رىياسەتچى بولۇش كويىدا
( فېلىيەتون )
ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى
مەندە رىياسەتچى بولۇش ئارزۇسىنىڭ قاچانلاردىن تۇغۇلغانلىقىنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن . بەلكىم تولۇق بىرىنچى ۋە ياكى تولۇق ئىككىنچى يىللىقلاردا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك .ئىشقىلىپ ھېلىقى سۆھبەت پىروگىراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى تېلۋىزوردا قاچان پەيدا بولدى ، ئەنە شۇ كۈندىن باشلاپ مەندە كۈچلۈك رىياسەتچى بولۇش ئارزۇسى تۇغۇلدى .ئۇنىڭ تېلۋىزور ئېكرانىدىكى سالماق قىياپىتى ، گەپ –سۆزلىرىنىڭ راۋان ھەم يۇمۇرىستىكلىكى ، كىيىنىش ھەم چاچ پاسونىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە يەنە نۇرغۇن – نۇرغۇن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەر مېنىڭ قەلبىمدە چوڭقۇر تەسىراتلارنى قالدۇردى . راستىنى ئېيتسام ئۇ ئەنە شۇ ۋاقىتلاردىن تارتىپ مېنىڭ قەلبىمدىكى ئەڭ داڭلىق چولپانغا ئايلاندى . كەلگۈسىدە ئاشۇ رىياسەتچىگە ئوخشاش داڭلىق بىر رىياسەتچى بولۇپ چىقىشنى كېچە – كۈندۈز خىيال قىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . كەلگۈسىدە داڭلىق رىياسەتچى بولۇپ چىقىرىشتەك گۈزەل ئارزۇيۇمنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ قاتتىق تىرىشتىم .
كونىلارنىڭ « نىيەت قىلساڭ تاپىسەن » دېگەن سۆزى بەك توغرا ئېيتىلغان ئىكەن . مەنمۇ بىر مەزگىلدىن كېيىن نىيتىمگە ۋە تىرىشچانلىقىمغا چۇشلۇق رايونىمىزدىكى ئەڭ داڭلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ، ئۆزۈم ئوقۇشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىپ كېلىۋاتقان رادىئۇ – تېلۋىزىيە ئاخپاراتچىلىق كەسىپنىڭ چاقىرىقىنى تاپشۇرىۋالدىم . چاقىرىقنى قولۇمغا ئالغان كۈنى خوشاللىقىمدا قىن – قىنىمغا پاتماي قالدىم . خۇددى ئەتىلا رىياسەتچى بولۇپ تېلۋىزورغا چىقىدىغاندەك بىر خىل ھېسىياتقا كېلىپ قالغان ئىدىم . خوشال بولۇشۇممۇ ئورۇنسىز ئەمەس . كىممۇ بۇنداق مىنۇتلاردا خوشال بولمايمەن دەپ ئېيتالىسۇن ؟! ... ئەمدى گەپ ئىككى ئاي تەتىلنى تېزراق توشقۇزۇپ مېنى كۈتۈپ تۇرغان ئالىي مەكتەپكە بالدۇراق بېرىشتىلا قالغان ئىدى . ئەمما بۇ ئىككى ئاي تەتىل ماڭا شۇنداق ئۇزۇن بىلىندىكى بىر مىنۇت خۇددى بىر كۈندەك ئۆتىۋاتاتتى . شۇنداق بولسىمۇ تەتىلنى مەن گۈزەل خىيال ، مۇكەممەل پىلانلارنى ئۆزۈمگە ھەمراھ قىلىپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم ...
ئالىي مەكتەپكىمۇ كەلدىم . مەكتەپتە كەسىپىمىزگە ئائىت كەسپىي دەرسلەر ئۆتۈلۈشكە باشلىدى . بۇنىڭ ئىچىدە مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان رىياسەتچىلىك دەرىسىمۇ بار ئىدى - ئەلۋەتتە ؟! مانا ھازىر بۇ كەسىپتە ئوقۇۋاتقىنىمغىمۇ ھەش – پەش دېگۈچە ئىككى يىل بولاي دەپ قالدى . ئەمما ماڭا بۇ جەرياندا مەكتەپتە رىياسەتچىلىك قىلىپ ئۆزەمنى نامايەن قىلىشقا بىرەر پۇرسەت تېپىلمىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان رىياسەتچىلىك دەرىسىمۇ مېنىڭ بارا – بارا رايىمنى ياندۇرغىلى تۇردى . بۇنىڭ سەۋەبى ، بىزگە رىياسەتچىلىك دەرسى بېرىدىغان مۇئەللىم تازا كۆڭلۈمدىكىدەك ئەمەس ئىدى . چۈنكى ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئاۋازى ناھايىتتى ئۈنلۈك بولۇپ ، چىرايىمۇ تېلۋىزوردا چىقىدىغان رىياسەتچىلەرگە پەقەت ئوخشىمايتتى . قاچانلا قارسىڭىز چىرايىدىن مۇز يېغىپ تۇراتتى . قەددى – قامىتىمۇ « كېلىشكەن » ، « قاملاشقان » دېگەن ئۆلچەملەرگە پەقەت چۈشمەيتى . ھەر دائىملىق دەرستە ، رىياسەتچىلىككە ئائىت يوغان بىر كىتاپنى كۆتۈرۈۋىلىپ ، شۇ كىتاپتىكى نەزىرىۋىي بىلىملەرنى ھارماي سۆزلەيتى . سۆزلىگەندىمۇ ناھايىتى ئۈنلۈك ئاۋازدا سۆزلەيتى . دائىم « ياخشى رىياسەتچى بولۇش ئۈچۈن ئۇنىۋىرسال ساپايىڭلارنى ئۆستۈرۈڭلار ، كۆپ كىتاپ ئوقۇڭلار ، مول بىلىم ئىگەللەڭلار... » دېگەندەك قۇرۇق گەپلەرنى قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتاتتى . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مۇئەللىمنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازى خۇددى قۇلاققا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان بولۇپ قالدى . ھەي ، بۇنداق بولىۋەرسە كەلگۈسىدە قانداقمۇ بىر داڭلىق رىياسەتچى بولۇپ چىققىلى بولسۇن ؟! ئەگەر ماڭا ئەمەلىي ئىقتىدارىمنى نامايەن قىلىدىغان بىرەر پۇرسەت تېپىلسا ئىدى ، ئۇ چاغدا كەلگۈسىدە داڭلىق بىر رىياسەتچى بولۇپ چىقالايدىغانلىقىمنى ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە بىر ئىسپاتلاپ بەرگەن بولار ئىدىم . ئەپسۇس مەكتەپنىڭ ئەتتىگەندىن كەچكىچە نەزىرىيەنى سۆزلەيدىغان بۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى مېنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئىچىمنى پۇشۇرىۋەتتى . شۇنىڭ بىلەن مەن مەكتەپتە ئۆتىلىۋاتقان دەرسلەرگىمۇ ئۆزۈمنى ئانچە ئۇرۇپ كەتمەيدىغان ، خوش ياقسا دەرسكە قاتنىشىپ ، خوش ياقمىسا ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرىدىغان بولدۇپ قالدىم .
ئارىدىن يەنە بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەھۋالدا تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولدى . بىر كۈنى بىزنىڭ ھېلىقى ئاۋازى ئۈنلۈك مۇئەللىمىمىز سىنىپقا كىرىپ كېلىپ بىزگە مۇنداق بىر ئىشنى خەۋەر قىلدى . ئۇ يۇقرى ئاۋازى بىلەن كېلەر ھەپتىلىك دەرستە ئىنىستىتۇتىمىزنىڭ نومۇر ئېلىش كىچىك زالىدا بىر قېتىملىق سۆھبەت پىروگىراممىسى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ، بۇنىڭغا سىنىپىمىزدىكى بەش نەپەر ئوقۇغۇچىنى رىياسەتچى قىلىپ تاللاپ ، ئايرىم – ئايرىم ھالدا بەش خىل تېمىدا سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى . بۇ ئۇختۇرۇشنى ئاڭلىغان باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ قانداق ھېسىياتقا كەلگەنلىكى ماڭا قاراڭغۇ ، ئەمما بۇ ئۇختۇرۇش مېنى ناھايىتتى خوشال قىلىۋەتتى . چۈنكى بۇ ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگە ئۆزۈمنىڭ رىياسەتچىلىك جەھەتتىكى تالانتىمنى كۆرسىتىپ قويىدىغان بىردىن – بىر پۇرسەت ئىدى . مۇئەللىمنىڭ ئادەمنىڭ قۇلاق – مېڭىسىنى يېگۈدەك ئۈنلۈك ئاۋازى بۈگۈن ماڭا نېمىشقىدۇر ناھايىتتى يېقىملىق تۇيۇلدى . شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال ھېلىقى ئاۋازى ئۈنلۈك مۇئەللىمگە ئىلتىماس قىلىپ ، يال ئۇرۇپ يۈرۈپ ئاخىرى كېلەر ھەپتىدە رىياسەتچىلىك قىلىش سالاھىيتىگە ئېرىشىۋالدىم . ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا كېلەر ھەپتىدىكى رىياسەتچىلىك ئىشىغا جىددىي تۇتۇش قىلدىم . كۆڭلۈمدىكى ھېلىقى رىياسەتچى تېلۋىزورغا چىققاندا دائىم كىيىۋالدىغان كىيىمدىن ئۆيدىكىلەرگە يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ، گەرچە باھاسى قىممەت بولسىمۇ بىرنى ئالغۇزدۇم . ئاندىن ساتىراچخانىغا كىرىپ چېچىمنى ئاشۇ رىياسەتچىنىڭ چاچ پاسونىغا ئوخشاش قىلىپ ياساتتىم . ھەتتا مېڭىش – تۇرۇشىم ۋە گەپ – سۆزلىرىمنىمۇ ئاشۇ رىياسەتچىگە ئوخشاش قىلىشقا تىرىشتىم . ئەتىسى بۇ يېڭى قىياپىتىم بىلەن مەكتەپكە بارسام ماڭا ھەيران بولۇپ قارغانلارمۇ ، مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەنلەرمۇ بولدى . ساۋاقداشلىرىمنىڭ مېنى مەسخىرە قىلىشلىرىغا ئانچە ئاچچىغىم كەلمىدى . ئەمما سىنىپتىكى رىياسەتچىلىك قىلىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن مەندىن باشقا بىر نەچچىسىنىڭمۇ چاچ پاسونى ۋە كىيىنىشلىرىنى مېنىڭ قەلبىمدىكى ھېلىقى رىياسەتچىگە ئوخشاش قىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ئاچچىغىم كەلدى . شۇنداق بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ كۈلكىلىك قىلىقلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆزۈمنىڭ تەييارلىقلىرىنى قىلىۋەردىم . لېكىن ھەممە تەييارلىقلىرىم پۈتۈپ تېما تاللاشقا كەلگەندە سەل قىينىلىپ قالدىم . ئۇيان ئويلىنىپمۇ بۇيان ئويلىنىپمۇ بىرەر ياخشى تېما تاپالمىدىم . ئادەمگە بۇ مەسىلە قىيىن كېلىۋاتقاندا ، ھېلىقى ئاۋازى ئۈنلۈك مۇئەللىمىمىز رىياسەتچىلىك قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقان بەشىمىزنى ئىشخانىسىغا چاقىرىپ ، « تاللىغان تېماڭلارنى يورۇتۇشقا ياردىمى بولىدىغان مۇناسىۋەتلىك سوئالدىن 20~30 نى تېپىڭلار ۋە قىلماقچى بولغان سۆزلىرىڭلارنى بىرەر قەغەزگە يېزىپ تەييارلىۋىلىڭلار...» دەپ ۋەزىپە تاپشۇردى . مۇئەللىمنىڭ بۇ گېپى كەيپىمنى ئۇچۇردى . بىر تېمىنى ئويلاپ تاپالماۋاتسام، 20 ~ 30 سوئالنى نەدىن تاپقۇلۇق ؟؟ بۇ خۇددى « ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » دېگەندەك ئىشتە ؟! بۇلارنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزىۋىتىپ يادىمغا توساتتىن بىر تېما كەلدى ... «توغرا ! ئەجداتلارنىڭ بىزگە مىراس قالدۇرغان < ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك > دېگەن بۇ ماقالنى سۆھپەت تېمىسى ئورنىدا قوللىنىشقا تامامەن بولىدۇ ئەمەسمۇ ؟! ياخشى ، تېمىنىغۇ تاپتىم ، ئەمما بۇ تېمىنى يورۇتۇشقا ياردىمى بولىدىغان 20 ~ 30 سوئالنى نەدىن تاپارمەن ؟ ... بولدى ، ئەڭ ياخشىسى بۇلارغا باش قاتتۇرماي ، چۈنكى بۇ مەسىلىلەر ۋاقتى – سائىتى كەلگەندە سۆھپەت جەريانىدا ئۆزلىگىدىن ھەل بولىدۇ . بۇ مۇئەللىممۇ قىززىقكەن ، ھازىر تېلۋىزوردا چىقىۋاتقان قايسى بىرى داڭلىق رىياسەتچى ئالدىن سوئال تەييارلىۋىلىپ ئاندىن سەھنىگە چىقىدۇ ؟! قىلماقچى بولغان سۆزلىرىڭلارنى بىرەر قەغەزگە يېزىپ تەييارلىۋىلىڭلار دېگىنى نېمە گەپ بولدى ئەمدى ؟ ئەگەر تېلۋىزوردا چىقىۋاتقان رىياسەتچىلەر مۇئەللىم ئېيتقاندەك قىلىدىغان بولسا ، ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت سۈنئىي ھەم مەنىسىز بولۇپ قالمامدۇ ؟! ...» شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم تاپشۇرغان ئۇ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشتىن ۋاز كەچتىم . چۈنكى باشقا ئىشلارغا باش قاتتۇرۇش مەنچە تامامەن ئارتۇقچە ئىدى .
مەن كۈتكەن كۈنمۇ ئاخىرى يېتىپ كەلدى . مەن ئېلىپ بارماقچى بولغان « ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » تېمىسىدىكى سۆھپەت مانا ھازىرلا ئېلىپ بېرىلاتتى . سۆھپەتنى قانداق باشلاش ، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ھەر ھالدا كاللامدا بىرەر قۇر ئويلاپمۇ قويغان ئىدىم . بۇ قېتىملىق پائالىيەت باشلىنىپ ، مېنىڭ ئالدىمدا بىر نەچچە ساۋاقداش رىياسەتچىلىكىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن نۆۋەت ماڭا كەلدى . مەن سالماق قەدەملەر بىلەن سەھنىگە چىقتىمدە مېكرافوننى قولۇمغا ئالدىم . لېكىن بۇ يەرگە چىققاندىن كېيىن ، تىزلىرىم نېمىشقىدۇر تىتىرەشكە باشلىدى . مېكرافون تۇتقان قولۇممۇ تىزىمدىن قېلىشماي تىتىرەۋاتاتتى . راستىنى ئېيتسام مەن تەمتىرەۋاتاتتىم . بۇ يەرگە چىققان ئادەم ھەقىقەتەن تەمتىرەيدىكەن . بىر نەچچە تىل كامىرا ۋە نۇرغۇن تاماشىبىنلار ماڭا قاراپ ئولتۇرغاچقا ، دەسلەپ نېمە دېيىشىمنى ، نەدە تۇرۇشۇمنىمۇ بىلەلمەي قالدىم . كېيىن ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ ، غەيرەتكە كېلىپ سۆز باشلىدىم :
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەدىرلىك كۆرۈرمەنلەر ، بۈگۈنكى پىروگىرامىمىزنى كۆرۈشىڭلارنى قىزغىن قارشى ئالىمىز ! بىز بۈگۈن « ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك » تېمىسىدا سۆھپەت ئېلىپ بارماقچى ... – بۇ گېپىمدىن كېيىن تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلار نېمىشقىدۇر پاراققىدە كۈلۈپ كېتىشتى . كۈلگەندىمۇ ناھايىتتى قاتتىق كۈلۈشتى . ئۇلارنىڭ زادى نېمىگە كۈلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى . مېنىڭ بايا ئېيتقان سۆزۈمنىڭ كۈلكۈلىكلىكىگە كۈلىۋاتامدۇ ۋە ياكى مېنى مەسخىرە قىلىپ كۈلىۋاتامدۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى . شۇنىڭ بىلەن كاللام قۇپقۇرۇق بولۇپ ، كاللامدا بىرەر قۇر تەييارلىۋالغان گەپ – سۆزلەرمۇ پۈتۈنلەي غايىپ بولدى . خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم . « ھەي ، ئەسلى مۇئەللىمنىڭ گېپىگە كىرىپ ، ئازراق بولسىمۇ بىرەر نەرسە تەييارلىۋالغان بولساممۇ بوپتىكەنتۇق ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە تاللىغان تېمامنىڭ كۈلكىلىكلىكىنى كۆرمەمدىغان ؟ ئەمدى زادى قانداق قىلغۇلۇق ؟ ... » كاللام ھەرخىل چىگىش خىياللار بىلەن تولۇپ كەتتى . بۇ ئوسال ئەھۋالدىن قانداق قىلىپ قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى پەقەت قىلالمىدىم . ئاخىرى نېمە قىلارىمنى بىلمەي ، سەھنىدىن سالپايغىنىمچە روھسىز چۈشۈپ كەتتىم ...
ئەنە شۇ بىر ئىشتىن كېيىن رىياسەتچى بولۇشنىڭمۇ ئۇنچە ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى ، ھېلىقى ئاۋازى ئۈنلۈك مۇئەللىمىمىزنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭمۇ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك داڭلىق بىر رىياسەتچى بولۇش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال ئۆزىدىكى ئۇنۋىرسال ساپانى يېتىلدۈرۈش ، كۆپ كىتاپ ئوقۇش ، مول بىلىم ئىگەللەش شۇنىڭ بىلەن بىرگە رىياسەتچىلىك ۋە ئاخپاراتچىلىق كەسىپىگە ئائىت نەزىرىۋىي بىلىملەرنىمۇ تولۇق ئىگەللەش كېرەك ئىكەن . ماڭا ئوخشاش داڭلىق رىياسەتچىلەرنى دوراپ چاچ ياسىتىپ ، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيگەن بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدىكەن – ئەمەسمۇ ؟ ! شۇڭا ، ماڭا ئوخشاش كۈچلۈك رىياسەتچى بولۇش ئارزۇسى بار بارلىق دوستلارغا شۇنى تەۋسىيە قىلىمەنكى ، رىياسەتچى بولۇشنى ھەرگىزمۇ ماڭا ئوخشاش قارغۇلارچە قوغلاشماڭ !!!
مەنبەسى : ئۆزۈم