مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 118 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : تونۇش بولغان ناتونۇش سۆيگۈنۈمگە خەت

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە141دانە
ئۆسۈش: 4.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 141
  ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 674 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-11
0 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 07:04 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

0

 تونۇش بولغان ناتونۇش سۆيگۈنۈمگە خەت

 كومپيوتۇرنى ئېچىپ قويۇپ ، كۆڭلۈمگە ياققان مەزمۇنلارنى كۆرمەكچى بولغان بولساممۇ ، كۆڭلۈم ھېچنىمىگە تارتىدىغاندەك ئەمەس،  خىيالىمغا يەنە سىز كىرىۋالدىڭىز، ئويلىماي دېسەممۇ ئامال يوق،ئۆزەمنى خىيالىمنىڭ مەيلىگە قويۇپ بېرىپ ئالدىمدىكى  كومپيوتۇرغا تىكىلپ ئولتۇردۇم ،خۇددى كومپيوتۇر ئېكرانىدىن سىزنىڭ چىرايىڭىزنى كۆرگىلى بولىدىغاندەك،سىز خىياللىرىم ئىچىدە ئەركىن يايراۋاتىسىز، ئويلاپ باقسام بىزنىڭ<< دۇنيانى بىر كەنت >>كە ئايلاندۇرۇپ قويغان بۇ مەۋھۇم تور دۇنياسىدا تونۇشقىنىمىزغا ئىككى  يىل ، سىزنىڭ ماڭا رەسمىي سۆيگۈ ئىزھار قىلغىنىڭزغا دەل بىر يىل  يەتتە ئاي  ئاي بوپتۇ،بۇ سان سىزنىڭ ئىسمىڭىز بىلەن بىرگە مېنىڭ يۈرۈكۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىغا ئورناپ كەتكەن.

    بىزدەسلەپكى تونۇشقان مەزگىللەردە  ئۆزىمىزنىڭ خىزمىتى، ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئەھۋالى قاتارلىقلار توغرۇلۇق سۆزلىشەتتۇق، كېيىنچە تېلىفون نومۇرلىرىمىزنى دەپ بېرىشتۇق، توردا ۋە تېلىفوندا كۆرۈشۈش ۋاقتىمىز كۆپەيگەنسېرى ،بارا -بارا قىز - ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇق ۋە مۇھاببەت توغرىسىدىكى  تېمىلار ئۈستىدە پاراڭلىشىدىغان بولدۇق، دائىم كۆزقارىشىمىز بىر يەردىن چىقىپ قالاتتى،شۇنداق قىلىپ بىر -بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدۇق، بۇ ھېچقانداق غەرەز ئارىلاشمىغا ساپ ھالدىكى ياخشى كۆرۈش ئىدى، سىز q q ئارقىلىق ماڭا مۇھاببەت ئىزھار قىلدىڭىز، مەن <<تەلىپىڭىزنى ئويلۇشۇپ كۆرەي>> دەپ جاۋاب بەردىم، گەرچە تەلەپ قويغان ۋاقىتتىلا ماقۇل جاۋابىنى بەرگۈم بولسىمۇ،سىزنى << ئاران تۇرۇپتۇ >> دەپ خاتا چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ جاۋاب بېرىش ۋاقتىنى قەستەن بىرنەچچە كۈن كەينىگە سۈردۈم،سىز تېلىفوندا ۋە q q دا كۈندە مېنىڭ جاۋاب بېرىشىمنى ئۆتىنەتتىڭىز،مەن <<ماقۇل >>جاۋابىنى بەرگەن كۈنى سىز ناھايتى خوشال بولۇپ كەتكەن ئىدىڭىز،q q دا خوشال بولغان چىراي ئىپادىسى بىلەن بىر -بىرىدىن رومانتىك رەسىملەرنى يوللاپ بەردىڭىز ۋە تېلىفون قىلىپ مېنىڭ ماقۇل بولغانلىقىمغا ناھايتى خوشال بولغانلىقىڭزنى، مېنى بىر ئۆمۈر سۆيىدىغانلىقىڭىزنى، مەڭگۈ قەدىرلەيدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ ، تاتلىققىنا سۆيۈش ھەدىيە قىلغان ئىدىڭىز، سىزنىڭ تېلىفوندىكى بۇ سۆيىشىڭىز راستىنلا مېنى قۇچاقلاپ سۆيىۋاتقانداق بىر خىل تۇيغۇ پەيدا  قەلبىمنى ھاياجانغا سالغان ئىدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بىزنىڭ تور دۇنياسىدىكى رومانتىك مۇھاببىتىمىز ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى،ھەر كۈنى كەچلىك تاماقنى يەپ بولۇپلا قىلىدىغان ئىشىم كومپيوتۇرنى ئېچىپ qq دا سىز بىلەن شېرىن مۇھاببىتىمىز توغرۇلق  سۆزلىشىش، تىلكامېرا ئارقىلىق چىرايىمىزنى كۆرۈپ، ھەرخىل شەيتانلىقلارنى قىلپ بىر -بىرىمىزنى دوراش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە كۈلكە ئاتا قىلىش ئىدى، خىيالىمنى سىز ئىگىلەپلا ئالغان ئىدىڭىز،  كۈننىڭ تېزراق كەچ بولىشىنى ، سىز بىلەن تېزراق كۆرۈشۈشنىلا ئويلايتتىم ،بىرەر كۈن تېلىفوندا ياكى توردا كۆرىشەلمەي قالغان كۈنلىرىم قويغان -تۇتقىنىمنى بىلمەيلا قالاتىم ، كۆزلىرىمدىن يىغا يامىشىپلا تۇراتتى،<<ياخشى كۆرۈش>> دېگەن بىر -بىرىنىڭ دىدارىغا زار بولۇش دېگەن گەپ ئوخشايدۇ شۇنىڭغا قارىغاندا.ھەر قېتىم تېلىفوندا كۆرۈشۈپ خوشلاشقان ۋاقىتتا سىز ماڭا  تاتلىق سۆيۈش ھەدىيە قىلاتتىڭىز ، بۇ ۋاقىتتا  يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەپ سوقۇپ، سىز قېشىمدا تۇرۇپ تاتلىققىنا ئەركىلىتىپ، لېۋىمگە لېۋىىڭىزنى بېسىۋاتقاندەك ھېسياتقا كېلىپ ھاياجانلىنىپ كېتەتتىم.

  ئەتراپىمدا كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرغان چىراي شەكلى شۇنداق قاملاشقان،  خىزمەت ئورنى ياخشى بولغان يىگىتلەر ماڭا تەلەپ قويۇپمۇ باقتى، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ماقۇل جاۋابى بېرەلمىدىم،  ياخشى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇلارنى يالغاندىن ئالداشنى راۋا كۆرمىدىم،  توۋا دەيمەن، سىزنىڭ نەرىىڭزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن؟ بۇ سوئالنى ئۆزۈمدىن سوراپ باقتىم، سىزنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ باقتىم ، بىراق نەرىىڭزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەلمىدىم،بەلكىم سىزنىڭ تىلكامېرادىن كۆرۈنگەن سەمىمىيلىك نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىڭىزنى، ئىككىمىزنىڭ پىكرىنىڭ بىر -يەردىن چىقىشىنى ،كۆڭلۈم يېرىم بولغان ۋاقىتلاردا تېلىفون ئارقىلىق  ماڭا تەسەللى بېرىشلىرىڭىزنى، ماڭا كۆيۈنۈشلىرىڭىزنى ، قىزىقارلىق، يۇمۇرلۇق گەپلەر بىلەن مېنى خوشال قىلىشلىرىڭىزنى ..... يەنە نۇرغۇن -نۇرغۇن تەرەپلىرىڭىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەن،بەزىلەر بەلكىم بىر -بىرى بىلەن يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ ، چۈشىنىشمەي تۇرۇپ قانداقمۇ ياخشى كۆرگىلى  بولسۇن؟ دېيىشى مۈمكىن، لېكىن بۇنداق ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ راست مەۋجۇتلىقىغا  ئىشىنىمەن، چۈنكى مەن دەل سىز بىلەن بىر قېتىمممۇ يۈز كۆرۈشۈپ باقماي تۇرۇپ سىزنى ياخشى كۆرگەن ئىدىم،مەن بىرنەچچە قېتىم  سىزدىن << مېنىڭ نەرىمنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىز؟>> دەپ سورۇدۇم، سىز << سىزنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىڭىزنى،كۆيۈمچانلىقىڭىىزنى ، شوخلۇقىڭىزنى ، سەمىمىيلىكىڭىزنى .....يەنە ھەممە يېرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن >>دەپ جاۋاب بەردىڭىز. سىزنىڭ جاۋابىڭىزنىڭ ئۆزى دەل مېنىڭ كۆڭلۈمدىكى سىزنى ياخشى كۆرۈشتە ئويلىغانلىرىم  بىلەن ئوخشاش ئىدى، دېمەك بىز يۈزتۇرانە كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ لېكىن ئويلىغانلىرىمىز ، پىكىرلىرىمىز بىر يەردىن چىقاتتى.

     تور توختىغان مەزگىللەردە تېلىفون بىلەن  ئالاقىلىشىپ تۇردۇق، كۆرۈشىشىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا سەل ئازىيىپ قالدى، بەزىدە ئالدىراشچىلىقتىن بىر نەچچە كۈنگىچە كۆرۈشەلمەي قالاتتۇق، بۇنداق چاغلاردا كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولاتتى، بارماقلىرىم ئىختىيارسىز سىز بىلەن كۆرۈشەلمەي قالغان كۈنلەرنى سانايتتى،<< ئىككىمىز بىر يەردە بولغان بولساق نەچچە قېتىم كۆرۈشۈپ بولغان بولاتتۇق >> دەپ ئويلاپ كېتەتتىم بەزى چاغلاردا،تەقدىر نېسىپ قىلمىدىمۇ قانداق ،سىز نەچچە قېتىم <<قېشىڭىزغا بارىمەن، سىز بىلەن چوقۇم كۆرىشىمەن ، بىز بىر كۆرۈشسەك بولاتتى >> دېگەن بولسىڭىزمۇ ،لېكىن بۇ ئارزۇيىمىز ئەمەلگە ئاشمىدى، بەزىدى كوچىدا كېتىۋېتىپ قولتۇقلىشىپ مېڭىشىۋاتقان بىر جۈپلەرنى كۆرسەم كۆزلىرىمدىن ئىختىيارسىزلا ياش ئەگىيدۇ، شۇ ھامان سىز خىيالىمغا كېلىسىز، غەمكىن ھالدا مېڭىپ سىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ بىرگە مېڭىۋاتقان ،چايخانىلارغا كىرىپ رومانتىك مۇھاببەت پەيزىنى سۈرىۋاتقان، ktwگە كىرىپ ئۆزىمىز ياخشى كۆرقدىغان ناخشىلارنى ئېيتىۋاتقان ، خوشال -خورام ئويناۋاتقان.... كۆرۈنۈشلەرنى خىيال قىلىپ كېتىمەن، ،ئىشقىلىپ سىزنى خىيال قىلىپ سىز بىلەن ئويلۇرۇمدا خىيالى جەنئەت ھوزۇرىنى سۈرىمەن، لېكىن خىيالدىن ئويغۇنۇپ ئەتراپىمغا قارىسام ئۆزۈم يالغۇز، تېلىفونغا قارايمەن، كۆزلۈرۈمگە تونۇش بولۇپ كەتكەن نومۇرلارنى بېسىش ئۈچۈن قول ئۇزارتىمەن، تېلىفوندىن << ۋەي>> دېگەن يۈرۈكۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قېتىغا ئورناپ كەتكەن، ماڭا يادا بولۇپ كەتكەن تونۇش ئاۋازىڭىز ئاڭلانغان  ۋاقىتتا بىر تەرەپتىن سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن ،قۇلۇقۇمغا سىڭىپ قالغان ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغانلىقىمدىن  قاتتىق  ھاياجانلىنىپ كېتىمەن، بىر تەرەپتىن سىزنىڭ قېشىمدا يوقلۇقىڭىزدىن كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولىدۇ.

   تېلىفوننى قويۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە تۆكىلىدۇ كۆز ياشلىرىم ئىختىيارىمغا بويسۇنماي، سىز بىلە نيۈزتۇرانە  كۆرۈشسەم، سىزنى بوينىڭىزغا ئېسىلىپ  تازا قانغۇدەك يىغلىۋالسام،  قۇچۇقىڭىزغا بېشىمنى قويۇپ كۆزلىرىڭىزگە قاراپ بىردەم يېتىۋالسام خۇددى كىنودىكى كۆرۈنۈشلەردىكىدەك.......ئەنە شۇنداق ئەخمىقانە خىياللارنى قىىلپ كېتىمەن، بۇنداق ئويلاشنىڭ ئۆزى ئەخلاققا يات بولسىمۇ، شۇنداق ئويلاپ كېتىمەن بەزىدە..............سىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى بولمىغانسېرى بەزىدە ئۆز -ئۆزەمدىن << ئۇمۇ مېنى مەن سېغىنغاندەك سېغىنامدىغاندۇ؟ مېنى چىن دىىلدىن سۆيەمدىغاندۇ ؟>>.....دېگەندەك ئەخمىقانە  سوئاللارنى سوراپ كېتىمەن....... بىر قېتىم بۇ سوئاللارنى سىزدىن سورىغان ۋاقتىمدا سىز<< ئەگەر مېنى چىن دىلىڭىزىدىن سۆيسىڭىز ماڭا ئىشىنىڭ، ئۇنداق ئەخمىقانە ئويلاردا بولماڭ>>دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدىڭىز.

   بۈگۈن 2- ئاينىڭ 14- كۈنى ھەم باھار بايرىمى ھەم  ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمى،گەرچە بۇ بايرام بىز مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى بولمىسىمۇ ، ئۆزەمچە سىزنىڭ قېشىمدا بولىشىڭىزنى ، بۇ كۈننى مەن بىئەن بىرگە ئۆتكۈزىشىڭىزنى خالاپ قالدىم، لېكىن بۇبىر خىيال بولۇپ،بۇنداق بولىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى.چۈش بولاي دېگەندە سىز   ماڭا تېلىفون قىلىپ بايرىمىمنى تەبرىكلىدىڭىز ۋە قېشىمدا بولالمىغانلىقىڭىزنى ، ئۆزىىڭزنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئېيتىپ ،<< سىزنى سۆيىمەن، ئۆمۈرۋايەت سۆيىمەن،سىزنى شۇنداق سېغىندىم، بەك كۆرگۈم كەلدى>> دېدىڭىز ۋە تېلىفوندا تاتلىققىنە سۆيۈش ھەدىيە قىلدىڭىز، سىز بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن شۇنداق خوشال بولغان بولساممۇ ،تېلىفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولدى، بېشىمنى قويۇپ بىردەم يىغلىۋالدىم،   تۆنۈگۈن بىر دوستۇم يىگىتىنىڭ  ئاشىق -مەشۇقلار بايرىمىدا ئۆزىنىڭ دوستلىرىنى چاقىرىپ مېھمان قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى  ، مېنىڭ چوقۇم بېرىشىمنى ئېيتىپ تېلىفون قىلغان ئىدى، ئۇ يەرگە ھەممىسى جۈپ -جۈپى بىلەن بېرىشاتتى، مېنىڭ پەقەتلا بارغۇم يوق ئىدى، لېكىن ئۆيدە ئولتۇرۇۋېرىپ ئىچىم سىقىلىپ كەتتى. كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرۇپ سىرتقا چىقتىم،كوچىدا  ئادەم ئاز بولۇپ، ئاساسلىقى چىرايلىق  گۈللەرنى كۆتۈرىۋالغان قىزلار ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان يىگىتلىرى ئىدى، كۆڭلۈم تېخىمۇ بۇزۇلدى،ئۆزەم يالغۇز كوچىدا پىرقىراپ يۈرىشىممۇ ياخشى ئىش ئەمەس ئىدى، شۇڭا دوستۇم دېگەن يەرگە باردىم،دېگەندەك ئاساسلىقى جۈپ -جۈپى بىلەن كەلگەن ئىدى،ئۇلار بىر -تەرەپتىن قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ ، بىر تەرەپتىن تانسا -ئۇسۇللارنى ئويناپ ئولتۇرىشاتتى،ھەممىسىنىڭ چىرايىدىن بەخت شادلىقى چىقىپ تۇراتتى،سىز يېنىمدا بولمىغاچقا  پەقەت بىر مېنىڭلا كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم، بوغۇزۇمغا يىغا قاپلىشىپ تۇراتتى، بويتاق بىرنەچچە يىگىتلەرمۇ بار ئىكەن، ئۇلار مېنى تانسىغا تارتىپ كەلدى، مىجەزىم يوقلىقىنى باھانە قىىلپ ئورنۇمدىن تۇرمۇدۇم، كۆڭلۈمدە ئۇلار بىلەن تانسا ئوينىسام سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك،بىردەم ئولتۇرۇپ ، يەنە ئولتۇرۇشقا رايىم بارمىدى، دوستۇمنىڭ ۋە يىگىتىنىڭ شۇنداق چىڭ تۇتۇشلىرىغا قارىماي،  ئۆزرە سوراپ  يېنىپ چىقتىم،  ئۆيگە قاراپ كېتىۋاتىمەن، كۆزلىرىمدىن پاتماي تۆكىلىۋاتىدۇ ياشلار، ئۆزەمنى قەتتئى تۇتالمىدىم.

  ئۆيگە كېلىپلا بىردەم يېتىۋېلىپ كومپىيوتۇرنى ئاچتىم، سىزگە تېلىفون قىلىشنى،سىز بىلەن بىردەم پاراڭلىشىپ كۆڭلۈمگە تەسەللى تېپىشنى  ئويلىغان بولساممۇ ،بايام تېلىفوندا بىر دوستىڭىزنىڭ ئولتۇرىشىغا بارىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتقاچقا تېلىفون قىىلشتىن يالتايدىم،قولۇم پەقەتلا ئىشقا بارمىدى،كومپىيوتۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ سىزگە دېمەكچى بولغانلىرىمنى يېزىپ چىقماقچى بولدۇم، گەپنى نەدىن باشلاشنى ، نېمە دېيىشىمنى بىلمەي بىردەم ئويلۇنۇپ ئولتۇرۇپ قالدىم ، ئاخىرى كاللامغا كەلگىنىچە يېزىپ چىقتىم.

   مەن سىزنى<< تونۇش بولغان ناتونۇش سۆيگۈنۈم>> دەپ ئاتاشنى توغرا تاپتىم، << تونۇش سۆيگۈنۈم>>دېيىشىمدە  بىز تور ئوچۇق ۋاقىتتا كوت -كوتتا ياكى تېلىفوندا پاراڭلاشساق قىلىشمايدىغان گېپىمىز يوق، تېلىفوننى قولىمىزغا بىر ئېلىۋالساق سائەت -سائەتلەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ، كۆرگەن چۈشلىرىمىزدىن تارتىپ ، ماڭغان -تۇرغان يەرلىرىمىزگىچە، ئىشلىگەن خىزمەتلىرىمىزگىچە بىر -بىرىمىزگە دوكلات قىلىشىپ كېتىمىز،دۇنيادا مەندىنمۇ بەختلىك ئادەم يوقتەك، بارلىقىمنى سىز ئۈچۈن بېغىشلايدىغاندەك، بىر ئۆمۈر سىزدىن باشقا ھېچكىمنى سۆيەلمەيدىغاندەك ، پەقەت سىز، بىر سىزلا مېنى مەڭگۈلۈك بەختكە ئېرىشتۈرەلەيدىغاندەك ھەم سىزمۇ بىر ئۆمۈر مېنىلا سۆيىدىغاندەك، مەندىن باشقا بىر قىزغا قارىمايدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن،

 >> ناتونۇش سۆيگۈنۈم >> دېيىشىمدە بىز مۇشۇ بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تېلىفون  ۋە تور ئارقىىلق شۇنچە نۇرغۇن كۆڭۈل سۆزىلرىمىزنى دېيىشكەن، توردا ككرۈشكەن بولساقمۇ، لېكىن يۈز -تۇرانە تۇرۇپ ككرۈشۈپ باقماپتىمىز، بۇ يەرلىرىنى ئويلىسام سىزنى ئۆزەمدىن شۇنچە يىراقتەك، بىر ئۆمۈر كۆرۈشەلمەي مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك،بىربىرىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرۈپ چۈشىنىش ھاسىل قىلماي  ، بىر يەرگە كېلىپ ۋىسال شادلىقىدىن بەھرىمان بولالماي  ، كاككۇك بىلەن زەينەپتەك، تاھىر بىەلن زوھرادەك ۋىسالسىز ھېجران ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىمەنئ

      مەن سىزگە << ئىككىمىزنىڭ توي قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغاندىكىن ئايرىلىپ كېتەيلى >>دېگەن گەپنى قىلغان ھېلىقى كۈنى ئېسىڭىزدە بارمىكىن؟ سىز تېلىفوندىلا ماڭا ۋارقىراپ كەتكەن، قاتتىق خاپا  بولغان ئىدىڭىز، كەچتە مەست بولۇپ قېلىپ ، خېلى بىركەمگىچە تېلىفوندا يىغلاپ تۇرۇپ، ئىككىنچى ئايرىىلپ كېتىش توغرۇلۇق ئېغىز ئاچماسلىقىمنى، مېنى جېنىڭىزدىنمۇ ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغانلىقىىڭزنى ئېيتقان ئىدىىڭز، سىزگە قوشۇلۇپۇ مەنمۇ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم.

    بۈگۈن يەنە شۇ گەپ كاللامغا كىرىۋالدى،گەرچە ئىككىمىز بىر -بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرسەكمۇ  داۋاملىق  تېلىفوندىلا كۆڭۈل سۆزلىرىمىزنى ئېيتىپ ئولتۇرىۋەرگەن بىلەن بولمايدۇ، بۇنى ھەر ئىككىلىمىز چۈشەنمەيدىغان يەردە ئەمەس،يېشىمىز بارغانسېرى كىچىكلىمەي چوڭۇيۇشقا باشلايدۇ، بىز دېمەتلىكىلەر بىر -بىردىن توي قىلىشقا باشلىدى، بىز قاچانغىچە مۇشۇنمداق ئۆتەرمىز؟ مەنغۇ سىزدىن ئايرىلىپ باشقا بىرى  توي قىلىشنى ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايمەن،لېكىن ئىككىمىز ۋىسالسىز ئاشىقلاردىن بولۇپ، قېرى قىز ،قېرى يىگىتلەردىن بولۇپ ئۆتىۋەرسەكمۇ قاملاشمايدۇ، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

   نېمىشقا ئىككىمىز ئىككى يۇرتتا تۇرۇپ بىر -بىرىمىزنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمىز؟ ئەسلى بىزئۇچراشمىغان بولساق بۇنداق << تونۇش ئىچىدىكى ناتونۇشلۇقمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى>>،بىز مۇشۇنداق تېلىفون يۈزىدىكى  ئاشىقلاردىن بولۇپلا ئۆتۈپ كېتەرمىزمۇ؟ ۋىسالىمىزغا يېتەلمەي دىدارىمىزغا تەلمۈرۈپ، يىغا ئىچىدىلا ئۆتەرمىزمۇ؟سىز مېنى شۇنچە ياخشى كۆرگەن  بولسىىڭزمۇ <<سىز بىلەن  چوقۇم توي قىلىمەن >> دېيەلمىدىڭىز، چۈنكى بىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ توي قىلشىمىز ئۈچۈن بىرسىمىز خىزمەتنى تاشلىشىمىز كېرەك،ھازىرقىدەك خزمەت تېپىش تەس بولىۋاتقان شارائىتتا  بۇنداق قىلىشقا ھەر ئىككىلىمىز قوشۇلمايمىز ئەلۋەتتە، خىزمىتىمىزنى يۆتكەشكە تېخىمۇ ئامال بولمايدۇ،بۇنىڭغا سىز خېلى كۈچەپ باققان ، بۇ ماڭىمۇ چۈشىنىشلىك.بېشىم يېرىلىپ كەتكۈدەك ئويلىساممۇ كاللامغا پەقەت بىرلا ئوي يەنى ئايرىلىپ كېتىش ئويى كەلدى، شۇنداق قىملايمۇ ئامال يوق ئوخشايدۇ، چۈنكى ئىككىمىزنىڭ قوشۇلىشىغا ئىمكانىيەت بولمىغاندىكىن.

  شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى ئەگەر سىز بىلەن ئايرىلىپ كېتىپ قالسام ، مەيلى قانداقلىكى بىرسى بىلەن توي قىلاي ،ئۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر،ئۇ پەقەت ماڭا بىر ئەرلا بولىدۇ خالاس، چۈنكى يۈرىكىم ئاللىقاچان سىزگە تەئەللۇق بولۇپ كەتكەن ، بۇ يۈرەك ئىككىنچى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرەلمەيدۇ، ئۆزىگە سىغدۇرالمايدۇ، سوقۇشتىن توختاپ قالغۇچە سىزنى ئەسلەيدۇ، سىز ئۈچۈن سوقىدۇ، بەلكىم بۇ گەپلەرنى يەنە بىر قېتىم سىزگە ئېيتقان ۋاقىتتا قاتىق ئاچچىقلىنىشىىڭز، مەندىن رەنجخشىڭىز، مېنى يۈزسىزگە چىقىرىۋېتىشىڭىز ، قاتتىق ئازابلىنىشىڭىز مۈمكىن، بىلسىڭىز سىز بىر ھەسسە ئازابلانغان ۋاقىتتا مەن ئىككى ھەسسە ئازابلىنىمەن، كۈنلىرىمنى يىغا بىلەنلا ئۆتكۈزۈشۈم مۈمكىن، لېكىن شۇنداق قىلمايمۇ ئامال يوق، چۈنكى ئەمىلىي شارائىت مېنى مۇشۇنداق قارارنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىدى.

  مېنى كەچۈرۈڭ، مەندەك ۋاپاسىزنىڭ مۇشۇنداق بولمىغۇر ئۇسۇلنى تاللىغانلىقىنى كەچۈرۈڭ، ماڭىمۇ ئامال يوق، مەن پەقەت ئاخىرىدا ھالسىز ،يىغا ئارىلاش ئاۋازدا << تونۇش بولغان ناتونۇش سۆيگۈنۈم سىزنى سۆيەتتىم، لېكىن ئەمدى سىزگە خوش دېمىسەم بولمىدى، مېنى كەچۈرۈڭ، ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ، سىزگە بەخت تىلەيمەن....!>>دېيەلەيمەن......


مەنبە : ئۆز قەلىمىم



-سىز كۆرۋاتقان تىما تونۇش بولغان ناتونۇش سۆيگۈنۈمگە خەت,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى katran تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-06-03, 11:23

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1579
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە120دانە
ئۆسۈش: 4%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 120
  ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 655 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 59(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-30
  كىرىشى: 2010-06-11
1 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 07:35 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

>> ناتونۇش سۆيگۈنۈم >> دېيىشىمدە بىز مۇشۇ بىر يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە تېلىفون  ۋە تور ئارقىىلق شۇنچە نۇرغۇن كۆڭۈل سۆزىلرىمىزنى دېيىشكەن، توردا ككرۈشكەن بولساقمۇ، لېكىن يۈز -تۇرانە تۇرۇپ ككرۈشۈپ باقماپتىمىز، بۇ يەرلىرىنى ئويلىسام سىزنى ئۆزەمدىن شۇنچە يىراقتەك، بىر ئۆمۈر كۆرۈشەلمەي مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك،بىربىرىمىزنىڭ ئەمىلىي ئەھۋالىنى ئۆز كۆزۈمىز بىلەن كۆرۈپ چۈشىنىش ھاسىل قىلماي  ، بىر يەرگە كېلىپ ۋىسال شادلىقىدىن بەھرىمان بولالماي  ، كاككۇك بىلەن زەينەپتەك، تاھىر بىەلن زوھرادەك ۋىسالسىز ھېجران ئىچىدە ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك تۇيغۇغا كېلىمەن
------------------------

ئەسەردىكى يۇقارقى ئابزاسقا كەمىنىنىڭ " بۈگۈنكى تىما _ تور ۋە مۇھەببەت " ناملىق ماقالىسىدىكى مۇنۇ بۆلەكنى جاۋاب كۆردۈم :

« مۇھەببەت ، ماددىي دۇنيادىكى ئادەملەر ئارىسىدىكى روھىي مۇناسىۋەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئەڭ ئالدى بىلەن 'مۇھەببەت ھورمونى ' دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ماددىنىڭ ئەر ئاياللار ئارىسىدا ئۆزئارا ئۆتكۈزىلىشىدىن بىر-بىرىگە قىزىقىش ۋە قىزىقتۇرۇش ھاسىل بولۇپ ئاندىن بارا-بارا مۇكەممەللىككە تەرەققىي قىلىدۇ .»
دېمەك ، توردىكى مۇھەببەت يۈز تۇرانە بولمىغان شارائىت ئاستىدىكى بىرخىل قىزىقىش ۋە قىزىقتۇرۇش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ھېسسىيات بولۇپ ، يۇقارقى ئەر ئايال ئارىسىدىكى مۇھەببەت ئېنىقلىمىسىغا چۈشمەيدۇ .
شۇڭا بىز توردىكى مۇھەببەتنى ئوخشاش جىنسلىقلار ئارىسىدىكى مۇھەببەت قاتارلىق غەيرىي مۇھەببەت شەكىللىرىگە ئوخشاشلا ، نورمال بولمىغان مۇھەببەت دېگەن كاتېگورىيىگە كىرگۈزۈشكە تامامەن ئاساسىمىز بار . چۈنكى ! ھە ، چۈنكى ، مۇھەببەتنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى ماددىي ئاساسى ياكى پىلتىكۈچى بولغان « مۇھەببەت ھورمونى » ئادەملەرنىڭ كۆزى ۋە يۈز قىسمىدىن ئاجرىلىپ چىقىپ قارشى تەرەپنىڭ كۆزى ياكى يۈز قىسمى ئارقىلىق قوبۇللىنىدىغانلىقى بىزگە مەلۇم !
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 183
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە621دانە
ئۆسۈش: 6.21%
  نادىر تىما: 1
  يوللانما: 621
  ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 1885 سوم
  تۆھپىسى: 1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 152(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
2 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 07:37 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋاي تۇنۇش دۈشەندىن بىرسى چىقىپتۇ ،ئاچچىق -چۈچۈك مۇھاببەتكەن .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 395
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە70دانە
ئۆسۈش: 2.33%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 70
  ياخشى باھا: 10 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 254 سوم
  تۆھپىسى: -1 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 49(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-22
  كىرىشى: 2010-06-10
3 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 07:49 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ھى ھى  ماۋۇ چاقچاقلانى
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 660
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
ئۆسۈش: 1.17%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 35
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 111 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 1(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-24
  كىرىشى: 2010-06-03
4 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 08:16 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

بۇسىزنىڭ ناتۇنۇش مۇ ياكى تۇنۇش سۆيگۈنىڭزمۇ ؟
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: مۇنبەر باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 37
  جىنسى: خانىم
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە223دانە
ئۆسۈش: 2.23%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 223
  ياخشى باھا: 98 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 4244 سوم
  تۆھپىسى: 98 كىشى
  ياخشى باھا: 100 نۇمۇر
  ۋاقتى: 54(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-10
5 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 08:55 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئىنسان  ھامان رېئال  تۇرمۇش قايناملىردا ياشايدىغان گەپ . ئۇ قىزنىڭ تۇتقان تۇرمۇش يولى توغۇرا بوپتۇ .
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 68
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 2.7%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 81
  ياخشى باھا: 33 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 739 سوم
  تۆھپىسى: -2 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 73(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-20
  كىرىشى: 2010-06-10
6 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 10:38 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

مەنچە خىلى يىقىندەك قىلىدۇ، كۆپ يەرلىرىنى توغرا كۆردۈم.
مىسرانىم مۇنبىرىدە دۆلەتنىڭ قانۇن -نىزاملىرىغا زىت تىما ۋە ئىنكاسلار ئاپتۇماتىك سۈزۈلۈپ قېلىنىدۇ.تور بېكىتىمىز دىنىي تىمىلارنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدۇ.خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭIP سى خاتىرلىنىپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا بېرىلىدۇ.ئۆزىڭىز ۋە مۇنبەرداشلارنىڭ ئىناقلىقى ھەم بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ساغلام بولغان تىمىلارنى يوللىغايسىز
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما