ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزىز دوسلار،بىز ياشاش جەريانىدا ھەممەيلەننىڭ ئۆزىمىزگە چۇشلۇق ھاياتلىق ياشاش پەلسەپىمىز بولىدىكەن،ھەممەيلەننىڭ ئوخشىمىغان،قىممەتلىك پەلسەپىۋىلىككە ئىگە، ئۆزىمىزگە قىبلە قىلىدىغا سۆزلىرىمىز بولىدىكەن،بىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان شۇ پىكىرلەر بىزگە دائىم ئاگەاھلاندۇرۇش بولوپ ئۆز يۆلىنىشىمىزنى كۆرسىتىپ تۇرىدىكەن، شۇڭا مومكىن بولسا ھەممەيلەن بۇ قىممەتلىك پىكىرلەرنى يىغقلى بولارمۇ دەپ بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. \>9%=32u.
مومكىن بولسا كۆپچىلىك ھەممەيلەن شۇ قىممەتلىك پىكىرلىرىمىزنى يىغساق. \7("bB=
ئالدى بىلەن مەن باشلاي. 7,Z%rqf\)
&XgB-}^:
1.ھاياتلىق گوياكى كۆرەش(تىرىشىش،ئالغا ئىنتىلىش) دىمەكتۇر. (بۇ پىكىرنى مەن 17 يىشىمدا يەنى 2004يىلى 12ئاينىڭ 25-كۈنى دۈشەنبە كەچ سائەت 10:35 دە ئۆز خاتىرەمگە يازغان،بۇنى ئۆزۈم مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق بايقىغان تۇنجى ئەڭ قىممەتلىك پىكىر دەپ قارايمەن،شۇ كۈلەردە مەن مىنىڭ ياشاش بىرىنسىپىم،ئىتقادىم،نىشانىم ماڭا بىر ئۆمۈر ھىچ بىر نەپ بەرمىگەن ھالەتتىمۇ،مەن بۇ يولومنى ھەر قانداق بىر نام ئەمەل ياكى مەنپەئەتتىن مۇستەسنا ھالدا ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە بۇلار ئۈچۈن تىرىشىمەن،كۆرەش قىلىمەن دەپ ئۆز ئۈزۈمگە قەسەم بەرگەن،بۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەقەت ۋە پەقەت بىرلا نەرسىگە ئىرىشەلىسەم يەنى ئەڭ ئاخىرقى تىنىقىمدا ئىللىق بىر كۈلۈمسىرەشكە ئىرىشەلىشىمنى تولىمۇ ئۈمىد قىلىمەن ھەم ئىگىمىز ئاللاھتىن تىلەيمەن.) ZH~m%sA
2.ياشىساڭ ئۆز ئەقىدەڭ يولىدا جان بىرەلىگۈدەك ياشا.( ئەگەر مەن ئۆز ئەقىدەم، ئىتقادىم ئۈچۈن ھەر ۋاقىت،ھەر مىنوت، سىكونىت جان تەسەددۇق قىلالمىسام،شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالمىسام، مىنىڭ ھاياتىمنى قىممەتلىك ھايات دىگىلى بولسۇنمۇ ) :K2N7?shA
3.مەغلۇب بولوشقا بولىدۇ،لىكىن ئەبەدىل ئەبەت ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ،可以失败,永远不能放弃 ( مەن ھاياتىمدا،ئۆز نىشانىمغا ئىلگىرلەش يولىدا بەلكىم ساناقسىز قىتىملاپ مەغلۇب بولىشىم مومكىن ،ئەمما مەن شۇ ۋاقىتتا شۇ مەغلۇبىيەتلەردىن مەڭدەپ قالسام،ئاخرغىچە بەرداشلىق بىرەلمىسەم ئۆزۈم ئۈمىد قىلغان غەلبىنى قولغا كەلتۈرەلىشىم مومكىن ئەمەس،شۇڭا قەتئى بەل قويىۋەتمەسلىكىم كىرەك،بەزى بىر نەتىجىلەرنى تىزلا قولغا كەلتۈرەلىشىم مومكىن،بەزىسىگە نەچچە يىل ھەتتا نەھھە ئون يىل ھەتتا پۈتۈن بىر ئۆمۈ ۋاختىم كىتىشىمۇ مومكىن،شۇڭا مەن قەتئى ۋاز كەچمەسلىكىم كىرەك ،مانا بۇ مۇۋاپپەقيەت،مانا بۇ غەلبە ماڭا نىسبەتەن ئەڭ زور غەلبە) H#w
n3O
4.ئەڭ موھىم ئىشنى بۇرۇن قىلىش First Things First ( مەن بۇ سۆزنى ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىۋاتقان ۋاختىمدا قايسى بىر كىتاپتىن كۆرگەن ھەم بۇ ماڭا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان،ئەڭ موھىم ئىشنى بۇرۇن قىلىش تولىمۇ زۆرۈر، ئەڭ موھىمنى بايقىيالماسلىق،ئەڭ موھىمىغا ئەڭ چوڭقۇر ئىتىبار بەرمەسلىك،نىشانسىزلىق،پىلانسىزلىق،چىچىلاڭغۇلۇق مىنى ئوخشاشلا مەغلۇبىيەت گىردابىغا باشلاپ بىرىشى مومكىن،شۇڭا ئەڭ موھىم ئىشقا ئاڭ بۇرۇن قەدەم ئىلىشىم،ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭقۇر ئىتىبار بىرىشىم كىرەك) xPsuDi8u
5.سىناپ باقماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيەت،Failure Is Not Trying (كۆپىنچە ھاللاردا نۇرغۇن ئىشلارنى قىلغۇم بولسىمۇ مومكىن ئەمەستەك كۆرىنىدۇ،تۇنجى قەدەمنى باسقاندىن كىيىنلا ئۇنىڭغا تامامەن يەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ئاندىن چوڭقۇر ئىشىنىمەن،تۇنجى قەدەمنى بىسىش شۈنچە قىيىن،شۇ تۇنجى قەدەمنى باسماسلىق كۆپىنچە ھاللاردا ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقيەتلىرىمنى بۇ دۇنياغا كۆز ئاچقۇزمايلا تۇنجۇقتۇرۇپ قويىشى مومكىن ،شۇڭا مەن ھەر ۋاقىت ئالدى بىلەن سىناپ بىقىشىم،ئەڭ ئالدى بىلەن شۇ تۇنجى قەدەمنى قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلىشىشىدىن قەتئى نەزەر بىسىپ بىقىشنى ئۆزۈمگە مەجبۇرىيەت قىلىشىم كىرەك ،شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن سىناپ بىقىشىم كىرەك ) HOu<,9?>Q
بولدى،مەن مۇشۈنچىلىك يازاي ئەمدى كۆپچىلىكنىڭمۇ يىزىپ بىقىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.