مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تىماكىيىنكى تىما
مەزكۇر يازما 194 قېتىم كۆرۈلدى
تىما : ھاراق ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدى(ھېكايە)

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 27
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە35دانە
ئۆسۈش: 1.17%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 35
  ياخشى باھا: 31 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 231 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 11(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-19
  كىرىشى: 2010-06-11
0 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 06:11 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەتنىڭ رەڭگى
باش يازمىنى كۆرۇش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

0

 ھاراق ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدى(ھېكايە)

  ياخشى ئوقۇغىن ئوغلۇم!سەن ئائىلىمىزنىڭ پەخىرى،ئۈمىدى.ئۇكىلىرىڭمۇ سېنى دوراپ ياخشى ئوقۇپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس.ئاناڭ بىلەن مەن بىر ئۆمۈر موشۇ يېزىدىن چىقماي ئۆتتۇق جاھاننىڭ قانداقلىقىنى چۈشەنمەيمىز.   كىچىكىمدە ئائىلە تۇمۇشىمىز ناچارلىقى تۈپەلى مەكتەپتە ئوقۇيالمىغاندىم،شۇڭا موشۇ كۈنگە قالدىم،مانا بۈگۈن سەن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ پەخرى بولۇپ قالدىڭ«ئاتىسى ئاتالماپتۇ قۇڭغۇزنى،بالىسى ئېتىپتۇ توڭگۇزنى »دىگەن مانا موشۇ.بالام مەيلى قايەرگىلا بار غىن  ئادەم بول.ئەسلىدىغۇ بالىلارنىڭ چوڭى بولغاندىن كېيىن ئوقۇشقا بارماي ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىمىزغا ياردەملەشسە ،يەنە بىرەر ئىككى يىلدىن كېيىن ئۆيلەپ قويساق دەپ ئويلاشقاندۇق.بىراق ئاناڭ جاپانى بىزلا تارتىپ ئۆتۈپ كېتەيلى ئاشۇ بالىنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرۇپ قوۇمايلى دەپ تۇرۇۋالدى شۇ تۈپەيلى سېنى ئوقۇشقا ئەۋتمەكچى بولدۇق،جېنىم ئوغلۇم مەيلى نەگىلا بارمىغىن ئۆزۈڭنىڭ دېھقان بالىسى ئىكەنلىكىڭنى ھەرگىز ئۇنتۇما!كىيىم دىگەننى ياما پ قويسا بولىدۇ بىراق قۇرساقنى.ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بەرگەن پۇللارغا تاماق يىگىن ھەرگىزمۇ كىيىمگە بېرىلىپ ئاچ قالمىغىن .ئېسىڭدە بولسۇن سەن دىگەن بىر مۇسۇلمان بالىسى گېلىڭنى چىڭ تۇت ئۇدۇل كەلگەن نەرسىلەرنى يىمىگىن!بوتۇلكا دىگەننىڭ يېىنىدىن ھەرگىز ئۆتمىگىن ئوغلۇم !ھاراق ئىچكەن كىشىنىڭ يەتتە ئەۋلادى دوۋزاققا چۈشىدۇ بولامدۇ؟چىرايلىرى قۇرۇتقان مۇچقا ئوخشاپ قالغان قاسىم ئاكا دەيتى ئوغلىغا.
-ماقۇل دادا،مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇيمەن ،مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ھەرقايسىڭلارنىڭ ھالىدىن ئۆزۈم خەۋەر ئالىمەن،ئىنى سىڭىللىرىمنىڭ ئوقۇشىغا ياردەمدە بولىمەن دەپ ۋەدە قىلدى ئوغۇل .
ئوبدان بلام سەن خېلى ئەقىللىق غەرەز ئۇقىدىغان بالا ،ھەرگىزمۇ خەلققە يۈز كېلەلمەيدىغان ۋىجدان ساتىدىغان ئىشلارنى قىلما،مەن خوش بولۇپ قالاي ئاشۇ نېجىس بوتۇلكىنىڭ يېنىدىن ئۆتمە !ئەگەر شۇ نېجىسنى ئاغزىڭغا ئالىدىغان بولساڭ مەن سەندەك بالىدىن تانىمەن  قاسىم ئاكىنىڭ چىرايلىرىدىن كەسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى ئۇ
يانجۇقىدىن بىر قولياغلىققا ئورلغان نەرسىنى ئالدى-دە،تىترىگەن ھالدا ئوغلىنىڭ قولىغا تۇقۇزدى.  ئوخشاپ پىشقان قوناق نېنىغا ئوخشاش قوللىرى بىلەن ئوغلىنىڭ قولىنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرۇپ.خەير-خۇداغا ئامانەت ئوغلۇم بۇنى ھەرگىزمۇ يوقۇتۇپ قويمىغىن .بېرىپلا تاپشۇرۇۋەت.دىگىنىچە ئوغلىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى.ماشىنا ئاستا-ئاستا قوزغۇلۇپ بېكەتتىن چىقتى .ئۇ ماشىنا كۆزدىن غايىپ بولغىچە قول پۇللاڭلىتىپ قاراپ تۇراتتى .كۆزلىرىدىن ھاياجان ياشلىرى تۆكۈلمەكتە   ...
بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان ،قوي كۆزلىرىدىن ھۇشيارلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ئورۇققىنا كەلگەن بۇ يىگىت قاسىم ئاكىنىڭ چوڭ بالىسى ئىدى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى باياشات بولمىغىنى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرى تولىمۇ كۆڭۈللۈك ياشايتى ئۇلار بىر-بىرىدىن پەقەت ئايرىلىپ باقمىغاندى.مانا تەقدىرنىڭ قىسمىتى بىلەن ئوغلى كېرەم شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا قوبۇل قىلىنغاندى.چاقىرىق كەلگەن كۈنى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ  ھەممىسى شاتلانغان بولسىمۇ بىراق ئوقۇش پۇلىنىڭ ئىشى ئۇلارنى قىينىغاندى.قاسىم ئاكا ئۇيان-بۇيان قاتىراپ يۈرۈپ ئاخىرى پۇلنى تەقلەپ ئوغلىنى يولغا سالدى شۇنۇڭ بىلەن ئۇ ،ئۆزىنى سەل يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدى.مانا ماشىنىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە كۆزدىن غايىپ بولدى قاسىم ئاكا ھاراۋۇسىغا ئولتۇرۇپ يېزىغا قاراپ يول ئالدى.
ماشىنا ئۈرۈمچى تەرەپكە قاراپ ئۇچقاندەك كېتىۋاتماقتا .  ماشىنا شوپۇرى سىن لېنتىسىنى قويدى ھەممە ھەيرانلىق بىلەن ئېكىرادىكى كۆرۈنۈشلەرگە قاراشماقتا بەزىلەر كۈلۈشمەكتە بەزىلەر ئاشۇ پېرسۇنازلار ئۈستىدە نېمىنىلەرنىدۇر تالاش-تارتىش قىلىشماقتا.كېرەم بولسا ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلمىغاندەك مەھەللىسى تەرەپكە قاراپ قانداقتۇر بىر خىيالار بىلەن بەند بولماقتا.شۇنداق قىلىپ كەچمۇ كىردى سىن ئالغۇمۇ ئۆچۈرۈلدى ھەممە ئۇيقۇ دۇنياسىغا سەپەر قىلىشقان بولسىمۇ بىراق ئۇ يەنىلا شۇ خىياللار بىلەن بەند ئىدى .دادىسىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزلىرى گويا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلاۋاتقاندەكلا ئىدى.بىر دەم -بىردەم ھېلىقى قول ياغلىق سېلىنغان يانچۇقىنى بېسىپ قوياتتى ئۇ.
  مىڭ جاپالاردا تۈننى تاڭغا ئۇلاشتۇردى.شوپۇر ئۇستام ماشىنىنى ماي قاچىلاش ئورنىغا توختاتقاندىن كېيىن كۆپچىلىككە:
-چۈشۈپ بىردەم -يېرىدەم ھاۋا ئالماشتۇرۇۋېلىڭلار،بىراق يىراققا كېتىپ قالماڭلار !دىدى.
ھەممە ماشىنىدىن چۈشتى كېرەممۇ ماشىندىن چۈشكەندىن كېيىن يۈز-قوللىرىنى يۇ يۇپ  ماشىنىدىن بىر پارچا ناننى ئېلىپ چۈشتى ۋە ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى.ئەتىگەننىڭ ھاۋسى تولىمۇ ساپ بولۇپ ئىللىق شامال كىشىنىڭ يۈزلرىنى يىنىك سۆيۈپ ئۆتۈپ، كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتى ۋاقىت تېزلا ئۈتۈپ كەتتى ماشىنا يەنە مەنزىلگە قاراپ يول ئالدى.  پىلاستىنكا قويۇلماقتا ئۆمرىدە بىرەر قېتىممۇ سەپەرگە چىقىپ باقمىغان ئۇنىڭغا سەپەر تولىمۇ زېرىكىشلىك تۇيۇلدىمۇ ئەيتاۋۇر سىرتلارغا قاراپ قانداقتۇر بىر خىيالغا غەرق بولماقتا ئىدى.تۇيۇقسىز بىرىنىڭ.
- ياخشىمۇسەن ئاداش سەنمۇ ئوقۇشقا ماڭدىڭمۇ ؟بۇ سۇئال ئۇنىڭ خىيالىنىڭ بېلىگە تېپىۋەتتى بولغاي ئۇ خوش ياقمىغان قىياپەتتە.
-ھە دىدى مۇنداقلا.
-قايسى مەكتەپكە؟ھەجەپمۇ كوتكوت بىرنىمە ئىكىنا بۇ دىگەنلەرنى خىيال قىلغاچ .
-شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىغا دىدى جاۋابەن.
-قايسى كەسىپكە؟توختىماي سورۇلۇۋاتقان بۇ سۇئاللاردىن بىزار بولغان ئۇ.
-فىزىكىغا دەپ جاۋاب بەردى.
-ناھايىتى ياخشى ئاداش مەنمۇ شۇ مەكتەپ ،شۇ كەسىپكە قوبۇل قىلىنىپتىمەن مەكتىپىمىزمۇ ،كەسپىمىزمۇ بىر ئىكەن ئەجەپمۇ ياخشى .تونۇشۇپ قالايلى مىنىڭ ئىسىمىم ۋارس .ئۆزۈڭنىڭچۇ؟سورىدى ئۇ.كېرەم سەل بىزار بولغان قىياپەتتە :
-كېرەم  دەپلا جاۋاب بەردى.
-ئادش سەن ئولتۇرۇپ تۇر مەن ھازىرلا كېلىمەن دىگىنىچە ئورنىغا باردى ۋە  بىر خالتىغا قاچىلانغان ھەر خىل
يىمەكلىكلەرنى  كۆتۈرگىنىچە يىتىپ كەلدى  ئۇنى كارىۋاتنىڭ ئۈستىگە قويۇپ.
-ئالە ئاداش ئۆيدىكىلەر بەك جېق سېلىپ قويۇپتۇ بۇزۇلۇپ قالمىسۇن يەۋىتەيلى دىدى.  ئۇلار بىردەمنىڭ ئىچىدىلا چىقىشىپ قالدى .ھەممە چۈشۈكە باشلىدى .مانا ئەمدى ئۇ زېرىكىش ھېس قىلماي خۇددى يېقىن دوستى بىلەن پارڭلىشىپ كۆڭلىنى ئېچىۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى شۇ تاپتا ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇغاندى.ھەش-پەش دىگىچە ماشىنا يەنە توختىدى.ئۇ رەنجىگەن قىياپەتتە ئەجەپمۇ تولا توختىدى بۇ ئۇساتام دەپ پىچىرلىدى.
-ھازىر بىز كۇچارغا كەلدۇق ئاداش ئەمدى موشۇ توختىغانچە ئۈرۈمچىگىلا بېرىپ توختايدۇ .دىدى ۋارىس.
سەن كېلىپ باققانمۇ سورىدى كېرەم ئۇنىڭدىن ھەيرانلىق بىلەن.
كېلىپ باقماي بۇ يوللار مەن ئۈچۈن قوغۇنلۇقنىڭ يولىغا ئوخشايدۇ ئاداش ھەر يىلى بىر ئىككى قېتىم ئۆتۈپ تۇرىمەن دىگىنە .
-نىمىشقا ؟
-چۈنكى ئۈرۈمچىدە ئاكام،تاغاملار بار شۇنداق بولغاندىن كېيىن يىلدا بىر ئىككى قېتىم بۇ يولدىن ئۆتۈپ تۇرىمەن.
-ئاكاڭ نىمە ئىش قىلىدۇ ؟
-كادىر ئۇمۇ ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان ھازىر بىخەتەرلىك ئىدارىسدە خىزمەت قىلىدۇ ،تاغام بولسا شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە دىگىنە ئاداش كۆرەڭلىگەن ھالدا چاقماق تېزلىكىدە جاۋاب بەردى ۋارىس.
-ۋاھ سەن نىمە دىگەن بەخىتلىك ؟مىنىڭ ئۈرۈمچىدە ھېچقانداق تونۇشۇم يوق تۇغقانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى يۇرتتا دېھقانچىلىق قىلىدۇ ئاداش دىدى ۋارىس جاۋابەن.
-يۈرە ئاداش تاماق يەپ چىقايلى دىدى ۋارىس.
-رەھمەت ئۆزۈڭ چۈشۈپ يەپ چىق مىنىڭ قۇرسىقىم ئاچمىدى.
-يۈر دىگەندىن كېيىن يۈرە يولدا قۇرساق ئېچىپ كېتىدۇ  .
-ئاچسا نان  يەيمەن خاپا بولماي ئۆزۈڭ يەپ چىققىن دىدى كېرەم .شۇنداق قىلىپ ۋارىس تاماققا چۈشۈپ كەتتى.
(داۋامى بار)


  
[ بۇ يازما پادىشاھ تەرپىدىن 2010-06-03 10:58 PM دە ق ]
-سىز كۆرۋاتقان تىما ھاراق ئۇنىڭ جېنىغا زامىن بولدى(ھېكايە),دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
مەزكۇر تىما مىسرانىم باشقۇرغۇچىسى Misran تەرىپىدىن تەستىقلاندى،تەستىقلانغان ۋاقىت :2010-06-03, 11:35
.: Www.MisraniM.CoM :.

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 2207
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 2.67%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 8
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 24 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 4(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-03
  كىرىشى: 2010-06-10
1 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 08:35 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ئاخىرنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىغا تىلەكداشمەن  ،، تېخىمۇ تىرىشىڭ،،،
   بىكەت باشلىقلىرىغا ئىلتىماس مۇمكىن بولسا يازغان ئىنكاسلارنى تەھرىرلىگىلى بۇلىدىغان قىلىپ قۇيساڭلا ،، ئۇيغۇرچە خەت باسمىغىلى ئۇزۇن بولغاچ بەزىخەتلەر خاتا يوللىنىپ قالىدىكەن

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1839
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 0.77%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 23
  ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 81 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 23(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-06-01
  كىرىشى: 2010-06-09
2 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 08:46 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

قانداق بوپكىتە كەينى ھە؟! مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن .  

دەرىجىسى: ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1766
  جىنسى: ئەپەندىم
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە118دانە
ئۆسۈش: 3.93%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 118
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 357 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 21(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-31
  كىرىشى: 2010-06-10
3 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: 2010-06-03 09:19 PM بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ۋارىس كىرەمگە ھاراق ئىچىشنى ئۈگىتىپ.....
داۋامنى تىزراق-ھە
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى

دەرىجىسى: يېڭى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
  تىزىم نۇمۇرى: 1096
  جىنسى: يوشۇرۇن
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ئۆسۈش: 2%
  نادىر تىما: 0
  يوللانما: 6
  ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
  مۇنبەر پۇلى: 48 سوم
  تۆھپىسى: 0 كىشى
  ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
  ۋاقتى: 2(سائەت)
  ھالىتى:
  تىزىم:2010-05-27
  كىرىشى: 2010-06-10
4 - قەۋەت   يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن بۇ قەۋەت ئادىرىسىنى كۆچۈرۈش
  • خەت رەڭگىنى تاللاڭ
يوللىغۇچىنىڭكىنى كۆرۈش | چوڭ كىچىكلىگى: كىچىك نورمال چوڭ

ھېكايىڭىز ياخشى باشلىنىپتي ،قارىغاندا نۆۋەتتە جەمئىيىتمىزدىكى بىر قىسىم  سىتىۇدېېنتلاتلار ئارىسىدا كۆرۈلۈۋاتقان چۈشكۈنلۈك،زەئىپلىك قاتارلىق ئىللەتلەر قامچىلىنىدىغاندەك قىلىدۇ.داۋامىنى تېزراق يوللىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
خەتتات نۇرئېلى نۇرمۇھەممەد نادىر ئەسەرلىرى
ئالدىنقى تىما كىيىنكى تىما