سىز نىمە ئۈچۇن كەمبەغەل بولۇپ قالدىڭىز
vZ57
S13 k\j_hu g.%} +5 توردا<<كەمبەغەل>> دېگەن سۆز دائىم كۆزگە چىلىقىپ تۇرىدۇ، ئەرزان باھالىق ماشىنلارنى <<كەمبەغەللەر ماشىنىسى>>دېسە بۇلىدۇ.ئاددىي كومپىيوتىرلارنىمۇ<<كەمبەغەللەر كومپىيوتىرى>>ەېسە بۇلىۋىرىدۇ. ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە بىر ئاجىز كوماندا كۈچلۇك كوماندىنى يېڭىپ چېمپىيون بۇلىۋىدى،<<كەمبەغەللەر غەلبە قىلدى>>دېيىلدى بازاردىكى ئەرزان باھالىق مايكىلارنى بەزىلەر<<كەمبەغەللەر كىيىمى>>دېۋىدى،بۇنىڭغىمۇ ھىچكىم ئېتىراز بىلدۈرمىدى.ئومومەن،پۇلى يوقلار كەمبەغەللەردۇر. پۇلى بارلارنىمۇ كەمبەغەل دېيىشكە بولىدۇ.ناۋادا ئۇ ئۆزىنى باي دەپ ئاتىمىسىلا.
e"bzZ!c&~V كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئومۇميۈزلۇك ياخشىلانغان ئەھۋال ئاستىدا، كەمبەغەل ۋە باي دېگەن ئۇقۇمدا ھىچقانداق پەرىق قالمىدى.بىر قانچە ۋاقىتلارغىچە،سىز تاشقى كۆرىنىشىدىن بىر ئادەمنىڭ باي ياكى كەمبەغەل ئىلەنلىگىنى ئاسانلىقچە پەرق ئېتەلمەيسىز.بىل گايتىس ھەر دائىم ئاددىي كىيىملەرنى كىيىپ يۈرىدۇ.ۋاھالەنكى،شەھەرلەردىكى مەدىكارلارغا قاچانلا قارىسىڭىز ئۇچىسىداساپلا پىچەت كاستوم- بۇرۇلكا.
'r\RN\PT <<كەمەغەل>>ۋە<<باي>> بىر--بىرىگە قارىمۇ-قارشى ئىككى ئۇقۇم.
UF }[%Sa چەت ئەللىكلەر مەبلەغ سالغان شىركەتلەردە ئىشلەيدىغان<<ئاق ياقىلىقلار>>لارنىڭ ئايلىق مائاشى 3000يۇئەن بولسىمۇ،يەنىلائۇ ئايدىن بۇ ئايغا يەتكۇزەلمەي قاخشايدۇ،ھالبۇكى،پىنسىيەگە چىققان بوۋايلارنىڭ مائاشى ئاران 1000يۇئەن ئەتراپىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز تۇرمۇشىغا شۈكۇر-قانائەت قىلىپ ئۆتىدۇ.
/N
كەمبەغەللەر بىلەن بايلار بەزىدە ئوخشاش تەسىراتقا كىلىپ قىلىشى مۈمكىن.بايلار مەركەزلەشكەن رايونلاردا،بىر ئادەمنىڭ چىرايلىق تۇرالغۇسى ۋە ماشىنىسى بولسىمۇ،ئۇ يەنە تۈۋەن مائاشلىق ئادەم بۇلۇشى ۋە ھەر كۇنى جان بىقىش ئۈچۈن پايپىتەك بۇلۇپ يۈرىشى ئىھتىمال.نامرات رايونلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تۇرمۇش سەۋيەسىگە شۇ يەردىكى كاتتا بايلارمۇ ھەيران قىلىشى مۈمكىن. -KfK~P3PF
كىرىمى قانچە يۇقىرى كىشىلەر، ئۆزىنى شۇنچە كەمبەغەل ھېس قىلىدۇ.مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانىسى بۇ ھەقتە تەكشۇرۇش ئىلىپ بارغاندا، ئايلىق كىرىمى 1000يۇئەندىن تۈۋەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋيەسىنى ھاللىق سەۋيەگە يەتتى دەپ قارىغان. ھالبۇكى،قىسمەن ئايلىق كىرىمى 3000-5000 يۇئەنگىچە بولغان كىشىلەر بولسا،ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ھاللىق ئۆلچەمدىم خېلى يىراق دەپ ھېس قىلغان. zb"4_L@m2
ھاللىق سەۋيە پەقەت تۇرمۇشنىڭ ئاساسىي قاتلىمىلا بولالايدۇ. نوپۇزلۇق ئورگانلارنىڭ ھاللىق سەۋيە ھەققىدىكى تەبىرى مۇنداق:بىرى، كىشى بىشىغا توغرا كىلىدىغان گ د پ كۆرسەتكۈچى 800دوللارغا يەتكەن بولۇش؛ يەنە بىرى، يېمەك ئىچمەككە كەتكەن خىراجەت ئائىلە كىرىمىنىڭ 50پرىسەنتتىن تۆۋەن بولغان بولۇش. }' Y)"8AIA
كىيىم يېمەك-ئىچمەك ئۈچۇن باش قاتۇرۇپ يۈرگەن بولسا،شۇ كىشىنى كەمبەغەل دىسە بولىدۇ.تۇرمۇش بايلار ئۈچۇن تۇرمۇشتۇر.كەمبەغەللەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،پەقەت كۈن كەچۈرۇشتىن ئىبارەت. tCGx]\
ئاشۇ تولىمۇ نامرات كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا،<<سىز نىمە ئۈچۇن كەمبەغەل بولۇپ قالدىڭىز>>دىگەن مەسىلىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئولتۇرۇشنىڭ ھىچقانچە ئەمىلى ئەھمىيىتى بولمىسا كېرەك. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتىشكە قۇربىتى يەتمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كەمبەغەللىك ۋە بايلىققا بولغان تۇنۇشى چەكلىك تۇرمۇش تەجىربىلىرىدىن كەلگەن بۇلۇپ، تۇرمۇشقا كېرەكلىك بولغان بۇيۇملارغا ئىگە بپلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن ھۆكۈم قىلىنغان.ھالبۇكى،شەھەرلەردىكى كەمبەغەللەر ياكى باي رايۇندەكى كەمبەغەللەرنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۇپ قويغان نەرسە قورساق مەسىلىسى ئەمەس،بەلكى تەرەقىيات مەسىلىسى. BKb#\(95*
باي بولغانلىق شەرەپ ئەمەس، كەمبەغەل بولۇپ قالغانلىقمۇ نومۇس ئەمەس. B9$f y).Gp
بىر ئادەمنىڭ قىممىتىنى ماددى ئۆلچەم ئارقىلىق ئۆلچەشكە بولمايدۇ.تۇرمۇش ئۇسۇلى رەڭگا-رەڭ، بايلار خوشال-خورام ياشايدۇ،كەمبەغەللەر ئازاپ -ئوقىبەت چېكىپلا يۈرىدۇ،دېگەنمۇ ئەخمىقانە گەپ. تۇرمۇشنىڭ بەختلىك بۇلىشى كۆپ ھاللاردا باي-كەمبەغەللىك بىلەن مۇناسىۋەتسىز.قانداق ئادەمنى كەمبەغەل دەيمىز،قانداق ئادەمنى باي دەيمىزدېگەن مەسىلىدە ئەزەلدىن ئېنىق ئۆلچەم بولغان ئەمەس. &IzNoB
ھەممە ئادەم ئۆزىگە: مەن نىمە ئۆچۈن كەمبەغەل بولۇپ قالدىم ؟دېگەن سۇئالنى قويۇپ باقسا بولىدۇ. 4cPZGZ{U
4pQf*l8e
مەنبە: تەربىلىنىشتىكى 99پاراسەت دىگەن كىتاپتىن EQd
lz<'
L.
.
قەيسەر قەييۇم تەرجىمىسى yTK3eK
يوللىغۇچى: پىچانگۇل gC iM\Qx
2010-يىل10-ئاينىڭ17--كۇنى.[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]