مۇسىلىنا خانقىزنىڭ بېشى ئاغرىپ زادىلا ئۇخلىيالماپتۇ ،ئۇ ئېرىنى زەردە بىلەن ئويغىتىپ كايىپتۇ ؛ -مەن بېشىم ئاغرىپ ئىنجىقلاپ ياتسام سەن غېمىڭدا يوق ئۇخلاۋاتىسەنغۇ ؟
- بوپتۇ ،بوپتۇ ئەمسە سەن ئۇخلا ،مەن ئىنجىقلاي ...دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ يولدىشى .
تەسىرات
بىر ئايال ئاشنىسى بىلەن ئويدە ئولتۇرغاندا ،تۇيۇقسىز يولدىشى كېلىپ قاپتۇ ،ئايال دەرھال ئاشنىسىنى بۇلۇڭغا ئەكىلىپ تۇرغۇزۇپ ،ئۇنىڭ بەدەنلىرىەە ئاق سىر سۈركەپ ؛
- مەن گەپ قىلمۇغۇچە مىدىرلىماڭ ھە !- دەپ تاپىلاپتۇ .
يولدىشى ئۆيگە كىرىپلا؛
-بۇ ھەيكەلنى ئالدىڭما؟دەپتۇ .
-ئۆتكەندە خوشنىمىزنىڭ ئويىگە كىرسەم بارىكان ،بەك چىرايلىق كۈرۈندى .شۇڭا مەنمۇ بىرنى سېتىۋالدىم ، -دەپتۇ ئايالى ،يولدىشى گەپ قىلماپتۇ .ئەتىسى يولدىشى بىر بولكىنى ئېلىپ ھەيكەلنىڭ ئالدىغا كەپتۇ -دە پەس ئاۋازدا ؛
- چاققان يە ،مەن قوشنىمىزنىڭ ئۆيىدە بىركېچە تۇرغاندا ،سۇمۇ ئىچەلمەي بەكمۇ قىينالغان، - دەپتۇ .
ياخشى ئۈلگە
كىيىملىرى جۇل-جۇل بىر تىلەمچى ئالدىمغا كېلىپ پۇل تىلىدى مەن ئۇنىڭغا - مەن ساڭا پۇل بېرەلمەيمەن پۇل بەرسەملا ھاراق ئىچىسەن دىدىم .
ئۇ تىلەمچى- ئاكا مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن ،-دىدى
-ئۇنداقتا قىمار ئوينارسەن ؟
ئەزەلدىن قىمارمۇ ئوينىمايمەن ،
قىزلارنى ئىزدەرسەن ھەقاچان .
ھوي نىمە دەيدىغانلا ئاكا مەن ئەزەلدىن قىزلار بىلەن ئارىلىشىپ باقمىغان
بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭ قولىغا 100يۇئەننى تۇتقۇزدۇمدە ،
-ماڭا ئۇكام بىزنىڭ ئۆيگە ،خۇتۇنۇم ھاراق ئىچمەيدىغان ،قىمار ئوينىمايدىغان ،قىزلار بىلەن ئارىلاشمايدىغان ئادەمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىر كۈرىۋالسۇن دىدىممەن
ئامال بار
مىسرانىم ئەپەندىنىڭ بىر خوشنىسىنىڭ چىشى ئاغرىپ نەچچە كۈنگىچە ۋاي-ۋايلاپ خۇلۇم خوشنىلارنى ئارام ئالغىلى قويماپتۇ .مىسرانىم بىنادىن چۈشىۋېتىپ ئۇ ئادەمنىڭ ئايالى بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ ،
-يولدىشىڭىزنىڭ چىشىنىڭ ئاغرىۋاتقىنىغا بىرنەچچە كۈن بولدى ،بىرەر ئامال قىلمىدىڭلارما ؟-دەپ سوراپتۇ .
-قىلدىم -دەپتۇ ئۇ ئايال ،-بىرنەچچە كۈن بولدى مەن قۇلۇقۇمغا پاختا تىقىۋالدىم .
خاتا ئاپتىمەن
لاتارىيەدە بىر مىليۇنغا ئېرىشكەن ئاشكارىجاندىن كىشىلەر سوراپتۇ ؛
- قانداق بولۇپ بۇ ساننى ئېلىشنى ئويلىغان ؟
- مەن ئۇدا ئۈچ كۈن يەتتە دىگەن ساننى چۈشەپ قاپتىمەن ،شۇنىڭ بىلەن يەتتىنى ئۈچ كۈنگە كۆپەيتىپ 24دىگەن نۇمۇرنى سېتىۋالدىم ،-دەپتۇ ئاشكارىجان
- بىراق يەتتىنى ئۈچكە كوپەيتسى 21 بولىدىغۇ ،-دەپتۇ كىشىلەر ھەيران بولۇپ.
- شۇنداق بولامدۇ ،ئەستا خاتا ئېلىپ قاپتىمەندە ،-دەپتۇ ئاشكارىجان ئەپسۇسلىنىپ .
تۇغۇلغان كۈنىدىكى كۈتۈلمىگەن خوشاللىق
بىر لىدىر مىسرانىمغا مۇنداق دەپتۇ ؛
-تۈنۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى ،كاتىپىم ئۈيىگە تەكلىپ قىلدى .
-نىمىدىگەن ياخشى-ھە!-دەپتۇ مىسرانىم
-ئۇنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئۇ ماڭا بەش مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرىشىمنى ، كۈتۈلمىگەن سوغا بارلىقىن ئېيتتى ،-دەپتۇ لىدىر
-ۋاھ ،نىمىدىگەن ياخشى ،ھەقىقەتەن بەخىتلىكسەن دەپتۇ مىسرانىم كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ
-مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ،-دەپتۇ لىدىر ،-بەش مىنۇتتىن كېيىن ياتاق ئۆيگە كىرسەم ،كاتىپىم بىلەن باشقا خىزمەت داشلىرىم شام ياندۇرۇپ تۇرۇپتۇ .
-راسما؟ھەقىقەتەن بەخىتلىكسەن ،خىزمەتداشلىرىڭنىڭ ھەممىسى سىنى ياخشى كۆرىدىكەن -ھە !خوشال بولغانسەن ؟ -دەپتۇ مىسرانىم ھەۋەسلىنىپ .
-بىراق ،ئۇ چاغدا مەن ياتاققا يالىڭاچ كىرىپتىكەنمەن ،-دەپتۇ لىدىر .
ئۇنتىغاق مومايلار
پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئۈچ موماي ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتىغاق بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە دەرت ئېيتىپتۇ .
-مەن تېمىنى كۈرۈپ ئىنكاس يوللايمەن لېكىن قايسى تېمىنى كۆردۈم ئىنكاسنى قايسىغا يوللىدىم ئۇنتۇپ قالىمەن،- دەپتۇ بىرىنچى موماي ،
ۋاي ئۇ قانچىلىك ئىشتى مەن تېمىلارنى كورگەندە قايسى بېشى قايسى ئايىقى ئىكەنلىكىنىمۇ ئايرىيالمايمەن ،-دەپتۇ ئۈچۈنچى موماي .
-خۇدا شۈكرى ،مەندە ئۇنداق ئىش يوقكەن .
ئۈچۈنچى ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دەۋېتىپ ئالدىدىكى كۇنۇپكا تاختىسىنى چەكتىم دەپ شىرەنى چېكىپ قۇيۇپتۇ ھەمدە ئۆزىنىڭ شىرەنى چەككىنىنى ئۇنتۇپ قېلىپ دەپتۇ :
- ھوي قاراڭلارچۇ بىرسى ئىشىكنى چېكى ۋاتىدۇ ؛
مەشىق قىلىش
يېڭىدىن قۇبۇل قىلىنغان ھابابام سىنىپىدىكىلەرگە مىسرانىم باشلىق ھەربى مەشىقتىن دەرس بەرمەكچى بولۇپ بالىلارنى قاتارغا تىزىپتۇ دە
ئەسكەرلىرىگە كوماندا بېرىپتۇ
- ھەممىڭلار سول پۇتۇڭلارنى ئالدىغا سۇزۇڭلار !
جىددىلىشىپ كەتكەن يېڭى ئەسكەر قىرمىش سول پۇتۇمنى چىقاردىم دەپ ئوڭ پۇتىنى سۇنۇپ قاپتۇ ،نەتىجىدە ئۇنىڭ ئوڭ پۇتى ياندىكى ئەسكەرنىڭ پۇتى بىلەن جۈپ لىشىپ قاپتۇ ؛
ئاچچى كەلگەن باشلىق ؛
قايسى ئۆلگۈر ئىككىلا پۇتىنى سۇزىۋالدى ؟!
مەنبە
www.husnigul.com