مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 577 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: مەنمۇ مۇھەببەت دەپ يازاي!
ئۇيغۇرشاھ
Misranim
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 666
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3347 سوم
تۆھپىسى: 200 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1181(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 09:43 PM

1 مەنمۇ مۇھەببەت دەپ يازاي!

مەنمۇ مۇھەببەت دەپ يازاي!



(ھېكايە)




ــ ھاي ھاي!توختسىسىلا!ماۋۇ ئەسكى قەغەزلىرىنى بۇيەرگە تاشلاپ قويماي،ھېچ بولمىسا ئۆيلىرىدە خالاغا ئىشلىتىدىغان قەغەز تېجىلىپ قالار!
ئەتىگەندىلا تاتلىق گەپ ئاڭلىۋالدىم.ئۆزەمگىمۇ ئاز،كىم مېنى باشقىلاردەك ئاھ !سۆيدۈم-كۆيدۈم،مۇھەببىتىم ئاقچى،كۆكچى،دۇمباقچى...دىگەندەك ئەسەرلەرنى يازمىسۇن دەپتىكەن؟!توۋا!نېمىشقا ئۇنداق نەرسە يازغۇدەكمەن؟!ياش ۋاقىتلاردا ئۆزىمىز يوشۇرۇن كۆيۈپ يۈرگەن قىزبالىنىڭ دىدارى شۇنداقلا يىراقتىن كۆرۈنسە ئىدى،يۈرەكلەر سەكرەپ،يۈزلەر ئوتتەك قىزىپ،پۇت-قوللار كالۋالىشىدىغان.لېكىن ماۋۇ ھازىرقى مەتبۇئاتلىرىمىزدا بېسىلىۋاتقان ياش،"تالانتلىق"يازغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر بىرىدىن قېلىشمىغۇدەك نادىر ئەسەرلىرىدە بولسا،ئاللىقانداقتۇر ئادەمنىڭ "ھۆ"سىنى كەلتۈرىدىغان ئەزاسىنى غىدىقلايدىغان كورىيەچە دەمدۇ يەنە بىرقانداق رومانتىكىلار،ئايرىلىش،جۈپلىشىش دىگەنلەر ھايۋان كەبى يېزىلىدىغان بولۇپ قاپتۇ.نەدىن ئاڭلىدىڭ دەمسىز؟ئاڭلىمىدىم،كۆردۈم.مەن بىكار بولۇپ قالسام قولتۇقۇمغا داڭلىق ژورناللارنىڭ مۇشۇ ئايلىق نەشىرلىرىنى قىسىۋېلىپ خانەمدە پايپاق پۇرايدىغان موخۇركامنى شورىغاچ ھېكايە ئوقۇيمەن دەڭە!نېمىشقا دەنشى كۆرىتىم؟خوتۇندىن ئاشمايدۇ،كەچكىچە قىز بالا ئېڭىكىگە سالسا ئورنىدىن تۇرالمايدىغان كورىيەلىك لاتا غىلاپلارنىڭ تېتىقسىز،ئاتالمىش"تۇرمۇش"فىلىملىرىنى كۆرۈپ ئولتۇرۇپ كېتىدۇ قېرىغاندا سەتلىشىپ.مەن شۇ كىتابىمنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن.ھازىرقى كىتابلارغا توۋا دېمىسە.ھېكايىسى مۇھەببەت،ماقالىسى ساختىلىق.بىرسى بىر قىز بالىنى تېپىۋالسا كۈندىلىك خاتىرە يازغاندەك،تاماق يىسىمۇ،قولىنى تۇتسىمۇ،زادى نېمىلا ئىش قىلسا بىر ماۋزۇ بىلەن ھېكايە ئاتىلىپ ئايلىق ژورنالنىڭ بېتىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان.يەنە بەزىلەر ياخشىدىن ئازراق نۇقسان تېپىۋالسا يوغانتىپ،بىلىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ بارىنى ئىشقا سېلىپ شۇ ياخشىنى خەلقى ئالەم ئالدىدا شەرمەندەئىي شەرمىسار قىلىۋاتقان.ۋە ياكى بىر ئەسكىنىڭ ئىككى ئېغىز ئورۇنلۇق گېپىنى ئاڭلاپلا قالسا شۇنى ماختاپ،لەيلىتىپ جاھانغا پاتقۇسىز قىلىپ ژورناللارغا "بەت تولۇقلاپ"بېرىۋاتقان....
مانا،مىللىتىمىزنىڭ خېلى بىر پەخىرلىك ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى بولمىش ئەپەندىم،بىر تالاي سېسىق گەپلەر بىلەن مللىي ئويلىنىش توغرىسىدىكى بىر ئەسىرىمنى،سىياسىي،قارا تۈس ئالغان ئەسەر دەپ،يەنە ئاللىقانداق ماس كەلمىگەن قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ ئورگىنالنى ئالدىمغا ئاتماقتا.بۇ ئۆزەمدىن ياپياشلا بولغان چوڭامغا مۇھەببەت ئەسەرلىرى،يەنە قانداقتۇر تۇرمۇش تەسۋىرلەنگەن...لەر لازىممىش.توۋا!بۇ مىللىتىمدە قانداق خەقلەر باردۇ؟ھەممىسىنى بىردىن ھېكايە قىلسام ھە؟دەپ ئويلاپ قالاتتىم ئىلگىرى!بۇ تۇرقىدا ماڭا ئاسان توختايدىغان چېغى.بىر دېھقان پاختا سېتىپ بېيىسا ھەممىسى تەڭ پاختا تېرىپ بىر بىرىنىڭ بېشىغا ژۈندە تۆكۈشكەن.بىر يازغۇچى نادىر بىر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقارسا ئوخشىتىپ،نۇرغۇنلىغان ئەگەشمە ئەسەرلەر،ناھايىتى مۇۋاپپىقىيەتسىز،ناچار،ئوقۇسىلا يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە بېسىم ئىشلىتىپ يېزىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدىغان ئەخلەت ئەسەرلەر "نادىر"سانىلىپ غۇلغۇلا قوزغاشقان.ئەي،داپنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغانمۇ؟بىرسى ئۇ داپنى قاپقارا بوياپ چالسا ئۇ يېڭىلىق،بىز كۆرۈپ باقمىغان،ئاۋازىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭى بىر ساز بولۇپ قالارمۇ؟يېشىل بوياپ  چالسىغۇ بەزىلەرگە بولۇپ بېرىدۇ...بوپتۇلا،جۇڭگوچىلىق.دۆلىتىمىزدە ئاڭلىسام ئىقتىساس ئىگىلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن يېڭى بىر نەرسە چىقىپ بولغۇچىلا"شالغۇت"نۇسقىسى ئىككى ھەپتىگە قالمايلا داغدۇغىلىق بازارغا سېلىنىپ بولىمىش.
ماڭا ئىككى يىل بولدى،بىر ئەسىرىمنى ئېلان قىلدۇرالماي تەھرىرخانىلارغا چېپىپ يۈرگىلى.تەھرىر ئىشخانىلىرى شۇنچىلىك كەڭرى ئىدىكى،ئايھاي!نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلان قىلىنىشنى كۈتىۋاتقان،يېڭى،نادىر،داڭلىق يازغۇچىلار قولىدىن چىققان ئىجادىي ئەسەرلەر تاغ كەبى،بەئەينى تىيانشان كەبى قەد كۆتۈرۈپ بېسىلىپ تۇرۇپتىكى،ئۈستىىگە قونغان توپىلار يىللاردىن كېيىن تاشقا ئايلىنىپ ئۆرۈلمەس تاغ بەرپا قىلىدىغان چېغى.مۇھەررىرلەر شۇنچىلىك جىددىيكى تېلفۇنلاردا توختىماي تېلفۇن قىلىشىپ"ئەسەر"ئىزدەۋاتقان.باش مۇھەررىرلەر "مەن ئاجراشتىم"دىگەن ھىكايە بىلەن "ئاجراشتىم مەن"ناملىق ھېكايىنىڭ قايسىنىڭ ئايلىق مۇكاپاتقا لايىق ئىكەنلىكىنى،ياكى ئورنىغا"مېنىڭ ئايالىم"ناملىق ئەسەرنىڭ دەسسىتىلىدىغانلىق توغرىلىق زور كېڭەش ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى...
ــ ھەي!يەنە كەللىمۇ؟!
ــ ھەئە،بەك جىق كېلىۋەتتىم بۇيەرگە...ــ سۆزۈمنىڭ بېلىگە تېپىلىشىدىن گېپىم بېلىنى تۇتقانچە ئىنجىقلاپلا قالدى.
ــ خەۋىرىم بار!نەچچە قېتىم دەيمىز؟مۇنداق مۇھەببەت،تۇرمۇش ئەسەرلىرى مودا بولىۋاتىدۇ ھازىر!نىمە ئۇ يازغانلىرى ساپلا دىخاننىڭ پارىڭىغۇ؟!ئازراقمۇ رومانتىكا دەيدىغان نەرسە يوق!ــ ھەر قېتىم كەلسەم پەش چېكىت كەم ئەمەس، مۇشۇ جۈملە تەكرارلىناتتى.
ــ ئوھۇي ئۇكاموي!دىخاننىڭ بولسا نىمە بوپتۇ!كۆتەر ئۇنداق موداڭنى!كۈندە مەنتەڭ ئىچىۋەرسەڭمۇ ژۈندە تېتىيدۇ!سەن خەققۇ ژۈندىنى مەنتەڭ دەپ ئىچىۋېرىشىسەن!
ــ نىمە دەيدۇ ماۋۇ ئوغرى،نېمانداق بېزەڭ ھەي ئاكا سەن؟!نەرىڭ بىر يازغۇچى؟!قادىر!ئاۋۇ باۋئەننى چاقىرە...
بىر قېتىم تەھرىر ئىشخانىسىدىن مانا مۇشۇنداقمۇ قوغلاندىم.يازغۇچى دېگىنىدىن ھەيران قالماڭ.ئىلگىرى ئىككى كىتابىم مۇشۇ ئىنىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن نەشىردىن چىققان.مانا ئەمدى ئويۇن-تاماشادىن باشقىسىنى يازغىلى بولماس بولۇپ قاپتۇ شۇ.نىمە ئامال.مەتبۇئات ياشلارنىڭ بولۇپ كەتتى.ئالىي مەكتەپتە تۈمەنلەپ خەجلەپ ئوقۇپ كەلسە خىزمەت بولمىغاندىن كېيىن نىمە قىلىدۇ؟!شۇ ئالىي مەكتەپتە قايسى ماركىلىق ھاراق ئىچكىنىنى،قايسى ساۋاقدىشىنىڭ كىمنىڭ ئاستىدا قىزلىقىدىن ئايرىلغىنىنى،كىمنىڭ كېچىلىرى مىھمانخانىلاردا ياتاق ئېچىشىۋېلىپ ئىشرەتۋازلىق قىلغىنى ياكى بېلىكىگە ئوكۇل سانجىشقانلىرى.ئىش قىلىپ كەيىپ-ساپا،ئەيش-ئىشرەت،مۇھەببەت.ھەرقاچاندا ژورنالنىڭ سېتىلىش مىقدارىنى ئاشۇرىدىغان بىر مۇھىم ۋاستە بولۇپ قالدىغۇ.توۋا،مۇشۇلار "ئەدەبىي زوق ئېلىش"دەپ ئاتىلىپمۇ قېلىشقىنىغا ھەيرانمەن.گۇاڭجۇدا سودا قىلىدىغان لوبەنلەردىن قانداقتۇر بىر ژورناللارنىڭ بارلىقىنى،ئاقنى قانداق چېكىدىغاننى،كارۋاتتا نىمە پاراڭلار بولىدىغاننى ،رەسىملىرىنىڭ ساپلا يالىڭاچ ئاياللار ئىكەنلىكىنى ئاڭلايتتۇق.مانا ئاز قاپتۇ دە بىزگىمۇ.جاھاننىڭ لەززىتى ياشلىرىمىزنىڭ مۇشۇ نادىر ھېكايىلىرى بولۇپ قاپتۇ.ئوقۇ! پالان پۇل خەجلەپ مۇشتەرى بولغان ژورناللار توننىلاپ ھويلىدا تاشلىنىپ تۇرىدۇ.ھەممىسىنى ئاختۇرۇپ چىقسا،نەچچە مىڭ پارچە ھېكايىدىن 4-5 تاللا يېڭى مەزمۇن،قالغىنىغا شۇ ھېكايىلەرنىڭ "شالغۇت "نۇسقىلىرى چىقىدۇ.مەن بۇنى قانداق بىلەتتىم؟شۇ موخۇركامنى چەككەچ لاۋزا-تېتىقسىز بولسىمۇ ئوقۇپ باققان دە ئوقۇيدىغانغا كىتاب بولمىغاندىن كېيىن.تېخى بەزى قىز يىگىتلەرنىڭ "شائىر مۇھەببىتىم"دېسە"نەسىرچى مۇھەببىتىم"،"قوشاقچى مۇھەببىتىم"دىگەندەك "تاتلىق"،كۈندىلىك خاتىرەسىمان مۇھەببەت ھېكايىلىرى...
ئاپلا!مەن نېمە بۇلارنى ئويلاپ كېتىمەن.بىر يەردىن بىر قانداق ئىلھام كېلىۋاتىدۇ مانا.ۋاھ...ياشلار يازىدىكەن،مەن بىر قەلەم ئىگىسى تۇرۇپ يازسام نېمىشقا بولمىغۇدەك؟مەنمۇ يازاي،"موماي مۇھەببىتىم"،"مېنىڭ مۇھەببىتىم تىبىركىليۇز بولۇپ قالدى"،"تۇنجى سۆيۈشۈمنى پالانىغا بەرگەن"دىگەندەك!يازاي!ھېچ بولمىسا ئەسىرىمدىن مۇھەررىرلەر ،ئوقۇرمەنلەر رازى بولۇپ قالسا،مېنىڭ بۇ يېزىقچىلىق خۇمارىم بېسىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!



2010.20.نويابىر.



ئۇيغۇرشاھ
[ بۇ يازما ئۇيغۇرشاھ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قەھۋە
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-20, 14:11
-سىز كۆرۋاتقان تىما مەنمۇ مۇھەببەت دەپ يازاي!,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+100(axkar) مۇھەببەت تىم ..
  • مۇنبەر پۇلى:+333(قەھۋە) ئېسىل،يوقاپ ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(شاتئاي) ئىسىل .... &n ..
  • تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ.
    ـــ مەمتىمىن ھوشۇر(قۇم باسقان شەھەر)
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    تەنھا88
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2939
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 356
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
    ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3951 سوم
    تۆھپىسى: 29 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1400(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 10:26 PM

    مەمتىمىن ھوشۇردەك يېزىپسىز،نادىر تىما
    ھەممە نەرسە سېنىڭ كۆرگىنىڭدەك بولىشى ناتايىن!
    HEKMAT
    ئىللەت ئۆزگەرمىگۈچە  مىللەت ئۆزگەرمەس !
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1284
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 53
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
    ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3788 سوم
    تۆھپىسى: 89 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 97(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 10:33 PM

    بۇ  ئەسەرنى  ئوقۇپ  ئويلىنىپ  قالدىم  .  
    ئەسەر  يېزىش  يېزىقچىلىق  خۇمارىنى  بېسىش ئۈچۈنمۇ ؟
      ئەسەر   يېزىشتىكى  مەقسىتىمىز  زادى  نىمە  ؟
    قانداق  مەزمۇندىكى  ئەسەر  يېزىشىمىز  كېرەك  ؟
    بۇ  سوئاللار  چوڭقۇر  ئويلىنىشىمىزغا  تېگىشلىك .
       ئاز   يازغىن  ،  ساز    يازغىن     !  
      ئۇيغۇر  شاھ   سىزگە  كۆپ  رەھمەت !  جاپا  تارتىپسىز  .
    تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز
    تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز.ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
    ھەقىقىي  ئۇيغۇردەك  بولغىن  !
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    شاتئاي
    ئـىـت چـىشلىدى دەپ، ئىتـنىمۇ چىشلىگىـلى بولـماس.
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 118
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2081
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2081دانە
    ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10525 سوم
    تۆھپىسى: 414 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 369(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 10:36 PM

    جانلىق ،يارقىن تىما ....

    نىمە دەپ ئىنكاس يىزىشنىمۇ بىلەلمىدىم .
    تىلغا ئالغانلىرىڭىز بەرھەق ...       بىز ئۆزىمىزنى تونىۋالساق ياخشى بولاتتى. بىزگە ئەسقاتىدىغىنى ساختالىققا تولغان مۇھەببەت ئەمەس ، ئىددىيمىزنى ئاچىدىغان پايدىلىق..... ماتىرياللار...   

    نادىر تىما .....
    تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز
    تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز.ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
    بۇلبۇلمىكىن دىسەم .ئەسلى بىر < پوق > يەيدىغان قاغا ئىكەنسەن ئەمەسمۇ !!! .......
    sargarda
    سەركەردە  
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1041
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 853
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە853دانە
    ياخشى باھا: 194 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5419 سوم
    تۆھپىسى: 186 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 334(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-27
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 10:43 PM

    ھېلىقى  ئابدۇكېرىم  ئابلىز  ئىتۇتلىرىدا  دىگەندەك  ،  كىندىكى  ئۇچۇق  قىزدىن نەچچنى  ئوسۇلغا  سالمىز  ،  ناخشا  جەلىپ  قىلالمىسسا  ،  قىزنىڭ  كىندىكى جەلىپ قىلدۇ   دىگەندەك  ،  مىللەت  ،  ئەخلاق  ،  ئۆرىپ  ـ  ئادەت ،  ئىزدىنىش  ،كىملىكىمىز ھەققىدىكى  ئەسەرلەر  بويۇن  قىسىپ  قالغان ،  ياكى  بىر  تالاي  ئاھانەتكە ئۇچرىغان ،
    چۈشكۈن ، ئىشقى كۈيلىرى  مەدىھلىنىدىغان  ،   يىگىتنىڭ  قىزنىڭ  ئىشتان  بېغىقا  قانداق  قول  سوزىغانلىقى  ،  ۋە  قانداق  ئاۋاز  چىقدىغانلىقى  ،
      كەچتىكى  ئولتۇرۇشتا  ئىچىشكەن  قىممەت  باھالىق  ھاراقلار  تۇنۇشتۇرۇلغان ، كىشىگە  ئەدەبىي زوق
    ،ھوزۇر بېغىشلايدىغان ، يېڭىچە روھ ئاتا قىلدىغان ئەسەرلەرگە قارىغاندا قانداقتۇر جالاپ  ئاتالغۇلار  كىلدىغان  تىمىلارنىڭ ، ۋە  بىرەر قىزنىڭ يامان يولغا كىرىپ كەتكەنلىكى
    توغرۇسدىكى تىمىلارنىڭ بازارلىق  بولۇپ  كىتشى سىپايە پاكىتتۇر.
    ئەلنىڭ  كۆزى  ئەللىك .   ياخشى  ئەسەرلەرنى  ئەل  تۇنۇيدۇ...
    تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز
    تەكلىپ-پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز.ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
    [ بۇ يازما sargarda تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    تەقدىرىمنىڭ  گېلىدىن  بوغىمەن...
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Kokyar
    ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرىق بول يا تاپ گۆھەر
    دەرىجە: ئۈمىدلىك ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10336
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2576
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2576دانە
    ياخشى باھا: 1402 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 262 سوم
    تۆھپىسى: 1575 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2163(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 10:46 PM

    يېقىندىن بېرى مەيلى توردا ۋە ياكى مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ئېسىل نادىر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ھەققىدە بولاۋاتىدۇ........ لېكىن ئۇ ئەسەرلەردىكى جىنسىيەتكە ئالاقىدار تەرەپلىرى بولسا ئادەمنى يىرگىندۈرۈپ، ئىچىنى ئىلەشتۈرىۋىتىدۇ..... مەن بەزىدە مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمدا خۇددى سېرىق بىر نېمە ئوقۇغاندەك ئۆزۈمدىن يىرگىنىپ كېتىمەن..........
    بولدىلا ئارتۇق گەپ قىلىپ نېمە كەپتۇ...........
    شاھ ئاتامنىڭ ئۇشبۇ ئەسىرى ئىنتايىن مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ....... شاھ ئاتامنى تەبرىكلەيمەن........
    تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز
    ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.
    [ بۇ يازما Kokyar تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
    ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
    ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
    ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
    ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
    zulnaz
    sini  aslayman.
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17994
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 35
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 140 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 79(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-18
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 11:18 PM

    ئەسىرىڭىز ئىنتايىن مەزمۇنلۇق چىقىپتۇ،،،ئادەمنى ئويغا سېپ كويەدىكەن...جەمىيەتتە بۇنداق ئشلار كوپ ئۇچرايدۇ....ھەممىمىز ئوزىمىزگە ئوزىمىز ئگە بولمىساق بولمايدۇ....
    خۇدايىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن...   
    بۇدۇنيا قونالغۇ ئۆزۈڭ سەن مىھمان        
    قونالغۇدا مىھمان قانچىلىك تۇرغان
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Dilnaz
    ئىنسان_ ھامان ئۆز قەلبىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادوۋكاتىد ..
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1849
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1091
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1091دانە
    ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2470 سوم
    تۆھپىسى: 228 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1962(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 11:22 PM

    يازمىڭىزنى ئوقۇپ جەمئىيەتتىكى بىر قىسىم يازغۇچىلارنى ئەسەرلىرىنى قامچىلاپسىز ........... توغرا تەھلىل قىلالىغان بولساملا  
    ۋاقىت ئەقىللىكرەك . ياخشىراق ، تولۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن ، بىزگە ئىنئام قىلىنغان ئەڭ ئېسىل سوغىدۇر !!!
    amqi
    كۆڭۇل كۆڭۇلدىن سۇ ئىچىدۇ!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 30
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 211
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە211دانە
    ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4232 سوم
    تۆھپىسى: 80 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 423(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 11:25 PM

    نىمە دەي .... ھېچ بىر نەرسە دىيەلمىدىم .... راسىت سىز دىگەندەكلا ..بىزدە باشقا ئىش قالمىغاندەكلا ھېس قىلىدۇ ئادەم....
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    delfen
    <نە ئېلاج؟>
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4124
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 62
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
    ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2408 سوم
    تۆھپىسى: 53 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 85(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-16
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 11:30 PM

    ئەسكەرتىش: (قەھۋە) پۇچەك ئىنكاس يازماڭ! (2010-11-20 11:55 PM)
                  
    ھەقىقەت ئىگىلەر سۇنماس!  ئېسىل ياشا تەڭتۇشلەر!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!
    tvnlirikisi
    ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 11002
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 401
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە401دانە
    ياخشى باھا: 74 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6531 سوم
    تۆھپىسى: 245 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 966(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 11:33 PM

    مۇھاببەت ئۇ مەڭگۈلۈك تېما، بىراق شەھۋانىلىق ئۇنىڭ سىرتىدا.
    _____________تۈن لىرىكىسى_________________
    رېئال تۇرمۇشتىكى شەيئى ۋە ھادىسلەرنى ئۆزگىچە بولغان ئىلھام بىلەن تەپەككۇر قىلىپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن ئالغان تەسىراتنى، ئىلھامىمىزدىكى  شېئىرى ھېس تۇيغۇلار بىلەن يۇغۇرۇپ، قەلبىمىزدىكى گۈزەل تىل ۋە لىرىكىلار بىلەن ئىپادىلىسەك ( شېئىر )بولىدۇ. ___ تۈن لىرىكىسى
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    powest
    پوۋېست يازىدىغان يازغۇچى
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18203
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 16
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 64 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 00:04

    ھېچقانداق بەدىئىي قىممىتى يوق پۇچەك يازمىلىرىنى ئېلان قىلدۇرالمىغان بىچارىلەر ھەممە گۇناھنى مۇھەررىرلەردىن كۆرۈپ مۇشۇنداق قاقشايدۇ.
    نوچى بولسىڭىز سىزمۇ مۇھەببەت توغرىسىدا ئەسەر يېزىڭ.
    چۈنكى مۇھەببەت ئىنسانىيەتكە مەڭگۈلۈك تېما!
    تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز
    يېزىپ باققان ئۇكا!توردا تۈمەنلەپ تۈمەنلەپ كىشى كۆرەتتى،شۇ سىزدەك مۇھەببەتنى ماياك قىلىۋېلىپ ئۆلمەس دەپ ساختا كۈيلەۋەرسە تەمى يوق سېغىز بوپ قالىدۇ.