بىلىقىزئەمەتپاك نىڭ <<
تۇرغانسەنمۇ ئىسمىمنى يادلاپ>> دىگەن تىمىسىن ئوقۇپ.
ئاددىي جاۋابلار.
1- سېغىنمىدى دىمىگىن مىنى،
44KoOY_ L-+g` سېغىنمىدى دىمىگىن مىنى،
سېغىنىغانغا ئاشۇ ئاي گۇۋاھ.
خيىاللرىم تېخىمۇ تاتلىق،
دۇنيا ماڭا تاتلىق بىر ئۇۋا.
SnE^\I^
O قاراپ باقامسەن سامان يولىغا،
كۈتۈش ماڭىمۇ تاتلىق تەسەللى.
چولپان يۇلتۇزلار تارتسا مەيلىمنى،
قىلمىدىم پەرۋا ئەسلىدىم سىنى.
باغلار چىللايدۇ چىچەكلەر ئۈزۈپ،
ئاسىيلىق ماڭا بەرمەس ھېچنىمە.
بالدەك شىرىن سۆزلىرى بىلەن،
سۆزلەمدۇ بىرسى قېنى ئېيتقىنە .
2-سېغىنمىدى دىمىگىن مىنى،
[wQ48\^ سېغىنمىدى دىمىگىن مىنى،
سىنى قۇشۇپ چاقىرار مىنى.
خەقلەر كۈلەر ئاشىقلىقىمدىن،
سەنمۇ مەندەك چۈشەمسەن قېنى.
قاناتىمنى سۇندى دىمىگىن،
جاسارەتتە پەرۋىشلىرىم بار.
ياۋايى دەپ چاقىرسا مەيلى،
سەن بىلەنلا يۈرۈشلىرىم بار.
دۇنيا ماڭا ئۇرۇق چېچىپتۇ،
كۈز كەلسىمۇ ھەسرەتلەر ئۈنەر.
سۆيگۈ دىگەن قىسمەتلىك ئىكەن،
سېنىڭ ئۈچۈن ھەممىگە كۈنەر.
مەنبەسى : ئۆزەم.