مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 182 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 90
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە430دانە
ئۆسۈش: 4.3%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 430
  ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1292 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 127(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
0 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

0

 توۋا دىمىسە بىكار

يائاللا....ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلۇرۇم...بەش كۈن كۆرمەي كۆزۈمدىن ئۇچۇپلا كەتتىڭلار....بولدى،باشقا گەپ قىلماي بۇ تىمىنى بىر يىل بۇرۇن بۇ يەرگە يوللىغان،ھازىر سەل ئۆزگەرتىپ يەنە يوللىدىم......ئوقۇپ بىقىڭلار ھە.....

ئىشقا چىقىش،بىركۈن ئىشلەپ ئىشتىن چۈشۈش،كەچتە ئۆيگە قايتىپ تاماق يەپ ئۇخلاش،ئەتىسى يەنە ئىشقا چىقىش...........مانا بۇ مىنىڭ بىركۈنلۈك ۋاقتىمنىڭ دەۋىرلىنىش خاتىرسى....

ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت يەنە كەلدى،ئۇھ....بۈگۈن بىركۈن ئىشلەپ ھارغىنلىق ھىس قىلىپ قالدىم،دىمىسىمۇ كۈندە ئىشلەپ،كەيپىياتىممۇ ناچارلىشىپ ئۆزۈمدە بىر خىل روھى بىسىم شەكىللىنىپ قالغان ئىدى.ئىشخانىدىن چىقاي ،دەپ تۇرۇشۇمغا تىلفۇنۇم سايراشقا باشلىدى،كىمدۇ بۇ؟يا بالدۇر ئەمەس،يا كىيىن ئەمەس،تىلفۇننى ئىرەنچىكلىك بىلەن قۇلۇمغا ئالدىم،قارىسام كۆرۈشمىگىلى خىلى ئۇزۇن بولغان دوستۇم ئالىيە تىلفۇن ئۇرۇپتۇ،ئۇ توي قىلغاندىن كىيىن تۈزۈك كۆرۆشۈپ باقمىغان ئىدىم.
__ۋەي،ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئاداش،قانداقراق ئەھۋالىڭ؟
__ۋەئەلەيكۇم!سەن نەدە؟
ئاچچىغىم غۇژژىدە تۇتتى،توي قىلىپ بولۇپ سالاملىشىشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ بۇ؟
__ئىشخانىدا،ئەمدى ئىشتىن چۈشەي دىگەن.
__كەچتە باشقا ئىشىڭ يوقتۇ ئاداش؟
__يوق،قانداق دەيسەن؟
__ئەمىسە ئىشخانەڭنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇر-ھە ئاداش،مەن ھازىرلا ئالغىلى بارىمەن.
مىنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا تىلفۇننى قۇيىۋەتتى،ما ئاداشنى،نىمە بولغاندۇ؟تويدىن كىيىن دىدارىنى كۆرسەتمەي بۈگۈن پاراڭلىشىپ مىجەزى غەلىتە بولۇپ قاپتۇيا بۇنىڭ؟
مەن ئىشخانىدىن چىقىپ پەستە ساقلاپ تۇردۇم،ھاياللاشمايلا دوستۇم يولدىشى بىلەن ماشىنىدا كەلدى،ئالىيە ماشىنىدىن چۈشۈپلا قىزغىنلىق بىلەن كۆرۈشۈپ كەتتى:
__ۋاي قانداقراق ئەھۋالىڭ ئاداش؟بامۇ سەن؟؟يوقاپلا كەتتىڭغۇ؟
ھەيران قالدىم ،يوقاپ كەتكىنى مەن ئەمەس،ئالدىمدا تۇرغان مۇنۇ كىلىنچەك دوستۇم ئىدى.
__مەن بار ئاداش،ئۆزۈڭ ياخشى تۇرغانسەن؟
__مەن ياخشى ئاداش،ماڭە،ماشىنىغا چىق،ماڭغاچ پاراڭلىشىلى،بۈگۈنچۇ قارا تۇرغۇننىڭ بىر دوستى سورۇن ئۆتكۈزۈپتىكەن،شۇڭا سىنىمۇ بىللە بارسۇن دەپ كىلىشىم ئىدى.
__مەن ئۇلارنى تۇنۇمايدىغان تۇرسام؟بولدى ئاداش،ئۆزۈڭلار بىرىپ كىلىڭلار،مەن بارماي.
__ۋاي-ۋۇي ئاداش،ئۇلارنى مەنمۇ تۇنۇمايمەن،تۇرغۇننىڭ ئاغىينىسى ئىكەن، تۇنۇمايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا يالغۇز  ئولتۇرماي دەپ ئويلىغان،سەن بولساڭ مەنمۇ قۇرۇنۇپ قالمايمەن دىگىنە.
بوپتۇلا،ئۆزۈممۇ بارسام كۆڭلۈم ئىچىلىپ قالار بەلكىم. ئارتۇقچە تارتىشمىدىم.
__بوپتۇ ئەمىسە.
__ماۋۇ گىپىڭ قاملاشتى ئاداش،كۈندە ئۆيدە ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق جۇمۇ ئاداش،__ئۇ سۆزلىگەچ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى،مەن ماشىنىغا چىقىپ ئالىيەنىڭ يولدىشى تۇرغۇن بىلەن سالاملىشىپ قويغاندىن كىيىن ماشىنا  سىلىق يۇرۇپكەتتى.
بىز بۇ شەھەردە خىلى نامى بار،ھەشەمەتلىك بىر رىستۇراننىڭ ئالدىغا كەلدۇق.ئۈچىمىز پاراڭلاشقاچ ئۈچىنجى قەۋەتكە جايلاشقان ئايرىمخانىغا قاراپ ماڭدۇق،بىر ئايرىمخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە تۇرغۇن ئىشىكنى يىنىك چەكتى،ئىشىكنى ئۆزى قاملاشقان،ئىگىز بويىغا ياراشتۇرۇپ يارىشىملىق كىيىنىۋالغان،بۇرۇتلۇق بىر كىشى ئاچتى.
__يائاللا تۇرغۇنجان،ھەرنىم بولسا كەلدىڭلار،سىلەرنى ساقلاپ بىزنىڭ قوساقلىرىمىزنىڭ ناغرا چالغىلى نەۋاق،قىنى يۇقىرى ئۆتۈڭلار.
ئايرىمخانىغا كىرىپلا بۇ چوڭ ھەشەمەتلىك بىزەلگەن ئايرىمخانىدىكى ئىس-تۈتەكنىڭ تەسىرىدىن كۆزلىرىمنى ئاچالمايلا قالدىم.
ئايرىمخانىدا مودا ياسىنىۋالغان  ئەر-ئاياللار ئولتۇراتتى.بىز ھەممىسى بىلەن بىرەر قۇر ئەھۋاللىشىپ  بىزگە تەييارلاپ قويغان ئورنىمىزغا بىرىپ ئولتۇردۇق.
تاماقلار كەينى-كەينىدىن چىقىشقا باشلىدى،ئۈستەلنىڭ ئۈستى تاماققا توشۇپ تاماقلار بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە دەسلىنىپ قۇيۋاتقان ئىدى،كەينىدىن ئاق-قىزىل ھاراق-ئىچىملىكلەرمۇ ئۈستەل يۈزىدىن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ئورنىنى تاپتى.ھەممە بەرسە تەل بولغان ئىدى.
بۇ سورۇننىڭ موللىقىغا قاراپ ساھىبخاننىڭ ئالاھىدە بىر ئىش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى پەرەز قىلدىم،پەرىزىم خاتا چىقمىغان ئىدى.ساھىبخان ئورنىدىن تۇرۇپ ھەممىمىزگە بىر قۇر كۈلۈمسىرەپ قاراپ قۇيۇپ گىلىنى يىنىك قىرىپ قويدى،بۇ ھەممىمىزنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە يىغدى،ئۆزئارا پارڭلىشىۋاتقانلارمۇ گىپىنى توختىتىپ سىاھىبخانىغا قارىدى:
__دوسلۇرۇم،ئاغىنىلىرىم،بۈگۈنكى بۇ سورۇننى قىلىپ سىلەرنى چاقىرتىشىم بىرىنجىدىن دوسلارنىڭ ئۆزئارا يىغىلىپ كۆرۈشمىگىنىمىزگە خىلى ئۇزۇن بوپتۇ، ھەممىمىز ئالدىراش ئىشلەۋاتقانلار بولغاندىن كىيىن  كۆرۈشىۋالايلى،مۇڭدىشىۋالايلى دەپ، ئىككىنجىدىن قىزىمنىڭ تۇغۇلغىنىغا بىر ھەپتە بولدى،تىخىچە ئىسىم تاللىيالماي ھەلەكتە،سىلەرنى بولسا قىزىمغا ئىسىم تاللىشىپ بىرەمدىكىن دەپ چاقىرتقان،شۇڭا سىلەردىن پىكىر ئىلىپ باقاي،دەپ بۇ ئاددىي سورۇننى ھازىرلىدىم.

كۆزۈم ئىتتىكلا<<دادا>>ساھىبخاننىڭ يىنىدىكى مودا كىيىنىپ،چىرايلىق ياسىنىۋالغان ئايالغا چۈشتى،توۋا،ئەجەپ تۇغۇپ قىرىقى توشماي بىرھەپتە بولغاندىلا ئورنىدىن تۇرۇۋاپتۇيا؟؟؟چىرايىدىن ھىچ بىر يەڭگىگىنىگە بىر ھەپتە بولغاندەك كۆرۈنمەيدۇ...
قىنىق كۆك رەڭلىك كۆڭلەك كىيىپ،چاچلىرىنى بۈدرە قىلۋالغان بىر ئايال خىياللىرىم ئىچىدىن تارتىپ چىقاردى:
__قىزىڭىزنىڭ ئىسمىنى زىلالە قويسىڭىز بولارمىكىن،بۇ ئىسىم ئاڭلىماققا بەك يىقىملىق تەسىر بىرىدۇ جۇمۇ؟
چىپپىدە پادىچىلار ئىشتىنى كىيىپ تىقىلىپ قالغان بىر ئايال گەپنى بۆلدى:
__ۋاييەي ئەكبەر(ساھىبخاننىڭ ئىسمى ئىكەن،بايا ئۆزىنى تۇنۇشتۇرغان ئىدى)،قىز بالا دىگەن دادىنى تارتىدۇ،دەيدىغان،ھەرنىمە بولسا سىزگە ئوخشاپ ياخشى بوپتۇ،قىزىڭىز سىزنى تارتىپ چوڭ بولسا بەك چىرايلىق قىز بولىدۇ جۇمۇ؟
ئىم،دىدىم ئىچىمدە،ما ئايال يىنىدىكى ئايالىنى كۆرمىگەندەك گەپ قىلىۋاتامدىغاندۇ؟ئەجەپ كۆڭۈل ئاياشنى بىلمەيدىكىنە؟
مەن ساھىبخان <<دادا>>نىڭ يىنىدىكى ئايالغا ئوغۇرلۇقچە قارىۋالدىم،لىكىن ئۇ ئايال خىيالىدا يوق خۇددى بۇ ئايالنىڭ گىپىنى تەستىقلىغاندەك كۈلۈمسىرىگىنىچە بىشىنى لىڭشىتىپ ئولتۇراتتى.ئىچى خىلى كەڭ ئايالكەن،باشقا بىرى بولسا بۇ ئايالنى گەپ بىلەن تۇيغۇزۇپ قوياتتى،دىمىسىمۇ ئايالىغا پارقىرىتىپ قۇيۇپ سىز ئايالىڭىزدىن چىرايلىق،دىگەندەك گەپنى قىلسا كىمنىڭ ئاچچىغى كەلمەيدۇ؟
ساھىبخان بولسا بىشىنى گىلدىڭلىتىپ قويدى،ھەممە ئاغىنىە-دوسلىرى بولسا ئىسىم توغرىسىدا مۇنازىرىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى،مەن ئالىيەگە قارىدىم،ئۇ مىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك يىنىدىكى بىر ئايال بىلەن ئىسىم تۇغۇرلۇق قىزغىن پاراڭلىشىۋاتاتتى.

توۋا!!دەيتتىم ئىچىمدە، خەق بالىسىغا ئىسىم قويسا قارىم لارنى چاقىرىپ ئەرزان توۋلاپ ئاتا-بوۋىسىنىڭ ياكى بولمىسا كىتابتىن ياخشى مەنىگە ئىگە ئىسىملارنى تاللاپ قۇيىدىكەن،بۇ ئاداش بولسا ئەمدى رىستۇراندىن ئىسىم تىپىپ قۇيىدىغان بوپتۇدە؟ھە بوپتۇ،ھازىر ھەممە نەرسە ئورتاق بولغاندىن كىيىن ئىسىمنى ئورتاق قويسا نىمە بوپتۇ؟بەلكىم بۇمۇ بىر يىڭى مودا بولسا كىرەك.

__ئەمىسە _ساھىبخان <<دادا>>گەپ باشلىدى،_مۇھەببىتىمنىڭ قانداق پىكىرى باركىن،ھەممىمىز ئاڭلاپ باقمامدۇق؟ قىنى ماھىرە،سىزمۇ دەپ بىقىڭە؟
مۇھەببىتىم؟؟؟؟ۋۇي...مەن زاماننىڭ كەينىدە بەكلا قالدىممۇ نىمە؟ئەمدى بۇلار ئايالىنى مۇھەببىتىم دەپ ئاتاشنى مودا قىلۋالغان ئوخشىمامدۇ؟؟
يىنىدىكى ئايال بولسا قاش-قاپاقلىرىنى سۈزۈپ قۇيۇپ سورۇندىكىلەرگە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىمتىيازىنى كۆز-كۆز قىلماقچى بولغاندەك تەلەپپۇزدا گەپ قىلدى:
__مىنىڭ ئىسمىم ماھىرە بولغاندىن كىيىن مىنىڭچە قىزىڭىزغا مىنىڭكىدەك ماھىرە،دەپ قۇيۇڭ،ھەرقىتىم قىزىڭىزنى چاقىرغاندا مىنى ئەسلەپ تۇرىسىز ئەمەسمۇ؟؟؟
كاللا تۇيۇقسىز توختاپ قالغاندەك بولدى،ھە....ئەسلى ئىش مۇنداقكەندە؟؟؟؟؟پاھ-پاھ ماۋۇ يىڭىلىقنى،بالىنىڭ ئاپىسى ئائىلەم،تۇرمۇشۇم،يولدۇشۇم،دەپ بالىسىنى تۇغۇپ ئۆيدە ئولتۇرسۇن،ماۋۇ <<دادا>>بولسا  مۇھەببىتى بىلەن بۇيەردە ئىسىم تاللاپ يۇرسۇن.....مەن بۇ سۇرنغا خاتا كىلىپ قالغان ئىدىم،ئاستا كەتمەكچى بولدۇم،ئالىيەگە قارىسام ئۇ غىمىدە يوق تۈگىمەس پاراڭلىرىنى باشلىۋىتىپتۇ.
__ئالىيە ،_دىدىم بوش ئاۋازدا ئۇنى چاقىرىپ،__مەن ماڭاي ئاداش،سىلەر ئولتۇرۇڭلار.
ئالىيە ئەمدى مىنى ئىسىگە ئالغان بولسا كىرەك،ماڭا قاراپ بوش ئاۋازدا:
__سىنى زىرىكتۈرۈپ قۇيدۇم -ھە ئاداش،ماۋۇ دوستۇم بىلەن كۆرۈشمىگىلى خىلى بوپتىكەن،پاراڭلىشىپ قالدىم،خاپا بولما-ھە؟كىتىمەن دىگەن گەپنى قىلما ئاداش،سورۇن ئەمدى باشلاندى.
ئۇ كىتىشىمگە قەتتىي ئۇنىمىدى،بوپتۇ،يەنە قانداق ئىشلارنى كۆرەرمەنكىن قىنى ،بىر ئولتۇرۇپ باقايچۇ.
تاماقلار بولسا ئەمدى يىيىلىشكە،بوتۇلكىلارنىڭ ئىغىزى ئىچىلىشقا باشلىغان ئىدى،قارىسام قىزىل ھاراقنى ئاۋۇ<<دادا>>نىڭ يىنىدىكى <<مۇھەببىتى>>قۇيۇۋاتىپتۇ،<<دادا>>بولسا ئاق ھاراقنى قۇيۇۋاتىپتۇ، قىزىل ھاراقنىڭ نۆۋىتى ئالىيەگە كەلدى،مەن ئالىيەنى ئىچمەيدۇ،دەپ ئويلىدىم،ئەپسۇس،مىنىڭ ئويلىغىنىمنىڭ ئەكىسچە قولىغا ئىلىپ تۈزۈتسىزلا ئىچىۋەتتى...كۆزلىرىم پىيالىدەك يوغىناپ كەتتى،ۋاي خۇدايىم ،مەن تۇنۇيدىغان ئالىيە مۇشۇمۇ يە؟؟؟يولدىشىغا قارىدىم،يولدىشى بولسا ئالىيەنىڭ ئىچەلىگىنىگە پەخىرلەنگەندەك گىدىيىپ ئولتۇراتتى،ئالىيەمۇ ئۆزىنىڭ سورۇن كۆرۈپ يۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويماقچى بولغاندەك :<<ماۋۇ قىزىل ھاراقنىڭ ياخشىسى ئىكەن،ھە؟>>دەپ قۇيدى.مەن ئەمدى گەپ قىلىشنىڭ ھىچقانداق ئورنى قالمىغانلىقىنى سەزدىم.
__ماۋۇ مىنىڭ سىزگە تۇتقان كۆڭلۈم،تۇنۇشقىنىمدىن خۇشالمەن،تۇرغۇن،ئالىيەلەر مىنى ياخشى تۇنۇيدۇ،قىنى ئىلىڭە؟
قارىسام ساھىبخان <<دادا>>قىزىل ھاراق يىرىم قۇيۇلغان ئىستاكاننى ماڭا تۇتقۇنىچە تۇراتتى.
مۇشۇ كەمگىچە قىزىل ھاراق تۈگۈل تىلىمنى قۇرۇيدىغان ئىچىملىكلەرنىمۇ ئىچەلمەيتتىم.
__ھە،رەھمەت،مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچىپ باقمىغان،_مەن دەرھال ئالدىمدىكى چاي قۇيۇلغان پىيالىنى ئىلىۋالدىم،_مۇشۇنى ئىچەي.
ساھىبخان <<دادا>>قولىدىكى ئىستىكاننى ئۇزاق تەڭلەپ ئوڭايسىزلىنىپ قالدىمۇ،ئاستا يىغىشتۇرۇۋالدى:
__ھە..ھە...مەيلى ،بوپتۇ،زورلىمىدىم..مەيلى....
مەن پىيالىدىكى چاينى ئوتلاپ قۇيۇپ ئالدىمغا قۇيدۇم.
ئالىيە بولسا مىنى يىنىك تارتقىنىچە بوش ئاۋازدا:
__ئاداش،ئەجەپ خىجىل قىلدىڭ ئۇنى، ئىچمەي سەت بولدى جۇمۇ ئاداش.
ئاچچىغىم كەلدى، مەنمۇ ئەمدى تۈزۈتنىڭ ئورنى قالمىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم ،شۇنىڭ بىلەن ئالىيەگە:
__قانچىلىك سەت بولدى ئاداش؟بىلىسەنغۇ ئاداش مىنى،ئەزەلدىن مۇشۇنداق تومپاي چوڭ بولۇپ قالغان،بۈگۈن شۇڭا يۈزۈڭنى تۈكۈپ قۇيارمەنمىكىن دەپ كەلمەي،دىگەن،ئۆزۈڭ زورلاپ تۇرىۋالدىڭ،بۇنچىۋالا مودا سورۇنغا مەن راسلا ماس كىلەلمىگۈدەكمەن ئاداش،رەھمەت سىنى ئاۋارە قىلدىم -ھە؟ئەمىسە مەن ماڭغاچ تۇراي،كىيىنچە ئالاقىلىشەمىز......مەن شۇنداق دەپلا سومكامنى ئىلىپ ئىشىك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم،باشقىلار نىمە ئىش بولغىنىنىمۇ بىلمەيتتى،بۇ سورۇندىكىلەرگە خۇش دەپ قۇيۇشنىڭمۇ ئورنى يوق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم، پەسكە چۈشۈپ كىتىۋاتسام ئالىيە كەينىمدىن يۈگۇرۇپ چۈشتى،ۋە مەن بىلەن ياندىشىپ دىگۈدەك ئارقامدىن قالماي پەسكە بىللەچۈشتى:
__ۋاي..ئاداش،نىمانداق سەھرالىق ئىش كۆرمىگەندەك ئىش قىلىسەن؟بۇ قايسى زامان ئاداش؟شۇنچىلىك ئىشقىمۇ خاپا بولغان بارمۇ؟
__بولدى قىپ قال ئاداش،مەن شۇ مۇشۇنداق تومپايراق،خاپا بولما ھە؟
يولدا كىلىۋاتقان تاكسىنى توسۇپ ئۈلگۈدۈم ۋە ئالىيەنىڭ توۋلىغىنى بىلەنمۇ كارىم بولماي كىتىپ قالدىم....كىتىۋاتىمەن،بۈگۈنكى بۇ سورۇننى ئويلاپ كاللامدا ھەرخىل خىياللار...توۋا...قىزىغا ئىسىم قۇيۇش ئۈچۈن سورۇن ھازىرلاش...ئالىيەنىڭ قىزىل ھاراقنى سۇدەك ئىچىشى....يولدىشى تۇرغۇننىڭ پەخىرلىنىپ ئولتۇرىشى...<<دادا>>نىڭ مۇھەببىتى....
يائاللا...ھەرنىمە بولسا شۇ سورۇندىن ساق-سالامەت قايتىپ چىققىنىمغا شۈكرى .....ئەمدى قانچە چارچىساممۇ غىڭ قىلماي ئۆيۈمگە بىرىپ ئوبدان ئارام ئالسام بولغۇدەك....سورۇن دىگەن مۇشۇنداق بولسا بولدى مەن بۇنىڭدىن كىيىن سورۇنغا بارمايمەن......

جەمىئىتىمىزگە قارايدىغان بولساق بۇخىل كارتىنىلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىمىز،مۇشۇنداق كىتىۋەرسە ئايىغى زادى قانداق بولار-ھە؟ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى شەرمى-ھايانىڭ يىرتىلىپ تىتما-تىتما بولۇپ كىتىشى بىزنى نەگە ئاپىرىپ نەدىمۇ توختىتار؟؟؟؟ئەرلىرىمىزنىڭ ساداقەتسىزلىكى تىخى توي قىلمىغان قىزلارنى قانداقمۇ نىكاھقا خاتىرجەم قەدەم قويغۇزالىسۇن؟؟؟؟
بىز كىمگە ئىشىنىپ كىمگە ئىشەنمىسەك بولار؟؟؟؟

__مەلىكەدىن
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-06-09 10:18 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما توۋا دىمىسە بىكار,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى kun^kiz تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-06-09, 13:41
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1422
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 0.87%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 26
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 78 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 14(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-06-10
1 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

تۇنجى ئىنكاس يازغۇچى  مەن ئوخشايمەن

تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە تېما ئىكەن، رەھمەت...
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 51
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 6%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 180
  ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 667 سوم
  تۆھپىسى: -3 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 57(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
2 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەلىكە قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن  مۇنبەرگە كىرىپلا يەنە سىزنىڭ ئەسىرىڭىزنى كۆرىپتىمەن .رەھمەت ھە!
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 90
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە430دانە
ئۆسۈش: 4.3%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 430
  ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1292 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 127(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
3 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

يائاللا.....شۇنچە ئىتتىك ئوقۇپ بولدۇڭلارما؟؟؟   
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 51
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە180دانە
ئۆسۈش: 6%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 180
  ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 667 سوم
  تۆھپىسى: -3 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 57(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
4 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مۇشۇنداق قىلىپ مۇنبەردىكلەرنىڭ ئانىسى بۇلۇپ قالىدىغان بولدىڭىز جۇمۇ!       
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1422
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە26دانە
ئۆسۈش: 0.87%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 26
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 78 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 14(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-06-10
5 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئەل كۈيىدە ئوقۇغان...........
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 90
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە430دانە
ئۆسۈش: 4.3%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 430
  ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1292 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 127(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
6 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 4قەۋەت  qartikin كە 2010-06-09 09:48 PMئەۋەتىلدى  :
مۇشۇنداق قىلىپ مۇنبەردىكلەرنىڭ ئانىسى بۇلۇپ قالىدىغان بولدىڭىز جۇمۇ!       

مەن ئاشۇنداق قىرىما چارتىكىن......مەلىكىسى دەڭە،چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن.
ئەلكۈيىگە يوللىغان ئىدىم شۇ....چاقچاق قىلىپ قۇيدۇم
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 37
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە223دانە
ئۆسۈش: 2.23%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 223
  ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4244 سوم
  تۆھپىسى: 98 كىشى
  ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-10
7 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مۇشۇنداق تىتىقسىز سورۇنلىرمىز  ئازلىماقتا يوق كۈندىن-كۇنگە جىقلاپ كېتىپ باردۇ دېسە . رېئال تۇرمۇشنىڭ ئەينەن كارتىنىسىنى يېزىپسىز  گۈلۈم .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2158
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 0.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 21
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 105 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 9(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-03
  كىرىشى: 2010-06-11
8 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

توۋا ~~~~~! راسلا توۋا دىمىسە بىكاكەن~!  ئىشەكمۇ ئۇلاردىن ياخشى ھە..
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 451
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 3
  يوللانما: 81
  ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 740 سوم
  تۆھپىسى: 3 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 55(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-06-10
9 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ھى...ھى...ھى... ئانىسى دەپ قۇيۇڭ... باللا بوشراق كۈلدۈرۈڭلار ئادەمنى...
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: 4.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 141
  ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 674 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
10 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 Re:توۋا دىمىسە بىكار(مەلىكە)

كىشىلەردىك شەرمى -ھايا، ئىنساپ- دىيانەت، ئىمان سۇسلاشقانسېرى ،شەرمەندىچىلك، نومۇسىزلىقلار كۆپىيىدۇ.....

ئەھمىيەتلىك تېمىڭزنى قايتا كۆرگخنىمدىن خوشالمەن.....

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1401
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 2.17%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 65
  ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 256 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 40(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-29
  كىرىشى: 2010-06-11
11 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ تېمىنى ئوقۇپ ئىچىم ئاچچىق بولۇپ قالدى .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 154
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە103دانە
ئۆسۈش: 3.43%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 103
  ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 333 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 63(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
12 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئىنتايىن تەربىۋى ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىز .ھازىر جەميەتتە بۇنداق تۈگمەس سورۇنلار كۈپيىپ كىتىپ بارماقتا.
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە621دانە
ئۆسۈش: 6.21%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 621
  ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1885 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 152(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
13 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئاداش سىلە توردا يوقكەنسىلە شۇڭا ........................
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 594
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە74دانە
ئۆسۈش: 2.47%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 74
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 239 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 47(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-24
  كىرىشى: 2010-06-10
14 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەلىكە خانقىز ، بۇ ھىكايىنى ناھايتى ياخشى يىزىپسىز .  رىئال تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق ناچار قىلمىشلار ئاز ساندىكى پەسكەشلەردە مەۋجۇت ، ئەشۇنداق نىجىسلارنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاىلىلەر ۋەيران بولماقتا .
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«12»Pages: 1/2     Go