مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 97 قېتىم كۆرۈلدى

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2342
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 3.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 10
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 42 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 12(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-09
  كىرىشى: 2010-06-10
0 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

0

 كۆنگەن ئاشىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى بارلىق مۇنبەرداش دوسلار .  ئالدى بىلەن مەن مېسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن . مېنىڭ بۇ مۇنبەرگە تۇنجى كىرىشىمكەن قۇرۇق كەلمەي دېدىم ئاددىي بولسىمۇ بىر ئەسىرىمنى ئېلىپ كەلدىم كۆرۈپ بايققايسىلەر


توۋا دەيمەن ، گۈلۈم، ساڭا ئەجەبمۇ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن.مانا، سەن بىلەن كۆرۈشمىگىلى خېلى كۈن بولدى. تېلېفۇن قىلسام ، تېلېفۇنىڭ ئېتىك. ئەجەبمۇ تويدۇم مۇشۇ ‹‹来电管家提醒您 ›› دېگەن سۆزدىن. ياكى ، سەن تېلفۇنىڭنى ئاچمىدىڭمۇ؟ گۈلۈم ، تېلېفۇنىڭدىكى ئۇچۇرنى كۆرگەن ھامان ماڭا تېلېفون قايتۇرغىن، مەن سېنى بەك سېغىندىم،گۈلۈم. بولمىسا مەن ساراڭ بولۇپ قالىدىغان ئوخشايمەن. گۈلۈم،ساڭا راستىنلا كۆنۈپ قالغان ئىكەنمەن.سەن بىلەن كۆرۈشمىسەم كۆڭلۈم بىر قىسما بولۇپ قالىدىكەن. بەك ئازابلانغاندەك بولىدىكەنمەن. تېزدىن ئۇچۇرىڭنى بېرىۋەتكىن ، گۈلۈم.

توۋا دەيمەن ئۆز ئۆزۈمگە،
ئىچىم دەردكە تولدىغۇ ئەجەب
.
مەن يىغلىسام ، دوستلىرىم غەمكىن ،
رەقىبلىرىم كۈلدىغۇ ئەجەب.
گۈلۈم ، ساڭا نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا يوقاپ كېتىسەن؟ سەن بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرمىسام قانداق ئەھۋالدا قالىدىغانلىقىمنى سەن بىلمەمسەن؟ سەن بۇنىڭغا چىدىدىڭمۇ؟ ساڭا زادى نېمە بولدى؟ سەن ئەزەلدىن بۇنداق تۇيۇقسىز يوقاپ كەتمەيتتىڭغۇ؟ مەن سەندىن ئەنسىرەپ قالدىم، گۈلۈم. ماڭا بىر خەۋىرىڭنى بېرىۋەتكىن. مەن راستىنلا ساڭا كۆنۈپ قاپتىمەن. ساڭا چىدىمايدىكەنمەن.

ساڭا نېمە بولدى ، ئەي، گۈلۈم؟
ئۇچۇرۇڭ يوق زادى نېمىشقا؟

كۈنلەر غەمكىن ، تۈنلەر ئازابلىق،

كۆنەلمىدىم سەنسىز ياشاشقا
.

گۈلۈم،مانا بۈگۈن ھېچ بىر نىشانسىزلا سېنى ئىزدەپ چىقتىم. بىراق، زادى قەيەرلەردىن سېنى ئىزدەشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدىم. گۈلۈم ، سەن زادى قەيەرگە كەتكەنسەن؟ تەقدىرنىڭ رەھىمسىز شاماللىرى سېنى قەيەرلەرگە ئۇچۇرۇپ كەتكەندۇ ؟ ئۇچۇرىڭدىن زەررىچە دېگىدەك خەۋەردار بولسام ئىدىم، جان پىدالىق بىلەن سېنى ئىزدەپ تاپار ئىدىم.ئەمما،مەن سېنىڭ ھازىر قەيەرلەردە ، قانداق قىسمەتلەر بىلەن يۈرىۋاتقىنىڭدىن خەۋەرسىز بىر ئاشىقمەن. ياكى مەنمۇ ئاشۇ چۆچەكلەردىكى ئاشىقلاردەك مەشۇقۇم بولغان سېنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ئۇدۇل كەلگەن بىر نىشانغا قاراپ ماڭايمۇ؟ لېكىن ، بۇنداق ماڭسام سېنى ئىزدەپ تېپىشىم زادى مۇمكىن ئەمەستە!.........شۇنداق، ئۇ ئۇسۇل بىلەن سېنى ئىزدەش مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىشتە.چۈنكى، بۇ دېگەن رىئال دۇنيا. ھەرگىزمۇ چۆچەكلەردىكى خىيالىي دۇنيا ئەمەس.......

ئىزدەپ چىقتىم بۈگۈن مەن سېنى،
نە بارارمەن ؟ قالدىم تىڭىرقاپ
.
ئۇچۇرۇڭنى بىلسەم باراتتىم،

مەيلى جايىڭ بولسۇن كۈھىقاپ.

ئەي، قەدىرلىك گۈلۈم، بۈگۈنمۇ سەندىن خەۋەر يوق. چۈشۈم بۇزۇلۇپلا تۇرىدۇ.ساڭا بىرەر ئىش بولمىغاندۇ؟ ياق! ساڭا بىرەر ئىش بولمايدۇ. ناۋادا ساڭا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا، مەن قانداق قىلىمەن؟ ئېيتقىن، گۈلۈم، مەن ئۇ چاغدا نېمە بولۇپ كېتەرمەن؟ ئاپلا ! ماۋۇ تىڭىرقىغان كاللامنى. مەن نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىم. يوق بىر ئىشلارنى ئويلاپ كېتىپتىمەنغۇ. ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمى بىلەن گەرچە ۋاقىتلىق كۆرۈشەلمىسىمۇ، بۇ تىڭىرقىغان كاللىغا ھەرخىل خىياللار كېلىۋالىدىكەن. بۇنداق ھېسسىيات بەلكىم بىر مەندىلا ئەمەس بولۇشى مۇمكىن. ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن كىممۇ ئەنسىرەپ تۇرالمىسۇن. سېنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلايدۇ، گۈلۈم. چۈنكى، مەن سېنى قۇدرىتى ئۇلۇغ بولغان ئاللاھقا تاپشۇردۇم ئەمەسمۇ. ئېھ ! ئاللاھ! گۈلۈمنى ۋە ئۇنىڭ قاتارىدا بارلىق ئاشىقلارنىڭ مەشۇقلىرىنى ئۆز ھېدايىتىڭگە ئالغايسەن.

ئەنسىرەيمەن سېنىڭدىن ، گۈلۈم،
قەيەرلەردە يۈردۈڭ تەمتىرەپ
.
بىر ئاللاغا تاپشۇردۇم سېنى،

يالغۇز يىغلاپ سەندىن ئەنسىرەپ.

توۋا ! گۈلۈم، كونىلارنىڭ بىر سۆزى بولىدىغان : ‹‹كۆيگەن يامانمۇ؟ كۆنگەنمۇ؟ ›› دەپ. سەبى ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك. بۇ گەپنى ئاڭلاپ ، بۇ نېمە گەپتۇ؟ نېمىگە كۆنگەن يامانمۇ دەيدۇ؟ بىرىگە كۆنۈپ قالغان بىلەن كۆيۈپ قالمىسا بەرىبىردە دەپتىكەنمەن . ئەمدى بىلسەم، ساڭا كۆنگەن ئىكەنمەن. ئەسلىدە كونىلار بىكار ئېيتماپتىكەن. ئۇلارنىڭ بېشىدىن نۇرغۇن كەچۈرمىشلەر ئۆتكەچكە ، شۇنداق سۆزنى قالدۇرغان ئىكەن. ‹‹كۆيگەن يامانمۇ؟ كۆنگەنمۇ؟ ›› كۆنگەننىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى سېنى كۆرمىگەن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ھەقىقىي ھېس قىلدىم. گۈلۈم، ئەسلى مەن ساڭا تەسۋىرلىگۈسىز دەرىجىدە كۆنگەن ئىكەنمەن............


قەيەردە سەن؟ قايتىپ كەل،گۈلۈم،
ۋىسالىڭغا يەتكۈزگىن مېنى
.
ئىككى دۇنيا كۆنگەن كۆڭۈلدىن،

سۆيۈپ ئۆتەي ، ئامرىقىم ، سېنى
.

ساراي يازمىسى



-سىز كۆرۋاتقان تىما كۆنگەن ئاشىق,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى kun^kiz تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-06-09, 15:37
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 21
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
ئۆسۈش: 5.27%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 158
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 415 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 76(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-10
1 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ھا ھا ھا نىمدا تەسىرلىك گەپلە بۇ ،بۇنى ئۇ كۆسە چوقۇم سىزگە تىلفۇن قىلىدۇ ھى ھى ئۈمىتۋار بولۇڭ ھە ...مەنمۇ يۈرۈۋاتىمەنغۇ مانا .......
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: 4.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 141
  ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 674 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
2 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

گۈلۈم  بىر سېنىلا سۆيۈپ كەپتىمەن،
سۆيگەچكە ساڭىلا كۆيۈپ كەپتىمەن،
كۆزلىرىم ئىزدىمەس سەندىن باشقىنى،
جاھاندا بىر ساڭ كۆنۈپ كەپتىمەن.....


ئېسىل لېرىكىڭىزدىن ھوزۇرلاندۇرغانلىقىڭزغا رەھمەت، شۇنداق ھېسياتلىق يېزىپسىز.... يازمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.....
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە621دانە
ئۆسۈش: 6.21%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 621
  ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1885 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 152(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
3 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

كۆنگەن يامانمۇ ،كۆيگەنمۇ ؟
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 314
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە135دانە
ئۆسۈش: 4.5%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 135
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 432 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 39(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-22
  كىرىشى: 2010-06-10
4 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

شۇنداق تەسىرلىك بوپتۇ  بۇ تۇقۇلمىمۇ ياكى رىياللىقمۇ ؟ ئەگەر رىياللىق بولسا تىخىمۇ ئۇمۇتۋار بۇلۇڭ ئۇلۇغ ئاللاھ سىلەنى چۇقۇم مىرادىڭلارغا يەتكۇزدۇ
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 899
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ئۆسۈش: 1.6%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 48
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 156 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 12(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-26
  كىرىشى: 2010-06-11
5 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ياخشى يېزىپسىز . تېخىمۇ كۆپ نادىر تىمىلىرىڭىزنى كۈرۈشكە تەشنا بىز.
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما