مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2864 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/8     Go
تېما: دەرمانسىز ئارمان  (پوۋىست)
maxal20
قەددىڭ ئەلىفتەك تىك بولسۇن
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5380
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 262
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4601 سوم
تۆھپىسى: 145 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 396(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 04:33 PM

2 دەرمانسىز ئارمان  (پوۋىست)

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى ئۇستاز تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-10-30)

دەرمانسىز ئارمان

پوۋىست


مۇقەددىمە ئورنىدا
قاراڭغۇ تۈننىڭ قېنىق تونىغا ئورالغان كېچە، جىمجىت، ئەتراپ خۇددى بارلىق ھاياتلىق ئۈنلىرىنى يوقاتقاندەك خىلۋەت...
مەيىن شامالنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرىگە جاۋابەن قىرغاققا ئۇرۇنىۋاتقان سۇلار كۆل بويىدىكى ئىككى سايىنىڭ پۇتلىرىنى سىيپاپ ئۆتمەكتە. بىر بىرىگە ياندىشىپ ئولتۇرغان بۇ قامەتلىك ۋە نازاكەتلىك ئىككى سايە يۇلتۇزلارنىڭ خىرە يورۇقىدا ئىيۇل ئايلىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلماقتا...
ـ نېمىدىگەن گۈزەل! خۇددى ھەممە نەرسە قېتىپ قالغاندەك... - نازۇك، ئەمما تىترەك چىققان بۇ ئاۋاز جىمجىتلىقنى بۇزدى - نېمە ئويلاۋاتىسەن؟
ـ مەنمۇ؟ نېمىنىمۇ ئويلاي... يەنە شۇ كەلگۈسىمىزنى، بۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاۋاتىمەن... - بۇقېتىمقى ئاۋاز شۇنچە مەيۈس، لېكىن شۇنچە ھاياجان ئىچىدە چىققان بۇ سادا ئاسماندىكى بىر ئىككى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزنىمۇ ئويغا چۆمدۈرگەندەك قىلاتتى...
ـ بولدىلا! ھەمىشە شۇنداق ئازابلىق، تېگى يوق ئىشلارنى ئويلايدىكەنسەن، مەنچۇ ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى ئەسلەۋاتىمەن...
راست! شۇنداقمۇ گۈزەل، غەمسىز چاغلارمۇ بولغان - ھە!
ئىككى گەۋدە ئاستا ئاستا ئۆتمۈشنىڭ مانانلىرى ئىچىدە غايىپ بولدى...


يېزا
يېزىغا قاتنايدىغان ئاپتوموبىل ئۆزىگە تونۇش بولغان ئەگرى-بۈگرى يوللاردا ھېچ دەخلىسىز كېتىپ بارماقتا... ئاپتوموبىل سىرتتىن تىنىچ كېتىۋاتقىنى بىلەن ئىچىدە خۇددى قازان قايناۋاتاتتى...
-ھەي! ياقۇپ بازاردا قويۇڭنى قانچىگە ساتتىڭ؟
-ئەل نەرخى، ئوغۇلبالىچىلىقتا بىر تونۇشۇمغا 700يۈەنگە ساتتىم!
-ھەي ئەرزان سېتىپ قويۇپسەن دەيمەن! مەن چېغىمدا ئاۋۇ قوتۇر ئۆچكىنى 500يۈەنگە ئالدىم، سېنىڭ ئۇ پاقلىنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 800يۈەنگە ياراركەن!
-راستما؟ ئۇنداقتا.......
ھېلىلا مال بازىرىدىن يانغان ياقۇپ بىلەن سەمەت قويلارنىڭ باھاسى ئۈستىدە تالاشماقتا ئىدى، ئۇلار ھېلى قىزىپ، ھېلى ئۇھ تارتىپ، ھېلى مەيۈسلىنىپ ئاللىكىملەرنىدۇر تىللەيتتى...
ئاپتۇبۇسنىڭ ئوتتۇرىدا ئولتۇرغان ئوتتۇرا ياش ئاياللار كىيىم كېچەك پارىڭىغا چۈشۈپ كەتكەنىدى، كىمنىڭ دۇكىنىدا قايسى خىل مال مولكەن، قايسى خىل كىيىم ئۇلارنىڭ ئىچىدە مودىكەن، باھاسى، رەڭگى، پاسونى... ئىشقىلىپ كىيىم كېچەك توغرىسىدىكى ھەرخىل مەزمونلار ئۇلارغا نىسبەتەن قىزىق تېما ئىدى....
كەينىدىكىرەك ئورۇندا ئولتۇرغان 5قىمارۋاز كىمنىڭ قاچان كىمدىن قانچە پۇل ئۇتىۋالغانلىقىنى، كىمنىڭ چار خورىزىنىڭ يامانلىقىنى، كىمنىڭ ساختىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقىنى تەھلىل قىلغاچ تاماكا چېكىۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ تاماكىسىدىن چىققان ئىسقا چىدىمىغان 16~17ياشلاردىكى بىر بالا ئۈنلۈك ۋارقىرىدى:
-ھەي! ماۋۇ ئاپتۇبۇس، ھەممە ئادەم ئولتۇرسا قايسى يۈزۈڭلار بىلەن تاماكا چېكىۋاتىسىلەر؟ چەككۈڭلار كەلسە توختىغاندا يەرگە چۈشۈپ چەكسەڭلار بولمامدۇ؟
-تام تۈۋىدىن ھوشۇۋاي چىققاندەك نېمانداق ھۆرپىيىدۇ ما ئاداش! نېمە؟ نىمە دەيسەن؟ چەكسەك ئىسىنى سېنىڭ قۇلۇقىڭغا پۈۋلىدۇقمۇ؟ ياكى بېلەت بىلەن تەڭ ماشىنىنىڭ ھاۋاسىنىمۇ سېتىۋالغانمىتىڭ؟-دەپ كايىشقا باشلىدى ئورۇق ئەمما ئېگىزرەك بىرى. ئۇ سۆزلىگەنسېرى قىزىرىپ كېتىۋاتاتتى. بەستلىك گەۋدىسىگە ماس كەلمىگەن زىل ئاۋازى ئۇنىڭغا يۇمۇرلۇق تۈس بەرگەنىدى...
-شۇنى دەيمەن! كەيپىمنى ئۇچۇرىۋەتكىنىڭنىڭ ھېسابىنى قىلمدىم تېخى!
سېمىز دوغىلاق كەڭ يۈزلۈك بىرى گەپكە پاس چىقاردى...
-توغرا!
-قانداق ئاقساقال بىر نېمە بۇ؟
-......
قىمارۋازلار بۇ يىگىتنى گەپكە توشقۇزىۋەتتى. ئارىدىن بىرى:
-كىمسەن؟ قەيەرلىك شۇم بۇ؟ ياقا يۇرتلۇق تۇرۇپ نېمە بىزنىڭ ئالدىمىزدا پو ئاتىدۇ ماۋۇ!
-مەن مۇشۇ يېزىدىن، ياقۇپ دوللارنىڭ ئوغلى بولىمەن.
-ياقۇپ دوللار...
-ياقۇپ دوللارنىڭ ئوغلىكەن!
-كىمنىڭ دەيسەن؟
-ھېلىقى ياقۇپ دوللارچۇ؟!!
-ھە! ....
قىمارۋازلارلا ئەمەس پۈتۈن ئاپتۇبۇستىكىلەر بۇ بالىغا يەنە باشقىدىن قاراشقا باشلىدى. بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان، ئېگىز بويلۇق، ئاق يۈزلۈك،  قارا قاش، كۆزىدىن قەيسەرلىك ئۇچقۇنلىرى پارقىراپ تۇرىدىغان، قامەتلىك، تۇرقىدىن بىر خىل شىجائەت ۋە كەمتەرلىك چىقىپ تۇرىدىغان، قوشۇمىسىغا يىغىلغان قاپقارا قاشلىرى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدىغان بۇبالا يېزىدىكى كاتتا باي ياقۇپنىڭ ئوغلى ئىدى. قىمارۋازلار جىم بولۇشتى، كىشىلەر بالىغا قاراپ باش لىڭشىتىشتى. بىراق بالىنىڭ چىرايى تېخىمۇ تۇتۇلۇپ كەتتى، نېمە ئۈچۈندۇر ئۇ ئاتىسىنىڭ نامى شەرىپى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشسە ئۆزىگە ھاقارەت قىلغاندەك ھېس قىلاتتى، ئۇ ئويلايتتى ئاتىنىڭ شەرىپى ئاتىغا تالىق، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى، ئاتىسىنىڭ سايىسىدا سايىداپ، كۈنلىرىنى ئېسىل بايۋەتچىلەردەك ئۆتكۈزۈشكە قەتئىي بولمايتتى. شۇڭا ئۇ « ھەي ئەخمەق، ئاتاڭ شۇنچە باي تۇرۇپ يەنە نېمىشقا بۇنچە بېرىلىپ ئوقۇيسەن؟ چوڭ بولساڭ بايلىقلارنىڭ ھەممىسى ساڭىلا قالمامدۇ؟» دېگەن سوئاللارنى كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋېتەتتى.
بۇ قېتىممۇ ئۇ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپلا قويدى....
يېزىنىڭ بۇلۇڭىدا بىر تۆمۈرچى قاتتىق بېرىلىپ ئىشلەۋاتاتتى، قاپىرىپ كەتكەن قوللىرى ئۇنىڭ تىرىكچىىكتىكى مۇھىم قورالى ئىدى. ئۇنىڭ تۆمۈرچىلەرگە خاس بەستى، تولغان مۇسكۇللىرى قىززىق تۆمۈردىن چىققان ئۇچقۇنلار ۋە ئاپپاق يەكتەك، دوپپىلىرى بىلەن بىر ئېسىل گۈزەل سەنئەت ئەسىرىدەك كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايتتى، ئۇنىڭ يېنىدا 10نەچچە ياشلاردىكى بالا ئاتىسىنىڭ ئىشلىشىگە قىزىقىش بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇ:
-ئاتا، مەن چوڭ بولغاندا ساڭا ئوخشاش تۆمۈرچى بولىمەن، مەنمۇ ھەرخىل سايمانلارنى ياسايمەن!
-ياق بالام! ھەن ھەرگىز بۇنداق ئويلىما! سەن ئوقۇشۇڭ كېرەك! ئوقۇپ كاتتا ئادەم بولۇشۇڭ كېرەك!
تۆمۈرچى بولۇشنى ئارزۇلاۋاتقان بۇ بالا يۈسۈپ تۆمۈرچىنىڭ يالغۇز ئوغلى ياقۇپ ئىدى. يۈسۈپ كىچىكىدىن ئاتا كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ تۆمۈرچىلىك قىلاتتى، تۆمۈرچىلىك بۇ يېزىدا راسا ئاققاچقىمۇ ياكى يېزىدا ئۇنىڭدىن باشقا تۆمۈرچى بولمىغاچقىمۇ ئۇنىڭ ئوقىتى خېلى ياخشى ئىدى. يۈسۈپ 20ياشقا كىرگەندە ئاتىسى ئەمەت تۆمۈرچى ئۇنى مەھەللىنىڭ گۈلى رەناقىز بىلەن بىر ئۆيگە ئەكىرىپ قويغانىدى. يۈسۈپ كېلىشكەن يىگىت ئىدى، رەناقىز بولسا خۇددى بىر غۇنچىدەك چوڭ بولغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ياش ئامراق ئەر خوتۇنلاردىن بولۇپ قالغانىدى. ئىككەيلەن ئۆي تۇتۇپ 5يىل بولغان بولسىمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرمەي ئەمەت بوۋاينى نەۋرە يۈزى كۆرۈش ئارزۇسىغا يەتكۈزەلمەي ئۇزىتىپ قويدى، ھەمراھىغا چىدىمىغان ئالتۇنخانمۇ قەدىناسىنىڭ كەينىدىنلا ۋاپات بولدى. بىر يىلدىن كېيىن رەناقىز ھامىلدار بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدى، بىراق ئۇ شۇنچە خوشاللىقنىڭ كەينىدە بىر پاجىئەنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى بىلمەيتتى. رەناقىز ئاي كۈنى توشمايلا ياقۇپنى تۇغۇش ئۈستىدە ۋاپات بولىدۇ، يۈسۈپ يىغلايدۇ، قاقشايدۇ، يېڭىلا تۇغۇلغان بالىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ ئۆز ئۆزىگە قەسەملەرنى بېرىدۇ. قايتا ئۆيلەنمەي مۇشۇ پەرزەنتىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەشنى ئۆز ھايات مىزانى قىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ياقۇپ ئاستا ئاستا چوڭ بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭ چېچەنلىك چىقىپ تۇرغان كۆزى ئاتىسىنى سۆيۈندۈرسە، بالىلارچە قىلىقلىرى ئاتىسىنى پەخىرلەندۈرىدۇ، يۈسۈپ ئۆزىنىڭ بارلىق ۋاقتىنى مۇشۇ پەرزەنتىگە ئاتايدۇ.
يۈسۈپ چوڭقۇر ئاتىلىق مېھرى بىلەن ئوغلىغا تويماي قارايتتى.
ياقۇپ ئاتىسىنىڭ ئۈمدىنى يەردە قويۇشنى ئۆزىنىڭ ياشاش مەقسىتىنى يوقۇتۇش دەپ قارايتتى، شۇڭا تىرىشتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوقۇدى، ئاخىرى ئۇ شىنجاڭ سودا مەكتىپىگە يوقۇرى نومۇر بىلەن قوبۇل قىلىندى، بىراق يۈسۈپ ئوغلىنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى كۆرەلمەيلا بۇ ئالەم بىلەن ۋىدالاشتى. ياقۇپنىڭ ھېچنېمىسى يوق ئىدى، ئەمدىكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسلە ئىدى، چىقىش يولى پەقەت بىر، ئۇ بولسىمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش!
ياقۇپ ئاتىسىدىن قالغان بارلىق مال دۇنيانى سېتىپ يۇرتىدىن ئايرىلدى، ئۇنىڭ ئۆزىنى باققۇدەك ئىشەنچى بار ئىدى. ئەينى چاغلاردا مەكتەپتە ئوقۇش پۇلى ئالمىغاچقا ياقۇپنىڭ پۇلى يەنىمۇ تىجىلىپ قالدى، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆز تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىشلەيتتى. ئالىي مەكتەپ ھاياتى ناھايىتى مەنىلەرگە ۋە قىزىقارلىق ھەۋەسلەرگە، قايناق تۇرمۇشقا ئىگە بىر ھايات، لېكىن ياقۇپ ئۈچۈن ئۇنداق بولماي قالدى، نە ئاتىسى يوق، نا ئانىسى....
ياقۇپ ئەنە شۇنداق تەرىقىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتەردى، پۈتتەرگەندىمۇ شۇنداق ياخشى نەتىجە بىلەن پۈتتەردى. مەكتەپتىن ئايرىلىپ ئۇ يۇرتقا قايتىشنىمۇ ئويلىمىدى، خىزمەت ئىزدەپمۇ يۈرمىدى. بىر چوڭ شىركەتكە ياللىنىپ ئىشلەپ قالدى. 《ئالتۇن بۇلاق تاشقى سودا شىركىتى》ئەينى چاغدىكى روناق تاپقان بىر شىركەت ھېسابلىناتتى. ياقۇپ بۇ شېركەتكە كىرىپ ناھايىتى تېزلا ئۆز قابىلىيىتى ئارقىلىق كۆزگە كۆرىنىشكە باشلىدى. ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپ بىر يېرىم يىل بولغاندا شىركەتنڭ دۇبەيدە تۇرۇشلۇق تارمىقىنىڭ دېرىكتورى بوپ قالدى. لېكىن ياقۇپ بۇنداق باشقىلارغا ياللىنىپ ئىشلىگەندىن كۆرە ئۆزى ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ شېركەتتىن قول ئۈزدى. ئۇنىڭ كۆزى يۇرت كۆرۈش، چەتئەللەردە يۈرۈش جەريانىدا خېلى ئېچىلىپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇ قولنى ئۆز يۇرتىنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتى بولغان چىلان ۋە ئۈزۈمدىن باشلىدى.
بۇ ئىش ئۈچۈن دەسمايە كېتەتتى، شۇڭا ئۇ قاراملىق بىلەن باشقىلاردىن قەرز ئالدى. بۇ يۇرتتا قۇرۇق مېۋە سۈپەتلىك چىقاتتى شۇنداقلا چەتئەللەردە يېڭىدىن بازار تېپىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يۇرتقا كېلىپ قىلغان بىرىنچى ئىشى ئۆيلىنىش بولدى. ئۇ نەچچە يىل ئۆزىگە ئەقىدە ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاسىيە بىلەن ئاددىيلا توي ئۆتكۈزۈپ ئاندىن تىجارىتىنى باشلىۋەتتى. دەسلەپتە قىيىنچىلىق بولدى، ماللارنى چەت ئەلگە چىقىرىش ناھايىتى چوڭ بىر مەسلە ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن چەت ئەلدىكى مەلۇم دۆلەتنىڭ سودا ۋىيزىسى بولىشى كېرەك. ئۇ دۈبەيدىكى بۇرادەرلىرىنى ئەسلەپ قالدى...
شۇنداق قىلىپ ياقۇپ سودىغا بېشىچىلا كىرىپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭغا ئاللاھ بىر ئوغۇل، ئىككى قىز ئاتا قىلدى. ھازىر ياقۇپ <دوللار> لەقىمى بىلەن شىنجاڭدا تەسىرى بار سودىگەرگە ئايلانغانىدى...
ئەمدى بۇ يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قويايلى. بۇ ئوغۇل ياقۇپباينىڭ ئوغلى ئالىم ئىدى. ئالىم ياقۇپباينىڭ تۇنجى پەرزەنتى، شۇنداقلا يالغۇز ئوغلى ئىدى، شۇڭا ياقۇپباي بالىنىڭ كەلگۈسىگە ئالاھىدە ئېتىبار بېرەتتى. كىچىكىدىن زىيالى ئائىلىسىدە چوڭ بولغاچقىمىكىن ئالىم تولىمۇ زېرەك ھەمدە ئوقۇشقا ھېرىسمەن چوڭ بولغانىدى. ئۇنداقلا بولۇپ قالماي تەنھەرىكەت تۈرلىرىگە ئالاھىدە قىزىقاتتى. ئۇمۇ خۇددى ئاتىسى ۋە بوۋىسىغا ئوخشاش ناھايىتى بەستلىك چوڭ بولغانىدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قىزغىنلىق ۋە ھېچ نەرسىدىن ئەيمەنمەيدىغان لېكىن چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئالامەتلەر ياقۇپباينى خۇش قىلاتتى. ئۇ ئۆزى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان كۆپ بىلىم ئىگەللەشتەك بۇ مەقسەتنىڭ ئۆز ئوغلى تەرىپىدىن ۋۇجۇدقا كېلىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى.
بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىمىزدە 90-يىللار مابەينىدە بالىلارنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىش دولقۇنى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى بىز تىل مەسلىسىدە بەك قىينالدۇق، بىراق بىز بۇ قىلمىشىمىزدىن قانداق سەۋەنلكلەرنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىدۇق. لېكىن كۆپ ئىش كۆرگەن ياقۇپ بۇنداق سەۋەنلىكنى سادىر قىلمىدى. ئۇ ئالىمنى باشتىن ئاخىرى مىللىيچە يېزىقتىكى مەكتەپتە ئوقۇتتى، لېكىن شۇنداقتىمۇ ئالىمنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى خېلى-خېلى كىشىلەردىن ئېشىپ چۈشەتتى. باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يوقۇرى ئۆرلەشتە تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىگە گەرچە نومۇرى توشسىمۇ لېكىن ئالىم ئۇ يەردە ئوقۇشنى خالىمىدى. باشقىلار سەۋەبىنى سورىسا ئۇ پەقەت: <خۇشياقمىدى، ئوقۇغۇم كەلمىدى> دەپلا قويدى. لېكىن سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدى. چۈنكى ئۇ بۇ دەۋر كىشىلىرىنىڭ بۇنداق < ئەخمىقانىلىقنى> قوبۇل قىلالمايدىغانلىقنى بىلەتتى. ئۇلار ئۇيغۇرتىلىنىڭ ھازىر بىز ئۈچۈن مۇكەممەل ساقلىنىپ قېلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى بىلىپ يېتەلمەيتتى، ئانا تىلنىڭ خۇددى ئانىدەكلا ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيتتى، ئەگەر مۇشۇنداقلا كېتىۋەرسەك ھامان بىر كۈنى پۇشايمان ئالىدىغانغا قاچا تاپالماي قالىدىغانلىقىمىزنى تونۇپ يېتەلمەيتتى. شۇڭا ئۇ ئاددى كاللىسى ۋە ئەمەلىيىتى بىلەن ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگەنمەكچى، ئۆز ئۇسۇلى بىلەن ئۇنى سۆيمەكچى. شۇڭا ئۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىككى يىلىنى مىللىي يېزىقتىكى ئادەتتىكى سىنىپتا ئوقۇدى. لېكىن ئۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىنى ئۆز يۇرتىدىكى يېزا مەكتىپىدە بەرمەكچى. بىرىنچىدىن ئۇ مۇھىت ئالماشتۇرماقچى، يەنە بىردىن ئۆزىنى چېنىقتۇرماقچى. ئۆز ئانا يۇرتىدا ئۇزۇنراق تۇرماقچى. چۈنكى ئۇ تېخىمۇ يوقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشتا يۇرتتىن، ۋەتەندىن ئايرىلمىسا بولمايتتى. شۇڭا ئۇ مانا ھازىر يېزىغا قاراپ يولغا چىقتى...
سەككىزىنچى  ئاي بۇ يېزىدىكى ناھايىتى ئاۋات مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. ئۈزۈم پىشقان، چىلان پىشقان بۇ مەزگىلدە يۇرتتا مولچىلىق، خۇشالچىلىق. ھەممە ئەتراپ شۇنچە گۈزەل. خۇددى تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكى مۇۇ يەردە ئۆز قىممىتىنى تاپقادەك. رەت-رەت ئۈزۈملەر، جانان چىنە چوڭلىقىدىكى يوپۇرماقلار ئارىسىدا مارجاندەك ئېسىلىپ تۇرغان كىشمىش، مۇناقى ئۈزۈملەر، تەكلەر ئەتراپىغا تىكىلگەن چىلان دەرەخلىرى ئۈستىدە جۇلالىنىپ تۇرغان قىپقىزىل چىلانلار، يولنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى سايە تاشلاپ تۇرغان دەرەخلەر، چىلان باغلىرىدا چىلان تېرىۋاتقان كىشىلەرنىڭ كۈلكىسى، ئۈزۈملەرنى تېتىپ باش لىڭشىتىپ مەمنۇن بولغان چىرايلار، تاش ئېرىقتا سۇغا چۆمىلىۋاتقان بالىلار، ئامبار بويىدا بېلىق تۇتىۋاتقان، سۇغا چۆمۈلىۋاتقان ياشلار.... ئىشقىلىپ بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالىمنى شۇنچىلىك زوقلاندۇرىۋاتاتتى. بۇ چەت يېزا بولغاچقىمۇ بۇ يەردىكى قاتناش ۋاستىلىرى ئانچە تەرتىپلىك ئەمەس ئىدى. كىچىك بالىلارنڭمۇ موتسىكىلىت ھەيدىۋالغانىقىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. ئالىممۇ بىر يىل بۇرۇن موتسىكىلىت ھەيدەشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىدىن مەمنۇن بولدى. ئالدىدىكى يېزىلىق دوختۇرخانا، بۇ يېزىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان ئوتتۇرا تىپتىكى دوختۇرخانا بولۇپ نەچچە يىل بۇرۇن يېڭىلانغانىدى. ھازىرقى ئىككى قەۋەتلىك بۇ دوختۇرخانا بىناسى يېزىدىكى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئىمارەتلەرنىڭ بىرى. دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى تار يولدىن 100 مېتىرچە مېڭىپ ئاندىن سولغا قايرىلىپ ماڭسا ئالىملارنىڭ ئۆيىگە بارغىلى بولاتتى.
ياقۇپ بۇ ئۆينى ئۆز تويىدىن كېيىن يۇرتقا كەلگەندە تۇرۇشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن يەر سېتىۋېلىپ سالغانىدى. ئەينى چاغدا يېزىغا نىسبەتەن خېلى ياخشى ئۆيلەردىن ھېسابلىنىدىغان بۇ ئۆي ھازىر كۆرۈمسىز ئۆيلەردىن بولۇپ قالغانىدى. ئاسىيە بىر ھەپتە بۇرۇن كېلىپ ئۆيلەرنى تازىلاپ تەييارلىق قىلىپ بولغانىدى، ياقۇپباي بولسا سودا ئۈچۈن دۇبەيگە كەتكەنىدى. ئۇ ئالىمنىڭ يېزىغا كېتىشىنى ئانچە توغرا قارىمىغان بولسىمۇ لېكىن ئوغلىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. دېمىسىمۇ ھازىر شەھەرلەردىكى بالىلارنىڭ بارا-بارا يامان يوللارغا كرىپ كېتىۋاتاتتى. ئالىم گەرچە ئۆزىنى باشقۇرالىسىمۇ لېكىن مۇھىت كىشىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنى ياقۇپباينىڭ بىرىنچى سەۋەبى دەپ قاراش ئانچە توغرا ئەمەس. ئۇنىڭ ئويى ئوغلىنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلغاندا ھالقىلىق پەيتلەردە ئاتىنىڭ سۆزى بالىغا دەستۇر بولىدۇ. <ئاتام مېنىڭ گېپىمنى ئاڭلىمايدۇ، مەن نېمە ئۈچۈن ئاڭلىغىدەكمەن؟ > دېگەندەك ئويلىرى شەكىللىنىپ قالمايدۇ. ئالىمنىڭ بويى مۇشۇنچە بولۇپ ئاتىسىنىڭ سۆزىنى رەت قىلغىنى، ھەتتا ئاتىسىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈپ باغقىنى يوق، شۇنداق بولسىمۇ ياقۇپباي بۇ قېتىم ئوغلىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى سىڭلىسى ۋە ئانىسىنىمۇ يېزىغا ئاپىرىۋەتتى. ياقۇپباينىڭ چوڭ قىزى تېخى ئەمدىلا  مەكتەپ يېشىغا توشتى، كچىكى بولسا ئەمدىلا ماڭدى. شۇڭا يېزىنىڭ ساپ ھاۋاسى بالىلارنىڭ ساغلام چوڭ بولىشىغا پايدىسى بولىدۇ ئەلۋەتتە.
ئالىم ئۆيىگە كەلدى، بۇ ئۈچ ئېغىزلىق كۆرۈمسىز ئۆي ئالىمغا شۇنچە سۆيۈملۈك كۆرىنىپ كەتتى. ئانىسى كۈلۈپ ئالدىغا چىققاندا ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەيلا قالدى، شەھەردە خېلى خېلى ئاياللارنىڭ ئىچىنى پاژ-پاژ كۆيدۈرىدىغان ئاپىسى، مانا ھازىر ھەقىقىي ئائىلە ئايالى بولۇپ قالغانىدى.
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاپا، قانداقراق ئەھۋالىڭ؟
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!ياخشى بالام، سەنچۇ؟ شەھەردىكى ئىشلىرىڭنى ياخشى بېجىردىڭمۇ؟
ئۆيگە كىرگەچ ئانا بالا پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى.
_ھەئە، ھەممە ئارخىپلارنى يۆتكەپ بولدۇم. 9-ئاينىڭ 1-كۈنى مەكتەپكە بارساملا بولىدۇ.
_ياخشى بوپتۇ، كۆڭلۈڭ نېمىنى تارتىدۇ؟ مەن تاماق قىلاي.
_ئاپا، مېنىڭ سەن قىلغان تاماقلارنىڭ ھەممىسىنى يەيدىغانلىقىمنى بىلىسەنغۇ؟ مەن ئۇخلاپ تۇراي، نېمە تاماق قىلساڭ مەيلى، پىشقاندا قىچقىرارسەن. مەن بەك ھېرىپ كەتتىم.
ئالىم شۇنداق دېگەچ تازىلىنىپ قويۇلغان ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئاسىيە ئوغلىنىڭ قامەتلىك بەستىگە ئانىلارچە مېھرى بىلەن قاراپ قويۇپ تاماق تەييارلىقى قىلىشقا تۇتۇش قىلدى.
ئىككى سائەتلىك تاتلىق ئۇيقۇدىن كېيىن ئالىم ئاپىسىدىن ئاغرىنغاندەك ياتاق ئۆيىدىن چىقتى:
_ئاپا! نېمە ئۈچۈن بۇرۇنراق قىچقىرىپ قويمىدىڭ؟ بەك ئۇخلاپ كېتىپتىمەن!
_سېنى ئۇخلىۋالسۇن دەپ بولمامدۇ. قېنى تېز بول، لەغمەن ئەتتىم.
ھورى چىقىپ تۇرغان بىر تەخسە لەغمەن. دېمىسىمۇ ئالىم تاتلىق قورۇلغان سەينى پۇراپلا ئاپىسىنىڭ ئۆزى ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيدىغان لەغمەن قىلغانلىقىنى بىلگەنىدى. دېمىسىمۇ نەچچە ۋاقىتتىن ئۆيدە ئۆزى يالغۇز بازار تامىقى يەۋېرىپ تولىمۇ چاچىغانىدى. ئۇ لەغمەننى يەپ بولۇپلا سىرتلارنى ئايلىنىپ كىرىشنى ئويلىدى....

چېقىرتماق يېزىسى تولىمۇ تارىخى ئۇزۇن يېزا ئىدى. 70نەچچىنچى يىللاردا تېپىلغان 3200يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەت بۇنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. بۇ يۇرت تولىمۇ بەرىكەتلىك يۇرت ئىدى. يىل بويى پەقەت بر نەچچە پۇڭغا ئىشلەپلا نۇرغۇن پۇلنىڭ ئىگىسى بولۇپ قالغىلى بولاتتى. ئاساسلىق ئۈزۈم چىلاننى ئاساسى گەۋدە قىلغان دېھقانچىىلق ۋە قوشۇمچە چارۋىچىلىق بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئاساسىي كىرىم مەنبەسى ئىدى. بىراق بۇ يۇرتتا سۇ كەمچىل ئىدى، شۇڭا 5-6يىل بۇرۇن بىۋاستە تاغ سۈيىنى باشلايدىغان تاش ئېرىق ياسالغان ۋە سۇ ساقلاش مىقدارى ۋىلايەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى، ئوتتۇرا تىپتىكى ئامبار قۇرۇلغان. ئەتراپىنى سايلىق قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ لېكىن يۇرت ئىچى تولىمۇ ئاۋات شۇنداقلا يېشىللىق... بولۇپمۇ ھازىرقىدەك باش كۈزدە... ئالىم شۇلارنى ئويلىغاچ ئەتراپنى سەيلە قىلىۋاتاتتى. ئەمدى ئۇ مۇشۇ يۇرتتا تۇرىدۇ، مۇشۇ يەرنىڭ سۈيىنى ئىچىپ، نېنىنى يەيدۇ.... كىچىكىدىن قېنىپ پۇرالمىغان ھىدلارنى ئەمدى چوڭقۇر سۈمۈرىدۇ، ئانا يۇرتىدا يىلتىز تارتىدۇ، ئۆزىنى مۇشۇ يۇرتقا ئاتايدۇ... ئالىم ئەتراپتىكى دوپلىشىپ پاراڭدا ئولتۇرغانلارغا، يول بويىدا سەي سېتىۋاتقانلارغا، چوڭ يول بويىدا تاۋۇز-قوغۇن سېتىۋاتقانلارغا سالام بېرىپ بولۇپ ئانىسىنى بۇيرۇغان سەيلەرنى ئېلىپ ئۆيگە ماڭدى، ئۇ شۇنچە خۇشال ماڭاتتى، مەكتەپتىكى قايناق ۋە ناتونۇش تۇرمۇشنى ئويلاپ ھاياجانلىناتتى... ئۇ بۇ يەردىكى بالىلارنى ھېچ تونۇمايدۇ، لېكىن يوللاردا ئۇچرىسا كۆز سالىمى قىلىشىدۇ، قېنى كىملەر بىلەن ساۋاقداش بولۇپ ئوقۇيدىكىن...

مەكتەپتە
كۈز پەسلىنىڭ گۈزەل كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئوقۇش باشلاندى، مەكتەپ قاينام تاشقىنلىققا تولغان بىر خىل ھاياتى كۈچ تەرىپىدىن تولىمۇ جەزبىدار بولۇپ كەتكەنىدى. تاشيولغا قارىتىپ قويۇلغان دەرۋازا، دەرۋازا ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئۆستەڭ... دەرۋازىدىن كىرگەندە قاتار كەتكەن ئىككى قۇر قالىغاچ دەرىخى بىلىم ئېلىش ۋە بىلىم بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىغانلارنى كۈتىۋالاتتى. دەرۋازىنىڭ ئوڭ تەرىپى چوڭ مەيدانغا تۇتىشىدىغان يول بولۇپ يول ئوڭ تەرىپىدە ۋەلسىپىت، توك ۋەلسىپىت، شۇنداقلا موتسىكىلىتلارنىڭ ئارامگاھى بار ئىدى. سول تەرىپى ۋالىبول مەيدانى ۋە ۋاسكىتبول مەيدانى ئىدى. ئوتتۇرىدىكى چوڭ يولنى بويلاپ 50مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن چوڭ مەيدانغا تۇتىشىدىغان يەنە بىر ئوڭ يۆلىنىشتىكى يول، سول تەرەپ ئوقۇتۇش بىناسىغا تۇتىشىدىغان يول كۆرىنىدۇ. بىر تەرەپتە لەپىلدەپ تۇرغان قىزىل بايراق دىققىتىڭىزنى ئۆزىگە تارتسا يەنە بىر تەرەپتە:<بارلىقىمىز بالىلار ئۈچۈن> دېگەن چوڭ لوزۇنكا دىققىتىڭىزنى تارتىدۇ. يەنە ئىچكىرلەپ ماڭسىڭىز مەكتەپ باغچىسىغا كىرىپ قالىسىز... ئوقۇتۇش بىناسى مەكتەپ قوروسىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە سېلىنغان بولۇپ تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش 2005-يىلى پۈتكەن بولۇپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ياردەم قىلغان بىر تۈر ھېساپلىناتتى. چېغىرتماق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن بۇرۇنلا بار بولۇپ ئون يىللىق قالايمىقانچىلىقتا زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. 86-يىلى بىر قېتىم رېمونت قىلىنغاندىن كېيىن بۇرۇنقى ئوقۇتۇش بىناسى تاكى 2005-يىلىغىچە ئىشلىتىلگەن. ھازىر چېقىلىپ ئورنىغا پۇتبول مەيدانىدىن بىرنى قۇرغان....
مەكتەپ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى بولغاچقىمۇ تولىمۇ قايناق ئىدى. يارىشىملىق مەكتەپ فورمىسى كىيىۋالغان بىر نەچچە قىز يولنى سۈپىرىۋاتىدۇ. بىر نەچچە ئوغۇل ئوقۇغۇچى ئۇلار بىلەن چاقچاقلاشقاچ سۇ سېپىۋاتىدۇ، بىر نەچچە بالا پارتا-ئورۇندۇق تېشىۋاتىدۇ... بىر نەچچە بالا يېڭى كىتابلارنى تېشىۋاتىدۇ... بەزى توپخۇمارلار مەيداندا توپ ئويناۋاتىدۇ... ئالىم شۇنداق مەنزىرىلەردىن ھۇزۇلانغاچ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلمەكتە... ئۇ ئۆز سىنىپىنىڭ قايسى ۋە قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ئىلمىي بۆلۈمگە كىرمىسە بولمايتتى. شۇڭا ئۇ ئوقۇتۇش بىناسىغا كىردى، بەزى يېڭى چىققان سىنىپلاردا مۇئەللىمى بىنا ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش توغرىلىق تەربىيە قىلسا، بەزىلىرى سىنىپ ھەيئىتى تاللاش بىلەن بەند ئىدى. ئۇ بىر دەسسەپ ئىككى دەسسەپ ئوقۇتۇش بىناسىغا ئىچكىرلەپ كىرىشكە باشلىدى. ئىلمىي بۆلۈم قەيەردە بولغىيتتى؟ ئۇ نىشانسىزلا يۈرۈشنى خالىمىدىمۇ قانداق ئالدىدىكى كارىدور سۈپۈرىۋاتقان قىزدىن سورىماقچى بولدى.
_ئىلمىي بۆلۈم نەدىدۇ؟_قىز جاۋاب بەرمىدى، ھەتتا قاراپمۇ قويمىدى، ئۇ يەنە بىر قېتىم تەكرالىغاندا ئاندىن كەينىگە بۇرۇلدى...
تارتىپ قويغاندەك قارا قاشلارنىڭ ئاستىدا ئويناپ تۇرغان بىر جۈپ كۆز. كۆزلەرگە سايە تاشلاپ تۇرغان يادەك كىرپىك، ئېلىپتەك تارتىلغان قاڭشار، جىنەستىدەك بىر جۈپ لەۋ، كۈلۈمسىرىگەندە كۆرۈنۈپ قالغان سەدەپتەك چىش... قاملاشقان ئوتتۇرا بوي بىرى ئالىمغا قاراپ سۆزلىگەندە ئالىم قېتىپلا قالغانىدى.
_خاپا بولماي يەنە بىر دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟!
ئالىم ئەمدى ئۆزىنى ئوڭشىۋالغانىدى، قىز كۈلۈپ تۇرۇپ يەنە بىر قېتىم:
_ئالدىدىن سولغا قايرىلىپ ئەڭ ئاخىرىدىن سانىغاندا ئۈچىنچى ئىشخانىغا كىرسىڭىز ئىلمىي بۆلۈم شۇ...
_رەھمەت!
_ئەرزىمەيدۇ...
ئالىم <ھەجەپ چىرايلىق قىزكەنغۇ بۇ > دەپ ئويلىدى ۋە قىزدىن كۆزىنى تەستە ئۈزۈپ ئىملىي بۆلۈمگە قاراپ مېڭىپ كەتتى....
9-يىللىق 1-سىنىپ تولىمۇ قايناق سىنىپ ئىدى، ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئۇدۇلىدىكى بۇ سىنىپقا كىرىپ كېتىۋاتقان ئالىم سىنىپ ئىچىگە كۆزىنىڭ ئۇچىدا قاراپ قويدى، سىنىپ تولىمۇ قالايمىقان كۆرۈنەتتى، تەخمىنەن 30نەچچە بالا بولسا كېرەك، سىنىپ ئىچىدىكى بالىلارنىڭ كۈلكە چاقچاقلىرى كارىدورنى بىر ئالغانىدى، قىزلارنىڭ زىل كۈلكە ئاۋازىمۇ، ئوغۇللارنىڭ بوم چاقچاقلىرىمۇ ئېنىق ئاڭلانماقتا ئىدى.
ئاھ! سەھرا.... قوينىڭدا ئۆسۈپ يېتىلگەن پەرزەنتىڭمۇ خۇددى باغرىڭدا ئېچىلغان ئەتىرگۈلدەك شۇنچە گۈزەل شۇنچە ساغلام، شۇنچىلىك ساپ... ئۆزى ساپ شۇڭا دىلى ساپ... قارا ئۇلارغا... 15-16ياشنىڭ قارىسىنى ئېلىپ قالغان بولسىمۇ تەييارلىق بالىلىرىدەك چاقچاقلارنى قىلىشىۋاتقىنىنى... ئۇلاردىكى بۇ چاقچاقلار شەھەردىكى ئوخشاش ياشتىكى بالىلار قىلىشىدىغان قىز ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى ھەزىل چاقچاقلار ئەمەس، بەلكى كەم تېپىلىدىغان_ دوستلار ئارىسىدىكى چاقچاقلار... ئۇلارنىڭ دوسلىقى چىن، مۇھەببىتى چىن، ئۇلار ھەرگىزمۇ بۇلغانمىغان، ئويۇنغا ئايلانمىغان... ئۇلارنىڭ كۆڭلى شۇنچە تۈز، شۇنچە ساپ، شۇنچە چىن......... ئالىم شەھەردىكى سىنىپىنى ئەسلىدى، سىنىپ تەنەپپۇستە ئوغۇللارنىڭ قىزلارغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغان سورۇنى، قىزلار بىر-بىرى بىلەن بەسلىشىدىغان، گۇرۇھۋازلىق بىلەن گەپ تاكاللىشىدىغان سورۇنى، ئوغۇللارنىڭ بىر چەتتە دوپلىشىپ ئاللىقانداق ھاياسىز چاقچاقلارنى قىلىدىغان سورۇنى، شەھەر بالىلىرى ئوتتۇرىسىدا بۇنداق ساپ يېقىنچىلىق كەم ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئېڭىدا كىچىكىدىن يېتىلگەن شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك شۇنداقلا چوڭچىلىق مەۋجۇت بولىدۇ، ئاتا-ئانىلىرىدىن بىلىپ بىلمەي يۇقتۇرغان <يوقۇرىغا ئۆرلەش> خاھىشىمۇ بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە ھەقسىز تۆلىنىدىغان بەدەل بولمايدۇ. بىكارغا قۇرۇلغان ئۈلپەتچىلىك بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەممە ئادەم قىلسا ئۆزىگە، ئەتراپىدىكىلەر بىلەن ئالاقىسى يوق، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە يالغۇزلۇق ھېچ گەپ ئەمەس، يالغۇز قالسا يەيدىغان نېنى كەملەپ قالمايدۇ، كىيىدىغىنى كەملەپ قالمايدۇ....
لېكىن يېزا بالىلىرى ئارىسىدا يالغۇز قېلىش، توپتىن ئايرىلىش ئۇ كىشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇنىڭ شەخسىيەچىلىكىنى ئىسپاتلايدۇ... بۇ پەرقلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى سۆزلەپ ئالىمنىڭ ساۋاقداشلىرىنى كۆرۈشىنى كېچىكتۈرگۈم يوق، بەلكىم ئۇ ئۆزى سېلىشتۇرۇپ بىلىۋالار....
ئىلمىي بۆلۈم ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ لېكىن تولىمۇ ئالدىراش ئىدى، ئادەم كۆپ بولغاچقا ئالىم ئىشىك تۈۋىدە بىردەم تۇرۇپ قالدى. ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرغان كۆزەينەكلىك مۇئەللىم ئۇنىڭغا <نېمە ئىشىڭ بار؟> دېگەندەك نەزەردە قارىغاندىلا ئۇ ئىشخانىغا كىردى. بېشىنىڭ ئۈستىدە چېچى شالاڭراق، سېمىز، ئاق يۈزلۈك ۋە بەستلىك كۆزەينەكلىك مۇئەللىم بىر قاراشتا مۇلايىم كۆرۈنسە يەنە بىر قاراشتا تولىمۇ سۈرلۈك كۆرىنەتتى، لېكىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىكىن ئۇ بىر خىزمەتكە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتىدىغان مۇئەللىم ئىدى.
_بىرەر ئىشىڭ بارمىتى؟
_ھەئە، مەن بۇ مەكتەپتە ئوقۇي دېگەن، رەسمىيەتلىرىم تولۇق....
_ئىلگىرى قايسى مەكتەپتە ئوقۇغان؟
_شەھەرلىك ئوتتۇرىدا...
_ئىسىم فامىلەڭ؟!
_ئالىم ياقۇپ...
مۇدىر جەدىۋەل ۋە تونۇشتۇرۇشلارغا قاراپ بىر ئاز چۆچىگەندەك قىياپەتتە ئالىمدىن سورىدى:
_نەتىجەڭ شۇنداق ياخشىكەن، نېمە ئۈچۈن شەھەردىن يېزىغا كېلىپ ئوقۇش قارارىغا كېلىپ قالدىڭ؟
_ئۆزۈم مۇشۇ يەردىن، يەنە بىردىن سەھرانىڭ ساپ مۇھىتىدا ئوقۇسام تېخمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارىدىم. ئوقۇتۇش سۈپىتىنى كۆزدە تۇتقان بولساڭ قەيەردىلا بولسا ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق...
_ياخشى، 9-يىللىق 1-سىنىپقا كىرىپ ئوقۇساڭ قانداق؟ 9-يىللىقتا جەمئىي 2 سىنىپ بار، 2-سىنىپتا بالا بىر ئاز كۆپ... شۇڭا....
_بولىدۇ....
شۇنداق قىلىپ ئالىم چېغىرتماق يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ 9-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ قالدى.... ئۇ سىنىپقا كىرگەچ ئويلىدى... شەھەردىكى مۇئەللىملىرى سورىغان سوئالنى ئىلمىىي مۇدىرمۇ سوراۋاتىدۇ... بۇندىن كېيىنمۇ چوقۇم شۇنداق سوئال يەنە سورىلىدىكەندە؟~ يېزا شەھەر، يېزا شەھەر......
سىنىپ شۇنچىلىك ئازادە ئىدى. ئاپئاق ئاقارتىلغان تام، قاپقارا سۈرتۈلگەن دوسكا، رەتلىك تىزىلغان جوزا ئورۇندۇقلار.... گەرچە يېزا بولسىمۇ لېكىن سىنىپ ئەسلىھەلىرى شەھەرنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. ئىلمىي مۇدىر ئالىمنى سىنىپ ئىشىك ئالدىغا ئەكىلىپ قويغاندىن كېيىن <بۇ يېڭى ئوقۇغۇچى> دەپلا قايتىپ كەتتى. سىنىپ ئىچىدىكى ئاۋازلار ئۆچۈپ ھەممە ئالىمغا تىكىلىشتى. قاپقارا قاشلىرى يىمىرىلگەن، كۆزلرى كۈلۈپ تۇرغان، پېشانىسى كەڭ كەلگەن، ئاق يۈزلۈك بۇ قامەتلىك بالىنىڭ ئۆز ساۋاقدىشى ئىكەنلىكىدىن ھەيران قېلىشماقتا....
_ھەجەپ كۆرۈپ باقمىغان بالىكەنغۇ بۇ؟~
_قەيەرلىكتۇ؟
_ھەجەپ قاملاشقان بالىكەن...
_ھوي، بويى ئېگىزكەن بەلكىم ۋاسكىتبول ئوينىيالىسا كېرەك...
_دەرسلەردە بىر رىقابەتچى كۆپلىگەندىمۇ ياكى بىر سۆرەلمىمۇ؟
_سۆلەت دېگەن سۆگەتتىمۇ بار...
_ئۇنداق دېمە! بىر يېقىملىق بالا تۇرمامدۇ....
ئالىم سىنىپ ئىچىگە بىر قۇر كۆز يۈگەرتتى... يەنە شۇ كۆز.... ئالىم ئۆزىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنىڭ قاراشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي باشقا ياققا قارىۋالدى........ ئۇ تەمكىنلىك بىلەن سۆز باشلىدى...
_ئىسمىم ئالىم! مۇشۇ يۇرتتىن. كىچىكىمدىن باشقا جايدا چوڭ بولغان. يېڭى يۆتكىلىپ كەلدىم. ياخشى ساۋاقداشلاردىن بولۇپ قېلىشىمىزغا ئىشىنىمەن. سىلەر بىلەن ئاستا تونۇشىۋىلارمەن....
ئۇ شۇنداق دەپ تۇرىشىغىلا سىنىپ مەسئولى مېھراي مۇئەللىم كىرىپ كەلدى. مېھراي مۇئەللىم چىرايىدىن كۈلكە كەتمەي تۇرسىمۇ لېكىن تولىمۇ قاتتىق قول مۇئەللىم ئىدى. يەنە ئەدەبىيات دەرسىمۇ بېرەتتى. ئوقۇتقۇچىلارغا خاس كىيىنىشى ۋە ياسىنىشى ئۇنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدە بىر ئۈلگىگە ئايلاندۇرسا، تەلەپچان دەرس مېتوتى ئۇنى بىر سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندۇرغانىدى. ئۇ تېخى بايىلا سىنىپىغا يېڭى ئوقۇغۇچىنىڭ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ تازلىق مەيدانىدىن ئۇدۇل سىنىپقا كىرگەنىدى. ئالىم مۇئەللىمنى كۆرۈپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى ۋە كەينىدىكى بىر بوش ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇردى_دە، ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز سالىمى قىلىپ قويدى. مېھراي مۇئەللىم ئالىمنى بىر ئاز تونۇشتۇرغاندىن كېيىن سىنىپ ئىشلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا باشلىدى....بۈگۈن بىرىنچى كۈنى بولغاچقا دەرس ئوقۇلماي تازىلىق ۋە كىتاپ تارقىتىش ۋەزىپىسىلا بار ئىدى. ئەمدى باشقا ئوقۇغۇچىلار قايسا بولاتتى. ئالىم كىتاپ ئېۋىلىش ئۈچۈن مېھراي مۇئەللىمنىڭ كەينىدىن ئىشخانىغا يۈرۈپ كەتتى...
مېھراي مۇئەللىم ئالىم بىلەن ئەستايىدىل سۆزلەشتى. ئۇنىڭ بىر ئېسىل مىجەزلىك تىرىشچان بالا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ھەمدە ئۇنى يېزىدىمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئوقۇپ كېتەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ رىغبەتلەندۈردى. ئاندىن ئوقۇغۇچىلار بىلەن چىقىشىپ كېتەلەيدىغان كېتەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى. بۇنى ئاڭلىغان ئالىم بىر ئاز ئويلىنىۋېلىپ مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:
_ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىش ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق قىلىش ئەر كىشىنىڭ ئىشى. ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان ئادەمنىڭ دوستى دۈشمىنىدىن كۆپ بولىدۇ.... بۇنى ماڭا ئاتام ئۆگەتكەن...
مېھراي مۇئەللىم ئۇنىڭغايېڭى كىتابلارنى تەڭلەپ مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈمسىرىدى... شۇنداق قىلىپ ئالىمنىڭ يېڭى مەكتەپ ھاياتى باشلاندى، بۇ ئەلۋەتتە قاينام تاشقىنلىققا تولغان ھايات.... ئالىم يەنە ھېلىقى سېھىرلىك بىر جۈپ كۆزنى ئەسلىدى... ئاھ! ئۇ ئۇ كۆزلەرگە مەپتۇن بوپ قالغانىدى....
_بىرىنچى كۈنۈڭ قانداقراق ئۆتتى؟ بالام، كۆنەلىگۈدەكسەنمۇ؟
_ياخشى، ياخشى بولمامدىكىن ئەمىسە، ئۆزۈمنىڭ يۇرتى تۇرسا....
_ياخشى بولسىلا بولدىغۇ!
ئالىم ياتاق ئۆيىگە ئاپىسى بىلەن سالاملىشىپلا ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئۇ خيال قىلىشقا باشلىدى، بۈگۈنكى ھېلىقى قارا كۆز، ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرىگەن ھېلىقى كۆزلەر، ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىغان ھېلىقى كۆزلەر.... ئاھ! بۇ نېمە دېگەن مۇرەككەپ ھېسسىياتلارھە؟! نېمىدىگەن دەھشەت، مەكتەپكە كىرگەن تۇنجى كۈنىلا.... ئالىم بىر كېچە ئۇخلىيالمىدى.... ھېلقى كۆزلەرنىڭ ئىگىسىنى، ئالىمنىڭ يۈرىكىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغۇچى ئۇ.... ئالىمغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن ئۇ... ئالىمنى بىر كېچە ئۇخلاتمىغان ئۇ.... ئالىمنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلغان ئۇ.... ئۇ زادى كىم؟! ئالىم نېمە ئۈچۈن ئۇنى شۇنچە كۆپ خىيال قىلىدۇ؟ ئۇ بەلكىم بىرى بىلەن يۈرىۋاتقاندۇ؟ بەلكىم باشقا بىرىنى سۆيىدىغاندۇ؟ بەلكىم..... ئاھ! نېمىدىگەن دەھشەت! ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا..... ئالىم ئورنىدىن تىك تۇرۇپ كەتتى... ئەمدى بۇ كېچە ئۇنىڭغا ئۇيقۇ ھارام بولغانىدى. ئۇ ئۇيقۇدىن بىزار.... ئالىم ئورنىدىن سۇغۇرلۇپ چىقىپ ئاستا سىرتقا قاراپ ماڭدى. ئالىملارنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ سول تەرەپكە ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بىر تار يول بار ئىدى، بۇ تار يولدا 300مېتىرچە ماڭغاندىن كېيىن بىر ئائىلىلىكنىڭ ئۆي ئارقىدىكى باغچىسىغا قۇرۇلغان شەخسى كۆل بار ئىدى. بۇ باغچىنىڭ ئەتراپى تولۇق قورشالمىغاچقا ئەتراپتىكى كىشىلەر كىيىملىرىنى يۇغىلى، كىچىك بالىلار سۇغا چۆمۈلگىلى كېلەتتى. بۇ كۆل ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ لېكىن سۈيى سۈزۈك ۋە بۇلۇق ئىدى، ئەتراپىدا قويۇق ئوت چۆپلەر ئۆسكەن، كۆلگە تاللار سايە تاشلاپ تۇراتتى. ئالىم شۇ كۆلنى نىشان قىلىپ ماڭدى، بەلكىم ئۇ كۆلنىڭ سالقىن، ساپ ھاۋاسى ئالىمنىڭ چارچىغان نېرۋىلىرىغا ئارام بەرسە كېرەك....
كېچە، تولىمۇ ئايدىڭ... ئاسماندا يېرىم تۇرغان ئاينىڭ ئەتراپىدىكى يۇلتۇزلار توختىماي جىمىرلىشىپ قاپقاراڭغۇ كېچىنى كۈمۈش رەڭ لىباس بىلەن بېزىگەنىدى. كۆل سۈيى كۈمۈش رەڭدە جىمىرلاپ، باش كۈزنىڭ سالقىن شامىلى تەرىپىدىن قىرغققا بوش ئۇرىلىۋاتاتتى.... بۇ گۈزەل مەنزىرىگە يىراقتىنلا مەپتۇن بولغان ئالىم ئىختىيارسىز قەدىمىنى تېزلاتتى، تېزلاتتىيۇ دەرھاللا توختاپ قالدى، ئالىم كۆزلىرىنى ئىختىيارسىز ئۇۋىلىۋەتتى، كۆل بويىدا تولىمۇ نازۇك بىر قامەت ئولتۇراتتى. ئاينىڭ نۇرسىز شولىسى ئۇنىڭ بەرنا قامىتىنى يورىتىپ، خۇددى چۆچەكلەردىكى پەرىلەرگە ئوخشىتىپ قويغانىدى، خۇددى ئايمۇ ئۇ نازۇك قامەتنىڭ ئۇزلىقىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغاندەك، خۇددى ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرىۋاتقاندەك، نازۇك قامەتنىڭ يۈزلىرى ئۆزىدىن بەكرەك نۇرلۇقتەك بىلىنگەندەك، بۇلۇتلار كەينىگە ئاستا مېڭىپ كەتتى... ئۇ گەۋدە ئەتراپقا يەنە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن قولىدىكى گۈلنى ئوينىغاچ، بىر نېمىلەرنىدۇ پىچىرلاۋاتاتتى.... ئالىم ئورنىدا قېتىپلا قالدى، بۇ كىمدۇ ئەمدى؟ ئالىم نېمە بولسام بولدۇم، ھېچ بولمىغاندا يۈزۈمنى يۇۋېلىپ بولسىمۇ كىرىپ كېتەي...دېگەن ئويدا بىر دەسسەپ، ئىككى دەسسەپ كۆلگە يېقىنلاشتى.... قىز ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئالىم ئەمدى ئۇنى ئېنىق كۆردى، ئىككى گەۋدىنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى... ئۇلاردىن چىققان نۇر ئەتراپنى يورىتىۋتكەندەك بولدى... يەنە شۇ سېھىرلىك كۆزلەر.... ئالىم ئاران دېگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالدى، ئۇ ۋارقىرىۋەتكىلى ئازلا قالغانىدى.... قىزنىڭ كۆزلىرىدە ئازراق تەشۋىش ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن ئورنىنى ھاياجان ئىگىلىدى. بۇ كۆزلەر خۇددى ئىچ سىرلىرىنى ئاشكارلاپ قويىدىغاندەك نەلەرگىدۇ بېقىپ جىم تۇردى. ئالىم ئۇنچە جۈرئەتسىزلەردىن ئەمەس ئىدى، ئۇ جىمجىتلىقنى بۇزدى...
_سەن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ بۇنچە كەچتە.... مەنغۇ سۇ ئىچكىلى كەلگەن....
قىز يېنىككىدە كۈلۈپ قويغاندىن كېيىن جاۋاپ قايتۇردى:
_باشقىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپمۇ يەنە ئۆي ئىگىسىدىن مۇشۇنداق سوئال سوراش ئورۇنلۇقمۇ؟
ئالىم گاڭگىراپ قالدى.... قىزنىڭ سۆزمەنلىكىگە قول قويدى، قىز پەقەت بۇ يەرنىڭ ئۆز ئۆيى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپلا قويماي، ئالىمنىڭ قوپاللىقىنى ئەيبلەپ ئۈلگۈرگەنىدى.... ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەندىن كېيىن قىز جىمجىتلىقنى بۇزدى:
_ئىسمىم ئايپەرى، مۇشۇ ئۆينىڭ خوجايىنىنىڭ قىزى، بۇ كۆلنىڭ مۇڭدىشى....
قىز قورقۇپ كەتتى، ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان بىرىگە كۆڭۈل سىرىنى ئاشكارا قىلىپ قويغىنىدىن ئەنسىرىدى، ئۆزى بالدۇر تونۇشلۇق بەرگىنىگە پۇشايمان قىلىپ ئۈلگۈردى، ھېسياتىنى باشقۇرالمىغىنىدىن ئۆزىنى ئەيىبلىدى، لېكىن ئامال يوق، ئېغىزدىن چىققان سۆز يادىن ئايرىلغان ئوق، ئۇنى يىغىشتۇرغىلى بولمايدۇ.....
_ئىسمىم ئالىم، بەلكىم بىلەرسەن، بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرنىڭ سىنىپقا بىر ئەزا، ئۆيىمىز مۇشۇ ئەتراپتا، بۇ كۆلگە بۈگۈن ئىككىنچى قېتىم كېلىشىم، سېنى، بۇ كۆلنى ياخشى بىلمەيمەن، لېكىن كېيىن....
ئاپلا! ئالىم تاس قالدى، تاس قالدى ھەممىنى ئاشكارە قىلغىلى....
قىز كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىشقا تەييارلاندى...
_خوش ئەمىسە، ئەتە كۆرىشەرمىز....
ئالىم ئارانلا خوش دېيەلىدى، ئاستا ئاستا كېچە قوينىغا سىڭىپ كىرىۋاتقان سايە ئارقىدىن ئۇزۇنغىچە قاراپ قالدى....
ئايپەرى ئۆيىگە شۇنچە تېز قەدەملەر بىلەن قايتتى، خۇددى يۈگەرگەندەك، خۇددى ھېلىقى، ھېلىقى قامەتلىك بىراۋلارغا قىيدىغاندەك، خۇددى ئۇ كەينىدىن قوغلاپ كېلىدىغاندەك، خۇددى ئۇ كېلىپلا ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغاندەك!!!! ياق، ياق... بۇ پەقەت چۈشۈم.... بۇ ئايپەرىنىڭ يولبويى ئۆزىگە بەرگەن تەسەللىيسى... ياتاق ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى يېپىپلا ئۇ دەرھال دەرىزىدىن قارىدى، بۇ چاغدا ئۆتكەن يىلى ئاتىسى ئەكىلىپ بەرگەن دۇربۇن ھەقىقەتەن ئەسقاتتى، ئۇ بۇ دۇربۇن بىلەن كۆل بويىدا ئۆزىنىڭ مەيلىنى تارتىۋاتقان بىراۋلارنى ئېنىق كۆرەلىدى، ئۇ يەنىلا شۇ جايىدا تۇرىۋاتىدۇ، خۇددى جانانى تېزلا ئۇچۇپ كېلىدىغاندەك.... ئايپەرى ئالىم قايتقاندىن كېيىنلا ئاندىن كارۋىتىغا چىقىپ تىزلىرىنى قۇچاقلىغىنىچە خىيال دۇنياسىغا غەرق بولدى.... كارىدوردا ئۆزىگە تىكىلىپ قاراۋاتقان ھېلىقى نۇرلۇق كۆز كىمنىڭ كۆزى؟ قۇلاقلىرىغا كىرىپ ئۇدۇللا يۈرىكىنى تىترەتكەن كىمنىڭ ئاۋازى؟ ئۇنىڭ تىپتىنىچ كۆڭلىگە سانسىرلىغان تاشلارنى ئېتىۋتىپ كەينىگىمۇ قاراپ قويماي ماڭغان ئاۋۇ يىگىت كىم؟ ئايپەرى ئۇنچە ھېسياتچان قىز ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ بىرەر ئوغۇل بالا بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ باققىنىمۇ، بىرەر كىملەر بىلەن كۆز بېقىشىپ كۈلۈشۈپ باققىنىمۇ يوق، ئاللاھ ئاتا قىلغان ساپ تېنىنى، قەلبىنى ياتلارنىڭ تاجاۋۇزىدىن ساقلاپ ياشاۋاتقىلى، ھېچكىمگە كۆڭۈل تاشلىماي پاك ياشاۋاتقىلى مانا توپتوغرا 16يىل بوپتۇ، قىز بولۇپ رەسىدە بوسۇغىسىغا ئاتلىغاندىمۇ، تالاي سۆيگۈ خەتلىرىنى ئوقۇپ، كۆيدۈرگەندىمۇ، مەھەللىدىكى ئالىقاناتلار كەينىگە ئەگىشىپ خېلى ماڭغانلاردىمۇ ئۇنىڭ يۈرىكى بۈگۈنكىدەك تىترىمىگەن، كۆزى بۈگۈنكىدەك كۈلمىگەن، يۈرىكى بۈگۈنكىدەك ئوينىمىغان..... بۈگۈن ھېلىقى شۇڭقار كەبى قوشۇما بىلەن بۈركۈت كەبى كۆز ئايپەرىنىڭ ھەممە ھەممە جىمجىتلىقىنى بۇزىۋەتتى.... ئۇ ئەمدى ئۇيقىدىن بىزار بولدى، ئۇنىڭ كاللىسىنى شۇنچە تېز شۇ سىيمالار ئىگىلەپ بولدى... ياق! بۇ قانداق بولغىنى؟ بەلكىم ئۇ بالىنىڭ شەھەردە مۇھەببىتى باردۇ؟ بەلكىم باشقا بىرىنىڭ ئاشىقىدۇ؟ بەلكىم ئۇنىڭدەك كېلىشكەنلەرگە ئەگىشىپ يۈرگەن قىزلار كۆپتۇ؟ ئايپەرى نېمىسى بىلەن ئۇنىڭغا ئېرىشەلەيدۇ؟ ساپ كۆڭلى بىلەنلىمۇ؟ لېكىن ئۇ ئوغۇل بالىنىڭ ئۆزىگە كۆڭلى بولمىسىچۇ؟ ئەگەر ئۇ شەھەردىكى شاللاقلىقلارنى ئۆزىگە يۇقتۇرىۋالغان بولسىچۇ؟ كۆرىنىشتىغۇ خېلى تۈزۈك كۆرىنىدۇ.....
بايا كۆل بويىدىكى ئۆز ئۆزىگە دېگەن سۆزلەرنى شاماللار ئۇنىڭغا يەتكۈزگەندىمۇ؟ يۇپۇرماقلار شىۋىرلىغاندىمۇ؟ مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىلا ئويلايمەن؟ نېمە ئۈچۈن؟ مەن مۇشۇنداق قىزمىتىم؟ مەن مۇشۇنداق ئادەممىتىم؟ ئۆزۈم چۈشەنمىگەن ئادەمگە كۆڭۈل بېرىپ مەن ساراڭمۇ؟....
ئالىمنىڭ كۆڭلى قانچە قالايمىقان بولسا ئايپەرىنىڭ تېخمۇ قالايمىقان ئىدى.... ئۇلار بىر-بىرىنى يوشۇرۇن ئەسلەۋاتاتتى، بايىقى سۆھبەتنى قايتا-قايتا زىكرى قىلىۋاتاتتى... كۆزلىرىنى يۇمۇۋېلىپ يەنە بىر جۈپ كۆزلەرنى ئەسلاۋاتاتتى....
ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆز ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، قەلىپ سىرى كۆزدە ئۆزىنى ئاشكارە قىلىپ قويىدۇ، تىل يالغان سۆزلسىمۇ كۆز يالغان سۆزلمەيدۇ.... شۇڭا كۆز بارلىق مۇھەببەت ھېكايىسىنىڭ باشلانمىسى، كۆز ئارقىلىق ئاشىق-مەشۇقلار بىر-بىرىنىڭ قەلب قەسىرىنى تاماششا قىلىشىدۇ... ئەنە قاراڭ! ئۇ ئىككى ياشقا! تېخى ئەمدىلا 16-17نىڭ قارىسىنى ئالغان غۇنچىلەرنىڭ يۈرىكىدە يەنە بىر مۇھەببەت دەپ نوتىنىڭ شاخلىشىنى كىممۇ ئويلىسۇن؟ يۈرەككە تالىق ئىشلارنى ئۇلارنىڭ چۈشىنىدىغانلىقىنى كىم بىلسۇن؟ ئۇلار ئۆزىمۇ بىلمىسە... ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشقنى شۇنداق سالىدىغان ئوخشايدۇ، تېخى بىر قېتىملا كۆرۈشۈپ بىر-بىرىنى خالايدىغان بولۇپ قالغىنىنى كۆرمەمسىز بۇ شۇمتەكلەرنىڭ! شۇنداق جاھان ئىكەن بۇ.... مۇھەببەت ئېيتىشنى بىلەلىگەنلەر ئۈچۈن مۇڭغا تولغان گۈزەل سېمفونىيە.... بىلەلمىگەنلەرگە بولسا ئازابلىق ماتەم مۇزىكىسى.... بۇ ئىككى ياشنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەر كېلەر؟ ئەتىسى، ئۆگىنى قانداق ئۆتەر؟ ئۇلار مۇھەببەتنى چۈشىنەرمۇ؟ مۇھەببەت..... ئۇ ھەقىقەتەن مەڭگۈلۈك تېما!

تۇنجى مۇھەببەت خېتى

" ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەلىب بېغىمنىڭ يېگانە بۇلبۇلى، قەلب قەسىرىمنىڭ يېگانە ئىگىسى ئايپەرى...
ئاللاھ جىسمىڭگە ئوخشاش روھىڭنىمۇ گۈزەل، ئىسمىڭنىمۇ گۈزەل يارىتىپتىكەن سېنى....
مەن بۇ خەتنى شۇنچە جۈرئەت بىلەن، شۇنچە ئويلاردىن كېيىن يېزىۋاتىمەن، سېنى ئەسلەپ، ياق ياق ئىككىمىزنى ئەسلەپ ئولتۇرۇپ، كەلگۈسىمىزنىڭ پارلاق شۇنداقلا تۇتاش بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەپ ئولتۇرۇپ يېزىۋاتىمەن... قەلىمىم شۇنچە ئىتتىك قەغەز يۈزىدە ئىز قالدۇرۇپ مېڭىۋاتىدۇ، قەلبىمنىڭ سادالىرىنى توختىماي ساڭا پىچىرلاۋاتىدۇ، سېنىڭ ھىدلىرىڭنى سېغىنىۋاتىدۇ... يۈگەنسىز قەلەمنىڭ قانداق بىمەنە سۆزلەرنى تىزىدىغىنى ماڭا نامەلۇم...
سېنى تۇنجى كۆرگەن كۈنۈمدىن باشلاپ سېنىڭ بىر جۈپ ئوتلۇق كۆزۈڭ، سېنىڭ نازۇك قامىتىڭ بولۇپمۇ سەمىمىيلىك، ساددىلىق، شۇنداقلا ئالىيجانابلىق قاپلاپ تۇرغان كۆڭلۈڭ مېنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى، مەن بۇ مەپتۇن بولۇشنى كىنولاردىكى رومانتىك مۇھەببەتكىمۇ، كىتابلاردىكى ئازابلىق ئىڭراشلارغىمۇ ئوخشاتقۇم كەلمىدى... سېنى تۇنجى مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە بىرىنچى قېتىم ئۇچراتقىنىم ئېسىڭدىمۇ؟ مەن شۇ مېنۇتنى بىر ئۆمۈر ئۇنتىيالمايمەن... شۇ كۈنى كەچتە كۆل بويىدىكى سۆھبىتىمىزچۇ؟ سېنىڭ ئۆيۈڭلار تەرەپكە قاراپ يۈگەرگەن قامىتىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇيالمايمەن... سېنىڭ سىيمايىڭ مېنىڭ قەلبىمدە سىزىقلىق....
شۇ كۈنى كۆل بويىدىكى ئۇچرىشىشتىن كېيىن ھەر ئىككىمىز ئاستا ئاستا بىر بىرىمىزنى تونۇشقا باشلىدۇق، سەن مېنى تونىدىڭ، مەن سېنى تونىدىم. ھەر كۈنى مەكتەپكە بىرگە باردۇق، بىرگە قايتتۇق... مەكتەپتە مەن سىنىپ باشلىقى، سەن ئۆگىنىش باشلىقى بولۇپ ھەمكارلاشتۇق، سېنىڭ ئۆگىنىشتىكى ئەستايىدىللىقىڭ مېنى ھەيرەتتە قالدۇرسا، زېھنىڭنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ئەخلاقىڭنىڭ دۇرۇسلىقى مېنى قول قويدۇردى. سەن سىنىپتا ھەممىنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ قالدىڭ. مەن بولسام ساڭا ئۆگىنىشتە ياندىشىپ ياخشى ساۋاقداش، شۇنداقلا دوست بولۇپ قالدۇق. سەن مەندىن سەمىمىيىتىڭنى ئايىمىدىڭ، مەن بۇنىڭدىن شۇنداق خۇشھال. سىنىپتىكى باشقىلارنىڭ ئىككىمىزنى سىنىپنىڭ گۈلى دېيىشكىنىنى ئاڭلاپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئەگەر خالىساڭ بىز بىر جۈبلەردىن بولۇپ ئۆتەيلى... مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن...
مەن بۇ سۆزلەرنى تولىمۇ ئۇزۇن ئويلىنىپ يازدىم، بۇ سۆزلەرنى دېگەندىن كېيىنكى ئۆز مەسئولىيىتىم، زىممەمدىكى يۈكنى دەڭسەپ بولۇپ يازدىم، مەن بۇنى ھەرگىز بىردەملىك ھېسيات دەپ قارىمايمەن. مانا، بىز ھازىر تولۇق ئوتتۇرا ماكتەپتە ئوقۇۋاتىمىز، كەلگۈسىمىزنى ئويلايدىغان ۋاقتىمىز كەلدى... سەن بۇ بالا ئېلىشىپ قالمىغاندۇ؟ دەپ ئويلىساڭمۇ مەيلى، لېكىن مەن بۇ تۇنجى مۇھەببەت خېتىمدا ھەممىنى دەيمەن، پەقەت تۇنجى ۋە ئەڭ ئاخىرقى مۇھەببەت خېتى سۈپىتىدە ئەقىدەمنىڭ مېۋىسى دەپ ساقلىشىڭنى سورايمەن.
ئەمدى مەن ئۆزەمنىڭ پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقاي، ياق ئىككىمىزنىڭ پىلانى(مۇشۇنداق دېيىشىمگە يول قوي)
بىز ھازىر تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتىمىز، يەنە ئىككى يىلدىن كېيىن ئالىي مەكتەپ ھاياتىغا يۈزلىنىمىز، لېكىن مەن بۇ يولغا ماڭمايمەن، ھەممە ئادەم بىردەك ئېتراپ قىلغان، يەنە بىردىنبىر چىقىش يولى قىلغان بۇ يولنى مەن باسمايمەن، تولۇق بىرىنچى يىللىقتا يوقۇرى يىللىقلارنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق خۇلاسە ئىمتاھاننى بىراق بەرگىلى بولىدىكەن، مەن مۇشۇنى تاللىدىم، تولۇق ئوتتۇرا پۈتتۈرۈش دېپلومى يوقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىم گۇۋاھنامە ھېسابلىنىدۇ، ئاندىن ئېنگىلىزتىلى ئىمتاھاندا مەلۇم دەرىجە ئىمتاھانىدىن مەلۇم نومۇر چېكىدىن ئۆتسىلا چەت ئەلدىكى ئالىي مەكتەبلەر تالىشىپ تۇرۇپ ئالىدىكەن، مەن مۇشۇ يول بويىچە مېڭىپ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇماقچى....
بۇ ئويۇمنى باشتا ئاتام ئەخمىقانىلىق دېدى، كېيىن ياخشى چۈشەندۈرىشىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قوشۇلدى، ھازىر پاسپورتقا يول مېڭىۋاتىدۇ.... ئاللاھ خالىسا كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا چەتكە چىقىپ ئوقۇش مۇساپەم باشلىنىدۇ.
ئەمدى مېنىڭ ساڭا بۇ خەتنى يېزىشىمدىكى سەۋەب، سېنى بۇ يولدا بىللە مېڭىشقا چاقىرىش. سەن تولۇق ئوتتۇرىنى ئوقۇيسەن. ئوقۇپ بولۇپ دېپلومنى ئېلىۋالغىچە مېنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئوقۇشۇم بىر تەرەپ بولۇپ بولىدۇ. ھەم ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى شۇ بولسا، پىلانىم بويىچە بىر ئالىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىنى ئاتلاپ بولىمەن. ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ شۇ چاغدا ئۆز جېنىمنى ۋە سېنىڭ جېنىڭنى بېقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ قالىمەن دەپ ئويلايمەن. ئاندىن ئىككەيلەن بىللە چەتتە ئوقۇساق. سەنمۇ ئۆزۈڭ خالىغان كەسىپتە، مەنمۇ ئۆزۈم خالىغان كەسىپتە....
مەن ئەلۋەتتە سېنى مەسئولىيەت، مەجبۇرىيەت ئېڭى ئويغاق، ئۆزلۈك كىملىك ئېڭى يېتىلگەن غورۇرلۇق قىز، شۇنداقلا خېلى چوڭقۇر نەزەرلەر بىلەن ئەتراپقا باقالايدىغان قىز دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مېنىڭ ئاتالمىش سۆيگۈ مەكتۇپلىرىغا ئازراقمۇ ئوخشىتالماي، دەبدەبىلىك قەسەملەرنى قىلالماي، ئەخمىقانىلەرچە يېزىلغان بۇ مۇھەببەت خېتىمنى قوبۇل قىلىدۇ دەپ ئويلايمەن. ھەمدە سېنىڭمۇ مېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭغا ئىشىنىمەن....
شۇنى ئۇنۇتما، ھەر قاچان ھەر زامان كاللاڭدا شۇ نامايەن بولسۇن: ئالىم ياقۇبنىڭ سۆيگۈ قەسىرىدە ئايپەرىنىڭ ئىسمىدىن باشقا ئىسىم يوق! ئالىم ياقۇبنىڭ كۆزىدە ئايپەرىدىن باشقا قىزنىڭ سىيماسى يوق! ئاللاھ خالىسا ساڭا بولغان ئەقىدەم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ! بۇ خەت بىلەن ئۆز يۈرۈگۈمنى ساڭا ئامانەت قويدۇم، ئەگەر لايىق كۆرمىسەڭ مېنىڭ يۈرۈكۈمنى تىلەپ كەلگەنلەرگە بېرەرسەن....
دەپ: ئالىم"

ئايپەرى مامۇق كۆرپىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مۇڭسىراپ، ھاياجان ئىچىدە ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشتى، ئاھ! ئۇنىڭ يۈرىكىنى ئاللىقاچان ئېلىپ كەتكەن بىرىنىڭ ئۆزىگە يازغان مۇھەببەت خېتى ئالدىدا تۇرۇپتۇ... ئايپەرى ئويلاشقا باشلىدى....
ئالىمنىڭ دېگىنى قانداق بولار؟ مېنىڭغۇ شۇنداقلا بولسا ئۇنىڭغا ھە دېيىشكە شۇنداق ئالدىرىغۇم بار... توۋۋا نېمە بولغاندىمەن؟ كىشىنىڭ مەيلىنى بىرى ئىگەللىۋالسا مۇشۇنداق بولامدىغاندۇ؟ بۇ بىر مەزگىل ئىچىدە ئالىم قانداق قىلىپ ئايپەرىنىڭ قىزغىنلىقى، ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرىۋالدى؟ شوخ چاقچاقلىرى بىلەنمۇ؟ تەقى تۇرقى بىلەنمۇ؟ قابىلىيىتى بىلەنمۇ؟ باشقىلار چۈشىدىمۇ ئويلاپ يېتەلمەيدىغان بايلىقى بىلەنمۇ؟ ياق! ساپ كۆڭلى بىلەن... سەمىمىيلىگى بىلەن. ئايپەرى ئەمدى ئۆمرىدە ئۇنىڭدەكتىن ئىككىنچىسىنى ئۇچرىتالماس ھە؟~ ئۇ ھەقىقەتەن ئېسىل يىگىت....
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، ھەيران قېلىۋاتامسىز؟ تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان بۇ بىر نەچچە قۇردىن ئەجەبلىنىۋاتامسىز؟ مەن ئەمدى سۆزلەي... شۇنداق، شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كېيىن ساقمۇ ساق بىر يىل ئۆتتى، ئالىم ئايپەرىلەر تولۇقسىز ئىمتاھاندا ئالامەت نومۇر بىلەن ۋىلايەت بويىچە ئادەتتىكى سىنىپلار بويىچە ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى، ئالىم بىرىنچىلىكنى، ئايپەرى ئۈچىنچىلىكنى... ھەر ئىككىلىسىگە ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىن چاقىرىق كەلدى، لېكىن ئۇلار ۋاز كەچتى، شۇنداق قىلىپ مانا تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئايپەرى يېڭى تارقىتىلغان كىتابلىرىنىڭ ئىچىدىن ئالىمنىڭ ئۆزگىچە مۇھەببەت خېتىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ....
ئالىم غەيرەت شىجائەتلىك يىگىت( ئايپەرىنىڭ خىيال دۇنياسىغا يەنە قايتىپ كېلەيلى) لېكىن ئۇ جان بېقىشنى بەك يۈزەكىي چۈشىنىپ قالدىمۇ قانداق؟ ئۇنىڭدا راستىنلا شۇنداق ئىقتىدار بارمۇ؟ ئايپەرىنىڭ قۇلىقىغا شۇنداق بىر سادا كەلدى" ھوي كالۋا! ئىككىلىنىشنى قوي، بۇ ساڭا بىر پۇرسەت، ئۇ ياخشى يىگىت، سېنىڭمۇ كۆڭلۈڭ بار، ئۇنىڭمۇ ھەم، يەنە بىردىن ئۇنىڭ ساڭا مۇھەببىتى چوڭقۇر...." ئايپەرى بۇ سادالارنى تەستىقلىدى دە. كۆزلىرىنى نەمدەپ تۇرۇپ مۇنۇ خەتنى يېزىشقا باشلىدى....
"ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
ئاللاھنىڭ سالىمى ۋە رەھمىتى بولسۇن...
خەتنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئالدى بىلەن كۈلدۈم، ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇدۇم، ئاندىن ئېسىمنى يىغىپ ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇدۇم، ئاخىرىدا تولىمۇ چوڭقۇر خىيال دۇنياسىغا غەرق بولدۇم...... ئەلۋەتتە، مەن ئەمدى بۇ خەتتە نازلىنىپ، خۇيلىنىپ ئولتۇرمايمەن، بۇنداق قىلىدىغىنىمنى سەنمۇ ياخشى بىلەرسەن... بۇنداق دېگىنىم ئۆزۈمنى ھاياسىزلاردىن دېگىنىم ئەمەس. ئاللاھ ساقلىسۇن... ئەمدى بىز كىچىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۇنداق ئاتالمىش رومانتىك كۆيدۈم پىشتىم دېگەنلەرگە ئانچە قىزىقمايمەن، پەقەت ساپ ئەقىدە، ۋە تۆلەنگەن بەدەل بولسىلا كۇپايە....
توغرا، ئالىم مەن سېنى ياخش كۆرىمەن. بۇنى ئۆزۈممۇ ئېتراپ قىلىمەن. ھەم بۇنىڭدىن ئۆزۈمنى تولىمۇ پەخىرلىك ھېس قىلىمەن. سەندەك ساپ نىيەتلىك، ئىمان ئېتىقادلىق، ھايالىق ۋە زېھنى ئۆتكۈر شۇنداقلا مېنى سۆيىدىغان بىرىگە ئۆز كۆڭلۈمنى بېرەلىگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن. ئاللاھنىڭ ماڭا شۇشۇنداق بەخىت ئاتا قىلغىنىغا كۆپ تەشەككۇرلەر ئېيتىمەن. ئەمدى مەقسەت: دېمەكچى بولغىنىم پەقەت بىرلا... رازىلىقىمنى ئالدىڭ، دېمەك مەن سېنىڭ. سەن نېمە دېسەڭ شۇ، سېنىڭ كەينىڭدىن بىر ئۆمۈر سوكۇلداپ ماڭساممۇ رازىمەن. مەندىن كۆڭلۈڭنى ئايىمىساڭلا! مېنى بەك ئۇزۇن تاشلىۋەتمىسەڭلا! مەن ساڭا پايلىمايمەن، بىلىسەن، مەن ساڭا قىيالمايمەن....لېكىن دېگىنىڭدەك بولسا يەنى بۇ بىر مەۋسۈمدە پۈتۈن خۇلاسسە ئىمتاھاننى بەرسەڭ ئۇنداقتا مەن سېنىڭ كۆڭلۈڭنى بۆلمەي... لېكىن ياخشى بەر، ياخشى تەكرار قىل، بىز ئەمدى بىر سىنىپ ئەمەس، شۇڭا ئۆزۈڭ يالغۇز... لېكىن ئامالىمنىڭ بارىچە تىرىشىمەن، سەن كۈلسەڭلا بۇ مېنىڭ تەسەللىيىم، ئۆزۈڭگە بەك بېسىم قىلىۋالما، بۇ يىل بولمىسا كېلەر يىلى بار!
سېنى مەڭگۈ سۆيۈپ، سېنى كۈتۈپ:
سۆيگۈنىڭ ئايپەرى"

ئالىمنىڭ قولى تىترەپ كەتتى... قولى ئەمەس يۈرىكى... بىر قىزنىڭ ئۆز ئىختىيارىنى بىراۋغا تاپشۇرىشى ئاسانمۇ؟ ئەمدى ئالىمنىڭ مەجبورىيىتى ئېغىر.... ئۇ ئەمدى ھەسسىلەپ تىرىشمىسا بولمايدۇ.
تولۇق ئوتتۇرا مەكتاپ ھاياتى تولىمۇ قىزغىنلىققا، ھاياتىي كۈچكە شۇنداقلا گۈزەل ئارزۇ ئارمانلارغا تولغان ھايات بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ياشلارنىڭ دۇنيا قارىشى، كىشىلىك ھايات قارىشى، تۇرمۇش قارىشى، ئۆزلۈك كىملىك ئېڭى مۇشۇ مەزگىلدە يېتىلىدۇ ياكى تاكامۇللىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر دەۋىركى چىڭ تۇتسا كېيىن كۈلىدىغان، بوش قويۇۋەتسە كېيىن يىغلايدىغان...
ئالىمنىڭ دەرس پىلانى شۇنچىلىك جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا ئىدى، 10پەندىن ئىمتاھاننى بىراق بېرىپ خۇلاسە ئىمتاھاندا نەتىجە ئېلىش ئاسان ئەمەس ئەلۋەتتە...ئايپەرى ئالىمنىڭ دەرس تەكرارلىشىغا قولاي بولۇش ئۈچۈن چوڭ سىنىپتىكىلەرنىڭ كانسىپىك دەپتەرلىرىنى ئارىيەتكە ئېلىپ كۆچۈرۈپ ئالىمغا بېرەتتى، ئۇلار ئاساسلىقى دەرستىن چۈشكەندە بىللە تەكرار قىلاتتى، ئۇلارنىڭ سۆزلىشىدىغىنى پەقەتلا مۇھەببەت بولماستىن يەنە ئەدەبىيات، تارىخ، شۇنداقلا يېڭى يېڭى قىززىق ۋەقەلەر...

گۈزەل ساياھەت
شۇ تەرىقىدە كۈنلەر ئۆتىۋەردى، چارەكلىك ئىمتاھان، مەۋسۈملۈك ئىمتاھانلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن ئالىم بىلەن ئايپەرى قىشلىق تەتىلنىڭ ئىككىنچى كۈنى ئويناپ كېلىشكە پۈتۈشتى.
قارا قىش... 1-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئالىم ئەتىگەندىلا تۇرۇپ ناشتىلىقنى قىلىپ بولۇپلا ئاپىسىغا خوش دەپ قويغاندىن كېيىن مەھەللىسىدىكى يېقىن دوستى ۋەلىدىن موتسىكىلىتىنى ئارىيەتكە ئېلىش ئۈچۈن مېڭىپ كەتتى. بۇ قىزىل سۇزۇكى تولىمۇ كۆركەم ئىدى، ۋەلى ئاغىنىسىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن پاكىز يۇيۇپ، سۈرتۈپ قويغاندەك قىلاتتى، ئالىم رەھمىتىنى بىلدۈرۈپلا كۆل بويىغا ئايپەرىنى ئالغىلى ماڭدى. ئاپپاق قار ئاستا لەپىلدەشكە باشلىدى... كۆل بويىدا جۆرىسىنى ساقلاپ تۇرغان ئايپەرى كۈننى خاتا تاللىمىغانلىقىدىن سۆيۈندى.ئۇچىسىغا قارا قىشلىق چاپان، قولىغا پەلەي، سېپىۋالغان، تەنتەربىيە ئىشتىنى بىلەن ئاق رەڭلىك تەنھەرىكەت ئايىقى كىيىۋالغان بىرى قىزىل رەڭلىك موتسىكىلىتبنى چاپتۇرۇپ ئايپەرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختىدى.
_قېنى ماڭايلى...
_بۈگۈن ھەجەپ روھلۇققۇ؟
_ھاھاھا...
كۈلكە ئاۋازى بىلەن تەڭ موتسىكىلىت ئورنىدىن قوزغالدى، يېزا تولىمۇ گۈزەل ئىدى، ئاپئاق قار لەپىلدەپ چۈشىۋاتاتتى، ئالىم ئۇدۇللا ئامبارغا قاراپ يول ئالدى، ئامبار قىش كىرگەندىن كېيىن مۇز تۇتۇپ بىر مۇز تېيىلىش سورۇنىغا ئايلىناتتى، قېلىن تۇتقان مۇز كىشىگە ئاجايىپ ھۇزۇرلۇق مەنزىرە ئاتا قىلاتتى.....
ئالىم موتسىكىلىتنى بىر چەتكە توختاتتى. بۇنىڭغىچە ئايپەرى ئامبارنىڭ مەركىزىگە قاراپ چېپىشقا باشلىغانىدى....
_قېنى مېنى قوغلىمامسەن؟؟ھاھاھا~~
ئەتراپنى يارغىدەك بۇ كۈلكە ئالىمنىڭ قىزىققان ھۈجەيرىلىرىنى ئويغىتىۋەتتى، ئۇ راستلا چارچىغانىدى، ئەمدى بىر پۇرسەت چىققاندا راسا ئوينىمىسۇنمۇ؟

ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بولغان ئاپئاق قار ئاستا ئاستا لەپىلدەشكە باشلىدى.... ئەتراپ ئاپئاق، خۇددى ئىككى ياشنىڭ پاك مۇھەببىتىدەك.... ئالىم ئامبارنىڭ مەركىزىگە مەشۇقىنى قوغلاپ يۈگۈردى، مۇز...ئالىمنىڭ پۇتى ئاستىدىكى مۇز نېمىشقۇدۇر ئىسسىىقلىق قويۇپ بېرىپ ئالىمنى تولىمۇ تەرلىتىۋەتكەنىدى، ئۇ ئىسسىماقتا، يۈگۈرگەنچە، ماڭغانچە، مەشۇقىغا يېقىنلاشقانچە....
ئالىم ئۇنى تۇتىۋالدى، خۇددى بىر گۆھەرنى تۇتقاندەك ئاۋايلىدى، ئۇنىڭ ئالقانلىرى نامەلۇم ئوت تەسىرىدىن قىززىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنى يوقاتتى، بۇ چاغدا ئايپەرى تولىمۇ چاققانلىق بىلەن ئالىمنى چىرماقداپ يىقىتىۋەتتى، ئالىم ئۆزىنى ئوڭشىيالمايقالدى دە قاتتىق مۇز ئۈستىگە يىقىلدى...
شۇنداق، مۇشۇنداق قىلىپ ئۇ ئىككىسى خۇشال ئويناشقا باشلىدى، بىر بىرى بىلەن بىردەم قوغلاشماق ئوينىسا بىردەم بىر بىرىنى يىقىتىشتى، يەنە بىردەم مۇز ئۈستىدە تېيىلىشتى... بىر چاغ، بىرچاغلاردا ئىككىسى ئىختىيارسىز توختىدى، خۇددى چۈشتىن ئەندىكىپ ئويغانغان ئادەمدەك....ئىككى جۈپ ئالقان بىر-بىرىنى ئىسسىتىشتى، ئىللىق بىر خىل سېزىم ھەر ئىككى گەۋدىنىڭ كۆكرەك قەپىسى ئىچىدىكى قەلبىنى، ياق پۈتۈن جىسمىنى شۇررىدە ئېرىتىۋەتتى.... ئالىم خۇددىنى يوقاتقاندەك، خۇددى ئايپەرىنى قوينىغا سىڭدۈرمەكچى بولغاندەك ئاستا ئۆزىگە تارتتى...
_ بەس! ئەمدى يېتەر....
بۇ سۆز ئالىمنىقۇلىقىغا خۇددى بىر سىگنالدەك، جىمجىت ئاسماندا گۈلدۈرلىگەن چاقماقتەك ئاڭلاندى، ئۆز سۆيگىنىنىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنى رەت قىلغان بىر سۆزنى تۇنجى ئاڭلىدى...
_بولدى قىل ئالىم، مەنمۇ ھەم... ئەقىلنى ھېسيات يەپ كەتمىسۇن.... مېنىڭ ئەخلاقىمنى بۇلغىغۇم يوق... شۇنداق بىر كۈنلەر كېلەر، شۇ چاغدا مەن ئىختىيارىڭدا....
لېكىن ھازىر .... مەندىن رەنجىمە.... مەن پەقەت ساڭا يۈرۈگۈمنى ئىگەللەشكە رۇخسەت بېرىمەن، كۆڭلۈمگە، غەمخورلىقىمغا ئىگە بولىسەن... جىسمىم ھازىر ئۆزۈمنىڭ، مەن بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنىڭ تەسەللىي ئىزدەش، كۆڭۈل خوشى بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن...
ئاپرىن ساڭا! ئاپرىن ساڭا ئەي ئايپەرى، سەن ھەقىقەتەن يېڭى زامانىمىزدىكى كەم ئۇچرايدىغان شەرمى ھايالىق، ئەخلاقلىق ئۆزىنىڭ ھېسياتىنى كونتىرۇل قىلالايدىغان قىزسەن.... ساڭا ئاپرىن ئېيتالماي تۇرالمىدىم، سېنىڭ مۇھەببەتكە بولغان قارىشىڭدىن، بەزى قىزلىرىمىز روھىيىتىدىكى شەھۋەتپەرەسلىك، يەنە بەزىلەر قەلبىدىكى شەخسىيەتچىلىك ياكى بەزىلەر قەلبىدىكى مەلۇم پايدىنى كۆزلەشنقى قانچە قېدىرىپمۇ تاپالمىدىم... سېنىڭ روھىڭ شۇنچە پاك، سېنىڭ جىسمىڭ شۇنچە ساپ... بەلكىم سېنىڭ قەلبىڭدىكى ئىماننىڭ، كىچىكىڭدىن ئالغان دىنى تەربىيە ۋە گۈزەل ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ سەۋەبى، ئىپادىسى، ياكى ئۈنىمى بولسا كېرەك....
ئالىم چۆچىدى، كاللىسى سىلكەندى، روھى ئويغاندى، نېرۋا ھۈجەيرىلىرى جىددى ئىشقا كىرىشتى، ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن خىجىللىق ھېس قىلدى، تۇنجى قېتىم ھېسياتنىڭ كەينىگە كىرىپ قالدى، ئۆزىنى بۇ خاتالىقتىن توسۇپ قالغان ئايپەرىگە ئىلگىرى مۇھەببەت نەزىرىدە قارىغان بولسا، ئەمدى ھۆرمەت نەزىرىدە قارىدى... ئۇنىڭدەك قىزدىن يەنە قانچىسى تېپىلار ھە؟
_مەن.... مەن.... مەن نېمە دەپ رەنجىگىدەكمەن؟ ھەممىسى مېنىڭ خاتالىقىم....
_ ھاھا! كالۋا، مۇنداقلا سەپ قويسام  .....
ئايپەرى ئالىمنىڭ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىنى كۆرۈپ چاقچاق قىلدى....
_قورسىقىڭ ئاچتىمۇ؟_ئايپەرى ئۇلاپلا سورىدى...
_ئازراق...
_ئەتىگەن تۇخۇم پۇشۇرغان...
ئالىم ئايپەرى سۇنغان تۇخۇمدىن ئۆزىگە بولغان بىر خىل مۇھەببەت، ياكى غەمخورلۇقنى كۆرگەندەك بولدى....
................
_ئويۇنغا قاندىڭمۇ؟ ۋاقىتمۇ بىر يەرگە بېرىپتۇ، قايتايلىمۇ؟
ئالىم بېشىنى لىڭشىتتى دە موتسىكىلت تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى....

ئالىم ئۆيگە قايتىپ كېلىپ ناھايىتى چوڭقۇر ئويلاندى، ئويلىغانچە ئۆز ئۆزىدىن نومۇس قىلدى، ئۇ ئەسلىي بۇنداق ئەمەس ئىدى، لېكىن بۇ قېتىم ئايپەرىنىڭ ئالدىدا بەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، ئۇ يەنە ئويلىدى، جەمىيىتىمىزدىكى بارلىق قىزلار ئايپەرىدەك ئىمانى بار، ھايالىق ئەخلاقلىق بولغان بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە؟ قىزلارنىڭ بۇزۇلىشى، نادانلىقى جەمىيەتنىڭ بۇزۇلغانلىقىنىڭ، نادانلىققا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى، كوچىدا يېرىم يالىڭاچتەك كېتىۋاتقان قىزلارغا قاراپ تامىقىڭىزنى چاكىلداتقان بولسىڭىز ئۇنداقتا ئۆزىڭىزنىڭ غۇرۇرىغا قىلىنغان چاقچاق، ئەگەر كوچىدا مەلۇم قىزلار سىزگە قاراپ قېشىنى ئاتقاندا، تەبەسسۇم بىلەن كۈلگەندە سىز ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىغان بولسىڭىز ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ ۋىژدانىڭىزغا سېپىلگەن يۇندا.... يۇرت قىزلىرىنىڭ بۇزۇلغانلىقى، شۇ يۇرت ئوغۇللىرىنىڭ نامەرتلەشكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.... ئالىم شۇلارنى ئويلاپ بولۇپ ئايپەرىنى قايتا ئويلاشقا باشلىدى... ئۇ ھەقىقەتەن ئايدەك پەرى~ <ئۇ مېنىڭ پەرىشتەم....> ئالىم شۇنداق دەپ پىچىرلىغىنىچە كۆزىنى يۇمدى... قانچە تېز يۇمغان بولسا يەنە شۇنچە تېز ئاچتى، ھازىر ئېزىلمىلىك قىلىدىغان ۋاقىت ئەمەس... ئۆگىنىدىغان ۋاقىت، خىيال سۈرىدىغانغا كېيىن ۋاقىت جىق، لېكىن بۇنداق ئالتۇندەك تەتىلنى قۇرۇق ئۆتكۈزىۋېتىشكە بولمايدۇ... ئالىمنىڭ كۆزىدىن بۇ قېتىم مۇڭلۇق ياكى ھاياجانلىق ئۇچقۇنلار تۆكۈلمەستىن بەلكى قەتئىيلىك ئۇچقۇنلىرى چاچرىدى...
تەتىل، ئالىم تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى، كېچىلىرى ئاز ئۇخلاپ، كۈندۈزلىرى ئاز ئارام ئېلىپ تەكرارنى داۋاملاشتۇردى... ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرگەن ئانىسى تولىمۇ خۇشال ئىدى، ئانا شۇنداق ئۇلۇغ ئىنسان، پەرزەنتى ئۈچۈن ئۈن تىنسىز كۆيىنىدىغان... ئانىسىنىڭ ئەتىگەندە بىر ئىستاكان سۈتنى تەكرار ئۈستىلىگە قويۇپ قويغىنىنى كۆرگەندە، ھەر كۈنى چۈشتە قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى قىلغىنىنى كۆرگەندە، كەچتە ئۇخلاي دەپ قالغاندا كىرىپ يوتقاننى يېپىپ قويۇپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرگەندە، كېچىلىرى كىرىپ كۆمۈرنى كۆپرەك قالاپ قويغىنىنى كۆرگەندە ئالىم قانچە خۇشال بولغاندۇ ھە؟ ئانىسىنىڭ ھەققىگە قانچە دۇئالارنى قىلغاندۇ؟ ئانىسىغا قانچە تەشەككۇرلارنى ئېيتقاندۇ؟....
ئوخشاش رېتىمدا تەتىل كۈنلىرى بىر-بىرنى قوغلاپ ئۆتىۋەردى....ئالىم بۇ تەتىلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىنىدىن تولىمۇ مەمنۇن ئىدى، ئۇ ئىككىسى تەتىل مەزگىللىرىنىڭ مەلۇم كەچلىرى كۆل بويىدا ئۇچراشقاننى ھېسابقا ئالمىغاندا تولىمۇ ئاز مۇڭداشقانىدى... شۇنداق قىلىپ ئالىم ئۆزىنىڭ ئاخىرقى تولۇق ئوتتۇرا ماكتەپ ھاياتىنى باشلىۋەتتى.... ئۇ تولىمۇ قىيىن ئۆتكەل بولغان خۇلاسسە ئىمتاھانغا، يەنە كېلىپ چوڭ سىناق بولغان سۆيگىنىدىن ئايرىلىش ئازابىغا دۇچ كېلىش ئالدىدا تۇراتتى.....


ئالىمنىڭ يېڭى ھاياتى

قاراڭغۇ تۈننىڭ قېنىق تونىغا ئورالغان كېچە، جىمجىت، ئەتراپ خۇددى بارلىق ھاياتلىق ئۈنلىرىنى يوقاتقاندەك خىلۋەت...
مەيىن شامالنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرىگە جاۋابەن قىرغاققا ئۇرۇنىۋاتقان سۇلار كۆل بويىدىكى ئىككى سايىنىڭ پۇتلىرىنى سىيپاپ ئۆتمەكتە. بىر بىرىگە ياندىشىپ ئولتۇرغان بۇ قامەتلىك ۋە نازاكەتلىك ئىككى سايە يۇلتۇزلارنىڭ خىرە يورۇقىدا ئىيۇل ئايلىرىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلماقتا...
ـ نېمىدىگەن گۈزەل! خۇددى ھەممە نەرسە قېتىپ قالغاندەك... - نازۇك، ئەمما تىترەك چىققان بۇ ئاۋاز جىمجىتلىقنى بۇزدى - نېمە ئويلاۋاتىسەن؟
ـ مەنمۇ؟ نېمىنىمۇ ئويلاي... يەنە شۇ كەلگۈسىمىزنى، بۇندىن كېيىنكى ئىشلارنى ئويلاۋاتىمەن... - بۇقېتىمقى ئاۋاز شۇنچە مەيۈس، لېكىن شۇنچە ھاياجان ئىچىدە چىققان بۇ سادا ئاسماندىكى بىر ئىككى چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزنىمۇ ئويغا چۆمدۈرگەندەك قىلاتتى...
ـ بولدىلا! ھەمىشە شۇنداق ئازابلىق، تېگى يوق ئىشلارنى ئويلايدىكەنسەن، مەنچۇ ئۆتمۈشتىكى گۈزەل چاغلارنى ئەسلەۋاتىمەن...
_راست! شۇنداقمۇ گۈزەل، غەمسىز چاغلارمۇ بولغان - ھە!
_نېمە ئۇنتۇپ قالمىغانسەن؟
_ئۇنتۇغىلى بولامدۇ؟
_بولدى، بولدى، ئوغۇلبالا تۇرۇپ يىغلايلا دەيسەنغۇ؟ مەن چېغىمدا....
ياق، ئايپەرى قانداقمۇ يىغلىمىسۇن؟ بۇ چاغدا ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئىسسىق ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشمەكتە ئىدى.... ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنى تۇتىۋالالىسۇن؟ قايسىبىر ھەقىقىي ئاشىق مەشۇق ئايرىلىش ئالدىدا كۈلەلىسۇن؟ بۇ ئالىم خۇلاسسە ئىمتاھانلارنى ئوڭۇشلۇق بېرىپ بولغان، مەۋسۈملۈك ئىمتاھان نەتىجىلىرى چىقىپ بولغان، سىنىپتىكىلەر ئۇ ئىككىسىنىڭ نەتىجىلىرىگە قاراپ ھەۋەسلەنگەندىن كېيىنكى، ياقۇبباي ئوغلىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن مەكتەپ ئۇقۇشىۋاتقان، ئايپەرى يىغلاپ، يىغلاپ ئۆتكۈزگەن بىر نەچچە كۈندىن كېيىنكى بىر ئاخشام ئىدى، ئەمدى ئەتە ئالىم كېتەتتى، ئايپەرىنىڭ كۆزىدىن ئۇچاتتى، ئۇنىڭ يۈرىكىنى چوڭ چوڭ سومكىلاردىكى يۈك تاقلارنىڭ ئىچىگە سولاپ ئېلىپ ماڭىدىغان پەيتلەر، بىر جۈپ كۆزلىرى، قامەتلىك بەستى، شېرىن سۆزلىرى، يېقىملىق كۈلۈمسىرەشلىرى پەقەت ئايپەرىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت ئەسلىمىسىگە ئايلىنىپ قالىدىغان كۈنلەر يېتىپ كەلگەنىدى... ئۇ يەنە كۆزلىرىدىكى ياش كەلكۈنىنى توسۇپ قالالىمتى؟ ئۇنىڭدا بۇنداق غەيرەت مەۋجۇتمىدى؟
ئارىنى بىر پەس جىمجىتلىق قاپلىۋالدى.... خۇددى جاھاننىڭ بارلىق ئۈنلىرى ئۆچكەندەك.... ئارىدىكى جىمجىتلىقنى يەنە ھېلىقى نازۇك ئاۋاز بۇزدى:
_ئالىم.... _بۇ ئاۋاز تولىمۇ تىترەك، يىغا ئارىلاش چىققانىدى، ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ يەنە داۋاملاشتۇردى_ ئەمدى كەتسەڭ قاچان قايتىپ كېلىسەن؟ نەگە كېتىسەن؟ راسلا كېتەمسەن؟ سېنىڭ تۇنجى خېتىڭدىنلا بۇ كۈننىڭ ھامان بىر كۈن كېلىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ لېكىن بۇنچە تېز كېلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن، ئۆزۈمنىڭ بۇ كۈندە بۇنچە ئاجىز بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ئويلىماپتىمەن.... مەن.... ساڭا راستىنلا قىيالمايۋاتىمەن.... مەن...
_ بولدى سۆزلىمە.... مەن... مەنمۇ ئۆزۈمنى تۇتالمايۋاتىمەن... ئۆتۈنەي ئايپەرى، مېنى يىغلاتمىغىن! مەن يىغلىسام بولمايدۇ... مەن قەيسەر ئىدىمغۇ؟ مەن ھەممىنى ئۆزۈم تاللىغان، سەندىن بۇ ئايرىلىشنى مەن تاللىغان ئىدىمغۇ؟ يەنە يىغلايمەنمۇ؟ مەن.....
لېكىن ئالىمنىڭ كۆزىدىن كەپسىز ئىككى تامچە ياش سىرغىپ چۈشكەنىدى، ئۇ دەرھال باشقا ياققا بۇرۇلىۋالدى...
_ ئەمدى بىز ئايرىلىمىز ئايپەرى،_ ئالىم ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ گەپنى يەنە باشلىدى_ مەن كېتىمەن، مەن ئەمدى كۆزۈڭدىن ئۇچىمەن، لېكىن ئۇنۇتما، مەن يەنە قايتىپ كېلىمەن، بۇ .ايرىلىش مەڭگۈلۈك ئەمەس...(ئاللاھ خالىسا) مەن ساڭا قىيالمايدىغان بولساممۇ، سەندىن ئايرىلىپ ئۆتكۈزىدىغان كۈنلىرىم ھەقىقەتەن تەس بولسىمۇ، يۈرۈكۈم چىدىمىسىمۇ، سېنىڭ كۈلكەڭدىن سېنىڭ ئىزنالىرىڭ چۈشكەن جايلاردىن، سېنىڭ مەناغا تولغان كۆزلىرىڭدىن ئايرىلغۇم بولمىسىمۇ، شۇنچە، شۇنچە تەس بولسىمۇ لېكىن ئايرىلمىسام بولمايدۇ، ئىككىمىزنىڭ پىلانلىرى كۆپتىغۇ؟ ئىككىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق شۇنداققۇ؟ ئىككىمىز يەنە بىرگە بولىمىز، ئاندىن ئايرىلمايمىز شۇنداققۇ؟ قېنى ئىپادەڭنى بىلدۈر، ماڭا مەدەت بەر، ئاللاھدىن تىلە، نامازلىرىڭدا يىغلاپ يىغلاپ ئاللاھدىن ئۆزۈڭگە سەبىر تىلە، ماڭا ئىشىنىسەن، مېنىڭ ئۆزگەرمەيدىغانىمغا ئىشىنىسەن! شۇنداق ئەمەسمۇ؟ خۇددى مەنمۇ ساڭا ئىشەنگەندەك....
_ شۇ....نداق... مەن... مەن يىغلىمىسام بولاتتى، لېكىن ئالىم..........
_توختا، مەن دەپ بولاي. سەن ئېسىل قىز، سېنىڭ قەلبىڭ خۇددى ئۆزۈڭدەك گۈزەل، قارا كۆزۈڭ بۇنى ماڭا ئېيتىپ تۇرۇپتۇ، قېنى ئېيتە... سەن مېنى سۆيىسەن، مېنى ئەسلەيسەن، ماڭا ئىشىنىسەن... يۈرۈگۈمنى چىڭ ساقلايسەن، تىرىشىسەن ئىككىمىز ئۈچۈن شۇنداقمۇ؟ ماڭا ۋەدە بەر.... ماڭا قارا! مېنىڭ سېنى ئۇزۇنراق كۆرىۋېلىشىمغا رۇخسەت قىل... كۆزلىرىڭدىكى شېرىن سېزىمنى ئۇزۇنراق سېزىۋالاي، ماڭا قاراپ كۈلگىنىڭنى كۆرىۋالاي، مەن سېنى يۈرۈگۈمگە سىزىۋالاي.... رۇخسەت قىل! ماڭا قارىساڭچۇ؟.... ئۆتۈنەي، مېنى قىينىما...........
ئايپەرى ئېسىدىگىنىچە ئالىمغا قارىدى، ئۇنىڭ ئويناپ تۇرىدىغان بىر جۈپ كۆزى لىق ياشقا تولغانىدى، بۇ ياشلار تۇغانسىز ئېرىقتىكى سۇدەك توختىماي ئېقىۋاتاتتى. ئالىم كۆزلىرىنى چىڭ يۇمغىنىچە قىزنى باغرىغا باستى. بەلكىم بۇ ئاخىرقىسى ياكى تۇنجى باغرىغا بېسىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن... چۈنكى بۇ جان ئاللاغا ئامانەت...
قىز تېخىمۇ ئېسىدەپ كەتتى...
_ ۋۇ ساراڭ! شۇنىمۇ سورامسەن؟ مېنى بىلمەمسەن؟ مەن سېنى سۆيىمەن، پۈتۈن يۈرىكىم بىلەن، پۈتۈن ئىشقىم بىلەن سۆيىمەن، سېنى ساقلايمەن، ساڭا بولغان ئەقىدەمگە ئىشەن، مەن..... سېنى ....
ئالىمنىڭ كۆزلىرى ياش تەرىپىدىن نەملەندى. ئۇ ئاسمانغا قارىدى، سانسىز يۇلتۇزلار خۇددى ئىككىسىگە بەخىت تىلىگەندەك بىلىنىپ كەتتى... ئايپەرى ئۆزىنى ئوڭشىۋالدى. ئىككىسى يانمۇ يان ئولتۇرۇپ قىزغىن لېكىن ياشقا چىلاشقان سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇردى... مەيىن شامال كۆل سۈيىنى قىرغاققا ئۇرماقتا، يوپۇرماقلار شىلدىرلاشماقتا... ئەتراپ قاراڭغۇ.... ئايپەرى بىلەن ئالىمنىڭ بىر يىلغا ئاز كەم مۇھەببىتى مۇشۇنداق قىلىپ بىللە ئۆتىدىغان شېرىن ۋاقىتلارنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ھىجرانلىق كۈنلەرنى كۈتىۋالدى....
ھىجران.... نېمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق، تېخى غۇنچە بولۇپ يېتىلگەن مۇھەببەت ھىجراننىڭ تۈرلۈك سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەرمۇ؟ ئالىم يېڭى ھاياتىنى كۈتىۋالدى، ئەمدى ئۇ ئەتىدىن باشلاپ كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ تىرىشىشى كېرەك. تىرىشىشى كېرەك. توختىماي تىرىشىشى كېرەك، ئۆتمۈشنى ئەسلەپ ئازابلىنىشنىڭ، كەلگۈسىگە قاراپ خىيال سۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ئەمدى يوق، ئۇ ھەربىر كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكىزىشى كېرەك....

چەتئەلگە سەپەر
_ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاتا تېنىچلىقمۇ؟
_ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئوغلۇم. تېنىچلىق، ئۆزەڭچۇ؟
_مەنمۇ ياخشى، ھازىر مەن ئۈرۈمچىدە، شىركىتىڭلارنىڭ ئادەملىرى ئايروپىلان بېلىتىنى ئېلىپ بوپتۇ، كەچتە ئۇچىدىكەنمەن... گۇاڭجۇغا ئەپتۇ.
_ھە، بىلىمەن، مەن ھازىر گۇاڭجۇدا، سېنى ساقلاۋاتىمەن، سەن كەلسەڭلا دەرھال ماڭىمىز....
_قەيەردىن ئۇقۇشتۇڭ؟
_مالايىسىيادىن.
_ھە، ماقۇل ئەمىسە خەيرى خوش، ئاللاغا ئامانەت....
_ئاللاغا ئامانەت.
ئالىم ھېلىقى كۈنى كەچتە ئايپەرى بىلەن قانغۇچە مۇڭداشقاندىن كېيىن، ئۆيىگە قايتىپلا تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىپقىزىل بولۇپ كەتكەنىدى، ئەتىسى ئۇ ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ، سىڭىللىرىنى بولىشىچە سۆيۈپ قويۇپ، ئايپەرىلەرنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ئۇھسىنىىپ قويۇپ، دوسلىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلىشىپ ئوقۇش سەپىرىگە ئاتلاندى، شەھەردىن پويىزغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە چىقىش ئۈچۈن شەھەرگە قاتنايدىغان ئاپتۇبۇسنى ساقلاۋاتقاندا ئۇ ئايپەرىنىڭ تاش يول بويىدىكى سەي بازىرىغا يالغاندىن سەي ئالغىلى چىققىنىنى كۆردى دە، ئاپتۇبۇسقا چىققۇچە قويىنى پۇلاڭشىتىپ، يۈرىكىگە ئۇرغىنىچە ئاپتۇبۇسقا چىقىپ كەتتى، دەرىزىدىن ئايپەرىنىڭ يۈگۈرگەن قىياپىتىگە قاراپ:
_خەير، گۈزەل قىز.... _دەپ ئۇھسىنىپ قويدى. مانا ھازىر ئۇ ئۈرۈمچى بازارلىرىنىڭ ئەڭ قايناقلىرىدىن بولغان دۆڭكۆۋرۈكتە تۇرۇپ ئاتىسى بىلەن كۆرۈشتى. ئۈرۈمچى تولىمۇ گۈزەل شەھەر ئىدى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىقتىساد مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى، ئۇ دۆڭكۆۋرۈك بازىرىنى بىر قۇر ئايلىنىۋېتىپ، ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىگە ئاپرىن ئوقۇۋەتكەندىن كېيىن ئوغۇزخان يەر ئاستى بازىرى بىلەن كونسۇل كوچىسى تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.ئالدىنقى قېتىم ئۇ ئاتىسى بىلەن كەلگەندە ئاۋرال تاماقخانىسىنىڭ تامىقى تولىمۇ ياققانىدى. ئۇ ئاۋرالنى مەقسەت قىلىپ يۈرۈپ كەتتى.... تاماق يەپ بولۇپ يونىڭ ئۇ قېتىدىكى كىتابخانىدىن يولدا ئوقۇش ئۈچۈن يېڭى چىققان روماندى ئىككىنى سېتىۋالدى دە، بازارنى كۆڭلى تارتماي مېھمانخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئويلىدى....
ئۈرۈمچى شۇنچە چوڭ شەھەر، ئويناي دېسەم ئويۇن كۆپ، كۆرەي دېسەم مەنزىرە گۈزەل.... لېكىن نېمىشقىدۇر بۇ ئاۋات شەھەرنىڭ ئۆزىگە تارتىش كۈچى مېنى ئۆزىگە تارتالمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن كۆڭلۈم شۇ سەھرانى، توپىلىق يوللارنى تارتىدۇ؟ مەن....... ئەي ئايپەرى، سېنىڭ ھىدىڭ سىڭگەن يوللارنى بەكلا سېغىندىم.... مېنى ساقلا!
كەچ سائەت 8، ئۈرۈمچىدىن گۇاڭجۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان ئۈرۈمچى بوشلىغىدىن كۆتۈرۈلدى، ئالىم تولىمۇ مۇرەككەپ ھېسيات ئىلكىدە يەرگە قاراپ شۇنداق پىچىرلىدى، خەير خوش، يۇرتۇم، خەيرى خوش، بالىلىقىم، خەيرى خوش، سۆيگۈنۈم........ مەن ھامان بىر كۈنى قايتىپ كېلىمەن....

ئاسمان تولىمۇ ئېگىز، ئايروپىلان توختىماي ئۇچماقتا... خۇددى ئالىمنى يىراقلارغا ئۇچۇرۇپ كېتىدىغاندەك... ئۇنىڭ ئارمانلىرىغا تېزلا يەتكۈزىدىغاندەك.... ئۇنى يىراقلارغا تېزلا ئاپىرىپ تاشلايدىغاندەك... ئوخشاش ھاۋا، ئوخشاش يەرلەر، ئوخشاش بېشى يۇمىلاق، ئايىقى يېسى ئادەم، لېكىن نېمىشقىدۇر ئالىم ئۆزىنى باشقا دۇنياغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلماقتا... باشقىلار سۆزلەشكەن تىلنى ئۇ ئۇقسىمۇ لېكىن ھەممە ئۇنىڭ ئۈچۈن ياتتەك... ھەممە ئۇنىڭغا سوغۇق نەزەردە قاراۋاتقاندەك...
گۇاڭجۇ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم سودا بازارلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنىڭ بىرى... ئالىم ئۈچۈن ناتونۇش بولغان بۇ شەھەر كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، ئايروپىلاندا شۇنچە شەھەر ئەمەلىيەتتە شاۋقۇن سۈرەنگە تولۇپ تۇرغانىدى... ئۆتۈشۈپ تۇرغان سانسىز ماشىنىلار، قەۋەت قەۋەت ئاسما كۆۋرۈكلەر، يېشىللىققا پۈركەنگەن يول بويلىرى، ئېگىزلىكى ئاسمانغا تاقاشقان بىنالىرى ئالىمنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالغانىدى. گەرچە ئالىم بىر نەچچە چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ باققان بولسىمۇ لېكىن ئۇ شەھەرلەر گۇاڭجۇ قولىغا سۇمۇ قۇيۇپ بېرەلمەيتتى. گۇاڭجۇ كوچىلىرىدا ئالىم ئاندا-مۇندا ئۇيغۇرلارنى كۆرۈپ قېلىپ ئىختىيارسىز ھاياجانلىنىپ ماشىنا ھەيدەۋاتقان ئاتىسىدىن سورىدى:
_ بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار نېمە ئىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ؟ ئۇلار خېلى باركەنغۇ؟
_ ھەي بالام، نېمە دېسەم بولار... بۇ يەردە ھالال ئەمگىكى بىلەن جېنىنى بېقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئاز بولمىسىمۇ لېكىن يامان ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار كۆپ...
_ مەسلەن....
_مەسلەن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئاق سېتىش، ئۇيغۇر قىزلارنى ئۇسۇلغا سېلىش... ئىشقىلىپ  نۇرغۇن.... يامان ئىش دېگەندىكىن چۈشەنمەمسەن؟؟ شۇڭا بۇ يەردىكى كۆپلىگەن خەنزۇلار بىزگە يامان نەزەردە قارايدۇ....
ئاھ خۇدا! بۇ نېمە ئىش ئەمدى؟ ئالىم كاللىسىدىن ئۆتكۈزەلمىدى... شۇنچە چوڭ شەھەردە مۇشۇنداق ناچار كەسىپلەر بىلەن شوغۇللانمىسا بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزغا يەيدىغان نان چىقماسمۇ؟ ئۇلارغا شىنجايدا جان باققۇدەك ئورۇن چىقمىغاندىمۇ؟ تارىختىن بۇيان سەئىدخاندەك باتۇرلىقى، مەھمۇد قەشقەرىدەك ئەقلى، بىلىمى، ئاماننىساخاندەك بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن، فارابىدەك گۈزەل سۆزلىكى بىلەن، لۇتپۇللا، ئابدۇخالىقتەك.... مەرد مەردانىلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان مىللەتنىڭ ئەۋلادلىرى ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۆزىنىڭ ئوغرى بۇلاڭچىلىقى بىلەن باشقىلارنىڭ ئاغزىغا چىقىپ قاپتۇ، خەقنىڭ مەسخىرىسىگە قېلىپ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپتۇ.... ھەرقانداق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىبىڭ يۈرىكى بۇنىڭغا قاراپ ئېچىشمىسۇنمۇ؟ يۈرىكى پىچاق تىلغاندەك ئېچىشمامدىغاندۇ؟ ئالىم سىنىپىدا ئۆزىگە، يۇرتىدا ئائىلىسىگە، شەھەردە يېزىسىغا، ئۈرۈمچىدە شەھەرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىرەيلەنتى، ئەمدى بۇ يىراق يەرلەردە ئۇ شىنجاڭغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ۋەكىللىك قىلاتتى، كېيىن ئەگەردە چەتئەلگە چىققاندا ئەلۋەتتە بىر جۇڭگولۇققا ۋەكىللىك قىلاتتى بۇ يەردىكى ۋەكىللىك قىلىش دېگەن نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ ۋەكىللىك قىلغانىكەن ئەلۋەتتى ئالىمنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى، يۈرۈش تۇرۇشى، سۆزلىگەن سۆزى ئۆزى تەۋە شۇ قەۋىمگە، شۇ يەردىكى خەلىققە ۋەكىللىك قىلاتتى... ئۇنداقتا بۇ يەردىكى باشقا ئۇيغۇرلار شۇنداق بولسا.... ئۇلارنىڭ ئىش ھەرىكىتى ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلسا دېمەك بۇ يەردە خەنزۇلارنىڭ سوغۇق نەزىرىنىڭ جاۋابكارلىقىنى كىمدىن ئىزدەش كېرەك؟ يەنە شۇ ئۆزىمىزدىن............
ئالىم تېگى يوق خىياللاردا ماشىنىنىڭ نەلەرگە كېلىپ قالغىنىنى بىلەلمىگەنىدى، كۆزىنى ئېچىپ يول بويىدىكى بىر ئاشخانىنىڭ ۋىۋىسكىسىغا قاراپ كۆزلىرى چەقناپ كەتتى... <ئاكا ئۇكا ياسىنجانلار ئاشخانىسى> دېگەن بىر قۇر سۆز نۇرغان ۋىۋىسكىلار ئارىسىدا يىگانە مەنا ئاڭلىتىپ، بەلكىم ئۆزنىڭ مەۋجۇدلىقىنى ئىپادىلەپ تۇرغان بىر مىللەتنىڭ يېزىقى سۈپىتىدە چاقناپ تۇراتتى، ھەجەپ ئىش، ئالىم توم توم ئوقۇغان كىتابلارنى ئوقۇپمۇ ئۆز يېزىقىنىڭ تىلىنىڭ مۇنچە سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلمىغانىدى..... مانا بۇ ئانا يۇرتقا، يېزىق تىلغا بولغان ئەقەللىي سۆيگۈ بولسا كېرەك........
داۋامى....
ئالىم ئاتىسى بىلەن يۇرت پۇرىقى پۇراپ تۇرغان لەغمەندىن بىر قاچا يېگەندىن كېيىن مېھمانخانىغا قايتتى.... ئۇ كېلىپلا ئۇخلاپ كەتتى، ئۇ ھارغانىدى....
................
_ئاتا رەسمىيەتلەر پۈتتىمۇ؟
_ پۈتتى، بېلەتنىمۇ ئېلىپ بولدۇم... مالايىسىياغا ئەتە كەچ ئۇچىسەن، يېتىپ بارساڭ شۇ جايدا ماگىستىرلىقتا ئوقۇۋاتقان بىرەيلەن ئالدىڭغا چىقىدۇ...
_ ھە.......
_ نېمە بولدى ئوغلۇم؟ دېمىڭ ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتىغۇ؟ بەلكىم ۋەتەندىن، يۇرتتىن ئايرىلىدىغان بولدۇم دەپ قايغۇرىۋاتقانسەن... يۇرتقا تارتىشىۋاتقانسەن، بەلكىم يۇرتقا بولغان سۆيگۈڭ سېنى بۇ ھالغا قويغاندۇ، لېكىن ئۇنۇتما، يۇرتنىڭ مۇھەببىتىگە ھېچنىمىنىڭ تەڭ كېلەلمەيدىغانى راست، لېكىن سۆيگۈ بىر ئۆمۈر يۇرتتا تۇرۇپ ئۇنى قۇچاقلاش دېگەننى ئىپادىلىمەيدۇ، سېنىڭ يۇرتقا بولغان سۆيگۈڭنى يۇرت ئۈچۈن تۆككەن ئەجرىڭ بىلەن ھەقىقىي ئىپادە تاپىدۇ، مەيلى سەن نەدىلا بول سېنىڭ بىر پارچەڭ يەنە شۇ ئانا تۇپراقتا بولىدۇ، ئۇ كىندىك قېنىڭ بىلەن تۇپراققا سىڭىپ كەتكەن........ سەن بۇنى چۈشىنەلمىگىدەك يەردە ئەمەس شۇنداققۇ؟ سەن ياخشى ئوقۇساڭ، يۇرت ئۈچۈن مەلۇم نەپ بېرەلىسەڭ مۇشۇنىڭ ئۆزى كۇپايە....
_ شۇنداق ئاتا! مەن تىرىشىمەن...._ ئالىمنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتكەنىدى، شۇنداق، ئاتىنىڭ سۆزى توم توم نەسىھەتلىك كىتابتىن بەكرەك پەرزەنت قەلبىنى تىترىتىدۇ، پەرزەنتكە قۇۋۋەت بېرىدۇ........
_ ئوغلۇم سېنىڭ ئوقۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟
ئالىم بىر  ئاز ئويلىنىۋالدى دە، جاۋاب بەردى:
_ ئۈزۈپ چىقىش....
_ ئۇ دېگەن نىشان، مەقسىتىڭچۇ؟
_ خەلىققە يارىغىدەك، يۈك بولۇپ قالمىغۇدەك بىر پەرزەنىت بولۇپ چىقىش...
_ بارىكاللا ئوغلۇم، بىزنىڭ بۈگۈنىمىزنى تولىمۇ گۈزەل دېيىش خاتا، بىر يەنىمۇ گۈزەل كۈنلەرنى ئۆتكىزىشىمىز كېرەك... سېنىڭ دىن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن بىر ياراملىق ماتىرىيال بولۇپ چىقىشىڭ مېنىڭ ئۈمۈدۈم... ئاتا ئۈمىدىنى، ۋەتەننىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويۇش ياراملىق ئوغۇلنىڭ ئىشى ئەمەس...
_ ئاللاھ خالىسا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشىمەن ئاتا...
_ يەنە بىردىن سەن ئوغۇلبالا، مۇنداق بىر شېئىر بولىدىغان:
ھەر بالالار كېلىدۇ ئوغۇل بالانىڭ بېشىگە،
سايدا تۈگمەن چۆرگىلەيدۇ، كۆزدىن ئاققان يېشىغا....
دەپ، ئوغۇلبالا شۇنداق بولغاچقا كۈچلۈك، چىداملىق كېلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتى چوڭ بولىدۇ، سەن چەت ئەلگە ماڭماقچى بولىۋاتىسەن، يىقىلساڭ يۆلەيدىغان مەن، توپاڭنى قاقىدىغان ئاناڭ، يېشىڭنى ئەرتىدىغان سىڭلىڭ، سېنى كۆتۈرىدىغان ئانا تۇپرىقىڭ يوق... دېمەكچى بولغىنىمنى چۈشەندىڭمۇ؟ غەيرەتلىك بول، چىداملىق بول.... كۆڭلىگە ئۇلۇغۋار پىلانلارنى پۈككەن كىشى ئاسان يىقىلمايدۇ، شۇڭا كۆزۈڭنى يىراقلارغا تىكىدىغان دانالاردىن بول... مۇستەقىل بولۇشنى ئۆگەن... ئەمدى سېنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئۆزۈڭنى ئاسرىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن، سەن مېنىڭ ئۈمۈدىم، سەن مېنىڭ پەخرىم.....
ئالىم كۆزلىرىنىگە لىق تولغان ياشنى تەستە توسۇپ قالدى دە، ئاتىسىغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى...
_ تېزراق ئۇخلا، ئەتە سەپەرگە چىقىسەن...
_ رەھمەت ئاتا، مەن سەندىن پەخىرلىنىمەن...
ئالىم يېتىۋالدى، كۆزىدىن ياشنى توختىتالمىدى، ئۆز ئۆزىگە پىچىرلىدى.... " ئاتا، سەن مېنى ئوغۇل دەپ تۇغدۇڭ، ئوغۇل دەپ باقتىڭ، سۈننەت قىلدىڭ، ئوغۇل دەپ تەربىيىلىدىڭ، يۇرتۇمنىڭ توپىسى مېنى ئوغۇل دەپ تونىدى، مەن چوقۇم ھەقىقىي ئوغۇل بالا بولۇشقا تىرىشىمەن، مەن تىرىشىمەن ئاتا، سېنىڭ ئەجرىڭگە جاۋاب قايتۇرىمەن، مەن چىدىيالايمەن ئاتا، چۈنكى ۋۇجۇدۇمدا ئېقىۋاتقىنى سېنىڭ قېنىڭ....
ئەتىدسى گۇاڭجۇ بەييۇن خەلىقارالىق ئايرىپورتىدا ئالىمنى ئاتىسى ئۇزۇتۇپ قويدى، ئالىم يۈك تاقلىرىدىن كۆپرەك ۋەزىپە، مەسئولىيەت، مەجبۇرىيەتنى يۈدىگىنىچە مالايىسىيا پايتەختى كۇئالالامپۇرغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتى....
خەيرى خوش ۋەتەن، خەيرى خوش ئاتا.... ئەسسالام مۇسۇلمان دۆلىتى مالايىسىيا.......

مالايىسىيا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى ئىچىدىكى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىدى، ئوقۇتۇشى ئاساسلىق غەرىبنىڭ ئۇسۇلىنى قوللانن بولۇپ بالىلارنى ئەتراپلىق، ھەر تەرەبلىمە شۇنداقلا ئەركىن تەربىيەلەشكە تولىمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى. كىشىلىرىنىڭ ئەخلاق، جەمىيەت تەرتىپ قارىشى يوقۇرى بولغانلىقىدىنمۇ كوچىلاردا ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەشكەنلەرنى، ئابتۇبۇستا يوقۇرى ئاۋازدىكى سۈرەنلەرنى، ئۆچرەت بۇزغانلارنى تولىمۇ ئاز ئۇچراتقىلى بولاتتى، ئاساسەن جەمىيەت تەرتىپى، مۇسۇلماندارچىلىق ئەخلاقى جەھەتلەردە  تەرەققىي قىلغان، مەدەنىي خەلىق دېيىشكە بولاتتى. دۆلەت تىلى ئېنگىلىزتىلى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ياخشى ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلىغاندى، يەنە بىردىن خەلقىئارالىق ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا تىنىچ دۆلەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى... ئالىم مالايىسىياغا كەلگەندىن كېيىنلا ئاتىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى مالايىسىياغا ئوقۇشقا ئەۋەتكىنىنى چۈشەنگەندەك بولدى. ئالىمنىڭ ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىش مەكتىپى شۇ جايدىكى ئەنگىلىيە كونسۇلخانىسى تارمىقىدىكى   ئېنگىلىزتىلى ئۆگىنىش سىنىپى بولۇپ كۈندە يېرىم كۈن مەكتەپكە بارىدۇ، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن كۇتۇپخانىغا بېرىپ كىتاب كۆرىدۇ ياكى ياتاقتا ئولتۇرۇپ ئۆگىنىش قىلىدۇ، پات-پات كوچىغا چىقىپ ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكىزىدۇ، كەچتە مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر ئاشخانىدا قاچا يۇيۇش خىزمىتى قىلىدۇ (سائەتلىك مائاش ئېلىپ).... بەلكىم ئالىمنىڭ مۇرەككەپ ھېسياتىنى، ئۆتكۈزگەن كۈنلىرىنى چەت ئەلگە چىقىپ يېزىشنى باشلىغان تۆۋەندىكى  كۈندىلىك خاتىرىسىنىڭ بەتلىرىدىن كۆرىۋېلىش مۇمكىن....


**يىلى، ** ئاينىڭ ** كۈنى  
بۈگۈن مالايىسىيا كەلگەن ئىككىنچى كۈنۈم، ياتاقلىرىمغا ئورۇنلىشىۋالدىم، مەكتەپنىمۇ كۆرىۋالدىم، ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئازراق كۆنەلمىگەندەك قىلىمەن، نېمىلا بولسۇن، چىداي... مەن بۇ يەرگە ئوينىغىلى چىقمىدىم، ساياھەت قىلغىلى چىقمىدىم... ئاتامنىڭ، يۇرتۇمنىڭ ئۈمۈدىنى يۈدۈپ ئوقۇغىلى چىقتىم، شارائىتىم بار، كاللام بار، باشقىلار قىلالىغاننى مەنمۇ قىلالايمەن، باشقىلار 2يىلدا ئۆگەنسە مەن بىر يىلدا ئۆگىنىپ كېتەلەيمەن... مالايىسىيا مېنىڭ ۋەتىنىم ئەمەس، كوچىغا چىقسام ئۇچرايدىغانى ئۇيغۇر ئەمەس، ئەتراپتىكى ھاۋا يۇرتۇمنىڭ ئەمەس، كۆز ئالدىمدىكى دۇنيا ئۆزۈمنىڭ ئەمەس... لېكىن مەن ئۆزۈمنىڭ... مەن نىشانىمنى يوقۇتۇپ قويسام بولمايدۇ، مەن بوشاشسام بولمايدۇ، مەن يەنە ئۆز جېنىمنى باقالايدىغان بولىشىم كېرەك.... مېنى ساقلاۋاتقان بىراۋلارغا يۈز كېلەلىشىم كېرەك... ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەممە ھەممە يېقىن كىشىلىرىمنىڭ ئامانلىقىنى تىلەۋاتىمەن...... ئۇلارنى كۆپ سېغىندىم...

**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى

بۈگۈن ئىش تاپتىم، ئوقۇش باشلاپ بىر ئاي ئۆتتى، ئۆزلىشىۋالدىم، ئەمدى ئىككىنچى مەقسىتىم ئۆز جېنىمنى بېقىشنى ئۆگىنىۋېلىشىم كېرەك... مەكتەپ ئەتراپىدا بىر ئەرەبلەرنىڭ ئاشخانىسى بار ئىكەن، خوجايىنى ياخشى، ئىشىممۇ يېنىك، قاچا يۇيۇش... ئىلگىرى قىلىپ باقمىغان بولساممۇ، لېكىن چوقۇم خوجايىننى رازى قىلىپ كېتەلەيمەن... مەن بىر ئوغۇلبالا، مەن شۇنىڭ ئۈچۈن بوشاشمايمەن، لەۋزىمدىن يانمايمەن، ئايپەرى مېنى ساقلا، مەن چوقۇم قايتىمەن، ئۆگىنىشىممۇ ياخشى، مۇشۇ سۈرئەتتە كېتىۋەرسەم ئاللاھ خالىسا بىرەر يېرىم يىلغىچە ئۆزۈم كۆزلىگەن مەنزىلگە يېتەلەيمەن... ئۇ كۈنلەر قاچانمۇ كېلەر ھە؟!~

**يىلى**ئاينىڭ **كۈنى
بۈگۈن تۇنجى مائاشىمنى ئالدىم، كۆپرەك يىغىش ئۈچۈن خوجاين بىلەن ئاي ئاخرىدا بىراق ھەق بېرىشكە كېلىشكەنىدىم، مانا ئىش قىلىۋاتقىلى بىر ئاي بوپتۇ، ئۆز ئەمگىكى بىلەن تېپىلغان پۇل نېمە دېگەن تاتلىق ھە؟ مەن يەنە بىر قېتىم " ئەمگەكنىڭ نېنى تاتلىق" دېگەننى تونۇپ يەتتىم.... ئادەم ھەممە ئىشنى تىرىشسىلا قىلالايدىكەن، مانا ئېنگىلىزچىنى خېلى ئىگەللىۋادىم، ئاددى كىتابلارنى ئوقۇپ چۈشىنىۋاتىمەن، ئۆز ھاجىتىمدىن چىقىۋاتىمەن... ئەسلىي بىر ئاز ئاساسىم بولغاچقا ئانچە قىينالمىدىم، لېكىن بۇ مېنىڭ نىشانىم ئەمەس.... مەن چوقۇم ئەڭ ياخشى نەتىجە ئېلىشىم كېرەك... ئاھ! چېغىرتماق...... قەيەردىسەن؟ ئاھ شىنجاڭ...........

**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى
ۋەتەن.... نېمە دېگەن يېقىملىق سۆز ھە؟ كونىلار "تۇغۇلغان يەرنىڭ تېشى گۆھەر، سۈيى كەۋسەر" دەپ بىكارغا دېمىگەندە... مانا، يۇرتتىن ئايرىلغىلى توپتوغرا بىر يىل بوپتۇ، پات پات توۋلاپ قويىمەن، ئېگىز جايلارغا چىقىۋېلىپ يۇرتۇم نەدىدۇ؟ دەپ قاراپ كېتىمەن، ئالدىمدىكى تارتىلغان چۆپتىن ئانامنىڭ لەغمىنىنىڭ ئىزنالىرىنى ئىزدەپ كېتىمەن... كوچىدىن تونۇش چىرايلارنى ئىزدەپ كېتىمەن. بۇ جايدا ئوقۇۋاتقانلار بىلەن پات-پات ئالاقە قىلىمەن، خۇددى ئۆز تىلىمدا سۆزلىگەن ئادەم تاپقاندەك چىۋىلداپلا كېتىمەن... يۇرت......... ئايپەرى، نەدە سەن؟ نېمىلەرنى قىلىۋاتىسەن؟ مېنى كۆرىۋاتامسەن، توۋلىغان ئاۋازىمنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ بەزىدە سۈرىتىڭگە قاراپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن.... ھەي.... تۇرۇپ كېتەي... خىزمەتكە بارىدىغان ۋاقتىم بولۇپ قاپتۇ....

**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى
دۇنيادا يۇرتسىزلىق، ۋەتەنسىزلىكتىن ئارتۇقمۇ غېرىبلىق بولمىسا كېرەك، يۇرت، ئانا يۇرت شۇنداق نەرسىكەنكى كىشىگە ھەقدارلىق تۇيغۇسى بېرىدىغان،  زېمىستاندىمۇ باھاردەك ئىللىق قۇچاق ئاچىدىغان، يۇرت شۇنداق بىر ئۇلۇغ نەرسىكەنكى بارچە سېنى خارلىسىمۇ خارلىمايدىغان، سەن ھېچنىمېسى يوق دۇنياغا تۆرەلگەندە كەل بالام دەپ قۇچاق ئاچىدىغان، ئىككى قولۇڭنى سېلىپ لەھەتكە قاراپ ماڭغىنىڭدا "كەل، ھېرىدىڭ" دەپ قويندىن ئورۇن بېرىدىغان، يۇرت شۇنداق بىر قەدىرلىك گۆھەركەنكى... بىر سىقىم توپىسىمۇ تاغدەك ئالتۇندىن قىممەتلىك بولغان، يۇرت شۇنداق مۇھىم نەرسىكەنكى قان كېچىپ جەڭ قىلىپ قوغدايدىغان، يۇرت شۇنداق سۆيۈملۈك ئىكەنكى تاشلىق سايلىقلىرىمۇ گۈزەل باغلاردىن گۈزەل كۆرىنىدىغان... بۇنى يۇرتتىن ئايرىلغان كىشىدىنمۇ ئارتۇق ھېس قىلالايدىغان كىشى بارمىدۇ؟!!! ئاھ يۇرتۇم چېغىرتماق.... قايدىسەن؟ نېمىشقىمۇ قوينىڭدىكى ۋاقتىڭدا، سەندە نېمىشقا تېخىمۇ كۆپ يايرىۋالمىغاندىمەن..... شۇنداق ئوخشايدۇ، ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قالغاندا ئاندىن ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىدىغان ئىشكەن....

**يىلى **ئاينىڭ**كۈنى
ئەتە ئېنگىلىزتىلى "ياسى" ئىمتاھانغا قاتنىشىمەن.... ئۆزۈمگە خېلى ئىشەنچىم بار، ئاللاھ خالىسا 7-دەرىجىدىن يوقۇرى نومۇر ئالىمەن، ھېلىمۇ كەلگىنىمگە 1يىل 4ئاي بولۇپ قالدى، تىرىشقانلىرىمنىڭ بىكارغا كەتمەيدىغانلىقىنى تىلەيمەن! ئەي، ئۇلۇغ ئاللاھ، تىلىگەن تىلەكلىرىمگە يەتكۈزگەيسەن... مۇراد مەقسەدلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمغا ياردەم قىلغايسەن! ئائىلەمدىكەرنىڭ سالامەتلىكى، ئايپەرىنىڭ سالامەتلىكىنى سەندىن سورايمەن!

**يىلى**ئاينىڭ **كۈنى
بۈگۈن مالايىسىيا ئونۋىرسىتىتىنىڭ قوبۇل قىلىش ئۇقتىرىشىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم! ئۇلۇغ ئاللاھ! رەھىتىڭگە شۈكرى... ئاجىز بەندەڭنىڭ تىلەكلىرىگە يەتكۈزدۈڭ، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان دېگەن مۇشۇ دە... ئەمدى ئاتا ئانام ئالدىغا بارىدىغان سۆيۈملۈكۈم ئايپەرىنى كۆرۈدىغان كۈنلەرنى ساناپ ئولتۇراي.... ئازلا قالدى، ئايپەرى قانداق ۈولۇپ كەتكەندۇ؟ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قانچە خۇشال بولار ھە؟~ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولىدىغان بولدى... قېنى سەن شىنجاڭ؟>! قېنى سەن ئانا يۇرتۇم؟ قېنى سەن ۋەتىنىم~
ئارمانغا چۇشلۇق دەرمانمۇ؟

ئالىم ئىنتايىن ھاياجانغا تولغان ھالدا يۇرتىغا كىرىپ كەلدى، ئەتراپ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيۇلۇپ كەتتى، بىر مۇساپىرنىڭ ۋەتەنگە قايتقاندىكى، ئۆيىگە يېقىنشغاندىكى بۇ خىل ھېسياتىنى كىممۇ تەسەۋۋۇر قىلالىسۇن؟ بۇنى قانداق تەسۋىرلەشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلدى، ئىشقىلىپ ئالىم كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى، ئەنە دوختۇرخانا، ئەنە ھېلىقى تار يول، ئالىم ئاپتۇبۇستىن چۈشتى، ئەتراپتىن بىراۋلارنىڭ ئىزناسىنى ئىزدىدى، بىراۋلارنى ھىدىنى ئىزدىدى، ئۇ خوشلىشىش ئالدىدىكى سەي بازىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھېلىقى سىيمانى، ياش لىغىرلاپ تۇرغان بىر جۈپ كۆزنى ئىزدىدى، ئەنە كۆلگە تۇتاشقان يول، ئەنە، پىنھان سۆھبەتلەرنىڭ شاھىدلىرىنىڭ بىرى بولغان كۆل، ئەنە بىراۋلارنىڭ قەدەم ئىزلىرى سىڭگەن كۆل.... مۇشۇ كۆللەر بويىدا ئۇ قانچە قېتىملاپ ئالىمنى ئەسلەپ ئولتۇرغاندۇ... ئالىمنىڭ ۋۇجۇدىنى بىرخىل ئىللىق سېزىم قاپلىۋالدى، ئۆيىگە يېقىنلاشتى، ئەنە، ئاتىسى، ئاپىسى، سۆيۈملۈك سىڭلىلىرى....ئۇ ھەممىسى بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، ئانىسى ئۇ ئامراق تاماق لەغمەن قىلغانىدى، بۇنىڭغىچە ئانىسى ياش تۆكۈپمۇ ئۈلگۈردى، ئاتىسى توختىماي ئالىمدىن مالايىسىيادىكى ھاياتى توغرىلىق سوئاللارنى سورايتتى، ئوقۇشىدىكى ئۇتۇقنى ماختايتتى، تېخىمۇ تىرىشىش لازىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيتتى... ئالىم بولسا ئاتا ئانىسى نېمىنى سورىسا شۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ جىم ئولتۇردى، بۇنى سەزگەن ئانىسى، ئالىمنى بوغۇپ قويماسلىق ئۈچۈن تېزلا داستىخاننى يىغىشتۇردى... ئالىم يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن يېقىن دوستى ۋەلىنىڭ يېنىغا قاراپ ماڭدى....ۋەلى ئالىمنىڭ كەلگىنىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ ئالدىغا ماڭغانىدى... ئۇلار ۋەلىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا ئۇچراشتى. قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەندىن كېيىن...
_ئەسسالامۇ ئالەيكۇم، سېنىمۇ كۆرىدىغان كۈنلەر بولىدىكەن ھە؟
_ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، شۇ شۇ... سېنى بەك سېغىندىم جۇمۇ؟ قارا، تېخىمۇ كېلىشكەن بولۇپ كېتىپسەن...
ۋەلى نېمىشقىدۇر ئالىمنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدىن كۆزىنى ئېلىپ قېچىپ ئارانلا:
_ئۆيگە كىرەيلى دوستۇم... _ دېيەلىدى، موتسىكىلىتى ئارقىسىدىكى بىر ساندۇق نەرسىنى قولىغا ئالغاچ...
ئالىمنىڭ كۆڭلى تۇيۇقسىز ئېغىپ كەتتى، نېمە بولغاندۇ؟ ۋەلى نېمە ئۈچۈن ئالىمدىن ئۆزىنى ئېلىپ قاچىدۇ....
*           *             *               *
_ دوستۇم، بولغان ئىش، شۇ... كۆڭلىڭنى يېرىم قىلما... ئۆلگەننىڭ كەينىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ....._ ۋەلى ئالىمنىڭ يش تۆكۈلۈپ تۇرغان كۆزىگە قاراپ ئىختىيارسىز ئۆزىنى تۇتىۋالالمىدى...
_ بۇ رەھمەتلىكنىڭ ساڭا ئامانىتى ئىكەن، يېقىن دوستى ماھىرە ماڭا بەردى...
ئاھ خۇدا! بەندەڭگە بولغان ئېغىر سىناقلىرىڭ مۇشۇنداق تۇيۇقسىز كېلىدىغان ئوخشىمامدۇ؟ خۇشاللىقتىن بېشى ئاسمانغا تاقاشقان ئالىمنىڭ يۈرىكى بىردەمدىلا ئېزىلىپ كەتتىغۇ؟ ئۆلۈم.... نېمىدىگەن دەھشەت! ئالىمنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، ھەم ئالىمغا ئۆزىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتمەي ئۇ_ ئايپەرى بۇ دۇنيا بىلەن يېرىم يىل بۇرۇن كېسەل سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەنىدى.... ئالىم دەلدەڭشىگىنىچە ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدى، ۋەلى ئۇنىڭ بۇ قىياپىتىگە قاراپ دەرھال موتسىكىلىتىنى ئوت ئالدۇردى....
بۇ ساندۇق ئايپەرىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى، ئالىمغا يازغان بىر پارچە خېتى، شۇنداقلا نۇرغان يۇلتۇز ۋە تۇرنىلار قاچىلانغان ھالدا بىر پارچە سۈرئەت بىلەن ئالىم بىلەن ۋەلىنىڭ ئالدىدا تۇراتتى....
_دوستۇم، مېنى بىر ئاز يالغۇز قويساڭ بوپتىكەن....
_ خوش ئەمىسە، مەن كەتتىم، ئۆزۈڭنى ئاسرا....
*            *                *                    *

**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى
بۈگۈن ھەجەپ بىر غەلىتە بالا بىزنىڭ سىنىپقا كىردى، ئۇنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرى ھەجەپلا چاقناپ تۇراتتى... نېمە ئۈچۈندۇر كاللامدا ئۇنىڭ ھېلىقى بىر جۈپ كۆزى ھۆكۈم سۈرىۋاتىدۇ! تىپتىنىچ قەلبىم ئەتراپقا توختىماي داۋالغۇۋاتىدۇ! نېمە بولدۇڭ ئايپەرى، سەن بۇنداق ئەمەس ئىسىڭغۇ؟ مەيلىڭ باشقىلارنى تارتىپ قالدىمۇ؟ بىراۋلارغا كۆڭلۈڭ چۈشۈپ قالدىمۇ؟ كۆل بويىدا ئۇنى گەپكە سېلىپ يۈرىكىڭ سېلىپ كەتكىنى نېمىسى؟ ئۇنىڭغا نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئۇزۇن قاراپ كېتىسەن؟ ئەنسىز خىياللار مەندىن يىراققا كېتىڭلار.!!!

**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى
ئالىم.... ئالىم ياقۇپ، ئىچىمدە نەچچە ئون مىڭ قېتىم زىكرى قىلىدىغان بۇ كىشى ماڭا سۆيگۈ ئىزھار قىلىپتۇ، ئاللاھ تائالا مېنىڭ تىلەكلىرىمنى ئىجابەت قىلىپتۇ، بىر پاك كۆڭۈل يىگىتنىڭ كۆڭلىنى ماڭا بېرىپتۇ، پاك سۆيگۈسىگە نائىل قىلىپتۇ.... مەن نېمىدىگەن بەخىتلىك! كۈل ئايپەرى كۈل، سەن كۈلمەي كىم كۈلسۇن... ئۇ... نېمە قىلىۋاتقاندۇ؟ نەدىدۇ؟ كۆل بويىدا يوقكەن.... ھە راسىت، ئۇ تەكرار قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن... ھەي... مەن نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ دەپتەر قەلەملەرنى تاشلىۋېتىپ مەن بىلەن كۆل بويىدا ئولتۇرىشىنى ئويلاپ قالىدىغاندىنمەن؟ مەن نېمىدىگەن شەخشىيەتچى ھە؟ ئۇنىڭ مۇھەببىتى بولسىلا ماڭا كۇپايە ئەمەسمۇ؟ ئۇنىڭ كۆڭلى مەن ئۈچۈن مۇھىم ئەمەسمۇ؟ بىزنىڭ يۈرىكىمىز ھامان بىللە ئەمەسمۇ؟ ھەي.... بىچارە ئايپەرى....

**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى
بۈگۈن ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەڭ ئۇنتۇلماس كۈن بولدى، تۇنجى قاردا سۆيگىنى بىلەن قارلىق ئامباردا بولىشىچە ئويناش، مۇڭدىشىش كىم ئۈچۈن گۈزەل ئەمەس... ھەر كۈنىلا مۇشۇنداق ئۆتسىچۇ؟ نېمىدىگەن ياخشى بولاتتى، ئالىم بىلەن ھەر كۈنى بىللە بولسا.... بۈگۈن ئۇنىڭ بەللىرىدىن قاماللاپ ئۆزىگە تارتىۋاتقان ھېلىقى قوللارنىڭ ئوتتەك ھارارىتىنى سېزىش يەنە بىر قېتىم نېسىپ بولارمۇ ماڭا؟! ئالىم.... مېنىڭ بارلىقىم، مېىنىڭ يۈرىكىمنىڭ يىگانە ئىگىسى...
.....................
**يىلى**ئاينىڭ**كۈنى
......مانا ئالىم خۇلاسە ئىمتاھانلارنى بېرىپ بولدى، ئەمدى ئۇنىڭ كېتىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى، ئەمدى ئۇ كېتىدۇ، ھەممە گۈزەل ئەسلىمىلەرنى ئېلىپ كېتىدۇ... ھەممە، ھەممىنى ئېلىپ كېتىدۇ، مەن، قالىمەن، ئاشىقسىز مەشۇق بولۇپ قالىمەن، ئالىم، قاچان مەندىن ئايرىلماي تۇرارسەن؟ شۇ كۈنلەر قاچان كېلەر؟......

**يىلى **ئاينىڭ**كۈنى
بۈگۈن ئۇ ماڭدى، مېنىڭ يۈرىكىمنى ئېلىپ ماڭدى، ئەمدى ھەقىقىي تەنھا قالدىم، ئەمدى ئۇنىڭسىز قالدىم، ئەمدى.... ئالىم، خەير، سەن تەلەيلىكسەن، مېنى ساقلاتقۇچى سەن، مېنى ئىنتىزار قىلغۇچىسەن.... سەن...... ئەي كەپسىز ياشلار، نېمىشقا رۇخسىتىمسىز كۆزۈمدىن چۈشىۋېرىسىلەر... مېنى ئارامىمغا قويۇڭلار. ئارامخۇدا كۈندىلىك خاتىرەمنى يېزىۋالاي....  ئاھ~

ئالىم ھۆل بولۇپ كەتكەن قۇرلارنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز يىغلاپ كەتتى، ھۆركىرەپ ھۆركىرەپ يىغلاپ كەتتى... كۈندىلىك خاتىرىنىڭ بەتلىرىنى تېخمۇ تۈگەشتۈرىۋەتمەسلىك ئۈچۈنلا يېپىپ قويدىدە، كۆل بويىدا بىر ئاز خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغاندىن كېيىن قايتىپ كىرىپ بىر پارچە خەتنى قولىغا ئالدى دە ئاران تەستە ئاچتى... بۇ قېلىن خەت ئېنىقلا ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خېتى ئىدى.......

ۋىدالاشقان مۇھەببەت
" ئەسسالام، مەندىن يىراقلاردا، كۆزلىرىمدىن يىراقلاردا، كۆڭلۈمنىڭ چوڭقۇر قاتلىرىدا ياشاۋاتقان سۆيۈملۈك ئالىم، مەن بۇ خەتنى ساڭا ھاياتىمدىن ئۈمۈد ئۈزگەن بىر ۋاقىتلاردا يېزىۋاتىمەن، كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ سېنى ئەسلەپ يازغان، كەلگۈسىمىز توغرىسىدا خام خىياللارنى يازغان بەتلىرىمنى يىرتىۋەتتىم، كەچۈرگەيسەن، ئۇ بەتلەرنى ئوقۇسام تولىمۇ ئازابلىنىپ كېتىدىكەنمەن، سەن كېتىپ شۇ كۈنىدىن باشلاپ مانا ھازىرغىچە كۈندە بىر تۇرنا، بىر يۇلتۇز ياساۋاتىمەن، ھەم ئاللاھ خالىسا بۇ ئاجىز جېنىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقۇچە ياسايمەن، ساڭا مەندىن يالدامد بولۇپ قالغۇسى.... سەن كەتتىڭ ئالىم، سەن شۇنداقلا كەتتىڭ! كۆل بويىدا مېنى شۇنداق بىر قۇچاقداپلا كەتتىڭ، شۇ ھىدلاردىن يەنە قانغۇچە ھۇزۇرلانغۇم بار ئىدى، ئەمدى پۇرسەت بولمايدىغان ئوخشايدۇ، ئەمدى سېنى ئاللاھ خالىسا ئۇ ئالەمدە ئۇچرىتارمەن. سەن ياخشى تۇرىۋاتىسەن، ياخشى ئوقۇۋاتىسەن، بىلىمەن، سەن ئەڭ ياخشىسى، سېنىڭ ئۇ پىلانلىرىڭنى قۇرۇق خىيالغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان بولدۇم، كەچۈر، مەندە ئامال يوق.... نېمە ئۈچۈنكىن ماڭا شۇنداق بىر ئەجەللىك كېسەل چاپلاشتى، ياق چاپلىشىپلا قالماستىن ھاياتىمغا تەھتىد قىلماقتا، بىلەنسەن ئالىم، ئاتا ئانام دىئاگونوز قەغىزىگە قاراپ يىغلاپ كەتكەندىلا مەن بىلىپ بولغان، ئۆزۈمنىڭ ئۇزۇن ياشىيالمايدىغىنىمنى ھېس قىلغان، راك... نېمىدىگەن قورقۇنۇشلۇق؟ نېمىدىگەن...... مۇشۇ راك، مېنى سېنى يەنە بىر قېتىم كۆرىۋېلىش ئارزۇيىمغا يەتكۈزمەيلا ئەزرائىلغا جېنىمنى تاپشۇرماقچى... مەن بىلىمەن. بۇنى ئاللاھ مۆجىزە كۆرسەتمىسىلا دوختۇرلار داۋالاشقا ئامالسىز... ئاخىرقى باسقۇچى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئائىلىمىز بەك بايمۇ ئەمەس... شۇڭا ماڭا ئەمدى ئۆلۈمنى كۈتۈشتىن باشقا ئامال يوق. مەكتەپتىنمۇ قالدىم، كۈن بويى قىلىدىغىنىم كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرۈش...
...............................
شۇنداق، شۇ كۈنلەردىن كېيىن مانا بۈگۈنگە ئۇلاشتىم، ئەمدى ئورنىمدا تۇرۇپ مېڭىش ئىقتىدارىمدىنمۇ قالدىم.... ساڭا بۇ خەتنى تولىمۇ تەستە يېزىۋاتىمەن. ئەگەر سەن قايتىپ كەلگەن بولساڭ، مەن ساق بولسام، بىز بىرگە ئوقۇشقا ماڭغان بولساق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولاتتى، ئەمدىچۇ؟ ھەي..... ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى. ئالىم! ئۆزۈڭنى ئاسرا، سۆيگىنىڭ كەتتى، ئارمانلىرىڭنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ كەتتى، سېنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كەتتى...... سەن بىر غەيرەتلىك قەيسەر ئىنسانسەن.... مەقسىتىڭنى، نىشانىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭنى ئاللاھتىن تىلەيمەن! شۇنىڭغا ئىشىنىمەن! سېنى داغدا قويغان، سېنى بىر كۆرىۋېلىشنى ئارزۇلاۋاتقان سۆيگىنىڭ ئايپەرى!
توزىغىسى كەلسە چېچەكنىڭ نېمە چارە بار ئاڭا...........
خەير، يورۇق دۇنيا، خەير، ئاتا-ئانا....... خەير ئالىم! ئامان بول~~"
ئالىم ئۆزىنى تۇتۇپ قالالمىدى، ھۆركىرەپ، ئاۋازىنى بارىچە قويىۋېتىپ يىغلىدى... قەبرىستانلىققا قاراپ يۈگرىدى....

*              *             *               *
ئاخىرقى شەپەق نۇرى ئەتراپنى سارغۇچ يورىتىپ تۇرماقتا، قەبرىستانلىق ئەتراپى.... ئۇ يەر بۇ يەر دە ئۆسۈپ قالغان يانتاقلار... كەڭرى كەتكەن ساي.... دۈمچەك دۈمچەك قەبرىلەرنىڭ ئارىسىدىكى يېگانە سايە.... بوينى سېلىنغان، قولىدا بىر پارچە قەغەزنى چىڭ سىقىمداپ تۇرغان، توختىماستىن نېمىلەرنىدۇ پىچىرلىماقتا... بۇ ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئالىم ئىدى... سۆيگىنىدىن، مۇھەببىتىدىن، ئارمانلىرىدىن... ۋاقىتسىز ئايرىغان  ئالىم ئىدى، يۈرىكى پارە-پارە بولۇۋاتقان ئالىم ئىدى... سۆيگىنىنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئاخىرقى قېتىم خوشلىشىۋاتقان ئالىم ئىدى، قولىدا ئاخىرقى پارچە مۇھەببەت خېتىنى چىڭ سىقىمداپ، ئېغىزىدا ئۆز ئۆزىگە ۋەدىلەرنى بېرىۋاتقان، قەلبىدە ئۇلۇغ ئاللاھتىن بۇ پەرىشتىنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلىشنى ئويلاۋاتقان ئالىم ئىدى... ئۇ ئالىم... يىگانە ئالىم، قەيسەر ئالىم... كۆز ياشلىرى ئېقىپ تۈگىگەن ئالىم....
*          *          *                *
مالايىسىياغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان ئورنىدىن قوزغالدى، ئەسلى بىراق ئېىپ قويغان ئىككى كىشلىك بېلەتنىڭ بىرىنى سىقىمدىغىنىچە ئالىم ئىككى كىشلىك سەپەردە ئۆزى يالغۇز ئۇچماقتا! ئۇ ئۇپۇق تامان ئۇچۇپ كەتتى، خەلقى ئۈچۈن، ۋەتىنى، مىللىتى ئۈچۈن، سۆيگىنىنىڭ ئارمانلىرى ئۈچۈن ئۇچماقتا.... بىلىمگە ئۆزىنى ئاتماقتا!

خەير... تەلەيسىز يىگىت. خەير قەيسەر يىگىت.... ئاپتور ساڭا بەخىت تىلەيدۇ.!!! ئىلىملەر بېغىدا يايرىشىڭنى ئۈمۈد قىلىدۇ... سېنىڭ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان قىلىشىڭنى، بۇ قېتىم مەغلۇپ بولماسلىقىڭنى، سۆيگىنىڭ بىلەن تەڭ مەقسىتىڭدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىڭنى ئۇلۇغ ئاللاھتىن تىلەيدۇ! خەلقىڭ ساڭا مەدەتكار..... سەن بىزنىڭ پەخرىمىز..... بىز يەنە سەندەك ئىردىلىكلەرگە مۇھتاج، لېكىن ئۇلار ئەمدى يالغۇز ئاتلانمىسۇن، ئارمانلىرى كۆپۈككە ئايلانمىسۇن...  مۇرادلىرىغا يەتسۇن... ئۇلۇغ ئاللاھتىن ھەممە ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈككەنلەرگە خەير تىلەيمەن~


تامام.....


مەشئەل يازمىسى

تېما تەستىقلىغۇچى : ئۇستاز
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-30, 08:38
-سىز كۆرۋاتقان تىما دەرمانسىز ئارمان  (پوۋىست),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+101(TATLIHIM) 22-قەۋەتتىكى ..
  • مۇنبەر پۇلى:+500(ئۇيغۇرۇم007) نادىر ئەسەر
  • دۈشمەن ئالدىدا قالقاننى قوي، قېلىچنى ئال!
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    kapsizkiz
    ئالغا ئىنتىل ئۆگۈنۈپ ئۆگتۇپ تۇر
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 42
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 8
    ئومومىي يازما: 616
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە616دانە
    ياخشى باھا: 178 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 15167 سوم
    تۆھپىسى: 129 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1302(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 04:51 PM

    مىسرانىم مۇنبىرنىڭ خەت شەكلى قايسى خەت شەكلىگە تەۋە
    بىر قانچە پوۋىست ،روماننى يۇپەندە ساقلاپ چامدان كومپويوتۇرگە سالسام ئىمىر -جىمىر چىقۋېلىپ زادى كۆرگىلى بولمىدى ،تورسىز ھالەتتە
    مىسرانىمغا كىرمەي ساقلىۋالغان ئۇزۇن ئەسەرلەرنى كۆرگلى بولمامدۇ
    بۇ ئەسەرنىمۇ ئەتە مەكتەپتە ئوقاي دېگەن ،قايسى خەت ئىكەنلىكىنى بىر ئېيتىپ بەرسەڭلار

    تىمىغا مۇناسۋەتسىز ،بىراق بۇ تېمىنى ئوقۇشقا مۇناسۋەتلىك
    باشقۇرغۇچىلار ئېغىر كۆرمەي ئېيتىپ بەرگەن بولساڭلار  
    ئاتاڭدىن قالغان شۆھرەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالما ،ئۆزۈڭگەخاس   بولمىغىچە ئاتاڭنىڭ  شەرىپى ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
    تارىم
    ھايات_ ھاياتلىق ئۈچۈن كۆرەشتۇر!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 155
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2287
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2287دانە
    ياخشى باھا: 731 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 9578 سوم
    تۆھپىسى: 22728 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 3732(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:09 PM

    مەشئەل ئەپەندىمنىڭ<<دەرمانسىز ئارمان>>ناملىق بۇ ئەسەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يىزىپ تاماملىغىنىغا ئاپىرىن، نادىر ئىجادى ئەسەردىن بىرسى بارلىققا كەپتۈ،ئىشىنىمەنكى بۇ ئەسەر چۇقۇم ياخشى يىزىلغان،كەچتە ئۇقۇپ بولۇپ يەنە ئىنكاس يازىمەن
    دەۋىر قانچىلىك تەرەققىي قىلىپ،مەدەنىيەت قانچىلىك ئالغا بېسىپ كەتسىمۇ ھايا ۋە ئىپپەت قەدىرىنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى ئىسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭ!

    ــــQQ:1196769821ـــ
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    cubat
    ئىتقاد بارچە بارچە ئەقىلنىڭ ئالدى...
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6587
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 983
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە983دانە
    ياخشى باھا: 292 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4638 سوم
    تۆھپىسى: 285 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1392(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-20
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:14 PM

    ئەسكەرتىش: (ئۇستاز) مەشئەل ئۆزى تەلەپ قىلغان. خاتا يوللاپ ساپتىكەن. (2010-10-30 08:19 PM)
    بۇ تېمىنى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە يولىسا نىمىشقا بۇ يەرگە يۆتكەپ قويدىڭلار... ماڭا جاۋاپ بەرسەڭلار... كىم بولسا مەيلى... ئىشقىلىپ جاۋاپ لازىم.
    ئۇنتۇشنىڭ تەس بۇلۇشىدىكى سەۋەپ ـــ سىزنىڭ ئۇنتۇشنى خالىمىغانلىقىزڭىزدا...
    «نازى
    مەن ئوماق كۈلقىز!!!
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15713
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 126
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە126دانە
    ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2842 سوم
    تۆھپىسى: 115 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 319(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:15 PM

    ياخشى يېزىپسىز!ھارمىغايسىز~   
    ھەممىلا ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولىۋەرمەيدۇ!!!
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    azharxj
    ھاياتىم  سەن ئۈچۈن ~~~
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15105
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 55
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە55دانە
    ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1502 سوم
    تۆھپىسى: 49 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 174(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:20 PM

    ئادەمنىڭ ئىچى سىرىلىپ كېتىدىكەن بۇنى ئوقۇسا ....
       ئەسىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت~~~~~
    ھازىرقىسى ھېساپ ئەمەس  ، كېيىنچە بىر گەپ بولا
    maxal20
    قەددىڭ ئەلىفتەك تىك بولسۇن
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5380
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 262
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
    ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4601 سوم
    تۆھپىسى: 145 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 396(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:26 PM

    Re:دەرمانسىز ئارمان  (پوۋىست)

    نەقىل ئېلىش
    ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 3قەۋەت  cubat كە 2010-10-30 05:14 PMئەۋەتىلدى  :
    بۇ تېمىنى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە يولىسا نىمىشقا بۇ يەرگە يۆتكەپ قويدىڭلار... ماڭا جاۋاپ بەرسەڭلار... كىم بولسا مەيلى... ئىشقىلىپ جاۋاپ لازىم.


    مەن تەلەپ قىلغان.... ياخشى چىقمىدى دەپ....
    دۈشمەن ئالدىدا قالقاننى قوي، قېلىچنى ئال!
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    deldax
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13595
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 3
    ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە3دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2021 سوم
    تۆھپىسى: 40 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 4(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-07
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:39 PM

    Re:دەرمانسىز ئارمان  (پوۋىست)

    بۇ  پوۋسىت خېلى تەسىرلىككەن   ، قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن .
    dahan
    قىيىنچلىقلار ئەمدى سىلەردىن قورقىمايمەن!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4314
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 335
    ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە335دانە
    ياخشى باھا: 88 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5814 سوم
    تۆھپىسى: 141 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 294(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:41 PM

    بىشىنى ئوقۇغان بىراق نەدە ئوقىغىنىم يادىمدا يوق ! شۇنداق بىر ھىسسياتتا ھاياجاندا ئوقىغانتىم .
    مىنى سەۋرى قىلغۈچىلاردىن قىلغىن ! مىنى  قەيسەر قىلغىن !ئامىن
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    maxal20
    قەددىڭ ئەلىفتەك تىك بولسۇن
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5380
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 262
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە262دانە
    ياخشى باھا: 48 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4601 سوم
    تۆھپىسى: 145 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 396(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 06:33 PM

    بۇ ئەسەر مېنىڭ تۇنجى قېتىملىق چوڭراق ھەجىمدىكى ئەسىرىم. شۇڭا پىكىر تەكلىپلەرنىڭ ئايانماستىن چۈشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن~ گەرچە ياخشى يېزىلمىغان بولسىمۇ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا،.........
    دۈشمەن ئالدىدا قالقاننى قوي، قېلىچنى ئال!
    aynor
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 641
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 120
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
    ياخشى باھا: 52 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3027 سوم
    تۆھپىسى: 78 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1839(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-24
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 07:29 PM

    نادىرلىغدەك ياخشى ئەسەركەن . ئۇقۇپ كۇڭلۇم ئەجەپ بىر قىسما بوپ قالدا
    ئۇمىدىسىزلىك  كىشگە ئەڭ ئېغىر ئاپەت، ئۇمىدىلىك بۇل،ئۇمىد تەن بىلەن جېنىڭغا زور قۇۋەت بېرۇر .
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    ئۇستاز
    ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10084
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 439
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە439دانە
    ياخشى باھا: 143 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10805 سوم
    تۆھپىسى: 266 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1383(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 08:27 PM

    دەرمانسىز ئارمان پوۋسىتىنى باشتىن - ئاخىرى ئوقۇپ چىقتىم.
    چىن تەسۋىر، تۇرمۇش پۇرقى كۈچلۈك ئوبرازلار، ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان چىن مۇھاببەت بىلەن يۈكسەك مەجبۇرىيەت ئوتتۇرسىدىكى ئىچكى مۇناسىۋەت ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەنگەن دەرمانسىز ئارمان تور ئەسەرلىرى ئىچىدىكى ئىجادى ئەسەرلەرنىڭ نادىر ئۆلگىسى بولۇپ قالغۇسى!!!

    - ئۇستاز
    [ بۇ يازما ئۇستاز تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    ئۆزۈڭ نۇر تارقىتالمىساڭ ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ كۈلەڭگىسى بولۇپ قالىسەن!