ئۆزبېكىستان ماھىرىنىڭ كۆمۈش مېدالى بىكار قىلىندى
 {[NBTT9&  
 gM^	Hs7o,  11-ئاينىڭ19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، گۇاڭجۇ تەنھەرىكەت يىغىنىدا تۇنجى بەلگىلىمىگە خىلاپ روھلاندۇرغۇچ ئىشلىتىش سەتچىلىكى كۆرۈلگەنلىكىنى جاكارلىغان.
 ,M5zhp$  16-نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا بىرىنچى قېتىم بەلگىلىمىگە خىلاپ روھلاندۇرغۇچ ئىشلىتىش سەتچىلىكى بايقالغان، ئۆزبېكىستان تەنھەرىكەتچىسى ئەرلەر جۇدو چېلىشىش 81 كىلوگىراملىقلار ماھىرى شۈكۈر مۆمىنوۋ (Shokir Muminov) نىڭ 11-ئاينىڭ14-كۈنى يىغىۋېلىنغان سۈيدۈكىدە روھلاندۇرغۇچ تەركىب بايقالغان. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسى قائىدىگە خىلاپ روھلاندۇرغۇچ ئىشلىتىش شەكىللەندۈرگەن، شۈكۈر مۆمىنوۋنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيتىمۇ ئېلىپ تاشلانغان، نەتىجىسى بىكار قىلىنىپ، كۆمۈش مېدالى قايتۇرىۋېلىنغان. بۇنىڭدىن سىرت، يۇقىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ روھلاندۇرغۇچقا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى، خەلقئارا روھلاندۇرغۇچقا قارشى تۇرۇش تەشكىلاتىغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن.
 P9SyQbcK	  شۈكۈر مۆمىنوۋ 11-ئاينىڭ14-كۈنى جۇدوچە چېلىشىش 81 كىلوگىراملىقلار ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، جەنۇبىي كورىيە ماھىرىگە يېڭىلىپ قېلىپ كۆمۈش مېدالغا ئېرىشكەن.
 D-69/3 PvP  شۈكۈر مۆمىنوۋ__ Shokir Muminov
 =	0Z}s  دۆلەت تەۋەلىكى-ئۆزبېكىستان
 
BJB'o  تۇغۇلغان ۋاقتى: 1983-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى
 (wo.OH  بوي ئېگىزلىكى: 174 سانتىمېتىر
 6zaO$  بەدەن ئېغىرلىقى: 80 كىلوگىرام
 ")i4w{_y  مەنبە: ئوكيان خەۋەر تورى
 mC8c`#1T  http://news.okyan.com/View.aspx?ID=542 wHEt;rc(