شىنخۇا ئاگېنتلىقى، رىم، 31 – ماي تېلېگراممىسى. ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى 31 – ماي سىتسىلىيەنىڭ مەركىزى پالېرمودا ھەرىكەت قوللىنىپ، قاراقول پارتىيەسى تەشكىلاتىنىڭ 150 مىليون ياۋرولۇق مال –مۈلكىنى پېچەتلىدى ۋە توڭلاتتى.
ئىتالىيە ئانسا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ‹‹تەيفېڭ بورىنى›› دەپ ئاتالغان بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە، ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى نۇرغۇن ئۆينى پېچەتلىگەن ھەم بىر قىسىم بانكا ھېساباتى ۋە شىركەت پېيىنى توڭلاتقان. ساقچى دائىرىلىرى قاراقول پارتىيەسى تەشكىلاتى بۇ مۈلۈكلەرگە قاقتى – سوقتى قىلىش، تەھدىت سېلىپ تارتىۋېلىش، پۇل يۇيۇش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېرىشكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمانلاندى.
2010 – يىلىدىن بۇيان، ئىتالىيە ھۆكۈمىتى قاراقول پارتىيەسى گۇرۇھلىرىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق نۇرغۇن مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلدى ۋە قارا جەمئىيەتكە چېتىشلىق بىر تۈركۈم كىشىنى قولغا ئالدى.
مەنبە:
تەڭرىتاغ ئويغۇر تورى 2010-يىلى3-ئىيۇن
[ بۇ يازما ئەلشىر تەرپىدىن 2010-06-03 07:33 PM دە قا ]