7-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە، زۇنيى شەھىرىدىكى شەھەر مەركىزىدىن 30 نەچچە كلومېتىر كېلىدىغان زۈنيى ناھىيىسى شيازى بازىرىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدە غەلىتە بىر ئىش يۈز بەرگەن. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئاستى يېرىلىپ، تۇيۇقسىز قانغا ئوخشاش قىزىل سۇيۇقلۇق ئېتىلىپ چىققان، يېقىن ئەتىراپتىكى ئامما ئىنتايىن ھەيران قالغان.
SJ1
1LF3) زۈنيى ناھىيىلىك ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ ئىش شۇ كۈنى كەچ سائەت 9 دا يۈز بەرگەن. 7-ئاينىڭ 25-كۈنى، مۇخبىر نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلغاندا، شۇ ئائىلىدىكىلەر تونۇشتۇرۇپ، شۇ كۈنى كەچتە ئۇلارنىڭ بىر ئۆيىنىڭ ئاستى يېرىلىپ قان ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۆيدىكىلەرنىڭ تولىمۇ ھەيران قالغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن قوشىنىلارنى چاقىرغانلىقىنى ئېيتتى. كەنتتىكىلەر ئۆيكە كىرگەندە، يەنە بىر ئۆيدىمۇ "قان ئېتىلىش" يۈز بەرگەن. قاننىڭ ئېتلىپ چىقىشى خېلى كۈچلۈك بولۇپ، يېقىنلاشقان ئادەمنىڭ ھەممە يېرىنى "قانغا بويىۋەتكەن"كېيىن، بەزى يېقىن ئەتىراپتىكى توسمىدا تۇرۇپ ئۇلارنى تاماشا قىلىۋاتقان كىشىلەر تۇيۇقسىز ۋارقىراپ كەتكەن. چۈنكى ئۇنىڭ كەينى تەرىپىدىنمۇ قان ئېتىلىپ چىققان. كىشىلەر شۇنىڭ بىلەن ساقچىغا مەلۇم قىلىشقان.
Yck(Fl 7-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن، مۇخبىر نەق مەيدانغا كېلىپ، ئېتىلىپ چىققان قاننىڭ ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ قېنى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى، كەنتتىكىلەر باققان ئىتنىڭمۇ ئۇنى يالاپ يەۋەتقانلىقىنى كۆردى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئائىلە ئولتۇرغان ئۆي 2004-يىلى سېلىنغان ئىكەن، سېلىنىپ ھازىرغىچە ھىچقانداق غەلىتە ئىش يۈز بېرىپ باقمىغان، يېقىنقى مەزگىللەردىمۇ ئۆيدە ۋە يېقىن ئەتىراپتا ئۆلۈم ئىشلىرى كۆرۈلمىگەن. شۇ كۈنى كەچ يۈز بەرگەن بۇ غەلىتە ئىش ئۇلارنى بەكلا ھەيران قالدۇرغان، يېقىن ئەتىراپتىكى ئاممىمۇ بۇ ئىشنى غۇلغۇلا قىلىشقان.
2BOe,giy ساقچى تەرەپنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، كەنت ئاھالىلىرىنى مەلۇم قىلغان ئەھۋاللارنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن، بۇ ئىشنىڭ تەبىئىي ھادىسە ياكى ئادەم تەرىپىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىغا قارىتا، ساقچى تەرەپ ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن. نۆۋەتتە، ساقچىلار ئېتلىپ چىققان سۇيۇقلۇقنى تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش تارماقلىرىغا يەتكۈزۈپ بەردى.
N7j ~o`I[-g) &F"Mkyf +~J
?/ شىنخۇا تورى :مەنبەسى
http://www.erkem.biz/show.asp?id=1821[ بۇ يازما خوك تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]