مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1216 قېتىم كۆرۈلدى
«1234»Pages: 1/4     Go
تېما: مېھراپقا تۇتاشقان يوللار (ئەلزامان)
alzaman
تۈمەن سۈيى تەتۈر ئىقىۋاتىدۇ
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1691
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 336
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە336دانە
ياخشى باھا: 124 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5310 سوم
تۆھپىسى: 209 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 105(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-18
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 03:10 PM

1 مېھراپقا تۇتاشقان يوللار (ئەلزامان)

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى HANJAR تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-11-07)
 




    بۇ قايناق شەھەردە يەنە كىتىۋاتىمەن ،ھەممە ئالدىراشلىقى ،جىددىيلىككە تولغان بۇ شەھەر خىلمۇخىل ئادەملەر توپى بىلەن داشقايناق بولغانىدى .كۆز ئالداىمدىكى بۇ مەنزىرىلەر دە ھىچ يىڭىلىق يوق ،يەنە شۇ ئېگىز بىنالارغادىيىپ تۇرسا ،ئالدىراش ماشىنىلار ۋىشىلىداپ ئۆتۈپ تۇراتتى،كىملەردۇ بىرى يولدىن ئالدىراپ ئۆتۈپ، ماشىنامدىن ئۆزىنى قاچۇردى، مەن ئاغزىمدىن ئەپسانا گەپلەرنى چىقىرىپ ئۇنى تىللىۋەتتىم . ئەتىگەندىن بىرى ماشىنا ھەيدەپ ئازراق چارچىغاندەك قىلاتتىم، شۇڭا ماشىنامنىڭ مۇزىكا قويغۇچىسىنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ، ئۇيان-بۇيانغا قاراپ خىرىدار ئىزدەپ كىتىپ باراتتىم . بىردىم ماڭغاندىن كىيىن بىرى قول پۇلاڭلاتتى ،ماشىنامنى يەڭگىل توختىتىپ، خىرىدارنى چىقىرىپ ماشىنامنى قوزغاپ ئارقامغا مەنىلىككىنە قارىدىم .
     _ئۇزۇن يوللۇق ماشىنا بىكىتىگە .
    خىرىدار گىپىمنى چۈشەندى بولغاي ، بارىدىغان يىرىنى ئىيىتتى . مەن ماشىنامنى بۇراپ شۇتەرەپكە كىتىپ قالدىم ،كۆزلىرىمنى جىددىيلىك بىلەن تولغان يولغا تىكىپ كىتىپ باراتتىم، توساتتىن تېلىفۇنۇم سايراپ قالدى .
      _ھە تۇرغۇن ياخشىما ؟
      _ياخشى ئۆزۈڭچۇ ؟
      _مەنمۇ ياخشى تېلىفۇن قىلىپ قاپسەنغۇ، تۇرغۇن .
      _ھە جۈرئەت مانداق ئىش قارا ،ئايدۇرۇمدىكى بىر ئاغىنەم بىلەن بىللە ئولتۇرماقچى بولغان، سېنى بىللە ئولتۇرۇشۇپ بىرەمدىكى دەپ تېلىفۇن قىلىشىم .
      مەنمۇ تازا زىرىكىپ تۇرغاندا كەلگەن بۇ تېلىفۇن ماڭىمۇ مايدەك خوشياقتى .
      _ماقا، ئۇنداقتا نەچچە بىلەن چىقىمىز؟چىقىدىغان ۋاقىتتا ماڭا تىلفۇن قىلىۋىتەسەن، خوش ئەمسە .
      _خوش.
      تېلىفۇن قىلغىنى يىڭى بازاردا دۇككان ئاچىدىغان ئاغىنەم تۇرغۇن ئىدى، پۇل تىپىپ تۇرغاچ مەرد ،ئولتۇرۇشلاردا دوستلارغا ئايىماي پۇل خەجلەيتتى، مەنمۇ بۇ ئاغىنەمگە بەك ئامراق ئىدىم. شۇڭا نېمە كۆرسەك تەڭ كۆرەتتۇق .
     تېلىفۇننى قويۇپ يەنە ئالدىراشلىق بىلەن تىرىكچىلىك ھارۋامنى ھەيدەپ كەچ كىرىشىنى كۈتتۈم . مانا بىرەر سائەتلەردىن كېيىن كەچمۇ كىردى ،شەھەر خۇددى يۇلتۇزلار بىلەن تولغاندەك يورۇپ كەتكەنىدى، قاراڭغۇلۇق بۇ شەھەردىن كەلمەس يىراقلارغا كەتكەندەك، شەھەرنىڭ رەڭدار چىراغلىرى ئادەمنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرۇپ مەستلىكىنى كەلتۈرەتتى، بۇ شەھەرنىڭ كېچىسى ئالدىراش .
     دوستۇم تۇرغۇنغا يەنە بىر قېتىم تىلفۇن قىلىپ ئون بوتۇلكا پىۋا ،باشقا ئىچىملىك، يەر ياڭىقى، گازىر قاتارلىق نەرسىلەرنى ئىلىپ ئايدۇرۇمدىكى ئولتۇرۇشقا ماڭدۇق . شەھەرنىڭ چىتىگە جايلاشقان ئايدۇرۇم رايونى ھاۋالىق خالىي ،جىمجىت يەر ئىدى ،بىز ياپيېشىل چىم ئۈستىگە ئەدىياللىرىمىزنى سىلىپ ئولتۇرىشىمىزنى باشلىدۇق.
      دوستۇم تۇرغۇننىڭ دوستى ئالىم ، ئۇنىڭ يەنە بىر دوستىمۇ سورۇنغا جەم بولدى، بىر قۇر ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئەدىيالغا يايدۇق،غۇر-غۇر شامال يۈزلىرىمنى سىيپاپ ئۆتەتتى. ھەممىمىزنىڭ كەيپىياتى خۇشال ھالدا سورۇننى باشلىدۇق. تۇرغۇن ساھىبخان بولۇپ بولۇپ بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچتى ،بىرىنجى رومكىنى تۇرغۇن ئۆزى كۆتەرمەكچى بولۇپ قولىغا ئالدى ،ھەم سورۇنغا ئۆزىنى تونۇشتۇردى.
      _ما ئىككىڭلارغۇ مىنى بىلىسىلەر، ماۋۇ ئاغىنىمىز بىلەن بۈگۈن ئولتۇرىشىمىز، شۇڭا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرىۋىتەي.
ئىسمىم تۇرغۇنجان، ئۆزۈم يېڭى بازاردا دۇككان ئاچىمەن، مىجەزىم خۇشخۇي، ئويۇنغا ئامراق سىلەر ھەممىڭلار مېنىڭ يېقىن دوستۇم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يېقىن ئۆتسەك دەيمەن، قېنى خوشە، كۆتۈرىۋىتەي.
     _خوشە....خوشە ..، _ ھەممەيلەن بىر ئېغىز گەپ قاتتۇق .
     پىۋا تۇرغۇننىڭ كارنىيىدىن غورتىلدىتىپ ئۆتۈپ، رومكا ماڭا تۇتۇلدى. رومكىنى قولۇمدا تۇتقاچ، مەنمۇ ئۆزۈمنى تونۇشتۇردۇم .
     _ئسمىم جۈرئەت، شەھەردە تاكسى ھەيدەيمەن، دوستلار بىلەن بۈگۈن دىدارلىشىپتۇق، بۇندىن كېيىنمۇ ئىزدىشىپ ئۆتۈپ كەتسەك. دوستلار، قېنى كۆتۈرۋىتەي،_ ئاچچىق پىۋا گاللىرىمنى ئىچىشتۇرۇپ ئۆتۈپ كەتتى .
ئەمدى نۆۋەت ئالىمغا كەلدى .
     _ئىسمىم ئالىم، بىكەر تەلەپ ئويۇنچىمەن، مەن ئۆزۈمگە مەردلىك ئوغولبالىدارچىلىقنى نىشان قىلغانمەن، بۇندىن كېيىن ھەممەيلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ ئۆتسەك، سىڭسۇنما؟
     _سىڭسۇن ...سىڭسۇن، ئاق يەرگە سۇ سىڭگەندەك سىڭىپ كەتسۇن .
     ئۈچىنجى رومكىمۇ كىكىرتەكتىن ئۆتۈپ نۆۋەت تۆتىنجىگە كەلدى، يەنە بىر ھەمرايىمىزمۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ ئولتۇرۇش رەسمى باشلاندى، رومكا قولدىن- قولغا ئۆتمەكتە، بەزىدە جۈپ، بەزىدە يالغۇز  بولۇپ ئىچىپ يۈرۈپ مەنمۇ بەشىنجى رومكىنى تۇرغۇنغا تەڭلىدىم.
ئارىدا بۇ سورۇنىمىزغا بىر سىتودىنىت قوشۇلدى ،ئالىم قوپۇپ ،كىلە زىيالى كىلە ،سەندىن بۆلەك ھەممە نەرسە بارتى بۇيەردە كىلە ئولتۇر ،دەپ سورۇنغا باشلىدى ،زىيالىيمۇ تارتىنمايلا كىلىپ سورۇندا ئولتۇردى ،ئۇكىلىپلا نەچچە كۈندىنبىرى زىرىكىپ كەتكەنلىكىنى شۇڭا ئازراق ئىش پۇشقىنى چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ كەتتى .
زىيالى ،زىيالى گەپنى تىخى دىيىشىۋالىمىز ،ئاۋۋال مانى كۆتۈرۋىتىپ ھە،ئاندىن.
زىيالىيغا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى رومكا تۇتۇلدى ،بۇ ئىككى رومكا زىيالىينىڭ يۈزىنى قىزارتىپ ئۈلگۈردى .
مىنىڭمۇ كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ باشلىرىم قايغاندەك ئىدى ،ئاغزىم قىچىشىپ تۇرغۇنغا :
-سەنمۇ قىزىقتە ئاداش،ئايرىمخانىدا ئولتۇرىلى دىسەم ئۇنىماي ،قىزبالىنى يىنىمىزدا ئولتۇغۇزۇپ ئىچمەمتۇق بۇنى .
-ئايرىمخانىدىن زىرىكمىدىڭما جۈرئەت ،قارا مۇشۇنداق خالى جىمجىت يەرنى نەدىن تاپىسەن دەيمەن ئالە بۇنى .

ماڭا يەنە بىر رومكا تۇتۇلدى ،كۆتۈرىپلا رومكىنى قۇرۇقداپ تاماكىدىن بىرنى لىۋىمگە قىستۇردۇم .
قىز بالىنىڭ گىپى چىقىشى بىلەن يەنە بىر دوستۇم قايناپلا كەتتى .
-سىلەرگە دىسەم ھازىر مۇشۇ قىز بالا دىگەن گىپنى ئاڭلىسام چاچلىرىم تىك تۇرىدۇ مىنىڭ شۇنداق ئەقىدە قىلساممۇ بىلمىدى باللا.....
-بولدى ..بولدى رومانىڭنى كىيىن سۆزلەپ كۆتۈرۋىتە مانى دىدى،ئالىم سىلكىشلەپ تۇرۇپ .
زىيالىيمۇ تۆتىنجى رومكىنى كۆتۈرىپلا بەك گەپدان بولۇپ كەتتى .
-ئاغىنىلەر مەن سىلەرگە دىسەم ،مەن مۇشۇ ئۇيغۇر دىگەندىن بەك رايىم كەتتى جىما ،قاراڭلار قىزلىرىمىزغا ،ھەممىسى خەقنىڭ قوينىدا ،ياشلىرىمىز ھەممىمىز يالاق يالاپ ،مىھمانخانىدىن چىقالماي ياتىمىز ،ھەي دىسەم گەپ تولا ئاداش ،مەكتەپنى پۈتتۈرۇپ مۇشۇ مىللىتىم ئۈچۈن چوڭراق ئىشتىن بىرنى قىلىپ بىرەي دىسەم ماڭا ھىچ قايسىسى ئىشەنمەيدۇ ،يا قوللىمايدۇ ،يۈرىكىم زىدە بولۇپ كەتتى ئاغىنىلەر ،بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ،نىمىشقا مۇشۇ مىللەتىنىڭ زىيالىسى بولغاندىمەن دەپ،باشقا خەقكە قاراڭلار ،زىيالىينى بىشىدا كۆتۈرىدۇ بىزچۇ؟.......ھەي .
-بولدى ..بولدى قىلە ،بۇنىڭ گەپلىرىدىن رايىم كەتتى ،قويۇپ بەرسە ئاغزىغا سالسام ،بىز بى پەيلاسوپ ئەمەس مىللەت ،دىگەن چوڭ يەردىن چۈشكىنى ،قويە ئۇ گىپىڭنى ھاراق ئىچىۋاتقاندىكىن كەيىپنىڭ ئويۇننىڭ گىپىنى قىلە ئاداش ،ھە تۇرغۇن ،قىزلىرىڭ بارما ؟بولمىسا ئۆزۈمنىڭكىگە تىلفۇن قىلايمۇ يا ؟
-نىمە دەۋاتىسەن جۇرئەت ھەي ،ئۆزۈمنىڭ قىزلىرىغا دەپ سالدىڭما؟،ئاشۇ شالا بولۇپ كەتكەن توم پاچاقلار سىنىڭ قىزلىرىڭكەندە!
ھا..ھا ..ھا سورۇندا كۈلكە كۆتۈرۈلدى .
-تۇرغۇنجان ،مىنى بىلمەمسەم ئاداش ،ئانىسى قىزدەپ تۇغۇپ قويغان نەچچىسىنىڭ پىچىتىنى ئۆزۈم ئاچقان جىما ۋە،قانداق دىدىم بالىلار ،ھوي ئالىم ئاداش گەپ قىلماي ئىچىپلا ئوتتۇرىسەنغۇ ؟قىزبالىغا ھەۋەس يوقما ؟
-ھەۋىسىم كىلىپ توختاپ قالغان يىرى ماۋۇ ،قىنى قورقماي ھارىقىڭنى ئىچە ئالىمكام باردەپ .
رومكا قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئون رومكىمۇ ئۆرۈلدى ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ زىيالىيمۇ يىقىلغانىدى،بىز ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلىمىساقمۇ ،ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك ئىدى ئاخىرى ھاراق تەپتى بولغاي غاررىدە قۇسۇپ تاشلىدى .ئالىم بولسا يەنە ئوننى ئەكىلىپ تىكلىۋەتتى .
     ئەمدىلىكتە بولسا پىۋا سۇدەك ئۆتۈپ كىتىپ باراتتى، رومكىنى قولۇمغا ئالغان پېتى يەنە ئۈچ قېتىم ئايلاندى.
يېنىمدىكى يەنە بىر دوستۇم بولسا تېلىفۇننى قولىغا ئېلىپ سۆزلەۋاتاتتى.
     _ۋەي ئالىيەما؟ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟
     تېلىفۇننىڭ سىرت ئاۋازى ئېچىۋېتىلگەن بولۇپ،  ھەممە گەپنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق .
     _ئويناپ .
     _يەنە ھېلىقى خۇمسا بىلەنما ؟
     _ھە، قانداق قىلاتتىڭ، ئوينىسام ئىچىڭ قىزىۋاتامدا ؟
     _شۇ گىپىڭ راستما؟ ئۇنداق بولسا مەن ھازىر لا بېرىپ، ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنىنى تۈزلىۋىتىپ كېلىمەن، ئىشىنەمسىن؟
     _مەن ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ كۆزلىرىمنى ئالىمغا مەنىلىك تىكتىم.
     قىزنىڭ يىقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى .
     _ھەي لامزەللە، سېنىڭ قولوڭدىن ئاشۇنداق قىلىش كېلەمدا؟ نوچى بولساڭ كېلىپ باقە، كىمنىڭ ئاغزى تۈزلىنىدۇ كەلسەڭ بىلىسەن.
     _ھەي ئالىيە، ئۇنداق قىلما؟ قارا ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن، سېنىڭ دەردىڭدە يۈرەكلىرىم ئېزىلىپ خۇن بولۇپ كەتتى، ئۇنداق قىلماي مېنىڭ يېنىمغا بىر كېلىپ قويساڭچۇ ؟
     _نىمە بولساڭ بولمامسەن، سىنىڭ يېنىڭغا بارغىلى پۇتۇم يوق مېنىڭ .
     _راستما ئالىيە، مۇشۇ قولۇمدىكى رومكىنى چىقىپ بېغىشىمنى كىسىپ ساڭا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرىمەن،  ئاڭلاۋاتامسەن؟
     مەن بۇ دوستۇمنىڭ گېپىگە تىشىمدا كۈلۈپ، ئىچىمدا بەك تىرىكىپ كېتىپ باراتتىم، يىگىت دېگەن يىگىتتەك بولمامدۇ؟ ئۇ شۇنداق دەپلا، بوتۇلكىنى يولنىڭ قىرىغا چاڭڭىدە ئۇردى، چىقىلغان بىر پارچىسىنى قولغا ئىلىپ:
     _ئەمسە بېغىشىمنى كەستىم، ئالىيە كۆرۈپ قوي ....
     بىز ئورنىمىزدىن دەلدەڭشىگىنىمىزچە تۇرۇپ بۇ ئاشىقنىڭ قولىدىن بوتۇلكا پارچىسىنى تارتىۋىلىپ، سورۇنغا يىنىپ كەلدۇق. ئۇ سۆزلەيتتى:
     _ئېسىت،  قىز بالا دىگەن مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا ،شۇنداق ئەقىدە قىلىپتىمەن بالىلار ،ئۇنى دەپ قىلمىغىنىم قالمىدى .
     _بەك قىز بالا سېغىنىپ كەتكەن ئوخشىمامسەن؟ ئاداش،_ ئاخىرى مەن چىدىماي ئېغىز ئاچتىم،_قىز بالا دېگەن جىق، تۇرغۇن قىزلىرىڭغا تېلىفۇن قىلە، ما ئاغىنەم بەك قىز بالا سېغىنىپ قاپتۇ .
     _توختا، ئاۋۋال ماۋۇ ئالىم ئەكەلگەن بوتۇلكىلارنى قۇرۇقداپ بولە، ئاندىن تېلىفۇن قىلامەن. ھىلىمۇ ئايالىڭ بولغىنى، بولمىسا قانداقمۇ قىلاردىڭ ھە؟ جۈرئەت.
     _ئايالىڭ بولمىسا، خىنىملارنىڭ يېنىدىن كېتەلمەسكەنسەن ئاداش ھە؟
     ھەزىل چاقچاقلارنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىپ توختىدى، بۇ گەپلەر بىر بولسا ماڭا ھاقارەتتەك بېلىنىپ بۇلارغا چالۋاقىدىم:
    _قويەۋە ئۇنداق گىپىڭنى، مېنى بوش چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسەن؟ بەلنىڭ راۋرۇس كۈچى بار بالار بىز جۇمۇ، قۇرۇق گەپ قىلماي قۇيىلى، بۈگۈن ھەممىڭنىڭ يىقىتمىسام ھىساب ئەمەس.
     قالغان پىۋىنى ئۈچەيلەن مۇشۇنداق ئەپسانە پاراڭلار بىلەن ئىچىپ يىقىتىۋەتتۇق، بۇ چاغدا ھەممەيلەن يىقىلغانىدۇق.  بايامقى پو ئىتىشلار جىمىپ، تۇرغۇن تەسلىم بولۇپ قىزلىرىغا تېلىفۇن قىلغىلى كەتتى . مەن بولسام تەستە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ھاجەتكە ماڭدىم. يەرگە دەسساۋاتامدىم، ئاسماندا ئۇچىۋاتامدىم؟ بېشىمدىن پۇتۇم ئىتتىك كېلىۋاتاتتى، بىزنىڭ بىر گېپىمىز بارتى «باشتىن تۇتقىنى ساراڭ بولىدۇ ،پۇتتىن تۇتسا ئاسماندىن ئۇچىدۇ» دەيدىغان. مەن مانا پۇتلىرىمنىمۇ باشقۇرالماي بىر تىرەكنى تۇتۇپ قەي قىلىۋېتىپ، سورۇنغا قايتىپ كەلدىم، تۇرغۇن تېلىفۇن سۆزلىشىۋاتاتتى .
      _بەش يۈز كويما؟ ھېلىغۇ بەش يۈز كويكەن، جىنىمنى ئالساڭمۇ بىرىمەن جۇما.
      _ئەتە، مەن ھازىر دەۋاتىمەن، چىقامسەن، چىقمامسەن؟
      _مەسكەنسىز، ئۆزۈم مەس بولغان بىلەن كەيپىم چاغ جۇمۇ، بىلىپ قوي.
      _ھە، شۇ گېپىڭدە چىڭ تۇر جۇما.
      _قويەۋە تېلېفۇننى پاسكىنا...
      تۇرغۇن دەلدەڭشىپ كېلىپ، ئورنىدا ئاران ئولتۇرىۋالدى .
      _ھە ئاداش، تۇمۇچۇق گەپ ئاڭلىمايۋاتامدا؟ تولا پو ئاتمايلى مېنىڭ ئالدىمدا .
      _نېمە دەۋاتىسەن جۈرئەت، ئەتە ساق ۋاقتىڭدا كەل ماقۇلما، ياپۇننىڭ ئەسكىرىدەك تىزىۋىتىمەن ئالدىڭغا. ماڭە ئالىم، پىۋا ئەكىلە؟
      _ھەي تۇرغۇن، دۇنيادا مۇشۇ ئىككى نېمىگە چاقچاق قىلما ئاداش، بىرى مۇشۇ ھاراققا كەيپىڭ بولسا ئىچىسەن، بولمىسا قۇسۇسەن، يەنە بىرى قىز بالىغا، ھەۋەس بولسا قاملاشتۇرسەن، بولمىسا قاراپ تۇرىدىغان گەپ. بېلىپ قوي ئاداش، مەن ...مەن بولدى كەيپىم توشتى.
      تۇرغۇن ئۆندەرىگەندەك ئورنىدىن تۇردى، تۇردىيۇ سەنتۈرۈلۈپ يىقىلغىلى تۇردى.
      _تۇرغۇن، ماڭالامسەن يا؟ يۆلىۋالايمۇ؟
      _ھەي ..مەن دېگەن تۇرغۇن ئاكاڭ، ئۆزۈڭ بى ئاۋۇ ماشىنامنى ھەيدەپ كىرىپ كىتەلەمدىم، دەپ شۇنىڭ غېمىدە بول جۇما.
      مەنمۇ ئورنۇمدىن تەستە تۇرۇپ ماشىنا يىنىغا باردىم . ئالىم بولسا ئەدىيالنىڭ بۈرجىكىدە ياتقان دوستىنى ئويغاتقاچ، بوتۇلكىلارنى يولغا، تاملارغا ئاتاتتى، جاراڭ-جۇرۇڭ ئاۋازلار بىلەن بوتۇلكا پارچىلىرى ھەر تەرەپكە چاچرايتتى .      
      _ئالىم، چاقە، چاق ئاداش، ياشا، بوتۇلكا تەرگۈچىلەر بېيىپ كەتسە بىزگە كۈن يوق ئاداش.
      ماشىنىنى قانداق ھەيدىدىم بىلمەيمەن، تۇرغۇننى ئېلىپ ماڭدىم، ئايدۇرۇمدا ئۇچىۋاتقان ئايروپىلانغا ئوخشاش ئۇچىۋاتاتتىم، قالغىنى ماڭا قاراڭغۇ.
      بىر چاغلاردا قۇلىقىمغا بىر ئاۋاز كىرىپ قالدى:
     _ۋۇ ئىمانى يوق، مۇشۇ ۋاقىتقىچە ئۇخلاتامدۇ ئاۋۇ، تولاپ چىقسىلا، جۈمەگە بارسۇن .
     بۇ ئاۋاز دادامنىڭ ئاۋازى ئىدى، بىردەمدىن كېيىن ئايالىم يېنىمغا كىردى.
     _جۈرئەت، سىلنى دادام جۈمەگە باسۇن دەيدۇ ؟
     _ئا .....،_ چوڭ بىرنى كىرىلىۋىتىپ،_سائەت نەچچە بولدى خوتۇن.
     _بىر بولاي دىدى.ئاخشام نېمە بولغان خۇدۇلىرى يوق ئۆيگە كىرىپلا، دادام شۇنچىلىك خاپا بولۇپ كەتتى، بولسىلا، تېزراق قوپۇپ جۈمەگە بارسىلا ؟
     باشلىرىم لوقۇلداپ ئاغرىيىتتى، پۇتلىرىم بولسا ئىنتايىن ئېغىر. قوپماي دىسەم دادامنىڭ ئاچچىق گەپلىرى.
ھەي، ئاخىرى شىللەمدىن بىرسى ئىتتىرگەندەك ئورنۇمدىن تۇرۇپ، چالا-بۇلا تەرەت ئىلىپ جۈمەگە ماڭدىم .
مەسچىت ئادەمگە لىق تولغان بولۇپ ،ماڭا سەپنىڭ ئاخىرى تەككەنىدى، شۇنچە ئالدىرىساممۇ پەرزگە ئاران ئۈلگۈرىپتىمەن دىسە.خوشياقا-خوشياقماسلىق بىىلەن نامازنى تۈگەتتىم، نامازدىن يېنىپ ئەمدى ئۇيقۇغا غەرق بولاي دىيىشىمگە دادام كىرىپ قايناپلا كەتتى.
     _بالام ماڭا ئىچىڭ ئاغرىسۇن ،ئۆزۈڭگە ئىچىڭ ئاغرىسۇن ،ئۇنداق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە بالام .
     _ئا يانا شۇگەپما دادا، مەن ئىچسەم ئۆزۈمگە ئىچتىم. خەقنىڭ باللىرىغا قارا ئاق چىكىپ ئۆيىنى خانىۋەيران قىلىۋاتىدۇ، شۇكرى دىگىنە جىما .
     _شۈكرى شۈكرى بالام، دادام تەنە ئارىلاش گەپ قىلدى، بىز چوڭ بولغان ۋاقىتلار قانداق ۋاقىتكى شۇۋاقىتلاردا دادىمىز نىمە دىسە ماقۇل دەيتتۇق ...
     _ۋاي داۋاملىق كامىنادا قالغان، گەپلەرنى دەيدىكەنسەن، گېپىڭ تۈككەن بولسا مەن ئۇخلاي .
     _ئۇخلا بالام، ئۇخلا. قاچانغىچە ئۇخلايسەن بالام، بالىنىڭ چوڭى سەن ئەقلىڭنى ئىشلىتىپ يۈرەسەن .
     دادام ئاخىرقى گەپلىرىنى ماڭا يىلىنىپ دەۋاتقاندەك بىلىندى .
     مەن ھوجرامغا كىرىپ ئۇيقۇغا غەرىق بولدۇم. تېلىفۇنۇمدىن كېلىۋاتقان كۈچلۈك ئاۋاز مېنىڭ شىرىن ئۇيقۇمنى بۇزماقتا ئىدى ،تىلفۇننى تەستە ئالدىم .  
_ۋەي كىمۇ ؟
     _ۋەي جۈرئەتما ؟مەن تۇرغۇن قانداقراق قوپاپسەن، ئاداش .
     _چىشلىۋالدىمۇ نىم بۇ ؟باشلىرىم ئاغرىپ پەقەت ھالىم يوق مىنىڭ .
     _ئەنسىرىمە بۈگۈن چىشىنى چاقىمىز ئالىم يەنە تىلفۇن قىلىپتۇ، ئازراق بىر نېمە بارئىكەن ،چىققىن دەپتى، بىللە چىقىپ كىرەمدۇق .
     _ۋاي قويە ئاداش مەن چىقماي. دېمىسىمۇ بۈگۈن ئۇيەرگە چىققۇدەك ماجالىم يوقتى .
     _نېمە بولدۇڭ دەيمەن، ھېلى چىققاندا يەنە بارمۇ دەيسەن؟ سەل تۇرۇپ كۆرىشىلى .
     پۇتۇمدىن سۆرىگەندەك ئازراق بىر نەرسىنىڭ يىنىغا ماڭدۇق، بۇۋاقىتتا كەچ كىرگەن بولۇپ ئالىم بىزنى ھوجرىسىغا باشلىدى،پاكار، ئۇزۇن چاھلىق بۇ ئالىمىنڭ ھوجرىسىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش پاكار، ئۆينىڭ ئۈستى پەنەركىلەنگەن، كىچىك سۇپىدا بولسا، ئالىمنىڭ كىيىملىرى چىچىلىپ ياتاتتى، پەگادىكى ئۈستەلدە بولسا بىر تېلىۋوزۇر قويۇلغان، ئۇنىڭ يىنىدا بولسا كۇلدان قىلىنغان پىيالە ،چىچىلغان موخۇركىلار بىلەن تولغان يەردە بولسا تاشلانغان تاماكا قالدۇقى لىق توشقان بولۇپ ئىنتايىن رەتسىزخۇددى «بىرلىندىكى خارابىيلىقنى » ئەسلىتەتتى، تۇرغۇن بۇنى كۆرۈپ چاقچاققا يانداپ.
     _ئالىم بۇ ئېغىلمۇ ئۆيمۇ؟ تازىلاپ قويساڭ بولمامدا ۋە ؟
     _ۋاي تازلىغىنى چول يوق بويتاقچىلىقتا، ئۈستىگە چىقىڭلا، ئۈستىگە،_ ئۇ شۇنداق دىگەچ رەتسىز كىيىملىرىنى يىغىشتۇردى،_سەنمۇ چىقە جۈرئەت،ئاخشام تۈزۈك پاراڭلىشالمىدۇق، ئەمدى پاراڭلىشىلى دەپ چاقىردىم ئاداش.
     _قورساق توقتۇ  باللا .
     _نەگە بارساق قورساقنى ئىلىپ بارمايمىز، ئالىماخۇن. نەرسىلىنى چىقارسىلا،_دېدى تۇرغۇن ئالدىراپ.
     ئالىم ،ئۈستەل ئاستىنى ئاختۇرۇپ يۈرۈپ بىر نەرسىلەرنى ئىزدىمەكتە، بىردەمدىن كېيىن ئىشلىتىلىدىغان سايمانلىرى تەق بولدى. ئۈستەل ئۈستىدە بىر تال ئويۇلغان ياڭيۇ، سۇلياۋ نەيچە، موخۇركا، سەرەڭگىلەر پەيدە بولدى. ئالىم يانچۇقىنىڭ بىر يەرلىرىدىن كىچىك خالتىغا ئورالغان نىشىنى ئۈستەل ئۈستىگە يايدى.
     _مەكىتنىڭ ئاداش، ئېسىلى جۇما، ماۋۇ دېگەن،_ دەپ قىستۇرۇپ قويدى ئالىم.
     شۇنداق قىلىپ كەيىپ سۈرۈشىمىز باشلاندى، نەيچە ياڭيۇدىن ئۆتكۈزۈلدى ئۇيۇلغان ياڭيۇغا بىر چىمدىم موخۇركا سىلىنىپ،ئۈستىگە نىشىدىن ئازراق قوندۇردى. ئالىم ئىشقى دەپ قويۇپ سەرەڭگىنى تۇرغۇنغا تۇتقۇزدى، ئوت يىقىلىپ كۈچەپ ئىچىگە تارتىلغان نىشە قويۇق ئىس چىقىرىپ تۇراتتى. ئالىم ئۈچ-تۆت قىتىم ئىغىر تارتىۋەتكەندىن كېيىن ئۇھ دەپ نىشە چىكىش سايمىنىدىن قولىنى بوشاتتى. نۆۋەت ئەمدى ماڭا كەلدى، بىر تارتىشىمنى بىلىمەن ئۆپكەم ئاغزىمغا تىقىلىپ قالغاندەك بولۇپ، كۆزلىرىمدىن ياش چىقىپ كەتتى .
     _ھە جۈرئەت چىدا، دەسلەپتە شۇنداق بولىدۇ، ھىچقىسى يوق بار-بارا كۆنۈپ كىتىسەن.
     كاللام گاراڭلاشتى، ئۇچۇش دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك،  بېشىم پىرقىراپ قىيىپ كەتتى. ئالىم خۇددى بۇنى بىلگەندەك:
      _ھە جۈرئەت، ئۇچۇۋاتامدۇق، تۈنۈگۈن قارىسام جىق دەردىڭ باردەك تۇردى، ئايالىڭدىن كۆڭلۈڭ سۇ ئىچمەمدا نېمە؟
     ئاغزىم ئىچىلىپلا كەتتى:
     _ئايالىمنىڭ گىپى ئەمەس ئاداش، بۇنى دىسەم گەپ جىق، يىگىرمە يىلدىن بىرى بىرگە بىرگە چوڭ بولغان، مەن توي قىلىمەن دېگەن قىز بالا ئەرگە تېگىۋالدى ئاداش، ئۇ بۇزۇق ھەر كۈنى ئالدىمدا ئەگىپ يۈرسە قانداق چىدايمەن، شۇڭا ھازىر ھەرقاندىقىنى پۇش دىمەيمەن.
     _تۇرغۇن، قېنى سەن چىكىۋەرمەي سالە بىرنى. ئالىم سەنچۇ؟_دېدىم مەن نىشە سايماننى قولۇمغا ئالغاچ.    
     _مەنمۇ بۇيىل تويۇمنى قىلماقچى ئىدىم، نېمىسىنى دەيسەن، پۇل يوق، ئا دۇككاننى كۆردۈڭما؟ ئازراق بىرنېمە ئېلىپ قويۇپ ئۆيلىنىدىغان پۇلنى مەكتەپكە تۆلىدۇق.
     مەن شوراشقا باشلىدىم، شۇرىغاچ ئىشقى ،ئىشقى دەپ تۇۋلاپ قوياتتىم. ئۈچ نۆۋەت ئايلىنىپ مانا ئەمدى رەسمى ئۇچتۇم ئاغزىمدىن نىمە گەپلەر چىقتى بىلمەيمەن. كەيىپ ئەسلى مەنىسى، لەززەت ھوزۇر-ھالاۋەت دىگەن گەپ بولسا كىرەك بىز مانا مۇشۇلاردىن لەززەت تاپماقتا ئىدۇق ،ھەر بىر قىتىملىق ھوزۇر-ھالاۋەت بىزگە چەكسىز راھەت بىغىشلىغاندەك قىلاتتى ،شۇ ھالاۋەتنىڭ ۋەسۋەسىدە لەززەت ئىززەر قاراڭغۇ ئۆمۈچۈك تورى قاپلىغان بۇلۇڭلاردا،ياشلىقىمىزنى يىنىپ تۇرغان ئوت ئەمەس بەلكى كۆيگەن كۈل كەبى ئۆتكۈزۈپ ،ئۇپا خالتىسى، تالاي ئەركەكلەرنى ئۆز جىسمىغا سىڭدۈرىۋەتكەن يۈندە ئازگاللىرىغا ئىتىش بىلەن ياشىدۇق چۈشكۈنلۈك، ئازغۇنلۇق تورى مىنى چىرماۋاتقان شۇۋاقىتلاردا يەنە شۇ ئېسىل شەھەردە تاكسى ھەيدەپ كېتىپ بارىمەن .
     چىراغلار شەھەردە نۇرلىنىپ كەتكەن بولۇپ پىيادە يوللاردا ھەممىسى بىر ئىغىر ئۇيقۇ ئىچىدە كىتىپ بارغاندەك كۆرىنەتتى، لېكىن پىيادە يولنىڭ ياقىسىدا مەغرۇر تۇرغان بىنالاردا بولسا ئاللىقانداق خانىلار ئۇيقۇچىلارنى بۇزۇپ، تاتلىق ئەسلىمە قوينىغا باشلاپ ئەكىرمەكتە ئىدى، ۋال-ۋۇل چىراغ، قۇلاقنى يارغۇدەك مۇزىكا تاتلىق ھىسلار ئىلكىدە ھۇشسىز ئۆزىنى ھەريانغا تاشلاۋاتقان «ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا» دەيدىغان ياشلىق شۇئالىرىمىزنى ئەسلەپ كىتىپ بارىمەن. توساتتىن بىرى ماشىنامنى توستى ماشىنىغا يىگىرمە بەش ياشلار چامىسىدىكى قوڭۇر سېرىق چاچلىق مودا خىنىم چىقتى ئۇ چىقىپلا ماشىنىغا ماڭا تىكىلىپ سەپسىلىپ قاراپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا قارىمايلا سورىدىم. مەن ئۇنىڭغا قارىمايلا سورىدىم .
     _نەگە بارىسىز ؟
     قىز ماڭا مەنىلىك قاراپ ئۈنچىقمىدى .
    _ئاڭلىدىڭىزمۇ؟ نەگە ئاپىرىپ قويىمەن؟
    _نەنى خالىسىڭىز شۇيەرگە .
    قىز خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى ماڭا تىكتى. ئۇ مەندىن جاۋاب ئېلىشقا تەقەززا ئىدى. مەن ئىچىمدە ئويلىدىم خودىكىڭ بار بىر نىمىكەنسەن دە! جايىنى تىپىپسەن، بۈگۈن ھالىڭدىن ئوبدان خەۋەر ئالىمەن. مەن كۆزلىرىمنى شەھۋەت بىلەن قىزغا تىكتىم.  
    _سىز ئېلىپ بارالىسىڭىزلا مەندە چاتاق يوق.
    _ئوي، چاتاق يوق جۇمۇ.
    _ئۇنداقتا بۈگۈن كېچە مەن سىز نەگە ئېلىپ بارسىڭىز مەن شۇ يەردە.
     مەن ھەۋەسلىك كۆزلىرىمنى ئۇ قىزغا تىكىپ ئويلاپ قالدىم، بىر بولسا ئېرىڭدىن كۆڭلۇڭ سۇ ئىچمىگەن بىرنىمەسەن، بىر بولسا خىرىدار تاپالماي ئىچىڭ پۇشۇپ چىققان بىرنېمىدەك تۇرىسەن.
      _ھە ئىسمىڭىز نىمە؟
      _شاھناز .
      _ۋاي-ۋۇي نىمانداق چىرايلىق ئىسىم بۇ.
      ئۇ جىلمىيىپ كۇلۇپ، دەپلا ،مۈرەمگە يەڭگىل ئۇرۇپ، خوت يۆتكەۋاتقان قولۇمغا سىلىدى.
      _بولىدۇ ئەمسە، ئۇنداقتا «شەھەر قۇياشىغا» ھەيدەڭ .
      _چاتاق يوق، ھەيدىدىم ئەمسە .
      <سەنزە مېنى ئىندەككە كەلتۈرەي دەپسەندە> دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.
      _ھە شاھناز «شەھەر قۇياشىغا» كىلىپ قالدۇق، مەن ماشىنامنى توختىتىپ شاھناز بىلەن «شەھەر قۇياشىغا» كىرىپ كەتتۇق .....
       قاچانلاركىن تاڭ بىر ۋاقىتلاردا تېلىفۇنۇم ئەنسىز سايرىدى. تىلفۇننى ئايالىم ئۇرغانىدى .
      _ھە ...نېمە گەپ ؟
      _بۈگۈن كەچ ئۆيگە چىقمىللا؟ شۇڭا ئەنسىرەپ تېلىفۇن قىلغان .
      _ھە، مەن ھازىر پەيزىۋاتقا كىرا ئىلىپ چىقىپ كىتىپ بارىمەن، ئەتە سەھەردە چىقىمەن، ئەنسىرىمەي ئۇخلاۋەر.
     _ماشىنىنى ئاستىراق ھەيدەلا جۈرئەت ھە، ماقۇل ئەمسە خۇدايىمغا ئامانەت.
     _ھە ....خوش.
تېلىفۇننى قويىۋەتتىم. يېنىمدا ياتقان شاھنازغا قارىدىم، سېرىق چاچلىق، گىرىم بىلەن ئۆرە تۇرغان بۇ خوتۇننىڭ ئايالىمدىن نەرى ئارتۇق، ئايالىم بەك چىرايلىق بولمىسىمۇ شۇنچىلىك مېھرىبان، كۆيۈمچان ئايال، بىچارە ئايالىم مەن ئۈچۈن كۆيۈپ پىشىپلا يۈرىيدۇ،  تېخى مىنىڭدىن قورساق كۆتۈرۈپ قىينالغىنى قىينالغان.
      ئايالىمنىڭ ئۈلۈشكۈنكى بىر گېپى ئېسىمگە كەلدى .
      _جۈرئەت قارىسىلا، سىزىكىم باشلىنىپتۇ، كۆڭلۈم ئالما تارتىپلا تۇرىدۇ، بىرەر كىلو ئالغاچ چىقالاھە؟
     _ۋاي نەدىكى بىرنېمىگە سىزىك تارتىدىكەنسەن خوتۇن كىشى دېگەن «چالما،تىزەكتىن باشقا ھەممىگە سىزىك تارتىدۇ » داۋاتىتى، راستمۇ نېمە؟ نەدىكى بىرنېمىنىڭ جىدىلىنى قىلماي، جىم ئولتۇر ماقۇلما؟
     ئايالىم جىم بولۇپ كەتتى، كۆڭلى ئازار يېدى بولغاي كۆز چاناقلىرى لىققىدە ياشقا تولدى.
     مانا بۈگۈن تونىمايدىغان بىرسىنى شۇنداق ئىسىل تائاملار بىلەن مېھمان قىلىپ، كاتتا مېھمانخانىدا يىتىپتىمەن. لىكىن ئايالىمچۇ؟ سوغۇق ئۆيدە، ئۆزى تەنھا، مېنى خىيال قىلىپ يېتىۋاتقاندۇ؟ ھېلىمۇ ياخشى دادام مىجەزىمنى بىلىپ ھاممامنىڭ قىزىنى ئېلىپ بىرىپتىكە، باشقىلار ئاللىبۇرۇن كۈدە-كۆرپىسىنى يىغقان بولاتتى .
يېىنىمدىكى شاھنازنىڭ يەڭگىل ئۆرۈلىشى خىياللىرىمنى بۆلدى،ئۇنىڭدىن كىلىۋاتقان مىزىلىك پۇراققا مەستخۇش بولۇپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم ....
     يەنە بىر يېڭى تاڭ ئاتتى، كىيىملىرىمنى كىيىپ «شەھەر قۇياشى» دىن مىڭىشقا تەمشەلدىم. ماڭاشىمدا شاھنازنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى.
     _نىجات، تېلىفۇن نومۇرىڭىز قانچە ؟ئالاقىلىشىپ تۇرايلى.
     مەن راستىمنى ئىيتمىدىم. بۇرۇن ئىشلەتكەن نومۇرۇمدىن بىرنى ئېيتىپ بىرىپ بىر كۈنلۈك ئاشىقىمنى ئۇزاتتىم .
كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتمەكتە. ئايالىمنىڭ بولسا ئاي-كۈنى يىقىنلاشماقتا ئىدى، مېنىڭ بولسا ئىچىم سىقىلىپ نەدە كەيىپ، نەدە لەززەت بولسا شۇنى پۇراپ تاپىدىغان بولدۇم.  ھايات يولۇمنى خۇددى بىر قارا بولۇت توسىۋالغاندەك، بىرسى چۆرگىلىتىپ قويۇپ بەرگەندەك خارامۇش بىزارلىق ئىچىدە ئۆتمەكتە ئىدىم،  كاللام خارامۇش  ھالەتتە ھەممىدىن ئۆمىدىمنى ئۈزۈپ، ماشىنىنىمۇ ئىگىسىگە تاشلاپ بېرىپ ئۆزۈم بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈردۈم.




ئۆمۈر شۇنداق ئۆتىدىكەن ،ئىنسان ئۆزىنى ھەرتەرەپكە ئۇرۇپ ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان نەتىجىگە ئىرىشىدىكەن ،بەزىلەر مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىدا،ئۇچرىغان ئەگرى -توقايلىقنى يىڭىشكە قادىر بولالمايئۆز ھاياتىنى ئىس بىلەن كۈلگە ،زەھەرلىك بۇلغانمىلارغا تىگىشىدىكەن ،يەنە بەزىلەر ئەگرى-توقايلىقنى ئۆز قۇلى بىلەن تۈزلەپ ئۆزى ئۈچۈن داغدام يول ياسايدىكەن .


مانا مەنچۇ؟يىگىرمەيىلدىن بىرى ئالدىمدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان ،ئۆزۈم چىن يۈرىكىمدىن ياخشى كۆرگەن قىز،ئاتا-ئانىسىنىڭ ئائىلىمىزنى ياراتمىسىلىقى سەۋەبى بىلەن باشقا بىرى بىلەن توي قىلدى ،لىكىن ئىككىيلەننىڭ مۇھەببىتى شۇنچىلىك قەدىرلىك شۇنچىلىك ساپ ئىدى ،ھەي شۇم تەقدىر مىنىڭ ياشلىقتىكى جۇشقۇنلىقىمنى ۋەيران قىلدى ،شۇندىن كىيىن نەپسىمنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىپ ياشىدىم ياشلىق تىزگىنىمنى شۇ يوللاردىن تارتىپمۇ باقمىدىم ،دادامنىڭ ،ئانامنىڭ،ئايالىمىنڭ ،يەنە باشقىلارنىڭ سىلىق نەسھەتلىرىگىمۇ پەرۋاقىلمىدىم .
دەل مۇشۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ،قارا تۇمانلارنى يىرىپ ،قۇياشنىڭ ئىللىق نۇرى توڭلىغان قەلبىمگە چۈشتى ،مەنمۇ ئاشۇ نۇرنى ئىزلەپ ھايات مۇساپەمنى بۇراپ يۈرۈپ كەتتىم .
بىر ھۈنەرۋەن دوستۇم يىڭىدىن بىر مىنبوس سىتىۋالغانىدى ،ئۇ تىخى پىراۋا ئالمىغاچقا مىنى ماشىنىنى ھەيدەپ خوتەنگە بىللە بىرىشىپ بەرسەڭ سىڭلىمنىڭ تويىنى قىلماقچى ئىدۇق ،ئاغزىغا ئىلىم سالغان ئۇستازىنىڭ رازىلىقىنى ئىلىپ كىلەيلى دىدى،چوڭ بولۇپ قەشقەردىن ئايرىلىپ باقمىغاچقا بۇ سەپەرگە شۇنداق قىزىقتىم كۆڭلۈمدە <<شەھەر كۆرگەن ئىتتىن قورۇق>>دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ ؟مۇشۇ باھانىدە خوتەننى كۆرۈپ كاللام ئىچىلىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ،بوپتۇ قەشقەردە بۇرۇقتۇم بولۇپ ياشاۋەرگەندىن كۆرە سەپەر قىلاي ،تەۋەككۇل قىلاي ،شۇنداق خىياللار بىلەن مىنبوس قىزىل كۆۋرىكىدىن ئۆتتى ،ماشىنا ئۇچقاندەك كىتىپ بارىدۇ ،ماشىنا ئىچىدە بولسا مەن ئاغىنەم ئابدۇۋەلى ،ئارقىدا ئىككى ساقاللىق ،يەنە ئابدۇۋەلىنىڭ سىڭلىسى بولۇپ بەشەيلەن سەپەرداش بولۇپ ماڭغانىدۇق ،مۇنۇ ئىككى ساقاللىقمۇ ،خوتەنگە بۇرادىرىنى يوقلىغىلى بارامىش .
خوشلۇقتىنمۇ ،يا كاللامنى ئارام ئالدۇراي دىدىممۇ؟مىنبوسنىڭ مۇزىكا قويغۇچىسىنى بولۇشىغا ئىچىۋەتتىم ،ماشىنا ئىچى ناخشا ئاۋازى بىلەن ،جان كىرىپ كەتتى ،مەن ئازراق روھلانغاندەك ،ماشىنى تىز ھەيدەشكە باشلىدەم .
ھايال ئۆتمەيلا ئارقامدىكى ساقاللىق كىشىنى ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ئۇكام ،
مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ قارىدىم،قارىدىميۇ ماڭا تىكىلىپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلەرگە دۇچ كەلدىم كۆزۈمنى ئىتتىك بۇرۇپ ئالدىمغا قارىۋالدىم .
-خاپا بولماي نەغمىلىرىنى ئۆچۈرۈۋىتەملا؟كاللىلىرى چىچىلىپ ھەممەيلەنگە بىر پىشكەل بولۇپ قالمىسۇن.
مەن تۇنجى قىتىم بۇ ساقاللىقنىڭ بۇيرىقىنى مەجبۇرى ئىجرا قىلدىم ،ناخشا توختىدى ،ماشىنا تىچلاندى ،ئىككى ساقاللىق بولسا نىمىلەرنىدۇ دىيىشىۋاتاتتى ،بۇلارنى مەن ئانچە-مۇنچە تونۇيتتىم،بىرى بولسا ئازنا مەسچىتنىڭ ئىمامى ،يەنە بىرى بولسا خىلى ئىلمى بار كىشى ئىدى ،ئۇلار ناخشا -ئۇسسۇلنىڭ ئادەمنى بوشاشتۇرىدىغان ،روھنى سۇسلاشتۇرىدىغان،تەرەپلىرى توغرىسىدا پىكىرلىشەتتى.ئۇلار پاراڭ سالسا مەن ئويلىنىپ كىتىپ باراتتىم، راستىنلا شۇنداقمىدۇ ؟ راست ئەڭ ئاددىسى مەن ماشىنا ھەيدەۋىتىپ ناخشا ئاڭلىسام ،كاللام ناخشىغا كىتىپ بىرەر ھادىسە بولسا بۇ زىيىنى ئەمەسمۇ ؟.
خۇمارىم شۇنداق تۇتۇپ كەتتى ،مۇنۇ ئىككى ساقالىقتىن ئەيمىنىپ تاماكىمۇ چىكەلمىدىم .
شۇ تەرىقىدە چۇشمۇ بولدى ،يول بويىدىكى كىچىك ئاشپۇزۇلدا تاماق يەپ ئەمدى ماڭايلى دەپ تۇرساق ئىككى ساقاللىق بىلەن ئاغىنەم پىشىننى بۇيەردە ئوقۇپ ماڭساق دىيىشتى سەپەرداشلىرىم كىتىپ قالدى ،مەن بولسام مىنبوس ئىچىدە تاماكامنى تۇتاشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ كەتتىم .
بىر ھازادىن كىيىن سەپەرداشلىرىم مىنبوسقا چىقىشتى ،ھىلىقى ساقاللىقتىن بىرى مىنبوس ئىشىكىنى شۇنداق ئاچتى دە،غەزەپلىك كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ ھومىيىپ كەتتى ،ئۇنىڭ قاپقارا قاشلىرى ئارىسىدىكى ئوتلۇق كۆزلىرىگە كۆزلىرىم ئۇچراشتى ،قوشۇمىلىرى تۈرۈلۈپ چىرايى غەزەپلىك تۈس ئالدى .
مەن ماشىنامنى ئوت ئالدۇراي دىيىشىمگە ،
-توختاتسا ئۇكام ،مەن ماشىنىدىن چۈشۈۋالاي ،ساقاللىقتىن بىرى شۇنداق دەپلا ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى .
يەنە بىر ساقاللىق بولسا ،پىشىن ئۇقۇغىلى بىز بىلەن بارامىلا ئۇكام،ئابدۇرىھىم قارىنىڭ شۇنىڭغا ئاچچىغى كەلدى بولغاي شۇڭا چۈشۈپ كەتتى دەپ قويدى .

ئۇنىڭغىچە ئاغىنەم تالاي گەپلەرنى قىلىپ ئابدۇرىھىم قارىنى ماشىنىغا چىقاردى ،ئاچچىغى يانار ئەمەس ،ماشىنا قوزغالدى بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئابدۇرىھىم قارىمنىڭمۇ گەپلىرى باشلاندى .
-ئۇكام ،غەپلەتتە ئۆتۈپ كەتمىسىلە ،سىلى مىنى تونۇمىغان بىلەن مەن دادىلىرىنى تونۇيمەن بۈگۈن مەن دادىلىرى ،ئاكىلىرى ئورنىدا گەپ قىلىپ قوياي،دادىلىرى بەش ناماز مۆمىن بىر ئادەم سىلى بىز نامازغا كەتسەك ،شەيتاننىڭ بىرنىمىسىىنى شوراپ ئوتتالىما؟.
مىنىڭ خىجىللىقتىن يۈزلىرىم قىزاردى ،ئۇزۇن بولۇپتىكەن بۇنداق خىجىل بولمىغىنىمۇ دادامنىڭ گەپلىرىگىمۇ بۇنداق خىجىل بولمىغانتىم مەن .
-قارىسام سىلى ناماز دىگەننى ئۇنتۇلۇپلا قاپلا ،دىللىرى قىتىپ كىتىپتۇ ،غەپلەت پاتقاقلىرىغا چوڭقۇر پىتىپ كىتىپلا،ياراتقان ئىگىمىز بىزگە بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ بەش نامازنى تەرىك قىلماي ئوقۇشىنى پەرز قىلغان ،مۇشۇنداق ياشلىقلىرىدا ئوقۇمىسىلىرى قاچاندا ئوقۇيالا ئۇكام ،قانداق دىدىم ئىمام قارى .
ئىمام قارىمۇ باش لىڭشىتىپ تەستىقلىدى .
مەن بۇ قارىملار بىلەن ئازراق يىقىنلىشاي دىدىمممۇ تاڭ .
-خۇدايىم بۇيرىسا ئۇقۇيامىز،غەپلەتتە قاپتىمەن ئەمدى دەپ سالدىم .
-خۇدايىم بۇيرىسا ،قارىسىلا ئۇكام خۇدايىم سىلى ئوڭدا ياتسىلىرى پوككىدە تاشلاپ بەرمەيدۇ ئالدىلىرىغا ،ھەرقانداق بىركىشى ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ،ئاللا ئىگەم ئۇكىشىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ .ئۇيقۇلىرىنى ئىچىپ ھەركەت قىلىپ باقسىلىرى ،ئۆزىنى ئاللاغا يىقىن تۇتقانلارغا يىقىنلاشسا ،شۇندىلا ئاللانى دوست تۇتقان بولىلا ئۇكام ،شەيتاننى دوست تۇتقانلار بىلەن ئىغىز بۇرۇن يالاشسىلىرى ئاللانىڭ دۈشمىنى بولىلا مەڭگۈ لەنەتتە قالىلا ،سىلى ئاللا ئىگەمگە بىر قەدەم يىقىنلاشسىلىرى ئاللا ئىگەم سىلگە ئون قەدەم يىقىنلىشىدۇ ئۇكام .
سىللىدەك  نامازنى تاشلىغان پاسىقلار بىلەنمۇ سەپەرداش بولمايتتىم  ،تىخى ئۆزلىرى ماشىنا ھەيدەپ يۈرۈپلا ،بىلمىسىلىرى بىز ئۈگىتىشكە تەييار بىرە قارايغان دىلنى ئاقارتالىساقمۇ ،بىز ئۈچۈن چوڭ ئىش ،ئىمكان بار ھۇشلىرىنى تاپسا ئۇكام ،ئۆزلىرىگە پايدىلىق گەپ بۇ .................

بۇ ئىككىيلەن ماڭا تالاي گەپلەرنى قىلدى ،لىكىن قايسىسى قۇلىقىمغا كىرىۋاتىدۇ،قايسىسى كىرمەيۋاتىدۇ ،ھىچ ئاڭقىرالمىدىم كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىدە ئۇلارغا نارازى بولۇپ ،بىللە سەپەرگە چىققانغا پۇشايمانمۇ قىلىۋاتاتتىم .
ماشىنا چۆللۈكلەر ،سايلاڭلار ،قۇم بارخانلىرىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كىتىپ بارىدۇ ،مىنىڭ كاللاممۇ بايامقى گەپلەرنى ئويلاپ ھەزىم قىلىپ كىتىپ باراتتى ،كاللام بولسا زىدىيەت ئىچىدە چۇرقىرايتتى .
راست مەن مۇشۇ كۈنگىچە بۇ كۈنلىرىم قانداق ئۆتىۋاتىدۇ ،مەن قايسى يولنى تاللايمەن ،ھەقىقى بەخىت ھەققى لەززەت دىگەن نىمە ؟مەن بۇدۇنياغا نىمە ۋەجىدىن كەلدىم ؟يەنە بىر دۇنياغا نىمىلەرنى ئىلىپ كىتىمەن ؟بۇ ئىشلار توغرىسىدا ھەرىكەت قىلىشقا تۈگۈل ،ئويلىنىپمۇ باقماپتىمەن .
بىر يەرلەرگە بارغاندا ئۇلار ئەسىر ئوقۇشقا تۇتۇندى<<كىمىگە چۈشكەنلەرنىڭ ئۈمىدى بىر>>دەپ مەنمۇ ئۇلار بىلەن بۇكىمىگە چىققان ئىكەنمەن ئۇلار قىلغاننى قىلدىم ،لىكىن بىرسى شىللەمدىن ئىتتىرگەندەك ،ناھايىتى روھسىز ،ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن نامازنى تۈگەتتىم .
سەپەر بىزنى ھالسىراتقان ،كەچ كىرەي دىگەن ۋاقىتتا خوتەن شەھرىگە كىردۇق ،ئاغىنەمنىڭ يول كۆرسۈتىشى بىلەن ،ماشىنىنى بىر ياقلارغا ھەيدەپ كىتىپ باراتتىم .بىرۋاقىتلاردا ،ئالدىمنى قاپقار ماشىنىدىن بىرى توسۇپ تۇراتتى ،يول تار بولغاچقا ،مەن ئۆتەلمەي قاتتىق سىگنال بەردىم.
تاتات...تات...تات ..ماشىنا ھىچ مىدىرلاي دىمەيتتى ،ئاچچىغىم بىركەلدى ،ئۇخلاتامدۇ ماگاداي يولنى توسۇپ ئىچىمدە شۇنداق دىدىم .ئاخىرى بولماي ماشىنىدىن چۈشۈپ ئالدىمدىكى ماشىنا تەرەپكە ئاچچىغىم بىلەن ماڭدىم .
كۆز ئالدىمدا ،مەن يەنەبىر ئالىيجانابلىقىنى كۆردۈم ،بۇ ئالى ماشىنىنىڭ ئىگىسى ،ماشىنا ئالدىدىكى ئىتىلىپ كەتكەن ھارۋىنى چەتكە تارتىپ دىھقانغا ياردەملىشىۋاتاتتى.
توۋا!دەپ قالدىم مەن بىزنىڭ يۇرتلاردا ،بۇنداق ماشىنىسى بار بايلار ،ئالدىدا ھارۋا توختاپ قالسا ،ياردەم بىرىشكە تۈگۈل تاس قالىدۇ باسۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكىنى ،راستىنلا ئىسىل گادايكەن بۇ ،مانا بۇ كىچىككنە ئىش بولسىمۇ ،بۇنىڭدىن ئىسلامنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى كۆرگەندەك بولدۇم .مەن خوتەنگە قەدەم بىسىپلا بۇ ئىش ماڭا خىلى زور تەسىرلەرنى بەردى ،ئۆز مەنپەتىدىن ۋاز كىچىش خىلى يىراقتا ،باشقىلانىڭ نىسىۋىسىنى كىچىككىنە مەنپەتىنى دەپ ھەرخىل يوللار بىلەن تارتىۋىلىش ،ئۇنىڭغا ئورا كولاش ،ھىچقانداق ئامال قىلالمىسا ،مۇناسىۋەت بىلەن كۆزدىن يوقۇتۇش رەزىل ئادىمىيلىك پىسخىكىسى بىلەن ياشاش بۇنىڭ بىلەن نىمىدىگەن زور سىلىشتۇرۇش ھە!.
بىز كەچلىكى كۆزلىگەن مەنزىلگە يەتتۇق ،قول ئىلكىدە بار مىھماندوست،سەممىم ساددا ،ساھىبخان ،بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ،سەپەر ھاردۇقى يەتكەن بولسىمۇ ،ئابدۇرىھىم قارىملار بىلەن نامازلارنى تۈگىتىپ ،ساھىبخان بىلەن بولغان سۆھبەتكە قىزىقىپ ،قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمىدىم.
توۋا!بۇكىچە شۇنداق ياخشى ئۇخلاپتىمەن دىسە ،تاڭ ئاتاردا ئاغىنەم ئويغاتمىسا ئۇخلاۋىرىدىكەنمەن.بۇمىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بىرى تۇنجى بۇرۇن ئورنۇمدىن تۇرىشىم بولسا كىرەك ،ھەممەيلەن ماڭا قاراپ تۇرغاندەك ئىدى .مەن دەرھار تەرەتكە تۇتۇش قىلدىم .
بۇ كۈنۈممۇ مەنىلىك ئۆتتى ،توۋا!ھاياتتىن بۇنداقمۇ يىڭى مەنە تاپقىنى بولىدىكەن دىسە؟.
ئالتۇن كۈزنىڭ سىخى پەيتلىرىدە ،بۇ ئەزىز يۇرتقا كەلگىنىمدىن ئىنتايىن خۇشال ئىدىم ،پۇتلىرىم قۇملارنى دەسسەپ تۇرسىمۇ ،باشلىرىمدىكى ياپيىشىل تاللاردىن قاشتىشىدەك ۋالىلداپ تۇرغان ئۈزۈملەرنى ئۆز قولۇم بىلەن ئۈزدۈم ،ساددا،سەمىمى،چىرايىدىن خۇشخۇيلۇق چىقىپ تۇرىدىغان بۇ كىشىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ خەلقىمىزنىڭ ئەسلى رەڭگىنى ئاق قەغەزدەك ،ئاپپاق روھى خاراكتىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم ،ئۇلانىڭ قەلبىدىكى قەتئىيلىك ،ئۇيۇشقاقلىق مىنى <<خوتەنلىككە>>قايىل قىلماقتا ئىدى.
ھازىر خۇنۈكلىشىپ كەتكەن مەدىنىيىتىمىز ،ئەبجەشلەشكەن ئۆرپ-ئادەتلىرىمىز ،مۇھەببەت دەپ ساختا رومانتىكىدا ياشاۋاتقان ئەسلى ساپلىقى ،پاكلىقىدىن يۈز ئۆرىگەن مۇھەببەت ،قىز-ئوغۇللار مۇناسىۋەتلىرى خۇددى بۇ ئاق قەغەز ئۈستىگە ھەرخىل رەڭلەرنى بوياۋاتقان بۇ ۋاقىتلاردا ،بۇنداق ئاقلىق پاكلىق ،چىنلىق بەلكىم بۇ يۇرتتىن باشقا يەردە كەمدىن كەم تىپىلسا كىرەك .بىز داۋاملىق ئاڭلايدىغان <<خوتەندە ئەرزانكەن،نان بىلەن خوتۇن >>مانا بۇ جۈملىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى بۈگۈن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم .

مانا بۈگۈنمۇ سىخى ساھىبخاننىڭ ئۆيىدە قوندۇق ،لىكىن بۇ كىچە مەن ئۈچۈن ناھايىتى تەستە ئاتتى ،تۈن نىسپىدە مەن ھەممەيلەننىڭ ئوتۇرىدا ياتقان ئىدىم ،ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ،بىر قارا كۆلەڭگە گىلىمنى چىڭ بوغماقتا ،مەن ھەرتەرەپكە يۇلقۇنۇپ باقاتتىم لىكىن ھىچ قۇتۇللالمايۋاتاتتىم ،قويۇۋەت.....قويۇۋەت...لىكىن قارا كۆلەڭگە گىلىمنى تىخىمۇ چىڭ سىقماقتا ،ئاۋازىم بولسا ھىچ چىقمايتتى ...بىر ۋاقىتلاردا كۆزۈمنى ئاچتىم ،يىنىمدىكىلەر بەخرامان ئۇخلاۋىتىپتۇ .مىنى بولسا قاراتەر بىسىپ ،پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇراتتى ،ئۇھ!ئىغىر بىز تىنىۋەتتىم .ئاھ مەن ئىپپەتلىرىگە چىقىلغان ،شۇقىزلارنىڭ روھى كىلىپ بوغۇۋاتامدۇ نىمە؟ۋەيا بىئەجەل تۇنجۇقتۇرۇلغان ،بىرنەچچە سەغىرىنىڭ روھى كىلىپ بوغدىمۇ؟ئاھ شۇ خانىلاردا ئۆتكەن ئازغۇن ھاياتىم <<لەززەت>>دەپ تالاي قىزلارنىڭ ئىپپىتىگە چىقىلغىنىم ،مىنى ئۇ دۇنيادا ئاللا كەچۇرەرمۇ؟
ھاياتى دۇنياغا كىلىشكە ئۈلگۈرمەيلا ئۆلتۈرۈلگەن شۇ سەغىرىلەرچۇ؟ئۇدۇنيادا مىنىڭ پىشىمگە ئىسىلامۇ؟
ئاللاھ ئىگەمچۇ؟ئايالىم تۇرۇپ يەنە باشقىلاربىلەن زىنا قىلغىنىم ،ئەمدى بىلدىمكى ئۇدۇنيانى قويۇپ تۇراي ،بۇ دۇنيادىمۇ ئۆلۈمگە لايىق گۇناھكەن ئەمەسمۇ؟
نىمىشقا بۇلارنى بالدۇرراق بىلمىگەندىمەن ،قىتىپ كەتكەن قەلبىم نىمىشقا بالدۇرراق سەزمىگەندۇ؟
ئەي غەپۇرەھىم،مىنى ئۆز ھىدايىتىڭ تەرەپكە باشلىغىن ،ئىھ مىھرىبان ئايالىم سەن مىنى كەچۈرەرسەنمۇ؟بۇ تۈن نىسپىدە ئويلاپ باقسام سىنىڭ ئادىڭدا ئەڭ چوڭ گۇناھكاركەنمەن؟....................
بىر كىچە ئۇيقۇسىز چىقتىم ،ئەتىسى سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ تەييارلىقىمنى قىلىپ نامازغا تەق بولۇپ تۇردۇم ،ھەممەيلەن ماڭا ھەيران بولۇپ قاراشتى .
ئەتىگەنكى چاي ۋاقتىدا ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ ،
-ھە ئۇكام بۈگۈن بەك سەھەر ئورنۇڭدىن تۇرىۋاپسەنغۇ ؟كۈنلىكى مۇشۇنداق سەھەر تۇرغىن ،سەھەر تۇرغاننىڭ پەزىلىتى جىق ئۇكام ،دىدى.

مەن ئابدۇرىھىم قارىكامغا كىچىدىن بىرى كۆرگەن ئىشلىرىمنى سۆزلەپ بەردىم .
-ئۆز ۋاقتىدا يولباشچىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭمۇ ،جىبرئىل گىلىنى بوغۇپ قۇرئاندىن تەلىم بەرگەن ،بۇ ئاللاھ ئىگەمنىڭ سىنى ئاگاھلاندۇرىشى ،غەپلەتتىن ئويغىتىشى بولسا كىرەك ،سورۇنلاردا بولىۋاتقان سۆھبەت تەلىملەرگە ئوبدان قۇلاق سىلىپ ،ئەمىليەتتە ئورۇندىساڭ ئاللا ئىگەم ھەرقانداق بىر پاسىق بەندىنىمۇ ھىدايىتىدىن ئۈمىتسىز قويغان ئەمەس ،ئۇشۇنداق دەپ يۈز كىشىنى ئۆلتۈرگەن بىر قاتىلنىڭ رىۋايىتىنى سۆزلەشكە باشلىدى...............
ئۇكىشىنىڭ ياخشى يولنى ئىزدەپ ماڭغان يولى ،يامان يولىدىن بىر غىرىچ،ئۇزۇن كەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى قاتىل جەننىتى بولۇپ كىتىپتۇ .ھەرقانچە گۇناھقا پاتقان كىشىمۇ ئاللانىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلىپ توۋبە ئىستىخپار ئىيتىدىكەن ،ئۇكىشىنى ئاللائۆز ھىدايەت ئاستىغا ئالىدۇ ....ئابدۇرىھىم قارىكامنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قەلبىم پاللىدە يورىدۇ ،بۇ قارىم بىلەن بىرنەچچە كۈندىن بىرى ئارىلىلىش ئارقىلىق قاپىقىنى تۈرۈپلا يۈرۈيدىغان بۇ ئادەمنىڭ ،ئەسلى چاقچاقچى ،كۆيۈمچان مەسئۇلياتچان،قەلبىگە ھەقىقى ۋىجدان ئىماننىڭ ئورنىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم ،ھەم خۇددى ئاكام ئورنىدا كۆرۈدىغان بولۇپ قالدىم ،نەچچە كۈندىن بىرى خۇمارىم تۇتسا چىكەرمەن دەپ يانچۇقۇمدا ساقلاپ كىلىۋاتقان تاماكامنى يىراققا ئاتتىم ،بۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازغۇنلىقىم ،غەپلەتلىرىمىنى يىراققا ئاتتىم ،كەلگۈسىمگە ئۈمىد بىلەن باقتىم .

بۈگۈن كۈنگەجۈمە ،خوتەننىڭ ھىيىتگاھ مەسچىتىدە جۈمە ئوقۇش ئۈچۈن بالدۇرراق مەسچىتكە كەلدۇق ،توۋا!شۇنداق بالدۇر كەلدۇق دىسەكمۇ مەسچىت ئادەمگە لىق تولغانىدى ،ئىمام بولسا تەبلىغ قىلماقتا ،بارلىق نامازخانلار ئىمامنىڭ تەبلىغىنى قۇلاق سىلىپ ئاڭلىماقتا ئىدى .
ئەتراپىمغا نەزەر سالدىم ،بۇرۇتى ئەمدىلا خەت تارتقانلاردىن تارتىپ ،ئاپپاق ساقالىلىقلارغىچە،قاپقارا چاچلىقلاردىن تارتىپ ،ئۇزۇن سەللىلىكلەرگىچە ھەممىسى ئىمامنىڭ گەپلىرىنى دىققەت بىلەن تىڭشىماقتا ئىدى،مەنمۇ تەبلىغ ئىچىگە چۆكۈپ كەتتىم .
بۇ تەبلىغنى ئاڭلاپ ئۆتكەن كۈنلىرىمگە ئىچىنماقتا ئىدىم ،بۇرۇنراق ئۈزۈمنىڭ ئادەم ئىكەنلىكىن تونۇغان بولسامچۇ؟ھەتتا ھايۋان قىلمىغان قىلىقلارنى قىلىپ يۈرۈپتىمەن ،ئادەم ئەقلى -ھۇشىنى يىغسا ،ھەقىقى ئىنسانلىقى كۈچىيىدىكەن ،ئادەملىكىنى ئىزدەيدىكەن ،شەيتان قەلبىگە ھۆكۈمران بولسا ،ئادەملىكىن ئۇنتۇيدىكەن ،ھايۋانلىقىنى ئىزدەيدىكەن شەكلى ئادەم ،قەلبى ھايۋانغا ئايلىنىدىكەن ئەمسمۇ؟
بىز كۆزگە ئىلمايدىغان ئاشۇ ئىت جىنىدا ،ئىگىسىگە قۇيرۇقىنى شىپاڭشىتىپ يەر سۆيىدىكەن ،نىمىشقا ھايۋانچىلىك بولالمىدىم ،نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ گىپىگە قۇلاق سالمىدىم قەلبىم قىتىپ كىتىپتۇ ،پايدىلىق گەپلەرمۇ قاتقان قەلبىمگە تەسىر قىلماس بولۇپ قاپتۇ ،توۋا !مىڭ توۋا!بىر قىزبىلەن توي قىلالمىدىم دەپ ،ئۆز ۋىجدانىم ،غورۇمنى سىتىپتىمەن،ئۆز نۇمۇسۇمنى ئىپپىتىمنى،يوق قىلىپتىمەن ،ئاچچىق ھاراقلارغا چىلىنىپ ،ئەقلىمنى ۋايران قىلىپتىمەن ،ئاپپاق قەلبىمنى قاپقارا ئىسلار بىلەن بۇلغاپ ،ھاياتىمىن قارا تۈتەكلەر ئارىسىدا قويۇپتىمەن ،توي قىللمىغىنىم مىنىڭ كىيىنكى بەختىم ئىكەنلىكىن نىمىشقا ئويلىمىغاندىمەن ،ئۇنىڭ بىلەن توي قىلالماي مانا ،ئىسىل بىر ئايالغا ئىرىشتىم مۇشۇ مىنىڭ بەختىم ئەمەسمۇ ؟ئاللاھ ئىگەمنىڭ بەختىمنى بەرگىنى ئەمەسمۇ؟بىچارە ئايالىمنى خورلاپ قەدرىگە يەتمەپتىمەن ئۇنىڭ مەن ئۈچۈن قىلغان ئەجىرلىرىنى بىلمەپتىمەن ،ھاياتىمدا قىلغان ئەتمىش-كەچمىشلىرىمنى بىر-بىرلەپ ئويلاپ ئولتۇرۇپتىمەن....................
توساتتىن ئىمام دۇئاغا قول كۆتۈردى ،مەنمۇ ئۆز تەۋبىلىرىمنى ئىزدەپ قوللىرىمنى كۆتۈردۈم ....ئىلاھا ئامىن!
ئىمامنىڭ ئاۋازى ئۈنلۈك ئىدى .
...........................بارلىق ھەمدۇسانا ماختاشلار ،پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان،ئۇلۇغ رەببىمىزگە بولسۇن،ئامىن!
بارلىق دۇرۇت -سالاملار مۇھەممەت سەللەلاھۇ ئەلەيھى ۋەسسالامغا ،ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى ،يۇلتۇزدەك نۇر چاقنىغان ساھابى -كىرەملەرگە بولسۇن.ئامىن!
مەدەت ياردەمىن سىلدىنلا تىلەيمىز ئى ئاللا ،ئامىن!
بىزنى رەھمەتلىرىگە ئىرىشكەنلەرنىڭ يولىدىن قىلغايلا ئى ئاللا ،ئامىن!
دىلنى زۇلمەتلەر قاپلىغان ئاشۇ ئوغۇل-قىزلىرىمىزنى ئۆز شاپائەتلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس نۇرلىرىنى ياغدۇرغايلا ئى ئاللا ،ئامىن !
ئەشۇ ئازغۇن ئوغۇل-قىزلىرىمىزغا ئىنساپ ،ھىدايەت تەۋپىق بەرگەيلائى ئاللا ،ئامىن!
ئۈستىمىزدىكى ئىغىرچىلىقنى كۆتۈرۋەتكۈچى پەقەت بىر سىلى ئى ئاللا ،ئامىن!................بىرەھمەتكىيا ئەرھەمىن راھىمىن.
كۆزلىرىم ياشقا تولدى ،قەلبىمنىڭ بىر يەرلىرىدە توڭلاپ قالغان ،ئاخىرقى بىر مۇز پارچىسىمۇ ئىرىپ قەلبىم مىھراپتىن تارقالغان سادالار ئىلكىدە لەرزىگە كەلدى ،ۋۇجۇدۇم تىتىرەپ كۆز ياشلىرىم ئىقىپ چۈشىۋاتاتتى ،ئى ئاللا مىنى ئۆز ھىدايەتلىرى تەرەپكە تارتقايلا!....
مانا خوتەن سەپىرى ھاياتىمدىكى بۇرۇلۇش نوقتىسى بولدى ،خوتەندە تۇرغان ئون نەچچە كۈن ئىچىدە ،ئۇلانىڭ ئۆزلىرى قۇملۇق شورلۇقتا ياشىسىمۇ ،ئىرادىسىنىڭ ھەقىقەتەن بوشاشماس ئىكەنلىكىنى ،چوڭلاردىن تارتىپ تۆت ياشلىق بالىلارغىچە ،ئىلىم مەرىپەتنى تەكىتلىشى ،قىزلىرىنىڭ ھىجابلانغان يۈزلىرى،قاشتىشىدەك سۈزۈك چىرايلىرىنى مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى،ھىلىلا تۆكۈلۈپ كىتىدىغاندەك كىرپىكلىرىنى ،ياغلىق ئىچىدە ئۆز پاكلىقىنى ساقلاپ ،نۇرىنى تارقىتىپ تۇراتتى .
بەزى قىزلىرىمىزغا داۋامىلىق قىش بولسىكەن دەيمەن،ئۇنداق بولغانداقىزلار سوغۇقتىن قۇرقۇپ بولسىمۇ ،ئۇچۇق قالغان يەرلىرىنى يىپىپ تۇرىدىكەن ،باشلىرىغا ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە چىقىدىكەن .بۇ خوتەن قىزلىرىنى كۆرۈپ كىيىمنى ئۆزلىرىنى چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن كىيىدىغان قىزلارنىڭ روھى بىلەن ،چىرايلىق بەدىنىنى يات كۆزلەردىن ساقلايدىغان قىزلارنىڭ روھى دۇنياسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇشقا باشلىدى .
مانا ئالدىمدا ئون ياشقىمۇ توشمىغان چىرايلىق بىر قىز كىتىپ بارىدۇ مەن شۇ قىزغا ھەۋەسلىنىپ قاراپ تۇرۇپ كەتتىم ،نىمىدىگەن پاكلىق ،نىمىدىگەن چىن غۇبار بۇ ،شەھەردە يىرىم يالىڭاچ قىزلارنى كۆرۈۋىرىپ كۆزلىرىم ھەقىقى گۈزەللكنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ ،ھىلىقى قىزنىڭ قارىسى يىتكۈچە قاراپ ئويغا كەتتم .
توۋا!ھەقىقى گۈزەللىكنى ھەقىقى ھايانى نىمىشقا بالدۇرراق چۈشەنمىگەندىمەن ؟بىرە نۆۋەت بولسىمۇ ،ماڭا شىرىن قۇچىقىنى ئاچقان <<نازىنىنىلارنى>>ئىتتىرۋەتمىگەندىمەن ،بىرەرىنى بولسىمۇ مىنىڭ ئايالىم بار گەپ قىلماڭ دەپ رەت قىلمىغاندىمەن ،شۇ قىزلارنىڭمۇ مۇشۇ قىزغا ئوخشاش سەبى ۋاقىتلىرى بولغان ھە!؟ئۇلارمۇ ئىچ-ئىچىدىن ئىچىلىپ كۈلگەن بولغىيتى ،ئۇلارنىڭمۇ بەخىتلىك ئائىلىسى ئەتىۋارلايدىغان ئاتا-ئانىسى بولغىيتى، مقەن نىمىشقا شۇلارنى ئويلىمىدىم ،قوللىرىمدا نەچچە قىزنىڭ قىزلىقى ۋەيران بولۇپتۇ ،ئۇلار نەدە خازاندەك ئۇچۇپ يۈرىيدىغاندۇ؟ئاھ!ئۇلارمىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىم ئىدىغۇ ؟كەلگۈسىدە مىنىڭمۇ قىزىمنى بىرسى ئاشۇنداق ۋەيران قىلسا مەن قانداق چىدايمەن ...
ھە....تۇيۇقسىز يۈزۈمگە چىچىلغان سۇدىن ئەندىكىپ كەتتىم .
-ھە جۈرئەت خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتىپسەنغۇ ؟
يىنىمدا مەن بىلەن بىللە كەلگەن ئابدۇۋەلى تۇراتتى ،ئابدۇۋەلىنىڭمۇ ،مىنىڭمۇ ساقاللىرىم ئكسۈپ چىرايلىق تۈسكە كىرىپ قالغانىدۇق ،ئۇنىڭ قاپقارا قاشلىرى ،ساقىلى بىلەن قوشۇلۇپ ناھايىتى جگسۈر بولۇپ كۆرۈندى .
بۇ ئاغىنەم بىلەن خوتەنگە كىلىشتىن بۇرۇن تۈزۈك پاراڭلاشمايتتۇق،راستىمنى ئىيتسام بۇ كەمسۆز،ياۋاش ئاغىنەمنى ياراتمايتتىم ،<<ياۋايى>>دەپ قارايتتىم .ئۆزى ئىشچان ،غەيرەتلىك ئاغىنەم گۈلدەك ھۈنىرىگە تايىنىپ مانا ئەمدى ھەممەيلەننمىڭ كۆزىگە كۆرۈنمەكتە ئىدى .
-ھە...ئابدۇۋەلى كەلدىڭما؟بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئويلاپ خىيالغاچۆمۈپ كىتىپتىمەن شۇ .
-خوتەنگە كەلگەندىكى تەسىراتىڭ قانداقراق ؟مەنغۇ سىنى خىلى ئۆزگەردى دەپ قارايمەن .
-بىرلا ئىغىز گەپ ئاداش نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئۆتكەن ئۆمرۈم تەكلىماكاندىكى قۇمدەك ئۆتۈپتۇ ،شامال قەيەرگە ئۇچۇرسا شۇياققا ئۇچۇپتىمەن ،ياتۇتسا قولغا چىقمايدىغان ،يابىرنەرسە تىرىسا ئۈنمەيدىغان شورتاڭلىق .
-ئەمدىچۇ؟ئۆكۆزۈمگە كۈلۈپ قاراپ ئەمدى ئۆزۈڭ نىمىگە ئوخشفش ياشىماقچى .
-نىمە دىسەم بولار ،ئەمدى ئىقىن سۇدەك ياشلىقىمنى مۇنبەت تۇپراققا باشلايمەن ،ھەرگىزمۇ يۈگەنسىز ئاتتەك چىپىپ يۈرمەيمەن .
-ئابدۇۋەلى باشلىرىنى لىڭشىتتى ،ئەسلىدىغۇ خوتەندە ئۇزۇنراق تۇرساق بولاتتى ،مەن ھۆددە ئالغان ئىش ئىگىلىرى ،شاگىرىتلىرىمنىڭ ئىشلىرىنى ياراتماپتۇ ،مىنى ئۆزىڭىز كەلمىسىڭىز بولمايدۇ دەيدۇ ،ئابدۇرىھىم قارىكاممۇبىريۇرتنىڭ بىشى بالدۇرراق قايتمىسا نىمە گەپلەر بولۇپ كىتىدۇ يۇرتتا ،شۇڭا ئەتە قايتىمىز .
ئابدۇۋەلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇ گۈزەل بوستانلىققا كۆزۈمنى يەنە بىرتىكىتىم ،قۇم دىڭىزىدكى بۇ يىگانە ئارالىنى مەنمۇ قەۋەتلا ياقتۇرۇپ قالغان ئىدىم ،بولۇپمۇ ئۆزى قۇم ئارىسىدا ياشىسىمۇ تاۋلانغان ئالتۇندەك بۇ خەلقىمنى ياقتۇردۇم ،ئۆزى سەمىمى ،ساددا مىھماندۇست ،قورقماس كىشىلىرىمنى ،خوتەن قاشتىشىدەك ،پاك غۇبارسىز قىزلارنى ،قاپقارا قاش ،قاراكۆز چىھرىدىن نۇر چاقناپ تۇرغان ئەشۇ ئىسىللىرىمنى ياقتۇرۇپ قالدىم .
ئۆستەڭدە ئىقىۋاتقان مۇزدەك زىلال سۇدىن ئۇچۇملاپ ئىچتىم ،يۈزلىرىمگە مۇزدەك سۇلارنى سەپتىم .


مانا كۆزۈم ئارقامدا ،ئون نەچچە كۈندىن بىرى ئىزسىز ھاياتىمغا ئۆچمەس تامغىسىنى باسقان بۇ شەھىدانە ماكاننى كۆز ياشلىرىم بىلەن ئۇزاتتىم .
توساتتىن ئابدۇرىھىم قارىكام،
-جۈرئەت خوتەندىن كىتىشكە كۆزۈڭ قىيماۋاتامدۇ؟ئەسلى سىنى بالدۇرراق ئەكەلسەك بوپتىكەن؟! قەشقەرگە بىرىپلا خوتەننى ئۇنتۇپ قالما يەنە غىلجىڭ ئاغىنىلىرىڭ بىلەن كىتىپ قالما ،مانا مەن سىنىڭ ئاغىنەڭ ،ئابدۇۋەلى ئاغىنەڭ ئىمام قارىم ئاغىنەڭ ،بىزدىن بىلمىگىنىڭنى سورا تەستە تاپقان يولۇڭدىن ئازما ئۇكام .
-خۇدايىم يولۇمدىن ئازدۇرمىغاي ئابدۇرىھىم قارىكا ،بولسا مىنىڭ ھىدايىتىمىنى تىلەپ بىر دۇئا قىلىۋەتسىلىرى بولىتى .
قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن دۇئاقىلاي ،كىيىنكى ئىشلىرىڭغا قارايمىز ،مەن بىلەن ئىزدىشىپ تۇرساڭ دۇئا دىگەن شۇ .
-قەشقەرگە بىرىپ مەن سىلدىن ئەيمىنىپ گەپ قىلالماي قالارمەنمىكى دەپ ..
-ئۇكام بىز قورققىدەك ئادەملەر ئەمەس ئاللا بىزنىڭ يۈرىكىمىزنىمۇ گۆشتىن پۈتكەن ،قانداق ئىش بولسا دەۋە ،قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلىمەن ،بىر ئاللادىنلا قورققۇلۇق ،بىز مەسچىتتە ۋەز سۆزلەۋەرسەك بولمايدۇ سىلەردەك توغرا يولنى ئىزدەۋاتقانلارغا ،قەلبى دىلىغۇللۇقتا تىڭىرقاۋاتقانلارغا ،توغرا يولنى كۆرسىتىش بىزنىڭ بۇرچىمىز ئۇكام.................................



كۆڭلۈم توق ھالدا قىزىل كۆۋرىكىدىن ئۆتتۈم ،بۇ شەھەرنى خۇددى تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن يىرىم يالىڭاچ قىزلارنى كۆرۈپ بۇرۇنقىدەك ھەۋەس بىلەن قارىماي ،ئىچىم بىرقىسما بولماقتا ،بۇ شەھەر ئۆزگەردىمۇ؟ يا مەن ئۆزگەردىممۇ ؟شەھەر شۇنچىلىك سوغۇق .
ناماز شام ۋاقتى بىلەن ئۆيگە كىردىم ،ئانامنىڭ قۇچاقلىرىغا يىقىلدىم ،دادام ناماز ئۇقۇۋاتقانىكەن دەرھار تەرەت ئىلىپ نامازغا تەرەددۇت قىلدىم ،ناماز ئۇقۇۋاتقان دادام ،ھويلىدىكى ئانام ھەيران قالدى مەن نامازنى چىن ئىخلاسىز ،ۋۇجۇدۇم بىلەن ئوقۇپ تۈگەتتىم ،قارىسام دادام تىخى جەينىمازدا ئولتۇرۇپتۇ ،دادام قوللىرىىنى دۇئاغا كۆتۈردى ،دادام دۇئالىرىدا مىنىڭ ئىنسابىمنى ،ھىدايىتىمنى ،ئىمانىمنى تىلەيتتى ،دادامنىڭ دۇئالىرىدىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كۆزلىرىم نەمدەلدى ،دادام بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتۈم كۆز ياشلىرىم تاراملاپ ئىقىپ كەتتى .
دادا،دادا مىنى كەچۈر ئازغۇنلىقىمنى كەچۈر دادا ،مەن ئىزىپتىمەن ...........مەن دادام بىلەن كۆرپە ئۈستىدە قىزغىن پاراڭلاشتىم خوتەن سەپىرىدىكى خەيرلىك ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم چىھرىدىن چاقنىغان كۈلكىنى كۆردۈم .پاراڭ ئارلىقىدا كۆزۈم نىمىنىدۇ ئىزدەيتتى ،راستىمنى ئىيىتسام مىھرىبان ئايالىمىن سىغىنغادىم .ئۇنىڭ رايىش ،چىن مىھرىنى سىغىنماقتا ئىدىم لىكىن ئايالىم يوق....
تاماقنى يەپ بولۇپ خۇپتەنگە دادام بىلەن ماڭدىم ،مەسچىتتىمۇ ماڭا ھەممەيلەن ھەيرانۇ-ھەس بولۇپ قاراشتى مەن پەرۋامۇ قىلماستىن نامازنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدىم .

يەنە بىر يىڭى تاڭ ئاتتى ،ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرىمنى ئالدۇرۇپ ،ئۇزۇن چاچلىرىمنى قىسقارتتىم ،يەنە شۇ قاغىش تەككۇر تىلفۇن سايرىدى .بۇ يەنە ئازدۇرغۇچى شەيتان تۇرغۇن ئىدى .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،جۇرئەت قارى سالامەتچىلىكتۇ ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ،ياخشى ئۆزۈڭچۇ ؟
مەنمۇ قەدىر -ئەھۋال خوتەنگە بىرىپ قارىم بولۇپ كەپتۇ دەپ ئاڭلايمەنغۇ ؟
-چاقچاق قىلما ،ئۇنداق ئاسان قارى بولغىلى بولمايدۇ ،خۇدايىم بۇيرىسا ئۇمۇ بولۇپ قىالا .
-قارى بولغىنىڭنى تەبرىكلەپ ئىچىپ كىلەمىز ،ئايرىمخانىغا باشلەيمەن بۈگۈن .
-ئا يەنە ئىچىشنىڭ گىپىما ؟مەن ساڭا دەپ قوياي ،يەنە ھاراقنىڭ ،قىزبالىنىڭ گىپىنى قىلساڭ ئۇنداق ئاغىنىلىقتىن كەچسەم كىچىمەن ،ھازىر تۇتقان يولۇمدىن ھەرگىز كەچمەيمەن .
تىلفۇننى قويىۋەتتىم ،شۇكۈندىن باشلاپ بۇ ئازدۇرغۇچى قۇرالنى تەكچە بىشىغا ئىلىپ قويدۇم .
شەھەرگە كىردىم جاڭجىياگاڭ ئەتراپىنى ئەمەس ،ھىيىتگاھ،ئۆستەڭ بويى ،خامبازىرى ،ئوردا ئالدىلىرىنى ئايلاندىم شۇ تونۇش چىرايلار ،ساددا ،يۈرىكىدە ئىيىتقۇسىز ئازاب بولسىمۇ ،چىھرىدىن كۈلكىنى يىتتۈرمىگەن مەسۇم كۆزلەرنى كۆزدۈم بۇ چىرايلارنى كۆرۈپ مەن خوتەندە كۆرگەن چىرايلارنى قەشقەردىمۇ كۆرگەندەك بولدۇم ،بۇرۇن ھىس قىلماپتىمەن دىسە .
ھور كۆرۈلۈپ تۇرغان قاسقانلارنى ،خىرىدار چاقىرىش بىلەن ئاۋەرە ،مۇلازىمەتچىلەرنى ،ماللىرىنى داڭلاۋاتقان دۇككاندارلارنى ،تەبيلىككە يىقىن بۇ سىمالارنى كۆردۈم ،ئوردا ئالدىدىن كىتىپ بارغۇچە يۈرەكنى ئەزگۇدەك زارلاۋاتقان بىچارىلەرنى كۆرۈپ ئىچىم بىرقىسما بولدى پارچە پۇللارىمنى ئۇلارنىڭ داستىخىنىغا تاشلىدىم .
شۇ ۋاقىتتا مۇڭلۇق تاراۋاتقان ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى ،مىھراپ مىنى چاقىرماقتا ئىدى،توۋا!توپ-توپ سەپ تۈزگەنلەرنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى ناھايىتى كۈچتۆڭگۈز سەزدىم ،ھاياجان ئىلكىدە بۇلار سىپىگە قىتىلدىم .



قوللىرىمدا ،ئايالىم ياخشى كۆرىدىغان مىۋە-چىۋە يىمەكلىكلەرنى كۆتۈرۈپ يەڭگىگەن ئايالمىنى كۆرگىلى ماڭدىم ،مىھرىبان ئايالىم ئاپپاق يوتقان ئۈستىدە مىنى خۇشچىراي قارشى ئالدى ،ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن يۈزلىرىگە چىن مۇھەببىتىم بىلەن بىرنى سۆيۈپ قويدۇم ،بۇ نەچچە ۋاقىتتىن بىرى چەككەن ھىجران ئازابىغا بىرىلگەن سوۋغا ئىدى ،يىڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان ئوغلۇم ئابدۇخالىقنى قولۇمغا ئالدىم خۇشاللىقىتىن ئۇنى ئانىسىدىنمۇ بەكرەك سۆيۈپ كەتتىم ،ئۇنىڭ ماڭا قىلغان بىر كۈلكىسىنى كۆرۈپ ھەقىقى بەخىت قوينىدا ھۇشسىزلاندىم ،ئۇنىڭ كۈلگەن يۇمران كۆزلىرىدىن ئۆزۈمنىڭ كەلگۈسىنى كۆرگەندەك بولدۇم ئادۇخالىقىنى بىشىمدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ بۇ دۇنياغا ئۆز باياناتىمنى جاكارلىدىم .


تۈگىدى .

خاتىمە :

بۇ ھىكايە رىئاللىقتا بولۇپ ئۆتكەن ئىش ھەرگىزمۇ رىئاللىقتىن چەتنەپ يىزىلغىنى يوق ،ھەرقانداق بىركىشىنىڭ ئازغۇن ۋاقىتلىرى بولىدۇ ،بۇ پەقەت شۇ جەمىئەتنىڭ شۇ كىشىگە قالدۇرغان كىسىلى خالاس ،
لىكىن بۇ ساقايماس كىسەل ئەمەس ،ھەي ئۇلۇغ ئاتا-ئانىلار ،چوڭلار ،ئەشۇ ئازغۇنلار ھەرقانچە پاتقاققا پىتىپ كەتسىمۇ ئۇلارنى ئالدىراپ قارغىمىغايسىلە مىھىرلىق قولۇڭلارنى سۇنۇپ ئۇنى تارتىۋالغايسىلە ،ئۇنىڭ ئازغۇنلىقتىن قۇتۇلىشىنى تىلىگەيسىلە ،بەلكىم شۇ ئازغۇنمۇ بىركۈنى ،قىلغانلىرىغا ئۆكۈنۈپ ئالدىڭىزغا كىلە پۇشايمان يە .




2010-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى يىزىپ تاماملاندى .
قەشقەر (ئەلزامان )
[ بۇ يازما kapitan تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : خوك
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-11-07, 07:26
-سىز كۆرۋاتقان تىما مېھراپقا تۇتاشقان يوللار (ئەلزامان),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+200(Kokyar)
  • مۇنبەر پۇلى:+100(تارىم) نادىر
  • مۇنبەر پۇلى:+20(menggutax)
  • مۇنبەر پۇلى:+50(saptilak) ھېكايىڭىزنى ..
  • تۈمەن دەرياسىدا ئاققان سۇ مىنىڭ كۆز يىشىم .
    بوۋامنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم مىنىڭ كۈلكەم .
    ئۇكامنىڭ يات تىلدا قىلغان پارىڭى مىنىڭ ئۆلىمىم .
    يول-يولدا ياڭرىغان ناغرا ساداسى ماڭا تەسەللى .
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    maxal20
    قەددىڭ ئەلىفتەك تىك بولسۇن
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5380
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 262
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
    ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4601 سوم
    تۆھپىسى: 145 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 396(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 03:43 PM

    بىر ئولتۇرىشىمدا ئوقۇپ تامام قىلدىم. ئەسەر تىلى يېنىك، ياخشى يېزىلغان، جەمىيىتىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى ئەكىس ئەتكەن.

    كەيپلىك، ئازغۇنلۇقتىن قۇتۇلۇپ، مېھراپ تەرەپكە قاراپ ماڭغانلارغا، ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بولسۇن.... ئىمانىنى زىيادە قىلسۇن....

    نادىرلىغۇدەك تېما ئىكەن.
    تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز
    rahmat   siz ga
    دۈشمەن ئالدىدا قالقاننى قوي، قېلىچنى ئال!
    sardar688
    ئاچچىق يەڭگەن باتۇر
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7770
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 208
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە208دانە
    ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 20 سوم
    تۆھپىسى: 290 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1309(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-25
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 04:03 PM

    ھەقىقىي تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپتۇ.  بۇنداق ئۆز يولىنى تېپىۋاتقان بالىلار ئاز ئەمەس. مېنىڭمۇ 2    3  يېقىن ئاغىنىلىرىم بار، مەن باشتا ئۇلارنىڭ بۇنداق يوللاردا ماڭغانلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن. بەزىبرى ئولتۇرۇشلاردا ئۇلار بۇ يولغا قانداق كىرىپ قانداق چىققانلىقلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن.  شۇ چاغدا ئۇققانتىم مەنمۇ.
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    qux...
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3091
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1105
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1105دانە
    ياخشى باھا: 126 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6338 سوم
    تۆھپىسى: 92 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1603(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-16
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 04:19 PM

    ئاخىرى ئۇقۇپ تۈگەتىم،توۋا باشتا شۇنداق كۆڭلۈم بىر خىل غەشلىك ئىچىدە ئۇقۇغان ئىدىم،ئاخرىنى ئۇقۇپ سەل يىنىك بولۇپ قالدىم...
    اللاھ ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىمان -ئنساپ بەرسۇن!!!
    يامان يولدىن قايتۇرۇپ كەلسۇن....
    qux...
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3091
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1105
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1105دانە
    ياخشى باھا: 126 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6338 سوم
    تۆھپىسى: 92 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1603(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-16
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 04:20 PM

    بۇ تېما مەيلى رئال بولغان ۋەقە بولسۇن بولمىسۇن ،رئال تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى شۇنداق ياخشى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپتۇ....
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    .tuz.
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3246
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1027
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1027دانە
    ياخشى باھا: 246 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 9968 سوم
    تۆھپىسى: 169 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3127(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 04:24 PM

    ناخشىنى دۆڭ تولاپ ، ھاراقنى چىلاشقىچە ئىچىپ ، ئەي- ئىشرەتنى  بولىشىقا قىلىپ پىتىراپ يۈرگەن كىشىلىرمىزنىڭ قىلغان قىلمىشلىرغا تەۋبە قىلىپ ، ھىدايەت يولىغا مىڭىپ كامىل مۇسۇلمانلاردىن بوپ كەتكەي  ، ئامىن .....
    سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
    zarbidar
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15018
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 18
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە18دانە
    ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2074 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 28(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 04:40 PM

    ياخشى تىما ئىكەن رەھمەت داۋاملىق تىرشىڭ
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    nasrulla
    مەن مىسرانىمنىڭ قاراۋۇلى .
    دەرىجە: ئاكتىپ ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2199
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 789
    ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە789دانە
    ياخشى باھا: 205 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1101 سوم
    تۆھپىسى: 153 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 561(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 08:37 PM

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ alzamanھەم 2010-11-07 03:10 PMئەۋەتىلدى  مىھراپقا تۇتاشقان يوللار (ئەلزامان) :
     




    .......

    بۇ ئەزانىڭ ئىنكاسىنى قوللايمەن.
    بىزدەك مۇسلىمەلىرىمىزنى قوغدىيالمىغان ئەركەكلەرگە  لەنەت
    saptilak
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 3333
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 331
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە331دانە
    ياخشى باھا: 174 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 8875 سوم
    تۆھپىسى: 110 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1098(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-04
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 10:13 PM

    ھېكايىڭىزنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ. تەربىيۋى ئەھمىيتىگە گەپ كەتمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سىز تىلغا باي ئىكەنسىز.
    قىسقىغىنە تەكلىپ:
    بىرى؛ ھېكايىڭىزنىڭ تىلى تولۇمۇ چۈشۈنىشلىك بولسىمۇ لىكىن باش قىسىمىدىكى، يەنى ئولتۇرۇش تەسۋىرلەنگەن قىسىمدىكى تىللارنى قايتا پىششىقداشقا تىگىشلىك دەپ قارايمەن، چۈنكى ئەدەبىياتتا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە گۈزەل تىلنى ئىشلىتىش لازىم. بولۇپمۇ مۇنبەردە شۇنداق. بەزى ئەپسانە، سەت سۆزلەرنى شۇ پېتى ئىشلەتسىڭىز تىل گۈزەللىكىگە تەسىر يىتىپلا قالماي، مۇنبەرگە كىرىدىغان كىچىك ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ياخشى بولمايدۇ.
    يەنە بىرى؛ ئىملادە ساقلانغان مەسىلىلەر كۆپ ئىكەن. ۋاقتىڭىز بولسا ئۆزىڭىز بىر قېتىم تەھرىرلەپ قويسىڭىز. ئۇنىڭدىن باشقا بىر جۈملىڭىزدە خاتالىق بار ئىكەن. يەنى، خۇتەنگە بىرىش جەريانى تەسۋىرلەنگەن باياندا <يىگىرمە يىلدىن بىرى ئالدىمدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان قىز.....> دەپ ئاپسىز. ئۇ قىز يىگىرمە يىلدىن بىرى ئالدڭىزدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بولسا، ئۇنداقتا سىز نەچچە ياش؟
    دېمەك، بۇ يەردە لوگىكىلىق خاتالىق يۈز بەرگەن. شۇڭا <يىگىرمە يىلدىن بىرى ئالدىمدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان قىز.....>  دېگەن بۇ جۈملىنى <يىگىرمە يىلدىن بىرى بىرگە چوڭ بولغان قىز......> دەپ ئالسىڭىز مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن.  
    ساپ تىلەك
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    yaprak520
    ياحشى كۆرۉپ تۇرۇپ ئايرىلدىم !@
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8222
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 182
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە182دانە
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2872 سوم
    تۆھپىسى: 60 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1516(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-07 10:40 PM

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر ئىكەن ، تەربىيۋى ئەھمىيتى ھەقىقەتەن چوڭ ئىكەن . داۋاملىق تىرشىڭ ، قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ؟
    ئۇلۇغ اللاھ بارلىق بەندىللىرىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ، دىلىغا ئىمان ئاتا قىلغاي ، يامان يوللاردىن ، يامان ئىشلاردىن يىراق قىلغاي ، ئامىن !
    بىباھا ئانا تىلىمىزنى قەدىرلەپ ، ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلسىڭىز ؟
    KuRaX527
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13703
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 59
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە59دانە
    ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2228 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 73(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-13
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 12:49 AM

    اللاھ ھەر بىر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىمان -ئنساپ بەرسۇن
    لئانادىيار
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    قاتىل
    كىلەر قىتىم ئاپتۇمات تۇتاي !
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14761
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 127
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە127دانە
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1583 سوم
    تۆھپىسى: 54 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 23(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-11-08 05:06 AM

    ئەپەندىم ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ، لىكىن باش سۈرتىڭىزدىكى ئاۋۇ قىلىقلىرىڭىز قاملاشماپتۇ  نېمە ئۇ ئوغۇل بالا ئۆزىنى ئەركەك ھىساپلايدىغان كىشى قىلىدىغان ئىش ئەمەس ئۇ .
    تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز
    boptu   ang yahxi koridigan bax suritimni   silardaklarning     agzini bisix uqvn bolsimu    ozgatixka majbur boldum
    پالانى ياشىسۇن ،پۇكۇنى ياشىسۇن دەپ شۇئار تۇۋلاشتىن بۇرۇن ، ئۆزەڭنىڭ قانداق ياشاۋاتقانلىقىڭغا قاراپ باق ؟