سىتودىنتلار رىسالىسى
F.(W`H*1+ پايدىسىز ساختا ئىشلارنىڭ سەل-پەل تىۋىشىنى سىزىپ قالساڭ قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلايسەن.(قۇلىقىڭ بۆرە كۈچىكىدىنمۇ سەزگۈر بولىدۇ.) ئەگەر ھەق سۆزنىڭ ئاچچىق ساداسى جاراڭلىسا قۇلاقسىز گاس بولىۋالىسەن.
` *hTx|!' ____ زەمەخشەرى
nYC.zc*o x تۈنۈگۈن بۈگۈندىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتا.
Bd*Ok] ____غوجىموھەممەد موھەممەد
@WXRZEz T&1-gswr: جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم تۈز دىللىق كۈزەتكۈچىلەرنىڭ سىتودىنتلىرىمىزغا بولغان نارازلىقى كۈچەيمەكتە. ھالبۇكى بۇ سىتودىنتلىرىمىزدىكى مەسئولىيەتنىڭ سىتودىنتلىرىمىز ئويلىغىنىدەك يىنىك ئەمەسلىگىنى چۈشەندۈردۇ. شۇنىسى پاكىتكى، بۇ ھەقتىكى نارازلىق يازمىلار مەتبوئات-تورلاردا ئۈزۈلمىدى. شۇنىڭ تەرىقىىسىدە ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 2010-يىللىق 4-سىنتەبىردىكى سانىدا غالىپ موھەممەد قارلۇق «سىتودىنتلىرىمىزدىكى ۋاقىت ئېڭى» تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالە ئاساسى مەزمونى، سىتودىنتلىرىمىزدىكى ۋاقىت ئېڭىنى چۆرىدەپ ئېلىب بېرىلغان. ئاپتۇر ماقالىسىدە ئالاھىدە تەكىتلەب «ئالىي مەكتەبتە نىمە تولا؟ ۋاقىت تولا» دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. دەرھەقىقەت شۇنداقتۇر. ئاپتۇر يەنە ماقالىسىدە شىنجاڭ يىزا ئېگىلىك ئۈنۋىرىستىتى ئوقوغۇچىسى ئالىمجان قادىرنىڭ «بەزى ئوقوغۇچىلار ۋاقىتنى قولىدا ئوينىتىۋاتىدۇ، بەزى ئوقوغۇچىلار ۋاقىتنىڭ قۇلى بولۇب ئۆزىنىڭ قانداق ئوقۇۋاتقانلىقى ھەققىدە تۈزۈك ئويلانمايۋاتىدۇ. بھزى ئوقۇغۇچىلار تەتىلنى سېغىنىب ، ئۆگۈنۈش خوشياقماي ئويۇن-تاماشانىڭ پەيزىنى سۈرۈب، تورخانىلاردا كۈنىنى ئۆتكۈزۋاتىدۇ». شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى بولسا بازاغا يۈگۈرەيدۇ. ياتاقتا ئۇزۇندىن - ئۇزۇن قۇرۇق پاراڭ سېلىب ئولتۇرۇش ۋە كەچتە ئۇخلىماي قارتا ئويناش، مانا بۇ ياتاق تۇرمۇشىنڭ موھىم مەزمونى، ساۋاقداشلىرىم ئىچىدىمۇ، ئالىي مەكتەب تۇرمۇشىدىن مەنىسىزلىك ھىس قىلدىغانلار كۆپرەك» دىگەن سۆزلىرىنى نەقىل ئالغان. دەرھەقىقەتتۇركى، ئېتراب قىلىش كىرەك.
;B<rw^h5 ئوقۇرمەنلەر ھەيران قالماسلىقى كىرەككى كەمىنىمۇ ئالىي مەكتەبنى ئەمدىلا پۈتتۈرگەچكە، سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ ئىشلىرى ماڭا بەش قولدەك ئايان. شۇنداق بولىشى بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە سەبداشمەن ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئەڭ يېقىندۇرمەن. شۇڭا بۇ ھەقتە ئىككى ئېغىز چالۋاقاشقا تۇتۇندۇم.
gdAd7
T سەگەكلىك بىلەن شۇنى ئېتراب قىلىشىمىز كىرەككى، سىتودىنىتلىرىمىزدىكى ۋاقىت ئېڭى ھەقىقەتەن سۇس (بۇمۇ ئەترابتىكى ھورۇن خوتۇننىڭ پايتىمىسىدەك سۆرۈلۈپ ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزدىكى ۋاقىت ئېڭى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەلۋەتتە). ئالىمجاننىڭ دىگەنلىرىمۇ، سىتودىنتلارنىڭ دەل شۇ ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىمىغانلىقنىڭ كاساپىتى. ئويلايلى! ئالىم ئابدۇشۈكۈر موھەممەدئىمىن بۇنىڭدىن 21 يىل مۇقەددەم ئېيتقان سۆزىدە «بۇ دەۋىردە بىر يىل كىيىن قېلىش ئۆتمۈشتىكى بىر ئەسىرلىك جاھالەت ئۇيقۇسىدا ياتقاندىن كۆپرەك ۋە ئېغىرراق تارىخى قىممەت يوقۇتىشنى ئۆزىگە بەدەل قىلىپ، بىزنى ئاگاھلاندۇرماقتا» دەپ ئەسكەرتكەن. شۇنداق ئىكەن، ئۆزىنى سىتودىنت دەپ چاغلاپ، نىمە قىلىشنى بىلمىگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي دىمەي تۇرالمايمىز. لىكىن ماقالە مەنتىقىسى بويىچە ۋاقىت ۋە سىتودىنتلىرىمىزنىڭ ئېڭى توغرىسىدا نىمىلەرنى دىيەلەيمىز؟
F" G+/c/L ھالبۇكى كەمىنە ماقالە كىرىشىگە غوجىموھەممەد موھەممەدنىڭ تارىم ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «گۈل ئۈزۈش» ناملىق شىئېرىدىكى «تۈنۈگۈن بۈگۈندىن بىر كۈنلۈك يىراقلىقتا» دىگەن مىسرايى ھېكمىتىنى قويدۇم. قانداقلا بولمىسۇن، ئەقلى ئويغاق سىتودىنتلىرىمىز، بۇ مىسرا ئارقىلىق ۋاقىتنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنىڭ ئېچىۋىتىلگەنلىگىنى بىلگەندۇ؟
{y|.y~vW نىمە كارامەتبۇ؟
zWN]#W` تۈنۈگۈن بىلەن بۈگۈننىڭ ئارلىقى شۇنچە يىراقمۇ؟
lib^JJF بۇ ھەقتە بەس-مۇنازىرە قىلىشىمىز كىرەككى «ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ››دىگەن ھېكمىت تېخىمۇ كونكىرتلاشتى. شۇنىسى ئېنىقكى، شائېر غوجىمۇھەممەد .موھەممەد شىئېرىدا مەڭگۈ پۇراقلىق ۋە پورەكىلىك گۈل ئۈزۋالغان ئىدى. شۇل سەۋەبكى سىتودىنتلار شۇنداق دىيىشى كىرەككى، رەھمەت شائېر غوجىموھەممەد موھەممەد! سىز بىزگە ئالەمشۇمۇل ۋاقىت ئاتاقىلدىڭىز.
hQ)?LPUB 1- سىتودىنتلار ئايدىڭلاشتۇرۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
xt@v"P2Ok تىرىش، توغرا يولدىن ئاداشما ھامان،
1)e[F#| يىگىتلىك كەتمىسۇن بىكار پايدىلان.
daB5E بويۇم ئىدى ئوقتەك كۆڭۈل ئىدى يا،
eZL!Z! كۆڭلۈم بولغاندا ئوقتەك بويۇم بولدى يا.
t[({KbIy ____«قۇتادغۇبىلىك» دىن
yp
hd'Pu" سىز ئالىي مەكتەبكە قەدەم باسقان ئىكەنسىز، ياخشى ئوقۇماسلىققا باھانە ئىزدىمەڭ، ياخشى ئوقۇشقا يول ئىزدەڭ. سىزگە يۆلەنچۈك بولمىسا ھېچكىمگە يۆلەنمەڭ. ئەگەر شۇنداق قىلمايدىكەنسىز يەنىلا ئۆزىڭىزنىڭ بۇرۇنقى ھالىتىدە قالىۋىرىسىز. ئەترابتىن قانچىلىك قاخشاڭ، مەيلى ئەقىلگە موۋاپىق بولسۇن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىز ئۈچۈن ھىچقانداق قىممىتى يوق. ئۇنىڭدىن كۆرە نىشان-ئارزۇ تۇرغۇزۇڭ.
o`~,+6]D ئۇنداقتا نىشان قانداق بولىشى كىرەك؟
Q>z(!'dw بۇ ھەقتە ھەربىر سىتودىنتنىڭ تاللىشى-خالىشى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما بۇ يەردە شۇنى ئېيتالايمىزكى كىتاب يەنىلا ھەممىگە ھەمدوست بولۇپ نىشان تىكلەشكە ھەقىقى يىتەكچى بولالايدۇ. ئۇلۇغ يۈسۈپ خاس ھاجىب بوۋىمىز مەشھۇر ئەسىرى قۇتادغۇبىلىكتە:
hZ>1n&[@ كىتاب قەدرىنى ھەم بىلىملىك بىلۇر،
1[Q~&Q
C ئەقىلسىز كىشىدىن بۆلەك نە كېلۇر.
Kk \,q? بۇنىڭدىن سىرت ھەممەيلەن ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابتىكى ئا. موھەممەد ئىمىننىڭ كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى ھەققىدىكى ماقالىسىنى ئوقۇغان. قانچىلىك چۈشۈنىشىڭىزدىن قەتتىينەزەر يەنە ئارتۇقچە توختۇلۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما بۇ يەردە شۇنى قىستۇرۇب ئۆتۈمىزكى، رۇمى «روھ ۋە تەن ئات ۋە ئات مىنگۈچىگە ئوخشايدۇ، بۇ ئۆمۈر ناھايتتى قىسقا، شىپقاپ-قىستاب تۇرمىساڭ ئۇ سىنى مەنزىلگە ئەمەس ئوقۇرغا باشلايدۇ» دەيدۇ. ھەممىمىز بىلىمىزكى ئاتقا يەم بولمىسا ئۆلىدۇ ياكى مەنزىلگە يىتەلمەيدۇ. ۋەھالەنكى ئات مىنگۈچىگە «يەم» كىرەك ئەمەسمىكەن؟ ئۇنداقتا بۇ يەم يەنىلا كىتاب بولىشى كىرەك. كىتاب ھەققىدە ئاخىرقى تەۋىسىيەكى، دانالىرىمىز دەيدۇ-«كىتاب شۇنداق ھەر جەھەتتىن پىشىپ يىتىلگەن لاتاپەتلىك قىزكى، ئۇنى يەنە داڭلىساق كوچىغا چىقىرىب قويىمىز، پەقەت ئۇنى، لاتاپىتىنى تونىيالىغانلارلا ئىزدەب ۋىسالغا يەتسۇن».
^MWp{E ئەلۋەتتە بىر قىسىم سىتودىنتلىرىمىزغا بۇ ھەقتە گەپ سېتىشنىڭ ئورنى يوق. كىچچىكىنە كۇرۇستا چەتئەل تىلى ئۆگۈنىۋاتقان بىر قانچە سىتودىنتنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە سوئالغا جاۋابى كىشىنى قانائەتلەندۈردۇ.
%~<
F7qB ئەتىگەندە ئۇخلاشنى نومۇس بىلىسىلەر! ئۇنداقتا نىمە قىلىسىلەر؟
E0A[{UA چەتئەل تىلى ئۆگۈنىمىز، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىكارچىلار ئۇخلايدۇ. كەڭ مەيدانلار بىزگە قالىدۇ. شۇنداق ئىكەن بۇ بىزگە ئالتۇن ۋاقىت ئەمەسمۇ؟
e{Mkwi+j ئۇنداقتا ناشتىلىققا يۈز كېلەلۈگىدەك ئۆگۈنۈشتىن كىيىن...
C;Kq_/l شۇنداق،يەنە كېلىب يۈسۈب بوۋىمىز ناشتىلىقنى ئالتۇنغا ئوخشاتقان. ئېيتىب بېقىڭ؟ بىز يەنە قانچىلىك ئۆگەنسەك بۇ ئالتۇنغا يۈز كېلەلەيمىز؟
w~AO;X*Ke" تاڭ سەھەردە چەتئەل تىلى ئۆگۈنىمىز دەيسىلەر. نىمىشقا ئۆگۈنىسىلەر؟
}dq)d.c ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن، ئادەم بولۇش ئۈچۈن، ئاسپىرانتلىقتا، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇش ئۈچۈن!
V4*/t#L/ نىمىشقا باكلاۋۇرلۇق ئوقۇشنى تاماملاپلا خىزمەت قىلىشنى تاللىمايسىلەر؟
:9|CpC`. كىيىن چوڭراق ئىش قىلساق دەيمىز. شۈكرى قىلمىغىنىمىز ئەمەس! ئارزو-ئارمانىمىز پەقەت شۇ ناندىلا بولسا قانداق بولغىنى؟ ئۆتكەن مەشھورلىرىمىزنىڭ باي –نامراتلىقىنى سىتاستىكىلاب كۆرمىگەن بولساقمۇ، ئەڭ مەشھور ئالىملىرىمىز يەنىلا شۇ بايلاردىن ئەمەسمۇ؟ تۇنيوقۇق باش ۋەزىر، كومراجىۋا، مەھمود كاشغەرى خان جەمەتىدىن، يۈسۈب بوۋىمىز خاس ھاجىب، نەۋائى كاتتا باي ئەمەسمۇ!
H9=8nLb. گېپىمىزگە كەلسەك، مەقسەت بىلىم ئېلىش.
,_'Z Jlx يۈسۈب خاس ھاجىب بوۋىمىز :
JGlp7wro «بىلىم بايلىق ئول گادايلاشمايدىغان،
Z(ToemF)hi قاراقچى ۋە ئوغرى ئالالمايدىغان». دىگەنىكەن.
M r~IVmtf ھېلى كىتاب ئوقۇيمىز، ھېلى چەتئەل تىلى ئۆگۈنىمىز دەپ چارچىمامسىلەر؟باشقا ئىش يوقمۇ؟
wA";N=i= چارچايمىز، بىراق تىللا ئۆگەنسەك زېھنىمىز بەك خوراب كېتىدىكەن.ھەم ئەسلىدە بولغان نۇرغۇن بىلىمىمىزدىن بىلىب-بىلمەي ئايرىلىب قالىدىكەنمىز. شۈبېھسىز، ئانا تىلىمىزدا سۆزلىسەكمۇ خۇددى جۈملە تۈزەۋاتقاندەك گومۇش بولۇب قالىدىكەنمىز. شۈبېھسىز. شۇڭا تىل ئۆگۈنىشكە ئانا تىلىمىزدا كىتاب ئوقۇشنى بىرلەشتۈرسەك ئەسلىدىكى بىلىمىمىزنى ساقلابلا قالماي تەپەككۇرىمىزمۇ بېيىيدى -كەن،شۈبېھسىز. چەتئەل تىلى ئۆگۈنىشمۇ ئاسانلىشىدىكەن. چەتئەل تىلى يۇقۇرلاب ئوقۇشتىكى موھىم ئۆتكەلنىڭ بىرسى،شۈبېھسىز!
opReAU'I شۇڭا بىز شۇنداق ئۆگۈنىمىز!
na|23jz4 موۋاپىق ۋاقىتتا ھەرخىل تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللىنىمىز. شاھمات ئوينايمىز، توپ ئوينايمىز. شاھمات- رۇمى ئېيتقان ئات مىنگۈچىنىڭ زېھنىنى ئاچىدۇ.
cw;TIx_q
توپ رۇمى ئېيتقان ئاتنى كۈچلەندۈردۇ. بولمىسا ئات نىشانغا بارغۇچە ھالىدىن كېتىدۇ.
?[8s`caK. تىل ئۆگۈنۈشكە موئەييەن ئىقتىساد كېتىدۇ، بۇنى قانداق ھەل قىلىسىلەر؟
GS,}]c= بىز ئاتا-ئانىمىز ئەۋەتكەن پۇللارنى قالايمىقان خەجلىمەيمىز، قالايمىقان پۇل خەجلىمەسلىكنىڭ ئۆزى پۇل تېپىش. ئەمما ئۆزىمىز ئورۇنلۇق دىگەن ئىشقا مەبلەغنى قورقماي سالىمىز. ھەرگىزمۇ تۇغۇلغان كۈنۈم دەپ قالايمىقان سورۇن تۈزۈب ئىسراب قىلمايمىز. ئانىمىزنىڭ بىزنى تۇققان كۈنىنى تەبركلەيمىز. ھاراق-تاماكىدىن يىراقمىز.
LII4sf] بىر چېكىم تاماكا بىر چېكىم تەسلىم
)tx!BJiZ[ بىر يۇتۇم ھاراق بىر يۇتۇم تەسلىم
i7O8f^| ...ھاياتلققا.
(7|!%IO. لىكىن بىز يەنىلا شۇنداق ئۆگۈنىمىز!
]L!:/k,=S تېخى تىجىگەن پۇللىرىمىز ساياھەت قىلىشقا يېتىدۇ. تاغ-داۋاندىن ئېشىپ، ساي-ئويمانلارنى كېزىپ سەپەر قىلىش –تۆت تام ئىچىدە ئاچ ئولتۇرۇشتىن ياخشىراق دەيدۇ ئەللامە زەمەخشەرى. ئۇنىڭسىزمۇ ساياھەتسىز ھايات ئايىقى يوق كۆلگە ئوخشايدۇ. ئەلۋەتتە ئايىقى يوق كۆلنىڭ سۈيى سېسىپ كېتىدۇ. سېسىپ كەتكۈمىز يوق. ساياھەت ئۈزلۈكسىز تەپەككۇرۇمىزنى غىدىقلايدۇ، يېڭىلىققا مايىل قىلىدۇ.يېڭىلىق ئىچىدىكى پاشا-چىۋىنلەرنى ئايرىشنى ھەم ئۆگۈتىدۇ.مۇنداقچە ئېيتقاندا كاللىمىزنى ئاچىدۇ! يىراق ئەمەس يېقىنقى تارىخىمىزنى ئەسلەب كۆرسەكلا ساياھەتنىڭ نەقەدەر قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۆتمۈشتە ئابدۇقادىر داموللام، بۈگۈنكى كۈندە پىراففىسور ئابدۇقادىر جالالىدىن، يەنە ئۆتمۈشتە مەمتېلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، بۈگۈنكى كۈندە ئەسەت سۇلايمان، زۇلپىقار بارات ئۆزباشلارنىڭ قايسى بىرى ساياھەتنى تەرك ئەتكەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ مەقسىتى نوقۇل ساياھەت بولمىسىمۇ ئەمما ساياھەت شۇ سەپەرنىڭ موھىم مەزمونى ئىدى.
Nf9$q| %! 2- نىمىشقا ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش شۇنچە زۆرۈر بولۇپ قالدى؟
NvJ}|w,Z ۋاقىت تەڭرىسى بويرۇغاندىن كىيىن، ئىنسان بالىسى ئۆلىدىغان قىلىپ يارىتىلىپتۇ!
q}p
(p( N «كۈل تىكىن مەڭگۈتېشى»دىن
xU;Q~( بىلدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگەلىرىلا ئىبرەت ئالىدۇ!
ga|-~~ سۈرە «زۇھەر» (39-سۈرە) 9-ئايەت
B"Ttr+ گەپنى يەنىلا تارىختىن باشلىغىنىمىز تۈزۈكتەك قىلىدۇ.ئابدۇقادىر داموللامنىڭ «بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىق دەۋرى ئەمەس، ئويغىنىش سەگەكلىك زامانىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر. سۇسلۇق ۋە بىكارلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرشىش ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر» دەپ ئېيتقان ئوتلۇق سادالىرىدىن قەشقەرىيەدە كۆتۈرۈلگەن جەدىتىزىملىق ھەركەتلەرنىڭ تارىخى داۋامى سۈپتىدە قەيسەر مەرىپەت جەڭچىسى مەمتېلى تەۋپىق قوزغىغان يېڭى مارىپ ھەركىتى بىزگە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىب كەلدى.باشلانغۇچ مائارىپ ئاتۇشنى مەركەز قىلىپ شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇنىڭغا چەكسىز ئالقىشلار ياڭراتتۇق. ياڭرىتىۋاتىمىز، ياڭرىغۇسى! روشەن سېلىشتۇرمىكى، شۇ باشلانغۇچ مەكتەبتە ئوقۇغانلارغا ئاپرىن ئېيتتىقيۇ ئەكىسچە ھازىرقى يېڭى ئەسىردىكى سىتودىنتلىرىمىزدىن رەنجۋاتىمىز، رەنجىيمىز. لىكىن بۇ قانداق مەنتىقە بولۇپ كەتتى دەپ ئويلايدىغانسىز، ئەمما شۇنى ئېتراب قىلىش كىرەككى شۇ جەڭگىۋار ئەجدادلىرىمىز دەۋىر تەلىپىدىن تولۇق چىققان. بىزچۇ؟ يىراقنى دىمەيلى، 90-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدىكى زىيالىلىرىمىز بىر قىسىم بۆسۈش خارەكتىرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈب دەۋىر تەلىپىدىن ئاشتى. ئۇلار ھەققىدە «بۈگۈنكى ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى» نامىدا كىتاب چىقتى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكى سىتودىنتلىرىمىزچۇ؟ تۈركۈملەب ئاسپىرانتلىق، دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشقا يۈزلىنىشى كىرەك ئىدىكى، نان قايغۇسىدا قالغانلار يەنىلا كۆپرەك بولدى. بۇ ھەقتە پىراففىسۇر ئابدۇقادىر جالالىدىن «بالىلار جەمىيەت ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىرادىسىنى ئۈن-تۈنسىز قوبۇل قىلىپ، ئەنە شۇ ئىرادىسىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا ئەكىس ئەتتۈرۈپ <ياخشى> بولۇشتىن ئىبارەت بولۇپ قالدى.مانا بۇ تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا سۈيئىستىمالچىلىق مائارىپى بولۇپ، سۈئىستىمالچىلىقنىڭ ئىنتايىن چاكىنا بىر تۈرى ھىسابلىنىشقا تېگىشلىك،بۇنىڭدا ھېچقانداق ئالىيجاناب مەقسەت يوق، تۈزۈك غايىۋى مەزمون يوق، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ ۋە مەسئولىيەت يوق، پەقەت جان بېقىشقا بولغان ئەسەبىي يېپىشقاقلىق ھالىتى بار » دەپ كۆرسەتتى. نۆۋەتتە شۇنى ھېس قىلىۋاتىمىزكى ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلار پەقەت سىتودىنتلىق دەۋرىدىلا ئاق-قارىنى ئېنىق ئايرىلالايدىغان، نىمىنى ئۆگۈنۈب نىمنىنى ئۆگەنمەيدىغان ئەقلى ھالەتنى ئۆز مەنىسىدە چۈشەنگەن ۋاقتىدۇر. دىمەك ھەقىقى ئوقۇش ئاسپىرانتلىقتا، دوكتۇرلۇقتا، چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇشتا ئىدى! شۇڭلاشقا ئاسپىرانتلىق ھەققىدە شۇنداق دەيمىزكى، ئىلگىركىلەر تارىخنىڭ، دەۋىرنىڭ تەلىپىدىن ئاشتى!
tzG.)Uqs ئەمدى، نۆۋەت ئاكاڭ قارغاينىڭ دىگۈچىلەر بارمىكىن؟
wGx*Xy1n< تەرەققى تاپقان ئەللەردىكى ياشلار ئىككى-ئۈچ پەندە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇشنى بۇرچ ھېسابلاۋاتقان ۋە جەمىيەت تەخىرسىز مەسلە دەپ قاراۋاتقان پەيىتتە بىز نىمىشقا ئاسپىرانتلىق ھەققىدە مۇلاھىزە قىلمايمىز؟ لىكىن شۇنىسى كىشىنى ئويلاندۇردىكى ياش ئالىم زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا ئىجتىمائىيەت، ئادىمىيەت پەنلىرى مەسىللىرى» دىگەن ماقالىسىدە ئاسپىرانتلاردىكى كەمتۈكلۈكنى ئاشكارلاب قويدى. بۇنىڭغا نىمە دەيمىز؟« كۆتۈرالمىساڭ ساڭگىلتىۋال بولارمۇ؟»
9:CM#N~?o قىسقىغىنە خولاسىكى، يېڭى مائارىپ ھەركىتىدىن كىيىن تاكى 90-يىللارغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى ئوموملاشقان دەۋر بولدى. مانا ئەمدى جاھان قانداق بولۇپ كەتسە چاتىقىمىز يوق، ئالىي مەكتەب مائارىپىنىمۇ تۈزۈك ئوموملاشتۇرالماي ئاڭقاۋلىق بىلەن جاھان تۇتماقتىمىز. شۇنىسى كىرزىسكى، دەۋرىمىزنى يەنە بىر مەزگىل ئاسپىرانتلىق دەۋرى قىلىپ بىكىتىۋىلىشىمىزنى كۆتەرمەيدۇ. نىشان ئۇتتۇر دوكتۇرلۇق (پەقەت ئۈنۋان ئېلىش مەسلىسى ئەمەس) بولۇش كىرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، باكلاۋۇرلۇقنى تۈگىتىب مۇئاشلىقلار قاتلىمىغا كىرىش، قاتتىق نان ئىگىسى بولۇشتەك <تەيپۇنەم>نىڭ ئېڭىنى بىتچىت قىلىش كىرەك. تەكرارلايمىزكى، مەيلى قىيداش، مەيلى قاخشاش مەسلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەس. قىيداشقا خولاسىكى شۇنىڭ بىلەن تۈگىسۇن! ئاسپىرانتلىققا يول بولسۇن. ھەممىگە كۈچ كىرەك، بەزىلەرنىڭ سەۋزىگە كۈچى يەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاشپەز بولۇپ جان باقتى، بەزىلەر يەنە ئازراق كۈچىسە ئىدى قولىدا سۈپۈرگە توختاب، دىۋانە ئاتالماس ئىدى!
Ehg(xK ماقالىنى ساباگېگى جىيەننىڭ «ئۆلدىغىنىڭنى ئاللىقاچان بىلگەن تەقدىردىمۇ يەنە چوقۇم بىلىم ئېلىشىڭ كىرەك» دىگەن سۆزى بىلەن تاماملايمىز.
tQ(gB_ 2010-يىل( ياز)___ قەشقەر- ئۈرۈمچى
uVLKR PY مەنبە --- ئۆزۈم
[ بۇ يازما hokumran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]