مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1596 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/8     Go
تېما: 13ياشتىكى توي(ئوماق نازى)
«نازى
مەن ئوماق كۈلقىز!!!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15713
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 126
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە126دانە
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2842 سوم
تۆھپىسى: 115 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 319(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-30
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 01:38 AM

0 13ياشتىكى توي(ئوماق نازى)

سالام ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى!«تۇنجى مۇھەببەت»دىگەن ئەسىرىمنى ئۇتۇقلۇق تاماملىغىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن!مەن ھازىر يۈز بىرىۋاتقان بەزىبىر مەسىلىلەرنى ھەرقايسىڭلار بىلەن بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىش ئۈچۈن بۇ تىمىنى يوللىدىم.ئەگەردە تىمام ياقمىغان بولسا ئىنكاس يېزىپ ئاۋارە بولماڭ!رەنجىش يوق!بۇمۇ ھەقىقى بىر ۋەقە!
قابىلىيىتىمنىڭ يوقلىقى ھەم ئىقتىدارىمنىڭ ئاجىزلىقىدىن مۇشۇنچىلىكلا يازالايدىكەنمەن.شۇڭا ئۇستازلارنىڭ كۆپلەپ تەلىمىگە موھتاجمەن!كۆپلەپ قولللاپ بىرەرسىلەر!


13ياشتىكى توي

        ئاينۇر13ياشلاردىكى شوخ،تېخىچە بالىلىقىنى تاشلىمىغان،ئوغۇل مىجەز بىر قىز ئىدى.دادىسى قاسساپ بولۇپ ئاچچىقى يامان ئادەم ئىدى. ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ناھايىتى قورقاتتى. ئۇنىڭ دىگىنى دىگەن ئىدى. ئەمما ئۇ ئاينۇرغا باشقىچىلا ئامراق ئىدى.ئۇنىڭئىدىيىسى باشقىچە بولۇپ قىز بالا دىگەننى بىرەر ئىشنى بىلىپ بولغۇچە ياتلىق قىلغۇلۇق دىگەن پىكىردە چىڭ تۇراتتى.
بۇرۇنمۇ ئانىسىغا بىر تۇققان سىڭىللىرىنى كىملا سوراپ كەلسە بىرىشنى تاپىلايتتى.ئۇ ھېلىھەم ئايالىغا شۇنداق تاپىلايتتى . ئاينۇر ئالتىنچى يىللىقتا ئوقۇۋاتقاندا ئانىسىنىڭ تۇغۇشى سەۋەبلىك مەكتەپتىن قالدۇرۇلغانىدى. شۇ ۋاقىتتىن ئىتىبارەن ئۇ مەكتەپ ھاياتىغا خوش دىگەن.ئۇ ناھايىتى ئىشچان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ مىجەزىدىن ئانىسى ناھايىتىمۇ سۆيۈنەتتى.ئۇ كىچىك تۇرۇپلا ھەممىلا تاماقنى ئىتەلەيتتى.ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۆيىدە ئىش قىلىش ئىنىسىنى بېقىش بىلەنلا ئۆتەتتى.
مۇشۇ كۈنلەردە تۇيۇقسىز بۇرۇن ئۇلارنىڭ ئۆيىدە شاگىرت بولغان بالىنىڭ ئۆيىدىكىلىرى بۇ كىچىك قىزنى سوراپ كەلدى.ئەمما ئاينۇرنىڭ ئانىسى.يولدىشىدىن سوراپ جاۋاپ بىرىشنى ئېيتتى. ئەمما ئۇ بۇ گەپنى تەرسا يولدىشىغا دىيىش ياكى دىمەسلىكنى بىلەلمەي ناھايىتى تەن قىسلىقتا قالدى. شۇنداق غەم قىلىپ ئولتۇرسا يولدىشى كىرىپ كەلدى. ئۇ ئايالىنىڭ بۇ كەيپىياتىغا قاراپ نىمە بولغانلىقىنى سورىغاندا ئايال ناھايىتى تەستە بولغان ئەھۋالنى ئېيتتى.ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئايالىغا:
-مۇشۇمۇ غەم قىلغۇدەك ئىشمۇ؟ دەپ سورىدى.ئايالى:
-قىزىمىز خېلىلا كىچىك يەنى غەم قىلمامتىم؟دەپ ئاچچىقلاندى.بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئىنتايىن ئاچچىقى كىلىپ :
-قىزىڭنى ئاسارە-ئەتىقە قىلاي دىگەنما؟كىچىك بولسۇن چوڭ بولسۇن ھامان تويى بولىدۇ! دەپ ۋارقىرىدى.ئايالى بۇ ئاچچىقلاشتىن تېخىمۇ يىغلاپ كەتتى. ئۇ بىردەم ئويلىنىۋېلىپ ئايالىغا چۈشەندۈرۈپ:
-سەنمۇ بىلىسەن جەمىئەتنىڭ نىمە بولۇۋاتقىنىنى!ئەگەردە قىزىمىز يۈزۈمىزنى چۈشۈرۈپ سالسا نىمە بولۇپ كىتىمىز؟ بىرىمىز دىگەنگە ھازىرلا تويۇنى قىلمايمىزغۇ! بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئايال ئازراق تەسەللى تاپقاندەك بولۇپ قالدى.ئەمما كۆڭلىنىڭ يەنە بىر يەرلىرىدە بىر خىل ئازاپ بار ئىدى. ئەمما يولدىشىغا بۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەشكە ئۇ ئامالسىز ئىدى.شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا جاۋاپ بىرىلدى.ئەمما ئاينۇر بۇ ئىشلارنىڭ ھېچبىرىدىن خەۋەرسىز ئىدى.بۇ ئىش بولۇپ بىر ئاي ئۆتەر-ئۆتمەيلا ئۇلار يەنە كىلىپ توينى مۇشۇ يېقىندا قىلىۋېتىشنى سوراپ تۇرۇۋالدى. ئاينۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنىڭ تېخى خېلىلا كىچىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بېقىپ چوڭ قىلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەك چىڭ تۇرۇۋالدى.ئامالسىز قالغان ئاتا-ئانا ئاخىرى قوشۇلدى. توي دەل بىر ھەپتىدىن كىيىن بولۇدىغانغا بىكىتىلدى.ئەمما ئەڭ چوڭ بىر غەم بار ئىدى ئۇ بولسىمۇ ئاينۇرغا بۇنى قانداق چۈشەندۈرۈش،ئۇ نىمىمۇ دەر؟ قانداق ئېيتارمىز؟بۇ ناھايىتى قىيىن بولسىمۇ ئېيتماي بولمايدۇ يەنە كىلىپ ھازىردىن قېلىشقىمۇ بولمايتتى.ئاخىرى ئاينۇرنىڭ ئانىسى قىزىنى چاقىرتتى.ئاينۇر بەكلا شوخ بولغاچقا پات-پات ئىش چىقىرىپ تۇراتتى.ئۇ بۇقېتىممۇ بىرەر ئىش تېرىغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ:
-يەنە نىمىنى خاتا قىلدىم ئانا؟دەپ سورىدى.ئانىسى:
-ياق ،بۇ باشقا گەپ ! بۇنى ئاڭلاپ ئاينۇر:
-ئانا ئەمىسە نىمىگە بۇنچە خاپا سىز؟ مىنىڭ ئىش چىقىرىشىمدىنمۇ ئارتۇق سىزنى خاپا قىلىدىغان ئىش بارمۇ؟ ئانىسى قىزىنى قۇچاقلاپ:
-جېنىم قىزىم بۇندىن كىيىن مىنىمۇ خاپا قىلالمايدىغان بولدىڭىز! ئاينۇر كۈلۈپ:
-نىمە دەيدىغانسىز!ئوچۇق گەپ قىلىڭە؟ئانىسى ناھايىتى تەسلىكتە:
-قىزىم بىر ھەپتىدىن كىيىن سىزنىڭ تويۇڭىز بولماقچى! دەپلا يىغلىۋەتتى.ئاينۇر :
-نىمە؟نىمىشقا؟ دەپ ئانىسىغا تىكىلدى.ئانىسى ئارتۇق گەپ قىلالمىدى.ئەمما ئاينۇردا ئانچە ئۆزگۈرۈش يوق ئىدى.ئانىسى:
-جېنىم قىزىم بىزمۇ سىزنىڭ بەختىڭىزنى ئويلۇدۇق!بىزنى توغرا چۈشىنىڭ؟ ئاينۇر سىلەر نىمە دىسەڭلار شۇ دىگەندەكلا باشقا گەپ قىلمىدى.ئۇنىڭ بۇنداق تۇرۇشى ئۇنىڭ تېخى بالا چوڭ بولمىغان ساددا بالا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى.ئەمما ئانىسى بۇنىڭدىن ناھايىتى غەيرىلىك ھېس قىلدى ئەمەلىيەتتە ئۇ يىغلاپ قاقشىسا توغرا بولاتتى.ئانىسى ئاينۇرنىڭ بۇ ئىشىنى بىر ساددىلىق ئويلىسا بىر باشقىچە چۈشىنىۋاتاتتى.شۇنداقتىمۇ قىزىنىڭ جىدەل چىقارمىغىنىدىن خۇشال بولۇپ قىزىنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بىرىۋاتاتتى.شۇنچە ئالدىراشچىلىقتا بۇ بىر ھەپتىمۇ ئۆتتى. ئۇ ئۆزىنى ئالىدىغان ھېلىقى بالىنى توي خېتىغا رەسىمگە چۈشكىلى كىرگەندىلا كۆردى.شۇنداق قىلىپ بۇ توي كۈنىمۇ يىتىپ كەلدى.ئەمما بۇ كىچىك بالىدا قىلچىمۇ ئۆزگىرىش يوق ئىدى.ئۇ بۈگۈن ياسىنىپ ئىنتايىن چىرايلىقلىشىپ كەتكەن ئىدى.ئەمما ئۇنىڭ بۇياسىنىشىغا قارىغان ئادەم ئۇنى 13ياشلىق قىز دىمەيتتى ئەلۋەتتە.ئۇنىڭ يېنىغا ساپلا كىچىك بالىلار يېغىلغانىدى.ئىككى تۇققان ئاچىلىرى ھەر نىمىدۇر ئۇنىڭغا ئاز تولا سۆزلەيتتى.لىكىن ئۇ يەنىلا چۈشەنمەيتتى.ئۇنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىتىدىغان ۋاقىتمۇ كەلدى.ئەمما بۇ ناتىۋان بۇ كىتىش بىلەن ھاياتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغىنىنى ،ھايات يولىدا چوڭ ئۆزگىرىشنىڭ بولۇدىغانلىقىنى ھەرگىزمۇ بىلمەيتتى.نىكاھ ئوقۇلۇپ ئۇ ئېلىپ مېڭىلدى.بىچارە قىز ئاتا -ئانىسىنىڭ سەۋەنلىكىدىن بۇ ئەخمەقلىقنى قىلدى.
ئۇ يىگىتنىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈپ ئېلىپ كىلىندى.بۇ يەر ئۇنىڭ ئۆيىگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى.ئۇ باشقىلارنىڭ دىگىنى بويىچە بېشىنى كۆتۈرمەي ئولتۇرۇپ بوينى ئاغرىپ ۋاقىتنى ئاران توشقۇزدى. ئۇنىڭ باشقىلار ھوجۇرسىغا ئەكىرىپ قويۇپلا چىقىپ كەتتى.ئۇ بۇ يات ئۆيگە قاراپ ناھايىتى غەلىتىلىك ھېس قىلدى.ئۇ غەلىتە خىياللارنى قىلىۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز ئۇنى ئالغان بالا كىرىپ كەلدى. ئاينۇر ناھايىتى ھەيران بولۇپ:
- سىز بۇ يەردە نىمە ئىش قىلىسىز؟ چىقىپ كىتىڭ مەن ئۇخلايمەن دىدى.بۇ گەپنى ئاڭلىغان يولدىشى ئەركىن كۈلۈپ كەتتى...
شۇنداق قىلىپ بۇساددا بالا مىجەز قىز بۇ يەرگىمۇ كۆنۈپ قالدى.ئەمما ئەركىن ناھايىتى ئۆچمىنلىك نەزەردە ئىدى.چۈنكى ئەركىننىڭ بۇرۇندىنلا لايىقى بار ئىدى. ئەمما ئاتا-ئانىسى ئاينۇرنى زورلاپ ئېلىپ بەرگەن،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەركىن بارلىق سەۋەنلىكنى ئاينۇردا دەپ بىلەتتى.دائىملا ئۇنىڭغا قاتتىق گەپ قىلاتتى.ئاينۇر كىچىكلىكى تۈپەيلى بۇگەپلەرنى ئاتا-ئانىسىغا دەيتتى ،ئۆيىدىكىلىرى شۇنداقتىمۇ تەسەللى بىرىپ:
-قىزىم ئەر كىشى دىگەن شۇنداق بولىدۇ،خالىسا ئۇرىدۇ،تىللايدۇ.خالىسا چىرايلىق گەپ قىلىدۇ مەيلى ھېچقىسى يوق .دەيتتى.ئاينۇرمۇ بىلمىگەچكە راس ئوخشايدۇ. ھەممىلا ئەر كىشى ئوخشاش چېغى دەپ ئويلاپ بۇنداق ئىشلارغا ئانچە پەرۋاقىلمىدى.ئەمما يولدىشى يەنىلا ئۇنىڭدىن قۇسۇر تېپىپلا يۈرەتتى. ئۇ ئاز كەلگەندە قېيىن ئانىسىمۇ ھە دىسىلا ئۇنىڭغا قاتتىق تىگىۋالاتتى. ئاينۇر يەنىلا بۇ گەپلەرنىمۇ ئاتا-ئانىسىغا ئېيتىپ كىلەتتى.بۇلار ھەرگىزمۇ ئاينۇرنى كىچىك دىمەيتتى.ۋاقىت شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغانىدى،توي يازنىڭ بېشىدا بولغاچقا تويلۇق كىيىملەرمۇ ساپلا يازلىق كىيىملەر ئىدى.قېيىن ئاپىسى بىر كۈنى :
-تويلۇق ئۈچۈن خېلى پۇل قويغان ئىدۇق !ئانىڭىز قىشلىق كىيىمنىمۇ ئېلىپ بەرمەي پۇلۇڭىزنىمۇ خەجلىۋالغان چېغى !دىدى.ئاينۇر شۇنداقتىمۇ ئۈن دىمىدى. ئۇ ئۆيىگە بارغاندا قېيىن ئاپىسىنىڭ سۆزىنى ئېيتقان ئىدى دادىسى دەرھاللا مىڭ يۈەن پۇلنى بىرىپ كىيىم ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىدى.ئاينۇر ئانىسى ئېلىپ بەرگەن كىيىملەرنى ئېلىپ قېيىن ئاپىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ:
-ئانام بۇ كىيىملەرنى ئېلىپ بەردى، دىگەنىدى.قېيىن ئاپىسى ئالىيىپ:
-ئانىڭىز ئېلىپ بەرگەن بولسا ئانىڭىزنىڭ ئۆيىدە كىيەرسىز دەپ قويدى.ئاينۇر بۇنىڭغىمۇ ئۈن دىمىدى.بۇ جەرياندا ئۇ ئاغرىپ قالغان ئىدى.يولدىشى ئۇنى داۋالىنىش ئۈچۈن ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇپ ھېچكىمنىڭ كارى بولمىدى.ئاينۇر ئون نەچچە كۈنچە ئانىسىنىڭ يېنىدا تۇرغاچقا دادىسى ئانىسىغا ئاچچىقلاپ:
-قىزىڭنى قاچانغىچە ساقلىماقچىسەن؟ماڭە قىزىڭنى يولدىشىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قوي! دەپ ئاچچىقلاپ كەتتى.ئانا ئامالسىز قىزىنى ئاپىرىپ قويدى.ئاينۇر گەرچە گۇناھ ئۆزىدە بولمىسىمۇ يەنىلا قېيىن ئاپىسىنىڭ ھويلا سۈپۈرۈۋاتقىنىنى كۆرۈپ :
-ئانا ئەكەلسىلە مەن سۈپۈرۈپ بىرەي ، دىيىشى قيىن ئاپىسى:
- مىڭە ئانىڭىزنىڭكىنى قىلىپ بىرىڭ ئىش تۈگىدى ئەمدى!دەپ ئۇنى ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتتى. ئۇ شۇ ماڭغىنىچە ئانىسىنىڭ كەينىدىنلا ئۆيىگە كىلىپ توختىدى.ئۆيىدىكىلىرىگە بولغان ئەھۋالنى ئېيتقان ئىدى .دادىسى ئۈن چىقارماي جىمىپ كەتتى.ئانىسى قىزىنى باغرىغا بېسىپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.ھەي!بۇ نىمە كۆرگۈلۈك بىر كىچىككىنە قىز بالىنى بۇنچىۋالا خارلىغان نەدە بار؟مانا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرغىنىغىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى ئۇلار يەنە نومۇس قىلماي ھېيىتتا ھېيتلىغىلى كىرىپ كىتەر ۋاقتىدا قيىن ئاتىسى ئاينۇرغا:
-كەتمەمدۇق؟ دەپ خۇددى چاقچاق قىلغاندەكلا سۆزلىگەنىدى ،ئاينۇر:
-مىنى ھەيدەپ چىقاردىڭلار ،ئەمدى بارمايمەن دەپ جاۋاپ بەردى ،ئۇلار ئارتۇق گەپ قىلماي كىتىپ قالدى.مانا ئاينۇر ھېلىمۇ ئۆيىدە تۇرماقتا...


تەكلىپ-پىكىرىڭلارنى ئايىمىساڭلار!
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-19, 17:49
-سىز كۆرۋاتقان تىما 13ياشتىكى توي(ئوماق نازى),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
Mamat-BoraN
مـەمـەت بــوران
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17016
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1332 سوم
تۆھپىسى: 40 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 233(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 01:59 AM

ئەمەلىي يىزىلغان ھىكايە ئىكەن ، بۇنداق قىيىن ئاتا-ئانىلار ھىلىمۇ مەجۇت !
غەزەپ بىلەن ھومىيمەن،
قەبىھى زالىملارغا .
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ،
سەبىھى بالىلارغا .
TATLIK~UYGUR
ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇڭنى قەدىرلە~~~~!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3805
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 550
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە550دانە
ياخشى باھا: 165 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3981 سوم
تۆھپىسى: 114 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 564(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-12
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-20
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 02:02 AM

مىنىڭچە بولسا توي قىلغان مۇ يامان ئىش ئەمەس جۇمۇ ھازىرقى بۇزۇق جەمىيەتتە
كىچىك باش يوغان ئىشەك باش بوپ كەتكۈچە تويقىلسىمۇ تازا ياخشى بۇلدۇ
باشقىلا قانداق ئويلايدىكىن بىلمىدىم  ؟؟؟؟؟
ئۇيغۇر  ئۇيغۇرۇڭنى قەدىرلە~~~~!
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
ArmanimⅡ
armanim120@hotmail.com
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2006
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 389
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە389دانە
ياخشى باھا: 34 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3189 سوم
تۆھپىسى: 98 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 960(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 02:09 AM

بۇ قەيەردە يۇز بەرگەن ئىشلار ؟! يېقىدىن بىرى مۇشۇنداق ئىشلارنى بەك تۇلا ئاڭلايدىغان بۇلۇپ قالدىمفۇ  
[ بۇ يازما ArmanimⅡ تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
Where there is a will,there is a way
ئىرادە قەيەردە، يول شۇ يەردە

Love will find a way
مىھىر-مۇھەببەت ھامان يول تاپالايدۇ.

Don't cry because it over ,smile because it happened
«نازى
مەن ئوماق كۈلقىز!!!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15713
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 126
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە126دانە
ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2842 سوم
تۆھپىسى: 115 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 319(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-30
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 02:17 AM

خوتەندە...........       
ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
aziz
كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئازسۆزلە!!!!....
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1615
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 245
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
ياخشى باھا: 93 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 56 سوم
تۆھپىسى: 117 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 243(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-20
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 02:25 AM

بۇراس بولغان ئىشمۇ نىمە؟ رىئاللىققا بەكمۇ يىقىنكەن.
مانا بۇ تۇرمۇشنى مۇھەببەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ توي قىلغاننىڭ ئاقىۋىتى  
بىچا رە..... ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ، ئاللاھ بەختىنى بەرگەي
تىمىڭىز غا رەھمەت..!!!
كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئازسۆزلە!!!!....
aziz
كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئازسۆزلە!!!!....
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1615
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 245
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە245دانە
ياخشى باھا: 93 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 56 سوم
تۆھپىسى: 117 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 243(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-20
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 02:27 AM

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  «نازى كە 2010-11-20 02:17 AMئەۋەتىلدى  :
خوتەندە...........       

سىزمۇ خوتەندىنىمۇ؟
خوتەننىڭ قەيەرىدىن  ؟
كۆپ ئاڭلا!!!!.....ئازسۆزلە!!!!....
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
تەنھا88
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2939
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 356
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە356دانە
ياخشى باھا: 75 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3951 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1400(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 02:34 AM

4-قەۋەت («نازى) نىڭ يازمىسىغا

قىزچاق خوتەندىمۇ بۇنداق ئشلار ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغۇ،مەنغۇ 13 ياشتا قىز بالىنىڭ تويىنى قىلغىننى كۆرمىدىم  
ھەممە نەرسە سېنىڭ كۆرگىنىڭدەك بولىشى ناتايىن!
ئۇيغۇرشاھ
Misranim
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 666
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3347 سوم
تۆھپىسى: 200 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1181(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-21
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 03:25 AM

كۆپىنچە ھېكايىلەر ئويدۇرۇلۇپ چىقىرىلغان بولماستىن تۇرمۇشتىكى يۈز بەرگەن مەلۇم ئىشلارغا ئاساسەن ئىش قوشۇلۇپ يېزىلىدۇ.ئەلۋەتتە،ھېكايە بولغانىكەن ھېكايىدەك مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك.بۇ قەيەردە يۈز بەرگەن ئىش ؟دېسە"خوتەندە"دەپلا جاۋاب بېرىش ئادەمنى سەل سوغۇق تەرلىتىپ قويىدۇ.(گەرچە ئەسەردىكى كىشى ناملىرى ئۆزگەرتىلگەن بولسىمۇ.مەن شۇنداق ئويلىدىم).
ئالدىراپ قالدىڭىزمىكىن تاڭ،ھېكايىڭىز باشلىنىپ بولغۇچىلا تۈگەپ قاپتۇ.سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم:
ھېكايە يازغاندا ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى كاللىڭىزدا تۇتىۋېلىپ بىرسىگە قىسقىچە بايان قىلغاندەكلا ئەمەس،بەلكى پىسخىك،مۇھىت تەسۋىرلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىپ ھېكايىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىڭ.


بىرەر يازغۇچى بولمىساممۇ نۇرغۇن يىللاردىن بېرى توردا تۇرۇپ،ئاز تولا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تېرىپ،توپلىغان ئازغىنە تەجرىبەم بار دەپ ئويلىغاچقا پىكىر بېرىپ باقتىم.(شەخسىي ئاداۋەتنى چېتىۋالغان قارشى پىكىرى بارلار ئۆزەمگە بىۋاستە دېسەڭلار بولىدۇ،مەن يازغۇچى،تور يازغۇچىسى دىگەنلەر ئەمەس.كەينىمگە  قىسىلىۋېلىپلا"بەزىلەر"نى ئىشلىتىپ سېسىق گەپ قىلىشمىغايلا.)
تارىخنىڭ يېزىلغان قىسىملىرىدىن،يېزىلمىغان ياكى يېزىپ ئۆچۈرۈلگەن قىسىملىرى چىنراق بولىدۇ.
ـــ مەمتىمىن ھوشۇر(قۇم باسقان شەھەر)
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
MUXAKKAT
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14912
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 79
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە79دانە
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2294 سوم
تۆھپىسى: 40 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 423(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 04:20 AM

بۇ خىل نىكانى ھازىرقى جەمىيەتتە خاتا دەپ قارىساق .يېشى ئوتتۇزدا توي قىلغانلارنىمۇ كورۇۋاتىمىز،ئاتمىش يىللىق تەجرىبەبار.جەمىيەتنى چۇشەنسەڭ .قىزلار ئپپىتىدىن،ئوغۇللار ۋىجدانىدىن ئايرىلىدۇ.لېكىن ئاياللارنى قەدىرلەش ئەرلەرنىڭ بۇرچى.
ئاللا بىز گە ياخشىلىق ئاتا قىلغايسەن
UYGHUR-S-X
ئامېرىكا بىزنىڭ دوستىمىز !
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 16185
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 277
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە277دانە
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2588 سوم
تۆھپىسى: 145 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 92(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 04:33 AM

مەيلى راس ،مەيلى تۇقۇلما بولسۇن...بۇنداق كىچىك توي قىلىشقا بولمايدۇ مىنىڭچە !
ئامېرىكا قىممەت قارىشىڭدا چىڭ تۇر !
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
jula0997
jula 0997  misranimdiki barlik munbardaxrarga ag ali salam yollaydu
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13458
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 278
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3288 سوم
تۆھپىسى: 106 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1031(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-11
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 04:49 AM

مىنىڭ ئەڭ ھەيران قالغىنىم شۇكى ، بۇ قىزغا ھۆكۈمەت ئەجەپ توي خېتى كىسىپ بىرىپتا ؟ ئۇلار توي خېتى كېسىشتىن بۇرۇن نۇپۇس ، كىملىك دىگەنلەرنى سۈرۈشتۈرمىگەنمىدۇ ؟ توي خېتى كېسىدىغانلار پارىنى ئېغىر يەپ سالغانمىدۇ يا ؟ ئەڭ ياخشىسى كۆپراق سۆزلىمەي ، سۈكۈت سۈكۈت يەنە سۈكۈت .. .. .. .. .. .. .. ..
ئى ئاللاھ،بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن،ماڭا شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمان مۆئىمىنلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئامىن!!!...