مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 190 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كــۈلــرەڭ خـىـيـالـلار
قەھۋە
كۆزۈڭنى يۇم،كۆزگە ئايلانسۇن كۆڭۈل!
دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2228
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 255
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە255دانە
ياخشى باھا: 63 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 8856 سوم
تۆھپىسى: 71 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 2353(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 12:19 AM

1 كــۈلــرەڭ خـىـيـالـلار

كــۈلــرەڭ خـىـيـالـلار 'h&"xXv4|  
_bO4s#yI  
جىمجىت كېچە،ئالدىمدا بىر ئىستاكان قەھۋە،دەرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ خىياللار دېڭىزىغا غەرق بولدۇم.كۆزۈمگە 15كۈنلۈك ئاينىڭ نازۇك جىلۋىلىرى،شوخ يۇلتۇزلارنىڭ كەپسىزلىك بىلەن جىمىرلاشلىرىمۇ كىرمەيدۇ.مەن ئۈچۈن پۈتۈن جاھان قاراڭغۇ،قەلب ئۆيۈمگە ئوخشاشلا قاراڭغۇ...مەڭزىمدىن سىرغىپ چۈشىۋاتقان قەترىلەرنىمۇ سەزمەستىن يۈرۈكۈمنى ئامبۇردا قىسىۋاتىمەن.ئازاب دېڭىزى بىرلە ئېقىۋاتىمەن.ھەسرەت دەشتلىرىگە قاراپ ئاستا كېتىۋاتىمەن...قەلب قەسىرىمنى يورۇتۇپ تۇرغۇچى كۈمۈش رەڭ نۇرلار مۇدھشقا يول بېرىپ يىراقلارغا ئۇزىغان،خۇشاللىقىمنىڭ گۈللىرى ۋاقىتسىز توزىغان... ]`2=<n;=  
p/a)vN+*x'  
كىمدىن ئاغرىناي؟ئۆزۈمنىڭ يارىماسلىقىدىنمۇ؟زىيادە ئاق كۆڭۈللىكىمدىنمۇ؟كىم دېدى ماڭا ئەقىل كۆزۈڭنى چىڭ يۇمۇۋال دەپ،كىم دېدى ماڭا قارا كۆڭۈلنى دوست تۇت،ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىل دەپ،كىم دېدى ماڭا يالغان ياۋىداقلارغا شۇنچە ئاسان ئىشەن دەپ،يەنە كىم دېدى ماڭا ئۆزۈڭنى ئالداپ قەلب يۈگەنلىرىڭگە كىشەن سال دەپ...ئەسلى ھېچنىمىگە قارىماي بەختلىك بولاتتىم،شاتلىق بىرلە كۈلەتتىم،چىن دوستلىرىمدىن،ۋاپالىق نىگارىمدىن پەخىرلىنىپ مەغرۇرلارچە يۈرەتتىم...ئەگەر،ئەگەر ۋاپاسىزغا سىرىمنى بەرمىگەن بولسام،دوست قىياپىتىگە كىرىۋالغان ساختىپەزلەرگە ئىشەنمىگەن بولسام،ئەقىل تىزگىنىمنى ئاچچىق بورانلىرىنىڭ ئۆز مەيلىدە ئۇچۇرۇشىغا يول قويمىغان بولسام،بەلكىم،بەلكىم ھەممە ياخشى بولاتتى،نازۇك يۈرەكلەر ئازاب شارابى ئەمەس بەلكى سۆيگۈ مېھىر شەربەتلىرىنى قانغۇچە ئىچەتتى،ئىككى مىسكىن قەلب ۋىسال قەسىرىدە تاڭ بىلەن تەڭ كۈلەتتى.... k2xOu9ncEj  
t(|\3$z  
جان دوست ئىدۇق،بالىلىقتىكى ئاداش ئاداش بولايلىدىن تارتىپ،ئۆسمۈرلۈكتىكى سەبىي خىياللارغىچە،ياشلىقتىكى نازۇك تۇيغۇلاردىن كېيىنكى رەشىك ئوتلىرى ۋەيران قىلغان ناتونۇشلارغىچە...خىيالىمدا غۇۋا،سېنىڭ مەن بىلەن باشقىلار تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن قونچىقىم ئۈچۈن ئاچچىق يىغلىغانلىرىڭ،كىيىمىمگە مەينەت سۇ چېچىۋەتكەن شۇ كەپسىز بالا بىلەن مەردانىلەرچە سوقۇشقانلىرىڭ،ئاپام بىلەن دادام رەنجىشىپ قېلىپ ئاپام چوڭلارنىڭ ئۆيىگە باتناپ كېتىۋالغىنىدا مېنى باغرىڭغا بېسىپ ئۆكسۈشۈمگە ئۆكسۈش بىلەن ھەمراھ بولغانلىرىڭ،پالاكەتلىكىمدىن  دادام بەرگەن مۇئەللىمگە تاپشۇرىدىغان كىتاپ پۇلىنى يوقىتىپ قويغىنىمدا ئىككىلەنمەستىن ھېيتلىق پۇللىرىڭنى ئېلىپ بۇدرۇق قوللىرىڭ بىلەن بۇدرۇق قوللارغا تۇتقۇزغانلىقىڭ،باشقىلار ماڭا تۆھمەت قىلىپ ئاچچىق ياشلارغا تۇتقۇن بولغىنىمدا مەن ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلايمەن دەپ لۈكچەك قىزلاردىن تاياق يېگەنلىكىڭ...ئېسىمدە،بىز قىيغىتىپ ئوينىغان يەسلىي،قول تۇتۇشۇپ مېڭىشقان يوللار،ئېسىمدە،بىز ئايلانغان كوچا،بىز بېرىشكەن قوللار،ئېسىمدە،بىز دائىم بارىدىغان باغچا،بىز بىللە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىغان سېنىڭ ئۆيۈڭدىكى ئوماق قونچاق سۈرەتلىك ئورۇندۇق،ئېسىمدە بىز دائىم بېرىدىغان كوچا دوقمۇشىدىكى راڭپىزىخانا،ئېسىمدە بىز پۇللىرىمىزنى قوشۇپ نۇرغۇن كىتاپلارنى سېتىۋالغان تونۇش كىتاپخانا...ئېسىمدە بىز نازۇك تۇيغۇلىرىمىزنى ئېيتىشىپ سىر بېرىشكەن ئاشۇ گۈزەل ئاخشام،ئېسىمدە سېنىڭ ئاپاڭ،مېنىڭ ئاپام ھەيران قالىدىغان بىزنىڭ تۈگىمەس پاراڭلىرىمىز،چىن دوسلۇق بابىدىن گۈزەل قەسىدىلەرنى يازىمىز دەپ بېرىشكەن ئۇلۇغ ۋەدىلىرىمىز...ھېچقايسىنى ئەسلىگۈم يوق،چۈنكى خىياللىرىمنىڭ ئاخىرى نەگە تۇتىشىدىغىنى ماڭا ئايان،قەلبىمدىن تۆكۈلىدىغىنى ئازاب ۋە پىغان... 9(>l trA  
ئويلىمىغان،كۆڭۈلگە تالىق تۇيغۇلارنىڭ ئاخىرى ئىككىمىزنىڭ دوستلۇقىنى بۇنداقلا ۋەيران قىلىشنى،ئويلىمىغان،ئارىمىزغا نىزا سالغان دۈشمەنلەرنىڭ قاقاقلاپ غالىپلىق ئىلكىدە كۈلىشىنى،ئويلىمىغان،رەشىك ئوتىنىڭ دوستلۇق رىشتىمىزنى رەھىمسىزلەچە ئۈزۈشىنى...ئۇنىڭ بىلەن سەن بالدۇر تونۇشتۇڭمۇ مەنمۇ بۇنىسى ھازىرغىچە نامەلۇم،ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭۈل مەيلى شۇنىڭغا باغلانغان ئىدى،سېنىڭ سىرىڭدىن مەن بىخەۋەر،مېنىڭ سىرىمدىن سەن،شۇ ئاخشام سېنى ئاپاڭدىن سورىۋالدىم.تۈگىمەس پاراڭلىرىمىزنىڭ ئايىغىدا ساڭا ،جان دوستۇمغا ئالەمچە شاتلىقىمنى دىيىشكە ئالدىرىدىم،چۈنكى مەن شۇ كۈنى ئۆز بەختىمنى تاپقان ئىدىم.يۈزلىرىم قىزاردى،يۈرۈكۈم ھاياجاندىن يېنىك تىپىرلىدى،ساڭا ئېيتتىم.سېنى مەن ئۈچۈن ئالەمچە شاتلىققا تولىدۇ دەپ ئويلىدىم،ئەمما سەن مەن كۈتكەندەك خۇشال بولمىدىڭ،ئەلۋەتتە ماڭا چاندۇرماسلىققا تىرىشاتتىڭ،كۈلۈپ تۇرۇپ مېنى تەبرىكلىگەن بولدۇڭ،ئاندىن بېشىڭ ئاغرىپ كەتكەنلىكنى ئيتىپ بالدۇر ئۇخلاش تەكلىپىنى بەردىڭ،شۇ چاغدا گەرچە سەندىكى نورمالسىزلىقنى سەزسەممۇ لېكىن ھەرگىزمۇ باشقىچە ئويلىمىغان ئىكەنمەن.ھازىر ئويلىساممۇ يۈرۈكۈم ئېچىشىدۇ،شۇ چاغدا قانداق بەرداشلىق بەرگەن بولغىيتتىڭ،چۈنكى كېيىن سېنىڭ قەلبىڭنىڭ ئۇنىڭغا قانچىلىك باغلانغىنىنى ھېس قىلغىنىمدا ساڭا ئۈن تىنسىز ئاپىرىن ئوقۇغانمەن.ئۆز ھېسىياتىمدىن ھەتتا گۇمانلىنىپ يېنىك چۆچىگەنمەن.شۇ چاغدا سېنىڭ قاچانلاردا ئۇخلىغىنىڭ نامەلۇم،لېكىن مەن ئۇخلىيالمىدىم.ئەلۋەتتە ،ھاياجاندىن ئىدى... QJaF6 >m  
ئەتىسى ئاپام بىزنى نامازغا ئويغاتقاندا كۆزۈڭ قىزىرىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ سورىدىم.بىلمەيمەن دېدىڭ سەن،بەلكىم پاشا چېقىۋالغان بولسا كېرەك،11ئايدا نەدىكى پاشا بولسۇن دېدىميۇ يەنە ئارتۇقچە ئويلىمىدىم.دۆتلۈكۈم دەيمۇ ئەمدى بۇنى...شۇنداق قىلىپ كۈنلەر ئۆتتى،سەن گەرچە ماڭا يەنە بۇرۇنقىدەك دوستلۇق مېھرىڭنى بېرىۋاتقان بولساڭمۇ،لېكىن بىر يەرلىرىڭدىن ئېچىلالمايتتىڭ،كۈلەلمەيتتىڭ،سەندىن سورىدىميۇ لېكىن ئىچ سىرىڭنى ئالالمايتتىم... K 0i[D"  
شۇنداق قىلىپ مەن بەخت قوينىدا ئەللەيلىنىۋەردىم،سەن بولساڭ ئۆز ئازابىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئۈن تىنسىز ياشاۋەردىڭ،ھەممە ئىش سېنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ قۇدىلاشقانلىق خەۋىرى كەلگەندە باشلاندى،سېنىڭ داداڭ بىلەن ئۇنىڭ دادىسى يېقىن ئىدى،سىلەردىن بىخەۋەر تويلىشىشقا پۈتۈشۈپتىدەك.خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۆلمىدىم ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم.ئۇنىڭ بەرگەن تەسەللىيلىرىگە سېنىڭ بىر مەزگىل ماڭا كۆرۈنمەي يوقۇلۇپ كېتىشىڭ قوشۇلۇپ مېنى گۇمان دېڭىزىغا غەرق قىلدى،ئەسلى سەن ماڭا قانداق چۈشەندۈرۈشنى،قانداق قاراشنى بىلەلمەي شۇنداق ئۆزۈڭنى قاچۇرغان ئىكەنسەن،يەنە بىر تەرەپتىن مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئەقىدەمنى سىنىماقچى،ئەگەر بەل قويىۋەتكۈدەك بولسام ئۆز بەختىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلماقچى ئىكەنسەن،دەل مۇشۇ چاغدا ئارىمىزغا نىزا تېرىلدى،ئاللىقانداق ئۆزىنى سېنىڭ مېنىڭ دوستۇم دەۋالغانلار ماڭا كېلىپ سېنىڭ ئۇنىڭغا قانچە كۆيىدىغانلىقىڭنى،ھەممە ئورۇنلاشتۇرۇش سېنىڭ قولۇڭ بىلەن بولغانلىقىنى ئېيتىشتى،پىتنە پاساتلىرى بىلەن ئارىمىزغا گۇمان،ئىزا ئۇرۇقلىرنى چېچىشتى،سېنىڭكىنى ماڭا،مېنىڭكىنى ساڭا كۆپتۈرۈپ،بۇرمىلاپ يەتكۈزۈشتى،نەچچە يىللىق دوستلۇق،ئەقىدە ئاستا ئاستا يىمىرلىشكە قاراپ يۈزلەندى،ھېسىيات ئەقىل كۆزىمىزنى توسىۋالغان بولسا كېرەك ئىككىلىمىز دۈشمەنلەرنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئوينىدۇق،شەيتانلارنى قەلب قەسىرىمىزگە توختىماستىن چىللىدۇق،چىن ئەقىدە ۋاپادىن رەھىمسىزلەرچە يۈز ئۆرىدۇق،سېنىڭمۇ جەھلىڭ قاتتى،مېنىڭمۇ شۇ...ئۇشبۇ دۈشمەنلەر بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى،ئۇنىڭ گەپلىرىنى دىمىگەننى دىدى قىلىپ،كۆرمىگەننى كۆردۈم قىلىپ ساڭا،ماڭا چاقتى،ھەر ئىككىمىز ئازاب بىرلە ئاچچىق بوزلىدۇق،ئەقىل تىزگىنىمىزنى يىراقلارغا قوغلىدۇق،بىر تەرەپتىن جان دوستتىن كەلگەن ئاچچىق زەربە،يەنە بىر تەرەپتىن قەلب مەبۇدىمىزنىڭ تۈرلۈك ئويۇنلىرى،ئەلۋەتتە،باشقىلار ئورۇنلاشتۇرغان ئويۇنلار...شۇنداق قىلىپ سەن مەندىن،مەن سەندىن ئاغرىندۇق،ئەقىدىمىزگە ۋايىم يىدۇق،ئىشەنمەسلىك ئۇرۇقلىرى دۈشمەنلەرنىڭ باشلىغان زەھەر سۇلىرىدا سۇغۇرۇپ ئايناتتۇق،مەن ئۇنىڭدىن رەنجىپ قارىمىدىم.سەن ھەم ئىككى ئارىدا ئېغىر ئىسكەنجىدە قالدىڭ... $~V,.RD  
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئاخىرى سېنىڭمۇ ئۇنىڭغا كۆيىدىغانلىقىڭ بىر ھەقىقەت ئىدى،رىئاللىق مېنى ئىشەندۈرۈپ تۇراتتى،تەقدىرنىڭ ئويۇنلىرى مېنىڭ ئىزىلىپ بوزلاشلىرىمغا قاراپ قاقاقلاپ كۈلەتتى. ;MqH)M  
ئۇنىڭ كېلىپ كەچۈرۈم سوراشلىرىمۇ قەلبىمنى ئېرىتەلمىدى،ياق،ئېرىتەلمىدى ئەمەس،ئېرىشكە جۈرئەت قىلالمىدى،چۈنكى يۈز بەرگەن نۇرغۇن نۇرغۇن ئىشلار مېنى ئۇشبۇ بەختتىن توسۇپ تۇراتتى،ھەر قېتىم بولدىلا،ئۇ مېنى دوستۇم دېمىگەندىكىن ئۆزۈمنى،ئۇنىمۇ قىينىماي بەختىمنى چىڭ تۇتاي دەيتتىميۇ لېكىن سېنىڭ ئاشۇ كېچىدىكى جىمىپ قېلىشىڭ،ئەتىسىدىكى كۆزۈڭنىڭ قىزىللىقى،بالىلىقتىكى سەن بىلەن بىرگە ياڭراتقان دوستلۇقنىڭ گۈزەل كۈيلىرى ئېسىمگە كېلىپ ھەممىىنى ھەممىنى ئىنكار قىلىشقا،ماڭا تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان،مېنىڭمۇ ھاياتىمدا يۈرۈكۈم بىرىنچى قېتىم ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېرىگەن،ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆيگەن بىرسىگە يالغان ئېيتىشقا،ئۆزۈم بولسا ئازابقا ئەل بولۇپ كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشكە،ياشلىرىمنى سەلدەك ئېقىتىشقا مەجبۇر ئىدىم.يەنە بىر تەرەپتىن ئاتالمىش دوستلار ماڭا يەتكۈزۈپ كەلگەن سېنىڭ يۈزسىزلىكىڭ مېنى دەرغەزەپكە سالاتتىدە بارلىق ئويلىرىمنى بىتچىت قىلىپ ھېچنىمىگە قارىماستىن ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولۇشنى ئىستەپ قالاتتىم.لېكىن سەن،سېنىڭ قىزارغان كۆزۈڭ،يوشۇرۇن كۆيۈشتىكى تارتقان ئازابلىرىڭ كۆز ئالدىمغا كەلسىلا ھەممىنى يەنە يىراقلارغا ھەيدەشكە ئاتلىناتتىم،يۈرۈكۈمنى پىچاقتا تىلىپ تۇرۇپ كۆز ياشلىرىمنى ئىچىمگە يۇتاتتىم....ئاھ،ئۇ كۈنلەردىكى سېنىڭ ئازابىڭ،مېنىڭ ئازابىم،ئۇنىڭ ئازابى.... Q_bF^4gt  
ئاقىۋەت،ئۇ،تەڭسىزلىككە چىدىماي يىراقلارغا كېتىشنى تاللىدى،كېتىدىغان كۈنى مېنى ئىزدىدى،لېكىن ئۇنىڭغا ئىللىق قارىمىدىم.يۈرۈكۈمدە مىڭلىغان نالىلىرىم بولسىمۇ،مىڭلىغان پىغانلىرىم بولسىمۇ،ئۇنىڭغا قىلچە چاندۇرماستىن ئادەتتىكى تۇنۇشلاردەك خوش ئېيتتىم.بىلىمەن،ئۇنى قىيناپ قويدۇم.ئۆزەمنىمۇ قىينىدىم.ئەلۋەتتە،سەنمۇ قىينالدىڭ...مانا بۈگۈن ساقمۇ ساق بىر ھەپتە بولدى،يا ئۇنىڭدىن خەۋەر يوق،يا سەندىن،ھېچنىمىدىن بىخەۋەر ئاپام سېنى كەلمەس بولۇپ كەتتى دەپ مەندىن سوراپ قويىدۇ،مەن بولسام چاندۇرماستىن ئالدىراش ئۇ دەپ قويىمەن،بىر تەرەپتىن ئاچچىق ھىجران يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەيدۇ،بىر تەرەپتىن سەن بىلەن ئارىمىزدىكى ئىشلار...ئۇ كەتكەندىن كېيىن باشقىلارنى ئويۇنلىرى ئاستا ئاستا نىقابىنى ئاچتى،ئىككىلىمىز دۈشمەنلەرنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئوينىغىنىمىزنى بىلىپ ئۆرتەندۇق،ئاچچىق ھەسرەت چەكتۇق،مەن سېنىڭ باغرىڭغا چۆكۈپ بوزلاپ يىغلاشنى ئويلىدىم.سەنمۇ چوقۇم ماڭا ئېسىلىپ ئاچچىق ئۆكسۈشنى ئويلىدىڭ،لېكىن بەك جىق بەك جىق ئىشلار يۈز بېرىپ كەتتى،ئەڭ مۇھىمى رەشىك كۈندەشلىك ئوتىدا بىر بىرىمىزگە ئازار بىرىشكەن ئىككى ئەقىلسىز دوست بىر بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قاراشنىمۇ بىلمەيمىز،قىسقىسى مەن قانداق قاراشنى بىلمەيمەن.چۈنكى ئۇ ھەر ئىككىلىمىزنىڭ يۈرىكىدىكى يارا،سەنمۇ كۆيىسەن،مەنمۇ كۆيىمەن.سەنمۇ ھىجران ئوتىدا ئۆرتىنىسەن،مەنمۇ سەندىن ئۆتە ئۆرتىنىمەن.ئۇ قانداق ئوتتا ياشاۋاتىدۇ بىزگە نامەلۇم.... F;mK) Q-  
ئۇف،يۈرۈكۈم ئاغرىپ كەتتى،كۈلرەڭ خىياللىرىمنىڭ ئايىغى چىقىدىغاندەك ئەمەس.ئاچچىق قەھۋەدىن بىر ئوتلىدىم.بىر ياندا سەن،بىر ياندا ئۇ،ئالماشقان كۆرۈنۈشلەر يۈرۈكۈمنى خۇن قىلىۋەتتى،كۈلۈپ باقمىغىلى نىكەم مەن.جان دوست،ئەزىزلەپ كۆيگەن نىگار،ئاچچىق ئۆرتىنىۋاتقان ئۈچ يۈرەك،زادى كىم ئەيبلىك؟ئۆزەمنىلا ئەيبلىدىم ،بەلكىم بەلكىم ھەممە ئىشلارنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن مەن ئۆزەم...ھەممىگە مەن ئەيبلىك... /\S1p3EW*  
ئۇنى سېغىندىم.سېنى سېغىندىم...يەنىلا دەرىزە ئالدىدىمەن،15 كۈنلۈك تولۇن ئاي،شوخ يۇلتۇزلار يەنىلا شۇنچە جىلۋىلىك،ئەمما مەن ئۈچۈن ھەممىسى بەرىبىر،ھاياتىمدىكى ئەڭ قەدىرلىك ئىككى قەلبنى تەڭلا رەنجىتكەن،تەڭلا ئازار بەرگەن مەن ئۈچۈن ھەممە ئاخشام ئوخشاشلا مۇدھىش،ھەممە خياللار ئوخشاشلا كۈلرەڭ... fXPD^}?Ux4  
 6[<*C?  
مەنبە:ئۆز قەلىمىم(بۇ پەقەت رىئاللىقتىكى مەلۇم ھېكايىنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر،ئاپتۇرغا باغلاپ چۈشىنىۋالمىغايسىزلەر.) r?s,  
2010.11.19
Cc?BJ  
[ بۇ يازما قەھۋە تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ArmanimⅡ
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-19, 16:27
-سىز كۆرۋاتقان تىما كــۈلــرەڭ خـىـيـالـلار,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
" مەن قايتىلانمايمەن،ئۆمرۈم يىڭىلانمايدۇ،پەقەت قايتىلىنىدىغىنى باھار،
يىڭىلىدىغىنى ئارمان!"
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
Mamat-BoraN
مـەمـەت بــوران
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 17016
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 80
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1332 سوم
تۆھپىسى: 40 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 233(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-10
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 12:28 AM

دىڭىز بويىدىكى چايكىلارنىڭ ئاۋازى ئەجەپ يىقىملىق ئاڭلىنىدىكەنغۇ ؟
غەزەپ بىلەن ھومىيمەن،
قەبىھى زالىملارغا .
كالا بولۇپ باش ئىگىمەن ،
سەبىھى بالىلارغا .
HEKMAT
ئىللەت ئۆزگەرمىگۈچە  مىللەت ئۆزگەرمەس !
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1284
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 53
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە53دانە
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3788 سوم
تۆھپىسى: 89 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 97(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 12:48 AM

تۆنۆگۈن  بىر  ئۆتمۈش ، بۈگۈن  بۈگۈن  بىر  سىناق  ،  ئەتە  بىر  تېپىشماق  . i,Yq oe`  
  بۇرۇن  قىلغان  ئىشلىرىمىزدىن ،  ئەقىلسىزلىقىمىزدىن  ، بىخەستلىكىمىزدىن <_HK@E<_HO  
پۇشايمان  قىلايلى  ،  ئازاپلىنايلى .  لېكىن  ئەتىگە  ئۈمىدۋار  بولايلى  . Lw 7,[?,Z  
ئازاپ  بولمىسا   كېيىنكى  تۇرمۇشمۇ  مەنىسىز  . pKf]&?FX  
  تۆنۆگۈن   بولدىلا  سېنى  ئەڭ  ياخشىسى  ئۇنتۇپ  كېتەي  .  
ھەقىقىي  ئۇيغۇردەك  بولغىن  !
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
cubat
ئىتقاد بارچە بارچە ئەقىلنىڭ ئالدى...
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6587
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 983
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە983دانە
ياخشى باھا: 292 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4638 سوم
تۆھپىسى: 285 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1392(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-20
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 12:01 PM

تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ كەتسەك، بۈگۈن قەدىرلىك بولماي قېلىشى مۇمكىن، ئازاپنىڭ پەيدا بۇلىشى بەخىتنىڭ باشلىنىشنىڭ مۇقەددىمىسى... sd;J(<Ofh  
RbUhLcG5  
مەن ئەتە يەنە يىغلايمەن دەپ كىم ئېيتالايدۇ، ئەتە بۈگۈندىنمۇ گۈزەل بۇلىشى مۇمكىن.
ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...
manggu
نىشانىم مەڭگۇ تىرىشىش !!!
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15809
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 45
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە45دانە
ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1166 سوم
تۆھپىسى: 40 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 56(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 12:13 PM

ھايات ھەقىقەتەن سىرلىق -ھە  .....  (مۇزىكا نىمىدىگەن يىقىملىق )      
★   مەڭگۇ   ★
بۇ يوللار ئۇزۇن ھەم ئەگىرى توقاي ، ئەگەر ھايات ماڭا چاقچاق قىلسا ،مەن ئۇنىڭ بىلەن  مەڭگۇ   كۆرەش قىلىمەن !!!   ←214→
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
ziyaliy
زىيالىي
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 18074
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 923 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 12(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-11-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-20 12:26 PM

ئائىلە  ئىشەنچ ئۈستىگە پۇت دەسسەپ تۇرىدۇ، مۇھەببەتمۇ شۇ.      ئۆتكەن سەۋەنلىك، خاتالىقلارغا سالاۋات دەپ،   ئالدىمىزدىكى ئۇزاق مۇساپىگە مۇھەببەتلىك نەزەر بىلەن قەدەم باسايلى.  دۈشمەنلەرنىڭ ئىناق ئائىلىمىزنى، گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى بۇزۇشىدىن، نەشتەر سانجىشىدىن ، ئېزىقتۇرىشىدىن ھەزەر ئەيلەيلى! tHF -OarUO  
Jg3OM Ut  
   بىر  ھەدەشنىڭ سىڭلىسى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن،  ئۇ ھەدىمىز  26 ياشتا بولۇپ، سىڭلىسى 20 ياشلىق چىرايلىق قىز ئىكەن. بۇ ھەدىمىز توي قىلغان بولۇپ ئېرى تاكسى شوپۇرى ئىكەن.  شۇڭا دائىم سىڭىلىسىنى قوللاش ئۈچۈن مەكتىپىگە بېرىپ ئىزدەپ تۇرىدىكەن. دائىم يوقلايدىكەن.  بەزىدە يولدىشى ،بەزىدە  ئۆزى. كېيىن، ئۇ قىز ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا بۇ شوپۇر بىلەن توي قىلىپتۇ.    ئاچىسى بىر بالىسىنى ئېرىگە بېرىپ  ،  تۇل قاپتۇ.     بۇ  غۇلجىدا ئالدىنقى ئايدا بولغان ئىش.  ئۇ ھەدەشتىن سورىسام: سىڭلىم، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان، مەن ساۋاتسىز، سىڭلىم  توغرا دەپ قارىسا مەيلى ، سىڭلىم بەختلىك بولسىلا مەيلى،   بەرىبىر 8 يىل ساداقەت بولغان يولدىشىم مېنى تاللىمىدى ، كۆڭلى يوق ئىكەن.  دەپ كۆز ياش قىلدى.    مېنىڭ كاللامدىن  زادى  ئۆتمىدى.
زىيالىيلار مىللەتنىڭ روھىي يۆلەنچۈكى ھەمدە كەلگۈسى ئۈمىدى!
Kurxad
ئوڭ مەڭزىڭگە سۆيۈپ قوياي،ئۇيغۇرۇم!
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7432
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 140
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە140دانە
ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3173 سوم
تۆھپىسى: 140 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 34(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-22
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:07

ئەتە ھامىنى يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ ! {wUbr^  
ئېنىقكى، ھاياتتىن  ئۈمۈد ئۈزۈشكە بولمايدۇ،چۈنكى بۇ جان بىزنىڭ بولغان pib i#  
بىلەن بۇ جاندىن سەۋەپسىز خوشلىشىشقا ھوقۇقىمىز يەتمەيدۇ ! zNAID-5K;  
&BF97% E2  
ئەتە ھامىنى يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ ! Fjnp0:p9X  
بەلكىم سىز بۈگۈنكى خۇشاللىقنى ئەتە ئىزدەپمۇ تاپالماسلىقىڭىز،چىللاپمۇ N.\?"n   
ئەكىلەلمەسلىكىڭىز مۈمكىن . شۇنداقلا ھەم بۈگۈنكى دىشۋارچىلىق، >"LHr&;m&h  
بۈگۈنكى بۇ كۈلرەڭ خىياللار،ئاشۇ رەڭسىز دۇنيا مەڭگۈلۈكمۇ ئەمەستۇر. T cW-pY 
d|I_SI 1  
ئەتە ھامىنى يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ ! \"]KF8c^_  
بۈگۈن چۈشتەك ئۆتۈپ كەتتى دەمسىز ، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. / -J  
بەلكىم بۈگۈن قىلىپ پۈتتۈرۈپ بولالمىغان ئىشلىرىڭىز سىزنى بىر o!6~tO=%  
ئۆمۈر چاپتۇرىشى مۇمكىن! بۈگۈن ئۆتكۈزگەن كىچىككىنە سەۋەنلىكىڭىز L{pz)')I  
تۈپەيلى بىر ئۆمۈر ھەسرەت-نادامەتتە، بىر ئۆمۈر ۋىجدانننىڭ سورىقىغا &Hz{   
تارتىلىپ ئۆتۈشىڭىز مۇمكىن. _v/w ,z  
بەرھەق، بۈگۈن پۇرسەت ، ئەتە غەم. _#\e5bE=Z  
fnXYp !  
{ ^J/S}L ]  
ئەتە ھامىنى يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ ! vl`Qz"Xy  
سىز ئۈچۈن ، مەن ئۈچۈن ھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن h.Y&_= Gc  
يېڭى قۇياش ھەممىمىزنى بۇ توختىماس تۇرمۇش رېتىمى ئۈچۈن ~^{>!wU+  
ھەر تەرەپكە چاپتۇرىدۇ، بالىكوندىن سىرىتتا چۈمۈلىدەك Sb4^* $uz  
مىژىلداپ يۈرگەن كىشىلەرگە قاراپ تۇرغىنىڭىزدا ۋاقىتنىڭ ھەممىمىز .2Q4EbM2  
ئۈچۈن ئوخشاش ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭىزمۇ ؟ -1_WE/Ps  
o*k.je1  
-gQtw% `x  
ئەتە ھامىنى يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ ! 1 5heLnei  
ئاشۇ يېڭى بىر كۈننى نەدە كۈتىۋىلىشڭىزنى كىم بىلسۇن؟ (HEi;  
بەلكىم تۇپراق قوينىدا ئاشۇ يېڭى بىر كۈننى بىزدىن يوشۇرۇن 1+F0$ 
كۈتىۋىلىشىڭىز مۇمكىن... \DiAfx 
3u 'VPF2  
YujR}=B!/  
مەيلى قانداقلا بولسۇن، ئىشقىلىپ ئەتە ھامىنى يېڭى بىر كۈن باشلىنىدۇ !
باغلار ئىپار،باغلار بەك  كۆركەم.
ئۇنۇت بارچە قايغۇڭنى ئەركەم .
سەن تېخىچە ئىزدەمسەن بەخىت،
مەن دۇنيانى ئۇنتۇغان نىكەم .