پىسخولوگ گۇشىياۋمىڭ مۇنداق دەپ قارايدۇ:«بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋال.بىر ئادەم ئۆزىگە بارلىق ياخشى نەرسىلەرنى مۇجەسسەملىيەلمەيدۇ،شۇڭا يەنە بىر ئادەم ئارقىلىىلىق ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى ئېھتىياجىنى قامدايدۇ.چوڭ بولىشىڭىزغا ئەگىشىپ قەلبىڭىزدىكى ئېھتىياج كۆپىيىشكە باشلايدۇ.سىزدە يېڭى ئېھتىياج پەيدا بولغان چاغدا باشقا بىر ئادەم ئارقىلىق ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرماقچى بولىسىز.شۇڭا پىسخولوگىيە جەھەتتىن ئېيىتقاندا بىر قېتىمدا ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش نورمال ھېساپلىنىدۇ.چۈشىنىشكە بولىدۇ.» k~,
k@mR
پىسخولوگىيەدىن مەسلەھەت بەرگۈچى لىيۇرۈيخەي مۇنداق دەپ قارايدۇ:«ئەگەر قائىدە-يۇسۇن ۋە مەدەنىيەت چەكلىمىسى بولمىغان بولسا،بىزنىڭ تەبىئىتىمىز بويىچە ئىككىلا ئەمەس ئىككىدىن ئارتۇق ئادەمنى بىرلا ۋاقىتتا ياخشى كۆرۈپ قېلىشىمىز مۈمكىن.بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش كۆپىنچە ئەھۋال ئاستىدا،ئىككى خىل مەنىۋى ۋە ماددى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى تولۇقلاش ھېساپلىنىدۇ.ئۇندىن باشقا،ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىلىق دەۋرى،قورامىغا يەتكەن دەۋرى ۋە بالىلىق دەۋرى بولىدۇ.ھەر قايسى دەۋىردىكى مۇھەببەت ئېھتىياجى ئوخشاش بولمايدۇ.» u1\r:q
بەزى پىسخولوگلار مۇنداق دەپ قارايدۇ:«بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش چوڭقۇر پىسخولوگىيىلىك مەنىگە ئىگە.بىزنىڭ جەمىئىيتىمىز تېخى بىر ئەر،بىر ئاياللىق تۈزۈم ئارزۇسىدا تۇرىۋاتىدۇ.بىز ئۆزىمىزنىڭ بىردىنبىر ئادىمىمىز بولىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئۇنىڭ بىزنىڭ مۇھەببەتكە بولغان بارلىق ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز.مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا بىز ئۇنىڭ بارلىقى.بۇ ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەمەسمۇ؟ئاشىق-مەشۇق مۇناسىۋىتىدە،بىز قارشى تەرەپنى ئانا ئورنىغا قويساق بۇنىڭدىن مەڭگۈ قانائەت تاپمايمىز.»وھي ئانالىز قىلغۇچى دىدېر دۇماس مۇنداق دەيدۇ؛«بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش،مۇشۇنداق ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن ئانىنى سېلىشتۇرۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن.» O{Z${TC[
قارشى تۇرغۇچىلار مۇنداق دەيدۇ. 0s RcA -9
بىر قىسىم پىسخولوگلار مۇنداق قاراشنى قۇۋەتلەيدۇ:«مەيلى بىز ئىككى ئادەمگە مۇھەببىتىمىزنى بېرەيلى ياكى ئىككى ئادەمدىن مۇھەببەتكە ئېرىشەيلى،بۇ ئېنىقلا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىش مۈمكىن بولمايدۇ.سىز سەمىمي ئەمەس.ئەمەلىيەتتە سىز ئاللىقاچان يېڭىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز،لىكىن سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋاپاسىز ئىكەنلىكىڭىزنى ئىتراپ قىلغۇڭىز كەلمەيدۇ.شۇڭا ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى ئادەمنى تەڭ ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشكە رازى بولىسىز.» xJA{Hws
پىسخولوگىيىدىن مەسلەھەت بەرگۈچى ۋاڭ گۇ مۇنداق دەپ قارايدۇ:«كىلاسسىك مۇھەببەتتە مۇھەببىتىڭىزنى بىرلا ئادەمگە بېرىشكە بولىدۇ.مىنىڭچە سىز بەلكىم ئىككىلىسىنى ياخشى كۆرمەسلىكىڭىز،پەقەتلا ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياجىڭىزنى قاندۇرۋاتقان بولىشىڭىز مۈمكىن.شۇڭا ھەر ئىككىلىسىنى ئوخشاش ئورۇنغا قويالايسىز.» ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ:«دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى،ئۇلار دەۋاتقان بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ئادەمنى تەڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىش بەلكىم ئوخشاش بولىغان ھىسسىيات بولىشى مۈمكىن.ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇھەببەت ئېنىقلىمىسى ئوخشاش بولمايدۇ ۋە شۇنىڭغا قاراپ مۇھەببەت ئېھتىياجىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.ئادەملەر ھەر خىل سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدۇ.بەلكىم ئادەملەرنىڭ مۇنازىرە قىلىۋاتقىنى ئوخشاش بولمىغان ھىسسىيات بولىشى مۈمكىن.»