مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3852 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/13     Go
تېما: ئاپامنى ئەرگە بېرەيلى "كەپسىز قىز"
kapsizkiz
ئالغا ئىنتىل ئۆگۈنۈپ ئۆگتۇپ تۇر
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 42
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 8
ئومومىي يازما: 616
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە616دانە
ياخشى باھا: 178 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 15167 سوم
تۆھپىسى: 129 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1302(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-19
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 01:16 AM

2 ئاپامنى ئەرگە بېرەيلى "كەپسىز قىز"

ئەسكەرتىش: تېما باشقۇرغۇچى ئۇستاز تەرپىدىن نادىرلاندى. (2010-10-30)
ئاپامنى ئەرگە بېرەيلى!
 
    ـ بۈگۈن كىمگە نۈۋەت كەلسە شۇ قارىسۇن ، بىزنىڭ نېمە كارىمىز ؟
    _ نېمە گەپ بۇ ؟ تۇلا ئاچچىقىمنى كەلتۇرمە !
    _ كىم سېنىڭ ئاچچىقىڭنى كەلتۈرۈپتۇ ، ئىشقىلىپ نۈۋەت كىمگە كەلگەن بولسا شۇ قارىسۇن .
    _ ھوي پاخما باش ، ساراڭ ، بۇگۇن مەن ئىدارىدە نۈۋەتچى تۇرسام .
    _ ئەمىسە ئايالىڭچۇ ؟
    _  بۈگۈن كىچىدە سىمىنا قوشۇپ ئىشلەيدىكەن .
    _ ئەمىسە بالاڭ كەلسۇن !
    _ بالام ئاۋۇ چوڭ ئۆيدە .
    _ ھە مانداق دەڭ ،  ھۇ خوتۇندىن قورقىدىغان سايىم ، قېيىن ئاپاڭنى يالغۇز تاشلاشتىن قورقىسەنۇ ، ماۋۇ ئاپاڭ بىلەن كارىڭ يوقما ؟
    _ كارىم بار ، ئاپامنڭ ئۆيى بىنادا بولغاندىن كېيىن قورقمايدۇ .
    _ لىكىن ، ئاپامنىڭ قان بېسىمى بار تۇرسا ، بىرەر ئىش بولسا قانداق قىلىمىز ؟
    _ ئەمىسە سەن قارا .
    _ مەنمۇ بۈگۇن كېچىلىك سىمىنادا ئىشلەيدىغان تۇرسام .
    _ بولدى تالاشماڭلار ، ئاپامنى ئەرگە بېرەيلى !!!!
    _ نېمە ؟
    مېنىڭ ۋاقىراپ "ئاپامنى ئەرگە بېرەيلى "دېگەن بۇ سۆزۈم ئاكام بىلەن ھەدەمنى تەمتىرىتىپ قويدى ، ئاكام بىرئاز گەپ قىلماي تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاستا قېشىمغا كېلىپ ، پىشانەمنى تۇتۇپ بېقىپ :
    _ قىزىپقۇ قالماپسەن بولمىسا ، نىمە قالايمىقان سۆزلەيسەن ؟ چاققان ماڭدىغان جايىڭغا ماڭ ! كىچىكىپ قالساڭ ئىشسىز قالما يەنە ، _ دېدى ئۇ .
    _ مەيلى ئىشسىز قالسام ، ئىككىڭ نۇمۇس قىلماي ئاپامنى بېقىشقا قۇشۇلمىساڭ ، مەن خىزمەتنى تاشلاپ ھەمرا بۇلالمىسام ،  ئەرگە بەرمەي قانداق قىلاتتۇق؟
    "چاڭ".......
ئاكام تەستىكىمگە بىرنى سالدى .
    _ ھۇ شەرمەندە ! دادام ئۈلۇپ كەتكلى ئون يىل بولسىمۇ ، ئاپام ئەرگە تەگمەي ، بىزنى قاتارغا قوشسا ، ئەمدى سەن چوڭ بۇلۇۋېلىپ ئاپامنى ئەرگە بەرمەكچىمۇ ، ئىسىت ، سىنى باققىچە ئىتنىڭ كۈچكىدىن بىرنى باقسىچۇ ؟
    _ راس دەيسەن . سىنى ، مىنى ، ماۋۇ ھەدەمنى باققىچە ئىتتىن بىرنى باققان بولسا ، ھازىرقىدەك سەن باق !مىنىڭ ۋاقتىم يوق دەپ يۇرمەي ، ئوغرى كىرسە قاۋاپ بولسىمۇ ئاپامنى قوغدايتتى . لىكىن بىزچۇ ؟
    _ سەن كاتتا ساقچى شۇنداقمۇ ئاكا ؟ ئەر - ئايال ئىككىڭنىڭ ئاپامغا ھاجىتىڭ چۇشمەيدۇ ، خىزمەت ھەممىدىن مۇھىم .
    _ ھەدە سەنمۇ تېلۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ كاتتا رىياسەتچىسى ، يولدىشىڭ كاتتا باشلىق ، بالاڭ ئاقىللار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچسى ، شۇڭا بۇنداق تۇل ئاپاڭنى ياراتمايسەن شۇنداقمۇ ؟
    _ ئىسىت ، كونىلار "بىر ئانا ئون بالنى يالغۇز باقالايدۇ ، ئون بالا بىر ئانىنى باقالمايدۇ "دەپ راسلا توغرا ئېيتىپتىكەن ، بىز ئۈچىمىزنى مىڭ جاپادا بېقىپ ، ھەر خىل خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويسا ، ئەمدىلىكتە ئۈزىمىز چوڭ بۇلۇپ قالغاندەك ئاپام بىلەن كارىمىز بولماي يۇردۇق ، ئاپام مۇشۇ ئۆيدە غېرىپلىقتا ، كىسەل ئازابىدا تالاي كېچىلەرنى يالغۇز ئۆتكۇزدى ، كىم ئۇنىڭ ھالىنى ،ئەھۋالىنى سوراپ باقتى ؟ نەچچە كۈندە بىر كېلىپ بىرەر كىلو گۈش ، ياكى ئۇن ،مايلارنى تاشلاپ بېرىپ ئەھۋالىنى سوراپمۇ قويماي كېتىپ قالدۇق ، ئاپامنىڭمۇ مۇئاشى بار ، بىزنىڭ بۇنچىلىك نەرسىمىزگە قاراشلىق ئەمەس ، ئاپام يالغۇز قانچە ئانلار بايرىمنى ، قانچە خانىم -قىزلار بايرىمنى ئۆتكۈزدى؟ قايسىمىز ئايالىمىز ياكى يولدىشىمىز بىلەن سەيلە قىلۋاتقاندا ئاپامنى ئەسلەپ باقتۇق ؟ بىزنىڭ ئەس - ھۇشىمىز پۇل تېپىشتا ، بىر ئۈمۈر پۇلىنىڭ قۇلى بۇلۇپ ئۆتۈپ كېتۋاتىمىز ، ئاپىمىز بىلەن كارىمىز يوق ، ئۇنتۇپ قالماڭلار سىزمۇ ، مەنمۇ قېرىيمىز ، بالىمىزمۇ بىزگە ئاپىمىزگە قىلغان مۇئامىلىنى قىلىدۇ .
    ئاكام بىلەن ھەدەمنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار تاراملاپ چۈشۈشكە باشلىدى.
ھەممىز سۈكۈت ئىچىدە ئاپامنىڭ جاپادا بىزنى مەكتەپكە ئاپىرىپ -ئەكىلىشنى ، ئاغرىپ قالغاندا كېچىنى -كېچە دېمەي ئەتراپىمىزدا پايپىتەك بۇلۇپ كېتىشىنى ، ئۇيقۇ باسقان كۆزلىرىنى تەستە ئېچىپ يېرتىلغان كىيىملىرىمىزنى ياماپ ئولتۇرۇشىنى ، تالغان قوللىرىدا پاسكىنا بولغان كىيىملىرىمىزنى يۇيۇشلىرىنى ئەسلەشتۇق ، ئاپىمىزغا قىلغان مۇئامىلىمىزدىن خېجىل بۇلۇپ يەرگە كېرىپ كەتكۈدەك بولدۇق .
    مۇشۇ چاغدا قېشىمىزدا ئاپام پەيدا بۇلۇپ :
    _ باللىرىم ، ماڭا ھىچ ئىش بولغىنى يوق ، بۇندىن كىيىن ئاللاھ ساقلىسا يەنە ھىچ ئىش بولمايدۇ ، مىنى ئەرگە بېرىمەن دەپ ئاۋارە بولماڭلار ، مىنى يالغۇز قالدى دەپ رىيازەت چەكمەڭلار ، ئاللاھ ئامانەتنى ئالغۇچە مۇشۇ ئۆيدە سېلەرنىڭ يولۇڭلارغا قاراپ ئۆتۈپ كېتەي ، دەرھال خىزمىتىڭلارغا مېڭىڭلار ، _ دېدى ئۇ .
    ئاپامنىڭ بۇنچىلىك كەڭ قۇرساق ، جاپاكەشلىكىدىن تەسىرلىنىپ كۆز ياشلىرىمىزنى سۈرتۇپ يەنە خىزمەت ئورنىمىزغا قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق ، شۇ كەتكەنچە نەچچە ئاي يەنە ئالدىراش خىزمەت قىلىپ ئاپىمىزنى يوقلىيالمىدۇق .
    ئوزاق ئۆتمەي ئاپىمىز ئالەمدىن ئۆتتى ، تۇپراق بېشىدا يىغلىدۇق ، بۇرۇن قىلالمىغان مىھرىبانلىقىنى ئاپىمىزگە يەتكۈزمەكچى بولدۇقيۇ ، بىراق ئاپىمىزنى بۇ ئالەمنىڭ ھىچ قانداق يېرىدىن ئىزدەپ تاپالمىدۇق .
    ئانىلار ئۇلۇغ .....بۇ ئۇلۇغلۇقلارنى ئېغىزىمىزدىلا ئېيتىپ قويماي ئەمىليەتكە بىرلەشتۈرەيلى ،
بىچارە ئانىلار يولىمىزغا تەلمۈرۈپ ، بۇسۇغا ساقلاپ ئولتۇرۇپ قالمىسۇن!

"
مودا مۇئەللىمنىڭ مودىلىرى

تاس.......تاس........تاس.........بىر غېرىچ پاشنىلىق ئاياغنى كېيىپ ، ئۆھۆ ! دەپ قويسىلا پارتىلاپ كېتىدىغاندەك تار ئىشتانلارنى قىرلاپ ، ئىڭىشسە مەيدىسى ،تىك ماڭسا بىلى ئېچىلىپ قالغۇدەك مايكىلارنى كېيىپ ، ئەتلەس رەڭ چاچلىق مودا مۇئەللىم يەنە سېغىزنى ئۆچى بار ئادەمدەك سەت ماچىلدىتىپ چايناپ ئالدىراپ سىنىپقا ماڭدى ، سىنىپقا كىرىپ يوقلىما دەپتەرنى ئۇستەل ئۇستىگە پاققىدە ئېتىپ :
    ـ سىنىپ باشلىقى ، تۇرە ئورنىڭدىن !
ئوردەكتەك چىقىدىغان ئاۋازىنى يەنە كاكىراتتى :
    ـ گەپ قىلە شۇم ، بۇگۇن كىم دەرىسكە كەلمىدى ؟
    ـ مۇ.......مۇئەللىم يەنە شۇ ئالىم بىلەن مىھرگىياھ يوق ،ـ دىدى سىنىپ باشلىقى .
    -نىمە ؟يەنە شۇلار يوقما خەپ ،،،،،خەپ ، بولدى ئولتۇرە كۆزۇمگە سەت كۆرەنمەي !
    ـ ھەي ، ئۈگۈنۇش باشلىقى ئېيتە ، بالىلار تۆنۆگۈنكى دەرىسلەرنى تەكرار قىلدىمۇ يوق ؟
    ـ قىززىقكەنسىز مۇئەللىم ،مەن يە ئۇلارنىڭ ئاپسى بولمىسام يە ئۇلار بىلەن بىر ئۆيدە تۇرمىسام تەكرار قىلدىمۇ - قىلمىدىمۇ مەن نەدىن بىلەي ؟ دېدى غۇرا قاپاق ، پىستە كۆز ئۈگىنىش ھەيئىتى .
مودا مۇئەللىم بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يەنە چېچىلىشقا باشلىدى :
    ـ نىمە ماڭا ئاتىكاچلىق قىلدۇ ماۋۇ توڭ سويما ، مەن كىم ؟ مەن سېنىڭ مۇئەللىمىڭ ! مەن بۇ شۇملارنى ياخشى تەييارلىق قىلىپ كەلسۇن دەپ ساڭا تاپىلىغاندىن كىيىن ھېسابنى سەندىن ئالماي كىمدىن ئالمەن ؟!
    ـ ئەمسە ئۇلاردىن سوراپ باقسىڭىز بولمىدۇ ؟
    ـ ۋاي ئولتۇرە سەت مايماق ! سەن دېمسەڭمۇ ئۆزۇم بىلەتتىم .
    ـ ئابدۇسالام تۇرە ! سەن تۇنۈگۈنكى دەرىسنى تەكرار قىلدىڭمۇ ؟
    ـ كەچۇ.......كەچۇرۇڭ مۇئەللىم ئۈيىمىزدىكى كالا تۇغۇپتىكەنتۇق ، شۇڭا ...
    ـ توۋا .....توۋا ،،،،،،كالا تۇغسا سەن دەرس تەكرارلىمامسەن ؟
    ـ شۇ ...مۇئەللىم ، دادامغا ياردەملىشىپ كالىنى تۇغدۇردۇم .
    ـ ھە ، ئەمسە ئولتۇر ، چوڭلارغا ياردەم قىلغانلىقىڭ ئۇچۇن نۇمۇرۇڭ 50 .
    ـ ئەزىز سەن تۇرە، سەن تەكرار قىلدىڭمۇ ؟
    ـ مۇئەللىم ، تۇنۈگۈن ئۆيدە توك توختاپ كېتىپ تەكرار قىلالمىغان .
    ـ ھۇ دۆت كالۋا ، توك توختاپ كەتسە شام يېقىپ تەكرار قىلساڭ بولمامدۇ ؟ رۇمانتىك ئولتۇرۇپ .
    ـ جېنىم مۇئەللىم مىنىڭمۇ شۇنداق قىلغۇم بار ئىدى ، لېكىن ئاپام شامدا دەرىس تەكرار قىلساڭ كۆزۇڭگە زىيىنى بار دېگەن ، شۇڭا ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ..
    ـ سەن ياغاچ قۇلاق قاچاندىن بېرى ئاپاڭنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بۇلۇپ قالدىڭ ؟
    ـ شۇ ئاپپاق مۇئەللىم سىز بىزگە چوڭلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ياخشى دېگەندىن بېرى .
    ـ ھە ئەمسە ياخشى ئولتۇر، نۇمۇرۇڭ 60.
    ـ نەفىسە تۇرە سەن !
    ـ مۇئەللىم نىمىش ؟
    ـ دەرىسنى تەكرار قىلىپ كەلدىڭمۇ ؟
    ـ قاچانقى دەرىسنى دەيسىز مۇئەللىم ؟
    ـ تۇنۈگۈنكى .
    ـ ھە ، ياق .
    ـ نىمىشقا ؟
    ـ تۆنۆگۈن ئاپام يېڭى كېيىپ ئېلىپ بېرەي دېگەن مۇئەللىم ،شۇڭا كوچا ئايلىنىپ دەرس تەكرار قىلىشقا ۋاقتىم يەتمىدى .
    ـ نېمە ؟
    ـ شۇ مۇئەللىم تۈنۈگۇن سىز دەرسكە كىيىپ كىرگەن پادىچىلار شىمى بىلەن ئاق مايكىڭىز سىزگە بەك يارىشىپتىكەن ، شۇڭا مەنمۇ سېتىۋالاي دەپ ئاپام بىلەن تۆت سائەت بازار چۆرگىلەپ تەستە تاپتۇق ، قاراڭ مانا ، ماڭىمۇ ياراشقاندۇ ؟
    ـ ۋاي نەفىسە تۆنۆگۈنكى كېيىم راستىنلا ماڭا شۇنداق يارىشىپتىمۇ ؟
    ـ ۋاي راس ئوماق مۇئەللىم .
    ـ ھە ئولتۇرۇڭ، سىز راس گەپ قىلغانلىقىڭىز ئۇچۇن سىزگە 100 نۇمۇر ، ھەممىڭلار نەفىسەدىن ياخشى ئۆگۈنۇڭلار ھە ؟
مودا مۇئەللىم شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ، سىنىپ ئىشكى چېكىلىپ مىھرىگىياھ بىلەن ئالىم كېرىپ كەلدى .
مىھرىگىياھ بىلەن ئالىم قول تۇتۇشقان ، ھالدا :
    ـ سالام مۇئەللىم ئەتىگەنلىكىڭىز خەيرىلىك بولسۇن ! - دەپ ۋاقىرىدى .
    ـ ھۇ نۇمۇس قىلمايدىغان پوقباشلار ، سىنىپقا قول تۇتۇشۇپ كىرگىنىنى تېخى ، بۇ ھەرقايسىڭنىڭ بابا سەيناسى ئەمەس ، مەكتەپ !
ئالىم مودا مۇئەللىمگە ئاليىپ تۇرۇپ :
    ـ سالام مۇئەللىم بۇنىڭ مەكتەپ ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەنسىز ھە ؟
    ـ بۇ......بۇ نىمە دىگىنىڭ ئالىم ؟
    ـ ھىچنىمە دىگىنىم ئەمەس ، شۇ سىزنى دوراپ مودا بۇلۇپ باقتۇق مۇئەللىم ، سىزمۇ بىزنىڭ تەنتەربىيە مۇئەللىم راشىت بىلەن كۇندە مەكتەپكە قول تۇتۇشۇپ كىرىسىزغۇ .
   - سەن،،،،،،
   - ھە مەن ئالىم ، مۇئەللىم .
   - سېنىڭ بۇنداق دېيىش سالايىتىڭ يوق ، سەن ئوقۇغۇچى بولغاندىن كېيىن ياخشى ئوقۇ ، مودا قوغلاشماي .
   - راس دەيسىز مۇئەللىم ، مەن ياخشى ئوقسام بۇلاتتى ، لىكىن سىز كۇندە سېغىز چايناپ، تار پادىچىلار ئىشتىنى قىرلاپ كېيىپ ، ئەتىر دېگەننى بۇلىشىغا چېچىپ ھەرلەرنى ئەتراپىڭىزغا ئوۋلاشتۇرۇپ ،ئالدى چېچىڭىزنى بايراقچە ، كەينى چېچىڭىزنى ئەتلەسچە بۇياپ يۇرسىڭىز سىزنى دوراپ مودا يۇرگىمىز كېلىدىكەن .
   - ئاغزىڭنى يۇم !
   - سىز ئاغزىڭىزنى يۇمۇڭ مۇئەللىم ، بىز مەكتەپكە بىلىم ئالغىلى ، تەربىيە كۆرگىلى ، كەلگۇسى ياراملىق ئەۋلات بولغىلى كېلىمىز  ،ھەرگىزمۇ سىزدىن سەت گەپ ئاڭلىغىلى ، سىزنىڭ مودا مېڭىشلىرىڭىزنى كۆرگىلى ، ئاسىم مۇدىردەك پوق قۇرساقلارنىڭ تاماكا چېكىپ ، مەسلىكتە قىڭغىر مېڭىشلىرىنى ، ئايال مۇئەللىملەرنىڭ مەكتەپتە چاچلىشىپ سوقۇشقىنى ئەمەس !
ئالىم گېپىنى دەپ بۇلىشىغا سېنىپتىن ھو........ھو.........دەپ ۋاقىرغان قىقاس -چوقانلار كۆتۇرۇلدى ، مودا مۇئەللىم يىغلىغنچە سېنىپتىن يۇگۇرگەن پېتى چىقىپ كەتتى ، شۇ كەتكەنچە ئۇ بۇ مەكتەپتىن ئۈن - تۈنسىز يوقالدى .
بىز ئوقۇغۇچلار ، كىيىنكى ياش ئۈسمۇرلەر مودىغا مۇھتاج ئەمەس ، ئىلىم -مەرىپەتكە ، بىلىمگە ، ساپاغا ،ئىتپاقلىققا ،ئىناقلىققا ،تىنىچ بەختىيار تۇرمۇشقا مۇھتاج .


خوتۇننىڭ تۇگمەس بايراملىرى


   
- ۋاي بۈگۈن نىمانداق كەچ كېلسەن دەيمەن ، مەن ئېرىڭمۇ نېمەڭ ؟ ھازىر ئىككىمىزنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالاي دىدى جۇمۇ ، ئۆزۇڭنى سۇرا بولمسا ماۋۇ ئۆينى بىكار قىل ! ئورنۇڭغا ئادەم بار ؟
    ـ نېمە ؟ ۋاي دادىسى ئۇنداق قۇپال تەگمىڭە ئادەمگە ، ھېرىپ ئاران كەلگەندە .
    ـ نېمە ھېرىپ ؟ نىمىگە ھېرىپ كەتتىڭ ؟ ئاپامنىڭ تامىقىنى ئەتىڭمۇ ياكى دادامنىڭ پادىسىنى باقتىڭمۇ ؟ ئېرى يوق تۇل خوتۇنلار بىلەن تاڭسا ئويناپ ھارغانسەن تايىنلىق .
    ـ ۋاي ماۋۇ باللىرىڭىزنى باققاننى ئاز دەپ يەنە دادىڭىزنىڭ پادىسىنى باقسام بۇلامتى؟
    ـ ھىلى بىكار گەپ تالاشقانغا تۇيۇپ قالما !
    ـ قانداق قىلسىز ؟
ئايالىم شۇنداق دەپ بولغۇچە ئاغزىغا ئىككىنى سالدىم
    ـ ھۇ لۇكچەك ساڭا تېگىپ نىمە خورلۇقلارنى كۆرمىدىم ، ماڭا  قىلىپ كەتكەن قايسى شاپائەتلىرىڭگە مىنى ئۇرىسەن ؟
    ـ ھېلى بىكار چىشىڭنى تۆكۈۋېتىپ تايىنلىق باقىمەن .
    ـ نوچى بولساڭ شۇنداق قىلىپ باقە !
‹‹چاڭ ››
    ئۇنى يەنى بىرنى ئۇردۇم ، بىچارە يەردە ئىڭرىغانچە قوپماي يېتىپ ھەدەپ مىنى تىلاۋاتاتتى .
بۇ خوتۇن بىلەنمىغۇ ئالي مەكتەپتە ئىككى يىل يۇرۇپ توي قىلغان ، ھەممە يېرى ياخشى بىر ئويۇن خۇمار ، كىيىم خۇمار ، دەسلەپ ئۇنى ئالماي باشقا قىزلارنى ئالاي دەپ پىلان سوقسام ، بۇ قىزلارمۇ مەندىن قاخۋاش بۇلۇپ كېتىپتۇ ،ئۇلارمۇ  بىر كىملەر بىلەن ئارلىشىپ ئۇلارنىڭ كەشىنى توغۇرلاپ ياخشى خىزمەت ئورنىدىكىلەرگە ئېسلىشنى ئويلاپ بۇلىدىكەن .
ۋاي بولدىلا ،يەنە قايسى شوركا بىلەن سۈرۇشۇپ يۇرگەن سەتەڭگە ئۇچىرايمەن ، ئايالىمنى تۇي قىلىپ ئۆزۇم تەربىيلۋالاي دەپلا ئالدىم .
توي قىلىپ ئىككى يىلغىچە جىم يۇردى ، مەن سىزىپ بەرگەن خەرىتە بىلەن ئىش تۇتاتتى ،بالىمىز تۇغۇلۇپ بىر ياشتىن ئاشقاندىزە خۇلۇق چىقىرىپ ئادەمنى ئارامىدا قويمىدى.
كۇندە بالام ئىككىمىزنى چوڭ ئۆيگە يولغا سېلىپ قۇيۇپ تۇگمەس چايلارغا كېتىدۇ ، ئاپام بىچارىمۇ ۋايسىماي مىنى باققاننى ئازدەپ مانا مىنىڭ بالامنىمۇ بېقىۋاتدۇ .
كۇندە كەچتە بۇ خوتۇندىن نەگە باردىڭ ؟ دەپ سورسام ، بىردەم ئالىي مەكتەپتكى مەكتەپداش قىزلار چېيىغا دەيدۇ ، بوپتىلا ئۇ قىزلارمۇ يامان ئەمەس دەپ مەيلىگە قۇيىۋەتتىم .
يەنە كەچ كېلىدۇ .
يەنە نەگە باردىڭ؟  دېسەم تولۇق ئوتتۇردىكى سىنىپداش قىزلار يېغىلىشىغا دەيدۇ ،
ۋاي بوپتىلا ، تۇللۇق ئوتتۇردىكى ساۋاقداشلار بىلەن ئىزدىشىپ ئۆتسە زېيىنى يوق دەپ يەنە مەيلىگە قويدۇم .
يەنە كەچ كېلدۇ .
ۋاي خۇدا ئەمدى نەگە باردىڭ ؟ دېسەم كالچاڭ ئېغىزلىرىنى ئېچىپ تۇللۇقسىزدىكى دوسلار ئولتۇرۇشىغا ، سىزمۇ تۇنۇيسىزغۇ ،پىستانى ھاكىم ، پۇكۇنى ئىدارە باشلىقىنىڭ ئاياللىرى كېيىنچە بىزگە ياردىمى تېگىپ قالار دەيدۇ .
ئويلاپ باقسام ، ماۋۇ خوتۇننمۇ ئانچە زېيانغا ماڭمايدۇ ، بوپتۇ دەپ ئۆتكۇزۈۋەتتىم .
تۆنۆگۇن يەنە كەچ كەلدى .
ئاچچىقىمدا ، بۇگۇن ئەمدى ئاۋۇ باشلانغۇچتىكى ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىڭغا باردىڭمۇ ؟ دېدىم زەردە بىلەن .
    ـ ۋاي قەدىرلىكىم ، سىز نېمانداق ئەقىللىق راس شۇ باشلانغۇچتىكى بالىلار يېغىلغان .
    ـ ئەمدى سەن ئولتۇرۇش قىلمىغان يەسلىدىكى ساۋاقداشلىرىڭ قالغان ، شۇلارنى سەنبىر ئۆيگە تەكلىپ قىلامسەن يە ، -  دېدىم چېچىلىپ .
    ـ ماۋۇ مىنىڭ ئېرىم مىنى ھەجەپ چۈشنىدۇ ھە! - دەپلا بوينۇمغا گېرە سالدى .
    ـ ۋاي ماڭە ، مىنى گۈشباش كۆرۇپ قالدىڭمۇ ، نىمە گەپ قىلمىسام ئولتۇرۇشۇڭ تۇگمەيدىغۇ ، قېنى مائاشىڭنى چىقار! -  دېدىم ئۇنىڭغا .
    ـ يوق ، - دېدى ئۇ بىزىرىپ تۇرۇپ .
    ـ نېمە يوق ؟ نەگە كەتتى ؟
    ـ خەجلەپ بولدۇم .
    ـ نېمە ؟ ئۈچمىڭ سومنى قانداق خەجلىدىڭ ؟
    ـ ۋايجان ئاران ئۈچمىڭ سومغۇ ، كىيىم كەيدىم شۇ .
    ـ كىيىم ، ۋاي تېخى قايسى كۇنى يېڭى كېيىم ئالغانتىڭغۇ ،
    ـ ئۇ دېگەن مودىدىن قالغان تۇرسا .
    ـ سېنىڭ موداڭنىڭ سۈرئىتى سائەتنىڭ سۈرئىتدىنمۇ تېزمۇ نېمە ؟
    ـ شۇ ئەتە ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمكەن ، شۇنىڭغا بىر يۈرۇش كېيىم سېتىۋالدىم .
    ـ توۋا! سېنىڭ ئوينىمايدىغان بايرىمىڭمۇ بارمۇ ؟
    ـ يوق .
    ـ سەن نېمانداق قېلىن ؟
    ـ قەدىرلىكىم ماڭىمۇ ئامال يوق ، بۇ ئون ئىككى ئاينىڭ ھەممىسىدە بايرام بار تۇرسا .
    ـ نەدە 12 ئاينىڭ ھەممىسىدە بايرام بار .
    ـ قاراپ تۇرۇڭ ھە ، مەن سىزگە ساناپ بېرەي .
    ـ بىرىنچى ئايدا يېڭى يىل بايرىمى ، بۇنداق كۇنلەردە يېڭى كېيىم سېتىۋېلىپ يېڭىچە كەيپىيات بىلەن يېڭى يىلغا كىرىمەن .
    ـ ئىككىنچى ئايدا ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى ،بۇ كۈنى ئىككىمىز يېڭى كېيىم كەيمىسەك ئاشىقسىز -مەشۇق بۇلۇپ قالمىز .
    ـ ئۈچۈنچى ئايدا بىز خانىم- قىزلار بايرىمى دەڭە ، بۇ كۇندە مانداقلا كېيىنسەم چېيىمدىكى خوتۇن -قىزلار مىنى مازاق قىلدۇ ، شۇڭا جان چىقسىمۇ بۇ كۇندە ئالاھدە ياسنىپ يۇرشۇم كېرەك .
    ـ تۆتىنچى ئاي دېگەن سىز قەدىرلىكىمنىڭ تۇغۇلغان كۇنى كاتتا رېستۇرانلاردا ئىسىل يېڭى كېيىم كەيمىسەك خەق بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ .
    ـ بەشىنچى ئايدا ئەمگەكچىلەر بايرىمى بىلەن ياشلار بايرىمى دەڭە ، سۈيۇملۇكۇم شۇ ئىككى بايرامنى بىر چاممىدا ئىككى پاختەك  سوقۇپ بىر يۇرۇشلا كەيسەم بۇلا ؟
    ـ بولمامدىغان ،،،،بولمامدىغان .
    ـ قاراڭ ماۋۇ ئالتىنچى ئايدا باللار بايرىمى ، شۇڭا ئوماق قوزامنىڭ يەسلىسىگە ئۇنىڭ شوخ بايرام ئۆتكۇزگىنىنى كۆرگىلى بارمەن ، بۇنداق چاغلاردا مۇنداقلا بارسام مۇئەللىملەر بالامغا ياخشى قارىمايدۇ .
    ـ لىكىن بالىمىز تېخى يەسلى يېشىغا يەتمىگەن تۇرسا .
    ـ شۇنداقتىمۇ ئالدىن تەييارلىق قىلمامدىم .
    ـ ماۋۇ يەتىنچى ئايدا شاڭگاڭ ۋەتىنمىز قوينىغا قايتىپ كەلگەن قۇتلۇق كۇن شۇڭا ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
    ـ سەككىزنىچى ئاي بولسا ئارمىيىمىزنىڭ بايرىمى ، مۇشۇ ئارمىيە بولمىسا بىزگە خاتىرجەم تۇرمۇش نەدە ؟ شۇڭا شاققىدە ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
    ـ توققۇزىنچى ئاي مانا مەندەك ياش مۇئەللىملەرنىڭ بايرىمى ، بۇ كۇندە ھەممە مۇئەللىم شۇنداق چىرايلىق ياسىنىدۇ ، مەنمۇ قاتاردىن قالسام بولمايدىدە .
    ـ يەنە ئۇنىنچى ئاي دېگەن دۆلەت بايرىمى .  بۇ ئۇزۇن دەم ئېلىشتا مىھماندارچىلىق كۆپ ، شۇڭا دۇشمەنلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىرىش ئۇچۇن يېڭى كېيىم كېيىمەن .
    ـ ئونبىرىنچى ئايدا مېنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇم ، يىلدا بىر كېلىدىغان تۇغۇلغان كۇنۇمنى مەنىلىك ئۆتكۇزمىسەم بولماس .
    ـ ئۇن ئىككىنچى ئايدا روژىستىۋا بايرىمى .
    ـ يائاللا ساڭا بايرام كەم ئەمەسكەن ، بىزنىڭمۇ ، ئەمەسمۇ سۈرۇشتە قىلماي ئويناۋەر .
    ـ ۋاي ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، راس نۇرۇز بايرىمى ، يەنە ئىككىمىزنىڭ توي خاتىرە كۈنى ، ماۋۇ بالىمىزنىڭ توغۇلغان كۇنى ، ئاپىلار بايرىمى ، دادىلار بايرىمىمۇ باركەن .
    ئايالىمنىڭ بۇ بىمەنە گەپلىرىنى ئاڭلاپ بۇ مۇئەللىم تونىغا ئۇرنىۋالغان ياسانچۇق توزغا قاراپ ئېچىم ئېچىشىتى . ئۇ كۇنى گەپ قىلماي ئۆتكۇزۈۋېتىپ مانا بۇگۇن راسا ئەدىبىنى بەردىم ، بۇ خوتۇننى مۇشۇنداق ئەدەپلەپ ، مۇشتۇمدىن ياسالغان كۆك تامغىلارنى ئۇنىڭ يۈزىگە بېسىپ تۇرمىسام ئۇ ئۆزگەرمەيدىغاندەك تۇرىدۇ .
    ھەي ، مۇشۇ خۇتۇن -خەقنىڭ تاپمايدىغان بايرامىلىرمۇ بارمىدۇ ، بىز ئەرلەرنى ئارامدا كۇن كۆرگىلى قويماي قارارىمىزدىن بۇرۇن ئاچچىق يۈتكۇزۇپ ئۆلتۈردىغان ئوخشايدۇ ھە !
    لىكىن ، بىزمۇ سەل بۇشاڭلىق قىلىۋاتامدۇق يە ، راس بىز بۇشاڭ بولمىساق بۇلار بۇنچە بۇلۇپ كەتمەس ئىدى ، شۇڭا ھەممىمىز ئاتنىڭ يۈگىنى تارتقاندەك بۇلارنىڭ يۈگىنىنى تارتىپ ، ئىلىپتەك قىلىپ تۇر دەپ تۇرغۇزۇپ ،ماڭ دەپ ماڭغۇزمىساق بولمىغىدەك جۇمۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،
    "ئاياللارنىڭ بۇزۇلۇشدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇليىتى ئېغىر "! ماۋۇ مەن توۋلىغان شۇئار .
.
    ھى....ھى....چاتما ھىكايە بۇرۇن تور ئوچۇق ۋاقىتلاردا  مىسرانىم تورىغا يوللىغان بۈگۈن كومپۇيوتۇرىمدىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تازىلاۋېتىپ كۆرۇپ قېلىپ قايتا يوللاپ قويدۇم ....(تېلىنى چىقىرىپ كەپسىزلىك قىلۋاتقان چېراي ئىپادىسى )
[ بۇ يازما hokumran تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-29, 17:39
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئاپامنى ئەرگە بېرەيلى "كەپسىز قىز",دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+1000(huxhuy520) ئېسىل ئەسەر
  • مۇنبەر پۇلى:+200(NaCl)
  • مۇنبەر پۇلى:+200(hokumran) نادىر تېما . ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(Dilnaz) تەربىيىۋىي ت ..
  • ئاتاڭدىن قالغان شۆھرەت بىلەن قانائەتلىنىپ قالما ،ئۆزۈڭگەخاس   بولمىغىچە ئاتاڭنىڭ  شەرىپى ساڭا ئەسقاتمايدۇ .
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    anamihri
    مىنىڭ كۆڭلۇم بەك نازۇك .ئاچچىقىمنى كەلتۇرمەڭ
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4329
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 646
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە646دانە
    ياخشى باھا: 213 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6152 سوم
    تۆھپىسى: 323 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1431(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:13 AM

    قايتا كۆرگىنىمدىن خۇشالمەن
    بۆرە سەن ھامان مەغلۇبىيەتچى،مەغلۇبىيەتكە بويسۇنمىغىن
    axkar
    باشقىلار ھازىر كىتاب كۆرىۋاتىدۇ!
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1854
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 832
    ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە832دانە
    ياخشى باھا: 129 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 1221 سوم
    تۆھپىسى: 159 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1427(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:15 AM

    بىرنچى پارچە شۇنداق ئىنىق ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .
    دۈشمەنلىرىمگە ئۆزۈم تىتىيمەن ،دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم !
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Uyghurum
    ئۇيغۇرۇم
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15642
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 72
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
    ياخشى باھا: 26 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2431 سوم
    تۆھپىسى: 124 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 34(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-11
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:16 AM

    راسلا بۇ تىمىنى قايتا كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن ..   
    شاتئاي
    ئـىـت چـىشلىدى دەپ، ئىتـنىمۇ چىشلىگىـلى بولـماس.
    دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 118
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2081
    ئۇنۋان:جاپاكەش ھازىرغىچە2081دانە
    ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 10525 سوم
    تۆھپىسى: 414 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 369(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:17 AM

    "ئاپامنى ئەرگە بېرەيلى "  ...

    ئۇشبۇ تىمىڭىزنى مىسرانىم ئەسەرلەر سالونىغا يوللىغاندا ئوقۇپ بەك تەسىرلەنگەنتىم .بىز پەرزەنىتلەر مانا مۇشۇنداق بار ۋاقتىدا قەدىرىنى بىلمەي يىنىمىزدىن مەڭگۇلۇك ۋىدالاشقاندا ئاندىن قەدىرىگە يىتىمىز .

    ئۇچ تىمىڭزنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئەھمىيەتلىك ، مەلۇم بىر نوقتىنى يورىتىپ بەرگەن ئىسىل تىمىلار بوپتۇ. تىمىللىرىڭىزنى تولىمۇ سىغىنىپ قالىمەن ئاچا. مانا مۇشنداق كىشىگە ھوزۇر بەرگۇچى تىمىلىرىڭىز مۇنبەرنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۇن قوشۇپ كىلۋاتىدۇ.
    كىيىنكى ئىجادىيەت يوللىرىڭىز  ئۇتۇق تىلەيمەن.
    بۇلبۇلمىكىن دىسەم .ئەسلى بىر < پوق > يەيدىغان قاغا ئىكەنسەن ئەمەسمۇ !!! .......
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    زۇلقەر
    :::  مەن كىم ؟ :::
    دەرىجە: مۇنبەر باشقۇرغۇچى
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1584
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 1
    ئومومىي يازما: 194
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە194دانە
    ياخشى باھا: 84 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 5285 سوم
    تۆھپىسى: 109 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1643(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-30
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:18 AM

    ۋاھ   مەن كۆرمىگەن ھىكايىلەركەن   ...

                   قەلىمىڭىز بۇندىن كېيىنمۇ ھېرىپ قالمىسۇن كەپسىز ...
    ==== توردا بىر-بىرىمىزدىن ئىسىل بىز   ====
    baglik
    ھاجايىپ_غارايىپلا
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14525
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 27
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
    ياخشى باھا: 20 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2113 سوم
    تۆھپىسى: 49 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 110(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-19
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:25 AM

    تۇنجى كورۇشىم رەخمەت سىزگە
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Dilnaz
    ئىنسان_ ھامان ئۆز قەلبىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادوۋكاتىد ..
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1849
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1091
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1091دانە
    ياخشى باھا: 225 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2470 سوم
    تۆھپىسى: 228 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1962(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:27 AM

        بۇ يازمىنى ئەمدى كۆرۈپتىمەن .....بولۇپمۇ1-ۋە  2-چى ھېكايىنىڭ تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى بەكلا چوڭقۇر كەن .... قەلەم تۇلپارىڭىزغا تەشەككۇر.......
    كەپسىز قىز ...مۇنبەگە پات- پات كىرەلمەيۋاتىسىز .....خىزمىتىڭىز ئالدىراش ئوخشايدۇ ...شۇنداق بولسىمۇ پات-پات كىرىپ تۇرىڭە.يوقاپ كەتمەي ...ئاخىردا ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن !!!
    ۋاقىت ئەقىللىكرەك . ياخشىراق ، تولۇقراق ۋە مۇكەممەلرەك بولۇپ يېتىلىشىمىز ئۈچۈن ، بىزگە ئىنئام قىلىنغان ئەڭ ئېسىل سوغىدۇر !!!
    ھېسلىرىم
    ماغدۇر كەلگەندە...
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 495
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 3
    ئومومىي يازما: 968
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە968دانە
    ياخشى باھا: 258 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 13897 سوم
    تۆھپىسى: 210 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 475(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-23
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 02:57 AM

    بىرىنجىسىنى مەنمۇ كۆرگەندەك قىلىمەن ، قالغانلىرى يىڭىكەن . يوۋ ...  ما قەلەم دىگەننى زادى ئىگىسى تۇتمىسا بولمامدۇ نىمە ؟  مەن خىجىل بولۇپ قىلىۋاتىمەن . ھەممە چاتمىلار خۇددى لىنتىدەك كۆز ئالدىدا كۆرىنىش بولۇپ ھوزۇر ئەتتى . ئەمىلىيەتنىڭ ئۆزىنىلا ئاپسىز . لىكىن ، ھازىرقى قىزلار راستلا ئاشۇنداق بايراملارغا ئالاھىدە ئىتىبار بىرەمدا ؟   مەن ئىككى قىتىمدىن ئىشىپ قالسا ئۇرۇپ دوختۇرخانىغا يوللاپ قويىدىغان ئوخشايمەن ئۇنداق خوتۇننى ...  خوتۇن ئالسا تىخى ، ئالمىسا تىخى ...  باش ئاغرىقى كۆپكەنغۇ !    
    ھېسلىرىم : ئەسەرلەرگە باققاندا رېئال تۇرمۇش تىخىمۇ مۇرەككەپ، رېئال تۇرمۇش ھەممە نەرسىلەرنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدۇ ،ئەمما ئەسەرلەر كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ .
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    kurkum
    samimi  bulunglar
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10693
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 178
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە178دانە
    ياخشى باھا: 51 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2727 سوم
    تۆھپىسى: 96 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 934(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-17
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 03:26 AM

    مەن يېڭى ئەزا بولغاندىكىن تۇنجى كۆرۇشۇم ناھايىتى تەسىرلىكەن
    jula0997
    jula 0997  misranimdiki barlik munbardaxrarga ag ali salam yollaydu
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13458
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 278
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە278دانە
    ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3288 سوم
    تۆھپىسى: 106 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1031(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-11
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 05:07 AM

    مەنمۇ تۇنجى كۆرۈشۈم ئىكەن . بەك ياىشى يېزىپسىز.مىسرانىمدا ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۇلۇپ قالمىغاي. گۈللەپ ياشناپ كىتىڭ !!!!!.......
    ئى ئاللاھ،بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن،ماڭا شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمان مۆئىمىنلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئامىن!!!...
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Declan
    Life is a tragedy, I was starring
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 63
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1411
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
    ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 7544 سوم
    تۆھپىسى: 3660 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1077(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-30 06:52 AM

    مودا مۇئەللىمنىڭ مودىللىرى دىگەن ئەسەردىكى باشلىنىش ،مودا مۇئەللىمنىڭ سىنىپ باشلىقغا بولغان پوزىتسىيەسى بەك ئاشۇرۇلما !
    مىسىرانىم ! تور دۇنياسىدىكى باشلامچىم  !