ئارىدىن ئون نەچچە كۈن ئۆتتى. دوستلىرىم، مۇئەللىم، ساۋاقداشلىرىم كېلىپ مېنى يوقلاپ تۇردى. مۇئەللىم بىر نەچچە قېتىم مەكتەپكە بېرىشىمنى ئېيتقان بولسىمۇ، كۆڭلۈمنىڭ يېرىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بارمىدىم.
توۋا...! تەقدىر قىسمەت دېگەن ئاجايىپ كېلىدىكەن. ئۇ سېنىڭ ئۈمچەيگەن لەۋلىرىڭ، بىچچارە قىياپىتىڭ، ياشقا تولغان كۆزلىرىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرمايلا، پىشانەڭگە پۈتۈلگەن قىسمەتلىرىڭنى رەھىمسىزلارچە ئادا قىلىدىكەن.
ئۇ كۈنى مەن تۇپراق بېشىدىن قايتىپ تاغامنىڭ ھويلىسىغا كىرىپلا، ئىچكىركى ئۆيدە كىملەرنىڭدۇر مىشىلداپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلدىم، قارغاندا ئايال كىشى بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىش مەقسىتىدە دەرىزىگە يېقىن كېلىپ تىڭشاپ تۇردۇم.
- ياسىن ئاكا، سابىرە ئىككىمىز مەسلىھەتلىشىپ، تۇغلۇقنى شەھەرگە بىللە ئېلىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدۇق. ئۇ شەھەردە ئوقىسا كەلگۈسىمۇ ياخشى بولدۇ.
- شۇنداق ئاكا، كىچىك ئاكام بىلەن يەڭگەم تۇغلۇقنى كۆز قارچۇقىدەك كۆرەتتى. سىلەرنىڭمۇ ھال كۈنىڭلار ئۆزۈڭلارغا ئاران. تۇغلۇقنى بىز ئېلىپ كېتىپ ئوقۇتايلى. جىنىم ئاكا، باغرى تاش ئاكا، بىزدەك ئاجىز سىڭىللىرىڭنى، نارسىدە بالاڭنى تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە قانداقمۇ چىدىغانسەن ئاكا؟ - ئۆي ئىچىدە يەنە يىغا كۆتۈرۈلدى.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قۇلۇقىمغا ئىشەنمەيلا قالدىم. - ياق مەن ھېچ يەرگە بارمايمەن. ئانام بىلەن دادام كۆز يۇمۇپ تېخى نەچچە كۈن بولمايلا ئۇلارنى قانداق تاشلاپ كېتىمەن. - ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي ئۆي ئىچىگە يۈگۈرۈپلا كىردىم.
- ياق، مەن بارمايمەن. ھېچ يەرگە بارمايمەن. مەن ئانامغا ھەمراھ بولىمەن. دادامنى يالغۇز تاشلاپ كەتمەيمەن. دادامنىڭ تۇتقان جاھانى مۇشۇ يەردە تۇرسا، مەن ھېچ يەرگە بارمايمەن. تاغام مېنى باقالمىسا مەيلى، مەن ئۆزۈمنى ئۆزۈم باقىمەن. مېنىڭ ئۆيۈم بار. ئانام بىلەن دادام تاشلاپ كەتكەن ئۆيۈم بار. يېتىم بولساممۇ، ئاچ قالساممۇ ئانام بىلەن دادامدىن ئايرىلمايمەن... ياق تاغا مەن بارمايمەن. - نەچچە كۈندىن بېرى تاغامنىڭ كۆز يېشى قىلىشىدىن قورقۇپ، كېچىللىرى يوتقانغا بېشىمنى پۈركىۋىلىپ، كۈندۈزلىرى تۇپراق بېشىغا بېرىپ ئۈنسىز يىغلاپ يۈرگەن ئىدىم. مانا ئەمدى ئۆزۈمنى تۇتالماي قالدىم. بار ئاۋازىم بىلەن ۋارقىراپ يىغلىدىم.
ھاممام مېنى قۇچاقلاپ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى. - جىنىم بالام مەنمۇ سېنىڭ ئاناڭ، سەن يىتىم ئەمەس، جىنىم بالام سەن يىتىم ئەمەس. جىنىم ئاكا، جىنىم ھەدە يۈرەك پارەڭلەرنى تاشلاپ كېتىشكە قانداقمۇ چىدىغانسىلەر؟ ،- تاغاممۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى.
شۇ كۈنى تاڭ ئاتقۇچە تاغام، ھامماملار نەسىھەت قىلىپ، ئاخىر مېنى شەھەرگە ئېلىپ كېتىشكە كۆندۈردى.
ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ ئاتا-ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ يەنە بىر ئاز يىغلىغاندىن كىيىن، رازىلىق سوراپ دۇئا قىلىپ قايتىپ كەلدىم. ئاتا-ئانامنىڭ تۇتقان جاھانىدىن ئايرىلىش ماڭا تولىمۇ قېيىن كەلدى. ھويلىغا كىرسەم جاپاكەش دادام باراڭ ئاستىدا كۆزئەينىكىنى سېلىپ گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرغاندەك، مىھرىبان ئانام ھېلىلا ئىچكىركى ئۆيدىن چىقىپ قالدىغاندەك تۇيۇلۇپ بەكمۇ تەستە ئايرىلدىم.
ئاپتوبۇس يېزا ئىچىنى ئايلىنىپ ئادەم سېلىپ ئاندىن ماڭاتتى. ئاپتوبۇس يېزا ئىچىدىن چىقىپ كەتكۈچە، بالىلىقتىكى گۈزەل ئىستەكلىرىم كۆمۈلگەن سېخى تۇپلاقلارغا، گۆدەكلىكىمدىكى كۈلكە ئاۋازىم جاراڭلاپ تۇردىغان تاغلارغا. بىز مۆكۈمۆكۈلاڭ ئوينايدىغان خىلۋەت ئورمانغا. مىھىرىبان مۇئەللىمىم، ئىجىل-ئىناق، كۆيۈمچان ساۋاقداشلىرىم قالغان، ماڭا ئەقىل بەرگەن ئەشۇ مەكتەپلەرگە تويماي قارۋالدىم. دوستۇم غەيرەت بىلەن تاغام بىزنى ئۇزۇتۇپ خېلى يەرگىچە بارغاندىن كېيىن، كۆلىرىنى ياشلىغىنىچە ئاق يول تىلەپ قالدى.
بەزىلەر ھاياتنى پەسىللەرگە ئوخشىتىدىكەن. دەرۋەقە ھاياتنىڭ گۈزەل باھارىمۇ، زىمىستان جۇدۇنلىرىمۇ بولدىكەن. نەچچە كۈن ئاۋال غەم قايغۇسىز ئويناپ يۈرگەن ئاساۋ تايچاق ئىدىم. مانا ئەمدى ئانىسىدىن ئايرىلغان چۆجىدەك ھەر يانغا تەلمۈرۈپ تەمتىرەپ يۈرىمەن. ئەگەر ھايات راستىنلا پەسىللەرگە ئوخشىسا، مەن شۇ پەسسىلەردىكى باھار قوينىدا ئېچىلغان يۇمران چېچەك ئىدىم.
توغرا...! دەل شۇ چېچەككە ئوخشىغانلىقىم ئۈچۈن، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە شاختىن ئايرىلىپ يەرگە تۆكۈلدۈم. بىراق، چېچەك تۆكۈلگەندىن كېيىن مېۋە بېرىدۇ ئەمەسمۇ...!؟ كاللامنى چىگىش خىياللار چىرمىۋالغان ئىدى. ئۆز-ئۆزۈمگە سوئال قوياتتىم. تۇيۇقسىز بۇ سوئاللارغا جاۋاپ تاپقاندەك بولدۇم. ياق، گەرچە ئاتا-ئانامدىن بىمەھەل ئايرىلغان بولساممۇ، ئۈمۈتۋار بولىشىم كېرەك. چۈنكى چېچەكلەر تۆكۈلگەندىن كېيىن مېۋە بېرىدۇ. مەنمۇ مېۋە بېرىشىم كېرەك.
شۇ خىياللاردىن كېيىن، شەھەرگە بارغاندىن كېيىن تىرىشىپ ئوقۇپ، ئاتا-ئانامنىڭ روھىنى ئەمىن تاپقۇزۇشقا، ئۇلارنىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى روياپقا چىقىرىشقا بەل باغلىدىم.
يېڭى مۇھىت، يېڭى تۇرمۇش، يېڭى ئادەملەر دەسلەپتە مېنى سەل گاڭگىرتىپ قويدى. شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئارسىدا تۇرساممۇ ئۆزۈمنى يەككە-يىگانە سېزەتتىم. ناتونۇش چىراي، ناتونۇش كىشىلەر... تۇرۇپلا ئۆزۈمنى، ھەممىلا ئادەم ماڭا قاراۋاتقاندەك، ماڭا دېققەت قىلۋاتقاندەك، - ماۋۇ يېتىمغا قاراڭلار! نېمانداق بىچچارە...! - دەپ زاڭلىق قىلۋاتقاندەك. يەنە تۇرۇپلا ھېچكىمنىڭ مەن بىلەن كارى بولمايۋاتقاندەك، ھەممىلا ئادەم مېنى، - سەن بىر يېتىمغۇ...؟ - دەپ كەمسىتۋاتقاندەك سېزەتتىم.
ئەنە شۇنداق يالغۇزلۇق قوينىدا، يىراق يۇرتۇمنى، ئاتا-ئانامنى، قەدىردان دوستلىرىمنى، بالىلىقتىكى گۆدەك قەلبىمدە ئۇنتۇلماس گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان سېنى تولىمۇ سېغىناتتىم.
ئاتا-ئانام ئۆلۈپ كەتكەن ئەشۇ كۈندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە سەندىن ھېچ قانداق ئۇچۇر كەلمىدى. ئۇلار ئالەمدىن ئۆتۈپ تاكى مەن شەھەرگە ماڭغىچە، مۇئەللىم، ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىم بىر نەچچە قېتىم مېنى يوقلاپ ئۆيگە كەلگەن بولسىمۇ سېنىڭ سايەڭمۇ كۆرۈنمىدى. بۇلارنى ئويلىسام بەكلا تىت-تىت بولاتىم. ساڭا زادى نېمە بولدى گۈلسۈم...؟ ئەجىبا ساڭا ئېيتقان بىر نەچچە ئېغىز چىن يۈرەك سۆزۈم ئۈچۈن مەندىن رەنجىپ قالدىڭمۇ؟ مەندىن رەنجىپ قالغان بولساڭمۇ، مەن يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان شۇنداق كۈنلەردە ماڭا ھەمراھ بولۇشۇڭ، ھېچ بولمىغاندا ھالىمنى سوراپ قويۇشۇڭ كېرەك ئىدىغۇ...؟
كۈنلەر ئۆز رېتىمىدا كېتىۋەردى. مەنمۇ ئاستا-ئاستا بۇ يېڭى ئائىلەمگە، شەھەر تۇرمۇشىغا كۆنۈپ قالدىم. ئاتا-ئانام كۆز يۇمغاندىن كېيىن مەكتەپكە تولۇق بارالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئىلاجىسىز بىر سىنىپ تۆۋەنلەپ ئوقۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇمۇ ياخشى بولغىنى، بۇنداق بولغاندا سەن بىلەن تەڭ ئالى مەكتەپ ئىنتىھامىغا قاتنىشاتتىم. ساۋاقداشلىرىمنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى، مۇئەللىمنىڭ كۆيۈنىشى مېنى يالغۇزلۇقتىن غېرىپلىق ئازابىدىن قۇتۇلدۇردى. بولۇپمۇ ھاممام بىلەن دىلشات ئاكام مېنى ئۆز بالىسىدەك كۆرەتتى
مەن بۇ شەھەردىكى يېڭى مەكتەپ ھاياتىغا كۆنۈپ قالغاندىن كېيىن، دوستۇم غەيرەت بىلەن خەت ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇردۇم. يۇرتنىڭ، دوست-بۇرادەرلىرىمنىڭ خەۋىرىنى غەيرەت ماڭا يەتكۈزۈپ تۇراتتى. بىراق سەن توغۇرلۇق بىر نېمىلەرنى سوراشتىن خىجىل بوللاتتىم.
بىر كۈنى سىنىپتا تەكرار قىلىپ ئولتۇرسام، ساۋاقدىشىم - تۇغلۇق، ساڭا خەت كەپتۇ. - دېگىنىچە بىر پارچە خىتنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ئوقۇۋاتقان كىتابىمنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى. دوستۇم غەيرەتتىن باشقا يەنە كىمدىن كېلەتتى دېگەن ئويلار بىلەن خەتنى قولۇمغا ئېلىپ قاردىم. كونىۋىرت ئۈستىدىكى ئوماق تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان ئىسمىڭنى كۆرۈپ ئالەمچە شادلاندىم. ۋاقىتنىڭ تېزرەك ئۆتۈشىنى، دەرىستىن تېزرەك چۈشۈشنى كۈتۈپ تاقىتىم تاق بولغان ئىدى.
مەكتەپتىن قايتىپلا ئالدىراپ ئۆيگە ماڭدىم. ئۆيگە كېلىپ ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلىغاندىن كېيىن، كارۋات ئۈستىگە ئۆزۈمنى تاشلاپ بىر ئاز تورۇسقا قاراپ ياتقاندىن كېيىن خەتنى قوۇمغا ئېلىپ ئاۋايلاپ ئاچتىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تۇغلۇق ئاكا،
قانداق ئەھۋالىڭىز؟ يىراق شەھەرلەردىكى ناتونۇش مۇھىت، ناتونۇش كىشىلەرگە كۆنۈپ قالدىڭىزمۇ؟ سالامەتلىكىڭىز ياخشىمۇ؟
كەچۈرۈڭ تۇغلۇق ئاكا، بىز ئايرىلغان ئەشۇ كۈندىن تارتىپ تا بۈگۈنگىچە، ھەتتا ئاتا-ئانىڭىز ئالەمدىن ئۆتۈپ سىز يالغۇزلۇق ئازابىنى تارتقان چاغلاردىمۇ سىزنى يوقلاپ بارالمىدىم. بۇنىڭدىن تولىمۇ خىجىلمەن. مەندەك ئەرزىمەس سىڭلىڭىزنى ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.
تۇغلۇق ئاكا، ئەشۇ كۈنى خېتىڭىزنى ئوقۇپ بەكمۇ خۇشال بولدۇم. ئەمەلىيەتتە سىزنى ياخشى كۆرىدىغان كۆرمەيدىغانلىقىمنى بىلمىسەممۇ، سىزدەك بىر لاياقەتلىك ئاكىنىڭ ماڭا بىخەتەرلىك ۋە بەخىت تۇيغۇسى ئاتا قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. ئۆيگە قايتقۇچە سىزگە قانداق جاۋاپ بېرىش، نېمىلەرنى يېزىش توغۇرلۇق كۆپ ئويلاندىم. بىراق شۇ كۈنى كەچ ئويلىمىغان بىر ئىش يۈز بەردى.
دادام بىلەن ئاپام قاتتىق سوقۇشۇپ كەتتى. دادام ئاپامنى ئۇرۇشقا باشلىدى، مەن دادامنى توسۇپ قالماقچى بولغان بولساممۇ كۈچۈم يەتمىدى. قورقۇپ كەتكەچكە دادامنىڭ پۇتىنى چىڭ قۇچاقلاپ يال ئۇرۇپ يىغلىدىم. بىچچارە ئاپام تاياق دەستىدىن تۇرالماي قالدى. دادام بولسا بىزنى تاشلاپ چىقىپ كەتتى. شۇ كۈندىن باشلاپ مەن مەكتەپكە بارماي ئاپامغا قارىدىم. ئاپامنىڭ دېيىشىچە دادام باشقا بىر ئايالنى تېپىۋاپتۇ مىش.
ئارىدىن بەش كۈن ئۆتۈپ دادام قايتىپ كەلدى، بىراق ئۇ ئاپامدىن ئەپۇ سورىغىلى ئەمەس، ئاپامدىن ئاجىرشىپ مېنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن كەپتۇ. ئاپام ئىككىمىزنىڭ تەكرار ئۆتۈنۈشلىرىمىز، يال ئۇرىشىمىزنىڭ ھېچقايسىسى كارغا كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ دادام ئاپامدىن ئاجىرشىپ، ئۆيدىكى نەق پۇل ۋە كالا- قويلارنىڭ يېرمىدىن كۆپىرەكنى ئېلىپ، ئۆينى بىزگە تاشلاپ چىقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ تىرىك يېتىم بولۇپ قالدىم.
بۇرۇن شۇنداق بۈيۈك ئارزۇلىرىم، گۈزەل ئىستەكلرىم بار ئىدى. بىراق ھازىر قانىتىدىن ئايرىلغان قۇشتەك يۆلەكسىز قالدىم. تىرىشىپ ئوقۇپ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇشقا نىيەت قىلغان ئىدىم، بىراق تۇغلۇق ئاكا، ئەمدى قانىتىم سۇندى ئۇچالمايمەن.
دادام بىزنى تاشلاپ كېتىپ بىر ھەپتە بولاي دېگەندە، مۇئەللىم مېنى ئىزدەپ كەپتۇ.ئۇ مېنىڭ مەكتەپكە قايتىپ بېرىپ ئوقۇشىمنى ئېيتتتى. ئاپامنىڭمۇ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ قالغاچقا مېنى مەكتەپكە بېرىڭ دەپ چىڭ تۇرۋالدى. شۇنداق قىلىپ يەنە مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. كېيىن دوستىڭىز غەيرەتتىن سىزنىڭ ئۆيىڭىزدە بولغان بەخىتسىزلىكلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى. سىزگە كەلگەن بۇ بەخىتسىزلىكلەرنى ئۆزىمنىڭ دەردى بىلەن قوشۇپ ئىچىم بوشىغىچە يىغلىدىم.
ئەسلىدە تىرىشىپ ئوقۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتۈپ، سىزنىڭ يېنىڭىزغا بېرىپ سىز بىلەن بىللە ئوقۇش خىيالىم بار ئىدى. بىراق جاپاكەش ئانام ھازىر ئازراق تېرىلغۇ يەرگە تايىنىپ مېنى ئوقۇتالىغىنى بىلەن ئالى مەكتەپ راسخوتى ئۇنى بەكلا قىيناپ قويىدىغاندەك تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ ئارزۇلىرىمدىن كەچمەيمۇ ئامالىم يوق. بىراق خاتىجەم بولۇڭ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمنى بولسىمۇ قەدىرلەپ تىرىشىپ ئوقۇيمەن.
دوستىڭىز غەيرەت ئادىرسىڭىزنى ماڭا دەپ بەردى. ئۇنىڭدىن ئاڭلىشىمچە، سابىرە ھەدەم بىلەن دىلشات ئاكام سىزنى ئۆز بالىسىدەك كۆرىدىكەن. ئوقۇش شارائىتىمۇ بۇ يەرنىڭكىدىن كۆپ ياخشىكەن. سىز بولسىڭىزمۇ تىرىشىپ ئوقۇڭ. مەن بۇ گۈزەل ئارزۇلىرىمنى سىزگە بەردىم. سىز تىرىشىپ ئوقۇپ مېنىڭ ۋە ئۆزىڭىنىڭ گۈزەل ئارزۇلىرىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇڭ. مەنمۇ چوقۇم تىرىشىپ ئوقۇيمەن!
خەيىر تۇغلۇق ئاكا، بىرگە چوڭ بولغان ئورمانلىقنى، بىتەلەي سىڭلىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ!
خېتىڭىزنى كۈتۈپ: گۆدەكلىكتىكى سىڭلىڭىز
خېتىڭنى ئوقۇپ بولۇپ چوڭقۇر ئۇھ تارتىپ يەنە تورۇسقا تىكىلدىم. كۆز ئالدىم غۇۋالىشىپ، كۆزۈمگە ئىسسق ياشلار تولدى. ئىھ...بىتەلەي شور پېشانە گۈلسۈم. بىز نېمە دېگەن بىچچارە _ ھە! ئورمانلاردا مۆكۈمۆكۈلاڭ ئويناپ، يايلاقلاردا قىيغىتىپ يۈرگەن ئەشۇ گۆدەك چاغلىرىمىزدا، چوڭ بولۇپ مۇشۇنداق بىر كۈنگە قالىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق. تەقدىر نېمە دېگەن رەھىمسىز _ ھە!
شۇنىڭدىن باشلاپ بىز دائىم خەت ئالاقىسى قىلىپ تۇرىدىغان بولدۇق. مەن خەت ئارقىلىق بولسىمۇ ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلدىم. سەنمۇ قەلبىڭگە يوشۇرۇنغان سىرلىرىڭنى قالدۇرماي بايان قىلدىڭ. بىزنى تەققەززار قىلىپ پوچتالىيونمۇ بەكلا ئالدىرماي كېلەتتى. بىر-بىرىمىزدىن خەت كۈتۈپ، كۈنلىرىمىز شىرىن ھېس تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ تەشنالىق ئىچىدە ئۆتەتتى.
ئەشۇ ئاددىيغىنە ئاق ۋاراق، بىزنى سۆيگۈ رىشتىمىزنى مەھكەم باغلاپ، سېغىنىش قۇچىغىدا ئەللەيلەيتى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىمىز ئاخىرلاشتى. ئىمتىھانمۇ تۈگىدى. بىز خەت ئارقىلىق كېلىشىپ قويغىنىمىز بويچە ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستېتۇتىنى تاللىدۇق. تەلىيىمىزگە ھەر ئىككىمىز ئىمتىھاندىن ئۆتتۇق.
شۇ يىل يازلىق تەتىل ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ مەن يۇرتۇمغا بارماقچى بولدۇم. سابىرە ھەدەم بىلەن دىلشات ئاكاممۇ، بېرىپ ئاتا-ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلىغاچ يۇرتۇمنى كۆرۈپ كېلىشىمگە قوشۇلدى.
ئاپتوبۇس يېزا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئىھ...ئانا تۇپراق، گۆھەر يېزام، قەدىردان دوستلىرىم، سۆيۈملۈك گۈلسۈم سىلەرنى تولىمۇ سېغىندىم. ئاپتوبۇستىن چۈشۈشىم بىلەن تەڭ دوستۇم غەيرەت يۈگۈرۈپ كېلىپ سالام بېرىپ مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى. تاغاملارمۇ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ پېشانەمگە سۆيدى. ھەممەيلەن خۇشاللىق يېشى تۆكۈشكەندىن كېيىن تاغام ئۆيگە باشلىدى. بىر ئاز ئارام ئېلىۋالغاندىن كېيىن دوستۇم غەيرەت بىلەن بىللە ئاتا-ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كەلدىم. باللىلىقىم ئىزنالىرى كۆمۈلگەن غېرىپ ھويلامغا كىرىپ كۆڭلۈم يەنە يېرىم بولدى.
شۇ كۈنى كەچقۇرۇن غەيرەت ساۋاقدىشىمىز ئاسىيەگە، مېنىڭ سېنى ئورمان ئىچىدىكى قېرى ئۈرۈك دەرىخى يېنىدا ساقلايدىغانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشۇنى ئېيتتى. مەن كۆرۈشكىلى كەلگەن ساۋاقداش، دوستلىرىم بىلەن بىر ئاز ئۆتمۈشنى ئەسلەپ كۈلۈشكەندىن كېيىن سەن بىلەن كۆرۈشۈشكە ئالدىردىم.
مانا قۇياشمۇ غەرىپ باغرىغا سىڭىشقا باشلىدى. مەن بولسام، بىز بىللە ئويناپ چوڭ بولغان ئورمان ئىچىدىكى، ئىككىمىز دائىم بىللە تەكرار قىلىدىغان قېرى ئۈرۈك دەرىخى تۈۋىدە سېنى تەققەززارلىق بىلەن كۈتىۋاتىمەن.
ئاھ...خۇدا، گۈلسۈم بۇ سەنمۇ؟ كۆزلىرىم غۇۋالىشىپ ئاستا-ئاستا ياشقا تولۇپ نەملەشتى. سېنى كۈچەپ تارتىپ باغرىمغا باستىم. ئالەمدىكى بارچە بەخىت، بارچە خۇشاللىق مېنىڭ بولغاندەك، قەلبىم چەكسىز خوشاللىق ئىچىدە ئۆز رېتىمىنى يوقاتتى. سەن خۇددى مېنى ئەمدى يوقۇتۇپ قويۇشتىن ئەنسىرگەندەك، مەندىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورققاندەك، مېنى مەھكەم قۇچاقلىغىنىڭچە باغرىمغا پېشىڭنى قويۇپ ئۈنسىز يىغلىدىڭ. ئەنە شۇ دەقىقىلەردە سەن مۇھاببەتنىڭ يالقۇنلۇق ھارارىتىدە شامدەك ئېرىپ، باغرىمغا مەڭگۈلۈك سىڭىپ كەتكەن ئىدىڭ.ئاھ..گۈلسۈم، سەن مېنىڭ بارلىغىم ھەم خۇشاللىقىم ئىدىڭ. بىر-بىرىگە چاڭقاق تەشنا سۆيگۈمىز مەھكەم قۇچاقلاشقىنىچە،ئەمدىلا ئولتۇرغان قۇياشنىڭ ئوتقاشتەك شەپەق نۇرى قوينىغا مەڭگۈلۈك ئۇيۇپ قالدى.
شۇ كېچىسى بىز قېرى ئۈرۈك دەرىخى ئاستىدا ئۇزاق پاراڭلاشتۇق. بالىلىقنى ئەسلەپ گاھ كۈلۈشسەك، گاھ مۇڭسىرايتۇق. قاقاقلاپ كۈلىشەتتۇق، ئۈمچىيىپ يىغلىشاتتۇق. مەن ئەشۇ ئاخشىمى زىمىندىكى بارچە گۈزەللىك پەقەت ئىككىمىز ئۈچۈنلا يارالغاندەك، ھاياتنى شۇنچە گۈزەل شۇنچە شېرىن ھېس قىلغان ئىدىم.
شۇنچىلىك قىزغىن پاراڭلاشتۇق. بىراق ئوقۇشنىڭ گېپى چىقىشى بىلەن تەڭ سەن يەنە غەمگە پېتىپ قالدىڭ. ئەمەلىيەتتىمۇ يالغۇز ئاناڭنىڭ سېنى ئوقۇتۇشقا ھەرگىز كۈچى يەتمەيتى. بۇلارنى ئويلىسام ئىچىم ئاچچىق بولۇپ، كۆز چاناقلىرىم ئېچىشىپ ياشقا تولاتتى.
سېنى ئۆيۈڭگە يەتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىن ئۇزاق ئويلىنىپ ئاخىر بىر قارارغا كەلدىم. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ يېزا باشلىقىنى ئىزلەپ بېرىپ، ئاتا-ئانامدىن قالغان بۇ غېرىپ ھويلامنى، ساڭا ئالى مەكتەپ ئوقۇش راسخوتى قېلىش ئۈچۈن ساتتىم. گەرچە ئاتا-ئانامنىڭ تۇتقان جاھانىدىن ۋاز كېچىش ماڭا قېيىن كەلگەن بولسىمۇ، كۆز ئالدىمدىكى سۆيگۈنۈمنىڭ بەختى ۋە كەلگۈسى مېنى شۇنداق قىلىشقا مەجبۇرلىدى. ئۆينى سېتىپ بولغاندىن كېيىن، دوستۇم غەيرەتنى چاقىرىپ مەن كەتكەندىن كېيىن تاغامغا بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ قويۇشنى تاپىلىدىم.
تەتىلمۇ ئاياقلىشاي دەپ قالدى، ئەمدى كەتمىسەم بولمايتى. يەنە بىر قېتىم ئازاپ ئىچىدە يۇرتۇمدىن، دوستلىرىمدىن، سۆيگۈنۈمدىن ئازاپ ئىلكىدە ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئەڭ ئاخىرقى كېچىسى يەنە شۇ قېرى ئۈرۈك دەرىخى تۈۋىدە، بىر-بىرىمىزگە تويماي بېقىشتۇق. سېنى باغرىمغا مەھكەم بېسىپ، چاچلىرىڭنى، ھىدىڭنى تويماي پۇرايتىم. لەۋلىرىڭگە يىنىش-يىنىشلاپ قانماي سۆيەتتىم. كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتەتتىم. سەن مېنى مەڭگۈ قويۇپ بەرمەيدىغاندەك بار كۈچۈڭ بىلەن مەھكەم قۇچاقلايتىڭ.
ئاپتوبۇس توپىلىق يوللارغا سېغىنىش ئۇرىقىنى چېچىپ، كۆز ياشلىرىم بىلەن سۇغۇرۇپ، شەھەر تامام يۈرۈپ كەتتى. ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى يەنە بىر رەت ھېس قىلغاندەك بولدۇم.
مەن قايتىپ كېلىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئوقۇش باشلاندى. يېزا باشلىقى مەن قالدۇرۇپ كەتكەن پۇلنى،يېزىلىق ھۆكىمەت نامىدىن سېنىڭ ئوقۇشۇڭ ئۈچۈن ئىئانە قىلدى. پۇلنىڭ قالغان يېرمىنى غەيرەت تاغاملاغا بېرىپ، قالغان يېرمىنى، كۆرسەتمە بويچە، مېنى ئېلىپ كەتتى دەپ قويدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىش مەن غەيرەت ۋە يېزا باشلىقى ئۈچىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدا سىر بولۇپ ساقلىنىپ قالدى.
شەھەرگە قايتىپ كېلىشىم بىلەن مېنى كۈتۈپ تۇرغان شۇم خەۋەر مېنى يەنە بىر رەت گاڭگىرتىپ قويدى. ھاممامنىڭ ئېيتىشىچە، دىلشات ئاكامنىڭ خىزمىتى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپتۇ، شۇڭلاشقا بىز ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كەتكىدەكمىز. بۇ ئىش ئۈستىدە ئۇزاق ئويلاندىم. بۇنداقلا كېتىپ قالسام بولمايتى. چۈنكى سەن بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىگە مىڭ تەسلىكتە ئېرىشىپ ئەمدى بولغاندا مۇشۇنداقلا ۋاز كېچەمدىم؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرغان بىلەن پۇل تۈگىگەندىن كېيىن يالغۇز ئاناڭ سېنى قانداق باقىدۇ؟ مەن ساڭا مەسئۇل بولمىسام بولمايتى. چۈنكى مەن سېنى سۆيەتتىم گۈلسۈم...
ئاران دېگەندە سابىرە ھەدەم بىلەن دىلشات ئاكامنى غۇلجىدا يالغۇز قېلىپ ئوقۇشۇمغا كۆندۈردۈم. ئۇلار ماڭا مەكتەپكە يېقىن قايدىن بىر كىچىك ئۆي ئېلىپ بەرگەندىن كېيىن ھەر ئايدا تۇمۇش راسخوتى ئەۋەتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ كېتىپ قېلىشتى.
بىز ئاخىر جەم بولدۇق. مەكتەپ ھاياتى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. دائىم دېگۈدەك بىللە يۈرەتتۇق. دەم ئېلىش كۈنلىرى سېنى باشلاپ بىللە باغچىلانى ئايلىناتتىم. قولتۇقلىشىپ كىتابخانىلارغا بىللە باراتتۇق. بىللە تاماق يەپ بىللە ئۆگۈنۈش قىلاتتۇق. ساڭا بولغان سۆيگۈم كۈنسىرى يالقۇنجاپ مېنى ئاشىقلىق ئوتىدا تىنماي كۆيدۈرەتتى. كېچىللىرى سۆيگۈ ئىلكىدە ئۇيقۇسىز ئۆتەتتىم. سېنى بىردەم كۆرمىسەم چىدالمايتىم.
ئەنە شۇنداق شېرىن دەقىقىلەر بىلەن بىر مەۋسۇمنى تۈگەتتۇق. سەن تەتىل قىلىپ ئۆيگە قايتتىڭ. مەن شەھەردە ئۆزۈم يالغۇز قالدىم. كاج پەلەك يەنە سېنى بوزەك قىلغىلى تۇردى. تەتىل ۋاقتى توشاي دېگەندە ئاناڭ تۇيۇقسىز ئاغىرىپ يېتىپ قالدى. ئۆيدىكى بارى يوق پۇللارنىڭ ھەممىسى تۈگەپ ئىلاجىسىز سېنىڭ بۇ مەۋسۇملۇق ئوقۇش پۇلۇڭ ئاناڭنىڭ تومۇرىدا ئوكۇل بولۇپ ئاقتى. مانا ئەمدى سەن مەكتەپنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالدىڭ.
غەيرەتتىن بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال يېزىغا باردىم. دەرۋەقە ئاناڭنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىر ئىدى. ئىلاجىسىز شەھەرگە قايتىپ ئولتۇرۋاتقان ئۆيۈمنى ساتقاندىن كېيىن، بىر تونۇشۇمغا نەدىن بولسۇن ياتىقى بار بىر كىشلىك خىزمەت تېپىپ قويۇشنى ئېيتىپ، پۇلنى ئېلىپ يېزا باشلىقى بىلەن ككرۈشۈپ ئەشۇ پۇلغا ئاناڭنى داۋالىتىشنى، بۇ ئىشنى ئاشكارلىماسلىقنى ئۆتۈندۈم.
ئاناڭنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزۈمنىڭ ئوقۇش راسخوتۇمنى يېزا باشلىقىغا ئەۋەتىپ بەرگەندىن كېيىن دوستۇم غەيرەتتىن ئۆزۈمنىڭ ئۈرۈمچىگە كەتكەنلىكىمنى، ھاممامنىڭ بىر مەكتەپ ئۇقۇشۇپ قويغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ، تونۇشۇم تېپىپ قويغان قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەشنى باشلىۋەتتىم. سېنىڭ مەندىن رەنجىگەنلىكىڭنى ياكى ئاق يول تىلىگەنلىكىڭنى، مېنىڭ ئاتالمىش كەلگۈسۈم ئۈچۈن بەخىت تىلىگىنىڭنى ياكى كۆز يېشى قىلغىنىڭنى بىلمەيمەن. پەقەت بار كۈچۈم بىلەن پۇل تېپىشقا تىرىشتىم. ئۆزۈم ئاچ قالمىساملا تاپقان پۇلۇمنى ھامماملار ئايدا ئەۋەتىپ تۇرىدىغان تۇرمۇش راسخوتى بىلەن قوشۇپ يېزا باشلىقىغا ئەۋەتىپ بېرەتتىم. چۈنكى يالغۇز ئاناڭغا سېنىڭ ئوقۇشۇڭغا نۇرغۇن پۇل كېتەتتى.
ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ سېنى قايتا كۆرەلمىدىم. گەرچە ئارلىقىمىز ئانچە يىراق بولمىسىمۇ بېرىشقا جۈرئەت قىلالمايتىم. سېنىڭ قانچە كېچىنى سېغىنىش ئىچىدە ئۆكسۈپ يىغلاپ ئۆتكۈزگىنىڭنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۆزۈم تومۇز ئىسسىق، قەھرىتان قىشلارنى قۇرلۇش ئورۇنلىرىدا، زەي سوغوق ياتاقلاردا بەختىڭنى تىلەپ ئۆتكۈزدۈم.
قىشنىڭ سوغىقى ئادەمنىڭ سۆڭەكلىرىدىن ئۆتۈپ يىلىكلىرىگە تەككىدەك كۈچلۈك ئىدى. سەھەر ئورنىمىزدىن تۇرۇپ ئىش باشلىساق قاراڭغۇ چۈشەي دېگەندە ئاران ئىشتىن چۈشەتتۇق.
تېنىمنىڭ بارغانسىرى ئاجىزلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم. بەكلا كۆپ يۆتۈلەتتىم. يېنىمدىكى خىزمەتدىشىم ئۆپكىڭىزگە سوغوق ئۆتكەن ئوخشايدۇ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ دەپ تاپىلسىمۇ پەرۋا قىلمايتىم.
ئوقۇشىڭمۇ پۈتەي دەپ قالدى. مۇشۇ قىش ئۆتۈپ كەتسە مەكتەپ ھاياتىڭمۇ ئاخىرلىشاتتى. سېنى كۆرمىگىنىمگىمۇ ئۇزاق بولدى. قايسى كۈنى يىراقتىن سېنىڭ بىر يىگىت بىلەن كېلىۋاتقانلىقىڭنى كۆرگەن ئىدىم. كىيىن ئاڭلىسام يىگىتىڭ ئىكەن. ئۇ بەك قاملاشقان سالاپەتلىك يىگىت ئىكەن. قارماققا چېچەن تىرىشچاندەك تۇراتتى. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆڭلۈم ئارامىغا چۈشۈپ قالدى. سەن ئاخىر بەختىڭنى تېپىپسەن گۈلسۈم...
ھامماملار بىر نەچچە قېتىم كېلىپ خەۋىرىمنى ئالالماي ئاخىر ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېتىشتى. ئىنىممۇ ئۈچ ياشتىن ئۆتۈپ قاپتۇمىش. ئۇلارمۇ بىر ئىللىق ئائىلە پەرزەنت مىھرىگە ئېرىشىپتۇ. بىر ئائىلە كىشىللىرى جەم بولسا نېمە دىگەن ياخشى _ ھە!
باھارمۇ يېقىنداپ قالغان چاغلار ئىدى. يەنە يۆتەل قىينىغىلى تۇردى. قاتتىق بىر يۆتەلگىنىمنى بىلىمەن. ھوشۇمغا كەلسەم شۇنچىلىك ئىسسىق بىر جايدا تۇرىمەن. كۆزۈمنى تەستە ئېچىپ ئالدىرماي تامچىلاپ چۈشىۋاتقان ئاسما ئوكۇلنى كۆردۈم. - جېنىم دوستۇم، نەلەردە خارلىنىپ يۈدۈڭ. - كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. دوستۇم غەيرەت مېنى قۇچاقلاپ يىغلاشقا باشلىدى. - نەچچە يىلدىن بېرى خەۋىرىڭنى ئالالماي كەلگەن ئىدىم. سېنى ئاخىر تاپتىم جېنىم دوستۇم - ئۇنى كۆرۈپ باشقىچىلا خۇشال بولۇپ قالدىم. خۇددى يۈتتۈرۈپ قويغان نەرسەمنى تېپىۋالغاندەك خۇشال بولدۇم.
ئەسلىدە دوستۇم غەيرەت ئۇزۇن يىللاردىن بېرى مېنى ئىزدەپ يۈرگەن بولسىمۇ مەن ئەسلى ئىسمىمنى ئىشلەتمىگەچكە تاپالمىغان ئىكەن. بۈگۈن مەن ئىش ئرنۇمدا يېقىلىپ قالغاندا ئۇمۇ مېنى ئىزدەپ كېلىپ يولۇقۇپ قاپتۇ.<<كەچ قويغان خۇدايىم ئاچ قويماپتۇ>> دېگەن شۇ بولسا كېرەك.
شۇ كۈنى كەچ ئۇ دوختۇرخانىدا ماڭا ھەمراھ بولدى. بۇ تۆت يىل ئىچىدە يېزىدا بولغان ئۆزگىرىشلەر توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەپ بەردى. ئۇ سۆزلىگەنسىرى ئىككىمىز ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنى قالدۇرغان ئورمانلار كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ ئىسسىق ياشلار تولاتتى. ئۇنىڭ دىيىشىچە سەن مېنى ئىككى يىل ئۈنسىز كۈتۈپسەن. بىراق مېنىڭ خەۋىرىمنى ئالالمىغاندىن كېيىن ئىلاجىسىز ساڭا كۆڭۈل بەرگەن باشقا بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇپسەن. ئالدىنقى قېتىم مەن كۆرگەن يىگىت سېنىڭ يۈرۋاتقىنىڭغا ئىككى يىل بولغان مۇھابىتىڭكەن.
يېزا باشلىقىغا ئەۋەتىلگەن پۇللار بولسا تا ھازىرغىچە سېنىڭ ئۆيۈڭگە يېزىلىق ھۆكىمەت نامىدىن ياردەم قىلىنۋاتىپتۇ. ئاناڭنىڭ كېسىلىمۇ ياخشى بولۇپ كېتىپتۇ. غەيرەت ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىمۇ قانداقتۇر بىر ئىشنى مەندىن يوشۇرۋاتقاندەك قىلاتتى.
- ئاداش ئېيتقىنە، كېسىلىم ئېغىرمىكەن؟
- ھېچ ئىش يوق ئاداش، ساقىيىپ كېتىسەن. ئەمدى يېزىغا بېرىپ ئىشلىگىن قانداق؟ - ئۇ سەل ھۇدۇققان بولسىمۇ يەنىلا مەندىن يوشۇرۇشقا تىرىشۋاتاتتى.
- ئەمەلىيەتتە كېسىلىم ئۆزۈمگىمۇ ئايان، ئەڭ ياخشىسى سەن بولساڭمۇ راست سۆزۈڭنى ئېيتقىن ئاداش. سەن ئەزەلدىن ماڭا يالغان سۆلەپ باقمىغان.
- دوختۇرنىڭ دىيىشىچە، ئۆپكەڭگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئېغىركەن. - ئۇنىڭ ئاۋازىغا يىغا ئارلىشىپ سۆزلىرىنى دىيەلمەي قېلىۋاتاتتتى. - ئىدىيە جەھەتتى تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار دەيدۇ. - ئۇ شۇنداق دەپلا بېشىمنى كۆكرىكىگە بېسىپ مەھكەم قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.
نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەيلا قالدىم. گەرچە كېسىلىم ئۆزۈمگە ئايان بولسىمۇ، بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك قېتىپلا قالدىم.
- قانچىلىك قاپتۇ؟ - كۆزلىرىم بىر نۇقتىغا تىكىلىپ قېتىپلا قالدى.
- نەچچە ھەپتە - ئۇ بېشىمنى چىڭ قۇچاقلاپ توختىماي يىغلايتى. - جېنىم دوستۇم نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ نېمىشقا ئۆزۈڭنى بۇ يولغا باشلايسەن؟ نېمىشقا...؟ تەڭىرنىڭ كۆزى كوركەن... نېمىشقا بار كەلگۈلۈك ساڭىلا كېلىدۇ؟ نېمىشقا...؟
ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى. يامغۇر تېخىچە يېغىۋاتاتتى. توۋا...! شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ تىراگىدىيە بىلەن باغلانغان ھايات سەپىرىمنى ئويلاپ چىقىپتىمەن. ياكى مېنىڭ ھاياتىم مۇشۇنداق قىسقىمىدۇ؟
- ئاداش مەن كەلدىم. ساڭا تاماق ئەكىلىپ بېرەي نېمە تاماق يەيسەن؟ - دوستۇم غەيرەت كەلگەن ئىكەن. كۆڭلۈم ھېچ قانداق تاماقنى تارتمايتى.
- نېمە بولسا مەيلى.
- ھە راست ئاداش، بايا بىر يىگىتنى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلىمىگە ئېلىپ كىرىپ كەتكەن. سۈرۈشتۈرسەم گۈلسۈمنىڭ يىگىتى ئىكەن. - بۇ گەپنى ئاڭلاپ قۇلۇقۇمغا ئىشەنمەيلا قالدىم.
- نېمە بوپتۇ؟
- يوشۇرۇن يۈرەك كېسىلى بار ئىكەن. دوختۇرلار جىددى يۈرەك ئالماشتۇرمىسا ھاياتىغا خەۋىپ يېتىدۇ دەپتۇ.توۋا...! ياپياش تۇرۇپ... بولدى ئاداش مەن چىقىپ ساڭا تاماق ئەكىرەي بىر ئاز دىن كىيىن قايتىپ كېلىمەن.
ئاھ...ياراتقان ئىگەم، نېمىشقا گۈلسۈمنى بۇنداق قىينايسەن؟ ئۇ زادى نېمە گۇناھ قىلغان؟ ئاھ...خۇدا...ئۇ ئۆلمىسۇن، گۈلسۈم ئۇنىڭغا مۇھتاج، ئۇنى مەندىن ئايرىدىڭ، ئەمدى ئۇنىڭدىنمۇ ئايرىماقچىمۇ...؟
ئۆزۈم يالغۇز مەسئۇل دوختۇر بىلەن چىقىپ تەكشۈرتىپ كۆردۈم. مېنىڭ يۈرىكىم ئۇنىڭغا ماس كېلىدىكەن. تىگىشلىك رەسمىيەتلەرنى ئۆتىگەندىن كېيىن، دوستۇم غەيرەتكە، بۇ قىسقىغىنە ھايات سەپىرىم يېزىلغان بۇ خاتىرنى ساڭا بېرىپ قويۇشنى. ئاندىن مەن كۆز يۇمغاندىن كىيىن، مېنى يېزامدىكى ئەشۇ ئورمان ئىچىدىكى، يالقۇنلۇق سۆيگۈمىزنىڭ شاھىدى بولغان، قېرى ئۈرۈك دەرخى تۈۋىگە كۆمۈشنى تاپىلاپ بىر پارچە خەت يېزىپ قالدۇردۇم. ھازىر ئۇ ئۈرۈك دەرىخى چېچەك ئېچىپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن بولشى مۇمكىن...
دوختۇرلار مەن ياتقان ھارۋىنى ئىتتىرىپ يۈگۈرگىنىچە <<جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمى >>گە ماڭدى. بۆلۈم ئادىغا كەلگەندە، سېنىڭ يىغلاپ تۇرغىنىڭنى كۆردۈم. بىراق سەن ماڭا دېققەت قىلمىدىڭ...
ئاھ...گۈلسۈم، يىغلىما. سەن يىغلىساڭ يۈرىكىم يىغلايدۇ... يىغلىما گۈلۈم، پات ئارىدا يۈرىكىم ساڭا ھەمراھ بولىدۇ...
تۈگىدى
2010-يىلى 18-ئىيون جۈمە باشلىنىپ
2010-يىلى 14- نويابىر يەكشەنبە
تاماملاندى
مۇڭغۇلكۈرە ناھىيە شوتا يېزىسى