مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 867 قېتىم كۆرۈلدى
«123»Pages: 1/3     Go
تېما: غەرپنىڭ زەربىسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىشى (2)
karluq01
karluq01
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 12893
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 453 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 346(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-06
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:02

0 غەرپنىڭ زەربىسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىشى (2)

ئەسكەرتىش: بۇ تېمىنى sultan دۇنيادىكى ئىشلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2010-10-18)
مىلادىنىڭ 632- يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەپ يېرىم ئارىلىنى ئاساسى جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ بولغانىدى.ئۇنىڭ ۋارىسلىرى مۇسۇلمانلارغا رەھبەرلىك قىلپ، سىرىتقا تەرەققى قىلىپ، باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا ئىسلام دىنىنى ئومۇملاشتۇردى. 8- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە، ئەرەپلەر ئىسلام بايرىقى ئاستىدا ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپادىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەگە ھالقىغان بۈيۈك ئىمپىرىيىنى بەرپا قىلدى. ئۇنىڭ زىمىنى غەرپتە ئاتلانتىك ئوكياندىن باشلىنىپ، شىمالى ئافرىقىدىكى مەغرىپ رايۇنىنى ۋە ياۋروپادىكى ئىسپانىيىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ، پۈتكۈل غەربى- جەنۇبى ئاسىيادىن ئۆتۈپ، ھىندىستاننىڭ غەربى قىسىمى ۋە جوڭگۇنىڭ چېگرىسىغا يەتتى. ئسلام دىنى تېز سۈرئەتتە كەڭ ئومۇملىشىپ، نۇرغۇن مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى، ئېتىقاتقىلىدىغان مىللەتلەر ۋە ئادەم سانى خرىستىيان دىنىدىن قالسىلا ئىكىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ دىن بولۇپ قالدى. XGAR8=tic  
ئىلام دىنىنىڭ تارقىلىشى توغىرىسىدا غەرىپلىكلەر بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ قارشى تۈپتىن ئوخشىمايدۇ: غەرىپتىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قارىشىچە ئىسلام دىنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش ئارقىلىق تارقىتىلغان،ئۇلار: "مۇھەممەد بىر قولىغا <قۇرئانى كەرم> نى، بىر قولىغا قىلىچىنى ئېلىپ، خىرىستىيان ۋە رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ خارابىلىقىدا ئۆزىنىڭ خانلىق ئورنىنى تىكلىگەن" دەيدۇ(ئىدوۋارد. گېببون:"رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ مۇنقەرز بولۇش تارىخى"). ۋاھالەنكى، مۇسۇلمان ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دىنى باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشكە يول قۇيۇلمايدۇ، "قۇرئانى كەرىمدە " دىندا زورلاش يوق" دەپ ئېنىق بەلگۈلەنگەن. ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىسلام دىنىغا كىرمىگەن مىللەتلەر باج تاپشۇرسىلا، ئۆزلىرىنىڭ ئەسلىدىكى دىنلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا يول قويۇلغان. مۇسۇلمانلارنىڭ قارىشىچە، ئىسلام دىنى نۇرغۇن مىللەتلەرنى جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، ئۇلار ئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئەرەپ قوشۇنى شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە جوڭگۇغا كىرىپ باقمىغان، لېكىن، بۇ يەرلەردە نۇرغۇن مىللەتلەر ئىسلام دىنىنى قوبۇل قلىدى، ئۇلار يەنە مۇنۇلارنى مىسال قىلىدۇ: ئوتتۇرا ئەسىردە تۈرك ۋە موڭغۇللار ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيانى ئىستىلا قىلغۇچىلار ئىدى، ئۇلار ھېچقانداق بېسىم بولمىغان ئەھۋالدا، ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلدى. مانا بۇلار ئىسلام دىنىنىڭ غايەت زور جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. +HEL^  
9- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە ئىسلام دىنى تەرەققى قىلىپ، ئەڭ گۈللەنگەن دەۋرگە يەتتى. پەلسپە، ئەدەبىيات، مېدىتسىنا، مىمارچىلىق، سەنئەت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ساھەلەردىكى ئىسلام مەدەنىيىتى تەرەققىياتى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى، ئوتۇرا ئسىردىكى ياۋروپا ۋە دۇنيا مەدەنىيتىگە غايەت زور تۆھپە قوشتى. +\RviF[+  
ۋاھالەنكى، 13- ئەسىردىن كېيىن "ئىسلام دۇنياسى سىياسى ۋە ئىدىيە جەھەتتە توختاپ قېلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى". 11- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان جەرياندا خىرىستىيانلار ئىسلام دۇنياسىغا 200 يىلدىن ئارتۇق "ئەھلى سەلەپنىڭ شەرىققە يۈرۈش قىلىشى" نى داۋاملاشتۇردى. 13- ئەسىرنىڭ باشلىرى چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنلىرى "غەرىپكە يۈرۈش" نى باشلىدى. پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربى ئاسىيا چىڭگىزخاننىڭ تاپىنى ئاستىدا  قالدى. گۈللەنگەن ئىسلام مەدەنىيىتى ناھايتى ئېغىر ۋەيران ىقلىۋېتىلدى. ئىسلام دىنىنىڭ تېز تەرققى قىلىشىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچىرىدى. 16- ئەسىرگە كەلگەندە ئىسلام دىنىنىڭ سننى مەزھىبىدىكى تۈركلەر قۇرغان ئوسمان ئىمپىرىيىسى، شىئە مەزھىبىدىكى ئىرانلىقلار قۇرغان سافاۋىيە سۇلالىسى ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى قۇغان موغۇل ئىمپىرىيىسىدىن كېيىن، بىر مەھەل ئاجىزلاشقان ئىسلام دۇنياسى قايتىدىن گۈللنىشكە ۋە كۈچىيىشكە باشلىدى. لېكىن، بۇ گۈللىنىش ئۇزاققا بارمىدى. 18- ئەسىردە ياۋروپا سانائەت ئىنىقىلاۋىدىن كېيىن، ياۋروپا دۆلەتلىرى كۈچلۈك سىياسى ۋە ھەربى كۈچىگە تايىنىپ، سىرىتقا قارىتا مۇستەملىكچىلىك كېڭەيمىچىلىكىنى باشلىدى، شەرق بىلەن غەرىپ ئارىسىدىكى ئىسلام دۇنياسى جاھانگىر دۆلەتلەر ئالدى بىلەن تاجاۋۇز قىلدىغان نىشانى بولۇپ قالدى، ياۋروپا مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دىۋەيلەپ كەلگەن ھۇجۇمى ئاستىدا ئارقىدا قالغان ئىسلام دۇنياسى پۈتۈنلەي پاسسىپلىق بىلەن زەربە يەدىغان مۇداپىيە ئورنىغا چۈشۈپ قالدى. 1798- يىلى ناپالېئون قوماندانلىق قىلغان فىرانسىيە قوشۇنى مىسىرنىڭ ئىسكەندەرىيە پورتىدا قۇرۇلۇقققا چىقتى. بۇ ھال ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك خاراپلىشىشىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. 19 -ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى غەرپ جاھانگىرلىكىنىڭ مۇستەملىكە ۋە يېرىم مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ياۋروپالىقلار ئىسلام دۇنياسىدىكى كۆپ قىسىم جايلارنىڭ ئىگىسى بولۇۋالدى. ئۇلار زىمىننى سۈنئى يوللار بىلەن بۆلۈپ ئۆزلىرى ئىگىلىۋالغان زىمىنلارغا قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن دۇنيد خەرىتىسىدە ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان ئىراق، لىۋىيە، لىۋان، پەلەستىن، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەر پەيدا بولدى. ياۋروپا مۇستەلىكىچىلىرى بۇ دۆلەت ريۇنالرنى ئادەم كۈچى ۋە بايلىق جەھەتتە تالان- تاراج قىلغاندىن باشقا ئىدىيە ۋە مەسەنىيەت جەھەتتىمۇ كۈچەپ تاجاۋۇز قىلدى، گوللاندىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندونوزىيە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى ھىندىستان، مىسىردىن تارتىپ، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى شىمالى ئافرىقا قاتارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى سىياسى- ئىقتىسادى جەھەتتىكى مۇستەققىلىقىدىن ئايرىلىپلا قالماستىن، ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى نام- شۆھراەتلىرىدىنمۇ ئايرىىلپ قالدى. Cf.(/5X  
مۇستەملىكىچىلەر ئىسلام دىنىنى بىر خىل "ياۋۇز ۋە نادان دىن" دەپ ئاتىدى. ئۇلار نۇرغۇن خىرىستىيان مۇخلىسلىرىنى ئوتتۇا شەرق، شەرقى- جەنۇبى ئاسىيا قاتارلىق جايلارغا دىن تارقىتىش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللنىشقا ئەۋەتتى، مىسسىئونېرلار  مەكتەپلىرىنى ئېچىپ، شۇ جايلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىپ، خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقات قىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى. ئەلۋەتتە، شانلىق تارىخقا ۋە كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىسلام دىنى يامان ھالغا چۈشۈپ قالغىنىغا تەن بەرمىدى، ئىسلام دىنىنىڭ قىممىتى ۋە ھۆرمىتىنى قوغداش ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئىسلام بايرىقى ئاستىدا، غەرپ جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇردى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرەش قىلدى. مەسىلەن، ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ۋاھابىيلار ھەركىتى، پېرسىيەدىكى بابىيە مۇخلىسلىرى ھەركىتى، سۇداندىكى مەھدى ھەركىتى، ئافغانىستاننىڭ ئەنگىلىيىگە قارشى كۆرىشى ۋە تۈركىيە ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ سۇلتانى ئابدۇل ھەمىد 2 تەشەببۇس قىلغان پانئىسلامىزىم ھەركىتى شۇ جۈملىدىندۇر. لېكىن، بۇ پائالىيەتلەر يا مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشتى ياكى، مەلۇم رايۇن بىلەن چەكلىنىپ قېلىپ، ئىسلام دۇنياسىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلمىدى. خۇددى پاكىستانلىق مەشھۇر مۇسۇلمان تارخشۇناس سەئىد فەيياز مەھمۇد ئېيتقاندەك:"19- ئەسىر ئىسلام دۇنياسىنىڭ قاراڭغۇ دەۋرى بولدى، بۇ مەزگىلدە ئىسلام دۆلەتلىرى تارمار بولۇشقا باشلىدى، غەرپ بىلەن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۆرەشلىرىدە غەرپ ھەممىسىدە دىگۈدەك غەلبە قىلىپ ئاخىرلاشتى". I @ D 
مەنبە غەربى جەنۇپ ئۇنۋېرستىتى پىروپېسسورى شياۋ شيەن ئەپەندىنىڭ "خەلقئارا ئىسلام دولقۇنى" ناملىق كىتاۋى. dG)}H _  
داۋامى بار، ئىنكاس شەكلىدە يەنە يازىمەن.
تېما تەستىقلىغۇچى : sultan
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-18, 06:12
-سىز كۆرۋاتقان تىما غەرپنىڭ زەربىسى ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىشى (2),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
asrari
م . ئې .ئەسرارى
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 5434
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 893
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە893دانە
ياخشى باھا: 313 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2871 سوم
تۆھپىسى: 225 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1161(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-02
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:15

بۇ بەك ياخشى كىتاپ ، ئەجرىڭىزگە كەلسۇن.
قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر،
ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر.
قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا،
نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر.
________ئابدۇقادىر جالالىدىن.
sardar688
دۇنيادا ئاچچىق يۇتقان ئۇلۇغ،
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7770
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 112
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە112دانە
ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 419 سوم
تۆھپىسى: 9 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 576(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-25
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:32

مەندىمۇ بىرى بار بۇ كىتاپتىن.
KAREZ
ھايات كۈن ئۆتكۈزۈش ئەمەس !!!
دەرىجە: مەستانە ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6487
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 579
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە579دانە
ياخشى باھا: 232 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2108 سوم
تۆھپىسى: 113 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 670(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-16
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:40

تەشەككۈر !!!  ئىناقلىق ، ئۆملۈك يوقۇلىدىكەن  شۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بۇلىدۇ  !!! بۇنى تا  بۈگۈنگىچە كۆرۈۋاتىمىز  !!! !DXK\,;>  
XyD*V;.E  
    بۇرۇن بىر پادىشاھ بولغان ئىكەن ، ئۇ  خوشنا دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپتۇ ، بىر مەملىكەتكە ھۇجۇم قىلماق بۇلۇپ بىر دانىشمىنىنى ئەۋەتىپتۇ ، ئۇ مەملىكەتنى كۆرۈپ كەلگىن ، كۈچىمىز يىتەمدىكىن دەپ . ` FmRoMW9+  
   دانىشمەن ئۇ يۇرتقا بېرىپتۇ ، يولدا قارىسا كىچىك - كىچىك بالىلار تاياق -توقمالارنى نەيزە- قېلىچ قىلىپ ئويناۋاتقۇدەك ، ھەركەتلىرى ناھايىتى چەبدەس ، ئويلاپ قاپتۇ : بۇ ئۇششاق بالىلار  ئۇرۇشقا بۇنداق يامان بولسا چوڭلىرىغا تەڭ كىلىش مۇمكىن ئەمەسمۇ قانداق دەپ غەم قىلىپ قاپتۇ ، ئۇ يەنىلا شەھەرگە كىرىپ تەپسىلىي كۆزەتمەك بۇلۇپتۇ ، يولدا يەنە نەچچە بالىنىڭ ئويناپ كىتىۋاتقىنىنى ، بىر ھارۋا كەلگەندە بىرى ئېسىلىۋاپتۇ  ، يەنەبىرى بۇيى يەتمەي چىقالماي ئاخىرى ھارۋىنىڭ ئىگىسىگە ھارۋىغا بىرى ئېسىلىۋالدى دەپ  قۇيۇپتۇ ، ھارۋىنىڭ ئىگىسى ئېسىلىۋالغان بالىنى قامچا بىلەن ئۇرۇپتۇ ، دانىشمەن بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيران بۇلۇپتۇ ، بۇلار ئەسلى بالىلىرىنى شۇنداق تەربىيلەيدىكەن ،  ئادەملىرى ئىناقسىز ،چېقىمچى ئوخشايدۇ . دەپ ئويلاپتۇ ، كۆزۈتۈشلىرىنى تۈگۈتۈپ  پادىشاھنىڭ ئالدىغا قايتىپتۇ ۋە بولغان ئەھۋاللارنى دەپ ئۇلارنى يېڭىش  ئىشەنچىسىنى ئېيتىپتۇ ، دەرۋەقە  ھۇجۇم قىلىپ ئۇ مەملىكەتنى قولغا كىرگۈزۈپتۇ .... AX6l=jFZx  
     BoofJm  
  ئىسلام دۇنياسى قۇناق دېنىدەك چېچىلغان  ھالاتتە  ، ئۇلارنى تۈگمەندە ئۇن قىلىپ خېمىر قىلماق زۆرۆر !!!   ئىسلام دۇنياسىدەك ئاھالىسى كۆپ تارقىلىشى كەڭ  قەۋم  يوق دىيەرلىك ....
ياراتقان ئىگەمنىڭ نىېمىتى كارىز ،
ئەمگەكچان خەلقىمنىڭ ھۈنىرى كارىز ،
سۈيىم ھەم نېنىم ھەم ھۇزۇرى كارىز .
جاھاندا بىرلا ئۇ شەربىتى كارىز ، 
RANAGUL
ئاللاھ ھەبىر بەندىسىگە سەۋىر ئاتا قىلسۇن.
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 9371
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 48
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە48دانە
ياخشى باھا: 11 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 252 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 416(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-06
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:40

رەھمەت سىزگە!مەن كۆرۇپ باقماپىتىمىكەن.بىلىۋالدىم.داۋامىنى تىزراق يوللاڭ!داۋامىغا تەشنامىز!       
eltekin26
كۈلگىن، كۈلگىنىڭ سېنىڭ سالامەت،بەختلىك،شادىمان ..
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 1424
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 761
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە761دانە
ياخشى باھا: 315 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2751 سوم
تۆھپىسى: 291 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 1177(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-29
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-19
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:41

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىم، تارىخ ئىكەن. داۋامىنى پاتراق يوللىغايسىز.
قوشقارنىڭ كەينىگە يانغىنى،قورققىنى ئەمەس.
شۇڭقار
سەمىمىيەتسىزلەرگە نەپرەت ..
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 12688
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 39
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە39دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 129 سوم
تۆھپىسى: 18 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 63(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-04
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
6 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:45

ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىپ ، بوزەك قىلىنىۋاتقىنىغا خېلى بولدى . مىسالەن ، ئوتتۇرا شەرىقتىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق ئەرەبلەر جان سانى ، تېرىتورىىيىسى جەھەتتە تولۇما كىچىك بولغان ئىسرائىليەگە تەڭ كېلەلمەي پاتاپاراق بولۇشۇپ يۈرمەكتە .......... esK0H<]  
بۇنۇڭدىنمۇ ئارتۇق ئىسپات بارمۇ ئەندى ، ئاجىزلىشىشتا مۇقەرەركى سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بار .
5 تەڭگە قىممىتىدىكى ئات تاقىسىنى ھۈنەر - تېخنىكا بىلەن 5 مىليونغا يارىتىش تامامەن مۇمكىن ، يارىتىۋاتقان ئەللەرنى كۆرۈپمۇ تۇرىۋاتىمىز .
ZulpiKar
ھايات بىر تىراگىدىيە ،مەن باش پېرسوناژ __زۇلپىقار
دەرىجە: دائىملىق ئــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 63
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 232
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە232دانە
ياخشى باھا: 18 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 218 سوم
تۆھپىسى: 3 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 273(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
7 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:47

قېنى ،.ئاخىرى ؟ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ماتىرىياللار ؟
مىسىرانىم ! تور دۇنياسىدىكى باشلامچىم  !
anwaer
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 12699
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 11
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە11دانە
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 36 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 182(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-04
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
8 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:47

داۋامىنى پاتراق يوللىغايسىز
alxirxahzada
ئەر  بولساڭ ئەل  دەپ ياشا
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 11315
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 397
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە397دانە
ياخشى باھا: 79 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 745 سوم
تۆھپىسى: 53 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 335(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-09-23
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
9 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 14:49

ئاپتۇر (karluq01) نىڭ يازمىسىغا

تۇلۇق    يازسىڭزچۇل.،...................................
يىگىت  بولساڭ يىگتتەك  ياشا !!!!!!!!!!!!
saleh
دەرىجە: يىـــڭى ئـــەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13673
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 17
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە17دانە
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 54 سوم
تۆھپىسى: 5 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 7(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-12
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
10 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 15:05

ئىناقلىق ، ئۆملۈك يوقۇلىدىكەن  شۇنداق ئاقىۋەتكە دۇچار بۇلىدۇ  ....بۇنىڭ ھەممىسىگە ئوزىمىز سەۋەپچى...................تىمىڭىز غا رەخمەت .داۋامىنى پاتراق يوللىغايسىز  !!!
karluq01
karluq01
دەرىجە: ئادەتتىكى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 12893
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 148
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە148دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 453 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 346(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-06
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-20
11 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: ئۈلۈشكۈن 15:18

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 7قەۋەت  شۇڭقار كە 2010-10-18 02:45 PMئەۋەتىلدى  : w!'y,yb%  
ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاجىزلىشىپ ، بوزەك قىلىنىۋاتقىنىغا خېلى بولدى . مىسالەن ، ئوتتۇرا شەرىقتىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق ئەرەبلەر جان سانى ، تېرىتورىىيىسى جەھەتتە تولۇما كىچىك بولغان ئىسرائىليەگە تەڭ كېلەلمەي پاتاپاراق بولۇشۇپ يۈرمەكتە .......... W^)mz,%x  
بۇنۇڭدىنمۇ ئارتۇق ئىسپات بارمۇ ئەندى ، ئاجىزلىشىشتا مۇقەرەركى سەۋەب - نەتىجىلىك مۇناسىۋەت بار . )Xa_ry7  
]|tR8`DGZ%  
مۇشۇ يازمىنىڭ داۋامىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، مۇلاھىزە يۈرگۈزسىڭىزلا، 6 مىليۇن يەھۇدىنىڭ 300 مىليۇن ئەرەپنى نىمە ئۈچۈن بوزەك قىلالىغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسى!