مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 176 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخي تەسىرى ...
xamxarka
ئەركىنلىك ، تېنچلىق ، مۇھەببەت ، ئېتىقاد ۋە روھ...
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7009
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 988
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە988دانە
ياخشى باھا: 120 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 15905 سوم
تۆھپىسى: 222 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1471(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 02:25 AM

0 ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخي تەسىرى ...




ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخي تەسىرى توغرىسىدا  دەسلەپكى ئىزدىنىش








مۇھەممەدتۇرسۇن ئابدۇكېرىم يۈكسەل

كىرىشمە: ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بىلەن موڭغۇل مەدەنىيىتى بۈيۈك جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، بۇ ئىككى خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن. موڭغۇل مەدەنىيىتىگە، جۈملىدىن موڭغۇل تارىخىغا ئىنچىكىلەپ قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى باشلامچى قىلغان ھالدا  كەڭ دائىرىدە، زەنجىرسىمان ۋە ئۇزاققىچە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز . بۇ  خىل تەسىر تىل - يېزىق جەھەتتە، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ۋە سىياسىي- ئىجتىمائىي جەھەتلەردە كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ.

         ئۇلۇغ تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ << تۇركىي تىللار دىۋانى>> دىكى " خاقانىيە تىلى" ياكى "كاشىغەر تۇركچىىسى "دەپ ئاتالغان ئەينى دەۋىردىكى ئورتاق ئۇيغۇرئەدەبىي تىلى بولسۇن ۋەياكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بولسۇن، موڭغۇل تىل لوغىتىگە  سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، موڭغۇل تىلىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىلى تەركىبلىرىنى ئۇچرىتىمىز. بۇنىڭدىن ، بىرىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى ئوخشاشلا ئۇرال -ئالتاي تىللىرى گۇرۇپپىسىغا مەنسۇپ تىللار بولغاچقا، ئەسلىدىن ئورتاق قوللىنىپ كەلگەن تىل ساقىندىلىرىنىڭ ئىپادىسىنى؛ ئىككىنچىدىن، تارىختا ئۇرخۇن-سېلىنگا ۋادىسى ۋە كەڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئۆتكەن كۆك تۈرك خانلىقى، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قارا خانىلار سۇلالىسى قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە، نۇرغۇن موڭغۇل قەبىلىلىرىمۇ  تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن ئارىلىشىپ ياكى قوشنا بولۇپ ياشىغانلىقى سەۋەپلىك، مەدەنىيەتتە بىر قەدەر ئىلغارراق بولغان تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ نۇرغۇنلىغان تىل ئىلمىنىتلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ ئۈچىنچىدىن، چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىققاندىن كىيىنكى موڭغۇل ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە، چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇر تامغىچىسى ( باش كاتىپى ) تاتاتۇڭادىن باشلاپ، ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم- زىيالىلىرىنىڭ موڭغۇل خان ئوردىسىغا ۋە ھەر  قايسى ئىلىكخانلىقلارغا جەلىپ قىلىنىپ ئەتىۋارلىنىپ ئىشلىتىلگەنلىكى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ پۈتكۈل موڭغۇل ئىمپىريېسى تەۋەسىدە ( ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى - ئوتتۇرا ئىقلىم رايونىدىن باشقا )  رەسمى ھۆكۈمەت يېزىقى سۈپىتىدە قوللىنىلغانلىقى سەۋەپلىك ناھايىتى نۇرغۇن ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنىڭ موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى؛ تۆتىنچىدىن، موڭغۇل ئىمپېرىيىسى پارچىلانغاندىن كېيىن ھۆكۈم سۈرگەن چاغاتاي خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ئىلىخانىيلار قاتارلىق خاندانلىقلار دەۋرىدە، ئۇيغۇر تىلىنىڭ موڭغۇل تىلىغا تېخىمۇ كۆپلەپ سىڭىپ - ئۆزلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
1. تىل - يېزىق جەھەتتىكى تەسىرى
ئۇيغۇر تىل - يېزىق مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل تىل - يېزىق مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرىنى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ :
بىرىنچى باسقۇچ - چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن ئاۋۋالقى تەسىر باسقۇچى . 
ئۇيغۇر تىلى بىلەن موڭغۇل تىلى  ئۇرال - ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىغا تەۋە تىللار بولغاندىن تاشقىرى، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللار ئۇزاق قەدىمكى زامانلاردىن باشلاپ سىبىرىيە، ئۇرخۇن - سىلىنگا دەرياسى بويلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدا ئارىلىشىپ ياشىغاچقا، تىل-تاۋۇش، تىل ئىشلىتىش جەھەتتە خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە. بۇنىڭغا بۈيۈك تىلشۇناس مەھمۇد كاشىغەرىنىڭ ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دىنمۇ نۇرغۇن تىل پاكىتلىرىنى كۆرسىتىش مۇمكىن. ئۇيغۇر ۋە موڭغۇل تىللىرىدا ھايۋانات ناملىرىنى  ئوخشاش ئاتايدىغان سۆزلەر خېلى كۆپ. مەسىلەن: ئات، ئايغىر (ئازغىر)، جىرغا، بۇغرۇل، يورغا، ئارغىماق، بۇتا - بۇتىلاق، بۇقا، بۆكەن، جەرەن، بۇغرا، شۇڭقار، بۈركۈت، تاخىيە (تاقاغۇ-تۇخا) قاتارلىق. يەنە ، جاھانگىر، ئاقساقال، بابا، باخشى، جادۇ(جادۇگەر) قاتارلىق سۆزلەرمۇ ئىككى تىلدا ئوخشاش مەنىگە ئىگە. كىشى ئىسىملىرىدىن ئارسلان، تۆمۈر، باتۇر، بارس قاتارلىقلارمۇ  ئىككى مىللەتتە ھازىرغىچە ئوخشاش مەنىدە قوللىنىلماقتا.<1>
ئىككىنچى باسقۇچ - چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كېيىنكى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىدە ئۇيغۇر ئىلىمدارلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىش ۋە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش باسقۇچى.
چىڭگىزخان مىلادىيە 1204-يىلى ئالتايدىكى نايمان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان، نايمان خانى ئىنانچ بىلگە خاننىڭ ئوغلى تايانخان چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ چاغدا تايانخاننىڭ ئۇستازى ۋە تامغىچىسى ئۇيغۇر تاتاتۇڭا چىڭگىزخانغا ئەسىرگە چۈشكەن. چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر يېزىقىنى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ دۆلەت يېزىقى قىلىپ بېكىتكەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇن موڭغۇللاردا يېزىق يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، تاتاتۇڭا چىڭگىزخاننىڭ ئوغۇللىرىغا ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەندى ، موڭغۇل بەگلىرىنىڭ ، جۈملىدىن پۈتۈن موڭغۇل قۇۋمىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىشى زۆرۈر شەرتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلىرى، يارلىقلىرى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلىدىغان بولدى. <2> مىلادىيە 1211-يىلى ئۇيغۇر ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ خانى بارچۇق ئارتتېكىن موڭغۇل ئىمپىريېسىنىڭ قۇرۇلۇن دەرياسى بويىدىكى ئوردىسىغا بېرىپ چىڭگىزخاننى زىيارەت قىلغاندىن كىيىن، <3>  ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر زىيالىلىرى موڭغۇل ئىمپىريېسىنىڭ دۆلەت ئشلىرىنى  باشقۇرۇشقا جەلىپ قىلىندى. كېيىن يەنە، ئۇيغۇر ئالىمى چۇس كىخودزىر يۈەن سۇلالىسى پادىشاھى قوبلاينىڭ دۆلەت ئۇستازى بولدى. ئۇ تاتاتۇڭا چىڭگىزخان دەۋرىدە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلغان ‹‹كونا موڭغۇل يېزىقى » نى ئىسلاھ قىلىپ ، موڭغۇل تىل-تاۋۇشىنى تېخىمۇ توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدىغان << يىڭى موڭغۇل يېزىقى >> نى  شەكىللەندۈردى . ئۇ تۈزگەن قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدىكى « موڭغۇل  يېزىقى ئېلىپبەسى» موڭغۇل مىللىتىنىڭ يېزىق تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ( چىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغاندىن كىيىن، مانجۇلارمۇ قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن موڭغۇل يېزىقى ئاساسىدا مانجۇ يېزىقىنى شەكىللەندۇرۇپ قوللاندى ).  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەنزاڭ ، ئوردۇتېكىن ، ئەنسارى قاتارلىقلار جۇڭگۇ كلاسسىك ئەدەبىياتى ، كۇڭزى ئەھكاملىرى ۋە تىبەت تىلىدىكى بۇددا نوملىرىنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى . بيەنلۈ ، ليەنشىگۇاڭ ، لۇلۈ ، شىسەن ، پراجناشرى قاتارلىقلار ‹‹ رەسساملىق ھەققىدە مۇتالىيە ›› ،‹‹ ئالتۇن خەتلىك بۇددا نوم ››، ‹‹ كلاسسىك قامۇسنامە ›› قاتارلىق كىتابلارنى يازدى ياكى تۈزدى.  شۇ دەۋردە يەنە، كاپيان سالى ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىش ئۆرنەكلىرى›› نى خەنزۇ تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا تەرجىمەقىلدى. <4>  شەمسىددىن ( 1277 - 1351 ) ئەينى زاماندىكى ئىجتىمائىي تارىخي ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ « چېن ئەيزۇڭ توغرىسىدا خاتىرە » ، « جېڭدا يىللىرىدىكى ۋەزىرلەرنىڭ تەرجىمھالى » ، « غەربىي يۇرتلۇق يات تائىپىلەرنىڭ تەرجىمھالى » ، « غەرىپتىكى ئەللەرنىڭ خەرىتىلىك تەپسىراتى » ، « جىنياڭنىڭ تەبىئىي شارائىتى ھەققىدە » ، « دۇڭياڭ تەپسىراتىنىڭ داۋامى » قاتارلىق تارىخىي ئەسەرلەرنى يازدى. قاڭلى توقدۇ ئوردىنىڭ پەرمانى بىلەن مىلادىيە 1343- 1345 - يىللىرى تارىخشۇناس سارابانى ۋە ساكياقايا بىلەن بىرلىكتە « لياۋ سۇلالىسى تارىخى » ، « جىن سۇلالىسى تارىخى » ، « سۇڭ سۇلالىسى تارىخى » نى يېزىشقا مەسئۇل بولدى.جامالىدىن 1288 - يىلى قۇبلايخاننىڭ قوللىشى بىلەن « يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بۈيۈك بىرلىك تەپسىراتى » ناملىق تارىخىي جۇغراپىيىلىك تەپسىراتلار ئاساس قىلىنغان قىستۇرما رەسىملىك كىتاب يېزىشقا كىرىشىپ ، مىلادىيە 1303 - يىلى 600 قىسىم ، 1300 جىلدلىق كىتابنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى . بۇلاردىن باشقا ، ئارىق ھىيا، راببىن سائۇما ، نەسىردىن ، سەئدۇللا ، توقلان ، شى شى ، شۆ چاڭفۇ ، ما زۇچاڭ ، گۈەن يۆەنشى قايا ، كۇكۇن ، ليەن شىشەن ، سارابان ، ئارىق قايا ، يۈلۈن تۆمۈر ، سۇجىس ، شىيبان ، يۇچۇرۇچ قايا ، نىزەر ، چاقاي ، سادمىش ، قۇسقۇي ، قاتارلىق نۇرغۇن ئۇيغۇر سەركەردىلەر ، دىپلوماتلار ، پىداگۇكلار، تىلماچلار ، يازغۇچىلار ، شائىرلار ، رەسساملار ، ئەمچىلەر(تېۋىب - دوختۇرلار) يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى خانبالىق ) بېيجىڭ ( دا ئولتۇراقلىشىپ ، خانلىق ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى . موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمى بولغان ئېلخانىلار (مىلادىيىنىڭ 1258 - يىلىدىن 1388 -يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ  يارلىقلىرى، ئالاقىلىرى ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن  ئۇيغۇر يېزىقى ۋە پارس يېزىقىدا يېزىلغان بولسا، چاغاتاي خانلىقى(1370-1321) بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقى (1502-1227) دا ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئۇيغۇر تىلى رەسمىي ‹‹ دۆلەت تىل-يېزىقى›› بولدى. بۇ يېزىق كىيىن«چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى»، يېزىق تىلى-ئەدەبىي تىل«چاغاتاي تىلى»دىيىلىدىغان بولدى. (مۇڭكۇخان 1254-يىلى 8-ئاينىڭ18-كۇنى فىرانسىيەدىن  ئەلچىلىككە كەلگەن رۇبرۇك ئارقىلىق فىرانسىيە كارۇلى لۇئې 9-غا ئېۋەتكەن خېتىنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازغان.) چۈنكى بۇ چاغدا، چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىكى موڭغۇللار ئۇيغۇرلار، تاتارلار، قىپچاقلار تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىپ تۈركلىشىپ، ئېتىقاد جەھەتتىن ئىسلام دىنىغا كىرىپ بولغانىدى. <5>  دېمەك، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى قوللىنىلغان، ئۇمۇملاشقان بولسا، چاغاتايخان دەۋرىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلاپ، ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقى ئۇمۇمىيۈزلۈك قوللىنىلدى.

ئۈچىنچى باسقۇچ - موڭغۇل نەسەبلىك تۈركلەشكەن چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان خانلار دەۋرى، يەنى  موغۇلىستان خانلىقى ، ئالتۇن ئورداخانلىقى، ئېلخانىلار، بابۇرموغۇل ئىمپىرىيىسى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلىق خانىدانلىقلار دەۋرى.
 بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ كۆپ موڭغۇل قەبىلىلىرى، بولۇپمۇ ھۆكۈمران تەبىقىدىكى موڭغۇللار  ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىنىش، قوللۇنۇش بىلەن بىر چاغدا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد يادروسى بولغان ئىسلام دىنىنىمۇ قوبۇل قىلدى، ئاندىن تەدرىجىي تۈركلىشىش - ئۇيغۇرلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، نەتىجىدە، چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن تاكى  16 - ئەسىرلەرگىچە بولغان ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردە، نۇرغۇنلىغان تۈركلەشكەن-ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل نەسەبلىك داڭلىق خان-پادىشاھلار مەيدانغا چىقتى. مەسىلەن: بېرىكىخان، تارماشىرى(ئالاۋۇدۇن)، خىزىرخان، تۇغلۇق تۆمۈرخان، ئۇۋەيىسخان، ئاقساق تۆمۈر(تۆمۈرلەڭ)، يۇنۇسخان، مەخمۇدخان، ئوبۇلخەيرىخان، مۇھەممەد بابۇرخان، سەئىدخان ۋاھاكازالار... بۇ ھۆكۈمران ئورۇندىكى مىللەتنىڭ ئۆزلىرى بويسۇندۇرغان، لېكىن ئۆزىدىن مەدەنىيەت جەھەتتە كۆپ ئىلغار بولغان مىللەتلەرگە يۇغۇرۇلۇپ-سىڭىپ كەتكەنلىكىنىڭ تىپىك مسالى بولالايدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ، مەكىت، مارالبېشى، يۇپۇرغا، ئاۋات، شايار، كورلا قاتارلىق جايلاردا توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئايرىم توپ-قوۋملەر ۋە موغال ئىسىملىك يۇرت-مەھەللىلەر بۇنىڭ يەنە بىر دەلىلى.  بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقى چاغاتاي تىلى ۋە چاغاتاي يېزىقى دىگەن نام بىلەن تۈركلەشكەن ۋە تۈركلىشىۋاتقان موڭغۇللار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشتى. خۇددى ئەينى زاماندا، ئۇيغۇر پىسخۇلۇگ (شامان دىنى باخشىلىرى) لىرى ئوتتۇرا ئىقلىمدا "بوشى" دەپ ئۆزلەشكەندەك ، ئۇيغۇر تىلىدىن قاغان، خان، خاقان، خاتۇن (خانىش )، ئالتۇن بىكە، ئا لتۇن ئۇرۇغ (شاھزادە-مەلىكە)، ئالتۇنلۇق (خان-پادىشاھلار مازىرى)، بىلىگ، بىتىگ، يارلىغ قاتارلىق سۇز-ئاتالغۇلار ئۇز ئەينى بويىچە موڭغۇل تىلىغا ئۆزلىشىپ كەتتى. مۇشۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ ، تىل-يېزىقنىڭ تەسىرىدە، چاغاتاي دەۋرىدىن تاكى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ، چاغاتاي ئۇيغۇريېزىقى، ئەرەپ يېزىقى، پارىس يېزىقى قاتارلىق  تىل-يىزىقلاردا ئەدەبىيات-سەنئەت، تىبابەتچىلىك، ھەرخىل ھۈنەر-كەسىپ، تارىخ-تەزكىرە قاتارلىق مەزمۇنلاردا ناھايىتى كۆپ قىممەتلىك ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. مەسىلەن، پەقەت تارىخ-تەزكىرە مەزمۇنىدىكى ئەسەرلەردىن: جامالقارشى قاراخانىلار سۇلالىسى ۋە چاغاتاي دەۋرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەر __ « سۇراھ لۇغىتى » نى روياپقا چىقاردى. سۈرىيىنىڭ دەمەشىق شەھرىدە تۇغۇلۇپ، سەككىز يېشىدىن باشلاپ سەمەرقەندتە ياشىغان ئىبنى مۇھەممەد ئەرەبشاھ ( 1392 - 1450 ) « ئاجايىبۇل مەفتۇرخناۋائىبول تېمۇر » نامىلىق ئەسەرنى، ماۋارائۇننەھىردە ياشىغان سۈرىيىلىك نىزامىدىن شامى 1404 - يىلى « سەفەرنامەئىي تېمۇر » ناملىق ئەسەرنى، شەرىفىدىن ئەلى يەزدى 1425 - يىلى « زەفەرنامە » نامىلىق ئەسەرنى، ھافىز ئەبرۇ « زەبدەتۇل تەۋارىخ » ناملىق ئەسەرنى،  سەمەرقەندلىك ئابدۇراززاق « مەتلەئۇسسە ئىدەيىن ۋە مەجمۇئەل بەھرەيىن » ناملىق ئەسەرنى ، ئۇيغۇر باخشى « تارىخىي خانىيە » ناملىق ئەسەرنى يازدى. زوھۇرىدىن مۇھەممەدبابۇر (1530-1483) «بابۇرنامە»نى، ئەبۇلغازى باھادىرخان (1603-1666) «شەجەرەئى تەراكىمە» ۋە «شەجەرەئى تۈرك» نى يازدى.

سەئىدىيەخانلىقى دەۋرىدە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانى ( 1499    1547 - يىلى) پارس تىلىدا ئىككى توملۇق تارىخىي ئەسەر «تارىخى رەشىدىي» نى يېزىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 200 يىلغا يېقىن تارىخنى يورۇتۇپ بەردى ...<6>

شۇڭا، مۇشۇ تارىخىي دەۋىرلەردە ئۇيغۇر تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەر ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن:

موڭغۇلچە  ئۇيغۇرچە  موڭغۇلچە  ئۇيغۇرچە
Alag bulag  ئالا-بۇلا  Almas  ئالماس
Altan  ئالتۇن  Alven  ئالۋاڭ
Amguulang esen  ئامان-ئېسەن  Amereg  ئامراق
Ara  ئارا  Aral  ئارال
Arc  ئارچا  Arba  ئارپا
Arslan arslang  ئارسلان  Arshan  ئارشاڭ
Argumag  ئارغىماق  Argamii  ئارقان
Argal  ئارقار  Aimag  ئايماق
Ajirga  ئايغىر  Agsahal  ئاقساقال
Bagshi  باخشى  Bal  بال(ھەسەل)
Baatur  باتۇر  Baaturlig  باتۇرلۇق
Bayan  باي  Bayalig  بايلىق
Bayar  بايرام  Bagla  باغلام
(Beleg(temdeg  بەلگە  Boran  بۇران
Boshuh  بوسۇغا  Botuh  بوتا(بۇتىلاق)
Booz  بوزا  Bulangqi  بۇلاڭچى
Bulchung  بولجۇڭ  Bulung  بۇلۇڭ
Bulgun  بۇلغۇن  Bughdai بۇغداي  
Buurul  بۇغرۇل  Buh  بۇقا
Belkuus  بەل  Boedun  بۆدىنە
Boejung  بۆجەن  Boekung  بۆكەن
Boeljirghen  بۆلجۈرگەن  Boelgunchilchi  بۆلگۈنچى
Boeer  بۆرەك  Boert  بۆرە
Burgud  بۈركۈت  Daah  داغ
Dald  دالدا  Devter  دەپتەر
Dogui   دوغا  Dolgaan  دولقۇن
Dolgaalh  دولقۇنلىماق  Dulguu  دوبۇلغا
Dudungneh  دۇدۇقلىماق  Dairui  دەررۇ
Doex  دۆش  Gadarlig  گەۋدىلىك
Kuwr  قەبرە  Hart-Hurt  خارت-خۇرت
Khan  خان-خاقان  Jangar  جاھانگىر
Jad  جادۇ-جادۇگەر  Jilga  جىلغا
Jeren  جەرەن  Har  قارا
Khokukhe  كاككۇك Hargai   قارىغاي
Heglig  كەكلىك  Kerchim كىسىم  
Hereg  كېرەك  Hongshar  كومشار
Koek  كۆك  Koek  كۆكرەك
Koev koek  كۆپكۆك  Kuq  كۈچ
Kuqutai  كۈچلۈك  Kiqig  كۈچۈك
Hurai  قورۇ  Hudug  قۇدۇق
Nam-jim  لام -جىم  Mal  مال
Malhlai  مالىخاي Manan   مانان
Maigag  مايماق  Magtaad  ماختاش
Minik  مېنىڭ  Mergen  مەرگەن
Moeq  مۈچە(ئۇگە)  Moerv  مۈرە
Mix  مۈشۈك  Nogtu  نوختا
Osal  ئوسال  Ogul  ئوغۇل
Balta  پالتا  Burtsug  پۇرچاق
Burhuh  پۈركىمەك  Tozang Toos  چاڭ -توزان
موڭغۇلچە  ئۇيغۇرچە  موڭغۇلچە  ئۇيغۇرچە
qereg  چىرىك  qehir  چېقىر
Qidemgai  چىداملىق  Qimhi  چىمدىم
Qimhih  چىمدىماق Qirai   چىراي
Qirailig  چىرايلىق  Qivi  چىۋى
qog  چوغ  Qohum  چوقۇم
qohur  چوقۇر  qoka  چوققا
qulvur  چۇلۋۇر  qoel  چۆل
qoeldh  چۆلدىمەك  Qochih  چۆچىمەك
Qochaah  سالماق  Sunagaad  سۇنايلاپ
Salhi Salhin  سالقىن  Saelhin  سەلكىن
Saerimseg  سامساق  Tataad  تارتىپ
Sav  ساي  Tal  تال
Saah  ساغماق  Talen  تالان-تاراج
Sahel  ساقال  Talh  تالقان
Solgai  سولخاي  Taemhi  تاماكا
Su  سۇ  Taemhichi  تاماكىچى
Tamga  تامغا  Tah  تاقا
Tavag  تاپان  Tajir  تاقىر
Tatungga  تاتۇق  Tajirshih  تاقىرلاشماق
Tarhu  تارالماق Teng   تەڭ
Tayag  تاياق  Tengshi تەكشى  
Taegan تايغان   Tegshileh  تەكشىلىمەك
Tor  تور  Tulum  تۇلۇم
Tohum  تۇقۇم Tulumchilen  تۇلۇمچىلىماق  
Tohuh  توقۇماق  Tomuu تۇمۇ  
Togus  توز  Taeskaen  تەسكىن
Toel  تۆل  Toelleh  تۆللەش
Toemur  تۆمۈر  Tum  تۈمەن
Ur  ئۇرۇق  Udum  ئۇدۇم(ئۇدۇم قالماق)
Ulir  ئۇلار Uqiraad   ئۇچراپ
Uchiraah  ئۇچراشماق  Ochi Ochin  ئۇچقۇن
Uzum  ئۈزۈم  Shalvur  شالۋۇر
Xikir  شېكەر  Shamalh  شىمايلىماق
Sheveneh  شىۋىرلىماق    
Xivi Xivir  شىۋىر-شىۋىر    
Shurgun  شىۋىرغان    
Sorh  شوراش    
Shorvug  شورلۇق    
Shat  شوتا    
Shonghur  شۇڭقار    
Zurh  يۈرەك    
Zuu  يۈز    
Jorga  يورغا    
Yos Yosun  يوسۇن    
Ixihireed  ئىسقىرتىش    
Evleg  ئەپلىك    
Evleh  ئەپلىمەك    
Er  ئەر    
Erh  ئەرك  Oesvur  ئۆسمۈر

<7>
يۇقارقى سېلىشتۇرما سۆزلۈك -موڭغۇل تەتقىقاتچىسى يىلىياستۇ ئەپەندىنىڭ ‹‹ئۇيغۇرچە ۋە موڭغۇلچە ئاھاڭداش، مەناداش سۆزلەر›› ماۋزۇلۇق ماقالىسىدا نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، بۇ سۆزلۈكلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىنىڭ قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىن، يەنە بىر قىسمىنىڭ ئۇيغۇرتىلى ئارقىلىق ئەرەپ-پارىس تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا كىرىپ ئۆزلەشكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ..(بەزى لوغەت -قامۇسلاردا بىزنىڭ نۇرغۇن سۆز-ئاتالغۇلىرىمىز پارىس ۋە ئەرەپ تىللىرىغا تەئەللۇق قىلىۋىتىلدى. ۋاھالەنكى، 16 -ئەسىردىن تاكى 20 -ئەسىرنىڭ باشلىرىغا قەدەر، ئوسمانلى ئىمپىريېسىنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىق خەلىقلەرگە ئىلگىرى-ئاخىر  بولۇپ 5 ئەسىرگە يېقىن ھۆكۈمرانلىق قىلغانلىقى سەۋەپلىك تۈركىي تىلنىڭ ئەرەپ، پارىس تىللىرىغا كۆپلەپ سىڭىپ-ئۆزلىشىپ كىرگەنلىكىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك  ،ئەلۋەتتە. ) بەزى تارىخشۇناسلار چىڭگىزخاننىڭ ئەسلى نەسەبىنى قىيات قەبىلىسىگە باغلاپ، قىيات، ئۇيرات، بارلاس، دۇغلات، جالايىر، قوڭغىرات قاتارلىق مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى تەكتى-يىلتىزى تۈركىي قەۋىمگە تەئەللۇق قەبىلىلەر قاتارىدا تەتقىق قىلىۋاتقان، مۇشۇ قەبىلىلەرنىڭ چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنىغا بىللە كەلگەنلىكىنى ،  نۇرغۇن تۈركىي سۇزلۈكلەرنىڭ موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەنلىكىدىكى مۇھىم ئامىل دەپ قاراۋاتقان بولسىمۇ، ۋاھالەنكى، بۇ خىل تەتقىقاتلاردىن تېخى ئاخىرقى يەكۈن چىقىرىلمىدى. تارىختا خاتىرلىنىشىچە<8>،  چىڭگىزخان تۈركى خەلىقلەرنى ئەمەس، بەلكى، موڭغۇللارنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تىكلەپ، تارقاق موڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۇرۇپ، باشتىن-ئاخىر موڭغۇل مىللىتىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇچۇن ھەر تەرەپكە يۈرۈش قىلىپ، دۇنيانى لەرزىگە سالىدىغان بۈيۈك موڭغۇل ئىمپىريىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تارىختا "تەڭرىنىڭ ئەركىسى" دىگەن ئالەمشۇمۇل نامغا ئىگە بولغان.

تارىخى پاكىتلاردىن ئايانكى،پۇتكۇل مۇڭغۇل ئىمپىريىسى دەۋرىدە،مۇڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقى ۋە ئۇيغۇر ئالىم-ئۇلىما،زىيالىلىرىنىڭ  تەسىرىدە،مۇكەممەل بىر يېزىققا ئىگە بولدى،خان ئوردىسىدىن تارتىپ پۇتكۇل مۇڭغۇل ئىمپىريېسى تەۋەسىدە ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسلىق يېزىق ئالاقە قۇرالىغا ئايلاندى.<9>.

  2 . دىنىي ئېتىقاد جەھەتتىكى تەسىرى
قۇبلايخان چىڭگىزخاننىڭ ئورنىنى بېسىپ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ خاقانى بولغاندىن كېيىن، ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللۇنۇشنى داۋاملىق ئۇمۇملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، موڭغۇللار ئىچىدە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنى زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلدى. ئۇنىڭدىن سەل بۇرۇن،  مۇڭكۇخان تەخىتتىكى چاغدا، يەنى 1246 -يىلى، ئۇ تىبەتتىكى بۇددا دىنىنىڭ ساجا مەزھىپىنىڭ 4 -ئەۋلاد پىشىۋاسى سابان بىلەن لياڭجۇ دىگەن جايدا ئۇچرۇشۇپ، ساباننىڭ پۈتكۈل تىبەت رايۇنىدىكى بۇددا دىنى راھىبلىرىنىڭ داھىيسىلىق ئورنىنى بېكىتىپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى. قۇبلايخانمۇ شۇ ئاساستا يەنە ساجا مەزھىپىنىڭ 5-ئەۋلات پىشىۋاسى باسباغا ئوردا ئۆلىماسىلىق مەرتىۋىسىنى بېرىپ، باسبانى پۈتكۈل يۈەن سۇلالىسىسىنىڭ بۇددا دىنى ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلىش ئىمتىيازىغا ئىگە قىلدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان موڭغۇللار  تەدرىجى يۇسۇندا بۇددا دىنىنىڭ ساجا (لاما) مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىشقا يۈزلەندى. بۇنىڭ تەسىرىدە، ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىكى نۇرغۇنلىغان بۇددا دىنى ئۆلىما-راھىبلىرى يۈەن سۇلالىسى ئوردىسىغا تەكلىپ قىلىنىپ، ھاكىمىيەت  ۋە بۇددا دىنى ئىشلىرى بۇيىچە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇلدى. پەقەت  1328 - يىلى ۋە 1329 -يىلىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىغىدىن 108 نەپەر راھىب خانبالىقتىكى ساڭرام - بۇتخانىلارغا راھىپكالانلىققا تەكلىپ قىلىندى. قۇبلايخان يەنە ئوردىدا مەخسۇس ئۇيغۇر بۇددا دىنى سارىيى سالدۇردى. بۇنى تۇرپان ۋە دەشىتئاتا (دۇنخۇاڭ) دىن تېپىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان، مەخسۇس موڭغۇل خان-پادىشاھلىرىغا ، مەلىكە-خانىشلارغا ۋە شاھزادىلەرگە قۇت-ئامەت تىلەش ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان دۇئا-پۈتۈكلەرمۇ  ئاساسلايدۇ.
  مۇڭكۇخان دەۋرىدە، تەرىقەت دىنى (داۋجياۋ) بىلەن بۇددا دىنى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، ھەر ئىككىلا دىننىڭ ئۆلىمالىرى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئەقىدە-ئەركانلىرىنى" ئەڭ توغرا ھەقىقەت "دەپ دەۋا-داۋراڭ قىلىشىدۇ. مۇڭكۇخان بۇ تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۇچۇن، 1256- يىلى ئىككى تەرەپنى مۇنازىرە قىلىشقا پەرمان چۈشۈرىدۇ. نەتىجىدە، شۇ قېتىمقى مۇنازىرىگە ئىككى تەرەپتىن 300دىن ئارتۇق بۇددا دىنى ئۆلىماسى قاتناشقاندىن سىرت ، ئەتراپتىكى بۇددا دىنى ئەللىرىدىنمۇ ۋەكىل قاتناشقان بولۇپ، كەسكىن مۇنازىرە ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرىدا بۇددا دىنى تەرەپ يېڭىپ چىقىدۇ، بۇددا دىنى تەرەپنىڭ يېڭىپ چىقىشىدا ئۇيغۇر بۇددا ئۆلىمالىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. <10>

     قۇبلايخان دەۋرىدە، 1285 – يىلىدىن 1287- يىلىغىچە قۇبلايخان «بۈيۈك بۇددا نومى» غا قارىتا بىر قېتىم چوڭ ھەجىمدە رەتلەش-تۇلۇقلاش ئېلىپ باردى. ئاساسلىقى تىبەت نۇسخىسىدىكى 1440 قىسىم، 5586 پارە بۇددا نوم ئارقىلىق خەنزۇچە نۇسخىدىكى بۇددا نومنى رەتلەپ توغرىلىدى، بۇ قېتىمقى بۇددا نومنى رەتلەپ توغرىلاشقا ھىندى، ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خەنزۇ قاتارلىقلاردىن  29 نەپەر بۇددا دىنى ئۆلىماسى ئىشتىراك قىلغان بۇلۇپ، بۇلارغا مىڭسۇسى، ئەنزاڭ، كاپيان سالى قاتارلىق ئۇيغۇرلار باشچىلىق قىلدى.<11> >

    تارىخنىڭ چاقى ئىلگىرىلەپ  14 - ئەسىرگە كەلگەندە، يۈەن سۇلالىسى چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ، ئۇنىڭ تىرىتوريېسى دائىرسىدە مىڭ سۇلالىسى، چاغاتاي خانلىغى، ئېلخانىلار خانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى قاتارلىق خاندانلىقلار بارلىققا كەلدى. بۇ دەۋردە، چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق يەرلىك خەلىقلەرنىڭ تەسىرىدە، ھۆكۈمران ئورۇندىكى موڭغۇللارنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا يەنە بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش بولدى، يەنى چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغاندىن كىيىن بارلىققا كەلگەن موغۇلىستان خانلىقىدا، تۇغلۇق تۆمۈر (1329-1369) تۇنجى بۇلۇپ، 1322-يىلى ئاقسۇغا كىلىپ، ئايكۆل دىگەن يەردە ئىمام جالالىدىننىڭ ئالدىدا ئىمان ئېيىتپ ئىسلام دىنىغاكىردى. ھەمدە 160مىڭ تۈتۈن(ئائىلە) موڭغۇلنى ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ، تاغ-جىرا، يايلاقلاردىن چۈشۈپ، تۇزلەڭلىكلەردىكى دىھقانچىلىق رايۇنلىرىدا ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇر قىلدى.<12> مۇشۇ دەۋردە، ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇل خانلار ھەتتا تېخىچە بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقان قۇمۇل، تۇرپان رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلانىمۇ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىشقا مەجبۇر قىلدى. بۇ دەۋىردە يەنە، موغۇلىستان خانلىقى  غەربىي ۋە شەرقىي موغۇلىستانغا بۆلۈنۈپ، دېھقانچىلىق رايۇنلىرىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان موڭغۇللار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلىپ يەرلىك ئۇيغۇر -تۈركىي خەلىقلەرگە قۇشۇلۇپ ئۆزلىشىپ كەتتى، تاغ-يايلاقلاردىكى موڭغۇللار بولسا ئەسلىدىكى بۇددا دىنى ئېتىقادىدا قېلىۋەردى. نەتىجىدە، ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئۇيغۇرلاشقان-تۈركلەشكەن موڭغۇللار بەزى تارىخنامىلاردا "موغۇل "دەپ ئاتالدى. ئۇلار ئەسلىدىكى كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللارنى "چاتاي(قاراقچى)" دەپ كەمسىتسە، كۆچمەن چارۋىچى موڭغۇللار  ئۇيغۇر-تۈركلەشكەن موڭغۇللارنى" قارا ئۇناس(شالغۇت)" دەپ كەمسىتىدىغان بولدى.<13> بۇ دەۋردە شەرقىي موغۇلىستانغا دۇغلات قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار، غەربىي موغۇلىستانغا بارلاس قەبىلىسىدىن چىققان خان-سۇلتانلار ھۇكۇمرانلىق قىلدى.

3. سىياسى ئىجتىمائى جەھەتتىكى تەسىرى

بۇ خىل تەسىر چىڭگىزخان ئىستىلاسىدىن كىيىن باشلىنىپ، موغۇلىستان دەۋرىدە تېخىمۇ قۇيۇق ۋە گەۋدىلىك بولغان دىيىشكە بولىدۇ. بۇ مۇنداق بىر نەچچە جەھەتتە ئىپادىنىدۇ :ئالدى بىلەن، چىڭگىزخان قاغان بولغاندىن كىيىن، ئۇ تاتاتۇڭا، چۇسكىخۇتزىر، مەڭگۈقايا قاتارلىق ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ تەكلىپى بويىچە ئوردىدا ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش بىلەن بىرگە، تامغا-مۆھۈردارلىق، بېتىك-دەپتەردارلىقنى (دىۋان كاتىباتلىقنى) يولغا قويدى؛ ئىككىنچىدىن، قاغان ئوردىسىدىن تارتىپ(ئەسلىدىكى سۇڭ سۇلالىسى -ئوتتۇرا ئىقلىم رايۇنىدىن باشقا)  ئېلىكخانلىقلارغىچە ئۇيغۇر خانىدانلىقلىرىدىكىگە ئوخشاش ئەمەل-مەنسەپلەرنى تەسىس قىلدى؛ ئۈچىنچىدىن، چاغاتاي خانىدانلىقى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى، ئىلخانىلار خانلىقى، موغۇلىستان خانلىقى قاتارلىق خانلىقلار دەۋرىدە، ئوردا-مەھكىمىلەردە مۇھىم ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇر زىيالىلىرى قۇيۇلدى. ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن ئەمەل-مەنسەپ ناملىرى ئىشلىتىلدى.

  چىڭگىزخان مىلادىيە 1206- يىلى قاغان بولغاندىن باشلاپ،  موڭغۇل ئوردىسىغا توپلانغان ئۇيغۇر ھەربىي ئالىملىرى چىڭگىزخاننىڭ مىلادى 1215- يىلى جورجىت خانلىقى (1115- 1234) غا قىلغان يۈرۈشلىرىدە ھەربىي مەسلىھەتچى سۈپىتىدە قاتناشقاندىن تاشقىرى، چىڭگىزخاننىڭ مىلادىيە 1219- يىلىدىن 1225- يىلىغىچە داۋام قىلغان غەرب ۋە شەرققە قىلغان يۈرۈشلىرىگىمۇ مەسلىھەتچى بولۇپ باردى. چىڭگىزخان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئوغۇللىرى، نەۋرىلىرىنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇشىغا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار قاتناشتى.
               چىڭگىزخاننىڭ غەرىبكە قىلغان ھەربىي يۈرۈشىگە توراقايا  ، بۇلاد قايا قاتارلىق ئۇيغۇر سەركەردىلەرمۇ قاتناشقان . توراقايا چىڭگىزخاننىڭ  خارازىم شاھلار خانلىقىغا قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان بۇلۇپ ، ناھايىتى قابىلىيەتلىك ھەربىي ئالىم ئىدى. بۇلادقايا مۇ چىڭگىزخاننىڭ غەربكە قىلغان يۈرۈشىگە قاتناشقان. ئۇ كېيىن چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى تولىخاننىڭ ئۇرۇنباسارى بولغان.<14>
موڭغۇللار مىلادىيە 1279- يىلى جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قوبلايخان يۈەن سۇلالىسى (1279-1368) نى قۇرغان، قوبلايخان ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى دەۋرىدە (1279-1368) ئۇيغۇرلاردىن لەنششەن (مىلادىيەنىڭ 1231- يىل تۇغۇلۇپ، 1280 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، ساڭگا (؟-1291)،  ئەل ئۇقمىش (مىلادىيەنىڭ 1320- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، مەڭگۈتىكىن (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، شايبان (مىلادىيەنىڭ 1197- يىلى تۇغۇلۇپ، 1276- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن)، موڭسۇر (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن)، ئەختەرىدىن (13- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكەن) قاتارلىق ئۇيغۇرئالىملار خان بالىقتا (ھازىرقى بېيجىڭدا) ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن<15>.
              موڭغۇللار مىلادى 1279- يىلى پۈتۈن جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن، قوبلايخان يۈەن سۇلالىسىغا خان بولۇپ، خانبالىق( بېيجىڭ)نى پايتەخت قىلغان. لەنششەن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قوبلايخانغا باش ۋەزىر بولغان.<16>.
             يەنە شۇ دەۋردە، مەڭگۈتىكىن قوبلايخانغا ئۇستازبولغان، ئۇنىڭ تەربىيىسى نەتىجىسىدە، قوبلايخان موڭغۇلچە، ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى مۇكەممەل بىلىدىغان، ئىلىم ئەھلىنى ھۆرمەت قىلىدىغان شەخس بولۇپ يېتىشىپ چىققان.
        شايبان مەشھۇر، ئۇستا دىپلومات بۇلۇپ، ئوگدايخان بىلەن قوبلايخاننىڭ ئوردىسىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان، ئۇ مىلادىيە 1276- يىلى 79 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن<17>.
         ئەسلى خوتەنلىك ئۇيغۇر ئەھمەت قوبلايخانغا ۋەزىر بولغان.<18>

قۇبلايخان سەلتەنەت سۈرگەن دەۋردە، ئۇيغۇر بىناكارلىق ئالىمى ئەختەرىدىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ پايىتەختى خانبالىقنى(ھازىرقى بېيجىڭ شەھرى) نى قايتا لاھيىلەش، قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا يىتەكچىلىك قىلغان بۇلۇپ، ئۇنىڭ تۆھپىسى جۇڭگو تارخ كىتاپلىرىدا قەيىت قىلىنغان.<19>
        يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر خانلىرى قوبلايخان، مۇڭكۇخان، ئىسەنبۇقاخانلار دەۋرىدە (مىلادىيە 1270- يىلىدىن 1320- يىلىغىچە) مەشھۇر دېڭىز ساياھەتچىسى، دىپلومات ئەلئۇقمىش  1272- يىلىدىن باشلاپ ھىندى ئوكيان ۋە ئوكيانىيىدىكى دۆلەتلەرگە بىرنەچچە قېتىم ئەلچى بولۇپ بارغان. ئۇ قايتىشىدا چەل ئەل ئەلچىلىرىنى باشلاپ ۋە شۇ دۆلەتلەردە چىقىدىغان دورا - دەرمەكلەرنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە باش ۋەزىر ئۇرۇن باسارى بولغان.

ئىقتىسادشۇناس ساڭگا، لەشكەرشۇناس ئېلقايا، كۇنجەك، چاغان تۆمۈر، مەھمۇد يالىۋاچ ، مەسئۇت يالىۋاچ (ئاتا - بالا) قاتارلىقلارمۇ ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان<20>.

     راببىن سائۇما چىڭگىزخان دەۋرىدە مۇڭغۇل شاھزادىلەرگە ئۇستاز بولغان شايباننىڭ ئوغلى بولۇپ،ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ نىستىرىئان دىنىدا تەربىيلەنگەن ۋە كۆپخىل ياۋرۇپا تىللىرىنى ئۆگەنگەن  1287-يىلى ئېلخانىلار سۇلالىسىنىڭ خاقانى ئارغۇن ئۇنى پۈتۈن ياۋرۇپاغا باش ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. سائۇما كونىستانتىنپولغا بېرىپ پادىشاھ ئاندرونكۇس 2نىڭ ئەتىۋارلىق مېھمىنى بولىدۇ. ئۇ يەردىن رىمغا بېرىپ كادىنال يېرۇمى بىلەن دىنىي مۇنازىرە يۈرگۈزىدۇ. ئۇ يەردىن پارىژ شەھىرىگە بېرىپ فىرانسىيە پادىشاھى فىلىپ فائىر6نىڭ قىزغىن ۋە داغدىغۇلۇق قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولىدۇ. ئارغۇن خاقاننىڭ خېتىنى ۋە سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرىدۇ. پارىژدا يېرىم ئايغا يېقىن تۇرۇپ فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بور شەھىرىگە بېرىپ ئەنگىلىيە پادىشاھى ئېدۋارد1بىلەن كۆرىشىدۇ. 1288 -يىلى سائۇما دۆلىتىگە قايتىش سەپىرىدە پاپا نىكۇلاس4نىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىغىدىن خەۋەر تېپېپ ، قايتا رىمغا بېرىپ ، دۆلەت خېتى تاپشۇرىدۇ . پاپا ئارغۇننىڭ خىرىستىئان دىنىغا ئەھمىيەت بەرگەنلىگىگە تەشەككۈر ئېيتىدۇ. ئۇ 1294-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى ۋاپات بۇلغان<21>.

  ئۇمۇمەن ئۇيغۇر مەدەنىيىتى چىڭگىزخان دەۋرىدىن باشلاپ تاكى 16-17-ئەسىرلەرگىچە موڭغۇل مەدەنىيىتىگە ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن بۇلۇپ، بۇ خىل تەسىر  ھاكىمىيەت باشقۇرۇش، لەشكىرى ئىشلار ، تىل-يېزىق ، دىۋان ئىشلىرى، دىپلۇماتىيە، مالىيە-ئىقتىساد ، تىبابەتچىلىك قاتارلىق ساھەلەرگىچە ئەكىس ئىتىپ،تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان.

      تۈگەللىمە:ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋەت تارىخىنى مۇنداق بىرنەچچە دەۋىرگە بۆلۈشكە بولىدۇ: قەدىمقى يىنسەي، ئۇرخۇن، سىلىنگا، سىبىرىيە، ئۆتۈكەن قاتارلىق پايانسىز تۈزلەڭلىك، يايلاقلاردا بىللە ياشىغان تۇغقاندارچىلىق خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت؛ كۆكتۈرك خانلىقى ، ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى، قارا خانىلار سۇلالىسى دەۋىرلىرىدىكى ئىناق قوشنىدارچىلىق خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ؛ چىڭگىزخان، قۇبلايخان، چاغاتايخان قاتارلىقلار دەۋرىدىكى  ئۇيغۇرلارغا تايىنىش، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەسىرىنى ئومۇمىيۈزلۇك قۇبۇل قىلىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ؛ تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرىدىن باشلانغان تۈركلىشىش-ئۇيغۇرلىشىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت؛ جوڭغارلار (ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلماي ئەسلىدىكى چارۋىچىلىق تۇرمۇشىنى ساقلاپ قالغان موڭغۇللار) دەۋرىدىكى تەسەۋۇپچى سۇپى-ئىشانلارغا تايىنىپ، ئۇيغۇرلارنى دەھشەتلىك ئىزىش-ئىكىسپۇلاتتاسىيە قىلىش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت ( بۇ يەردە موڭغۇل ھۆكۈمرانلار قاتلىمى كۆزدە تۇتۇلغان ؛) ؛ چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوخشاشلا مەھكۇملۇقتا ياشاش ، تەقدىرداش بۇلۇش خاراكتىرىدىكى مۇناسىۋەت دىيىشكە بولىدۇ.  شىڭخەي ئىنقىلاۋىدىن كېيىن، بولۇپمۇ جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتى قۇرۇلغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ مۇناسىۋىتى قىرىنداشلارچە دوستلۇق مۇناسىۋەت ئاساسىدا ساغلام تەرەققى قىلماقتا.

يۇقارقىلاردىن كەلىمە ھاسىلات شۇكى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق دەۋىرلەردىن باشلاپلا، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە ئىزچىل تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەن، بۇلۇپمۇ جۇغراپىيىۋىي، تارىخىي ۋە سىياسى ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بۇ خىل تەسىر ئوخشاشمىغان تارىخىي دەۋىرلەردە ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. بۇلۇپمۇ بۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىر قەدەر گەۋدىلىك بولغان. شۇ ۋەجىدىن بۇ ماقالىدا پەقەت مۇشۇ بىر نوقتا ئۇستىدىلا توختىلىشقا توغرا كەلدى.ئۆز نۆۋىتىدە شۇنىمۇ قەيىت قىلىپ ئۇتۇش زۇرۇركى،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ خۇددى باشقا مىللەتلەر مەدەنىيىتىگە ئوخشاش تارىخى،جۇغراپىيىۋىي ۋە سىياسى ئجتىمائې سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن، باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ، مەسىلەن: ئەرەپ، پارىس، موڭغۇل، مانجۇ، خەنزۇ، ئۇرۇس، ھىندى، ئىنگىلىز قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرلىرىنى ئوخشىمىغان دەرىجىدە قۇبۇل قىلىپ ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت سەمەرىلىرىنى ئۆزلۈكسىز بېيىتىپ كۈچەيتىپ كەلگەن. لىكىن جۇغراپىيىۋىي ۋە ھەرخىل تارىخىي، سىياسى ئىجتىمائې سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىگە پۈتۈنلەي قۇشۇلۇپ ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتمىگەن، ئەكسىچە ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۇچىنى ئىزچىل ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. شۇڭا، شۇنى ئېنىق مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەككى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيەت باغچىسىدىكى بىر رەڭدار گۈللۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن  خۇددى تارىختىكىگە ئوخشاش ھازىرمۇ ۋە كەلگۇسىدىمۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز قۇدرەتلىك جەزبىدار ھاياتى كۈچىنى مەڭگۈ نامايان قىلىدۇ.

ئاپتۇرنىڭ ئۆزرىسى: ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخىي تەسىرى كۆپ تەرەپلىمە ۋە كۆپ قاتلاملىق بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇماقالە پەقەت مېنىڭ دەسلەپكى ئۆگىنىش-ئىزدىنىشىمنىڭ ئازغىنە نەتىجىسىى بۇلۇپ، ئېنىقسزلىق، سەھۋەنلىك ۋە يىتەرسىزلىكلەردىن خالى بولالماسلىقى مۇمكىن. ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ئەپۇ كۆزىدە قارىشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.

مەنبەئاچقۇچى:

<1> ئۇلانزالات:‹‹تۈركلەربىلەن موڭغۇللارئايرىلىشتىن بۇرۇنقى پاكىتلار››، ئۇلانزالات بلوگى، 2007 -يىل، 12-ئاينىڭ18-كۈنى.

<2> تۇجى (چىڭ سۇلالىسى): «مۇڭغۇل تارىخى»"تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى"، 3048 - بەت. جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى، 1984- يىل خەنزۇچە نەشرى.

<3> جۇۋەينى(ئىران) : «جاھاننى بويسۇندۇرغۇچىلار تارىخى»، 50-49بەتلەر. ئىچكى مۇڭغۇل نەشىرياتى، 1980-يىل، خەنزۇچە نەشرى.

<4> تۇجى(چىڭ سۇلالىسى) :«مۇڭغۇل تارىخى»، 351 - بەت.

<5> ۋاڭ جىلەي: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى››، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1999-يىل نەشرى.

<6> كۆرەش تاھىر : «ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىغىنىڭ تېماتىك قاتلاملىرى»، « كىتاب مۇنبىرى » ژۇرنىلىنىڭ 1999 - يىللىق 1 - ، 2 - سانلىرى.

<7> ئۇلياستۇ:«ئۇيغۇرچە مۇڭغۇلچە ئاھاڭداش ۋە مەناداش سۆزلەر». ئىنتېرنىت، «ھون مۇنبىرى»، 2006-يىلى5-ئاينىڭ23-كۇنى.

<8>. ‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1999-يىل نەشرى.

<9> جۇچى (چىڭ سۇلالىسى) : «مۇڭغۇل تارىخى» "تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى"، 3048-بەت. جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى، 1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.

<10> ياڭ فۇشۆ: «ئۇيغۇرلار ۋە بۇددا دىنى»، 168-،170-بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1998-يىل خەنزۇچە نەشرى.

<11> تۇجى (چىڭ سۇلالىسى): «مۇڭغۇل تارىخى» "تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىھالى"،3048 -بەت. جۇڭگۇ كىتاپچىلىقى، 1984-يىل خەنزۇچە نەشرى.

<12> ليۇزىشياۋ: «ئۇيغۇرتارىخى»، 574 - بەت. مىللەتلەر نەشىرياتى، 1988- يىل نەشرى.

<13>ۋاڭ جىلەي: «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى»، 326-بەت. شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1999-يىل نەشرى.

<14>،<15>،<16>،<17>،<18>،<19>،<20> غەيرەتجان ئوسمان : «ئۇيغۇرلار شەرقتە ۋە غەربتە»،117 -بەتتىن165-بەتلەرگىچە، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 2002 - يىل نەشرى.

<21> «جۇڭگو بۈيۈك ئىنسكلۇپېدىيىسى»- جۇڭگوتارىخى - يۈەن سولالىسى تارىخى-   "راببىن سائۇما قىسمى " خەنزۇچە نەشرى، 56-بەت .

پايدىلانما ئاساسلىرى:

1. ئۇبۇلغازى باھادىرخان:‹‹شەجەرىي تۈرك››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،2002-يىل،نەشرى.

2. ‹‹موڭغۇللارنىڭ مەخپىي تارىخى››،شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى،1999-يىل نەشرى.

3. مەھمۇدكاشىغەرىي ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى››، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1981 -يىل نەشرى.

4. ليۇزىشاۋ: « ئۇيغۇر تارىخى ». مىللەتلەر نەشىرياتى، 1988-يىل نەشرى.

5. مىرزامۇھەممەد ھەيدەر كۇراگان: « تارىخي رەشىدىي » . شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى ،2007-يىل نەشرى.  

7. موللامۇساسايرامى: « تارىخى ھەمىدى ». مىللەتلەرنەشىرياتى، 1986-يىل نەشرى.

8. ۋ.ۋ.بارتولدى: ‹‹ئوتتۇرا ئاسىيا قىسقىچە تارىخى›› شىنجاڭ خەلىق نەشىرياتى، 1980-يىل خەنزۇچە نەشرى.

2008-يىلى 10–ئۆكتەبىر، كاشىغەر شەھرىدە يېزىلدى
مەنبە<<بىلىوگ كۈچۈرگۈسى>>




ئەسكەرتىش :يوقىرىقى سۇرەتلەر ئىچكى مۇڭغۇلدىكى چىڭگىسخان قەبىرىگاھ ساياھەت رايوندىكى مۇڭغۇللار تارىخ مەدىنيەت مۇزىيىخانسىدا ساقلىنۋاتقان رەسىملەر ، تاللاپ يېرىمىدەكلام سۇرەتنى قسىتۇرپ قويدۇم !
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-22, 02:31
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل مەدەنىيىتىگە كۆرسەتكەن تارىخي تەسىرى ...,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
matimatika
ماتېماتىكا=ساقىش
دەرىجە: ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5386
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 283
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە283دانە
ياخشى باھا: 166 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5067 سوم
تۆھپىسى: 410 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 507(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-01
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 11:58 AM

ئىسىل تېمىڭىزدىن سۆيۇندۇم!
ئۇيغۇر تىلىدىن موڭغۇل تىلىغا سىڭىپ ئۆزلەشكەن سۆزلەرنى قىستۇرۇپ ياخشى قىپتۇ.
مۇشۇ ئاپتۇرنىڭ يەنە باشقا ئەسەرلىرى بولسا تەمىن ئەتكەيسىز.

ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر !
بىلوگىمغا مەرھەممەت، ماتېماتىكا بىلوگى ماتېماتىكا بىلىملىرىنى ئاساس قىلغان ئۇنۋېرسال بىلوگhttp://matimatik.blogbus.com/
TORGONJAN
جەننەت ئانىلارنىڭ تاپىنى ئاستىدا
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10856
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 628
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە628دانە
ياخشى باھا: 203 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 1418 سوم
تۆھپىسى: 156 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 683(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 12:05 PM

ۋاھ...ۋاھ...قىممەتلىك بايلىق.......مەن تارىخىقا بەك قىزىقىمەن....ياخشى تىما ئىكەن...رەخمەت سىزگە شەمشەر ئەپەندى
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
942830
ەايات بر سر
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9744
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 66
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە66دانە
ياخشى باھا: 25 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2354 سوم
تۆھپىسى: 58 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 274(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-15
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 12:07 PM

كۆپ ئەجىر قىپسىز ،ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن،يەر شارىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىگە ئەگىشىپ مەدىنيەتمۇ بەك تىز ئۆزگىرىپ كىتىۋاتىدۇ،بۇنڭاغا بەك ئېچىنىمەن
xamxarka
ئەركىنلىك ، تېنچلىق ، مۇھەببەت ، ئېتىقاد ۋە روھ...
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7009
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 988
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە988دانە
ياخشى باھا: 120 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 15905 سوم
تۆھپىسى: 222 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1471(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 12:54 PM


塔塔统阿تاتاتۇڭا

تاتاتۇڭا 13 - ئەسىردە ياشىغان ۋە ئۆزىنىڭ مول ئىجادىي ئەمگىكى بىلەن مۇڭغۇل مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆﻫپە قوشقان ئۇيغۇر ئالىمى بولۇپ ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرى قاتارىدا ﻫۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدىغان مەشﻬۇر زاتتۇر .
"يۈەن سۇلالىسى تارىخى " 124 - جىلد ' تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىﻬالى ' دا كۆرسىتىلىشىچە ، تاتاتۇڭا ئادەتتىكى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، كىچىكىدىنلا بىلىم ئېلىشقا چىن دىلدىن ئىتىياق باغلاپ ، بالاغەتكە يەتكەندە مۇڭغۇل تىلى بىلەن خەنزۇ تىل - يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىگەن . "تۇڭا " تىلشۇناس مەﻫمۇد كاشىغەرىنىڭ چۈشەندۈرىشى بويىچە ، ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ مەنىسى " باتۇر ، يولۋاسنى يەڭگۈچى " دېگەن بولىدىكەن . تاتاتۇڭا قوچو ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئېلىدىن بولۇپ ، ناﻫايىتى ئەقىللىق ، مول بىلىمگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە ، ئۇيغۇر تىلىدا كامالەتكە يەتكەن ئىدى . نايمان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى تايانخان تاتاتۇڭانىڭ قابىلىيىتىگە قايىل بولۇپ ، ئۇنى باش كاتىپلىققا ۋە مەسلىﻬەتچىلىككە تەكلىپ قىلغان . شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئالتۇن مۆﻫۈرنى تۇتقۇزۇپ ، مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قويغان . تايانخان ئۇنى ئۇستاز دەپ ئىززەتلىگەن ، بۇ جەﻫەتتە " 'يۈەن سۇلالىسى تارىخى' تاتاتۇڭانىڭ تەرجىمىﻬالى " دا مۇنداق بىر خاتىرە بار : " تاتاتۇڭا ئۇيغۇردۇر ، ئاقىل ، ناتىق ، ئۆز ئېلىنىڭ تىلىنى ياخشى بىلىدىغان ئادەم ، نايمان خانى تايان خاقان ئۇنى قەدىرلەپ ئۆزىگە ئۇستاز قىلغان . ئالتۇن مۆﻫۈر ۋە مالىيە ، ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان . "
چىڭگىزخان مۇڭغۇل قەبىلىلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، مەركەزلەشكەن ﻫاكىمىيەت قۇرۇپ ، نايمان خاقانلىقىغا خاتىمە بەردى . بۇ ۋاقىتتا تاتاتۇڭا مۆﻫۈرنى ئېلىپ قىچىپ كېتىۋاتقاندا ، چىڭگىزخاننىڭ لەشكەرلىرىگە تۇتۇلۇپ قالىدۇ . چىڭگىزخان : " تاياننىڭ خەلقى ، ۋەتىنى ﻫەممىسى ماڭا قالدى ، سىز تامغىنى ئېلىپ قېچىپ نېمە قىلماقچى ؟ " دەپ سورىغاندا ، تاتاتۇڭا : " مۆﻫۈرنى ئۆلگىچە ساقلاش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم ، ئۇنى ئۆز خوجايىنىمغا تاپشۇرىمەن ، باشقىلارغا بېرىشكە ﻫەققىم يوق ! " دەپ جاۋاپ بەرگەن . چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ ساداقەتمەن ئادەم ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئالتۇن مۆﻫۈرگە قىزىقىپ ، ئۇنىڭدىن : " تامغىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ ؟ " دەپ سورىغان . تاتاتۇڭا : " پۇل ۋە ئاشلىقنى كىرىم - چىقىم قىلغاندا ، كىشىلەرنى خىزمەتكە تەيىنلىگەندە ﻫەم ئىش ئورۇندىلىپ بولغاندا ، ئىشەنچلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئاڭلىغاندا ، پۈتۈككە مۆﻫۈر باسماي بولمايدۇ " دەپ جاۋاپ بېرىدۇ .چىڭگىزخان تاتاتۇڭانىڭ پەزىلىتىگە ، قابىلىيىتىگە ، ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشىنىپ ، ئۇنى قارارگاﻫتا ئېلىپ قالىدۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن يارلىق چىقارغاندا تامغىنى ئىشلىتىدۇ . تاتاتۇڭا ئاۋۋالقىدەكلا تامغىنى ئۆزى تۇتىدۇ . چىڭگىزخان يەنە تاتاتۇڭادىن : " سىز ئېلىڭىزنىڭ تىل - يېزىقىنى بىلەمسىز ؟ " دەپ سورىغاندا ، تاتاتۇڭا : "بىلىمەن" دەپ جاۋاپ بېرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان تاتاتۇڭاغا مۇڭغۇللارنىڭ شاﻫزادە ، بەگزادىلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت مۇﻫىم ۋەزىپىنى تاپشۇرىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ مۇڭغۇل شاﻫزادىلىرى ۋە بەگزادىلىرىگە ئۇيغۇر يېزىقىنى ئۆگىتىشكە كىرىشىپ ، مۇڭغۇل تىلىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن خاتىرلەپ ، مۇڭغۇللارنىڭ تۇنجى يېزىقىنى ئىجاد قىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر يېزىقى يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە قوللىنىلغان ئاساسىي يېزىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ . ﻫەتتا مۇڭغۇل خانلىرى غەربىي يۇرتلۇق ۋەزىر - ۋۇزرالىرىغا تەقدىم قىلغان " ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر " گە ئوخشاش كىتابلارمۇ ئۇيغۇر يېزىقىدا تەرجىمە قىلىنغان .
تاتاتۇڭا خانبالىقتا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن ، ئاساسلىقى ئوردىنىڭ ﻫۆججەت - يارلىقلىرىنى باشقۇرۇش ، ئوردا ئەﻫلىلىرىگە ئۇيغۇرچە يېزىقىنى ئۆگىتىش ، مۆﻫۈرنى تۇتۇش ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ .
تاتاتۇڭانىڭ ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلغانلىقى تارىخىي ئەﻫمىيەتكە ئىگە زور ئىش . چىڭگىزخان مۇڭغۇللارنى بىرلەشتۈرۈش ، مەدەنىيەتنى يۈكسەلدۈرۈش ، مۇڭغۇل مىللىتىنى دۇنياغا تونۇتۇش جەﻫەتتە ئۆچمەس تۆﻫپە قوشقان بولسا ، تاتاتۇڭا ئۇنىڭ مۇﻫىم ياردەمچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلۇغ نامغا ئىگە يېزىقشۇناس ۋە پېداگوكتۇر . تاتاتۇڭا يۈەن سۇلالىسىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا ئۇلۇغ تۆﻫپىلەرنى قوشقان ۋە مۇڭغۇل خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش تارىخىدا ئاجايىپ زور روللارنى ئوينىغان شەخستۇر .

مەنبە : << سېﻬىرلىك زېمىن تۇرپان >> . ئاپتورى -- ئۆمەرجان سىدىق

ئىزدىنىش تورى
يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
YAR~YARI
پۇراقسىز گۈلدىن غازاڭ ياخش، ۋىجدانسىز ياردىن سا& ..
دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9690
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 349
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە349دانە
ياخشى باھا: 54 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4268 سوم
تۆھپىسى: 107 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1011(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-09
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-22 01:29 PM

تىمىڭىزغا كۆپ تەشەككۇر....... چىڭگىزخانىڭ دادىسنى ئۇيغۇر دىيشىدىكەن بۇ راسمىدۇ...
رەنابولسا،مەھبۇبەڭ بولسۇن،
دانابولسا،ئۆيۇڭدە قونسۇن،
بىلمگەننى سوراپ بىل،لىكىن،
ئازبولسىمۇئۆزئەقلىڭ بولسۇن
deris
دەرىس
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 14626
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 83
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە83دانە
ياخشى باھا: 34 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2444 سوم
تۆھپىسى: 128 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 26(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-14
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-31 02:09 AM

سەئىدىيەخانلىقى دەۋرىدە مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كوراگانى ( 1499    1547 - يىلى) پارس تىلىدا ئىككى توملۇق تارىخىي ئەسەر «تارىخى رەشىدىي» نى يېزىپ ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 200 يىلغا يېقىن تارىخنى يورۇتۇپ بەردى ...<6>

  
مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
kashgar
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 15215
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2046 سوم
تۆھپىسى: 155 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 9(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-25
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-22
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 19:15

جاپا چىكىپسىز سىزگە ناھايىتى رەھمەت ....
sehishan
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 2215
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2933 سوم
تۆھپىسى: 48 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 36(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-03
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 20:57

جاپا چىكىپسىز تېمىڭڭىزغا رەخمەت.