باي بولۇش چۈشى<4>
nIlx?(=pu
cJ?,\@uuP
ئايال كۆز ياشلىرىنى سۈرتىۋېتىپ، بىر ئۇلۇق –كىچىك تىنىۋېتىپ،قولىدىكى سوغۇق ئىچىملىكتىن بىر يۇتۇپ ئوتلىدى،مەنمۇ ياش بىلەن نەمدەلگەن كۆزلىرىمنى ئۈزمەي، پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىغا تىكىلىپ تۇراتتىم. =>o !
- سۆزلەۋېرىپ سىزنى زېرىكتۈرۈپ قويمىغاندىمەن ،- دېدى ئايال ماڭا قاراپ. 19% "F!^i
- ياقەي، كەچۈرمىشلىرىڭىزگە قىزىقىپ قالدىم، داۋامىنى سۆزلەۋېرىڭ،- دېدىم. IEM{?
- ئەر خۇمارى بولۇپ قالغان ئايال ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ،كۆڭلىڭىزدە مېنى مەسخىرە قىلىۋاتىدىغانسىز ھەقىچان،-دېدى ئايال. ( ,mV6U%
- ياقەي،ئايال كىشى دېگەن ئاجز كېلىدۇ،بىر ئايالنىڭ تەنھا ھالدا بىر ئۆينى ئۆي قىلىپ كېتىشى تەس،-دېدىم مەن ئۇ ئايالنىڭ كۆڭلىنى ياساش ئۈچۈن. 37IHn6r\
- راستىنى ئېيتسام بىر ئايال كىشى ئۈچۈن بىر ئۆيدە تەنھا ياشاش بەك تەس ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېرى يوق ئاياللارنىڭ كەينىدىكى ئۇششۇق گەپلەرمۇ كۆپ بولىدىكەن، شۇڭا ئۇ كىشى بىلەن كۆرۈشۈپ باقاي ،مىجەزىمىز كېلىشىپ قالسا توي قىلساممۇ قىلارمەن ،- دەپ ئويۇلۇدۇم دېدى ئايال. شۇ ئارىلىقتا ئۇ ئايالنىڭ يولدىشى قىزىنى يېتىلەپ كەلدى،چۈشتىن كېيىنكى ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قېلىپ،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قىيا –چىيالىرى مەكتەپ مەيدانىنى بىر ئالدى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ بىردىن - ئىككىدىن كېلىشكە باشلىدى، مەن ئۇلارنى باشلاپ ئىلمىي مۇدىر بىلەن كۆرۈشتۈردۈم، ئۇلار ئىلمىي مۇدىر بىلەن قىزىنى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئىشىنى دىيىشىپ قالدى، مەن يەنە دەرۋازا ئالدىغا كەتتىم لېكىن خىيالىمدا ئۇ ئايالنىڭ سۆزلەپ بەرگەن كەچۈرمىشلىرى ئەگىپ يۈرەتتى،بىر ھازادىن كېيىن ئۇلار ئىشلىرىنى پۈتتۈرۈپ چىقتى. 2ZbSdaM=
-تىزىملىتىپ بولدۇڭلارمۇ؟- دەپ سوررۇدۇم ئۇلارغا قاراپ. iBWEZw)
-ھەئە، تىزىملىتىپ بولدۇق،3- چىسلا سىنىپقا تەقسىم قىىلمىز، شۇ ۋاقىتتا ئەكىلىڭلار دەيدۇ،- دېدى ئايال. SMd[*9l
[
-ھە، -دەپلا توختاپ قالدىم، ئايالنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى داۋامىنى شۇنداق ئاڭلىغۇم بار ئىدى، لېكىن ئېغىزىمدىن قانداق چىقىرىشنى ئۇقماي قالدىم، @yQ1F>
t
- ئەمدى قايتىپ كېتەمسىلەر ، -دېدىم يەنە. #PC*l\
)
-يولدۇشۇم قىزىمىزنى ئېلىپ قايتىپ كەتسە، مەن سىزگە كەچۈرمىشلىرىمنىڭ داۋامىنى دەپ بەرسەم، ئاڭلاشنى خالىسىڭىز،- دېدى ئايال. بۇ دەل مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى گەپ ئىدى. ]A\qI>,
- خالىمامدىغان،شۇنداق خالايمەن،- دېدىم خوشاللىقىمدا. bF;|0X$
x
- ئۇنداق بولسا ئۇلار مېڭىپ تۇرسۇن، -دېدى ئايال ۋە يولدۇشىغا قىزىنى ئېلىپ مېڭىپ تۇرۇشنى،ئۆزىنىڭ سەل تۇرۇپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى، يولدۇشى ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ قىزىنى يېتىلەپ چىقىپ كەتتى. ]$.w
I~J%
-ھېكايەمنىڭ داۋامىنى سۆزلەپ بەرمەي ماڭسام كۆڭلۈم قويمىغىدەك،- دېدى ئايال. 1Qjc*+JzO.
-مەنمۇ ھېكايىڭىزنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا شۇنداق تەقاززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن، -دېدىم مەن.ئۇ قېشىمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى. MCXt,`}[
-شۇنداق قىلىپ مەن ئۇ ئادەم بىلەن كۆرۈشتۈم،ئۇنىڭ ئىسمى ئوسمان ئىكەن، ئوسمان ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ،بىر قىزى بار ئىكەن ،قىزى ئانىسىنىڭ قېشىدا ئىكەن،ئوسمان مېنى ياقتۇرۇپ قاپتۇ، شۇڭا بىرنەچچە قېتىم كۆرۈشۈش تەلىۋىنى ، قارىسام ئوسماننىڭ ئوشۇق –تۆشۈك گېپى يوق، مىجەزى خېلى ئوڭلۇق بىلىندى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ توي قىلش تەلىۋىگە ماقۇل بولدۇم، شۇنداق قىلپ ئاددىغىنە ھالدا تويىمىزنى قىلىۋالدۇق،ئەمدى مېنىڭ يەنە يېڭى ئېرىم، ئازىراق تېرىلغۇ يېرىم،ئانچە كۆپ بولمسىمۇ مال –چارۋىلىرىم بار بولغان ئىدى.مەن بۇ يېڭى تۇرمۇشقا قەدەم باسقاندىن كېيىن ئۆزۈمچە بالىلىق ۋاقتىمدىكى ئاپام –داداملارنىڭ ئارقىسىدىن ئېتىزلىققا ئەگىشىپ چىقىپ ئوينايدىغان غەمسىز بالىلىق ۋاقىتلىرىمنى، يېزىدىكى ئۆيىمىزنى ئېسىمگە ئالىدىغان بولدۇم،كۈنلىرىم بىر خىل ئالدىراشلىق ھەم كۈڭۈللۈك ئۆتۈشكە باشلىدى، بۇ يەردىكى خۇلۇم –خوشنىلىرىم بىلەنمۇ شۇنداق چىقىشىپ كەتتىم، ئۇلار بەك ئاقكۆڭۈل ئىدى،بىكار بولۇپ قالغان چاغلىرىمدا ئۇلار بىلەن مۇڭدىشىپ كېتەتتىم،تېرىلغۇنىڭ ئالدىراش ۋاقىتلىرىدا ئېرىم بىلەن بىرگە ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرىغا چىقاتتىم، ھويلىنىڭ ئارقىسىدىكى بوش يەرگە سەي –كۆكتاتلارنى تېرىۋەتكەن ئىدىم،مەن ئوسمان بىلەن توي قىلغىنىمدىن، بۇ يەردىكى تۇرمۇشۇمدىن شۇنداق رازى ئىدىم،شۇنداق كۆڭۈللۈك ياشاۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇلۇم –خوشنىلارنىڭ ئارىسىدا ‹‹ قانچە كۆپ پۇل قوشسا شۇنچە باي بولغىلى بولىدىكەن،ئىشەنچلىككەن،پالانى پاي قوشۇپتىكەن خېلى جىق پۇل كەپتۇ.....›› دېگەندەك گەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى، مەن ئۇلارنىڭ نېمە دەۋاتقالىقىنى تازا چۈشىنەلمىگەن ئىدىم،بىر كۈنى ئوسمان ئىشىكتىن خوشال ھالدا كىرىپ:
D4@(_6^
-ھەي خوتۇن ،بىزمۇ باي بولىدىغان بولدۇق،-دېدى. P;X0L{u0H
-بىر كىم پۇل بەردىما سىزگە، قانداق قىلپ باي بولىدىكەنمىز؟- دېدىم چاخچاق قىلىپ. z>=;Xe8P8n
- ‹‹شاخلىتپى سېتىش شىركىتى››بىزگە كۆپ پۇل بېرىدىغان بولدى، يېزىمىزدىك خېلى كۆپ كىشىلەر قاتنىشىدىغان بوپتۇ،قانچە جىق پۇل قوشسا ،شۇنچە باي بولغىل بولىدىكەن، -دېدى ئوسمان. :a=]<_*x
- نىمۇ ئۇ ‹‹شاخلىتىپ سېتىش شىركىتى ››دېگەن؟- دەپ سورۇدۇم ئوسماندىن. ePSD#kY5
- مەنمۇ تازا ئۇخمايمەن، يېزىدىكى بەزى كادىرلارنىڭ تۇققانلىرىمۇ پۇل قوشقىلى تۇرۇپتۇ.پۇللىرىمىز قانچە كۆپ بولسا شۇنچە پايدا باركەن، قوشمايمىز دېسەك ،ئىچكىرىگە بېرىپ ئۆزىمىز شۇ شىركەتكە ئەزا بولۇپ ئىشلىسەك بولىدىكەن،بىزمۇ ئۆيىمىزنى،مال –چارۋىلارنى،يەرنى سېتىپ بېرىپ باقايلىمىكىن، جىق پۇل تېپىىپ،بىراقلا باي بولۇپ كەلسەك ،- دېدى ئوسمان. jC-`u-_'j
- قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپراق بىر ئىش قىلايلى،- دېدىم مەن.ئىككىمىز خۇلۇم –خوشنىلاردىن ،يېزا كادىرلىرىدىن سۈرۈشتۇردۇق، ئۇلار بۇ شىركەتنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى، رەسمىيەتلىرىنىڭ ئىنتايىن تولۇق ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەم قاتناشساق بولىدىغانلىقىنى دېدى،مېنىڭ دەسلەپتە ھەممە نەرسىنى سېتىپ،‹‹شىركەتكە ئەزا بولدۇم ››دەپلا ئىچكىرىگە چىقىپ كېتىشكە تازا رايىم تارتمىغان ئىدى،شۇڭا بۇ ئىشقا قوشۇلمىغان ئىدىم، خۇلۇم –خوشنىلىرىم، ئوسمان ‹‹ئۇنداق باي بولغىلى بولىدىكەن، مۇنداق باي بولغىلى بولىدىكەن....››دەپ تەرەپ –تەرەپتىن ئېزىپ – ئىچۈرۈپ ،قۇلىقىمغا قويىۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېزىمىزدىن ئۆي –جايلىرنى سېتىپ ، ‹‹ئىچكىرىگە چىقىمىز، باي بولىمىز›› دېگەنلەر خېلى كۆپ ئىدى.شۇڭا مەنمۇئاخىرىغا بېرىپ كۆپ پۇل تېپىپ ،باي بولغىلى بولىدىغان بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالدىم. ZxDh!_[s
شۇنداق قىىلپ بىز ھەممە نەرسىمىزنى ساتتۇق،پۇلنى يېزا كادىرلىرى ۋە خۇلۇم –خوشنىلار بىلەن بىرگەبىر ئۇيغۇر تەرجىمان بىلەن بىللە كەلگەن‹‹شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىسى››دېگەن ئىككى خەنزۇغا بەردۇق، ئاياللىرى،بالا –ۋاقىلىرى ئۆيدە تۇرۇپ تۇرماقچى بولغان، بۇ يەرنىڭ ئېپى –جېپىنى بىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلارنىمۇ ئەكەلمەكچى بولغان ئىككى خوشنام بىلەن بىرگە ھېلىقى تەرجىمان ۋە ئىككى خەنزۇغا ئەگىشىپ، ئاڭلاپ باققان ، قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇرلا قىلىپ باققان ئىچكىرى دېگەن يەرگە ماڭدۇق.بىزگە ئوخشاش باي بولۇش ئۈچۈن ماڭغان باشقا يەرلىك ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىدى ،پويىزدا نەچچە كۈن يول يۈرۈپ گۇئاڭدوڭ دېگەن يەرگە كەلدۇق،كەلگەن دەسلەپكى كۈنلەردە شىركەتتىكى مەسئۇل بولۇپ ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر ئۆزلىرى بىلەن بىللە كەلگەنلەرنى تەرجىمان بىلەن بىللە ئارقىغا سېلىپ يۈردى ،كېيىن بىز بىلەن بىر پويىزدا كەلگەنلەر مەسئۇل كىشىلەر بىلەن بىرگە تەرەپ –تەرەپكە تاراپ كېتىشتى. ھېلىقى بىزنى باشلاپ كەلگەن خەنزۇلار تەرجىمان بىلەن بىللە بىزگە جەدىۋەلدەك بىرنەرسىلەرنى تولدۇرغۇزدى، تاماقىلرىمىزنى ھەقسىز ئېلىپ بەردى،( بۇ يەردە بىزچە تاماقلارنى تېپىش بەك تەس ئىكەن، تاماق يىيىش ئۈچۈن بىز تۇرىۋاتقان يەردىن نەچچە كىلومېتىر يىراق بولغان ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا بېرىپ تاماق يەيتتۇق)بىرنەچچە قېتىم ئىنتايىن ئېسىل بىر بىناغا باشلاپ ئەكىرىپ ‹‹شىركىتىمىز مۇشۇ ، ما تەرجىمان سىلەرگە نېمە ئىش قىىلدىغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ››دېگەن بولدى،بىزھېلىقى تەرجىماننىڭ ‹‹ خاتىرجەم بولۇڭلار، مەن بار...››دېگەن سۆزى بويىچە قولىمىزدىكى پۇللارنى يۇرتىمىزدىكى ۋاقىتتىلائاساسەن دېگۈدەك ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بولغان ئىدۇق، مەلۇم بىر كۈنى ئۇ تەرجىمان بىلەن ئىككى خەنزۇ غايىپ بولدى، ئۇلارنىڭ نەگە كەتكىنىنى بىلەلمىدۇق، ئىككى كۈن ساقلاپ باقتۇق، ئۇلاردىن ھېچ خەۋەر يوق،‹‹بىزنىڭ شىركەت ››دەپ باشلاپ ھېلىقى بىناغا باردۇق، لېكىن بىزنى تونۇشتۇرۇپ قويغان كىشىلەرنىڭ بىرسىمۇ كۆرۈنمەيتتى،ئارىمىزدىكى بىز بىلەن بىرگە كەلگەن خەنزۇچىنى ئانچە –مۇنچە بىلىدىغان ھېلىقى خوشنىمىز قولىدىكى جەدىۋەللەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ئۇ يەردىكى كىشىلەردىن ھېلىقى خەنزۇلارنى سۈرۈشتە قىلدى،ئۇلار ئۇ خوشنىمىزنىڭ گېپىنى چۈشەنمىدىمۇ قانداق ،بېشىنى چايقاپ تۇردى،كېيىن بىزنىڭ بەكراق ۋارقىرىشىپ قىيا –چىيا قىلغان ئاۋازىلرىمىزنى ئاڭلىغان قوغداش خادىملىرى بىزنى بۇ يەردىن ھايداپ چىقاردى،بىز نەگە بېرىشنى بىلمىدۇق، بەكراق جىدەل چىقىرىلى دېسەك ،بىزنى باشلاپ ئەكەلگەنلەر بولمىسا كىم بىلن جىدەللىشىمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ساقچىلار تۇتۇپ سولاپ قويسا بىزنى كىم ئەچىقىدۇ؟ ( ھېلىقى ئۇيغۇر تەرجىمان بىزگە‹‹بىزدىن ئايرىلىپ يىراققا كەتمەڭلار، سىرتلاردا قالايمىقان يۈرمەڭلار، رەسمىيەتلىرىڭلارنى بېجىرىپ بولغۇچە،سىرتالاردا يۈرۈپ،بىرەر جىدەلگە ئارىلىشىپ قالساڭلار ،تۇتۇپ ئەكىرىپ كېتىدۇ، نوپۇسۇڭلار بولمىغاندىكىن كىرىپ كەتسەڭلار چىقالمايسىلەر››دېگەن ئىدى.) يەنە نەچچە كۈن ئۆتتى، بىر كۈنى بىز تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئىگىسى بىزگە بىرنىمىلەرنى دەپ كىردى، ھېلىقى خوشنام ئۇنىڭ گېپىدىن ‹‹ ئۆيگە پۇل تاپشۇر ›› دېگەن مەنانى چۈشىنىپتۇ، بىز ئۇنىڭغا ‹‹پۇلنى شىركەتتىكىلەر ئالدىدىن تاپشۇرۇپ بولغان ››دېدۇق، لېكىن ئۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى چۈشەنمىدىمۇ قانداق ،گېپىمىزگە قۇلاق سالماي ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى.بىز بۇ چوڭ شەھەردە، ئەتراپىمىزدا پۈتۈنلەي يات بىر مىللەت بار يەردە نەگە بېرىپ –نەدە تۇرىشىمىزنى،كىمنى ئىزدەپ ، كىمگە دەرت ئېيتىشىمىزنى بىلمىدۇق،ئاخىرى مەسلەھەتلىشىپ بىز تاماق يېگىلى بارغان ئۇيغۇرنىڭ ئاشخانىسىغا باردۇق، بىز ئاشخانىغا بېرىپ بىزنى باشلاپ ئەكەلگەن تەرجخمان بىلەن خەنزۇلارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى، قانداق قىلىشنى بىلمەي يول كۆرسىتەمدىكىن ؟دەپ كەلگەنلىكىمىزنى ئېيتتۇق. gaU^l73,C
- سىلەر ‹‹ شاخلىتىپ سېتىش ئالدامچىلىقى››غا ئۇچراپ كېتىپسىلەر، سىلەرگە ئوخشاش ئالدىنىپ قالغانلار جىق، جىدەل قىلغانلارنى ساقچىلار ئەكىرىپ كېتىپتۇ، نەچچىسى ئۆلىۋاپتۇ،ھازىر بۇ ‹‹شاخلىتىپ سېتىش››ئالدامچىلىقى مەملىكەت بويىچە چېتىلىش دائىرسى ئەڭ چوڭ ئالدامچىلىق دىلوسىكەن، بۇنى ھۆكۈمەت ئويلۇشۇپ بىر تەرەپ قىلىپ بولغۇچە سىلە نېمە كۈنلەرنى كۆرسىلەركىن؟- دېدى ئاشخانىنىڭ خوجايىنى.
-ئەمدى قانداق قىلارمىز؟ -دېدى خوشنام. |>Pv2
- بۇ يەر شىنجاڭغا ئوخشىمايدۇ، ئۆزەڭلار بىر ئامال قىلىپ جان باقمىساڭلار ،ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىسىلەر،-دېدى ئاشخانا خوجايىنى.پۈتۈن سۈرۈك تۆت ئادەم ئۆزىمىزنىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز –دە. ئامالسىزلىقتىن ئاشخانا خوجايىنىغا شىنجاڭغا كېتىۋالغۇچە ئىشلەيدىغان جاي ئۇچقۇشۇپ بېرىشنى ئۆتۈندۇق.ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنچە كۆپ ئادەمنى ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوسمان –ئەر ئايال ئىككىمىزنى ئېلىپ قالدى.قالغان ئىككەيلەنىى باشقا بىر كاۋاپچى خوجايىنغا تونۇشتۇرۇپ قويدى. يۇرتىمىزدا ئاز بولسىمۇ مال مۈلكىمىز، تېرىلغۇ يېرىمىز، مال –چارۋىلىرىمىز،ھال –مۇڭ بولىدىغان خوشنىلىرىمىز، نېمە يېسەك تېپىلىدىغان تاماقلار، خاتىرجەم تۇرمىشىمىز بار ئىدى،كۆپ پۇل تېپىپ بىراقلا باي بولۇش چۈشى بىزنى ھەممە نەرسىدىن ئايرىپ ئاتا –ائنام كۆرمىگەن بىر جايغا، بىر ئاشخانا خوجايىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ تاشلىغان ئىدى،ئوسمان ئاشخانىنىڭ يۈگۈر –يېتىم ئىشلىرىغا قارىشىدىغان، مەن چىنە –قاچىلارنى ،سەي –كۆكتاتلار يۇيۇش ..قاتارلىق ئۇششاق –چۈششەك ئىشلارغا ياردەملىشىدىغان بولدۇم،بىزگە يېتىپ –قوپىدىغانغا ئامبار قىلىۋالغان بىر ئۆينى بەردى،كۆزۈمدىن ياش قۇرىمايتتى، ئۆزۈمنىڭ بەختسىزلىكىمگە ،بىتەلەيلىكىمگە يىغلايتتىم،لېكىن يىغلايدىغان كۈنۈمنىڭ ئالدىمدا ئىكەنلىكىدىن،بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق بىر قىسمەتنىڭ مېنى كۈتۈپ تۇرغانىلقىدىن بىخەۋەر ئىدىم،بىز ئىشلەۋاتقان ئاشخانا خوجايىنىنىڭ ئىسمى تۇنياز پىچاق بولۇپ،بۇ ئاشخانا ئەمىلىيەتتە باشقىلارنىڭ ككزىنى باغلاش ئۈچۈن ئېچىلغان ئىكەن،ئاشخانا خوجايىنى ئاشخانىدا ئىشلەيدىغانلارنى قىماغا سېلىپ قويۇپ ،جەز قىلىپ پۇل تاپىدىكەن، ئوينىمايمىز دېگەنلەرنىڭ ئالدىغا پىچاقتىن بىرنى تىكلەپ قويۇپ،باشقا ئىشلەمچىلەرگە ئۇرغۇزۇپ، قورقۇتۇپ مەجبۇرلايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەيدىغانلارنىڭ يۇرتى يىراقتا بولغاچقا ئامالسىزلىقتىن ئويناشقا مەجبۇر بولىدىكەن، بۇ قىسمەتتىن مېنىڭ ئېرىم بولغان ئوسمانمۇ قۇتىلالمىدى،دادام رەھمەتلىكنىڭ ئوينىغانلىرىدىن سەسكىنىپ كېتىپتىكەنمەن بۇ قىمار دېگەنگە ئەمدى يەنە بىر نۆۋەت بېشىمغا كەلدى بۇ كۈنلەر ئېرىم بولغان ئوسماندىن، ئوسماننىڭ قىمار ئويناشقا ئېپى بولمىغانلىقتىن بەكلا جىق قەرزگە بۇغۇۇلپ كەتتۇق، ئەمدى بىزنىڭ پۇتىمىز چۈشەلگەن ئىدى،ئوسمان ‹‹ئۇتتۇرغان پۇلنى ئويناپ ئۇتۇپ قايتۇرىۋالىمەن ›› دەپ كۈندە ئوينايتتى، ئاشخانا خوجايىنىنىڭ نىيىتى بۇزۇلۇپ ئوسمان قىمار ئوينىغىىل چىقىپ كەتكەن بىرنەچە كەچتە ،بىز يېتىۋاتقان ئامبار ئۆيگە كەلدى، مەن ئىشىكنى ئېچىپ بەرمەي ‹‹ مۇشۇنداق قىىلۋەرسەڭ خوتۇنۇڭغا دەيمەن، بەك بولسا ئۆلتۈرىۋېتەسەن ،مەنمۇ جاندىن تويۇپ قالدىم ›› دەپ ئۇنى قورقۇتتۇم، ( ئۇنىڭ خوتۇنى ئۇستىخانلىق، شۇنداق سەمىرىپ كەتكەن خوتۇن ئىدى،بۇ خوتۇننىڭ ئاغزىنىڭ بەزەپلىكىگە ، رەسۋالىقىغا ھېچنىمە توغرا كەلمەيتتى، بىز بار يەردىمۇ ئېرىنى ‹شوۋىچىدىن شوۋىچىغا سېلى پئاغزىنى شۇنداق سەت بۇزۇپ تىللايتى، بۇنداق چاغدا ئېرى ئۇنىڭغا كۈچۈكلىنىپ يالۋۇراتتى)خوجايىن راستىنلا خوتۇنىغا دىيىشىمدىن قورقتىمۇ قانداق قايتا كەلمىدى، لېكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل شۇملۇقنى سېزىپ تۇراتتىم،ئوسمان كېچىلە –كېچىلەپ كىرمەيتتى، ئۇنىڭ چىرايى سارغىيىپ،كۆزلىرىنىڭ خۇنى قېچىپ ،مېنىڭ ماۋجۇتلىقىمنىمۇ ھېس قىلالماس دەرجخدە ئاجايىپ بىر خىل بولۇپ قالغان ئىدى،كۈندۈزلىرى ئارىراق ۋاقىتتا ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ گەپ سورىسام ،ئۇ دەلدۈشلەرچە بىر خخل ھالەتتە ماڭ قاراپ كېتەتى، ئاندىن كۆزىگە ياش ئالاتتى، مەنمۇ ئۇنىڭغا قوشۇۇلپ كۆز يېشى قىلاتتىم،بىر كۈنى خوجايىن ئۇنى ‹‹قەرزلەرنى قايتۇرمىدىڭ››دەپ باشقا ئىشلەمچى بالىلارغا ئۇرغۇزىۋەتتى،ئۇ تاياق زەربىسىدىقن ئىككى كۈنگىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى، كېيىن ئايال خوجايىننىڭ ‹‹ھۇي ھارام تاماق ،ماز شورۋىچى، سېنى بىكارغا باقىمەنمۇ ...››دېگەن جاندىن ئۆتكۈدەك سېسىق گېپىدىن يەنە ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق ئىدى،بۇ يەردىن قانداق كېتىشنىمۇ ئۇقمىساق، كېتىلى دېسەك قولۇمىزدا پۇل بولمىسا شۇلارنىڭ دېگىنىگە بويسۇنماي ئامال يوقتە.بىر كۈنى كەچتە بىز ياتقان ئۆيگە خوجايىن بىلەن ئوسماننىڭ كەينىدىن ئىككى خەنزۇ بىللە كىردى،ئۇ ئىككى خەنزۇ خۇددى بازاردىن قوي –كالىلارنى تاللىغاندا قارىغاندەك بېشىمدىن –پۇتۇمغىچە تىكىلىشتى،مەن ئىتتىكلا ئوسماننىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالدىم،ئۇنىڭغىچە ئۇلاردىن بىرسى قېشىمغا كېلىپلا ئېڭىكىمنى كۆتۈردى، مەن ئۇنىڭ قولىنى سىلكىۋەتمەكچى بولدۇم، شۇنى بىلىمەن قالغىنى بىلمەيمەن.ھۇشۇمدىن كېتىپتىمەن. K$$%j "s
(d[JMO^@8
G<~P||Lu^
داۋامى بار................. *m6*sIR
w#sP5qKv8
[ بۇ يازما kun^kiz تەرپىدىن 2010-06-13 12:11 AM دە ق ]