تۈركىيە پەنجىرىسىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ سايلام مەغلۇبىيىتىگە نەزەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2010 - يىلى 2 - نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەرقايسى ئىشتاتلارنىڭ ۋالىيلىرى بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى سايلاملىرىدا پىرېزىدېنت باراك ئوباما ۋە دېموكراتلار پارتىيەسى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. سايلامدىن كېيىن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئاۋام پالاتاسىدا كونتروللۇقنى قولغا كەلتۈردى، دېموكراتلار بولسا كېڭەش پالاتاسىدىكى ئۈستۈنلۈكىنى بارغانسېرى قولدىن بېرىپ قويۇشقا باشلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئوبامانىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرىدىكى نوپۇزى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان بولدى. بۇندىن بۇرۇنقى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىدا ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغان مەزگىلدىمۇ دۆلەت مەجلىسىدە قانۇن چىقىرىشتا ناھايىتى زور قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ، ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تېخىمۇ كۆپ مۈشكۈلچىلىكلەرگە دۇچ كېلىدىغاندىلىقى ھەممىگە بەش قولدەك ئايان. بولۇپمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان جون بوئېھنېرگە ئوخشىغان ئۆكتىچىنىڭ ئاۋام پالاتاسى باشلىقى بولۇشى، ئوبامانىڭ ئشلىرىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغاندەك قىلىدۇ. ھەر بىر ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىكىگە ئوخشاشلا، بۇ قېتىمقى سايلاملارمۇ ھەم سەۋەبلىرى ھەمدە نەتىجىلىرى جەھەتتىن قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا. دەرۋەقە، ئوباما ۋە ئۇنىڭ پارتىيەسى ھەمدە ئۆكتىچىلەرنىڭ بۇ سايلامدىن ئاچچىق ساۋاق ئېلىشى مۇقەررەر.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلاملار ۋە نەتىجىلىرى، ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ بۇندىن بۇرۇنقى ئىجرائاتلىرى ئاۋازغا قويۇلغان رېفېراندۇم ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئوبامانىڭ ئۆزىمۇ بىۋاستە ئېتىراپ قىلغىنىدەك، ھاكىمىيەتنىڭ ئىككى يىللىق سىياسەتلىرى خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن، ئىسلاھات ۋەدىلىرى ئەمەلگە ئاشمىغان، شۇنداقلا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياخشى ئىدارە قىلىنالمىغان؛ ھېچبولمىغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇنداق دەپ قارايدۇ.
ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنالماسلىقى مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دەپ قارالماقتا. گەرچە 800 مىليارد دوللار چىقىم قىلىنغان بولسىمۇ بىراق ئىقتىسادىي مەسىلە تېخىچە ھەل بولمىدى. ئىشسىزلىق نىسبىتى % 9.6 پىرسەنتكە يەتتى. بۇ، ئامېرىكىدا 15 مىليون كىشى ئىشسىز، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. خام چوتنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە تاشقى قەرز بولسا داۋاملاشماقتا. كۆچمەس مۈلۈك ياكى ئۆي مۈلۈك كىرىزىسى ھەل بولمىغىنىدەك، ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئۆلچەملىرى چېكىنىپ كېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ مەسىلىلەر، ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىنىڭ ئوباماغا بولغان ئىشەنچىنى يوقىتىپ قويۇشقا سەۋەبچى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ رادىكال بىر نۇقتىغا يۆنىلىشكە باشلىشىغا سەۋەبچى بولدى. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن بىرى، چاي پارتىيەسىگە ئوخشاش پىكرى چېچىلاڭغۇ سايلىغۇچىلارنىڭ كۈچىيىپ، دۆلەت مەجلىسىگە ۋەكىل ئەۋەتىش ئارقىلىق سىياسىي سەھنىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇشىدۇر.
ئوبامانىڭ ئىككى يىللىق دىپلوماتىيە سىياسىتىگە ئىجابىي دەپ باھا بېرىش مۇمكىن ئەمەس. بولۇپمۇ دىپلوماتىيە سىياسىتى مەسىلىسىدە جمھۇرىيەتچىلەرنىڭ كۆپ تەنقىد قىلغۇچى ۋە ئۆكتىچى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان. دىپلوماتىيە سىياسىتى تىلغا ئېلىنغان ھامان، پەقەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سايلىغۇچىلىرىنىڭلا ئەمەس، ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىدىن بولمىسىمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ۋەتەنداشلىرىنىڭ قاراشلىرىنىڭمۇ نەزەرگە ئېلىنىشى كېرەك.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيە پەنجىرىسىدىن نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ھېچبولمىغاندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى دىپلوماتىيە سىياسىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئوباما تاشقى سىياسەت جەھەتتىن 60 نومۇرغا ئېرىشىشى مۇمكىن. بۇ بولسا، ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ تامامەن سەلبىي ئەمەسلىكى، ئەكسىچە ئادەمنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان تەرەپلىرىنىڭمۇ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئىجابىي تەرەپ، ئوبامانىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە بۇ مەزگىلدە قوللانغان ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل بولسا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ناھايىتى قىيىن مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا دىپلوماتىيە، دىئالوگ، ھەمكارلىق، كۆپ تەرەپلىك ھەمدە خەلقئارا قانۇن ۋە ئورگانلارغا مۇراجىئەت قىلىش ئۇسۇلىدۇر.
:::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::::
بولۇپمۇ ئىران بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش مەقسىتىدە ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش غەيرىتى، ئىراقتىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش توغرىسىدىكى قەتئىي ئىرادىسى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە رۇسىيە بىلەن ئورناتقان ھەمكارلىق ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ نامايەندىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان «مودېل ھەمراھلىق» ئورنىتىش، ھەمدە يادرو قوراللىرىنى ئازايتىش مەسىلىسى توغرۇلۇق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى تىرىشچانلىقىمۇ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدۇ. بۇ تىرىشچانلىقلىرى تۈپەيلى ئوباماغا «تىنچلىق مۇكاپاتى» بېرىلگەنىدى.
بىراق، ئوبامانىڭ بۇ تىرىشچانلىقلىرى، خۇددى ئىقتىسادىي ۋە ئىچكى سىياسەتتە تاشلىغان قەدەملىرىگە ئوخشاشلا تېخىچە ھېچقانداق مېۋە بەرمىدى. ئوبامانىڭ غايىسىنىڭ ئىشقا ئاشماسلىقىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:
ئافغانىستاندا ئەسكىرىي جەھەتتىكى كۈرەشنى تۇتقا قىلىشى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن؛ ئىران مەسىلىسىدە تۈركىيە ئىمزالىغان ياردو يېقىلغۇسىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى نەزەرگە ئالماي ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن؛ پەلەستىن مەسىلىسىدە خەلقئارا قانۇن ۋە پىرىنسىپلارغا ئاساسەن ئىسرائىلىيەگە بېسىم ئىشلىتەلمىگەن؛ ئىككى دۆلەتلىك سىستېمىنى روياپقا چىقىرالايدىغان ئىجابىي قەدەم تاشلىيالمىغان؛ ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجان ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيە ئوتتۇرىغا قويغان پىلان - لايىھەلەرنى قوللىمىغان؛ مەسىلەن، ئەرمېنىيەنىڭ ئۇدا بىرقانچە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئەزەرى زېمىنىنى ئىشغالىيىتىگە خاتىمە بېرىش توغرۇلۇق ھېچقانداق نەتىجە ئېلىنالمىغان.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، يېقىندا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلاملىرىنىڭ نەتىجىلىرى، ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئوبامانىڭ ئىجرائاتلىرىدىن رازى ئەمەسلىكىنىڭ نامايەندىسى، شۇنداقلا ئوباما ھاكىمىيىتىگە قارىتا جىددىي بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئوباما ئاچچىق - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ئاچچىق ساۋاق، ئالدى بىلەن ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتلىق سايلاملىرى جەھەتتىن كېرەكلىك بولۇشى مۇمكىن؛ بىراق بۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى؛ ھەم دۇنيادا ھەمدە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا جايلاشقان دۆلەتلەردە ئوباماغا قارىتا ئىجابىي قاراشنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوباما لتارىختىن غايىلىرىنى ئىشقا ئاشۇرالمىغان پىرېزىدېنت سۈپىتىدە ئورۇن ئېلىپ قالىدۇ.
تۇركىيە ئاۋازى تورى خەۋرى