تېماڭدا ئۇنى قىلدۇق ، بۇنى قىلدۇق دەپ شۇنچىلىك داۋراڭ سېپسەن ، شۇ ئىشلارنى زادى قانچىلىك توسىيالىدىڭ ؟
U}jGr=tu تېماڭدا ئوتتۇرىغا قويغان << بىز ئەلنىڭ باشلامچىسى، ئۆينىڭ تۆۋرۈكى تۇرۇپ ئىچىملىك بىلەن زەئىپلەشتۇق. زەئىپلەشتۇق، ئاخرنى يىغۇشتۇرۋالالمايدىغان چاتاق تېرىدۇق. چاتاق تېرىدۇق، تۈگەشتۇق. تۈگەشكەندە، جار سالدۇق. ئاياللىرىمىزنى ، باللىرىمىزنى تاشلاپ قويدۇق. تاشلاپلا قويدۇق، بەزىدە مەڭگۈلۈككە تاشلاپ قويدۇق.>> دىگەن سۆزلەر سېنىڭ جەمەتىڭدە يۈز بەرگەن ئىشلار ئوخشىمامدۇ ؟ شۇلارغا ياخشىراق نەسىھت قىلساڭ بولماسمىدى ؟ ئۇلار تۈگەشكەن بولسا ئۇ دۇنياغا ئۇزۇتۇپ قويساڭلا بولمىدىمۇ ؟ سەن ئۈزۈڭ ياشاۋاتقان ئاشۇ خىلۋەت يېزاڭدىكى ئالتە توك - توك زابوي ھاراقكەشلەرنى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان قىلىقلىرىنى پۈتۈن ئۈيغۇر مىللىتىگە تاڭماقچىمۇ ؟
ka
CN^yQ نوچى بولساڭ يانچۇقۇڭنى تاراق - كويچەنلەر بىلەن توشقۇزۇپ ، ئۈرۈمچى ۋە باشقا شىنجاڭ ئىچىدىكى چوڭ - چوڭ شەھەرلەرگە قارابباق . سەن دىگەندەك ئىشلارنى پەقەت شۇ شەھەرلەرنىڭ قىسمەن قاراڭغۇ كوچىلىرىدىلا تاپالايسەن . ئۇلار پۈتۈن ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ مىليۇندىن بېرىگىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ . ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ، ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ، ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن ئۆز ۋىجدانىغا يۈز كېلىشى ئۈچۈن ئاجايىپ قۇربانلارنى بېرىۋاتقان ئەركەكلىرىمىز ، ئاياللىرىمىز ئاز ئەمەس ، ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلەۈسى ئۈچۈن ، شۇ بالىلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن ئۈزى ئاددى - ساددا كىيىنسىمۇ ، ئۆزى ئاچ قالسىمۇ باللىرىنى قىممەت باھالىق ، بىلىم ئېلىشنىڭ دەسلەپكى مەكتىپى بولغان يەسلىلەردە ، ھەرخىل بىلىم كۇرسلىرىدا ئوقۇتۇۋاتقانلار ئاز ئەمەس .
K2Abu? ئەلۋەتتە ، سەن بۇلارنى چۈشەنمەيسەن ، چۇنكى سەن پەقەت ئۆز ئەتراپىدىكى كىچىككىنە دائىرىنىلا كۆرۈپ توختىماي كۇرۇلدايدىغان پاقىغا ئوخشايسەن .
^Q`5+ قايسى كۈنى ‹‹ ھەسەلخان ›› دىگەن بىر رەپ - رەپ خوتۇن ( خانىش ئاماننىساخانغا قانداق باھا بېرىسىز ؟ ) دەپ كاللىسىنىڭ سۈيى بار ئېرى بىلەن تالاشقان كىچىككىنە گەپلىرىنى مۇنبەرگە ئېلىپ كېرىپ نۇرغۇن پەسكەش سۆزلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولدى . شۇ تاپتا ‹‹ ھەسەلخان ›› نەدە ، نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرىدىكىن .
}%Mdf6LS64 تارىخ دىگەن بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىز ، ئۇنى بورمىلاشقا سەندەك ، ئاۋۇ ‹‹ ھەسەلخان ›› دەك توڭ سويمىلارنىڭ ھەققى يوق . مىللىتىمىزنى ئۈزىنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق يېزىپ چىققان 12 مۇقام ئارقىلىق دۇنياغا تونۇتقان بىر شەخسىنى ئاغزىڭ كەلگىچە بىلجىرلاپ ، تىللاپ تويغۇزۇشتىڭ . ئامانسىخاننى ئۇ دۇنيادىمۇ خاتىرجەم ياتقۇزۇشمىدىڭ . ھەر قايسىڭ ئادەممۇ ياكى ..... مۇ
>"2jCR$/ مەبۇئاتلارغا ، چەتئەلدە نەشىر قىلىنىۋاتقان كىتاپلاردىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يېزىلىۋاتقان ئەسەرلەرگە كۆزۈڭنىڭ چاپىقىنى ئېلىۋېتىپ ئوبدان قارا . ‹‹ ئەڭ ئەققىللىق ئۇيغۇر بالىسى ›› ، ‹‹ گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پۇتبول چولپىنى ›› بۇلارنى سەندەك ئۇيغۇر يازغان ئەمەس . ئاشۇ يىراق ئەلدىكى ، ئۇيغۇر مىللىتىنى سەندەكمۇ چۈشەنمەيدىغان چەتئەللىكلەر يازغان . چەتئەللىكلەر جېنىدا مىللىتىمىزنى ماختىسۇن ، سەن بولسا ئۇلارنى يوقىتىشنىڭ كويىدا بول .
&"%Ws{Qn] بەس . سەن يەنە مۇشۇنداق سۈكىدىغان تېما يازساڭ ، گەپنىڭ تېخىمۇ چىرايلىقىنى قىلىشقا تەييارمەن . قېنى ئىنكاسىمنى تەپسىلى كۈرۈپ ، ئانالىز قىلىپ ئاندىن تېما يازارسەن .
`6VnL) Vbv^@Kp ئاماننىساخان توغۇرسىدىكى تېمىنى ھەسەل قىز يازمىغان ئۇ تېمىنى مۇشۇ مۇنبەەردىكى بىر ئايال تورداش يازغان ئىسمىنى دېمىسەممۇ بولا ، ئۇ تېمىنىڭ تىتىقسىزلىقنى كۆرۈپلا تېمىنى مەن ئۆچۈرۋەتكەنتىم ، ھەسەل قىزنىڭ تويى ئەمدى بولدى ئۇنىڭ خاتا ئەيىپلىمەڭ ئۇ سىز دېگەندەك ئۇنچىلىك ئەقىلسىز قىزلاردىن ئەمەس بىراۋلارغا ئازار بەرمەڭ <كۈنقىز>. "a[;{s{{. [ بۇ يازما kun^kiz تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]