مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 379 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تىما : تېلىفوندىن باشلانغان مۇھەببەت

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: 4.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 141
  ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 674 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
0 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 07:53 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

0

 تېلىفوندىن باشلانغان مۇھەببەت

  كەچلىك تاماق ئېتىۋاتقان ئاينۇر يانفونىنىڭ سايرىغان  ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى  ئىشىنى قويۇپ تېلىفوننى ئېلىپ  قارىۋىدى تونۇمايدىغانلا نومۇر، شۇنداقتىمۇ يەنە : - ۋەي ، ياخشىمۇسىز ؟ - دەپ ئەھۋال سورىدى قارشى تەرەپتىن.

  - ھە، ياخشىمۇسىز، كەچۈرۈڭ، مەن  ئەسلى ئاغىينەمگە تېلىفون قىلغان ئىدىم ، قانداق بولۇپ سىزنىڭ تېلىفونىڭىزغا ئۇرۇپ قالغاندىمەن ، خاپا بولماڭ -ھە....!- تېلىفوندىن بىر ئەركىشىنىڭ كەچۈرۈم سورىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

    - ھە، ھېچۋەقەسى يوق، نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ قويىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ:- دېدى ئاينۇر ۋە تېلىفوننى قويۇپ ئىشىنى قىلۋەردى، ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتتى ، بىر كۈنى ئىشخانىسىدا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى تۇيۇقسىز يان تېلىفونىغا << تېلىفونىڭىزغا 30 يۈئەن پۇل قاچىلاندى>>دېگەن قىسقا ئۇچۇر كەلدى، ئۇ بۇ ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئۆزىچە ھەيران بولۇپ << كىمدۇ تېلىفونۇمغا پۇل تۆلەپ قويغان ؟ >> دەپ ئويلاپ تۇراتتى يانفونى سايراپ كەتتى، ئاينۇر يانفوننى ئېلىپ << ۋەي >> دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا ،  :

  - ۋاي ئاداش، مالىيەرىڭدە قىزىل رەقەم كۆرۈلدىمۇ نېمە، تېلىفونۇڭ پۇل تۆلەنمەي توختاپ قاپتۇ، ئاز بولسىمۇ 30 يۈئەن تۆلەپ قويدۇم، بىرنەچچە كۈن سۆزلىشىمىزگە يېتەر -ھە ، بۇ پۇل تۈگىسە يەنە ئىششىپ تۇرىۋالماي، قالغىنىنى ئۆزەڭ تۆلەسەن جۇمۇ،- دېگەن توختىماي سۆزلەنگەن   بىر ئەركىشىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى.

    - ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟  مەن سىزنى ئاغىينىڭىز ئەمەس ، سىز خاتالىشىپ قالدىڭىزمۇ قانداق ؟- دېدى ئاينۇر ۋە بىرنەچچە  كۈن بۇرۇن خاتا  ئۇرۇلغان ھېلىقى تېلىفون ئېسىگە كەچتى.

   - ئاپلا ،  ما سەتچىلىكنى كۆرۈڭ، ئەستا، يەنە نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ، ئاغىينەمنىڭ تېلىفونىغا پۇل تۆلىدىم دەپ سىزنىڭ تېلىفونىڭىزغا تۆلەپتىمەن-دە بۇ پۇلنى، ما ئىشنى كۆرۈڭ، قايسى كۈنىمۇ سىزگە ئۇرۇپتىكەنمەن تېلىفوننى ، تازا سەت ئىش بولدى ....،- ھېلىقى ئەرنىڭ ئوڭايسىزلانغان ئاۋازى ئاڭلاندى تېلىفوندىن.

   - قارىغاندا  يەنە  نومۇرنى ئالماشتۇرۇپ   قويۇپسىزدە، قاراپ تۇرۇپ مېنىڭ تېلىفونۇمغا تۆلىنىپ كېتىپتۇ پۇلىڭىز، ئاغىينىڭىزنىڭ تېلىفون نومۇرىنى  دەپ بېرىڭ، مەن چىقىپ ئۇنىڭ تېلىفونىغا 30 يۈئەن تۆلىۋېتەي، زىيان تارتىپ كەتمەڭ،- دېدى ئاينۇر .

    - ھەي، بولدى مېنى زاڭلىق قىلماڭە، ئۆزەمنىڭ دۆتلىكى ئۇ، ئىككىڭلارنىڭ تېلىفونىنىڭ نومۇرنىڭ ئاخىرقى ئىككى خانىسىلا ئالمىشىغلىق ئىكەن قالغان نومۇرلىرى پۈتۈنلەي ئوخشايدىكەن، بۇنىڭدىن كېيىن تېلىفون قىلغاندا تېلىفون خاتىرىسىگە قاراپ تۇرۇپ ئۇرمىسام بولمىدى،-دېدى ھېلىقى ئەر.

  -ياق سىزنى زاڭلىق قىلمىدىم، مەن ئۇ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمىسەم بولمايدۇ، تونۇشمىغان بىر ئادەمنىڭ تېلىفونىغا پۇل تۆلەپ بېرىدىغان بىكار ئىش نەدە بار ،- دېدى ئاينۇر ھەم راست ھەم چاخچاق تەلەپپۇزىدا.

   - بولدى، ئۇنچىلىك ئازغىنە پۇلنى تىلغا ئېلىپ يۈرمىڭە، مەن خىجىل بولۇپ قالىدىكەنمەن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دېگەن مېنىڭ سەۋەنلىكىم تۇرسا، شۇ باھانىدا مانا ئىككىمىز تونۇشۇپمۇ قالدۇق، ئۇ ئازىراق پۇلنى ئىككىمىزنىڭ تونۇشقانلىقىمىزنىڭ يۈزى ئۈچۈن ئېغىزغا ئېلىپ ئولتۇرمايلى، ھە راست، ئىسمىڭىز نېمە،- دەپ سورىدى ئەر.

   - ئىسمىم ئاينۇر، سىزنىڭ ئىسمىڭىزچۇ؟ - دېدى ئاينۇر.

   - مېنىڭ ئىسمىم ئەنۋەر، شەھەرلىك پارتكومدا ئىشلەيمەن، سىز قايەردە ئىشلەيسىز،- دېدى ئەر.

    - شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش پونكىتىدا ئىشلەيمەن،- دېدى ئاينۇر.

    - مېنىڭ تېلىفوننى خاتا ئۇرۇشۇم بىلەن مانا ئەمدى تونۇشۇپمۇ قالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەلگە دۇچار بولۇپ قالسام سىزنى ئىزدەپ بارسام بولغۇدەك ،- دېدى چاخچاق قىلىپ ئەنۋەر.

     - خۇدايىم ساقلىسۇن يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ قېلىشتىن، ھېلىقى پۇلنى ئېغىزغا ئالماڭ دېدىڭىز ، لېكىن مەن...- ئاينۇرنىڭ سۆزى ئاخىرلاشمايلا :

     - بولدى، ئەمدى ئېغىزغا ئالماڭ ئۇ گەپنى، ئەگەر بەك بەرگۈڭىز كېپ كەتسە، بىر كۈنى مېھمان قىلارسىز بولمىسا ،- دېدى ئەنۋەر ئاينۇرنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى كۈتمەيلا چاخچاق تەرىقىسىدە، شۇنىڭدىن كېيىن ئەنۋەر پات -پات ئاينۇرغا تېلىفون قىلپ ئەھۋال سوراپ تۇرىدىغان بولدى  ، خېلى بىر مەزگىل تېلىفوندا كۆۈشۈپ  يۈرۈپ ئاينۇر ئەنۋەرنىڭ ئىككى بالىسى بارلىقىنى، ئايالىنىڭ سېستىرا ئىكەنلىكىنى ئۇقتى، ئۆزىمۇ يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتكىلى بىر يىلدىن ئاشقانلىقىنى،قىزى بىلەن تۇرىۋاتقانلىقىنى ئېتىپ بەردى، شۇنداق قىلپ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى تېلىفون ئالاقىسى خېلى قويۇقلۇشۇپ قالدى،ئەنۋەر ئاينۇرنىڭ q q نومۇرىنى قوشۇۋالغاندىن كېيىن بەزى كۈنلىرى كەچتە توردا كۆرىشىدىغان بولدى، كۆرۈشكەندە ئەنۋەر ئايالىنىڭ كۆپىنچە كېچىلىك سىمىنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئىچى سىقىلغاندا ئۆزىگە ھەمدەم بولۇپ مۇڭدىشىپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى،بالىرىنى يەسلىگە  ۋە مەكتەپكە ئاپىرىش ئىشلىرى ئاساسەن ئۆزىگە قالىدىغانلىقىنى،  بەزى ۋاقىتلىرى<< نىمىشقىمۇ سېستىرا بىلەن توي قىلپ قالغاندىمەن >>دەپ  قالىدىغانلىقىدەك ئىچ  پۇشۇقلىرىنى، ئاينۇر بولسا يولدىشىنىڭ ئۆزىگە سالغان زۇلۇملىرىغا چىدىماي ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىبارەت دەردىنى ئېيتىشىپ، گەپىلرى تۈگىمەي سائەت  12- 11 بولۇپ كېتىدىغان كۈنلىرىمۇ بار ئىدى. گەرچە ئاينۇر ئەنۋەرگە  تېلىفون قىلماسلىقنى ،توردىمۇ كۆرۈشمەسلىكنى نەچچە قېتىم ئېيتقان بولسىمۇ ئەنۋەر بۇنىڭغا قوشۇلماي :

    -تۇرمۇش دېگەندە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئۆزئارا ئالاقىلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرى بولۇپ تۇرىدۇ،  بىزنىڭ يا باشقا نىيىتىمىز بولمىسا، نورمال ئالاقىلىشىپ قويغانغا نېمە بولىدۇ؟،-  دەپ تۇرىۋالدى، راستىنى ئېيتقاندا ئەنۋەرنىڭ تېلىفوندا ۋە q q دا  دېگەن يۇمۇرلۇق گەپلىرى ، ئورۇنلۇق سۆزلىرى ئاينۇرنىمۇ ئۆزىگە قارىتىۋالغان ئىدى،كۆڭلى ئەنۋەردىن تېلىفون كېلىشنى، تېلىفوندا ئاۋازىنى ئاڭلاشنى ، توردا كۆرۈشۈپ تۇرۇشنى ئىستەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.   ئەنۋەر ئاينۇرغا بىرنەچچە قېتىم يۈزتۇرانە  كۆرۈشۈش  تەلىۋىنى قويغان بولسىمۇ ئاينۇر رەت قىلپ كەلگەن ئىدى، ئاخىرى ئەنۋەر قايتا -قايتا تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالغاچقا يۈز كېلەلمەي ماقۇل بولدى،مەلۇم بىر كۈنى كەچتە  ئىشتىن چۈشكەندە  ئىككىسى << قەلبداشلار >> تېز تاماقخانىسىنىڭ ئالدىدا كۆرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتى،گەرچە ئىككىسى بىر -بىرىگە رەسىملىرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئاينۇرنىڭ كومپيوتۇرىدا تېلكانمىرا بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، بىر -بىرىنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرۈپ باقمىغان ئىدى.كۆرىشىدىغان جايغا يېقىنلاشقانسېرى ئاينۇرنىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەپ سوقۇپ، پۇتىلىرى تىترەپ، ئاجايىپ بىر خىل سېزىم پەيدا بولدى،ئاينۇر تېز  تاماقخانا  ئالدىغا كەلگەندە ئەنۋەر  كېلىپ بولغان ئىدى.

   - تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ؟- دېدى ئەنۋەر ئۇنى كۆرۈپلا تونۇپ.

   - خۇداغا شۈكرى ، ئۆزىڭىزمۇ تېنچلىق تۇردىڭىزمۇ ؟- دېدى ئاينۇر، ئۇلارئەنە  شۇنداق ئەھۋال سوراشقاچ تاماقخانا ئىچىگە كىردى، ئىككىسى بىر -بىرىگە تۈزۈت قىلشىپ تاماق بۇيرۇتۇشتى،  ئۇلار توردا ۋە تېلىفوندا نۇرغۇنلىغان گەپ -سۆزلەرنى قىىلشقان بولسىمۇ يۈز -تۇرانە كۆرۈشىشى تۇنجى قېتىم بولغاچقا دەسلەپتە سۆزلىرى تازا قولاشمىدى، تاماق يېيىش جەريانىدا بارا -بارا ئېچىلىپ -يېيىلىپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى.شۇ ئۇچرۇشىشتىن كېيىن ئىككىسىنىڭ بىرگە بولىدىغان كۈنلىرى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، ئۇلار ئۇچرىشىشقا كېلىشكەن كۈنلىرى ئاينۇر قىزىنى چوڭ ئۆيگە ئاپىرىپ قوياتتى، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە بىرگە تاماق يېيىشىپ  ئايلىنىشاتتى ، ھەتتا بىرقانچە قېتىم  << ktw>>غا كىرىپ ناخشا ئېيتىشىپ ، مېھمانخانىلارغا بېرىپ كۆڭۈل ئېچىشقان   يەرلىرىمۇ بولدى،ئاينۇر بۇ ئىشتىن  ئۆزىنى تارتاي دەپمۇ تارتالمايۋاتاتتى.<< مەن نېمە ئۈچۈن ئايالى بار بىر ئەر بىلەن كۆرۈشۈپ يۈرىمەن؟ نېمىشقا ئۆزۈمنى تارتمايمەن ؟>> دەپ ئۆزىنى ئەيىپلەيتتى، ھەر قېتىم كۆرۈشمەسلىك تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قوياتتى ، ئەنۋەر تېلىفون قىلسا  بىرنەچچە قېتىم ئالمىغانمۇ بولاتتى، لېكىن تېلىفوننى  ئالمىغان ۋاقىتلىرى ئۈچ ياكى تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەيتتى، q q سىغا قالدۇرۇپ قويۇلغان خەتلەرنى ياكى تېلىفونىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېيىن يەنە ئۆزىنى تۇتىۋالالماي  ئۇرۇلغان تېلىفوننى يەنە ئالاتتى.تېلىفوننى ئالمىغان ياكى توردا كۆرۈشمىگەن كۈنلىرى كەچلىى خېلى بىركەمگىچە يىغلاپ چىقاتتى.

 ئۇلار ئەنە شۇنداق شېرىن مۇھاببەت قوينىغا شۇڭغۇپ خۇدىنى بىلمەي يۈرگەن كۈنلىرى،<< ئاشكارىلانمايدىغان سىر يوق >>دېگەندەك  ئىككىسىنىڭ بۇ غەيرى مۇناسىۋىتى باشقىلارنىڭ كۆزىگە چېلىقىپ قالدى  ۋە بۇ گەپلەر ئاخىرى بېرىپ  مۇشۇ يېقىنقى ۋاقىتلاردىن ئەنۋەرنىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىشلىرىدىن ،باشقىچە بىرنەرسىنى ھېس قىلپ قالغان  ئەنۋەرنىڭ ئايالىنىڭ قۇلىقىمۇ يەتتى ،ئايالى  بۇ گەپلەرنىڭ راست -يالغانلىقىنى  تېخىمۇ ئېنىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئەنۋەر مۇنچىغا كىرىپ كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، ئۇنىڭغا كەلگەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ۋە تېلىفون نومۇرىنى كۆرۈپ چىقتى، ، بۇ ئۇچۇرلارنى << جېنىم، سىزنى سېغىندىم، كۆيدۈم، سۆيدۈم، >>دېگەنگە ئوخشاش تېتىقسىز مۇھاببەت سۆزلىرى قاپلىغان ئىدى، بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرگەن ئەنۋەرنىڭ ئايالىنىڭ بېشى قېيىپ، كۆزلىرىدىن مۇنچاق -مۇنچاق ياشلار تۆكۈلدى، << بۇ ئىشنى يۈزىگە سالايمۇ ؟ قانداق قىلسام بولار ؟>> دېگەنگە ئوخشاش خىيالار بىلەن ئويلۇنۇپ ئاخىرى ئاينۇرغا تېلىفون قىلپ ئۇنىڭ بىلەن يۈز -تۇرانە كۆرۈشۈش قارارىغا كەلدى ۋە تېلىفون نومۇرىنى يېزىۋېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىسىم -فامىلىسىنى ئاشكارىلىماي تۇرۇپ ئاينۇرغا ئاممىۋى تېلىفوندا تېلىفون قىلىپ  كۆرۈشۈشنى ئېيتتى، << ئىشتانغا چىققان كۆڭۈلگە تايىن  >> دېگەندەك بۇ نامسىز تېلىفون ئاينۇرنى خېلى سەرسامىگە سېلىپ، ئىشتىن چۈشۈپ بولغۇچە دەككە -دۈككە ئىچىدە يۈردى،ئاينۇر  ئىشتىن چۈشكەندىن  كېيىن قىزىنى چوڭ ئۆيەە ئاپىرىپ قويۇپ ، كېلىشكەن ئورۇنغا كېلىپ ئەنۋەرنىڭ ئايالى بىلەن كۆرۈشتى،ئەنۋەرنىڭ ئايالى ئاينۇرنى تونىمىغان بىلەن ئاينۇر بۇ ئايالنى ئەنۋەر بىلەن بىرگە ماڭغاندا  بىر قېتىم كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ، كۆرۈشۈش ئۈچۈن قول بەرگەندە يۈرىكى سېلىپ تاس قالدى دۈم چۈشكىلى، ئۇلار گەپ -سۆزسىزلا تاماقخانىغا كىرىشتى،تاماجىانىدا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇلار  بىر -بىرىگە روبىرو ئولتۇرۇشقاندىن كېيىن ، ئەنۋەرنىڭ ئايالى تاماق بۇيرۇتتى ۋە تاماق پۇلىنى تۆلىدى ،بىر ھازا گەپ -سۆزسىز ئولتۇرغاندىن كېيىن ئەنۋەرنىڭ ئايالى سۆز باشلىدى.

  - مەن شەھەرلىك پارتكومدا ئىشلەيدىغان ئەنۋەرنىڭ ئايالى بولىمەن، سىزنىڭ ئىسمىڭىز ئاينۇر ئىكەن، ئىسمىىڭزنى يولدۇشۇمنىڭ تېلىفونىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئارقىسىغا يېزىپ قويغان << ئاينۇرىڭىز >> دېگەندىن بىلدىم ،- دېدى ، نومۇستىن يەر يېرىلسا كىرىپ كەتكۈدەك بولغان ئاينۇر گەپ قلىماي ئولتۇردى.

  - ئاڭلىغىنمدىن ۋە تېلىفوندىكى بىر -بىرىڭلارغا يېزىشقان  ئۇچۇرلاردىن قارىسام ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتىكى مۇناسىۋەتتىن خېلى ھالقىپ كېتىپتۇ، بەلكىم مەن سېستىرا بولغاچقا ئىشلىرىم ئالدىراش ھەم كەچلىرى سېمىنىدا ئىشلىگەچكە يولدۇشۇمغا سىز قىلغاندەك شېرىن سۆزلەرنى قىلىپ بېرەلمىگەن ،سىزدەك ئەركىلەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئالامىغان ، تاتلىق گەپلەرنى قىلپ مۇڭدۇشۇپ بېرەلمىگەن بولۇشۇم  مۈمكىن ،لېكىن قانداقلا بولمىسۇن مەن ئۇنىڭ نىكاھلاپ ئالغان ئايالى، بىزمۇ مۇھاببەتلىشىپ يۈرۈپ توي قىلغان ، ئارىمىزدا ئىككى بالىمىز بار،مەن سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم ،  سىزمۇ بىر ئەردىن كۆڭلى ئازار يەپ ئاجراشقان ئايال ئىكەنسىز، بىر قىزىڭىز بار ئىكەن، ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئايالىدىن باشقا بىر ئايال بىلەن كۆڭۈل ئېچىپ يۈرسە ، ھەرقانچە كەڭ قورساق ئايال   بۇنىڭغا سۈكۈت قلىپ يول قويۇپ تۇرىۋەرمەيدۇ، سىزمۇ بىر ئايال كىشى،  << ئايال  ئايالنىڭ قاياشى >> دېگەن گەپ بار ، مەن بۈگۈن سىزنىڭ ئالدىڭىزۈغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يولدۇشۇمنى ماڭا  قايتۇرۇۇپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنۈپ كەلدىم ، سىزنىڭ قىزىڭىز يېتىملىك كوچىسىدا تۇرىۋېتىپتۇ، بۇنىڭغا بەلكىم يۈرىكىڭىز ئېچىشىدىغاندۇ؟ سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ بۇزۇلۇشىنى، ئىككى بالىمىزنىڭ يېتىم بولۇپ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانسىز؟ ۋىجدانىڭىز بەلن ئويلۇنۇپ بېقىڭ، ئەگەر مەن ئاجرىشىپ كېتىپ ، سىز ئەنۋەر بىلەن توي قىلپ قالسىڭىزمۇ ،  ئۆزىىڭزنى << مەن بەختلىك >> دېيەلەمسىز؟مېنىڭ  بەختىمنى قارا قىلىش، بالىلىرمىزنى يېتىملىك كوچىسىغا تاشلاش ھېسابىغا ئېرىشكەن بەخت سىزچە سىزنى خوشال قىلارمۇ؟ سىزمۇ بەختسىز بولۇپ باققان ، بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلش ھېسابىغا مېنى ۋە ئىككى پەرزەنتىمنى بەختسىز قىلسىڭىز ۋىجدانىىڭز كۆتۈرەرمۇ ...؟، - دېدى

     ئەنۋەرنىڭ ئايالىنىڭ  ھەر بىر سۆزلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سېرىيتتى، ئاينۇرنىڭ يۈرىكى ئېچىشتى، قانداقلا بولمىسۇن ،ئۇمۇ مۇشۇ خىلدىكى ۋە باشقا  دەرد -ئەلەملەرنى خېلى تارتىپ باققان ئىدى ،  شۇ ئارىقتا ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاماق كەلدى، بۇنداق ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ گېلىدىن قانداقمۇ تاماق ئۆتسۇن؟ ئىككىلىسى ئۈن -تۈنسىز ئولتۇرۇپ ئالدىدىكh تاماقنى ئېلەشتۈرمەكتە ئىدى.

   - كەچۈرۈڭ، بۇ تاماق گېلىمدىن ھەرگىزمۇ ئۆتمۈگۈدەك! باياتىن بېرى قىلغان  سۆزلىرىمنى ئويلۇنۇپ باقارسىز؟ - دېدى ئەنۋەرنىڭ ئايالى ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدى، ئاينۇرمۇ تاماقنى يېيەلمىدى ،ئۇ  ئورنىدا مىخلاپ قويغاندەك بىر ھازاغىچە مىدىرلىماي ئولتۇرغاندىن كېيىن ئېغىرلاشقان پۇتلىرىنى سۆرەپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، ئۆيىگە كېلىپلا ئۆزىنى تاشلاپ ياتتى ۋە ئۈنسىز يىغلىدى، ئۇنىڭ كاللىسىدا باياتىن ئەنۋەرنىڭ ئايالى ئېيتقان گەپلەر بىر -بىرلەپ تىزىلپ تۇراتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋىجدانىغا خىلاپ ئىش قىلغانلىقىنى تېخىمۇ ئېنىق ئويلاپ يەتمەكتە ئىدى، شۇ ئارىقتا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ كەتتى، يانفوننى ئېلىپ قارىۋىدى، ئەنۋەرنىڭ نومۇرى ئىكەن، ئۇ تېلىفوننى ئېلىش -ئالماسلىق ئۈستىدە ئويلۇنۇپ بىردەم ئىككىلەنەەندىن كېيىن ، يەنىلا ئالماسلىق قارارىغا كەلدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ خاتا ئۇرۇلغان مۇشۇ تېلىفوندىن باشلانغان خاتا مۇھاببىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بەل باغلىغان ئىدى.


مەنبە : ئۆز قەلىمىم
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-06-03 08:42 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما تېلىفوندىن باشلانغان مۇھەببەت,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Tughrul تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-06-03, 12:41
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 181
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە73دانە
ئۆسۈش: 2.43%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 73
  ياخشى باھا: 47 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 762 سوم
  تۆھپىسى: 8 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 106(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
1 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 08:59 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ مۇھەببەت دېگەن  مۇشۇنداق نەرسە....نېمىدىن باشلانغۇسى كەلسە شۇنىڭدىن باشلىنىۋىرىدىغان.....بىرىنچى ئىنكاسنى خەنزۇچە سافادا ئولتۇرغان ئىنكاس دەپ قويىدۇ
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 37
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە223دانە
ئۆسۈش: 2.23%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 223
  ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4244 سوم
  تۆھپىسى: 98 كىشى
  ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-10
2 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 09:16 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئۆزۈڭنىڭ ۋىجدانىدىن چوڭ كۆڭۈل بولمايدۇ ، ئادەم ئۆزىنى تۇتىۋىلىشنى بىلىشى كېرەك بولمىسا .ئاينۇر خاننىڭ  ئۆزىنى كىچىكىپ بولسىمۇ  قايتا تونىۋىلىشىنى شۇنداق ئارزۇ قىلىپ كەتتىم ، ئۆزۇڭگە مەنسۇپ بولمىغان نەرسە ھەر قانچە جەلىپ قىلارلىق بولسىمۇ ئۇ ئۆزۈڭگە مەڭگۈ تەۋە بولمايدۇ خەقنىڭ رىسقىغا قول ئۇزاتسا ئاخىرى ئۆز  رىسقىنى قىردۇ .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1576
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە87دانە
ئۆسۈش: 2.9%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 87
  ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 585 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 33(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-06-11
3 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 09:17 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

قەلمىڭىگە دەت كەلمىسۇن.
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2120
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 1.2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 36
  ياخشى باھا: 6 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 146 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 13(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-06-04
4 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 10:02 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

كەچمىشىڭىزكەندە ھەدە...

ئۇنداق ئالدامچىلار كۆپ ھازىر.... پۇلنى يالغاندىن قاچىلاپ تۇنۇشىۋالىدىغان،..... ئائىلىسى تۇرۇپ قىلغان ئىشىنى قارا.


تېمىنىڭ مەزمۇنىنى   تېما يوللۇغۇچى ئاپتۇرغا چىتۋالماڭ ، تېما ئوقۇغاندا ئاپتۇرغا ئەمەس تېمىڭنىڭ  ئۆزىگە قارتا ئىنكاس يىزىڭ ، باھا بىرىڭ . كۈنقىز
[ بۇ يازما kun^kiz تەرپىدىن 2010-06-04 10:14 AM دە ق ]
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1766
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 3.93%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 118
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 357 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 21(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-06-10
5 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 10:11 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئۇنداق ئاياللارنى ئاقلاشقا قەتئى بولمايدۇ.كوچا خۇتۇنلىرى شۇ
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 427
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە80دانە
ئۆسۈش: 2.67%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 80
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 28(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-23
  كىرىشى: 2010-06-09
6 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 10:31 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋىجدانىڭ خالىمىغان ئىشنى قىلما    
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 132
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە130دانە
ئۆسۈش: 4.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 130
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 326 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 56(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
7 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 10:32 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

قايتا كۆرگىنىمدىن خوشالمەن ،،،
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 279
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 1%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 30
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 79 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 9(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-21
  كىرىشى: 2010-06-03
8 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 10:39 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

دەت بەرمىسۇن قولىڭىزغا
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1584
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 0.9%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 27
  ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 284 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 51(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-06-09
9 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 10:54 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

 4(SANSIZ0903`)  نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

  ئەسەر ۋەقەلىكىنى ئاپتور بىلەن باغلىۋالمىساق،   شۇڭىمۇ بىرنېمە يېزىپ ئېلان قىلىشتىمۇ قورقىدۇ  كىشى ....  
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2157
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە9دانە
ئۆسۈش: 3%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 9
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 27 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 12(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-03
  كىرىشى: 2010-06-10
10 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 11:12 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇ تېلفۇن دىگەن دەللا نىڭ ئىشىكەندە بۇ ئەسلى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 21
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە158دانە
ئۆسۈش: 5.27%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 158
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 415 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 76(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-10
11 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 11:55 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

يەنە بىر ئىبرەتلىك تىما ....
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2056
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە16دانە
ئۆسۈش: 5.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 16
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 63 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 6(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-02
  كىرىشى: 2010-06-11
12 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋۇجون خەنزو ئاكامىز يازغان نەرسە قانداق قىلىپ مۇسلىنە ھەدەم يازغان بولغىيتتى - ھە ؟!
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: 4.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 141
  ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 674 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
13 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 12قەۋەت DiLKaXx كە 2010-06-09 08:29 PMئەۋەتىلدى :
ۋۇجون خەنزو ئاكامىز يازغان نەرسە قانداق قىلىپ مۇسلىنە ھەدەم يازغان بولغىيتتى - ھە ؟!




قايەردىكى خەنزۇ ئاكىڭىز يازغان بولغىيتى بۇ مەن يازغان ھېكايىنى؟ راستلا شۇ سۆيۈملۈك خەنزۇ ئاكىڭىز يازغان بولسا ،مۇشۇ مۇنبەرگىلا چاقىرىپ كېلىڭە شۇ خەنزۇ ئاكىڭىزنى.....پۈتۈن مۇنبەردىكىلەر ئالدىدا توققۇز تازىم قىلىپ ،چاي قويۇپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سوراي.........مەن ئەزەلدىن خەنزۇ، ئۇيغۇر ئاكا –ئاچىلىرىڭزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز نامىمدا ئېلان قىلپ باققىنىمنى پەقەتلا ئۇقمايتتىم...ئەقىل –ھۇشۇمدىن كېتىپلا قالمىغان بولسام....

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە730دانە
ئۆسۈش: 4.87%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 730
  ياخشى باھا: 170 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 6607 سوم
  تۆھپىسى: 102 كىشى
  ياخشى باھا: 155 نۇمۇر
  ۋاقتى: 168(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
14 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بولدى،ئوقۇشماسلىق بولۇپتۇ،خاپا بولماڭ مۇسلىنە
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما
«12»Pages: 1/2     Go