ئاپتورى:yalghuz
ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئارىلىشىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟دىگەن مەسىلىدە نۇرغۇنلىغان كىشىلەردە ئوخشىمىغان قاراش بار. نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزى بالا ۋاقتىدا زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارىسىمۇ ئەمما ئاتا-ئانا بولغاندىن كىيىن زۆرۈرىيىتى بار دەپ قارايدىكەن.ھازىر سىز،« بالامنىڭ نىكاھ ئىشىغا ئارىلىىشىش ھوقۇقۇم بار چۈنكى ئۇنى ئۇنى مەن تاپقان،باققان ئىگە بولمىسام بولمايدۇ»،«ئۇكىچىك ئىش ئۇقمايدۇ،چوقۇم ئۆزەم ئۈستىدە تۇرمىسام چاتاق چىقىدۇ» دەپ قارايسىز،ئەينى ۋاقىتتا سىز توي قىلىدىغان ۋاقىتتا ئاتا ئانىڭىزنىڭ سىزنىڭ نىكا ئىشىڭىزدا تولا يول كۆرسىتىپ،نىكا ئىشلىرىڭىزغا،تاپقان لايىقىڭىزغا پىكرى چىقىپ،سىزنى باشقۇرغاندا قانچىلىك نارازى بولغانلىقىڭىزنى،«دادام-ئاناملار نىمىشقا مېنىڭ ئەركىنلىكىمگە ھۆرمەت قىلمايدىغاندۇ؟نىمشقا تولا كوتۇلداپ ئارىلىشىۋالىدىغاندۇ،»دىگەنلىرىڭىزنى ئەسلەشكە پېتىنالامسىز؟ ھەم بالىلىرىڭىزنىڭ ئىشىدا ئۇنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت يولنى دادىل تاللىيالامسىز؟بالىلىرىڭىزنىڭ نىكا ئىشلىرىدا ئۇلارنىڭ دىلىنى رەنجىتىۋاتقانلىقىڭىزنى ھېس قىلالامسىز؟بەلكى سىزنىڭ بالىلارنىڭ نىكايىدا چىقارغان بەزى قارارلىرىڭىزنىڭ ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك بەختسىز بولۇپ قېلىشىغا سەۋەپچى بولدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟، ئۇنداقتا تۆۋەندىكى ھېكايىگە نەزەر سېلىڭ.
1
ئېسىمگە كەلسەم ئۆيىمىز شەھەر ئەتراپىدىكى يېزىدا بولۇپ شەھەرلىكلەرگە باققاندا پەقەت يېزا نوپۇس دەيدىغان بىر«كۆرۈمسىز»قالپىقىمىزدىن باشقا ھەممە تەرەپلەردە شەھەر ئاھالىلىرىدەك تۇرمۇش كەچۈرەتتتۇق. بەلكى شۇ چاغدىكى پونكىتتىن بېرىدىغان سېرىق قوناقنىڭ ئۇنىغىمۇ ئېشىقمايدىغان بەزى شەھەر ئاھالىلىرىمۇ تۇرمۇشتا بىزنىڭ ئائىلىگە يەتمەيتى.ئائىلىمىز چوڭ بىر جەمىيەت بولۇپ، بوۋام،مومام ۋە ئۇلارنىڭ ئۈچ پەرزەنتى يەنى دادام، ھاممام، تاغام ۋە بىزنىڭ ئۆيدىكى تۆت جان بولۇپ جەمئى سەككىز ئادەم بارئىدى.بوۋام يۇرتتا خېلى ئىناۋىتى بار ئادەم بولسا كېرەك مەھەللىدە ئارىشكامنىڭ باللىرى دەپ خېلى ئورنىمىز بار ئىدى.ھەممە ئادەم بىزگە ئالاھېدە نەزەر بىلەن قارايتى.بوۋام ھەم داداممۇ بالا-چاقا نەۋرىلەرنى قاتتىق باشقۇراتتى.ئۇنى مېنىڭ ھازىرقى ئۆيۇمدىكى ئۈچ كىشىلىك جەمىيەتكە سېلىشتۇرغاندا غايەت زورمۇنتىزىم،تەرتىپلىك«زاۋۇت» دىيىشكە بولاتتى.
مەن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 3-يىللقىغا چىققاندا ھاممام توي قىلىپ چىقىپ كەتتى،ئەمما ئانام يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ ئائىلە جان سانىمىزدا يەنىلا ئۆزگىرىش بولمىدى. ئائىلىمىزنىڭ ھال-كۈنى يامان ئەمەس بولسىمۇ بوۋام– موماملارنىڭ دائىم كىچىك ئوغلى نۇرى تاغامنىڭ غېمىنى يەۋاتقانلىقىنى ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن پەملەيتىم.مەن ئادەتتە ئۇنى ئاكا دەپ ئۇگەنگەن بولغاچقابەزىدە ئۇنى دوست قاتارىدا كۆرەتتىم،شۇڭلاشقىمۇ چوڭلارنىڭ ئۇنى توي قىىلىشقا مۇنچە زورلىشى ھەم نۇرى ئاكامنىڭ بولسا ھېچ ئىش خيالىدا يوقتەك ئېتىز ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىپ يۈرىشىنىڭ تېگىگە يېتەلمەيتىم. مەنمۇ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقتىم ھەم ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بومىغان شەھەرگە قاراشلىق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردىم.بوۋام-موماملار تاغامنىڭ توي ئىشى توغرۇلۇق نەچچە قېتىم دادام ئاناملار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، بىرنەچچە ئائىلىنىڭ قىزىنى تونۇشتۇرغان بولسىمى ئەمما تاغام زادىلا يېقىن كەلمەپتۇدەك.تاغام ھامان دادام-ئاناملار بىلەن بىللە ئەشۇ ھۆددە يەرگە ئىشلەيتتى.ھەركۈنى مەكتەپتىن يانغاندا ئۇنىڭ ئېتىزدا ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كېتەتتىم.بەزىدە قېشىغا بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ئاندىن ئۆيگە كىرەتتىم. ئۇمۇ ماڭا بەك ئامراق ئىدى چۈنكى مەن بۇ چوڭ ئائىلىنىڭ تۇنجى نەۋرىسى-دە !،بەزىدە مومام ياكى ئانام ئوت-چۆپ ئالغىلى چىقىپ:
ــ تاپشۇرقۇڭ يوقمىدى.سەنمۇ بىزدەك مۇشۇ ئىككى تال يەرنىڭ قۇلى بولاي دەمسەن؟سېنىچۇ نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلاربىلەن ئوقۇتىۋاتىمىزجۇمۇ؟ماڭە كىرىپ كىتىۋىڭنى ئوقە !!!،ھەي نۇرى سەنمۇ چۇ ئۇنى بۇيەردە گەپكە تۇتماي تىزراق كىرگۈزىۋەت،ئۆزەڭغۇ قېچىپ يۈرۈپ ياخشى ئوقۇمۇدۇڭ،ئەمدى بۇنىمۇ كەتمەنچى قىلاي دەمسەن؟... دەپ ھەرئىككىمىزگە كايىپ ھەيدىگەندىلا تاغامغا كۆزقىسىپ قويۇپ كىرىپ كېتتىم.
راستىمنى ئېيتسام تاغامغا بەكلا ھەۋىسىم كېلەتتى.ئۇنىڭ قاملاشقان ئىگىزبوي بەستى،ھەقىقى ئۇيغۇر دىخانلىرىغا خاس قاپقار قاش-كۆز،يارىشىملىق،داۋاملىق قىسقا ياسىتىۋالىدىغان،سەل بۈدرە چېچى،يۇمۇلاق يۈزىگە تولىمۇ يارىشىدىغان تۇم قار ھەم پاقىراق بۇرۇتى،بۆرتۇپ چىققان مۇسكۇللىرى،داۋاملىق تۈرۈكلۈك تۇرىدىغان پۇشقىغىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان تۈكلۈك پاچاقلىرى... مەندە قاچانمۇ تاغامدەك مۇنداق بېجىرىم ھەم كۈچلۈك تەن بولار؟قاچان ئۇنىڭدەك بولارمەن ،مېنىڭ بۇرۇتۇم قاچانمۇ ئۇنىڭكىدەك قۇيۇق،قارا ھەم پاقىراق بولار...قاچانمۇ پاچقىم ئۇنىڭكىدەك....دەپ بەزىدە ئەينەك ئالدىغا كېلىپ ئەمدىلا خەت تارتىشقا باشلىغان يۇمران بۇرۇتۇمنى سىلاپ باقسام،بەزىدا بالىلارنىڭكىدەك ئىنچىكە،ئاپپاق ھەم سىدام پاقالچىكىمنى سىلاپ ئىچىم پۇشاتتى.
يىللار ئۆتۈپ تاغام 24ياشقا كىرىپ قالدى.مەنمۇ تولۇقسىزنىڭ ئىككىنجى يىللىقىنى تۈگەتتىم.ماۋسۇملۇق ئىمتاھان تۈگىگەن كۈنى ئادەتتىكىدەك شۇ توپىلىقى يول بىلەن مېڭىپ بىرزنىڭ ئېتىزنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ تاغامنى يوقلاپ ئۆتكۈم كەلدى.ھەم يولدىن چۈشۈپ ئېتىز بويلاپ،بىزنىڭ تاۋۇزلۇققا كەلدىم، ساتمىدا ئادەميوق.ئادەتتە تاغام بۇ يەردىن پەقەت ئايرىلمايتى.تاماقنىمۇ ئانام ياكى مومام، بەزىدە مەن ياكى ئېنىم مۇشۇ يەرگە ئېپچىقىپ بېرەتتى.ئىشقىلىپ يازلىق يىغىم تۈگۈگىچەتاغام ئانچە ئۆيگە قايتمايتى.
ــ ئاكا !،نۇرى ئاكا!،ئاكا..............! –لىكىن ھېچ سادا يوق ئىدى.مەن بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ساتىمىدىكى ئاكام ياتىدىغان كارۋاتقا كېلىپ ئولتۇرۇپ ئۇنى كۈتۈشكە باشلىدىم.كۈتە-كۈتە ،بىرەر تاۋۇز ئەكەلىپ مۇش بىلەن ئۇرۇپ، يېرىپ،يەپمۇ بولدۇم ،يەنىلا يوق. يازنىڭ تومۇز ئىسسىقى ھەم ساتمىنىڭ سالقىن ئارام بەخش ھاۋاسىدا كۆزلىرىم يۇمۇلۇپ، ئۇيقۇ بېسىشقا باشلىدى.تۈرۈپ يۆگەپ قويۇلغان كۆرپىنى ئاچتىمدەموككىدە چۈشتۈم. قانچىلىك ئۇخلىدىمكىن تاڭ يەرنىڭ تېگىدىن ئاڭلىنىۋاتقاندەك ئەمما بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلىشىدەك يېقىملىق قىز بالىنىڭ ئاۋازىدىن كۆزۈمنى يىرتىپ ئېچىشقا مەجبۇر بولدۇم.
ــ ئۆيىڭىزدىكىلەر قاچان بارىدۇ؟تىزراق بولسا بولاتتى،ئاۋۇ ناچۇقتىكى ئەخەت زەنجاڭنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئانامنىڭ بېشىنى ئاغرىتقلى نەۋاق،مەن جاۋاپ بەرمەي تۇرىۋالغاچقا ئۇلارنى كەلسۇن دەپ جاۋاپ بېرېلمەيۋاتىدۇ.
ــ ئەمىسە ماقۇل دىسەڭ بولمامدۇ؟-دىدى نۇرى ئاكام بېزەڭلىك بىلەن كۈلۈپ.
ــ ماقۇل دەيما ؟سىزلا چىدىسىڭىز ماقۇل دەيمەن،چىدىيالماي قالارسىزمىكى-دىدى ئۇ ئەركىلەپ:-ـ ئاۋالچۇ ئى ئوڭ قولڭىزنى سول مەيدىڭىزگە قويۇپ: ماۋۇ گۈلچىمەن قاۋۇل ئېۋۇ ئۆمەرئېلى دىگەن گۆش خالتىسىغا تەگسە مەيلىمۇ دەپ سوراپ بېقىڭا نىمە دەيدىكىن.....
مەن بۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى مەھەللىدىكى بىرنەچچە قىزنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاتقان بولساممۇ زادى قايسى گۈلچىمەن ئىكەنلىكىنى خېلى ئويلاپمۇ تاپالمىدىم.چۈنكى مەن ئەتتىگىنى مەكتەپكە كېتىپ كەچتە كېلىپ مەھەللىدىن بىللە مەكتەپكە بارىدىغان بالىلاردىن باشقىلارنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتىم.بولغۇسى يەڭگەمگە قىزىقىش،بولۇپمۇ نۇرى ئاكامدەك مۇنداق ئاتا-ئانىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغان يىگىتنىڭ تاپقان لايىقىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكىدە پەقەت ساتمىنىڭ تېرەك شېخى، قۇرۇق ئوت-چۆپلەر ئايرىپ تۇرغان،ئارىلىقىمىز ئۈچ مېترمۇ كەلمەيدىغان قاشا تېمىنىڭ ئىچىدە ئاستا بېشىمنى كۆتۈرۈپ، قۇرۇپ كەتكەن شاخ پېلەكلەر ئارىسىدىن ئۇلارغا قارىدىم.ئاپلا...قېرىشقاندەك ئۇ قىز مەن تەرەپكە كەينىنى قىلىپ تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ؟ كاساپەت!ئاكام بىلەن ئىككىسىنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قالسىچۇ كاشكى ئۇنى بىر كۆرۈپ باقسام......
ــ سوراپ باقتىم لىكىن يۈرىكىم :ئۇلار ماس كەلمەيدۇ،گۈلچىمەن پەقەت نۇرى ئارىش ئۈچۈن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلىنغان دەيدۇ،ئىشەنمىسەڭ ئۆزەڭ تۇتۇپ باق!-شۇنداق دىدى-دە ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.
ــ ئەسكى،قىلىقسىز، باشقىلار كۆرۈپ قالىدۇ،قويۇۋڭتىڭا،كۈپ-كۈندۈزدە،يەنە كېلىپ ئوچۇقچىلىقتا ...، قىز يۇلقۇنۇپ دىگىدەك ئاكامنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلدى،ئاكاممۇ بەك چىڭ تۇرىۋالماي رايىغا باقتى بولغاي، بولمىسا ئۇ ماۋۇنىڭدەك بىرەر قىز ئەمەس مەھەللىدە خېلى مانامەن دىگەن يىگىتلەرنى مەيلى بېلەكتە كۈچ سىنىشىش بولسۇن مەيلى چېلىشش بولسۇن يىقىتماي قويمايتى. ئۇلار يانمۇ-يان ئولتۇرغاندىن كىيىن ئاندىن ئۇلارنىڭ ئورنى ئالمىشىپ قىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم.
ئانچە ئۆلچەملىك گۈزەللەردىن بولمىسىمۇ دىخان قىزلىرىغا خاس تەبئى گۈزەللىك ئەكىس ئېتىپ تۇرىدىغان قاراقۇمچاق،مەن مەھەللىدە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ قىز ماڭا خېلى يېقىمىلىق تۇيۇلغان بولسىمۇ.قەيەردىدۇ كۆرگەندەك قىلاتتىم،كىملەرگىدۇ ئوخشاتقۇم كېپ تۇراتتى.ئۇنىڭ بىر يەرلىرى نۇرى ئاكامغا ئوخشايدىغاندەكمۇ قىلاتتى.لىكىن يەنە بىر تۇرۇپ نەدىمۇ مۇنداق ئىش بولسۇن دەپ ئويلايتىم.
ــ مەن تېخى ئويدىكىلەرگە دىمىدىم،دادامنىڭ مىجەزىنى بىلىسەن،ئۇ خۇددى تۆمۈر گېنرالنىڭ ئۆزى پەقەت گەپ يىمەيدۇ،ئالدىنقى قېتىم ھېلىقى قۇدرەت ماتاڭنىڭ قىزىنى سايە قىلغاندا ئۆيدىن چىقىپ كېتىمەن دەپ جىدەل قىلىپ ئاران قۇتۇلدۇم.ھازىر ئۇلارغا قانداق دىيىشنى بىلمەيمەن،ئۇنىڭدىن كۆرە ئىككىلەپ تېرىش ئاياقلاشقاندىن كىيىن سېنى ئېلىپ قېچىپ كېتەيمىكىن دەيمەن،قانداق يۈرىكىڭ بارما؟
ــ نىمە دەيدىغانسىز ؟ قايسى زامان بۇ قېچىپ كېتىپ توي قىلىدىغان،ئاخىر يەنە مۇشۇ يۇرتقا قايتىپ كېلىدىغان ئىشقۇ؟ قايسى يۈزۈمىز بىلەن....
ــ قورقىۋاتامسەن؟
ــ ياقەي سىزلا يېنىمدا بولسىڭىز ھېچنىمىدىن قورقمايمەن.-دىدى ئۇ ئاكامنىڭ مەيدىسىگە بېشىنى قويۇپ.
ــ قايتىپ كەلگىڭ بولمىسا كەلمىسەكمۇ مەيلى،بىرەر ئون يىل ئۆتسە بالىلارنىڭ بىرنى كەينىمىزگە سېلىپ، بىرنى يېتىلەپ، يەنە بىرنى كۆتۈرۈپ قايتىپ كەلسەك ھېچكىم بىرنىمە دىيەلمەيدۇ!
ــ يۈزى قېلىن قاقۋاش-دىدى ئۇ ئاكامنىڭ ساقاللىق ئېڭىكىنى نوقۇپ تۇرۇپ:
-لىكىن مۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ؟دادىڭىز تاپانچا بىلەن«پاڭ!»قىلىپ ئېتىۋىتىدىغان ئىش بولسىمۇ دەپ باقساق بولمامدۇ؟
ــ قېنى تىرىشىپ باقاي،لىكىن پايدىسى يوق...!
ــ لىكىن تىزراق جۇمۇ ئۆيدىكىلەر ئالدىرىتىپ كېتىۋاتىدۇ،مەن ۋاقتىدا جاۋاپ بەرمىسەم،ئۇلار خەخنىڭ داستىخىنىنى قوبۇل قىپ قويسا قانداق بولىدۇ؟-دىدى ئۇ تۇمشۇقىنى ئۇشلاپ.
ــ ھەراست دىدى ئۇ كۆزلىرى نۇرلىنىپ: ــ يەڭگەم ماڭا بەك ئامراقەي،بەك كۆيۈنىدۇ،ئانامغا دىمىگەن گەپلەرنى ئۇنىڭغا دەيمەنەي دەپ يۈرەتتىڭىز ئۇنىڭ ئارقىلىق ئانىڭىزغا دىگۈزسەك بولماسمۇ؟يەنە ھېلىقى ئوماق جىيەن ئوغلىڭىزچۇ؟ ئۇمۇ تولۇقسىزنى پۈتتۈرەي دىگەندۇ؟ئۇمۇ مۇنچىلىك ئىشقا يارايدىغاندۇ؟
ــ مەرداننى دەمسەن ئۇ تېخى كىچىكقۇ؟ئۇنىڭغا مۇنداق گەپلەرنى دىگىلى بولاتتىما؟نىمىلا دىگەن بىلەن بالا دە !،بولىدۇ شۇنداقتىمۇ سىناپ باقاي-دىدى ھەم ئۇلار چىڭ قۇچاقلاشتى.
نۇرى ئاكامغا ئامراقلىقىمدىن ئۇنىڭ بۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىشنى ئۆزەمنىڭ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپەم، ئاكام ئۈچۈن ئىش قىپ بېرىدىغان ئەڭ چوڭ پۇرسەت دەپ ئويلىدىمدە ئويلىنىپ تۇرمايلا چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ سىرتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم:
ــ ئاكا ! ئەگەر سەن خىجىل بولساڭ بۇ ئىشنى ماڭىلا قويۇپ بەر بوۋامغا ئۆزەملا دەيمەن !
ئۇلار چۆچۈپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ۋاقىراپ كېتىشتى،ئاندىن خۇددى توك سوقۇۋەتكەن ئەندىكىپ تۇرۇپلار قېلىشتى،قىزچىرقىرىغان پېتى ئىككى قولى بىلەن يۈزىنى توسىۋالغان ئىدى.بىر ئازدىن كىيىن نۇرى ئاكام تەستە زۇۋانغا كېلىپ:
ــ سەن...سەن نەدە ئىدىڭ مەردان ؟بايا –بايىقى گەپلەرنى ئاڭلىدىڭما؟
ــ مەن... مەن ھېچنىمىنى كۆرمىدىم - دىدىم قىزىقچىلىق قىلىپ،-خاتىرجەم بول ئاكا بۇ ئىشنىچۇ ماڭا قويۇپ بەر بوۋامغا ئۆزۈم دەيمەن .
شۇندىلا قىزنىڭ قولى يۈزىدىن ئاجرىغان بولۇپ،قىزىرىپ كەتكەن يۈزى ئاپاتاپتا ئېچىلغان لەيلىگۈلدەك تېخىمۇ جۇلالانىپ كەتكەن ئىدى.
داۋامى بار...
[ بۇ يازما تارىم تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]