7Ab&C&3 1) ياش قىزلار قۇرامىغا يەتكەن خانىملاردىن تېخىمۇ ئاسان ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ئېتقاندا ، ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئەرلەرنىڭكىدىن نازۇك كېلىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ . يەنە كېلىپ ياش قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ھەم بالىياتقۇ بوينى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا نازۇك ھەم ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ، بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى .
-G e5g
Q= ."&,_F 2)ياش قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش خەتىرى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردىن يۇقىرى . ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالغاندا ، مەيلى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتسۇن ياكى بالىنى تۇغۇسۇن ، ئىككىلا ئەھۋالدا باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن . مەسىلەن بالىياتقۇ زەخىمگە ئۇچراش ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش ، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى ، بالدۇر تۇغۇش ھەتتا تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى . يەنە كېلىپ ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ياش قىزچاق بالىنىڭ كېيىنكى كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك ، بۇ خىل بېسىم ئاسانلا يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ .
p4Cw#)BaS S-}
MS" 3)ياش قىزلار بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن ، جەمىيەتكە بالدۇر كىرىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . لېكىن ياش قىزلاردا تۇرمۇش بىلىملىرى كەمچىل ، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ ،شۇڭلاشقا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ .
"RMBV}
m^0r9y,
4) ياش قىزلار يىگىتلەرگە قارىغاندا روھىي جەھەتتىن خېلىلا نازۇك كېلىدۇ . شۇڭلاشقا يىگىتلەر جىنسىي جەھەتتىن ھوزۇرلىنىش ئېلىۋاتقاندا ، ياش قىزچاق بەدەن جەھەتتىن ھەم روھىي جەھەتتىن زور بېسىم تارتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن . '?=SnjMX
\95qH,w)T
شۇڭلاشقا ياش قىزلار ئۆزىنى تونۇشى ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى ، مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىملەر ھەم تۇرمۇش بىلىملىرى ، ئەخلاق بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم . =+5z;3
M4
SJnE
مەنبە؛ساغلاملىق بىلملىرى كىتاۋىدىن %|E'cdvkX
 |