ئۇيغۇر قېزى
كۆر،ئەنە بىر قىزىكى،چىھرىدە نۇر ئاتەش ئۆزى،
زىلۋا بوي،سەۋرى بەدەن،چۇلپان كەبى پارلركۆزى.
قاشلرى قىغان قەلەمدەك كىرپكى تال-تال يىپەك،
مەڭزى ئانار،لىۋى ياقۇت،خۇددى ئاي رۇخسار يۈزى.
قاڭشرى چىشلەپ چىقارىغاندەك ،گۇيا چىشى سەدەپ.
شەم-ھايالىق باقىمشى،شۇنچە ئەدەب بىلەن گەپ سۈزى.
سۈيگۈگە سادق ۋاپالىق قەلبى ئاپتاپتەك تازا،
ئاچقۇزار خۇش ھىد چچەكنى گۈل قۇلى باسقان ئېزى.
كۆڭلكى تۇزنىڭ قانىتى،دوپپسى رەڭدار چىمەن،
چىگكنى ياغىلق دېمەڭ.ئپەت-نۇمۇسنڭ ئەندىزى.
<<پاھ، ئايالنى ئاي تۇغدىمۇ؟>>دەيدۇ كۆرگەنلەر ئۇنى،
جەننەتول فىردەۋسىمۇ يۇق بۇكەبى ئۇزنىڭ ئۆزى.
<<سىرىت سياقى شۇنچە،ئەمما كۆڭلى قانداق؟>>دەمسىلەر،
ئۇ ئەقىل،ئەخلاق لاتاپەتتە جاھاننڭ يالغۇزى.
ئىچى تىشى گۈزەلنڭ تەرىپى بولدى زىكر،
كىم دىسەڭ ئۇ-مەرد،غۇرۇلۇق شەرىق گۈلى-ئۇيغۇر قىزى.
*)m:u : مەنبەسى:رۇزى سايىت شىئرلىرى
مۇنبەردىكى قىزىلارنىڭ كىلش ئالددىكى قۇربان ھېيتنى مۇبارەكلەيمەن!
ئاللا سلەرىگەبەخىت ئاتا قىلسۇن!!!!
[ بۇ يازما گۈل-چۈشى تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]