يىقىندىن بۇيان شىنجاڭ تىلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ قۇرۇلغانلىقنىڭ 40يىللىقىنى خاتىرلەش مەخسۇس پىرگىرامسنى كۆرۋىتىپ خيالىم ئىختىيارسىز تىلىۋزۇرنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا يىڭى كىرگەن ئاشۇ 80-يىللاردىكى قىزىقارلىق لىكىن كىشىنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان يىللار ئىسىمگە كىلىپ قالدى.
S1$^ _S
= 81-80-يىللار بولۇشى مۇمكىن مەن دەسلەپ تىلىۋزۇرنى شەھىرمىزدىكى ئەڭ چوڭ سودا سارىيىنىڭ پۇكىيىدە كۆرگەن ئىدىم ئاكىلىرىم ئۇنىڭدا كىنو كۆرگىلى بۇلدىكەن دىسە كىچىكىنە بۇ كۆك ئەينەكلىك نەرسىدە قانداقمۇ كىنو چىقىدىغاندۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ پەقەتلا كۆز ئالدىمغا كەلتۈرەلمىدىم ، ئاردىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەھەللمىزىدىكى ئىقتىسادى ئەڭ ياخشى غالىپكاملار تىلىۋزۇر سىتىۋاپتۇ دىگەن خەۋەر مەھەللىدىكىلەرنى زىلزىلگە سىلۋەتتى،شۇ كۇنى غالىپكاملارنىڭ ھويىلىسى ئادەم بىلەن تولدى خۇددى كنوخاندەك لىكىن ئۇ كۇنى تىلىۋزۇر پەقەت چىمىرلاپلا تۇردى مەھەللمىزىدىكىلەر غالىپكام بولدى خالايىق بىز ئۇخلايمىز دەپ تىلىۋزۇرنى ئۇچۈرۋەتكىچە كۆزمىزنى مىت قىلماي چىمىرلاپ تۇرغان ئۇ نەرسىگە قاراپ تۇردۇق،ئەسلىدە ئۇ كۈنى تىلىۋزۇرنىڭ ئانتىىنىسى توغۇرلانمىغان ئىكەن ،كىيىنچە غالىپكامنىڭ ئۆيى كىنۇخانا بولدى مەھەلىدىكىلەر بەلدىڭلىرىنى كۆتۈرۈپ ھويلىغا توشۇپ كىتەتتى ، يازغۇ مەيلى ، قىش كىلىشى بىلەن غالىپكامنىڭ ئۆيى ئادەم بىلەن توشتى ئادەم توشسىلا مەيلىغۇ ،ئاچچىق مۇخۇركا ئىسى بىلەن توشتى،ئاخرى غالىپكام،كىشىلەردىن بىلەت ئالدىغان بولدى ،بىر كىشىدىن ئوت تىيىن ئالدى،كىيىنچە بىزنىڭ دادۈينىڭ بىر تىلىۋزۇر ئىلىپ مەدنىيەت ئۆيىگە قويدى ،كىشىلەر مەدنىيەت ئۆيگە كۆچتى،شۇ چاغلاردا قويۇلغان ۋۇسۇڭ،<گۇجىن ><خۇيەنجا ><قارغۇ چاشقان>فىلىملىرىنى كۆرسەم شۇ مىنۇتلار كۆز ئالدىمغا كىلىۋالىدۇ .
]r;rAOWVV مەنبە : ئۆزۈم
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]