مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 27590 قېتىم كۆرۈلدى
«12345»Pages: 1/9     Go
تېما: ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر- جەنۇبتا
ikin
دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1683
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 1
ئومومىي يازما: 9
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ياخشى باھا: 43 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 4102 سوم
تۆھپىسى: 84 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 242(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-31
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-19 10:03 PM

0 ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر- جەنۇبتا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sultan تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2010-10-25)
ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر جەنۇبتا.
 
ئاپتۇرى : پەرھات مۇھەممەتئىمىن ]#4kqj}  
ئەدىبى- خاتىرە. j5R0e}/r  
«ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ئاتاقلىق ئالىملىرىنى ، ھەرساھەدىكى تۆھپىكار شەخىسلىرىنى  ، خەلق سۆيگەن سەنئەتكارلىرىنى ، چىن ۋە ھەقىقى تەشۋىق قىلىش كىرەك ، بۇ جەھەتتە ئىنىمىز پەرھاتجاننىڭ ، قىسمەن شەخىسلەربىلەن چەكلىنىپ قالماي يەنىمۇ كۆپ ئادەملەرنى ياخشىى  تەشۋىق قىلىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن».  -تاش مۇھەممەت باتۇر. Jc?zX8>Ae:  
(ئەسكەرتىش : قايسى كۈنى دوسلارغا يوللىغاندا سۈرەت چىقماي قالغان بۇ تەرىپىنى ئوڭشاپ قايتا يوللىدىم، دوسلارنىڭ ئىلمى باھا بىرىشىنى سۇرايمەن.سۆرەتلەردىكى كىشىلەر ئاساسەن تۇنۇش بولغاچقا ئىزاھات بىرىلمىدى، ھەمدەئالاھىدە تەكىتلىمەكچىمىزكى مەزكۇر سۈرەتلەرنى ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر ئۈزى تەمىنلەپ بەرگەن ، قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ تەرىپىگە دىققەت قىلماي خالىغانچە ئۆزى بىلگىنىنى قىلىپ كۈڭۈلسىز نەتىجە كىلىپ چىقسا، شۇنداق كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرلىدۇ، بۇ ھەم ئەخلاق نوقتىسىدىن ئويلايدىغان بولساقمۇ خاتا، بۇنى پەقەت تاش مۇھەممەت ئاكىمىز ، ئۈزىنى قوللاپ كىلىۋاتقان مەستانىلىرىنىڭ ۋە قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۈرۈپ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن، ھەرگىزمۇ ئىشلىتىش ياكى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس. بۇ جەھەتتە ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىققەت قىلىشى زۈرۈر)
دوسلارنىڭ ئىسىدە بۇلىشى مۇمكىن ،تور يۈزىدە ئىلگىرى « تالانىتلىق ناخشىچى تاش مۇھەممەت باتۇر توغىرىسىدا » دىگەن ئاددىيغىنە ماقالىنى ئىلان قىلغان ئىدىم. بۈگۈن  پۇرسەت پىشىپ يىتىلىپ ، ئىلگىرىكى تىمىنى تۇلۇقلاش ئىمكانىيتى تۇغۇلدى. يەنى بۇ يەردە بىز بۈگۈن  ئۇيغۇر خەلقنىڭ ،تالانىتلىق چولپىنى، ئىلى دىيارىنىڭ سۈزۈك ، بۇلاق سۈيىدەك كۈيلىرىنى، ئۆز ئىجادىيتىنىڭ مەنبەسى قىلغان، ئاممىباب  مودا ناخشا ئېيتىش جەھەتتە، ئۈزىگە خاس ئۇسلۇپ ياراتقان،  تىرىشچان سەنئەتكار، تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغىرىسدا توپلىغان ماتىرياللىرىمىز ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا  ئۇچۇر بەرمەكچىمىز. (M|DNDM'd  
پىكرىمىزنى كەڭ قانات يايدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئالاھىدە تەكىتلەش كىرەك بولغان بىر قانچە مۇھىم مەسىلىلەر توغىرىسىدا ،دوسلار بىلەن ئورتاقلىشىشىمىز تۇلىمۇ زۈرۈر.
 
بىزنىڭ ھازىرقى رىئالنى ئەمىليىتىمىزدە، تور دۇنياسى-  مەنىۋىيتىمىزگە ھەم ئىجابى ۋە سەلبى تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئىجابى تەسىردىن كۈرە سەلبى تەسىر بەكرەك ئەكىس ئىتىپ ، پىكىر يۈرگۈزگەن ئادەم بىلەن پىكىر مەزمۇنىدىكى ئادەم ھاقارەتلىنىدىغان، خالىغانچە مەسخىرە قىلىنىدىغان ياكى بولمىسا ئاقماس ، مۇناسىۋەتسىز سۆزلەر بىلەن ، تىما باشقا ، سۆز باشقا  مەنتىقىسىز پىكىرلەرگە چۈكۈپ كىتىدىغان ، قىسقىسى تور دۇنياسىنى ئەخلەت پاراڭلار بىلەن  پېچەكلەشتۈرۈپ، ئۆزىىنىڭ ئىش پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان سەھنە قىلىۋىلىش ئەدەپ كىتىۋاتىدۇ. M/Z$?nd_H  
ئادەمنى تېخىمۇ ئويغا سالىدىغىنى، ھازىرقى جەمىيتىمىزدە   ناخشا سەنئىتى،ھەم باشقا سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك ژانىر ئۆستىدە پىكىر قىلىش، خۇددى تەرەققىياتنى تۇسۇش دىگەندەك مەنا بىرىدىغان، ھە دىسىلا بىزنىڭ ھازىرقى رىئالنى ئەھۋالىمىزنى ، تەرەققىياتىمىزنى ناخشا بىلەن سەنئەت بەلگىلىگەندەك، مەزكۇرناخشا  سەنئىتى ئۈستىدە پىكىر بولسا ،قەستەن ھاقارەت بىلەن ئەيىبلىنىدىغان،(ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلەشتۈرىدىغان ، ناخشا سەنئىتىنى بۇزىدىغان ، يا مىلودىيسىنىڭ يا تىكىستىنىڭ تاينى يوق ئەخلەت كەبى ناخشىلار راستىنلا ئەيىبلەنسە بۇلىدۇ). :0(^^6Q\  
 بۇ ھەقتە پىكىر قىلغۇچى تەرققىيات تۇسىدىغان جىنايەتچىگىچە تەققاسلىنىدىغان ، ئەھۋال مەۋجۇد. مەن مۇشۇ يەردە كەسكىن پۇزىتسىيە بىلەن ئېيتىپ قۇيايكى، تەرەققىيات دىمەكلىك ، ئونۋېرسال ھەممە تەرەپنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ ئىشنى تۇسىدىغىنى ھەرگىز ناخشا ئەمەس، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى زامان  چولپانلىرىدىن ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، تاش مۇھەمەت باتۇر، قاتارلىق كۆپلىگەن چولپانلار تېخىمۇ ئەمەس، ئۇلار ماھىيەتتە بىزگە ھەقىقى مەنىۋى ھاۋا يارىتىشقا تۆھپە قۇشىۋاتىدۇ. تىمىنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ئوغلانىمىز تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ ماڭا يېزىپ بەرگەن « ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ئاتاقلىق ئالىملىرىنى ، ھەرساھەدىكى تۆھپىكار شەخىسلىرىنى  ، خەلق سۆيگەن سەنئەتكارلىرىنى ، چىن ۋە ھەقىقى تەشۋىق قىلىش كىرەك ، بۇ جەھەتتە ئىنىمىز پەرھاتجاننىڭ ، قىسمەن شەخىسلەربىلەن چەكلىنىپ قالماي يەنىمۇ كۆپ ئادەملەرنى ياخشىى  تەشۋىق قىلىشىنىسەمىمى ئۈمىد قىلىمەن.» دىگەن بىغىشلىمىسغا كۆزىمىزنى يۇغان  ئېچىپ  قارايدىغان بولساقمۇ، چولپىنىمىزنىڭ قەلبىدىكى يۇقىرى ئۇرۇندىكى كىشىلەرنىڭ يەنىلا تۆھپىكار، ئالىم سۈپەت ئادەملەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋىلىشىمىز قىيىن ئەمەس.
BZhf/{h[@  
بۇ جەھەتتە پېقىرنىڭمۇ شۇ بىكارغىلا ئادەمنى ھاقارەت قىلىشقا يۈگىرەيدىغان دوسلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى ، مۇھىم ئالىملىرىمىز ،تۆھپىكارلىرىمىز(ئەسكەرتىپ قۇيايكى بۇ كىشىلەر مىنىڭمۇ ھەممە باشقىنىڭمۇ يۈكسەك ھۆرمىتىگە مائىل)ھەققىدە توپلىغان  ماتىرىيال تەييارلىقى ، ئىززىتىنى راۋۇرۇس  قىلىپ ، تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ماقالىنى ھازىرقى ماقالىدىن ئاشۇرۇپ تەييارلىغۇدەك  ئىقتىدار  - دىتى تېخىمۇ بار. شۇڭلاشقا  تورداشلارنىڭ بۇ جەھەتتە بىر تەرەپلىمە قارىماسلىقىنى ، سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن. *YH!L{y  
     يەنە بىر مۇھىم ئۇچۇر شۇكى ، بىرقىسىم تورداشلار تور يۈزىدە مۇلاھىزە قىلنىۋاتقان مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك  نۇپۇزلۇق شەخىسلەر« بەرىبىر بىز بۇ يەردە سۆزلەۋاتقىنىمىز بىلەن دىققەت قىلمايدۇ، ھەم تورغا كىرىپ كۆرمەيدۇ» دىگەن تۇنۇشنى قۇۋۋەتلەيدۇ. چۈشەنچە بىرىپ قۇياي ، بۇخىل تۇنۇش توغرا ئەمەس. >QJDO ]~V  
 چۈنكى – شۇ نۇپۇزلۇق كىشىلىرىمىز بۇنداق بىپەرۋالىقىدىن نۇپۇزغا ئىرىشكەن ئەمەس. قىسقىسى مۇشۇ تىمىنى مىسالغا ئالسام ، بۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ، ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر ، مەن ئىلگىرى يازغان « تالانىتلىق ناخشىچى تاش مۇھەممەت باتۇر توغىرىسىدا » ماۋزۇسىدىكى ماقالەمنى تەپسىلى كۈرۈپ چىققان، ھەم مۇشۇ قېتىملىق تىمىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەرنى ئۆزى تەمىنلەپ بەرگەن، تور دۇنياسىدىكى ئۇچۇرلارغا ھىرىسمەن ، ئىسىل سۈپەت  سەنئەتكار ھىسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا تورداشلارنىڭ تەكلىپ پىكىرىنى دادىل، ئىلمى، چۈشىنىشلىك، ھەقىقى يۇسۇندا بىرىشنى، بۇ ئارقىلىق ، شۇ ئەزىز كىشىلىرىمىز بىلەن ۋاستىلىك بولسىمۇ ، قەلبىدىن سىردىشىپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن. ماقالىنى تۈۋەندىكى بىر قانچە  مەزمۇننى چىقىش قىلغان تارماق تىمىلاردا پۈتتۈرمەكچى بىز. CR.d3!&28  
تاش مۇھەممەت باتۇر ،خالمۇرات ئۈمەر قاتارلىق چولپانلار تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبى(قەشقەر،خوتەن،ئاقسۇ،بايىنغۇلىن)دىكى ^W=hs9a+F  
ئەل ئارىسىدا.
Zs}h>$E5_B  
تۇنجى ئۇچىرىشىش TD floDxA  
2010يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۇيۇن قۇيۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ، ئىلى دىيارىدىن يىتىشىپ چىققان ، ئەل چولپىنىمىز ، يىقىملىق مىلودىيە، ئۆزگىچە ئۇسلۇپ بىلەن ئالاھىدەئۇرۇنلاش تالانتى يىتىلگەن«دۇنيا»«دەرىتلىرىمنى سورىما»«قېرىنداشلار جەم بولسا دەيمەن» «لەيلى»«مۇھەببەت»«جىق گەپ بار»«ئانا»«ئەخلاق»«قېنى ۋەدەڭ»«قورقىمەن»«خىزمەت»«گۇناھ ئۈزەمدە» قاتارلىق ئىسىل ناخشىلىرى بىلەن ئەلگە تۇنۇلغان ، ياش سەنئەتكار تاش مۇھەممەت باتۇر ھەمدە  خەلىقنىڭ ئاتاقلىق كۆلدۈرگە ئارتىسى ، ياراملىق ئاكتىيور، ئۆزىدىكى يۈكسەك ئۇرۇنلاش ئىستىداتى بىلەن «چوڭ ئەيسا » رۇلىنى مۇۋەپىقىيەتلىك يارىتىپ نەتىجە قازانغان، «قىرلىق ئىستاكان»«ساراڭ»«گۈلەمخان »«ئالىمجان بۇلۇمسىز» قاتارلىق ئىكىران روللىرىنى ھەقىقى يۇقىرى سەۋىيەدە ئۇرۇنلاپ ،كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان ،بۇنىڭ بىلانلا قالماي شاھانە ساز تەمبۇرنى ئاجايىپ ياخشى ئۈگەنگەن، كۆپ ئىقتىدارلىق  ھەقىقى سەنئەتكار خالمۇرات ئۈمەر ،ھەم شۇنىڭغا ياندىشىپلا بىرگە كەلگەن ئايال كۆلكە چولپانلىرىمىزنىڭ ئەڭ خۇۋانىسى (ئالدى) ھىسابلانغان، ئايپەتەم ئوبرازىنى ئەڭ مۇۋەپىقىيەتلىك روياپقا چىقارغان ، ياراملىق ئايال ئىتوت چولپىنى خەيرىگۈل ھەسەن  ، باشچىلىقىدىكى سەنئەتكارلارنىڭ ئانا يۇرتۇم، خوتەن قاراقاش ناھىيەسىگە قەدەم تەشىرىپ قىلىدىغان ئۇچۇرىدىن  خەۋەر تاپتىم. مىنىڭ شۇ ھامان بۇ چولپانلىرىمىزنىڭ ئۇيۇنىنى كۈرۈش بىلەنلا چەكلەنمەستىن، بىرەر قۇر كۈرىشىپ بىقىش ئىتىكى تەڭ پەيدا بولدى. .<%q9Jy#  
ئەمما قانداق كۈرۈشۈش كىرەك؟... ^m D$#  
بۇ ئىشتا يەنىلا شۇ تور يۈزىدە ئىلان قىلغان ماقالەمنى ۋاستە قىلىپ كۈرۈشۈش نىيتىگە كەلدىم.  ئۇيۇن باشلانغىلى بىر قانچە مىنۇت قالغاندا ، خىزمەتداش دوستۇم شىر ئەلى بىلەن بىرگە سەھنە ئارقىسىغا چىقىپ ، ئۇيۇنغا تەييارلىق قىلىۋاتقان تاش مۇھەممەت ئاكىمىز بىلەن خالمۇرات ئاكىمىزنىڭ  يىنىغا كىرىشكە تەييارلاندۇق. . x])j]k  
 ئۇنىڭ ئۈستىگە خىزمەتدىشىم شىرئەلىنىڭمۇ كەسپى  مۇزىكا يەنى تەمبۇر بولغاچقا،  خالمۇرات ئاكىمىز بىلەن كۈرۈشۈش نىيىتى ماڭا ئوخشاشلا ئىدى  ، شۇ سەۋەبتىن  سەھنە ئارقىسىغا چىقىساق  بۇ يەردە ، تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئىلھام ئىلىپ ئۆزىگە بۇ چولپاننى ئۇستاز تۇتقان ، «چولپانلىرىم» قاتارلىق ناخشىلىرى بىلەن بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلغان، ، ياش ناخشىچى ئىنىمىز ئەسقەر مۇختەرمۇ بار ئىكەن. ئۇنىڭ بىلەن كۈرىشىپلا بىۋاستە ئۇيۇنغا تەييارلىنىۋاتقان ، چولپانلار تاش مۇھەممەت بىلەن خالمۇرات ئاكىمىز ئالدىغىلا كىردۇق. nm\f$K>Pg  
ئەمما بىز كىرگەندىن كىيىن ،مىنىڭ قەلبىمدىكى ئاللىقانداق ئەندىشىلەر بۇ ئىككەيلەننىڭ ئىللىق،ئۆزسالىمى بىلەن نەلەرگىدۇر غايىب بولدى. /|NyO+Io  
بۇلۇپمۇ خالمۇرات ئاكىمىزنىڭ قىزغىن سالىمى بىلەن تاش مۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ كىچىك پىئىللىقى مىنى راستىنلا ھەيران قالدۇردى. بىر قۇر كۈرۈشكەندىن كىيىن قۇلۇمدىكى تەييارلىۋالغان ھېلىقى ماقالىنى كۆرسەتتىم. بۇ ۋاقىتتا تاش مۇھەممەت ئاكام دەرھاللا ،«ھە بۇ ھېلىقى تور يۈزىدىكى  ماقالە ئىكەنغۇ، مەن كۈرگەنتىم ئۇكام رەھمەت سىزگە  ، ھازىر ئۇيۇن باشلىناي دەپ قالدى، ئۇيۇندىن كىيىن كۈرىشەيلى » دەپلا سەھنىگە چىقىپ كەتتى. قۇلۇمدىكى ماقالىنى ، شۇلار بىلەن بىرگە كەلگەن ، يىتىشىۋاتقان ئىتوت ماھىرى ، ئابدۇسالام ئابدۇكېرىمگە تاپشۇرۇپ بەردىم . 
   :Kyr}-  
  «بىر كەلسەڭ»ناملىق ناخشا بىلەن باشلانغان ، تاش مۇھەممەت باتۇر ناخشا كىچىلىكىنى سەھنىدە ناھايتى ھۇزۇرلىنىپ ئاڭلىدىم دە ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە خالمۇرات ئاكىمىز ، خەيرىگۈل ھەسەن، ئابدۇسالام ئابدۇكېرىملەر ئۇرۇنلىغان يىڭىچە ئىتوتلارنى ھۇزۇرلىنىپ كۈرۈشكە مۇۋەپپەق بۇلدۇم، ناخشا كىچىلىكى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن كۈرىشەي دەپ  ئويلىدىميۇ ئۇيالدىم. بۇنداق بۇلۇشتىكى سەۋەب ،بېشىدا خالمۇرات ئاكىمىزنىڭ سۈزىنى تىڭشاپ بىر قانچە مىنۇت ، سەھنە ئارقىسىدا تۇرغانئىدىم. بەك ئۇزۇن تۇرىۋىلىپ، قايتا كۈرۈشسەك، سەت تۇرمىسۇن دىگەن ئوي باشتىن ئاخىرى بىشىمنى چىرمىۋالدى .ئاخىرى ھەر نىمە بولسا يۈز تۇرانە بىر كۈرىشىۋالدىم ،شۇڭلاشقا مەيلى دەپلا قايتىپ كەتتىم... Pl|I{l*o(`  
تاش مۇھەممەت باتۇر بىلەن خالمۇرات ئۈمەر ئاكىمىزنىڭ ئىسىل ئەخلاق پەزىلىتى ۋە قەدىرلەشكە تىگىشلىك خسلىتى E)Qg^DHP/  
بۇ ئىككى چولپان  بېشىدا دىگىنىمدەك  ھەممىگە ئايان، ئۆزىنىڭ بەلگىلك ئىقتىدار ۋە تەسىرى دائىرسى بىلەن ئەل ئارىسىدا يۈكسەك نۇپۇزغا ئىگە. ھەم ھەر ئىككىلىسى ئىلى دەرياسىنىڭ سۈزۈك سۇلىرى شىۋىرلاپ ئاقىدىغان ۋادىدا  ،گۈزەل  ئىلى تاغ- باغلىرىنىڭ ساپ ھاۋاسىدا ، چاقچاقچى ،چىقىشقاق،ئۆزگىچە سەنئەت تۇيغۇسى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرغان سەنئەتخۇمار  ئىلى خەلىقىنىڭ مەنىۋىيتىنىڭ چۇڭقۇر قىتىدا ، پىشىپ يىتىلگەن، ياش تالانىتلىق چولپانلار ھىسابلىنىدۇ.
jQz^)8)B  
بۇ سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ سەنئەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مەن قايتا ئىزاھلاپ تۇرمىساممۇ ، ئەل خەلق بۇنىڭغا گۇۋاھ، ھەم ئىلگىركى ماقالەمدە تاش مۇھەممەت باتۇر سەنئەت نەتىجىلىرى ھەققىدە  ئاساسەن توختىلىپ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەلكۈيى تورىدا ، «چوڭ ئەيسانىڭ مەخپىيتى» ناملق ماۋزۇ ئاستىدا خالمۇرات ئاكىمىزنىڭ سەنئەت ھاياتى توغىرىسىدا ماقالە يېزىلىپ بولغان. بۇ يەردە مەن يەنە سۆزلىسەم سەل ئارتۇقچە، لىكىن مەن بىۋاستە ئۇچىرىشىپ، ئۆز-ئارا سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، بۇلارنىڭ ئەمىليىتدىن ھىس قىلغان ، گەپ سۆزلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىدىن بايقىغان، ھەقىقى ئەھۋاللارنى مىسال ئېلىش ئارقىلىق ، بۇلارنىڭ پەزىلىتىگە باھا بىرىپ چىقماقچىمەن. مۇشۇ يەردە يەنە بىر تەكىتلەش لازىمكى، تۈۋەنكى جەريانلار مەن بىۋاستە ھىس قىلغان ئەمىليەت ،ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇقۇپ چىىققىنىم ئەمەس، بالىلارنىڭ بۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلىشى زۈرۈر..
  `ba 
1) تاش مۇھەممەت باتۇر ئاكىمىزنىڭ يۈكسەك سەمىمىيىتى، كىچىك پىئىللىقى ،چىقىشقاقلىقى ھەققىدە X`v6gv5qj  
بىر ئادەم مەيلى ئاددى كىشى بولسۇن ياكى نۇپۇزلۇق شەخس بولسۇن ،ئۇنىڭ ئۈزىدە شەكىللەنگەن ياشاشتىكى كىشىلىك سەمىميەت ،ئىنتايىن مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. بۇ خىل پەزىلەت كەم بولسا ئۇ قانداق ئادەم بۇلۇشتىن قەتئىينەزەر ھامان تىزلا باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىدۇ، ئەكسىنچە بولغاندا باشقىلارنىڭ ئىززىتىگە ئىرىشەلەيدۇ. تاش مۇھەممەت باتۇرمۇ، دىمەكچى بولغان قارىشىمىزدىكى ئۆزىگە خاس نۇپۇز يارىتىش بىلەن بىرگە ، شۇنىڭغا مۇناسىپ ئەخلاق پەزىلەت يىتىشتۈرگەن شەخىس ھىسابلىنىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن ،تۈۋەندىكى ئەمىلى يۈز بەرگەن ئەسلىمە ئەھۋالغا قاراپ باقايلى. . P 44t  
2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى  سائەت 4دىن ھالقىغان ۋاقىت ، تېلىفۇنۇم تويۇقسىز ناتۇنۇش ،باشقا رايۇن  نۇمۇردا جىرىڭشىپ كەتتى. uCW}q. @4  
ھەممىمىز بىلىمىز ،ھەر خىل تېلىفۇن نۇمۇرلىرى كىلىپ تۇرىدۇ. شۇ ۋەجىدىن تېلىفۇننى بىرەر ساۋاقدىشىم ئۇرغان ئوخشايدۇ ، دەپ ئالدىم. ئەمما بۇ مىنىڭ ساۋاقدىشىم ئەمەس ئىدى. دەل تىمىمىزدا پىكىر يۈرگۈزىۋاتقان شەخىس تاش مۇھەممەت ئىدى. تېلىفۇندا تۇنجى بۇلۇپ، «ياخشىىمۇسىز پەرھاتجان، مەن تاش مۇھەممەت . سىز يازغان ھېلىقى ماتىرىيالنى تۇلۇق كۈرۈپ چىقتىم ، ھەم مەن توغىرىسىدا يازغان قاراشلىرىڭىزدىن خوش بولدۇم، كۆپ ماختىۋىتىپسىز ،ئۇنچىلىك ئەمەس ئىدى.  قايسى كۈنى ئالدىراشچىلىقتا تۈزۈك پىكىرلىشەلمىدۇق. سىزمۇ قايتىپ كىتىپسىز. ياخشى ماڭا قالدۇرۇپ قويغان ماتىرىيالىڭىزدا ئالاقە تېلىفۇنىڭىز بار ئىكەن، شۇڭلاشقا تېلىفۇن قىلىشىم ئىدى. »  p}GTOJT}  
  مانا بۇ كىشىنىڭ كىچىك ئىش بولسىمۇ ، ئاتايىن ئۈزىنىڭ بىۋاستە تېلىفۇن قىلىپ ،مەن بىلەن تۇنجى ئالاقە ئورنىتىشى ئىدى. b; ;y|H  
ئەگەر ئۇنداق قىلمىسىمۇ ، بىرەر پارچە تور يازمىسى دىگەن ئالاھىدە ئىشمۇ ئەمەس ئىدى. ھەم شۇنىڭغا ئۇلاشتۇرۇپلا ، « ھازىر مەن بىۋاستە ئۇچىرىشاي دىسەم، ئالدىراپ قالىمىز، شۇڭا 10-ئاينىڭ 14كۈنى گۇما ناھىيسىدە ئۇيۇن بار. ۋاقتىڭىز بولسا شۇ يەردە ئۇچىرىشايلى، ئۇنداق بولمىسا تېلىفۇن نۇمۇرۇم مۇشۇ ،خاتىرلەپ قۇيۇڭ ، ئالاقىلىشىلىپ تۇرارمىز» |1!|SarM{B  
مانا مۇشۇ سۆزلەرگە قارىساق، بىز بىلىدىغان ئالاھىدە سىرلىق قاراشقا ، چۈشىنىكسىزلىكە جاۋاپ تاپالايمىز. يەنى بىز قەلبىمىزدە چوڭ بىلگەن كىشىلەر ، مۇشۇنىڭدەك ،كىچىككىنە ئىشىمىزغا ئىنكاس قايتۇرسا  ،بۇنىڭدىن شۇ كىشىدە شەكىللەنگەن ، يەنە بىر ئالاھىدىلىك ئەخلاق ساپا بىلەن سەمىمىيەتنى چوڭ بىلىدىغان ،باشقىلارغا مۇئامىلە قىلغاندا ئۈز جازىسى بىلەن ئەمەس، ئادىمىيلىكى بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، چوڭ كىچىك،ناتۇنۇش دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدىغان ئىسىل پەزىلىتىنى بىلىۋىلىش ھەم مۇمكىن.
@DM NL sQ  
2)- سەھنە ئارقىسىدىكى تاش مۇھەممەت باتۇر jMR9E@>~E  
ئادەتتە نۇرغۇن بالىلار ئۆزى قىزىقىدىغان چولپاننىڭ ناخشىسى بىلەنلا قالماي ، بەلكى ئۇنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنىڭ قانداق ئۈتىدىغانلىقى توغىرىسىدىمۇ ئۆز-ئۆزىچە ئويلىشىپ بەك سىرلىقلاشتۇرۋىتىدۇ. ھەتتا ئۆزىچە يوقىلاڭ سۆزلەرنى تېپىپ كىتىدۇ، ئۈزىچە بەك كۈتۈرۋىتىدىغان ياكى چۈشۈرۋىتىدىغان مۇنداق ئىش تازا توغرا ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەسىلىگە ئەمىلى باھا بىرىش كىرەك. مىنىڭچە ھەر قانداق بىر نەتىجە قازانغان شەخىس چۇقۇم ئاۋۋال ئادەم ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئۆز تۆھپىلىرىنى ياراتقان ،  شۇنداق بولغاچقا بىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغىنىمىز شەخىسنىڭ قولغا كەلتۈرگەن يۇقىرى نەتىجىلىرى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى  ئۇنىڭ ئادىمىيلىك تەبىئى خىسلىتى ۋە تۇنۇشى ھىسابلىنىدۇ. بۇ جەھەتتە تاش مۇھەممەت باتۇرمۇ  دەل بىز دىمەكچى بولغان شۇ تۇنۇشتا ناھايتى ئۆز ۋە تەبىئى دىسەك ئاشۇرۋەتمەيمىز . بۇ سۆزىمىزگە تۈۋەندىكى ئەمىليەتلەر مىسال بۇلاللىشى مۇمكىن.
|%X_ 
 مەن 10-ئاينىڭ 14كۈنىدىكى گۇما ناھىيسىدە ئۆتكۈزىلىدىغان كىچىلىك ئۈچۈن ، گۇما ناھىيسىگە  يىتىپ كەلدىم. سائەت 6يىرىم ئەتىراپىدا ، ماتىرىياللىرىمنى ئېلىپ ناھىيلىك تېياتېرخانا ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم. دىگەندەك تاش مۇھەممەت ئاكىمىز چارەك ۋاقىت يەنى  20 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ،ناھىيلىك تېياتېرخانا ئالدىدا پەيدا بولدى. مەنمۇ سالاملىشىش ئۈچۈن يىتىپ بارغانئىدىم . قىزغىن سالاملاشقاندىن كىيىن ، سۆز تەبىئىيلا باشقا سۆزلەردە بولماستىن بەلكى ، قەشقەر يەكەندە بىر سۈپەتلىك قوي قوزىسىنى كۈرۈپ قويغانلىقى ، بۇنى غولجىغا ئېلىپ كىتىپ باقىدىغانلىقى ، قانداق ئېلىپ كىتىش توغىرىسىدىكى پاراڭلار بۇلۇندى. قاراپ باقساق بىر پاقلان سۆزى گەرچە تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىش بولسىمۇ ، سەھنە كېينىدە بۇ يىگىتنىڭ يەنىلا دىھقان پەرزەنتىگە خاس خىسلىتى، بۇ كىشىنىڭ بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ  تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ئۆزى قىزىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۈرۈۋىلىش قىيىن ئەمەس. شۇ ئىشىدىن كىيىنلا ئەتىراپتىكى 30غا يىقىن ئامما ، بۇ يىگىتنى قورشىۋالدى. ئۇلار بىلەن تۇلۇق كۈرۈشكەندىن كىيىن قىزغىن پىكىرگە چۈشۈپ كەتتى. دىمەك بۇ ئوغلان راستىنلا ئۆز خەلىقى بىلەن شۇنداق يۇسۇندا ئالاقە باغلاپ كەلگەن ، باشقىلارغا تۇتقان كىچىك پىئىل ئادىتى بىلەن سەھنە ئارقىسىدىكى تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئادەتلەنگەن. يەنە بىر مەسىلىنى قىستۇرۇشقا تىگىشلىك بولغىنى ، بىز تىياتېرخانا ئىچىگە كىرىپ بولغاندا ، ئاتايەن باياتتىن سىرىتتا پاراڭلاشقان ،2 نەپەر كىشىنى ، بىلەتسىز ئەكىرىشنى يىنىدا تۇرغان بالىغا ئالاھىدە تاپىلىدى. قىسقىسى مۇنداق ئىشلار گەرچە ھەممە دىمەكچى بولغىنىمىزنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىسىمۇ ،لىكىن مەلۇم جەھەتتىكى تۇنۇشىمىزنى ئىسپاتلاشقا پاكىت ئاساسى بۇلالايدۇ. T3)m{gv0`  
3)-تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ كەسىپداشلىرىغا ، ئەتىراپىدىكى ئۆزى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بالىلارغا تۇتىدىغان  پۇزىتسىيەسى توغىرىسىدا . e6gj'GmY  
ھەر قانداق بىر ئادەم چۇقۇم يالغۇز ، يەككە يىگانە ھالەتتە، ھېچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ. شۇنداقكەن چۇقۇم ئۆزى قىلىدىغان ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۈرۈشتە، شۇ ئىشتىكى نۇرغۇنلىغان كەسىپ ئەھلى بىلەن ھەمكارلىشىشىقا ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشكە توغرا كىلىدۇ. مەيلى سەنئەتكار ياكى باشقا كەسىپتىكى ھەر قانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولسۇن ، چۇقۇم  بۇ تەرەپنى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدىكەن ، ئۇنداق كىشىنىڭ نەتىجە قازىنىمەن دىيىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. بۇ مەسىلىنى ئىلگىركى سۆزلىرىمىزدىمۇ ئېيىتقانئىدۇق. مۇشۇ جەھەتتىن تاش مۇھەممەتتە يىتىلگەن ھەمكارلىق ۋە قول ئاستىدىكى بالىلارغا تۇتىدىغان ياخشى ،ئىللىق پۇزىتسىيەنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ.
o'P[uB/  
بۇ مەسىلىدە بىز تاش مۇھەممەتنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلىشىدىغان ۋە يىقىن ئۆتىدىغان ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داڭلىق چولپانلىرىدىن، ئابدۇكېرىم ئابلىز، مەھمۇت سۇلايمان، تۆمۈرخان رۇزى، ئابلەت ئابلىكىم، پۇلات تۇرسۇن، خالمۇرات ئۆمەر، خەيرىگۈل ھەسەن، ئەبەي ، ئەسقەر رېقىپ قاتارلىق چولپانلار بىلەن سەمىمى ھەمكارلىقى ۋە دوسىتلۇقىغا قارىساقمۇ بۇنى ھەقىقى چۈشىنىمىز. Y\1&  Uk  
ئاز تۇلا ماتىرىيال توپلاش سەۋەبىدىن ، مەن سەھنە ئارقىسىدا ، مۇزىكا چالىدىغان ۋە مۇشۇ قىتىملىق ئۇيۇنننىڭ سوۋىت ، ئاۋازلىرىنى تەڭشەيدىغان بالىلاردىن ئەھۋال سۇراپ باقتىم . بالىلارنىڭ راستىنلا تاش مۇھەممەتنىڭ ئەمىليەتتىمۇ ، ناھايتى ئىسىل، ياخشى مۇئامىلە بىلەن  باشقىلار بىلەن ئالاقە باغلايدىغانلىقى ، ھەمدە باشتىن ئاخىرى باشقىلارنى كەمسىتىش نەزىرىدە ئەمەس، ئۆزىنىڭ تۇنۇشى ۋە يىقىنلىرى قاتارىدا مۇئامىلە قىلىدىغان پەزىلىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ بەردى. )d {8Cu6  
 ھەم مەن بۇ قېتىملىق ئۇيۇننىڭ ئىلان ماشىنىسىنى ھەيدەيدىغان شۇپۇر ئۇستام بىلەن سۆھبەتلىشىپ قالدىم، بۇ كىشى ئۆزىنىڭ «دولان » ئۇيۇن قۇيۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى، ھەم تاش مۇھەممەت باتۇر ۋە خالمۇرات ئاكىلارنىڭ راستىنلا ياخشى ئىسىل سۈپەت كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ، دولان شىركىتى مەسئۇلى ئابدۇخېلىل ئۇبۇلقاسىمنىڭمۇ دەل شۇنداق ئادەملەر بىلەن ھەمكارلىشىدىغان خۇسۇسيتىنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن يەنە بۇ قېتىملىق ئۇيۇنغا قاتناشقان بىر قىسىم مۇزىكانىت تېخنىك بالىلارنىڭمۇ ناھايتى ئۆز ۋە چىقىشقاق ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ تاش مۇھەممەت باتۇر بىلەن ناھايتى ئىناق ئۆتىدىغانلىقىنى ، ھەم ئۆزلىرىگە بۇ ئوغلاننىڭ كۆپ كۈيىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
=>TXo@rVN  
بۇلۇپمۇ سەھنە ئارقىسدا ئاۋاز تېخنىكىسىنى ئىشلەۋاتقان ئالىمجان بىلەن بولغان سۆھبىتىمىزدە ، بۇ مەسىلە ناھايتى قىزغىن مۇلاھىزە قىلىندى. يەنى ناھىيلىك تېياتېرخانىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بىر كىشى ئۇيۇن باشلانماستىلا ئۇدۇل كىلىپ، « بىر قانچە قېتىم ئادەم مەنسىتمىگەندەك، ئۇنى چاتساڭ كۈيىدۇ، بۇنى قىلساڭ بىخەتەر ئەمەس، ئەسۋابلارنى توغرا ئۇرۇنلاشتۇر، ما يەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن چاتاق چىقسا بولمايدۇ» دەپ  قاقشاپ كەتتى. بۇ  قاقشاشلىرىدىن ئالىمجان رەسمى زىرىكتى بولغاي، ئەڭ ئاخىرى «خاتىرجەم بۇلۇڭ ، مەن كۆرگەن تېياتېرخانىنىڭ ئەڭ كىچىكى ۋە سۈپەتسىزى مۇشۇ ئىكەن ، مىنىڭ ئامالىم بار » دەپلا تەنە قىلدى. u*Y!=IT  
كىيىن ماڭا «بۇ ئادەملەردە ساپا دىگەن ئىش راستىنلا يوقكەن ، مەن تاش مۇھەممەت ئاكام بىلەن ئۇيۇن قۇيىۋاتقىلى خىېلى ئۇزۇن بولدى، نۇرغۇنلىغان چوڭ تىياتېرخانىلاردا ئاۋاز ئىشىنى قىلغان،شۇنداق ۋاقىتتا بەزى خاتالىقلار تېياتېرخانا ئىچىدىن ئەمەس ،بەلكى ئۇيۇن داۋامىدا يۈز بىرىدۇ، ئاددىيسى ، تاش مۇھەممەت ئاكام سەھنىگە چىقىپ بولغاندىن كىيىن يۈزبىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇ قەتئى ئاچچىقلىنىپ قالدىغان ،ياكى تۇلا قاقشايدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ.ئەكسىنچە ۋاي ئۇكام نىمە بولدۇڭ؟ چارچاپ قالدىڭمۇ ؟دەپ بىزگە تەسەللى بىرىپ كىتىدۇ. ئەجىبا ماۋۇ تېياتېرخانىنى قوغدىغۇچى ئۇيۇن باشلانماستا سۆزلەپ كەتتى، ھەي سېلىشتۇرساق يەنىلا شۇ ساپاغا تاقىلىدۇ» دەپ ئىزاھات بەردى. بۇ بالا بۇ يەردە ئىككىيلەننى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق بىر خىل ئىسىل پەزىلەتنى چۈشەندۈرىۋاتاتتى.
#eI` l`}  
 دىمەك مۇشۇنداق ئىلمى پۇزىتسىيە  ، يەنىلا  دىمەكچى بولغىنىمىزنى ئىسپاتلاپ بىرىدۇ. قىسقىسى مەن ئۇچىراتقان تاش مۇھەممەت قانداقتۇر بىر چولپان ئەمەس ، ئۆز قېرىندىشىمدەك تۇيغۇ ئاتا قىلدى، بۇ تۇنۇشنى ئاخىرى خوشلىشىدىغان ۋاقىتتا ئۆزىگە دىسەممۇ ، ئۈزىنىڭمۇ شۇنداق تۇنۇشتا ئىكەنلىكىنى ، كەچ بۇلۇپ قالغاندا مىنىڭ قانداق قايتىدىغانلىقىمنى  ، ناۋادا قەشقەر تەرەپكە ماڭماي ،خوتەن تەرەپكە ماڭسا بىللە كىتىش ئىمكانىيتىنى ، تېلىفۇندا ئالاقىلىشىپ تۇرۇشنى، پۇرسەت بولسا يۈز –تۇرانە كۈرۈشۈشنى ماڭا سەمىميلىك بىلەن ئەسكەرىتتى. 6l>016 x  
4)خەلق قەلبىدىكى تاش مۇھەممەت باتۇر نىڭ سەنئەت نەتىجىلىرى ۋە بۇ ئوغلاننىڭ  ئەل ئىچىدىكى ھۆرمىتى . g;3 
بىر توپ خەلق ئىچىدە تۇنۇلۇش دىمەكلىك، ئەلنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىىشىش دىمەكتۇر. شۇ سەۋەبتىن تاش مۇھەممەت باتۇرمۇ ، خەلقى ئىچىدە ئىتىراپ قىلىشقا ئىرىشكەنلىكىتىن ،تۇنۇلغان سەنئەتكار ھىسابلىنىدۇ.ئۇنداقتا قانداق بىر سەۋەب بىلەن بىز بۇكىشىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىپ مۇئەييەنلەشتۈرىمىز؟ بۇ مەسىلە دەل بۇ ئوغلاننىڭ قىلىۋاتقان ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسى، بۇ ئەمگەك خەلقىمىز قەلبىنىڭ بىغىغا تەگكەنلىكتىن ئەمگىكى بىلەن تەڭ ئۆزىمۇ تۇنۇلدى. قارايدىغان بولساق سەنئەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن قىسقىغىنا ، 10نەچچە يىللىق سەنئەت ھاياتىدا تاش مۇھەممەت باتۇر ئىزچىل خەلقىنىڭ قەلبىگە ، مۇڭىغا، دىلكەش بۇلالىغانلىقتىن ھازىرغا قەدەر ئۇنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ قىممىتى ئاشسا ئاشتىكى ھەرگىز تۈۋەنلەپ كەتمىدى. بۇلۇپمۇ بۇ ئوغلانىمىز  نەتىجىلرىدىن «دۇنيا»«كۈنلەمچىلىك كۈن ئەمەس»«قېرىنداشلار جەم بولسا دەيمەن»«ياخشىلىق قىل قۇلۇڭدىن كەلسە»«ئادەملەر » «قورقىمەن»«يىگىتلەر»«ئەخلاق»«ئۇسىنىڭ ئاتاڭ، ئۇ سىنىڭ ئاناڭ» «ئانا»«جىق گەپ بار»«ئۈتە بۇياققا» «خىزمەت»«نىمە ئالدىم ئانامنى دەپ» قاتارلىق سۈزى بىلەن مىلودىيسىنىڭ قىممىتى يۇقىرى ، جەمىئەت ،ئىجتىمائى تۇرمۇش، ئەخلاق، ئادىمىيلىك مىھرى مۇھەببەت، ئىنسانى خىسلەت  مەزمۇنلىرىغا تاقىلىدىغان ئۆلمەس ناخشىلىرى،«مۇھەببەت»«خۇشال كۈنلەر»«دەرىتلىرىم»«لەيلى»«دەرىتلىرىمنى سورىما »«ئۆز يارىغا يىتەمدۇ»«تەنھا»«قېنى ۋەدەڭ» قاتارلىق ئۆلمەس مۇھەببەت ناخشىلىرى ، شۇنىڭ بىلەن  بىرگە  ئەڭ مۇھىمى خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇقۇيدىغان ھەقىقى سەنئەت  تالانتى، بۇ ئوغلاننىڭ  ئەل قەلبىدىكى ئوبىرازىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۈتۈردى. شۇ سەۋەبتىن چوڭ- كىچىك ھەممە ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلىرنى روياپقا چىقارغۇچى چولپان سۈپىتىى بىلەن تۇنۇلدى. قىسقىسى بۇ يىگىت ئەڭ ئاۋۋال ئۆز كەسپى بىلەن خەلقىنى يۇقىرى ئۇرۇنغا قويدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ ئوغلانىمىزنىڭ ئەل نەزىرىدىكى نۇپۇزى راستىنلا تەبىئى تىكلەندى. شۇنىڭ  سەنئەتخۇمار خەلقىمىز بۇ يىگىت ئۇرۇنلىغان كۈيلەردىن  تا ھازىرغىچە ھەقىقى رازىمەنلىك بىلەن بەھرى ئالماقتا. شۇنداقكەن  بۇ يىگىتنى خەلقىمىز ئەمىليەتتىمۇ راستىنلا قەدىرلەيدۇ. ئاددىيسى بىر كىچىك ئىشنى مىسال قىلسام ئىككى يىل بۇرۇن ، بىر ئۇيۇن مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيمىزدە تاش مۇھەممەت باتۇرمۇ قاتناشقان بىر مەيدان ئۇيۇن چوڭ مەيداندا قۇيۇلدى. ئەمما كۆپ ئۆتمەي  نىمە سەۋەبتىنكىن پەستە تۇيۇقسىز قالايمىقانچىلىق،  پاتپاراقچىلىق كۈرۈلدى، دەل شۇ ۋاقىىتا بۇ يىگىت دەرھاللا سەھنىدە پەيدا بۇلۇپ گەپ باشلىشىغا ، بارلىق قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىۋاتقانلار قايناق سۇغا سۇ قۇيغاندەك دەرھال جىم بۇلۇشتى. 9Cb>J  
دىمەك  بۇ ئەمىليەت  تاش مۇھەممەتنىڭ ئەل ئىچىدىكى ئوبىرازى ۋە ھۆرمىتى ئىدى. قىسقىسى بۇ ئوغلانىمىز ئەلنى چوڭ بىلگەن ۋە ئەلمۇ چوڭ بىلگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر چولپاندۇر. IP 1{gMG  
5) بۇ قېتىملىق ناخشا كىچىلىكىگە قوللاش يۈزىسىدىن مەدەت بەرگەن ، داڭلىق ئاكتىيور، كۆپ ئىقتىدارلىق تالانىت ئىگىسى ، ئەل ياقتۇرغان چولپان خالمۇرات ئۆمەر ۋە خەيرىگۈل ھەسەن ، يىتىشىۋاتقان ياش ئىتوت ماھىرى ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم   ۋە تاش مۇھەممەت باتۇر كىچىلىكىدىكى بالىلار ھەققىدە.
} 
بۇ قىتىمقى كېچىلىك تاش مۇھەممەت باتۇر 2010يىللىق چوڭ تىپتىكى ناخشا كىچىلىكىنىڭ ئالدىن تەييارلىقى بۇلۇپ، دەپ ئۆتكىنىمزدەك ، بۇ كىچىلىككە ئەل ياقتۇرغان ،داڭلىق ئارتىسىتلارمۇ بار جۈملىدىن خالمۇرات ئۆمەر ئاكىمىز چوڭ قوللاش ۋە مەدەت بىرىش يۈزىسىدىن قاتناشقان.  TU8K\;l]  
مۇشۇ يەردە ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم، ئۆزۈم قاتتىق ھۆرمەت قىلىدىغان ۋە چوڭ كۈرىدىغان ئارتىس خالمۇرات ئۆمەر بىلەن كەڭ كۇشادە پىكىر ئالماشتۇرالمىغىنىم بولدى. بۇ ئىش راستىنلا شۇنداق بولدى. مىنىڭ ئەسلىدە ھېچ بولمىسا ، خالمۇرات ئاكامدىن ، ئۈزى باش بۇلۇپ ئىشلىگەن «تۇنجى قار » ئىتوتى بىلەن «چوڭ ئەيسا » ئوبىرازى  ھەققىدە بىر قانچە سۇئاللارنى سورىغۇم بارئىدى. لىكىن بۇ خىل ئارزۇيۇمغا يىتەلمىدىم. ئەمما مەن خالمۇرات ئاكامنىڭ ئالدىنقى قېتىم  قاراقاش ناھىيسىدە ، ناھايتى قىزغىن ھالدا ، خىزمەتدىشىم شىرئەلى بىلەن ياش ناخشىچى ئەسقەر مۇختەرگە تەمبۇر ھەققىدە ناھايتى قىممەتلىك پىكىرلەرنى ئېيتىپ بەرگەنلىكىنى ۋە ئۆزۈمنىڭ بۇ پىكىر مۇلاقىتىدىن ياندىن بولسىمۇ بەھىر ئالغانلىقىمنى تورداشلارغا ئۆز ئاغىزىم ئېيتىپ بەرگۈم كىلىدۇ.
yF&?gPh&  
دەسلەپ ئۇچىراشقان 10-ئاينىڭ 9-كۈنى مەن تاش مۇھەممەت ئاكىمىز بىلەن كۈرەشكەندە ، خىزمەتدىشىم شىرئەلى ،ياش ناخشچى ئەسقەر مۇختەر بىلەن بىرگە خالمۇرات ئاكام بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتاتتى. بىشىدا دىگەندەك مىنىڭ تاش مۇھەممەت ئاكىمىز بىلەن كۈرۈشۈشۈم ناھايتى قىسقا بولدى. ۋە تەبىئىيلا خالمۇرات ئاكام پاراڭ قىلىۋاتقان تەرەپكە بىرىپ ، پىكىرگە ئىشتىراك قىلدىم. بۇ ۋاقىتتا خالمۇرات ئاكام تەمبۇر ھەققىدە ، ئۆزىنىڭ سەنئەت مەكتىۋىدىكى ھاياتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ناھايتى چۈشىنىشلىك ، قىزىقارلىق سۆزلەپ بىرىۋاتاتتى. ئالدىدا مەن ، شىرئەلى ، ئەسقەر مۇختەر خۇددى سىنىپتا تۇرۇپ دەرىس ئاڭلىغان ئۇقۇغچىلاردەك ھىرىسمەنلىك بىلەن بۇ چولپىنىمىزنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتاتتۇق. E"H> [E  
بۇ سۆزلەردە ئەڭ ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى، تەمبۇر ھەققىدىكى سۆھبەت بۇلۇپ،  خالمۇرات ئاكىمىزنىڭ «مۇشۇ تەمبۇر سېزىنى پەقەت ئاددى نوقتىدىن تۇنۇش خاتا، تەمبۇرنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشەنسەك، ئۇ ئۇنداق ئاسانلا بېرىپ چالىدىغان ساز ئەمەس، باشقىلار تېخى تەييار تەمبۇرنى بىرىپلا بىر قانچە پەردىگە چېلىپ كىتىدىكەن، يەنە بەزىلەر كاللىسىدا ئاھاڭ جىق، قۇلى گاچا، يەنە بەزىلەرنىڭ قۇلى تىز كاللىسى قۇپقۇرۇق، تەمبۇر چېلىشنى مەن تۇنجى نۇرى ئاكامدىن ھىس قىلغان، باشقىلار تەمبۇر تارىسىنى ئوڭ چىكىپ سازلىسا ، نۇرى ئاكام تەتۈر چىكىپ سازلاپ يىڭىلىق يارىتاتتى، مەن شۇ ئاكىمىز چالغان تەمبۇرنى ، تەمبۇر چالدى دەپ ھىسابلايمەن. ھەم تەمبۇر سېزى بىلەن ھەپىلەشكۈچىلەر ، تەمبۇرنى چېلىش بىلەنلا قالماي، ئۇنىڭ پەردىلىرىنى ئۆزى باغلىيالىشى، ھەر خىل قۇشۇمچە ئۈسكۈنىلرىنىمۇ ئۆزى قول سېلىپ ياسىيالىشى ،زىرىكمەي تەمبۇر سايمانلىرىنى تۇلۇق چۈشىنىشى كىرەك، تەمبۇردا پەقەت كاللىدا ئاھاڭ بولغان بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، ھەقىقى تەمبۇرچى بۇلىمەن دىگەن كىشى ئەڭ كامىدا 8 سائەت مەشىق قىلىشى ، زىرىكمەي ئۆگىنىشى لازىم. بۇ مەشىقنى قەتئى توختاتماسلىق كىرەك.  قارا قۇيۇق مەشىقنىلا قىلغان بىلەنمۇ بولمايدۇ. يەنى توختىماي ئاھاڭ مىلودىيىسىنى ئۈگىنىشى،ئاھاڭ ئاڭلىشى ۋە ئۇنى ھەزىم قىلىشى كىرەك. مەن دىسەم ئۇكىلرىم مەنمۇ تەمبۇرغا بولغان ئىشتىياقىم بىلەن ھەممە ئىشنى ئۈزۈم قىلىمەن، تەمبۇر سېمىنى ئۆزۈم چىگىمەن، تەمبۇر پەردىلىرىنى ئۆزۈم باغلايمەن، تەمبۇرنىڭ كىشىكىنى ئۆزۈم ياسايمەن، ھەرراسىت مەن كىشەكتىن مۇشۇ كەمگىچە 50نى ياسىدىم . بۇنىڭ ئىچىدە دىنوزاۋۇرمۇ بار(مۇشۇ يەردە بىر كۈلدۇق). تەمبۇرغا ئىنتىلمەكچى بولساق چۇقۇم ۋايسىماسلىقىمىز، ھەممىنى ئۈزىمىز قىلىشىمىز لازىم. بۇنى سىلەرمۇ بىلىۋىلىڭلار، راسىت گەپ قىلغاندا مۇشۇ تەمبۇر ئادەمنىڭ يۈرەك بىغىغا تىگىدۇ» دىگەن چۈشەندۈرىشى، ئادەمگە تۇلىمۇ ئىنىق ۋە چۈشىنىشلىك ئىدى. بۇلۇپمۇ مۇشۇ سۆزلەرنى قىلىپ بىرۋاتقاندىكى ، ئىلى جاغىستاي شىۋىسى بىلەن  قىلىنغان، سۆزلەر ئادەمنى قىزىقىشىنى توختىماي قوزغايىتتى، قىسقىسى خالمۇرات ئاكامنىڭ ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغىنى تەمبۇر چېلىش ئۈچۈن تەمبۇر ئىچىگە سىڭىپ كىتىش كىرەك . تەمبۇر ئەمەس پەقەت ئۆزىنى تەمبۇر ھىسابلاپ چېلىۋاتقانداك يىقىملىق خىسلەت ياراتقاندىلا ، ئۇنىڭدىن كىيىن بۇنىڭدىن ئاڭلانغان مۇزىكىنى مۇزىكا دىيىش لازىملىقىدىن ئىبارەت ، ئەڭ مۇھىم قاراشنى ئىلگىرى سۈرىۋاتاتتى. مانا خالمۇرات ئاكىمىزنىڭ سەمىمى ھالدا سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى، بۇ سۆزلەردىن ئەسقەر مۇختەر، شىر ئەلى ۋە مەن راستىنلا رازى بۇلدۇق. قۇرۇق بولسىمۇ رەھمەتلا دىيەلىدۇق، bzMs\rj\  
قىسقىسى خالمۇرات ئاكىمىز ئۆزىگە ئۇنداق قاتتىق تەمەننا قۇيىدىغان ، ناچار پەزىلەتتىن يىراق ، ھۆرمەتكە سازەۋەر ئادەم. مەن بۇقىتىم يەنە دىسەم مۇشۇ سۈيۈملۈك كىشى بىلەن تەپسىلى سۆھبەتلىشىەلمىگىنىمدىن خىجىل. پۇرسەت بۇلۇپ قالسا ، خالمۇرات ئاكىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىشىتىن ئىبارەت ،بۇ ئارزۇيۇمىز ئەمەلگە ئېشىپ قالار. YC~kq?  
ئەمدى سۆزىمزىنى  ، يىتىشىۋاتقان ھەم مۇشۇ كىچىلىكتە ئابدۇرېھىم قان ئوبىرازىنى مۇۋەپىقىيەتلىك ياراتقان ياش ۋە رىياسەتچى شۇنىڭ بىلەن بىرگە تاش مۇھەممەت باتۇر ناخشىلىرىغا مۇزىكا  تەڭكەش قىلىۋاتقان بالىلارغا  قاراتماقچىمىز. n)teX.ck)  
بۇ كىچىلىكتە ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم ، ۋە رىياسەتچىلىك بىلەن ئارىدا بىر قانچە ناخشا ئېيىتقان ياش بالا  ، شۇنداقلا مۇزىكانىت بالىلار ناھايتى قىزغىن ئۇچۇق ۋە ئىلمى بۇلۇپ، بۇ جەھەتتە ، ئىتوتتا،ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم ، تاش مۇھەممەت باتۇر ناخشلىرىغا مۇزىكا تەڭكەش قىلىدىغان بالىلاردىن ، كىلاسىك گىتتاردا مەردان ، ئىلىكتىرونلۇق گىتتاردا ئەكبەر، ئىلىكتېرونلۇق رىئالدا ئەلى ، دۇمباقتا ئەرپان ، تەبلىۋازدا رۇزمەمەت ، باس گىتتاردا ئىسكەندەر قاتارلىق ياش مۇزىكانىتلار قاتناشقان بۇلۇپ، يىڭى دەۋىرىگە يۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە نەخ مەيدان ناخشا ئۇقۇش ئۇسۇلىنى قوللانغانئىدى. بۇنداقتىمۇ ناھايتى ئۆز ۋە تەبىئى چىقىش ئىمكانىيتى تۇغۇلىدىكەن. قىسقىسى بۇ بالىلارمۇ بىرخىل ئۈزى قىلىۋاتقان ئىشقا مەسئۇل بالىلاردىن ئىدى.
  Sh5SOYLz  
بۇ يەردە ئابدۇسالام ئابدۇكېرىم بىلەن رىياسەتچى بالىمۇ راستىنلا ئۆز قىلىۋاتقان ئىشنى ناھايتى ئەستائدىل پۇزىتسىيە بىلەن پۈتتۈرىدىغان بالىلار ئىكەن. بۇلارغىمۇ پۇرسەت ۋە ئىستىقبال يول ئاچقۇسى. ئاتاقلىق ئىتوت چولپىنىمىز خەيرىگۈل ھەدىمىز بىلەن سۆھبەتلىشىشى ۋە كۈرۈشۈش قەتئى مۇمكىن بولمىدى. ئەمما بۇ ھەدىمىزنىڭ ئىشلىرىغىمۇ ئۇڭۇشلۇق تلەيمەن. ھەمدە شىرىنگۈل باشچىلىقىدىكى ئۇسۇل ئويناۋاتقان ئۇسۇلچىلىرىمىزغىمۇ كۆپ ئىستىقبال تىلەش بىلەنلا   بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن. w~9=6|_  
يۇقۇردا مەن ئەل چولپىنى  تاش مۇھەممەت باتۇر ،خالمۇرات ئۆمەر، خەيرىگۇل ھەسەن  باشچىلىقىدا ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان  ئامما ئارىسىغا چۈكۈپ ،ئۇيۇن قۇيىۋاتقان ئارتىسلىرىمىز توغىرىسىدا  ئۆز كۆرگەن بىلگەنلىرىم توغىرىسىدا پىكىر قىلىپ چىقتىم. مەزكۇر تىمىغا قىزىقىدىغان دوسلارنىڭ ئىجابى پايدىلىنىشىغا سەمىمى تىلەكداشمەن. .mS'c#~5Y  
ئاخىرىدا باشقىلار تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن  گۇياكى مىنى بەلكىم بىرسەنئەت مەكتىۋىدە ئۇقۇپ سەنئەتكە مىھىر بەرگەن  ياكى بىرەر ئەدىبىيات كەسپىدە ئۇقۇغانمىكىن دەپ چۈشىنىشى مۇمكىن. ئەمما مەن تىگىم ماتىماتىكا كەسپكە مىھىر بېغىشلىغان ، ھازىرغا قەدەر شۇ پەننى ئۈزۈمگە ھەمىراھ قىلىپ كىلىۋاتقان، ئاددى بىر شەخىس . ئەمما مىنىڭ نەزىرىمدىكى ماتىماتىكا مۇھەببىتى بىلەن سەنئەت ئىستىتىكىكىسى پەقەت تىپىشمىدى. D8_-Dvp7H  
شۇڭلاشقا مىنىڭ نەزىرىمدە  يەنىلا پەن بىلەن خەلق ناخشا مۇزىكىلرى ، مۇقاملىرى ۋە  ھازىرقى زامان مودا ناخشچىلىقىدىكى  ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە تاش مۇھەممەت باتۇر كەبى نۇرغۇن ناخشىچىلارنىڭ يىقىملىق كۈيى يەنىلا يۇقىرى ئۇرۇندا تۇرىدۇ،  ئىشقىلىپ ھەرنىمە دىگەن بىلەن  بۇ كىشىلەر ئۆز مىللىتىمزنىڭ  مۇشۇ كەسىپتىكى،كۆزگە كۈرۈنگەن ئەمگەكچىلىرى ھىسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا بىزگە نىسبەتەن بۇلارنىڭ  ئۇرۇنلىغان يىقىملىق كۈيلىرى بىزگە سەلبى تەسىر كۆرسەتكىنى يوق ،ئەكسىنچە مەنىۋىيتىمىزنى بىيىتىشقا بۇ ئادەملىرىمىز  ئىجابى تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ كىلىۋاتىدۇ، شۇڭلاشقا دوسلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ھەقىقى نوقتىدىن چۈشىنىپ، ئىلمى پۇزىتسىيە مۇئامىلە قىلىشىنى يەنە بىر تەكىتلىمەكچىمەن، (svd~he2  
ئاخىرىدا تاش مۇھەممەت باتۇر  مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرغىچە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەر قايسى يۇرىتلاردا ئۇيۇن قۇيىدۇ، بۇنىڭدىن خەۋەر ئالغان دوسلارنىڭ كىرىپ كۈرۈپ بىقىشىنى ، ۋە كىلەركى ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزىلىدىغان، ئۈرۈمچىدىكى چوڭ تىپتىكى ناخشا كىچىلىكىنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك ئۈتۈشىىگە سەمىمىلىك بىلەن تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ ، مەزكۇر ئاخباراتمىزنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمىز.  6JL:p{RLi  
(ئەسكەرتىش : مەزكۇر سۈرەتلەرنى ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر ئۈزى تەمىنلەپ بەرگەن ، قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە پايدىلىنىش مەنئى قىلىنىدۇ. بۇ تەرىپىگە دىققەت قىلماي خالىغانچە ئۆزى بىلگىنىنى قىلىپ كۈڭۈلسىز نەتىجە كىلىپ چىقسا، شۇنداق كىشىنىڭ مەسئۇلىيتى سۈرۈشتۈرلىدۇ، بۇ ھەم  ئەخلاق نوقتىسىدىن ئويلايدىغان بولساقمۇ خاتا،  بۇنى پەقەت تاش مۇھەممەت ئاكىمىز ، ئۈزىنى قوللاپ كىلىۋاتقان مەستانىلىرىنىڭ ۋە  قوللىغۇچىلىرىنىڭ كۈرۈپ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن تەمىنلىگەن، ھەرگىزمۇ ئىشلىتىش ياكى پايدىلىنىش ئۈچۈن ئەمەس. بۇ جەھەتتە ھەر قانداق ئادەمنىڭ دىققەت قىلىشى زۈرۈر.) uO`YA]  
  B\!.o= 
ئاپتۇرى: قاراقاش ناھىيە كاۋاك يېزا ھاجىغىل  باشلانغۇچ مەكتەپ ئۇقۇتقۇچىسى. E :Y *;  
Z)zmT%t  
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-19, 15:02
-سىز كۆرۋاتقان تىما ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر- جەنۇبتا,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
بۇ يازمىنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى:
  • مۇنبەر پۇلى:+50(guzal_atux) مۇشۇنىڭغىمۇ ..
  • مۇنبەر پۇلى:+100(gurkar) نادىر   ..
  • مۇنبەر پۇلى:+1000(سەھرا ئوغلى) نادىر تىما
  • مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    باھار يامغۇرى
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5514
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 636
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە636دانە
    ياخشى باھا: 118 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 4548 سوم
    تۆھپىسى: 132 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1045(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-03
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-19 11:25 PM

        يۇقاردا ئىسمى چىققان ئەلسۆيەر چولپانلىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت ، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
    كەلدى باھار يامغۇرى ،
    قوشاق توقۇسام دەيدۇ .
    ئىسمىدۇر ئابدۇمىجىت ،
    خۇشال يايرىسام دەيدۇ .

    چ چ : 975642745
    ANWAR425
    ئەتە يىڭى بىركۈن باشلىنىدۇ.
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1984
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 477
    ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە477دانە
    ياخشى باھا: 123 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3473 سوم
    تۆھپىسى: 80 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2478(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-06-01
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-19 11:26 PM

    bak yahxi tunux turup siz  minig mu bu uyunha xundak kirgim bar idi  juma  kuni biza  ixim qikip kilip bikar bilat ni baxkilarha biriwitip uzum kiral midim  bu uyunha  xundak apsus linima
    http://tejelliy67.blogbus.com/
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    IsPat
    نامراتلىق جىنايەت ! نامراتلىق گۇناھ !
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6045
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 184
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە184دانە
    ياخشى باھا: 94 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6303 سوم
    تۆھپىسى: 79 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1052(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-10
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-19 11:37 PM

    ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ياقتۇرمايدىغان ئادەم بولمىسا كىرەك . ئۇ ئاكىمىز ناخشىنى ھەقىقەتەن تالانت بىلەن ئېيتىدۇ . ھە راست ،كاللامدا ئايدىڭ بولمىغان بىر مەسىلە بارتى . تاش ئاكىمىز ئەسقەر مۇختەرگە راست ئاشۇنداق ئۇسلۇپتا ناخشا ئېيتىشنى ئۆگىتىپ قويغانمىدۇ ؟ بولسا ئاپتور مۇشۇ ھەقتە جاۋاپ بەرسىڭىز . چىرايىنى كۆرمىسە بۇ ئىككى ناخشىچىنىڭ ئاۋازىنى پەرقلەندۈرمەك بەك تەسكەن
    ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا، كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن
    Elnep
    ئەلدىن ئەلگە نەپ...!
    دەرىجە: يېتىلىۋاتقان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8235
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 223
    ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە223دانە
    ياخشى باھا: 231 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 6457 سوم
    تۆھپىسى: 1169 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 536(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-28
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-19
    4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-19 11:39 PM

    تىما ئىگىسىنىڭ ئەجىر قىلىپ ئۇشبۇ تىمىنى روياپقا چىقارغىنىغا كۆپ تەشەككۈر،ئەلنى سۆيگەنلەرنى ئەلمۇ سۆيىدۇ، تاشمۇھەممەد باتۇر ئاكىدەك ئەلنى سۆيگەن كۈيچىلەرنى ئەلمۇ ھەم سۆيىدۇ،مەن موشۇ يىراق قىرلاردا تۇرۇپ تاشمۇھەممەد ئاكىنىڭ كۈيلىرىنى بەكرەك ئاڭلايمەن،چەتئەللىك دوستلىرىمغىمۇ قۇيۇپ بىرىمەن پات-پات،مەيلى مۇزىكا ،مەيلى ئاھاڭ،رېتىم ...جەھەتلەردىن ئۇلارغىمۇ يارايدىكەن،(بىزگە يارىغىنى ئەلۋەتتە ئۇلارغا يارايدۇ-دە)تاشمۇھەممەد ئاكىنىڭ كۈيلىرىدە ئۇيغۇر پۇراق بار،تاشمۇھەممەد ئاكىمىز ناخشىنى ئېغىزىدىلا ئەمەس،يۈرىكىدىن،قەلبىدىن،ھۇجۇدىدىن بىرىلىپ ئېيتىدۇ،ئاڭلىغۇچىلارمۇ پەقەت قۇلاق بىلەنلا ئەمەس يۈرىكى بىلەن،قەلبى بىلەن،پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن ئاڭلايدۇ... g/4.^c  
    تاشمۇھەممەد باتۇر ئاكىنىڭ ئاۋازىغا دەرد كەلمىسۇن،ئىشلىرى روناق تاپسۇن،ئائىلىسى بەختلىك بولسۇن،ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولسۇن،ئىسىل-ئىسىل كۈيلەرنى خەلقىمىزگە ھارماي سۇنۇپ تۇرسۇن! #uT-_L}s w  
    بۇ قېتىملىق ناخشا كېچىلىكىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك،كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزۈلىشىنى ھەممىمىز چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز.
    [ بۇ يازما Elnep تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
    * كىتاب _ لوقمان ھەكىم ، كىتاب _ رۇستەم پالۋان ، كىتاب _ بەخت قۇشى ئەنقا .
    بۇ ، ئاددىي تەسۋىر ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەقىقەت !
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    xamxarka
    ئەركىنلىك ، تېنچلىق ، مۇھەببەت ، ئېتىقاد ۋە روھ...
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7009
      جىنسى: يوشۇرۇن
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 988
    ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە988دانە
    ياخشى باھا: 120 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 15905 سوم
    تۆھپىسى: 222 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 1471(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-19 11:52 PM

    ="d}:Jl  
    بۇ قۇمۇلدىكى خەلىق مەيداننىڭ يېندىكى ۋاسكىتبول زالىكەن !
    يەۋاتىمەن،دېمەك مەن تېخى ھايات!
    zarapshan
    غەيۋەت-ئەجەللىك ئىللەت
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4402
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 569
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە569دانە
    ياخشى باھا: 38 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 16 سوم
    تۆھپىسى: 47 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 439(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-21
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-20 12:07 AM

    تاشمۇھەممەت باتۇر،مەخمۇت سۇلايمان،ئابدۇكىرەم ئابلىز ،خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق سەنئەت پىشۋايىمىزنى چىن قەلبىمىزدىن قوللايمىز.مەدەت تىلەيمىز.ياشاڭ %%G2w6 3M  
    ئۇيغۇر ئەركەكلىرى.
    ئەڭ ياخشىسىنى قۇبۇل قىلىپ،ناچار ئىللەتلەرنى نەزەرگە ئالماسلىق،مىللەتنى تەرەققى تاپقۇزىدۇ.
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    akmuxuk
    ناتىۋان
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10099
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 581
    ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە581دانە
    ياخشى باھا: 110 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 3378 سوم
    تۆھپىسى: 213 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 736(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-20 12:13 AM

    تاش مۇھەممەت ئاكىنىڭ ناخشىللىرى ھەقىقەتەن يۈرەكنى تىتىرتىدۇ.   SBzJQt@Hs  
    رەخمەت يوللىغان تىمىڭىزغا.
    ناتىۋان
    kapsiz
    ۋاقىت ھەممىنى ئۆزگەرتىدۇ!
    دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 393
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 1071
    ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1071دانە
    ياخشى باھا: 309 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 79 سوم
    تۆھپىسى: 208 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 584(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-22
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-20 12:43 AM

    ئەل سۆيگەن چولپانلىرىمىز... dPc*!xrq  
    نادىر تېما بوپتۇ.. A0m  
    بەزى چۈشەنچىلەر شۇنداق ئورۇنلۇق بوپتۇ.. Wl dlN?[j  
    ئەجرىڭىزگە رەھمەت..  s X.L  
    چولپانلىرىمىزنىڭ تېنىنىڭ سالامەت،ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا تىلەكداشمەن.. Ur6UE2   
    ئەلنى سۆيگەنلەرنى،ئەل مەڭگۈ ئىززىتىنى قىلدۇ ھەم مەڭگۈ سۈيىدۇ..
    ئاتاڭنـــڭ ئىززىتىنى قىل،
    ئاناڭنــــڭ خىزمىتىنى قىل.
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    pariay
    دەرىجە: يىـڭى ئــەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13689
      جىنسى: خانىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 47
    ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
    ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2210 سوم
    تۆھپىسى: 45 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 159(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-12
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-12
    9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-20 01:08 AM

    نادىرلاشقا تىگىشلىك تىما بوپتۇ ،،، = og>& K  
    ئەل سۆيگەن بۇ چولپانلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن ،،، >QyJRMY  
    تاش مۇھەممەت باتۇرنىڭ ناخشىلىرىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن ،،بولۇپمۇ <قورقىمەن>،<خوشال كۈنلەر>،<دەرتلىرىمنى سورىما مەندىن>،<يالغۇز> دىگەن ناخشىلىرىنى ،،،يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر ،،
    ئاتا - ئانامنى بىر ئۆمۈر خوشال قىلىشقا تىرىشىمەن ،،،
    sahar0999
    كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بولايمۇ يىلتىزمۇ ؟
    دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9318
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 131
    ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە131دانە
    ياخشى باھا: 60 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 2509 سوم
    تۆھپىسى: 108 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 330(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-06
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-21
    10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-20 01:24 AM

       ھەقىقەتەن ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسەن بۇرادەر . تاشمۇھەممەت باتۇر ئاكىمىز توغرىسىدا ئېقىپ يۈرگەن گەپلەر بەك تولا .مەن مۇشۇ غۇلجىلىق تۇرۇپ  تاشمۇھەممەت باتۇر ئاكىنى بۇ يىل ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپتىمەن .ئىشقىلىپ ماشىنىدىن چۈشۈپلا چوڭلار بىلەن ئەھۋاللىشىپ سالاملىشىپ ئاندىن ماڭدى . بىر خىل ھۆرمەت پەيدا بوپ قالدى. ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغاي ئاللاھ . ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلغاي .
    ئاللاھ ئىيتقانكى ئاراڭلاردىن پادىشاھ سايلاپ ئۇنىڭڭغا ئىتائەت قىلىڭلار ......مانا بۇ سۆز بۇرۇنمۇ ھازىرمۇ قۇلاقتا چىڭ ساقلايدىغان سۆز ئىدى..............
    مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنىڭ نەتىجىسى
    Kokyar
    ئات ئۆزۈڭنى بەھرىگە يا غەرىق بول يا تاپ گۆھەر
    دەرىجە: ئۈمىدلىك ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 10336
      جىنسى: ئەپەندىم
    نادىر تېما: 0
    ئومومىي يازما: 2576
    ئۇنۋان:ھۆرمەتلىك ھازىرغىچە2576دانە
    ياخشى باھا: 1402 نۇمۇر
    مۇنبەر پۇلى: 262 سوم
    تۆھپىسى: 1575 كىشى
    تور دەرىجىسى:
    توردىكى ۋاقتى: 2164(سائەت)
    توردىكى ھالىتى:
    تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-14
    ئاخىرقى كىرىشى: 2010-11-23
    11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2010-10-20 01:35 AM

    Re:ئەل چولپىنى تاش مۇھەممەت باتۇر- جەنۇبتا.

    تاش مۇھەممەت باتۇر...........ۋە باشقا چولپانلارنىڭ تىنىگە سالامەتلىك... خىزمىتىگە ئۇتۇقلۇق تىلەيمەن............
    ئەجەپ بىر گۆش ئىكەن بۇ يۈرەك دېگەن،
    ھەر تەندە ئۇ ھەرخىل ھېس قىلار ئىكەن،
    ئەگەر ئۇ ئىچمىسە ۋىجدان شارابىن،
    ئىلغۇدا ئىسىغلىق سېسىق گۆش ئىكەن.
    ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر