چۈشتىن كىيىن مۇنبەرگە كىرىپ ، باش بەتتىكى تىمىلارنى كۆرگەچ «ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى ھايا نەدە قالدى» دىگەن تىمىغا كۆزۈم چۈشتى . 
 Qv=Bq{N  تىما ئادرىسى : 
/read.php?tid-23280._html  *fOIq88
  تىما ماۋزۇسىنى ۋە شېئىرنى كۆرۈپلا ئەرۋايىم ئۇچتى ، بىز قاچاندىن بۇيان ئۆزىمىزنى سۆكۈشكە مۇھتاج بوپ قالدۇق؟ 
 P^n{Y~P=Q  «ئۇيغۇر قىزلىرىدىكى ھايا نەدە قالدى» دىگەن ماۋزۇنىڭ ۋەزنىنى تىما ئىگىسى دەڭسەپ باقمىغانمىدۇ؟ 
 *IVD/9/  تىمىدىكى شېئىردا قاخشاش ، ئاغرىنىشتىن باشقا ، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىرەر ئۈنۈملۈك چارىسى يوق . 
 {AtfK>D  ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنى بىزلا كۆرمەيمىز ، باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ ، چەتئەللەردىكى كىشىلەرمۇ كۆرىدۇ ، تورنىڭ مەدەنىيەت ئۆگىنىش ، مەدەنىيەت تارقىتىش ، مىللىتىنى تونۇتۇش ، تەشۋىق قىلىش رولىمۇ بار ، ئاشۇ شېئىرنى باشقا مىللەت كىشىلىرى كۆرسە ئۇيغۇر قىزلىرى مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ، ئۇيغۇر دىگەن زادى مۇشۇنداق خەق دىگەندەك ئويلارغا كەلمەسمۇ ، مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرى بىلەن سەلبىي تەرەپلىرىنى چوڭقۇر ئويلىشىپ باققانلار قانچىلىك؟  
  L1:
}bH\y  مۇشۇنداق تەنقىت قىلىپ ، ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاپ ، مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈزەيمىز دىمەكچىمۇ؟ 
 +*Q9.LjV  ئۆزىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تەنقىت قىلىپ ، تۈزەتسەك ئەلۋەتتە بولىدۇ ، ئەمما تەنقىت جايىدا بولۇشى ، توغرا ئۇسۇلدا بولۇشى كىرەك ، ھەددىدىن ئاشقان تەنقىتلەش ئۇسۇلى چۈشكۈنلۈك ۋە بىزار بولۇش كەيپىياتى شەكىللەندۈرىدۇ خالاس . 
 P[6dTZ!\s  مىسال : 
 P'gT6*an,"  سىز تاما چىكىدىغان ئادەمنىڭ قىشىغا بىرىپ ، ئىلمىي ئۇسۇلدا چىرايلىق تەربىيە قىلماي ، سەن مۇھىتنى بۇلغىدىڭ ، ئۆپكەڭنى ئىسلىدىڭ ، ئاقچى-كۆكچى ،... دەپ بىرمۇنچە تاپا-تەنە قىلسىڭىز ، ئالدىڭىزدىلا بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چىكىشتىن يانمايدۇ ، ئۇنىڭغا تاماكىنىڭ دىنغا ۋە بەدەنگە بولغان زىيانلىق تەرىپىنى ، تاماكا چەكمەيدىغان كىشىلەرنىڭ پەزىلىتىنى سۆزلەپ قايىل قىلالىسىڭىز ، ئۇ ئادەمنىڭ كاللىسىدا بارا-بارا تاماكا تاشلاش ، تاماكىدىن يىرگىنىش ھىسياتى پەيدا بولىدۇ 
 s2wwmtUCN   Ds;Rb6WcnY  سۆكۈش ئارقىلىق تەنقىتلەش ئۇسۇلى ، ئادەمنى چۈشكۈنلۈككە باشلايدۇ ، ئۈنۈمى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ ، تىمىغا ھاياجانلىنىپ سۆزلەپ ئىنكاس قايتۇرغان بىلەن ، ئىبرەت ئالىدىغانلار ساناقلىق ، بەلكىم يوق بولۇشىمۇ مۇمكىن . ئەمما مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا بولىدىغان سەلبىي تەسىرى ناھايتى چوڭ بولىدۇ . دوختۇر بىمارنىڭ كىسىلىنى بىلىپ داۋالاش چارىسىنى قىلماي ، ئۇنداق بوپتۇ ، مۇنداق بوپتۇ ، دەپ قاراپ تۇرسا ، بىمار ئۆلۈپ كىتىدۇ ، ئەڭ ئاۋۋال داۋالاش چارىسىنى قىلىشى كىرەك . 
 i"ck`6v"8   d+1L5}Jn    7-8-ئايلارغۇ دەيمەن ، تاتار-ئوغلى ئىسىملىك بىر تاتار توردىشىمىز بولىدىغان ، ئۇ مەخسۇس تاتار مىللىتى توغۇرلۇق تىمىلارنى يوللايىتتى ، بىزگە ئوخشاش مىللىتىمىزنىڭ ناچار ئىللەتلىرىنى كۆتۈرۈپ چىقماي ، تاتار مىللىتىنىڭ ئىسىل ئەنئەنىلىرىنى ، مەدەنىيىتىنى ، تارىخىنى تەشۋىق قىلىدىغان تىمىلارنى يوللايىتتى . بىز شۇ تىمىلارى كۆرۈپ تاتار مىللىتى ھەقىقەتەن ئىسىل مىللەت ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يىقىن قىرىندىشى دەپ ماختىشىپ كەتمىدۇقمۇ ، ھەممىمىزدە تاتارلارغا بولغان ھۆرمەت شەكىللەنمىدىمۇ ، دىمەك ئۇ بىزگە مىللىتىنى ئەڭ ئىسىل سۈپەتتە تونۇشتۇردى ، ناۋادا ئۇ بىزدەك مىللىتىنىڭ ناچار ئىللەتلىرى تەسۋىرلەنگەن تىمىلارنى يوللىغان بولسا ، بىزنىڭ تاتارلارغا بولغان قارىشىمىز قانداق بولار ئىدى؟ كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىپ ئويلىنىپ بىقىڭلار! 
 B44]NsYks~  ئۇ ھەقىقىي پەخىرلىك تاتار ئوغلى بولۇشقا مۇناسىپ ، لىكىن بىزچۇ؟ 
 R20a(4m   38OIFT     روھلاندۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەنقىت قىلىشنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ . 
 t
Qp*'  ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق ، كۆپلىگەن ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ بىز ھەۋەس قىلغۇدەك ئىلغار ئىش-ئىزلىرى توغۇرلۇق مىساللار ئۇچراپ تۇرىدۇ ، ئۆزىمىزدىن تاپالمىساق باشقا مىللەتلەردىن چىقىدۇ ، شۇلارنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ، ئۇلاردا مۇنداق-مۇنداق ئىسىل خىسلەتلەر باركەن ، بىز نىمە ئۈچۈن ئۇلاردەك بولالمايمىز...دىگەندەك ئۇسۇلدا تەنقىت قىلساق ، ئارراقلا ئەقلى بار ئادەم بولسا ،  باشقىلار مۇنداق قىلالايدىكەن ، مۇنداق ياشايدىكەن ، مەن نىمە ئۈچۈن باشقىلار قىلغاننى قىلالمايمەن ، نىمە ئۈچۈن شۇلاردەك بولالمايمەن ، مەن قانداق ئادەم...... دىگەندەك نۇرغۇنلىغان نىمە ئۈچۈنلەرنى كاللىسىدىن ئۆتكۈزىدۇ ، ئازراق بولسىمۇ شۇلاردەك بولۇشقا ئىنتىلىش پەيدا بولىدۇ ، ئۈنۈمى بىز بۇرۇندىن تارتىپ قوللىنىپ كىلىۋاتقان سۆكۈش ئارقىلىق تەنقىت قىلىش ئۇسۇلىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ . 
 44g`=o@  روھلاندۇرۇپ تەنقىتلەش ئۇسۇلىغا ھۆكۈمران ئەپەندىمنىڭ ‹‹ ئاتالمىش غۇرۇرىڭىزنى يىراقلارغا چۆرىۋېتىڭ ›› دىگەن تىمىسى ئەڭ ياخشى مىسال بوللايدۇ . 
 x Q@&W;  تىما ئادرىسى : 
/read.php?tid-13600._html  WX+<	4j   2M!+gk=+  مىسال ؛ 
 N}eU.#L  كۆپىنچە تورداشلار مۇنبەردىشىمىز داخاننىڭ «پاھىشە بىلەن سۆھبەت» دىگەن تىمىسىنى كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن ( تىما يوللىنىپ بىرقانچە كۈندىن كىيىن ئۆچۈرۈلگەن) 
 Q'>_59  ئۇ تىمىدا بىر پاھىشە قىزنىڭ مۇنبەر كۆرۈۋاتقىنىغا بىر قانچە يىل بولغانلىقى ، بۇرۇنقى داڭلىق بىر مۇنبەرگىمۇ ئەزا ئىكەنلىكى ، شۇ مۇنبەردىكى نامى بار يازغۇچىلارنى ۋە ئەسەرلىرىنى بىلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن . 
 6C@0[Q\ER  مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەر سۆزلىنىدىغان تىمىلار بۇرۇنقى مۇنبەرلەردە ، ھازىرقىدىنمۇ كۆپ ئىدى . 
 !W(/Y9g#  بىرقانچە يىل مۇنبەر كۆرگەن پاھىشە قىز توغرا يولغا قايتىپتىمۇ؟ 
 #S/pYP`7  خاتا يولدا مىڭىۋاتقانلار ، ئۆزىنىڭ ماڭغان يولىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىزدىن ياخشىراق بىلىدۇ ، ئۇلارغا  توغرا يولدىكى قىرىنداشلىرىمىزنى ئۈلگە قىلىپ تۇرۇپ ، ئىلمىي ئۇسۇلدا تەربىيە قىلىپ تەسىرلەندۈرۈش ، قولىمىزدىن كەلسە ئىقتىسادىي جەھەتتى ياردەم بىرىش ئارقىلىق يامان يولدىن قايتۇرۇپ كىلش تامامەن مۇمكىن . 
 5)/4)0   P\ Pc/[
Z7  مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى تۈزىتىش ئۈچۈن ، نوقۇل ھالدا سۆكۈش ، ئاغرىنىش مەركىزى ئىدىيە قىلىنغان تىمىلارنى مۇنبەرگە يوللاش ، ئۆز مىللىتىنى توردا سازايى قىلىشقا ، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارغۇ قىلىشقا ئوخشايدۇ ،  كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىپ مەن نىمە قىلىپ قويدۇم ، مىنىڭ ياخشى نىيىتىم مىللىتىمنىڭ ئوبرازى ئۈچۈن قانچىلىك سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغاندۇ...دىگەنلەرنى ئوبدان ئويلاپ بىقىڭلار ، مىللىتىمنى ھەقىقىي سۆيىمەن دىگەن ئادەم ئەڭ ئاۋۋال مىللىتىنىڭ ، باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوبرازىغا دىققەت قىلىشى ، ئىناۋىتىنى قوغدىشى كىرەك . تەنقىت جايىدا بولسۇن ، سىلەرنىڭ ياخشى نىيىتىڭلار  مىللىتىمىزنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىسۇن ، مىللىتىمىزدىن پەخىرلىنەيلى تەنقىت جايىدا بولسۇن! 
  
 NzwGc+\7}  
مەنبە : ئۆزۈم[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007  تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى  ]