شائىر روزى سايىت
j7ZxA*
EA(4xj&:U
شائىر روزى سايىت 1944-يىلى 9- ئايدا خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىگە قاراشلىق شەيدۇللا دېگەن يېرىدە سايىتاخۇن ئىسىملىك كونا ئەسكەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . c45s
#6
1951-يىلى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى خوتەن شەھىرىگە كۆچۈپ كىرگەن .روزى سايىت 1958-يىلىغىچە خوتەندە باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان . سايىتاخۇننىڭ ئائىلىسى تارقاقلاشتۇرلۇپ خوتەننىڭ بۇزاق يېزىسىدىكى جاي كەنتىگە ماكانلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن ،روزى سايىت دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان .
1962-يىلى خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان ،كېيىن يەنە دېھقانچىلىق قىلغان ، 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن ، 1976-يىلى ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن خوتەندە ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان . 1980-يىلىدىن باشلاپ "يېڭى قاشتېشى" ژورنىلىدا مۇھەررىرلىك قىلغان . 2001-يىلى 9-ئايدا كېسەللىك سەۋەبىدىن 57 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . xjr4')h
روزى سايىتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1973-يىلى "قەشقەر گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان "دېھقانمۇ داشۆگە كىردى" ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان . شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئۇنىڭ نۇرغۇن شېئىر-داستانلىرى ئېلان قىلىنغان . ئۇ يەنە "بارات يازغان ھېكايە " قاتارلىق بىرقانچە نەسرىي ئەسەرلەرنى يازغان . ئۇنىڭ "يىپەك يولىدا نورۇز" ، "يۇرۇڭقاش ۋادىسىدا شادلىق " قاتارلىق تېلىۋىزىيە بەدىئىي فىلىملىرىنىڭ سىنارىيىسى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن رەتكە ئېلىنغان . nrMW5>&-`
روزى سايىتنىڭ بەزى ئەسەرلىرى مەملىكەت ھەم ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن . ئۆزىمۇ بىرقانچە قېتىم ئاپتونۇم رايون ۋە ۋىلايەت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالانغان . @\w}p E
روزى سايىتنىڭ ھازىرغىچە نەشىر قىلىنغان ئەسەرلىرىدىن "قاشتېشىنىڭ رىۋايىتى" ، "بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن " ، "مەرھابا" ، "مۇھەببەتتىن پۈتكەن ناخشىلار" ، "پاھ ، دېھقاننىڭ ھەيكىلى" ، ناملىق شېئىر ۋە داستانلار توپلىمى بار . ئۇنىڭ دېھقانلار تېمىسىدا يازغان بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئەينى يىللاردا يېزىلارغا يۈرگۈزۈلگەن بەزى "سول" سىياسەتلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بەزىبىر ئاقىۋەتلەرگە قارىتىلغان . بۇ شېئىرلار ئۈنئالغۇ لېنتىسىغا ئېلىنىپ ، "دېھقان بولماق تەس " دېگەن نامدا نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن ،زور تەسىر قوزغىغان . ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن مىللەتلەر نەشرىياتى "روزى سايىت شېئىرلىرىدىن " دېگەن نامدا ئۇنىڭ بىر تۈكۈم شېئىرلىنى نەشىر قىلدى . iH4LZ
OJpfiZ@Q_
ئانا تىلىم - زەر تىلىم s 4_Dqm
uQ-GJI^t
تىل ئالاقە قورالى ،تىل قەلبنىڭ ئەينىكى ، R ?iCJ5 m
تىل ئادەمنى ،ئالەمنى باغلاپ تۇرغان زەر رىشتە . SM8N*WdiU
تىل غەزىنە ، تىل ھىكمەت ، تىل مۇھەببەت كۆۋرۈكى ، $6mShp9(
تىل ھايۋاننى ئىنسانغا ئايلاندۇردى پەرۋىشتە . N_K9H1r
9k ~8n9
تىل نادانغا پەم بېرىپ ، تىل زۇۋانغا تەم بېرىپ ، Ztmh z_u7
ھاياتلىقنىڭ ئابادى مېھرى تاپتى سۆيۈكتە . 7JBs7LG
شۇڭا ھەر بىر قۇۋمچۈن مەيلى كىچىك-چوڭ بولسۇن ، %TQ4ZFD3
ئاتا تىلى - ئۆز تىلى شۇنچە ئۇلۇغ ،بۈيۈك -تە ! n#x_da-m]
`15}jTi
ئۇيغۇر تىلى ئۇۋاق تىل، ئۇيغۇر تىلى ئۇماق تىل، ,WWd%DF)
سەككىز مىليون بۇلبۇلنىڭ ئەشۇ تىلدا ناۋاسى . Zzjx;SF
ئۇيغۇر تىلى كىچىك تىل ، ئەمما تاتلىق چۈچۈك تىل، E7/UsUV.
مەن شۇ تىلنىڭ شەيداسى ، مىراسخورى -ھەقداسى. ^$P_B-C N
#6\mTL4vg
ئۇ -ئانا تىل ئانامغا ئانىسىدىن يادىكار ، 8J'5%$3u
مەن بۇ تىلنى ئۈگەنگەن زاكامدىكى چاغلاردا . .\oW@2,RA9
ئاشۇ ئانا تىل بىلەن ئوۋلاپ جانان مەيلىنى ،
#d % v=.1
پاراڭلاشقان ،سىرداشقان ئالمىزارلىق باغلاردا . y/S3ZJY
Jf2JGTcm
بوۋام مۇشۇ تىل بىلەن يۈرۈكۈمگە پىچىرلاپ ، h
ۋاپادارلىق ،مەردلىكنىڭ مىزانىنى بىلدۈرگەن. ^ulgZ2BQ|
ئوغلۇم ،قىزىم ھەر كۈنى تۇمۇچۇقتەك ۋىچىرلاپ ، !:\0}w$-
ھاياجانغا چۆمدۈرگەن ، مۇرادىمنى بىلدۈرگەن . %G(VYCeK
UUz{Qm%
مۇشۇ تىلدا ناۋائىي كىيگەن ناۋا تاجىنى ، #Db^*
شاھ مەشرەپنى مۇشۇ تىل ئېرىشتۈرگەن شەرەپكە . Yz2N(g[
يۈسۈپكە "خاس ھاجىپ " لىق ئاتا قىلغان مۇشۇ تىل، nL^7t7mp
مەھمۇد بوۋام مۇشۇ تىلدا دەرس ئۈگەتكەن ئەرەپكە . /Zs_G=\>
'J*'{
مەن شۇ ئانا تىل بىلەن پەرۋاز قىلىپ ئىجادتا ، :-59~8&
زىمىستاننى لەنەتلەپ ، تاڭغا مەڭز-يۈز ياقتىم . eptw)S-j
كۈلسە يۇرتۇم تەڭ كۈلدۈم ، ئەل يىغلىسا ياش تۆكتۈم ،
بىللە كۆيدۈم ئوتىدا ، سۇلىرىدا تەڭ ئاقتىم . 5/6Jq
v"
#8^q
مەن شۇ ئانا تىل بىلەن باغاشلىدىم باھارنى ، eI`%J3BxR
گۈل -چېچەككە پۈركەنگەن چىمەنلەرنى ئارىلاپ. KRm)|bgE
مەن كۈلىمەن ،قۇۋۇمنى كۈلدىرىمەن قەلەمدە ، 1:7fV@jw
تىلغا ئۈنگەن ھارام شاخ، كۆتەكلەرنى پارچىلاپ . 1)}hzA
zO9WqP_`iR
شۇڭا دەيمەن : ئۆز تىلىم - گۆھەر تىلىم ،زەر تىلىم ، &<&eKq
بوپقالغىنى ئۇششاق تىل ئەمەس ھەرگىز ئىلىىتى . mV}8s]29
زەررە كىچىك ، ئاتوم شۇ زەررىلەردىن تۈزۇلگەن ، p;zT #%
مىنىڭ تىلىم ئاشۇنداق ، ئاتومچە بار قىممىتى . s 64@
C.u)2[(
ئەي تەڭرىتاغ پەرزەنتى ، ئۇزۇن سەپەر كارۋىنى ، P"Q6 wdm
سىيپىماقتا مەڭزىڭنى تاڭنىڭ مەيىن شامىلى . #Wl9[W/4
مۇھەببەتلىك باغاشتا كۈلۈپ يايرا ،ياڭرىسۇن ، #Ph8?
سەككىز مىليون شاد دىلنىڭ ئانا تىلدا ناۋاسى!! yJ; ;&
Q'e[(^8
مەنبە : روزى سايىتنىڭ "ئانا تىلىم -زەر تىلىم" ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن 9,>c;7s X
ygV-Fv>PQ
 |