قاغىلىق نامى توغرىسىدا قاراشلار )4w3$Q قاغىلىق نامى توغرىسىدا مۇنداق قاراشلار بار :
j{%'A ?+{qmqN 1) بۇ يەر نامى < تۇرۇپ قالسا بولىدىغان يەر > دېگەن مەنەدىكى < قالغۇلۇق > دېگەن سۆزدىن ئۆزگىرىپ كەلگەن .
Xr|e%]!** 2 ) < پادىشاھلىق يەر > ياكى <خانلىققا تەۋە جاي > دېگەن مەنىدىكى < قاغانلىق > دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن .
a/q8v P 3) < قارلۇق > قەبىلىسىنىڭ ئىسىمىدىن كەلگەن .
u|ru$cIo 4) < قارخ > ۋە < قىلىخ > دىن ئىبارەت ئىككى سۆزدىن بىرىككەن بولۇپ مەنىسى < ئالۋان يەر > ( ياساق بىرىدىغان يەر ) ياكى < بەگ ئەمىرلەرگە بۆلۇپ بىرىلگەن ۋە شۇلارغا ئالۋاڭ تۆلەيدىغان يېزا > دېگەنلىك بولىدۇ .
]<o^Q[OL 5) < قاغا كۆپ جاي > دېگەنلىك بولىدۇ .
n]_<6{: U &,=t2_n يۇقارقىدىن باشقا يەنە < قالغۇ > ۋە ياكى < قالغانلىق > دېگەن سۆزدىن ئۆزگۇرۇپ كەلگەن دېگۇچىلەرمۇ بار .
A0uA\E4q ;MKfssG تارىخي مەلۇماتلاردا قاغىلىق مىلادى 7- ئەسىرلەردە < چەكۈك بالىق > دەپ ئاتالغان ( شىنجاڭ تەزكىرىسى ، 1996-يىلى 1- سان—يىلان ) ، بۇنىڭدىن بىلىشكە بولۇدىكى < قاغىلىق > كىيىنكى چاغلاردا قوللىنىلغان نام بولىشى كىرەك .
lz0'E'%{P lH
oV>k يۇقارقى قاراشلارنىڭ ئىچىدە ئالدىنقى 4 قاراشنىڭ پاكىتلىرى ئىنىق ئەمەس ، كىيىنكى قاراشنى قۇۋەتلەيدىغانلارمۇ پەقەت : < قارغالىغ — قارغالىق — قارغىلىق — قاغىلىق > دەك سۆز ئۆزگۇرۇشىدىن ھازىرقى ئىسىم مەيدانغا كەلگەن دەپ چۇشەندۇردۇ ۋە بۇنىڭغا <تارىخي رەشىدى > ۋە تۇركىي تىللار دىۋانىدا < قارغالىخ > دەپ يىزىلغانلىقىنى پاكىت كۆرسىتىدۇ ، لىكىن شىخەنزىدىكى ۋە گۇچۇڭدىكى < قاغىلىق > دېگەن يەر ئاتالغۇلىرىنى بۇ ئىسىم بىلەن چۇشەندۇرگىلى بولمايدۇ ،
uI&
bdyE9t
بىزنىڭ قاغىلىق ( مەن قاغىلىقتا تۇغۇلغان ) شىۋىسىدە ئەدەبىي تىلدىن پەرىقلىق ھالدا ، خۇددى خوتەن شىۋىسىگە ئوخشاپ كىتىدىغان خاھىش ۋە زۆزۇرىيەتنى ئىپادىلەيدىغان بىر خىل پېئىل شەكلى مەۋجۇت ، بۇ خىل پېئىل شەكلى < غۇ ، قۇ ، گۇ ، كۇ > دىن ئىبارەت پېئىل ياسايدىغان قوشۇمچىلار ئارقىلىق ياسالغان ھەركەت ناملىرىنىڭ ئاخىرىغا < لىك ، لىق ، لۇق ، لۈك > قوشۇمچىلىرى ، ئۇنىڭدىن كىيىن < يا > ئۇلانمىسى ئۇلۇنۇپ ياسىلىدۇ . _sNJU
OD1>s6uA7
مەسىلەن : بارايلى —- باغۇلۇق (يا ) ، كۆرەيلى— كۆگۈلۈك (يا ) ، كېتەيلى — كەتكۈلۈك (يا ) ، قارايلى — قاراغۇلۇق (يا ) …… دىگەندەك . ئاخىرقىسىغا دېققەت قىلىڭلار ۋە تىز تەلەپپۇز قىلىڭلار ، بۇ دەل قاغىلىق سۆزىنىڭ ئىتمولۇگىيىسىدۇر . 7`t[|o
قاغىلىق تارىختىن بىرى يىپەك يولىدىكى مۇھىم ئورۇن بولۇپ ،شىنجاڭنىڭ خەلىقئارالىق قاتناش تۇگۇنىگە جايلاشقان ، شىزاڭ ( تىبەت ) ، كەشمىر ، ئافخانىستان ، پاكىستان ، ھىندىستان ئارقىلىق چەتئەللەرگە بارىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ بولغان ، سىياسى ، ھەربىي ئىستىراتىگىيە جەھەتتە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ ، ھازىرقى چوڭ خەرىتىلەردىمۇ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر چۇشۇرۇلمىسىمۇ قاغىلىقنى خەرىتىدىن ھامان تاپقىلى بولىدۇ ،شۇڭا قاغىلىقنى تارىختا ئۆتكەن ھۆكۇمدارلار < قارايلى > ياكى < قاراغۇلۇق > دەپ قاراپ شۇنداق ئاتىغان بولسا ، بۇ سۆز كىيىنچە : قاراغۇلۇق — قاراغىلىق — قارغىلىق — قاغىلىق دەك ئۆزگۇرۇش ياساپ دەۋرىمىزگە يىتىپ كەلگەن بولىشى تامامەن مۇمكىن !!! . U3ao:2zP
7{DSLKtN
شۇڭا مەن < قاغىلىق > نامى < قارايلى > مەنىسىدىكى سۆزدىن ئۆزگۇرۇپ كەلگەن دېگەن قاراشتا ،بۇ پەقەت مىنىڭ ئۆز كۆز قارىشىم ، بۇنى يەنىمۇ تولۇق پاكىت بىلەن يورۇتۇشقا توغرا كىلىدۇ 。 2/G`ej!*
\bWo"Yo
مەنبە- ئۆزەمنىڭ يازمىسى)ئىلگىرى شەبنەم مۇنبىرىدە ئىلان قىلىنغان( YumHECej