سىڭلىمغا يېزىلغان خەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈيۈملۈك ، ئۇماق سىڭلىم قانداق ئەھۋالىڭ؟ ئۈرۈمچىدىكى كۈنلۈرۈڭ قانداقراق ئۈتىۋاتىدۇ؟ ئۆگۈنۈشۈڭ ئالدىراشمۇ؟ ئۆيدىكى چاغدا ئاسانلا ئاغرىپ قالاتتىڭ ، ئۇچاغدا يېنىڭدا دادام ، ئاپاملار بارئىدى ، ھەرھالدا قىينالمايتتىڭ، ئۇرۇمچىدە سىنىڭ ھېچبىر ئۇرۇق تۇققىنىڭ يوق، ئاغرىپ قالساڭ قىينالغانسەن ھە؟ سىڭلىم تەن ساغلام بولسا ياخشى نەتىجە ياراتقىلى بۇلىدۇ، شۇڭا ئۈزۈڭنى ئاسرا، سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل. ئۇماق سىڭلىم كىچىكىپ يېزىلغان بۇخېتىمنى كۆرگىنىڭدە بەلكىم مەندەك بىر ئاچچىقى يامان <<مۇز قاپاق>> ئاكاڭنىڭ بۇخەتتە يەنە نىمىلەرنى دەيدىغىنىنى پەرەز قىلىپ ئۈلگۈرگەنسەن، توغرا مەن يەنە بۇرۇنقى گەپلەرنى قىلىمەن يەنى ساڭا تۈگىمەس نەسھەتلەرنى قىلىمەن.
سىڭلىم ساڭا ئالى مەكتەپنىڭ چاقىرىقى كەلگەندە دادام ئاپامنىڭ ھەم شۇنداقلا مىنىڭمۇ قانچىلىك خۇشال بولغىنىمنى بىلەمسەن، شۇچاغدا مەن گويا بېشىم كۆككە يەتكەندەك خۇشال بولغان ئدىم، بىزنىڭ بۇ چەت يېزىدىن بىرسنىڭ ئۇرۇمچىدەك كاتتا شەھەردە، ئالى بىلىم يۇرتىدا تەربىيلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلۇشى، تېخى بىزنىڭ ئۆيدىن مىنىڭ سىڭلىمنىڭ شۇنداق شەرەپكە ئىرىشىشى مىنى ئەلۋەتتە خۇشال قىلىدۇ دە. شۇكۈندىكى خۇشاللىقىم مىنىڭ 28يىللىق ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ خۇشاللىقىم بولسا كىرەك ، مەن شۇكۈنى ھاياجاندىن كىچىچە ئۇخلىمىغان ئىدىم. لىكىن يەنە قانداقتۇر بىر كۆڭۈلسىزلىكمۇ مىنى بىئارام قىلاتتى، .....
سىڭلىم مانا سەن كەتكىلى بۈگۈن ساق 100كۈن بوپتۇ ، بۇ100كۈن ئىچىدە مەن ئۇلۇغ ئالادىن سىنىڭ ئامانلىقىڭنى تىلىمىگەن بىرمۇ كۈنۈم يوق. سىڭلىم بىلىمەن سەن ئۇيەردە كۆپ قىينىلىۋاتىسەن ، چۈنكى ئۈرۈمچى دىگەن ئىستىمال سەۋىيىسى يۇقىرى شەھەر، ئۇيەردە دادام ئاپامدەك بىر نامرات دېھقاننىڭ يىمەي-ئىچمەي ئەۋەتكەن ئازغىنە پۇلى، ھېچنىمىگە يەتمەيدۇ، سەن باشقىلارنىڭ ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قېلىشىڭ تۇرغانلا گەپ، بەلكىم مەن ئاشۇ بىرقېتىملىق ھادىسىدە مېيىپ بۇلۇپ قالمىغان بولسام ، مەنمۇ كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ئىشلەپ سىنىڭ تۇرمۇش خىراجىتىڭنى غەملەپ بەرگەن بۇلاتتىم، بۇلارنى ئويلىسام دىمىقىم ئاچچىق بۇلىدۇ. سىڭلىم سەن ماڭار چاغدا ئاپامنىڭ نىمىگە شۇنچىۋالا ياش تۈكىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن، سەن بەلكى ئاپام ماڭا قىيماي شۇنداق قىلىۋاتسا كىرەك دەپ ئويلىشىڭ مۇمكىن . توغرا ئاپام ھەقىقەتەن ساڭا قىيمايدۇ، چۈنكى سەن ئاپامنىڭ بىرتاللا ئارزۇلۇق قىزى تۇرساڭ. ئاپامنىڭ شۇنچە ياش تۈكۈشى مەن يۇلۇققان پاجىئە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. سەن بەلكىم بۇلارنى بىلمەيسەن . بۇ مۇنداق ئىش ئىدى.
بۇندىن ئۇزۇن يىل ئىلگىرى، مىنىمۇ دادام ئاپام ، ئۇرۇق تۇققان ، ئەل جامائەت خۇددى سىنى تەبرىكلىگەندەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق قىلىپ ، ئاشۇ ئۈرۈمچىگە يولغا سالغان ئىدى. مەن شۇيىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا بىزنىڭ ناھىيە بۇيىچە ئەڭ يۇقۇرى نۇمۇر ئېلىپ ، ئۈزۈمنىڭ ئارزۇسى بۇيىچە شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتنىڭ فىزىكا پاكۇلتىتىغا قۇبۇل قىلىنغان ئىدىم. ئۇچاغلاردا سەن تېخى كىچىڭ ئىدىڭ، بىزنىڭ ئائىلە گەرچە باي بولمىسىمۇ ھەرھالدا يامان ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن تۇرمۇشتىنمۇ ھەرھالدا خاتىرجەم ئىدىم. ئۈزۈم قىزىققان كەسپىم شۇ بولغاچقا دەرسلەردىمۇ سىنىپ بۇيىچە 1-ئىدىم . ئوقۇتقۇچىلىرىممۇ مەندىن زور ئۈمۈتلەرنى كۈتەتتى، مەن ئالى مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىققان ۋاقتىم ئىدى. مەن شۇيىلى بىر قىز بىلەن مۇھاببەتلەشتىم ، ئۇ بىزنىڭ قوشنا يېزىدىن كەلگەن ، ئىسمى خاسىيەت ئىدى. ئۇ مەندىن بىر يىللىق تۈۋەن ئوقۇيتتى. ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى، مۇلايىم ، ئاددى ساددىلىقى مىنى ئۈزىگە جەلىپ قىلۋالغان ئىدى. بىز كۆپۈنچە ۋاقىىتلادا بىرگە تەكرار قىلاتتۇق. كىتاپخانىلاردا كىتاپ ئوقۇيتتۇق، يېڭى مەسىللىەر توغرىسىدا مۇنازىرىلىشەتتۇق. كۈنلىرىمىز ناھايىتى مەنىلىك ھەم ئالدىراش ئۈتەتتى. بىز بوش چاغلىرىمىزدا باشقا ساۋاقداشلىرىمىزدەك بازار ئايلىنىش، دىسكو كۇلۇپلىرىغا كىرىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن ۋاقىت زايە قىلمايتتۇق. شۇڭلاشقىمىكىن بىزنى باشقا ساۋاقداشلىرىمىز <<مەتو سەھرالىق ئاشىق مەشۇقلار>> دەپ مازاق قىلىشاتتى. بىز شۇنداق قىلىپ خېلى نەتىجەلەرنى قولغا كەلتۇردۇق مەن مەكتەپ بۇيىچە مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى ،خاسىيەت پاكۇلتىت بۇيىچە مۇنەۋەر ئوقۇغۇچى بۇلۇپ تەقدىرلەندۇق. بۇ بىز ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ خۇشاللىق ئىدى. بىز بىرلىكتە مۇكاپات سەھنىسىگە چىققاندا گۈلدىراس ئالقىش ساداسىدىن ھاياجانلانغان ئىدۇق. شۇكۈنى كەچتە بىزنىڭ يۇرتلۇق باللادىن ئادىلنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بۇلۇپ ، ئادىلنىڭ يۇرتلۇق باللانىڭ ئىچىدە خېلى <<ھۆرمىتى >> بار ئىدى. ئۇ يۇرتلۇقلار يىغىلىشى قىلىش ، ئۈزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مۇنا سىۋىتى بىلەن شەنبە كەچكە بىر دىسكو كۇلۇبىغا ئولتۇرۇش تەشكىللىگەن ئىكەن. مىنى بىرقانچە قېتىم شۇنداق سورۇنغا تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ مەن پەقەت بارمىغاچقا، ئۇ مىنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭ دەپ مەندىن نارازى ئىدى. بۈگۈن يەنە مىنى شۇنداق سورۇنغا تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
-يۈسۈپ، ئاغىنە نەچچە ۋاقىتتىن بېرى سىنى بىر تەبرىكلەيمىز دەپ سورۇن قىلسقاق بارمىدىڭ . شەنبە كەچتە بىز يۇرتلۇق بالىلار بىلەن بىر يىغىلىش قىلىپ ئۆز-ئارا تۇنۇشۇش ھەم شۇنداقلا سىنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىڭنى تەبرىكلەپ بىزدىن كىچىكلەرگە سىنىڭدىن ئۆگۈنۈش توغرىلىق تەربىيە قىلىش مەقسىتىدە يىغىلىش قىلماقچ ئىدۇق. مۇبارەك مەھبۇبەڭ خاسىيەتنى ئېلىپ بېرىپ بىرەرسەن-دىدى ئۇ مۇغەمبەرلىك بىلەن ھىجىيىپ.
مەن گەرچە بېرىشنى خالىمىساممۇ ، يۇرتداشلار ئارىسىدا سىنىڭدىن ئۆگۈنۈش توغرىسىدا تەربىيە ئېلىپ بارىمىز دىگەچكە بېرىشنى لايىق كۆردۈم . بەلكىم مەن ئۇلارغا ئازدۇر كۆپتۇر بىرنەرسىلەرنى دەپ ئۇلارنىڭ ئالغا ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولسام ئەجەپ ئەمەس دەپ ئويلۇدۇم.
- بۇلىدۇ ، مەن باراي، ئورنى نەدە -دىدىم مەن،
-شۇڭقار دىسكۇ كۇلۇبىدا - دىدى ئادىل ئالدىراپ . -ئەمىسە ۋاقتىدا بارغىن ،شەنبە كەچ سائەت 6:00دە - ئۇ شۇنداق دەپلا كىتىپ قالدى.
يەنە شۇ دىسكۇ كۇلۇبى ، ھەي ئادىل قاچانلا بولسا دىسكۇ كۇلۇبى دەپلا يۈرىسەندە، بوپتۇ بېرىشنى خالىمىساممۇ ، بۈگۈن يۇرتداشلارنىڭ يۈزىنى قىلىپ باراي ،
شۇنداق قىلىپ مەن خاسىيەتنى ئۇنىمىغىنىغا قويماي بىرگە ئېلىپ باردىم. مىنىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىم شۇنىڭدىن باشلانغان ئىدى. بىز بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا كەلسەكمۇ يەنىلا ھەممنىڭ ئاخىرىدا كەپتۇق . << توۋا ماۋۇلارنى بىرەر ئۆگۈنۈش پائالىيىتى دىسە ،< ھۇرۇن خۇتۇنىڭ پايتىمىسى>دەك سۆرۈلۈپ ۋاقتىدا كەلمەيدۇ . ئۇيۇن دىسە ئەجەپ بالدۇر كىلىۋاپتا، <مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشۈپتۇ> دىگەن شۇ بولسا كىرەك ، بۇ بالىلارمىزە بۇيەرگە ئوقۇشقا كىلىش ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمايدۇ، كۆڭلىگە نۇرغۇن ئارزۇلارنى پۈكۈپ كىلىشىدۇ ، كىلىپلا ئارزۇلىرىنى ئۇنتۇپ ئۇيۇنغا بىرىلگىنى بىرىلگەن ،>> دەپ ئويلۇدۇم مەن . بىزنىڭ كەلگىنىمىزنى كۈرۈپ ئادىل ئالدىمغا كەلدى.
- ھە ، ئاغىنە كىلە ، مائىشىڭ يارايدۇ جۇمۇ سىنىڭ ، قاچانلا بولسا كىتاپ ۋاراقلاپ ئولتۇرساڭمۇ چۇ ،قارا ما كاللا دىگەن ئىشلىمەس بۇلۇپ قالىدۇ ، ئانچە مۇنچە ئويناپ قويساڭ كاللا ئارام تاپىدۇ -دىدى،ئۇ مىنى سورۇنغا باشلىغاچ. ماڭا كاللىنى ئارام ئالدۇرۇش توغرىسىدا پەلسەپە سۆزلىمىسەڭمۇ مەن سەندىن ئوبدان بىلىمەن دىمەكچى بولساممۇ ئۈزۈمنى بېسىۋالدىم. مەن خاسىيەت بىلەن سورۇننىڭ <<تۆرىدى>>دىن ئۇرۇن ئالدىم. ئادىل گېلىنى قىرىپ قۇيۇپ سۆزىنى باشلىدى.
- ھە ، ئاغىنىلەر، يۇرتداشلار بۈگۈن بىرىنچىسىگە مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلەش ، ئىككىنچىسىگە يۇرتداشلار ئۆز-ئارا تېخىىمۇ ئىناق ئۈتۈش مەقسىتىدە بۇيەرگە يىغىلىپ بۇ سورۇننى ئۇيۇشتۇردۇق قېنى ئەمىسە ، ئۈلۈپ كىتىدىغان جاھاندا خۇشال ياشاش ئۈچۈن بۇ رومكىنى كۈتۈرۈپ سورۇننى باشلاپ بىرەي ، ھەممەيلەن خۇشال -خۇرام ئېچىلىپ، ئويناپ ئولتۇرۇڭلار ئەمىسە. خوشە،- ئۇشۇنداق دەپلا بېلىق كۈزى قىلىپ تولدۇرۇلغان رومكىنى بىكارلىدى. مىنىڭ ئازراق ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ ئۈندىمەستىن ئولتۇردۇم ، ھۇ كاززاپ يۇرتداشلارغا سەندىن ئۆگۈنۈش توغرىسىدا تەربىيە قىلىمىز دەۋاتمامتىڭ ، قېنى ئۇ گىپىڭ ، بۇلارنىمۇ ئۆزۈڭدىن ئۆگۈتۈپ <زابوي>قىلاي دەپسەندە دەپ ئويلىدىم. ئۇ يەنە بىر رومكىنى لىقلاپ ماڭا تۇتتى ، -قېنى يۈسۈپ ، ئالە بىرنى ئىچ ، ئۆگۈنۈش قىلىپ چارچاپ كەتكەن نېرۋىلىرىڭ ئارام تاپسۇن-.
- ئادىل مىنىڭ ئىچمەيدىغىنىمنى بىلىسەنغۇ ، -بولدى ماڭا زورلىما.
- ھوي قارىسام بۇرتنى بىر يوغان قۇيۇۋاپسەن ، ئىچمەيمەن دىگىنىڭ نىمىسى، بۇ ۋاغۇ قارا ، شۇنداق ئىسىل نەرسىكى ، بۇنى ئىچسەڭ، يۈرەك كىرىدۇ، مەھبۇبەڭنىى زىرىكتۈرمەي ،گەپ قىلىپ ، تانسا ئويناپ ئولتۇرىسەن.- ئالە بىرنى ئىچ. قۇشناچىمدىن قورقامسەن يا. -سورۇندا ئالاتاغىل ئەبجەش كۈلكە كۈتۈرۈلدى. ئۇنىڭ بۇ قاملاشمىغان چاقچاقلىرىدىن خاسىيەتنىڭمۇ جۇدۇنى تۇتقان ئىدى، ئۇبىرنەرسە دىمەكچى بوپتى مەن بولدى قىل دىگەن مەنىدە يىنىك نۇقۇپ قويدۇم. ئۈزۈممۇ ئاچچىقىمنى زورىغا بېسىپ ، - بولدى قىل ئادىل مەن بۇنى ئىچمىسەممۇ، گەپ قىلىپ تانسا ئوينىيالايمەن.- دىدىم تەئەددى بىلەن. ئادىل بىرنەرسىنى پەملەپ قالدىمۇ قانداق . ماڭا ئارتۇق ھاراق زورلىمىدى.
شۇنداق قىلىپ بۈگۈنكى سورۇن ئىچىشۋازلىق ، ئالاتاغىل ۋارقىراش ، باشقا بىر مىللەتنىڭ ئەبجەش ئۇسۇللىرىنى ئويناش بىلەن باشلاندى. بۇيەردىكى يۇقىرى چاستوتىلىق مۇزىكا ئاۋازىغا تەڭكەش قىلىپ ئوقۇلغان ، تىلىنى بىلمەيدىغان غەلىتە ناخشىلار قۇلاق مىڭەمنى يەپ كەتكەن ئىدى. <<ئىسىت ، ئادىل دىگەن كاززاپنىڭ گىپىگە كىرىپ، ماۋۇ <يۇرتداش>>لىرىمغا تەربىيە ئىشلىگىلى بۇيەرگە كەلگەندىكىن مەنمۇ بىر ئەخمەق . بۇيەرگە كەلگىچە < ئوپتىكا > توغرىسىدىكى ئىلمى ماقالەمنى يازسامچۇ>> دەپ ئويلىدىم كۆڭلۈمدە. سورۇندىكىلەر جۈپ -جۈپ بۇلۇپ سورۇنغا چۈشۈپ تانسا ئوينىشىۋاتاتتى ، خاسىيەت بىلەن ئىككىمىزلا ئولتۇراتتۇق، ئۇ مىنىڭ نىمىنى ئويلاۋاتقىنىمنى بىلگەن بولسا كىرەك . كىتەيلى دىگەن مەنىدە ئىشارەت قىلدى . مەنمۇ ماقۇل دىگەن مەنىدە ، سىرتقا ماڭدىم . شۇنداق قىلىپ بىز ھېچكىمگىمۇ دەپ قويماي سىرتقا ماڭدۇق . بۇچاغ سائەت 10:00لار ئەتراپىدا بولغان ئىدى. بۇيەر شەھەرنىڭ چېتىدىراق بولغاچقا ، تاسكىىلارمۇ كۈرۈنمەيتتى. بىز ئامالسىز پىيادە مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇق .
-كەلمەيلى دىسەم ئۇنىمىدىڭىز، كەلمىسىەكمۇ بوپتىكەن -دىدى خاسىيەت.
-شۇنى دەڭا ، مەنمۇ كەلگىنىمگە پۇشايمان قىلىۋاتىمەن ، ئىسىت 4سائەتتەك ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلدىمدە بۇ كاززاپقا. ماقالەمنى يېزىۋالسامچۇ. دىدىممەن خورسىنغان ھالدا.
- بوپتۇ ، يۈسۈپ، بۇندىن كىيىن كەلمىسەكلا بولدىغۇ . ھەراست يۈسۈپ سىزنىڭ يازماقچى بولغان ماقالىڭىزنىڭ تېمىسى نىمە-. << ئوپتىكا ئىلمىنىڭ كەلگۈسى خەۋەرلىشىش ئىشلىرىدا ئوينايدىغان رولى>> مەن بۇ توغرىسىدا جىق ئىزدەندىم ، بىلەمسىز كەلگۈسىدە ، ئالاقە ئىشلىرى شۇ قەدەر تەرەققى قىلىدۇكى ، ھەر بىر ئادەمدە بىردىن يان تېلفۇن بۇلىدۇ ، نەدە بۇلۇشىدىن قەتئى نەزەر كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن بىمالال ئالاقە قىلالايدۇ، مەن بۇماقالەمدە مۇشۇ ئالاقە ئىشلىرىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئېلىپ چىقىدىغان <ئوپتىكا> توغرىسىدا توختۇلىمەن.
-يۈسۈپ نىمە ئۇ <ئوپتىكا>، <يان تېلفۇن> دىگەن . -
- <ئوپتىكا>دىگەن نۇر دىگەن گەپ ، كىيىن مۇشۇ نۇر بىلەن ئالاقە ئېلىپ بارىمىز. ھەربىر ئادەمنىڭ يېنىدا بىردىن تېلفۇن بۇلىدۇ.
- ھەممە ئادەمنىڭ يېنىدا تېلفۇن بۇلىدۇ دىدىڭىزما ، ئەقىلگە مۇۋاپىق گەپ قىلىڭا يۈسۈپ، تېلفۇن دىگەن چوڭ نەرسە تۇرسا ، ئادەم ئۇنى نەردە كۈتۈرۈپ يۈرىدۇ. -
- <دۆت> شۇنىمۇ بىلمىدىڭىزمۇ ، ئۇچاغدا تېلفۇن كىچىكلەپ ، سەرەڭگىنىڭ قېپىچىلك بۇلىدۇ.- دىدىممەن ئۇنى ئەركىلىتىپ. خاسىيەت چىرايلىق تۇمشۇقىنى ئۇچلاپ ، -ھە مەن دۆت سىز بەك ئەقىللىق - ئەقىللىق ئادەم دۆتتىن يىراقراق مىڭىڭ ، ئۇ شۇنداق دەپ مىنى ئىتتەردى. -چاقچاق قىلپ قويدۇم ، ىاپا بولمىڭە بولدى . مەن ئۇنىڭ يۇمشاق قوللىرىدىن تۇتتۇم. بىز شۇنداق قولتۇتۇشۇپ كەلگۈسى ئارزۇلىرىمىز تورسىدا پاراڭلىشىپ كىتىپ باراتتۇق.
- خاسىيەت ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ بولۇپ نىمە قىلىسىز ،-
- يۇقۇرلاپ ئوقايمىكىن دەيمەن، بېيجىڭ مىللەتلەر ئونۋىرسىتىدا كەسپىم بۇيىچە بىلىم ئاشۇرايمىكىن دەيمەن.-
- نىمە توي قىلىپ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرمەمسىز-
-يۈزى قېلىن ، نىمانداق گەپ قىلىسىز، - ئۇنداق گەپ قىلماڭ مەن خىجىل بۇلىدىكەنمەن.- دىدى ئۇ -.
ئۇنىڭ شەلپەردەك قىزىرىپ كەتكەن يۈزىگە قاراپ ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم گۈلۈم ، مەن سىز نى قوللايمەن بوپتۇ داۋاملىق ئوقۇڭ ، كەسپىڭىزدە ئەڭ يۇقىرى ئۇرۇنغىچە توختىماي ئوقۇسىڭىزمۇ مەن سىز تەرەپتە بۇلىمەن. مەنمۇ بۇيىل يەنجۇسىڭلىققا ئىمتاھان بىرەيمىكىن دەۋاتىمەن، كەلگۈسىدە ئامرىكىغا بېرىپ ، فىزىكا ئىلمى بۇيىچە دوكتۇر لۇقتا ئوقۇيمەن. دىدىممەن.
- ئىككىمىز ئوقۇپ بوۋاي بىلەن موماي بۇلۇپ كەتكۈدەكمىزدە- دىدى خاسىيەت يېقىملىق كۈلۈپ.
- ھەجەپ چىرايلىق كۈلىدىكەن ماۋۇ تۇمۇچۇق- دىگەن ئاۋاز بىلەن ھەر ئىككىلىمىز چۈچۈپ كىتىشتۇق، بىز مەكتەپكە يېقىن جايدىكى بىر قاراڭغۇ تار كوچىدا كىتىۋاتاتتۇق. ئالدىمىزدا بىر-بىرىدىن يوغان تۆت -بەشچە ئەر كىشى تۇراتتى ، قاراڭغۇدا ئۇلارنىڭ چرايىنى تازا ئېنىق كۈرەلمىدىم.
-ھەي يىگىت سەن تېخى ياش ئىكەنسەن، بىز سىنى بىر نىمە قىلماستا بۇ تۇمۇچۇقنى تاشلاپ، بۇيەردىن ئاستا كىتىۋال-، مىنىڭ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ كەتتى . - ئاكىلار كەچۈرسىلەر مەن ئۇنداق قىلالمايمەن- بۇ مىنىڭ سۆيگۈنۈم بىز ئونۋىرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، بىزنى كەتكىلى قۇيۇڭلار - دىدىممەن ئۇلارغا يۈزلىنىپ .
- ئونۋىرسىتىتنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى، ئۇنداق بولساڭ نىمە بوپتۇ، چىرايلىقچە بۇيەردىن كىتىۋال-ئۇلار شۇنداق دىگىنىچە بىز تەرەپكە قىستاپ كەلدى.
خاسىيەت نىمە قىلارىنى بىلمەي ، جالاقلاپ تىتىرەيتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى ھېچ ئىش بولمىغاندەك خاسيەتنىڭ قۇلىدىن تۇتۇپ تارتتى. مەن ئاچچىقىمغا پايلىماي ئۇنىڭ كۈزىگە كىلىشتۈرۈپ بىرنى قويدۇم، ئۇ <ۋايجان> دىگىنىچە يىقىلىپ چۈشتى. قالغانلىرى گۈررىدە يۇپۇرلۇپ كىلىپ مىنى تەرەپ -تەرەپتىن ئۇرۇشقا باشلىدى. مەن بىر تەرەپتىن تىركەشكەچ يەنە بىر تەرەپتىن بار كۈچۈم بىلەن <خاسىيەت تىز قېچىڭ> دەپ ۋارقىرايتتىم. خاسىيەت قاچقان بولسا كىرەك ، مىنى ئۇرىۋاتقانلاردىن ئىككىسى ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. مەن باركۈچۈم بىلەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مىنى ئۇرۇۋاتقانلارنىڭ بىرىنىڭ نەق جان يىرىگە تىزدىدىم، <ۋايجان > دىگىنىچە بىرى يېقىلدى . يەنە بىرى يېنىدىن ۋالىلداپ تۇرغان پىچىقىنى چىقاردى دە ئارقا تەرىپىمدىن ، دەل بىلىمگە بىر پىچاق ئۇردى.
ئاھ نىمىسىنى دەي شۇنداق قىلىپ مەن يىقىلدىم ، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنى بىلمەيمەن ، كۈزۈمنى ئاچسام ئۈيۈمدە تۇرۇپتىمەن. دەرھال خاسىيەت ئىسىمگە كەلدى <خاسىيەت> مەن ئورنۇمدىن تۇرماقچى بولدۇم ، لىكىن پۇت- قۇلۇمنىڭ جېنى يوقتەك قىمىر قىلمايتتى. مىنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلاپ، دادام- ئاپام يۈگۈرۈپ كىردى. مەن ئۇلارنى تۇنۇيالمايلا قالغان ئىدىم. ئۇلار خۇددى 20ياش قېرىپ كەتكەندەك، چاچلىرى ئاقىرىپ، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان ئىدى.
- ئاپا ، مەن بۇيەردە نىمە قىلىمەن ، خاسىيەت قېنى.-......
- ئاپام ، يۇم-يۇم يىغلاپ ماڭا تەسەللى بەردى،
- خۇداغا شۇكۈر جېنىم بالام ، سەن ئاخىرى كۈزۈڭنى ئاچتىڭ،.... خاسىيەت ، ئۇ..
ئاپامنىڭ دەپ بىرىشىچە، ئۇ قارا نىيەتلەر شۇكۈنى ماڭا پىچاق سېلىۋەتكەندىن كىيىن ، خاسىيەتنى ئاياق ئاستى قىلىشىپتۇ، خاسىيەت بۇ خورلۇققا چىدىماي ئۇلۈۋاپتۇ، مىنى چالا ئۈلۈك ياتقان يېرىمدىن ، كوچىنىڭ تازلىق ئىشچىلىرى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ، دوختۇرلار مىنى قان بەك كۆپ چىقىپ كىتىپتۇ ، ئامال يوق ،ئۈلۈپ كىتىدۇ، دىگەندە، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان مەكتەپ مەسئۇللىرى، مىنىڭ بارلىق چىقىمىمنى مەكتەپ تەرەپ ئۈستىگە ئالىدىغانلىقنى ، مىنىڭ ھاياتىمنى قانداقلا بولمىسۇن ساقلاپ قېلىشنى دەپتۇ، دوختۇرلارنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ 6ئاي داۋالىشى بىلەن ، مىنىڭ ھاياتىم ساق قاپتۇ، لىكىن مەن <ئۈسۈملۈك> ئادەم بوپ قاپتىمەن . كىيىن مەكتەپتىكىلەرمۇ ، مىنى ئەمدى يۇرتقا قايتۇرۇپ كىتىشنى تاپىلاپتۇ، شۇندىن بېرى بۈگۈن مىنىڭ تۇنجى قېتىم كۈزۈمنى ئېچىشىم ئىكەن.
بۇلارنى ئاڭلاپ ، ئاچچىق بىر نەرسە گېلىمغا كەپلەشتى ، كۈزۈمدىن ، ياشلار يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلەتتى. <ئاھ خۇدا ، بۇ نىمە ئۈچۈن ، نىمىشقا بۇنداق بۇلىدۇ، قېنى مىنىڭ گۈلۈم، قېنى مىنىڭ ئارزۇ -ئارمانلىرىم ، ئادەملەر نىمىشقا بۇنچە رەھىمسىز، مەن ئۈلۈپلا كەتسەم بولمامدۇ، بۇ ماڭا نىمە تارتقۇلۇق، > مەن ۋارقىرايتتىم، يۇلقۇناتتىم.
- ئۇنداق دىمىگىن جېنىم بالام ، بىزنى ئويلا ، سەن ئۆلسەڭ بىز نىمە بۇلۇپ كىتىمىز، خۇداغا مىڭ شۈكرى ، ئۇ نائەھلىلەر ساڭا قەس قىلغان بىلەن ، خۇدايىم سىنىڭ جېنىڭنى ئامان قىلدى، ئۇلارنىڭ جاجىسىنى خۇدايىم بىرەر بالام، - ئاپاممۇ ئۈزىنى تۇتالماي يىغلايتتى.
بىچارە ، ئاپام بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى، مەن گاراڭ ھالەتتە ساراڭدەك ، ئاسمانغا قاراپلا ياتاتتىم. خۇدادىن جېنىمنى تېزراق ئېلىشىنى تىلەيتتىم. مېھرىبان ئاپامنىڭ مەدەت بىرىشى بىلەن مىنىڭ روھىيىتىمدە ئاستا -ئاستا ئۆزگىرىش بۇلۇشقا باشلىدى، مەن ھاياتىمنى قايتىدىن باشلاشقا تىرىشتىم، دادام ئۆيدىكى بىردىن -بىر قوينى سېتىپ ماڭا چاقلىق ئۇرۇندۇق ئېلىپ بەردى. مەن جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق چاقلىق ئۇرۇندۇق ئارقىلىق ئۈزۈمنىڭ ھاجىتىدىن ئۈزۈم چىقالايدىغان بولدۇم. بۇنى كۈرۈپ دادام، ئاپاملارنىڭمۇ كۆڭلى خاترىرجەم بۇلۇپ، قولى ئىشقا باردى. شۇنداق قىلىپ بۇ چاقلىق ئۇرۇندۇققا مەڭگۈلۈك بەنت بولدۇم.
ئۇماق سىڭلىم ، بۇ خەتنى كۆرگىنىڭدە ، بەلكىم پۇشايمان ياشلىرىڭ ئۇماق يۈزۈڭنى ھۆللىگەندۇ. مىنىڭ ساڭا قالغان نەسھەتلىرىمنى خاتا چۈشىنىپ ماۋۇ <توكو> ماڭا نەسھەت قىلماي ، ئۈزىنىڭ ئىشىنى قىلسا بولمامدۇ دەپ ئاپامغا داتلىغىنىڭغا ، نەچچە قېتىم مەن بار يەردە ماۋۇ كىسەل كۆرپىسى بىزنى مۇشۇنداق نامرات قىلىۋاتتى ، ئاپا بۇنداق ئادەمنى نىمىشقا تۇغقان بولغىيدىڭىز، دەپ مىنىڭ ۋە ئاپامنىڭ قەلىپ يارىسىنى تاتىلىغىنىڭغا پۇشايمان قىلىۋاتقانسەن. سىڭلىم مەن بۇلارنى ھەرگىز ئېغىر ئالمايمەن، چۈنكى ئۇ ئىشلار يۈ بەرگەندە سەن تېخى كىچىك ئىدىڭ. نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمەيتتىڭ. بىلمەيتتىڭ. سىڭلىم مىنىڭ ساڭا نەقەدەر ئامراقلىقىمنى بىلەمسەن ، سەن مىنىڭ بىردىنبىر قېرىندىشىم، بىردىنبىر ئۈمۈدۈم، سىڭلىم، سەنمۇ ئاشۇ كاتتا شەھەرگە ، ھەممە نەرسە بار بولغان ، بىلىممۇ، ئالىجاناپلىقمۇ ، پەسكەشلىكمۇ بولغان بىر مۇرەككەپ دۇنياغا يالغۇز ئاتالاندىڭ. مىنىڭ سەندىن كۈتىدىغان ئۈمۈدۈم ، كەسپىڭنى ياخشى ئۆگەن ، بىزنىڭ بۇ ياقا يۇرتتا دوختۇرلار بەك كەمچىل ، شۇ سەۋەپتىن نۇرغۇن ئاددى كىسەللەرمۇ ئۈلۈپ كىتىۋاتىدۇ،
خەيىر ، سىڭلىم، سەن ئانامنىڭ نىمىگە شۇنچە يىغلايدىغانلىقىنى بىلدىڭمۇ، ئانام سىنىڭمۇ مەن يۇلۇققاندەك پاجىئەگە يۇلۇقۇپ قېلىشىڭدىن ، ئەنسىرەيدۇ. ھازىر ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا ئابرويپەرەسلىك، بوشاڭلىق، ئۇنى ئازدەپ يۇرتداشلار ئولتۇرىشى دەيدىغان قاملاشمىغان ئىشلار كۈپۈيۈپ كەتتى. مەيلى باشقىلار نىمە دىسە دىسۇن ، ئاددى -ساددا بول. قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا دادامنى، مېھرىبان ئاپامنى ئويلا، ئۇلار بىزگە ھەرۋاقىت مەدەت ئاتا قىلالايدۇ، قاملاشمىغان يۇرتداشلار ئولتۇرىشىغا بارما. سەن ياخشى ئۆگەنسەڭلا ، سورۇنغا بارمىسىاڭمۇ باشقىلار سىنى تۇنۇيدۇ. ساڭا ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ، خەيىر سىڭلىم ئارتۇق گەپ قىلىپ ۋاقتىڭنى ئالماي ، ئىسىڭدە بولسۇن ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت، ئاددى -ساددىلىق ئەڭ ئىسىل پەزىلەت. تەتىلدە كەلگىنىڭدە ، سەندىن خوش خەۋەر ئاڭلاشنى تۇلىمۇ ئۈمۈت قىلىمەن. خەيىر مەن يەنە خەت يازىمەن ، ئۈزۈڭنى ئاسرا. سىنى سۈيۈپ: مېيىپ ئاكاڭدىن. ھۆرمەتلىك تورداش دوسلار مەن ، چاقلىق ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرۇپ <سىڭلىمغا يېزىلغان خەت>نى سىلەرگە سۇندۇم . بەلكىم يەنە نۇرغۇنلىغان سىڭىللىرىمنىڭ ، بۇنى ئوقۇغاندىن كىيىن توغرا ھايات يۇلىنى تاللايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
2010-يىل17-ئۆكتەبىر دىيارى ئاۋات
تېمىڭىزنى تورداشلىرىڭىز پۇلغا سىتۋالسا ئاندىن كۆرەلەيدىغان قىلىپ يوللاپسىز ، مۇنبىرىمىزدە پۇلغا سىتۋىلىپ كۆردىغان تېمىلار بىردەك تەستىقلانمايدۇ . شۇڭا تېمىڭىزنى ئىچىۋىتىپ ھەممە ئەزالار كۆرەلەيدىغان قىلىپ تەھرىرلەپ قويدۇم .[ بۇ يازما kun^kiz تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]