھەسەن بارلبانچى ، مىرزا بايرام ، غىياسىدىن قاتارلىق مۇقامچىلار يېتىشىپ چىقتى . ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن فارابى دەۋرىدە شەكىللەنگەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى يەنىمۇ راۋاج تېپىپ ، كىلاسسىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولدى .    بۇ دەۋردە شۇنى ئېيتىپ ئۆتۈشكە توغرا  كېلىدۇكى ، << فارابى تىپى >> ياكى << نەۋائى تىپى >> دەپ خاراكتېرلەنگەن مۇقام تەرەققىياتىنىڭ يۇقىرىقى باسقۇچلىرىدا مۇقاملارنىڭ نامى مۆجىزى ئاتاپ ئۆتكەندەك << راك >> ، << ئوششاق >> ، << ئۆزھال >> ، << چۆل ئىراق >> ، << ئەجەم >> ، << ناۋا >> ، <<< ۋىسال >> ، << چاھار زەرپ >> ، << چارىگاھ >> ، << دوگاھ >> ، << پەنجىگاھ >> ، << مۇشاۋىرەك >> ، << بەيادەك >> ، << سىگاھ >> ، << بايات >> ، << ئىشرەت ئەنگىز >> دىن ئىبارەت ئون ئالتە مۇقامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ناملار ھازىرقىدەك يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ، چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن ، ھەر بىر قىسمى بىر قانچىلىغان نەغمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا مەنىسىدە ئەمەس ، بەلكى ئېشىپ كەتسە بىر نەچچە مەرغۇلى بولغان بىر يەككە نەغمە مەنىسىدە تىلغا ئېلىنغان .

    4 - باسقۇچ : ___ يەركەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى باسقۇچى .    بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرى چوڭ گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . بۇ باسقۇچ خۇددى ئۈچبۇلۇڭنىڭ چوققىسىدەك ، مۇقام تارىخىنىڭ يېڭى تەرەققىيات سەلتەنىتى بولۇپ قالدى .    ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ بۇ تەرەققىيات تىپىغا يەركەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان ( 1570 - 1510 ) ئوردىسىدىكى قىدىرخان ( 1571 - ؟ ) بىلەن مەلىكە ئاماننىسا ( 1568 - 1534 ) ۋەكىللىك قىلىدۇ . قىدىرخان ۋە مەلىكە ئاماننىسا رىياسەتچىلىكىدىكى بۇ قېتىملىق مۇقام ئىسلاھاتى غايەت زور تارىخىي ئەھمىيەتلىك تۆت جەھەتنى مۇھىم نۇقتا قىلدى :     بىرىنچى ، ئۆزىدىن بۇرۇنقى باسقۇچلاردا شەكىللەنگەن بارلىق ئەجەم ، ھەرقايسى تۈركىي تىللىق خەلىقلەرنىڭ ئېتنىك مەنبە ۋە مۇزىكىلىك قۇرۇلما جەھەتلەردىن پەرقلىق بولغان مۇقاملىرىنى بىر گەۋدە ئىچىدە << ئون ئىككى مۇقام >> دەپ سىنكىرېتلاشتۇرۇشقا خاتىمە بېرىلدى . يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى خەلقلەر مۇقاملىرىنىڭ ئانىسى ھېسابلانغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ مىللىي خاسلىقى گەۋدىلەندۈردى .    ئىككىنچى ، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇقاملىرىنىڭ دەسلەپكى بىخى بولغان كۈسەن ، سولى ، ئۇدۇن ، ئىدىقۇت ، ئىۋىرغۇل چوڭ نەغمىلىرىنىڭ مۇزىكا ، ناخشا ، ئۇسسۇلىدىن ئىبارەت ئۈچ تەركىبلىك خۇسۇسىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، مۇقام نامى بىلەن يورۇتۇلۇپ تۇرغان بىر قاتار ناخشىلىق ۋە ئۇسسۇللۇق مۇزىكا گۇرۇپپىلىرى ئۆز پەدىلىرى بويىچە چوڭ نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت چوڭ ئۈچ قىسىملىق قىلىپ يۈرۈشلەشتۈرۈلدى . بۇ ، مۇقام تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ، ئەڭ تۈپلۈك كېڭەيتىش ۋە رەتلىنىش باسقۇچى بولۇپ ، بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام غەزىنىسى بېيىدى ۋە سىستېمىغا ئىگە بولدى .    ئۈچىنچى ، يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىنىپ سىستېمىلاشتۇرۇلغان ۋە يۈرۈشلەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقامغا تېكىست رەتلەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى . بولۇپمۇ مۇقامنىڭ كلاسسىكلىق خۇسۇسىيىتىنى شەرت قىلغان ھالدا ئەلىشىر نەۋائىنى مەركەز قىلغان كلاسسىك ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىن ، جۈملىدىن باشقا تۈركىي تىللىق خەلق كلاسسىك لېرىكىلىرىدىكى قىسمەت تەپەككۈر دۇردانىلىرىدىن ھەمدە ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىن تېكىست تاللاندى .    تۆتىنچى ، بۇ دەۋردە قولغا كەلگەن ئون ئىككى مۇقامنىڭ تارىخىي ئۇتۇقلىرى ئىچىدە ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇ ئەسۋابلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ۋە مۇقامنىڭ مۇزىكىلىق كۈي ئېھتىياجىغا ماس ھالدا چالغۇ تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئاشۇ دەۋرلەردە ئەل فارابى ئىجادىيىتى دەپ خاراكتېرلەنگەن قالۇن ، قىدىرخان ئىجادىيىتىگە خاس ھەشتتار قاتارلىق يېڭى چالغۇلار قوبۇز ، غېجەك ، ساتار ، تەمبۈر ، راۋاب ، چاڭ ، داپ ، ناغرا ، سۇناي ، نەي ، بالمان قاتارلىق ئەنئەنىۋى چالغۇلار بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ ئون ئىككى مۇقام مۇزىكا ئوركىستېرىنى ھاسىل قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا تەڭكەش قىلىنىدىغان چالغۇلارمۇ مۇقام مېلودىيىسىگە خاس ھالدا قېلىپلاشتى .    يۇقارىقىلار ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ زور تەرەققىيات بولۇش بىلەن بىللە ، مۇقام چۈشەنچىسىدىكى يېڭى تارىخىي كونكرېت ئۆزگىرىش ھېسابلىنىدۇ ، بۈگۈنكى دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئون ئىككى مۇقام گەرچە بەش ئەسىرلىك تارىخىي مۇساپە ئىچىدە داۋاملىق راۋاجلانغان بولسىمۇ ، لېكىن ئاساسىي گەۋدىسى جەھەتتە يەنىلا سۇلتان ئابدۇرەشىدخان دەۋرىدىكى تەرتىپكە سېلىنغان  نۇسخىسىنى ئاساس قىلغان .

   5 - باسقۇچ : ____ مۇقامنىڭ يېڭى باھارى باشلانغان قىرىق يىلدىن ئارتۇق تارىخىي مەزگىل ئېلىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەت خەلقلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك ماددىي ۋە مەنىۋىي مەدەنىيىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىنغان دەۋر بۆلگۈچ مەزگىل بولدى . مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ئەدەبىيات - سەنئىتى مىسلىسىز قەدەملەر بىلەن ئىلگىرلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىللە خەلقىمىزنىڭ پىسخىك خاسلىقىنىڭ مۇزىكىلىق جەۋھىرى بولغان ئۇيغۇر مۇقاملىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ، توپلاش ، رەتلەش ۋە تولۇقلاش خىزمىتىدە خوشاللىنارلىق چوڭ ئۇتۇقلار قولغا كەلدى .    ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى تولۇقى بىلەن دەۋرىمىزگە يەتكۈزۈپ بېرىپ ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى يوقىلىش خەتىرىدىن ساقلاپ قالغان مەشھۇر مۇقامشۇناس تۇرداخۇن ئاكا ۋەكىللىكىدىكى داڭلىق مۇقامچىلار ئورۇندىغان ئون ئىككى مۇقام 50 - يىللارنىڭ بېشىدىلا سىمغا ( پلاستىنكا ) كۆچۈرۋېلىندى . بۇ ، خاتىرلەشكە ئەرزىيدىغان غايەت زور تارىخىي تۆھپە . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى ئېچىلدى . مۇقامنىڭ لېنتىغا ئېلىنغان نۇسخىسى ئاساسىدا << ئون ئىككى مۇقام >> تۇنجى قېتىم نوتىغا ئېلىنىپ ، كىتاب قىلىنىپ نەشىر قىلىندى .     مۇقامنى سەھنىلەشتۈرۈش ، تەشۋىق قىلىش ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىغا يۈزلەندۈرۈش خىزمىتىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەندى . پۈتۈن دۇنيا مۇزىكا ساھەسىدىكىلەر بۇ ۋاقتى ئۇزاق ، تۈزۈلمىسى گۈزەل ، تەركىبى باي ، قىممىتى يۇقىرى ، چوڭ ھەجىملىك مۇقام غەزىنىسىگە يېڭى قىزىقىش نەزىرىنى سالدى .    1991 - يىلى ئون ئىككى مۇقامنى قېزىش ، توپلاش ، قايتىدىن تولۇق يۈرۈشى بويىچە رەتلەپ چىقىش ، لېنتىغا ئېلىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقى ، سەھنىلەشتۈرۈلگەن << چەببىيات >> مۇقامىنىڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن << 4 - نۆۋەتلىك جۇڭخۇا ئاۋازى مۇزىكا كۆرىكى >> دە ئالقىشلىنىپ ، يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلىكى ، ئەنگىلىيىنىڭ پايتەختى لوندون شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن << تۇنجى نۆۋەتلىك خەلقئارا ئەنئەنىۋى مۇزىكا بايرىمى >> دا ، ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ ياڭراق ساداسى بۈيۈك برتانىيە ئارىلىنى قاپلىغانلىقى ، شۇنداقلا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساداسىنىڭ تەڭرى تاغلىرى ۋادىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ گېرمانىيە ، شۋېتسارىيە ، بېلگىيە ، گوللاندىيە ، قازاقىستان ، ئۆزبېكىستان ، قىرغىزىستان ، ئىران ، پاكىستان ، ياپونىيە ، مالايسىيا ، سىنگاپور ۋە شىياڭگاڭ قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايۇنلاردا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكى ؛ << ئون ئىككى مۇقام >> نىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە مۇقام يۇرتى يەركەنتدە مۇقامشۇناس مەلىكە ئاماننىسانىڭ ھەيۋەتلىك مەرمەر ھەيكىلى قەد كۆتۈرۈپ ، تۈركۈم - تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلغانلىقى ؛ رايونىمىزنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچىدە << مۇقام ئانسامبىلى>> ۋە << ئون ئىككى مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتى >> نىڭ قۇرۇلغانلىقى قايتا گۈللىنىش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتقان يىپەك يولىدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقام ساداسىنىڭ مەڭگۈ ياڭرىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، ئەلۋەتتە !




مەنبە : نىلۇپەر تورى
[ بۇ يازما xamxarka تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : HANJAR
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-21, 10:21
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە مۇقام پېشۋالىرى,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+20(menggutax)
  • مۇنبەر پۇلى:+100(DILNAZUK) ئېسىل تېما ، ..
  • يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Kokyar
    ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرىق بول يا تاپ گۆھەر
    دەرىجە: ئۈمىدلىك ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10336
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2576
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2576دانە
    ياخشى باھا: 1402 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 262 سوم
    تۆھپىسى: 1575 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2164(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 18:50

    ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا گۆھىرى ھېساپلىنىدۇ..
    ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
    ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
    ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
    ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
    ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
    tagnur
    كىملىك گۇۋاھنامىسىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشكەن ھالدا ،ئۆ ..
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 77
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1930
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1930دانە
    ياخشى باھا: 526 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 21977 سوم
    تۆھپىسى: 393 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3398(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:23

    مەن قايسى كۈنى مۇشۇ مۇنبەردە ئون ئىككى مۇقام بىلەن مۇقامغا بىرلەشتۇرۇپ ئوينالغان بىزنىڭ مىللىي نەپىس ئۇسۇلىمىزنى گۆھەر دىسەم بەزىلەر مىنى تەنقىتلەپ كەتكەن ئىدى ،ئاشۇلار مۇشۇ تېمىنى قايتا كۆرۈپ چىقسا بوپتىكەن .
    ئانا تىلغا كەلگەندە خىرىس ،
    ئۆزگە تىلغا بولغاندا ھىرىس  ،
    شۇنچە يىللىق ئىسىل ئەنئەنە ،
    داۋام ئىتىپ بولغاندا چىرىش .
    ئاھ ! تىلىم دەپ يۈرەك يىغلايدۇ !؟
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    ziyaliy
    زىيالىي
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18074
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 62
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
    ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 923 سوم
    تۆھپىسى: 1 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:25

        جۇڭگۇنىڭ مۇزىكانتلىرى ، جۇڭگۇ مۇزىكا قامۇسى دېگەن كىتاپقا  خەنزۇ(ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ) مۇزىكىسىنىڭ غەربىي يۇرت مۇزىكىسىدىن كۆپلەپ ئۇزۇق ۋە  تەقلىد،ئۆزگەرتىش ئېىلىپ بارغانلىقىنى كىرگۈزگەن ، بولۇپمۇ  غەربىي خەن، تاڭ دەۋرىدە گەۋدىلىك بولغان، ھەمدە ئېنىق تارىخ قالدۇرۇلغان.  
    زىيالىيلار مىللەتنىڭ روھىي يۆلەنچۈكى ھەمدە كەلگۈسى ئۈمىدى!
    musilina
    ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 120
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 1862
    ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1862دانە
    ياخشى باھا: 463 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 20281 سوم
    تۆھپىسى: 330 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 705(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:30

    ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىزنىڭ پەخىرىلىنىشكە تېگىشلىك مەدىنىي مىراسلىرىمىزنىڭ بىرى، ئون ئىككى مۇقامنى  يىغىپ -رەتلەشتە مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ....
    ئەھمىيەتلىك تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، قايسى كۈنىدىكى خانىش ئاماننىساخانغا باھا بېرىش مەزمۇن قىلنغان تېمىدىن كۆڭلۈم شۇنداق غەش بولغان ئىدى.....
    مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Declan
    Life is a tragedy, I was starring
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 63
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1411
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
    ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7544 سوم
    تۆھپىسى: 3660 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1077(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:35

    ئامانىساخانغۇ بىزگە 12 مۇقامنى قالدۇرۇپتۇ !
    ---
    ئەگەر ئابدىرەشىت خان ئۇنى ئالمىغان بولسا ئۇ چاغدا بىزگە كىم نىمىنى قالدۇرىتى ؟
    ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟
    مىسىرانىم ! تور دۇنياسىدىكى باشلامچىم  !
    narkos
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15720
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 53
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
    ياخشى باھا: 22 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2193 سوم
    تۆھپىسى: 55 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 558(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 19:51

    مۇقاملىرىمىز نىمە دېگەن مۇڭلۇق ھە !!
    مۇقامغا قارشى چىققۇچىلارغا: " ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك" مۇقام بىزگە نېمە قىلىپ بەردى، بىزنىڭ مۇقامدىن باشقا نىمىمىز دېگەن گەپنى بەك جىق ئاڭلاپ كەتتۇق ...
    شۇڭا قانداق كىرگەن بولساڭلار شۇنداق چىكىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
    قورقىمەن، ئۆلەرمەن بولۇپ ياشاشتىن قورقىمەن!!
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    شەرەپ
    بىرنى بىر دىگۈلۈك!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10414
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 301
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە301دانە
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4666 سوم
    تۆھپىسى: 114 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 848(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-15
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 21:36

    مۇقام- بىزنىڭ ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ گۆھىرى.
    قولدىن چىقىپ كەتكەن نەرسىنىڭ باھاسى قىممەت بۇلىدۇ!
    Kiyok
    ھەممە ئەسلىگە قايتىدۇ !
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6219
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 95
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە95دانە
    ياخشى باھا: 36 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2299 سوم
    تۆھپىسى: 73 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 904(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:11

    شۇنداق ياخشى تېمىغا يېزىلغان ئىنكاسلارنىڭ بىر بەتتىنمۇ ئاشماسلىقى نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق ، مانا بۇ خەلقىمىزنىڭ مۇقامغا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ ئاجىزلىقى ياكى قارىشىنىڭ خاتالىقى ، مۇقامنى پەقەت ناخشا - مۇزىكا دەپلا قارىغانلىقىدا .
    شۇڭا مۇقامنى تەتقىق قىلىپ مەدھىيە - ئالقىشلارغا ئېرىشىۋاتقانلار خەنزۇ ياكى بىر قىسىم چەتئەللىكلەر ، ئۇيغۇرلادىنمۇ خېلى كۆپ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان ئادەملەر ساناقلىقلا . مۇقاملىرىمىز تاشقى جەھەتتىن سەنئەتكىلا تەۋەدەك كۆرۈنگەچكە ھازىرقى غەرىپنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرىنى جېنى دەپ بىلىدىغان ياشلىرىمىزغا نىسبەتەن بۇ بىر <<مەتۇ>> نەرسە بولۇپ قالدى ، بۇنى كىمدىن كۆرىمىز ؟ ھەي ......!
    كۆزۈڭنى يۇم ! كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل .
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    manggu
    نىشانىم مەڭگۇ تىرىشىش !!!
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15809
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 45
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1166 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 56(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-31
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 14:30

    مۇقام بىزگە نىمە قىلىپ بەردى دەيدىغانلار  چوقوم مۇزىكا ئېڭى يوق ھاماقەتلەر .........12 مۇقام- بىزنىڭ ۋە شۇنداقلا دۇنيانىڭ مۇزىكا گۆھىرى
    ★   مەڭگۇ   ★
    بۇ يوللار ئۇزۇن ھەم ئەگىرى توقاي ، ئەگەر ھايات ماڭا چاقچاق قىلسا ،مەن ئۇنىڭ بىلەن  مەڭگۇ   كۆرەش قىلىمەن !!!   ←214→
    mingyoll
    ئىش  ئۆملىكتە، كۈچ بىرلىكتە.
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16311
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 37
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
    ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1155 سوم
    تۆھپىسى: 43 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 81(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-04
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 10سائەت ئىلگىرى 11:10

                
    شىنجاڭ بۇغرام ئېلان تور مۇلازىمەت چەكلىك شېركىتى
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    aragon
    1+1=3
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1132
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 116
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە116دانە
    ياخشى باھا: 29 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2158 سوم
    تۆھپىسى: 53 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1183(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 10سائەت ئىلگىرى 11:34

    مۇقام بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىنى،جىنى، ھاياتى، مەنىۋى تۈۋرىكى، ھاياتلىقىمىزنىڭ بىردىنبىر سەۋەبچىسى،پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل ئىنسانىيەت سەنئىتىنىڭ بىردىنبىر پادىشاھى. ئەگەر مۇقام بولمىسا تەڭرى تىغى گۈمۈرلۈپ چۈشەتتى، پۈتكۈل ئۇيغۇر پۇشتى تىنىقىدىن توختاپ ئۆلەتتى، شىنجاڭ زىمىنى قەدىمى كىرورەندەك خارەبىلىككە ئايلىناتتى.   مۇقام بولغاچقا بىز دۇنياغا تونۇلدۇق،   دۇنيا مىللەتلىرنىڭ ئالدىدا مۇقام يۇرتىنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن  قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ يۈرمەكتىمىز.    مەلىكە ئاماننىسا مۇقام رەتلەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەت مەنىۋىيىتىنى قۇتقازدى، ئىنسانىيەتتىكى رەزىللىكنى مۇقاملىرى ئارقىلىق مۇھاببەتكە ئايلاندۇردى،
    ئۇنىڭ تۆھپىلىرى ئالدىدا ئىينىشتىيىن مايلامچىلىق قىلسۇن، يۈسۈپ خاس ھاجىپ پايپاق ساتسۇن، نىيوتون، گالىلى، كوپىرنىڭ،ئىدىسون....لار بىر چەتتە تۇرسۇن،
    ئىشقىلىپ ئۇنىڭ تۆھپىلىرىنى ئىنسانىيەتلا ئەمەس ،پۈتكۈل كائىناتتىكى تاشقى پىلانىت
    ئادەملىرمۇ مۇئەييەللەشتۈردى،    چۈنكى مۇقام قۇياش كەبى پۈتكۈل كائىناتتىكى
    بارلىق يۇلتۇزغا مۇھاببەت ،ئىللىقلىق ئاتا قىلىپ كەلمەكتە....
    ئاھ- مۇقام  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!  

                  مۇقام بىلەن ھايات بەندىمەن،
                  مۇقامسىز گەر تىرىك مۇردىمەن.
                   مۇقام بولغاچ سوقار بۇ يۈرەك،
            ئاھ مۇقام--- جىنىم مۇقام--- ھاياتىم مۇقام
            ماماتىم مۇقام---ئاشىقىيم مۇقام--- كۆز نۇرۇم مۇقام.......

      
    ئەركەككە قەسەم كىرەك ئەمەس، ئەركەكنىڭ قىلغان ھەر-بىر سۆزى قەسەم~ ~ ~