قەشقەر ئاتالغۇسى ھەققىدە!!!
/5ngPHy& vpoeK'bi, تارىختا ئەنە شۇنداق داڭلىق ۋە ئاۋات - كۆركەم دىيار دەپ سۈپەتلەنگەن بۇ يۇرتنىڭ ( قەشقەر ) تۈرلۈك ناملىرى ۋە بۇ ناملارنىڭ ئېتمولوگىيىسى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىمنىڭ تەخمىنىي يەكۈنىنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە سۇنىمەن ؛
<_S>- ;by ھەر زاماندا ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردە تۈرلۈكچە قەيت قىلىنغان ناملارنى ئۇچرىتىمىز . ئالدىنقى ۋە كېيىنكى "خەننامە" لەردە "ۋېينامە" ، "سۈينامە" كونا - يېڭى "تاڭنامە" لەردە ، "سۇڭ تارىخى" دا <<شۇلې>> ؛ "ۋېي ئەھۋالاتى" دا "گاشى" ، "بۇددا ئېلى خاتىرىسى" دە " گا - چا " ۋە " گاشى چىلى " ، بۇددا نوملىرىدىن "گارانامە" ، "پازىل راھىبلار تەزكىرىسى" ۋە ئۇنىڭ داۋامىدا "شۇلې" (Sole) ؛ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە "چۈشا" ۋە "شىلى چىسۇ دودى" ؛ "يۇەن مەخپىي تارىخى" دا "كەش خار" ، مىڭ دەۋرىدە "خاشاخار" ؛ چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە دەۋرىدە "كاشى گار" دەپ يېزىلغان .
Fu*~{n سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىقىنىڭ ئاتىسى ھەزرىتى مەھمۇد "دىۋانۇلۇغاتىت تۈرك" قامۇسىدا ، "ئوردۇ" سۆزىنى "خان شەھىرى" دەپ ئىزاھلاپ ، "كاشىغەر --- ئوردۇ كەنت دېيىلىدۇ" دېگەن ئىبارىسىدە ، "كاشىغىر" دەپ قەيت قىلىنغان .
DA5kox&cU بۇ ئەزىز يۇرتىمىزنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە يۇقۇرىقىدەك قەيت قىلىنغان تۈرلۈك ناملىرىنى ئاساسەن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈش مۈمكىن : بىرى ، "شۇلې" ياكى "سولې" ؛ يەنە بىرى ، "كاشىغەر" .
1N#KVvK >AT{\W
!N 6gLk?^. 73kF=*m "شۇلې" ( سۇلې)
w&eX)
! ئاۋۋال "شۇلې" ئېلى دېگەن نام توغرىسىدا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش ئۈچۈن "تارىم مەدىنىيىتى ھەققىدە دەسلەپكى مۇلاھىزە" دېگەن ماقالەمدىن بەزى ئۈزۈندىلەرنى كەلتۈرەي .
zFy0SzF شۇلې --- قەشقەر ئۆلكىزارلىقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان يۇرت . قەشقەر ئۆلكىزارلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىي چېتىگە توغرا كېلىدۇ . شۇلې ناھايىتى بۇرۇندىنلا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستانغا قاتنايدىغان مۇھىم يول ئۈستى ئىدى . قەدىمكى دەۋرىدە ، ئوتتۇرا ئاسىيا ماۋەرائۈننەھىر ۋە ھىندىستاندىن بۇ يەرگە كېلىدىغان سودىگەرلەر ناھايىتى تولا ئىدى . بۇ شەھەر مەملىكىتىمىز جوڭگونىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى سودا پورتلىرىدىن خېلى بۇرۇن تەرەققىي قىلغان ئىدى . بۇ يەردىن ئۆتىدىغان كارۋان يولى يىراقلارغا قاتنايدىغان ئۇزۇن سودا لىنىيىسى بولۇپ شەكىللەنگەن . ئۆز زامانىسىدا بۇ لىنىيە بىلەن توختىماي مال ئالماشتۇرۇلغان ۋە مەدىنىيەت تارقىتىلغان ، مىلادىيىدىن 6 -- 7 ئەسىرلەر ئىلگىرىكى گرېك ( يۇنان) سودىگەرلىرى ، ئاندىن كېيىن روما سودىگەرلىرى كېلىشكە باشلىغان . مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى يەتتىنچى ئەسىردە گرېتسىيىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلغان تۇنجى سەيياھ ئارىستان ئىدى ، " ئاسىپايا" دېگەن قەدىمكى داستانىدا ، ئۇنىڭ ساياھىتى قەيت قىلىنغان ئىكەن . ھىرودوت بۇ داستانى مۇھىم ماتېرىيال سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ تارىخ كىتابىدا نەقىل كەلتۈرگەن . گرېك جۇغراپىيونى ماىنوس فرات دەرياسىنىڭ كېچىكىدىن تاش تۇراغىچە ۋە بۇ يەردىن سېل دەرياسىنىڭ پايتەختى سىلاغىچە بولغان يولنى ھەم ئۇنىڭ مۇساپىسىنى خاتىرلەپ يازغان ؛ غەرب سودىگەرلىرى ئەنە شۇ شەھەردىن يىپەك ماللار ، كۆن - خۇرۇملارنى يۆتكەپ تۇراتتى دەپ قەيت قىلىنغان ئىكەن . شۇڭا ، قەدىمكى زاماندا غەرب كىشىلىرى "شۇلې" نى "شايى مەملىكىتى" دەپ ئاتىغانىكەن .
p#VA-RSUQ| روما جۇغراپىيونى پتولېمى گرېتسىيىنىڭ جۇغراپىيە بىلىملىرىنى ئاساس قىلىپ يازغان "جۇغراپىيە" دېگەن مەشھۇر ئەسىرىدە ، ئاسىيانىڭ ئەڭ راھەت - پاراغەتلىك جايلىرى سىلىيا بىلەن سىنا ئەللىرىدۇر دەپ سانىغان . "سىنا" بولسا ، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى 400 - يىللىرى ئۆتكەن تارىخچى كىتىفوسنىڭ "ئېترىيە" دېگەن ئەسىرىدە "سېرىس" دەپ يېزىلغان . گرېك تارىخچىلىرىدىن ئونىكرىدوس بىلەن نېئار كوس "قىرغاقنى بويلاپ دېڭىز ساياھىتى" دېگەن ئەسەردە : غەرب ئەللىرىدە ئىشلىتىدىغان يىپەك ۋە تۆمۈرلەر سېرستىن كېلىدۇ دېيىلگەن . شۇنىڭدەك ھومېرنىڭ "ئودىسسا" داستانىدىمۇ سېرىستىن ئىمپورت قىلىنغان تاۋارلار ئارىسىدا تۆمۈر ۋە كۆن - خۇرۇملار بارلىقى تەسۋىرلەنگەن .
zj ;'0Zu "شۇلې" / "سولې" ، ئېھتىمال يەرلىك ئاھالە تىلىدا قويۇلغان يەر نامىنىڭ خەنزۇچە ترانسكرىپىيىيلىنىشى بولسا كېرەك . بۇ نام غەرب ئەللىرىنىڭ تىللىرىدا "سىلىيا" ياكى "سېرىيا" دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنغان . بۇ نامنىڭ مەنىسى توغرىسىدا ئاساسەن ئىككى خىل كۆز قاراش بار : بىرى ، بەزى ئالىملار بۇ سۆز قەدىمكى كاشىغەر تىلىدا Sullakh (سۇللاق) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ ، "سۇلۇق جاي" ، "سۇ ماكانى" دېگەنلىكنى بىلدۈرىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ ."دىۋانۇلۇتىت تۈرك" تە ، "سۇۋلاغ" سۆزىگە : << 1. سۇلاق -- مال سۇغىرىلىدىغان يەر ؛ 2 . سۇللاغ -- كاشىغەردىكى بىر يېزىنىڭ نامى >> دەپ ئىزاھ بېرىلگەنلىكىنى دەلىل قىلىدۇ . شۇنىڭدەك قەدىمكى تۈركىي ۋەسىقىلەردە "ئوغراغ" سۆزىگە بېرىلگەن ئالتە خىل ئىزاھنىڭ بىرى --- "ئېقىن سۇ" دېگەن مەنىنى ئاساس قىلىپ ، بۇ سۆزگە ئاھاڭداش ھەم جۈپلۈك سۆز "سۇمراغ" ترانسىكپىسىيىسى بولسا كېرەك . چۈنكى ، "سۇغراق" ياكى "سۇغراغ" دەپ ئاتىلىدىغان يەر ناملىرى بۇنىڭغا مىسال بولىدۇ ؛ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا "راغ/راق" بىلەن ياسالغان تولا . مەسىلەن ، ئوغراق ، دىغراق ، ئازغىراق ، ساغراق ، قاززاق . توغراغ ۋە باشقىلار . خاقانىيە تىلىدا ۋە باشقا قەدىمكى تۈركىي ۋەسىقىلەردە "ساغراق/سوغراق" نىڭ كۆچمە مەنىسى "كاسا" ( كوزا) ، يەنە بىر كۆچمە مەنىسى "ئويمانلىق" ، "داشمانلىق" دۇر . شۇ ئۇسۇلدا ياسالغان "سوزاغ "/ "سۇراغ" ۋە ئۇنىڭ ئىنچىكە تۈرى "سۈرەگ" سكزىمۇ "توپ" مەنىسىنى بىلدۈرىدىغانلىقى مەلۇم . يۇقۇرىدىكى چۈشەنچىلەر بويىچە ، "شۇلې"/"سۇلى" ---- "سۇۋلاغ" ۋە "سۇغراق" نىڭ ترانكرىپىسىيىسى بولسا ، "سۇلۇق جاي" ، "تاغ ئېتىكىدىكى ساي" ، "ئويمانلىق" / "كاسا" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . "يۇرت" ، "مەھەللە" ، "توپ" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .
vO85h يەنە بىر قاراش بويىچە غەرب ئالىملىرىنىڭ تەھلىلىگە قارىغاندا ، ياۋروپا تىللىرىنىڭ شايىنى --- silk ( رۇس تىلىدا "شولكا" ) دەيدۇ . قەدىمكى گرېك - روما مۇئەللىپلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قەيت قىلىنغان "سىليا" ياكى "سېرىيە" / "سېرىس" خەنزۇچە ترانسىكرىپىيىسە قىلىنغان "شۇلې" / "سۇلې" غا يېقىن كېلىدۇ . بۇ "يىپەك " دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ . شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە "شۇلېننىڭ ئەمىلىي نامى شىلۇ چىسۇ دو دى ، بۇ شۇلې بولۇپ ئۆزگىرىپ كەتكەن " دەپ ئېنىق يازغان . "شېلى چىسۇ دو دى " --- دەل "سىلىك - كەز " ----- "شايى - دۇردۇن" يەنى تاۋار - تۇرقا دېگەن سۆز بولىدۇ . "دودە" --- "خانىدان" ، "يۇرت" ، "ئەل" دېگەنلىك بولىدۇ . دېمەك ، "يىپەك ئېلى" ياكى "پىللە خاندانى" دېگەن چۈشەنچە چىقىدۇ .
:27GqY,3sK L'dR;T[; v !~lVv& n+db#qAj5 "r6DZi(^K "كاشىغەر" / ""قەشقەر"
01n5]^.p ئەمدى ، "كاشىغەر" دېگەن نامغا كەلسەك ، جانلىق تىلدا "قەشقەر" دەپ ئومۇملاشقان بۇ نام ۋە ئۇنىڭ ئېتېمولوگىيىسى ھەققىدە ھەر خىل تارىخىي مەنبەلەردە ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىدە تۈرلۈك ئىزاھلانغان .
eIEr\X4\~~ "لۇغەر دېڭىزى" (سىخەي) دە ، "شۇلې" سۆزلىمىگە مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن : < شۇلې -- تاڭ دەۋرىدە چۈشا ، گاشى چىلى دەپ ئاتالغان . ؛ "چۈشا" سۆزلىمىگە بېرىلگەن ئىزاھتا : <چۈشا --- 1. يەنى شىگو ، يەنە بىر نامى گۇشانا ... ھازىرقى ئۆزبېكىستاندىكى شەھىرى سەبزىگە توغرا كېلىدۇ ؛ 2. "شۇلې" سۆزلىمىگە قاراڭ دېيىلگەن .>
-6(u09mb_ شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ 12 - جىلتىدە "چۈشا ئېلى --- كونا ئاتىلىشى شۇلې " دېيىلگەن .
\,<5U
F0 "بۇددا ئېلى خاتىرىسى" نىڭ "شۇلې" ماددىسىدا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن " " بۇ يەرنىڭ ئەسلى نامى گاشى چىلى ، بۇنىڭدىكى چىلى سانكرىت تىلىدا تاغ مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ، گاشى -- قاشتاشتۇر " .
/Ulv/Thl ياۋروپا ئالىملىرىدىن گرانادنىڭ تەتقىقاتى بويىچە ، گاش / قاش -- قاشتاش ؛ گىر/گار بولسا ، بالوت تىلىدا ghar (غار) نىڭ ترانسكرىپىيىسى بولسا كېرەك . (ياپون) شىراتورى كوراكى جىننىڭ پىكرىچە ، چاخان ۋە ئەفغان تىللىرىدا "غار" --- تاغ دېگەن ، "كاش غار" / "قاش غار " -- قاشتاش تاغ دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن .
f%Y'7~9bA بەزى تىلشۇناسلارنىڭ تەھلىلىچە ، قەدىمكى ھۇن - ئالتاي تىللىرىدا "غار" ---"يەر" دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن . مەسىلەن ، ئالتاي تىللىرىدىن دۇڭ - غۇر گۇرۇپپىسىدىكى داغۇر تىلىدا "غار" --"يەر" دېگەن مەنىدە بولۇپ ، ھازىرقى "چىچىخار" ئەسلىدە داغۇرچە "كېچىغار" ( كېچ/كۆچ --- چەر غار يەر ) --- "چەت يەر " مەنىسىنى بىلدۈرىدىكەن .
P8lx\DA "غەربىي دىيارنىڭ خەرىتىلىك تەزكىرىسى" دە: "مۇسۇلمان (ئوغۇز) تىلىدا ، رەڭدار خىشنى كاشى ، خىشتا سېلىنغان ئىمارەتنى گار دەيدۇ . يېرى باي مۇنبەت ، كاشىدا سېلىنغان ئىمارەتلىرى تولا بولغاچقا ئاشۇنداق ئاتالغان " دەپ يېزىلغان .
&,pL3Qos دېمەك ، "كاشىغەر" نىڭ مەنىسىنى ئىككى خىل پەرەز قىلىشقا بولىدۇ ؛ بىرى ، "قاش غار " --- قاشتاش تاغ ياكى قاشتاشلىق يەر ؛ جۈملىدىن قاش يەر ، يەنى دەريا قېتىدىكى يەر . يەنە بىرى ، "كاشىنكار / كاشىكار" --- كاشنىلىق يۇرت - شەھەر . كېيىنچە ، يورچى - كۈسەن - تۇخار تىلىدا "كاشگار" ، ئەرەب - ئەجەم تىللىرىدا "كاشىغەر" بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن ئىكەن .
wAC*D=Qj قەشقەر --- ناھايىتى قەدىمكى دىيار ، مىلادىيىدىن بەش ئەسىر بۇرۇنلا غەرب ۋە شەرققە تونۇلغان سودا - سانائەت مەركىزى .
سالنامىچى خۈي دۇڭ "كېيىنكى خەننامە" نىڭ "بەنچاۋ تەزكىرىسى" دىن نەقىل كەلتۈرۈپ دەيدۇكى ، شۇلې پادىشاھى سۇنجۇڭ شەھىرىدە تۇرىدۇ ؛ شۇلې ئېلىدە پەنتۇ شەھىرى ، ۋۇ جى شەھىرى ، سۇنجۇڭ شەھىرى بار . سۇنجۇڭ شەھىرىنى جېنجۇڭ ، دۇنجۇڭ دەپمۇ ئاتايدۇ . }@
Nurs)%_
"شىمالىي سۇلالە تارىخى" نىڭ "غەربىي دىيار" بابىدا يېزىلىشىچە ، شۇلې پايتەختىنىڭ سېپىلى بەش چاقىرىم كېلىدۇ . بۇ ئەلدە 12 چوڭ شەھەر ، بىرقانچە ئون كىچىك شەھەر بار" . "ئۇنىڭ پادىشاھى ئالتۇن ئارسلان (شىر) نەقىشلىك تاج كىيىدۇ" ، "زېمىنىدىن شال ، قوناق ، كەندىر ، بۇغداي ، مىس ، تۆمۈر ، قەلەي ، رەۋەن ، كىمخاب تاۋار كۆپ چىقىدۇ . ھەر يىلى كۆك تۈركلەرگە يوللاپ تۇرىدۇ " . |5o0N8!b[
شۇئەنزاڭنىڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" نىڭ "چۈشا" ماددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن : "چۈشا ئېلىنىڭ دائىرىسى 5000 چاقىرىم كېلىدىكەن . سايىلىرى تولا ، مۇنبەت يەرلىرى ئازراق ؛ زىرائەتچىلىك راۋاجلانغان ، گۈل - گىياھلىرى كۆپ ، مېۋە - چىۋە مولچىلىق ئىكەن ؛ سۈپتە ، گۈل - نەقىشلىرى چىرايلىق زىلچا - پالاس ، چەكمەن - تۇرقا قاتارلىق توقۇلمىلار كۆپ چىقىدىكەن ؛ ھۈنەرۋەنچىلىك گۈللەنگەن ئىكەن ........ يېزىقى ھىندى يېزىقىدىن ئۆزگەرتىپ ئېلىنغان ئىكەن ... بۇددا ئەقىدىسىگە ئىشىنىدىكەن ، پاراۋانلىق ئىشلىرىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن . گرامادىن بىرقانچە يۈزى بار ئىكەن . راھىبلىرى ئون مىڭدىن ئاشىدىكەن " . (1`z16
ھەزرىتى مەھمۇد كاشىغەرىمۇ "دىۋان" دا : "كاشىغەر --- ئوردۇكەنت دېيىلىدۇ ، يەنى خانلار تۇرىدىغان شەھەر دېمەكتۇر" . " بۇ شەھەرنىڭ ھاۋاسى ئوبدان بولغىنى ئۈچۈن ، ئافراسىياپ شۇ يەردە تۇراتتى" دەپ يازغان . ( "تارىخ تەبەرى" دە بايان قىلىنىشىچە ، ئافراسىياپ يەنى خانلار خانى ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ ياشىغان ۋاقتى مۇسا پەيغامبەرنىڭ زامانىسىغا توغرا كېلىدىكەن ) . {\!_S+}{
مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز يۇرتىنى "قىزىل سۇ" دېگەن سۆزلەمگە بىر كۇبلېت شېئىر مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق تەسۋىرلىگەن : W
,
قىزىل - سېرىق (چېچەكلەر) يۆلىنىپ ، tDF=Iqu)a
يېشىل رەيھانلار (باش) كۆتۈرۈشۈپ ، OR4ZjogzY
بىر - بىرىگە يۆگىشىپ تۇرغان ، ''+6qH-.|]
ئىنسان ئۇنى داڭلىشىدۇ . Q;m:o8Q5
[D[&aA
^T):\x(
[yzDa:%
4CR.=
كاشىغەر ئۆز زامانىسىدىن تارتىپ ، ئەنە شۇ قىزىل سۈيى بويىغا بىنا بولۇپ كەلگەن . قىزىل بويلىرى خۇددى 1500 يىل ئىلگىرى شۇئەنزاڭ ماختىغىنىدەك ، مەھمۇد كاشىغەرى زامانىدىمۇ بۈەۈنكى كۈندىمۇ ھەقىقەتەن گۈل - گۈلىستان ، باغۋارانلىق قۇتلۇق ئەشيادۇر . ئەمگەكچان ۋە ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاغۇن - بوغۇنلىرىنىڭ گۈلدەك قولى بىلەن جەننەت مەسەل ئېسىل دىيارغا ئايلانغان . %1E:rw@
iOCx7j{BS
FBn`sS8hH
i
*W9 4
9mdp\A
مۇتائىلە Z)RoFD1]C
~-r*2bR
5ZG-3qj
B^W0Ik`m
1. مەيلى "سۇلې" ئاتالسۇن ياكى "كاشىغەر" ، بۇ ناملارنىڭ تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنغان ۋاقتى بويىچە ھېسابلىغاندىمۇ ، ناھايىتى قەدىمكى ناملار ئىكەنلىكى مەلۇم ؛ "سۇلى" دېگەن نامنىڭ تارىخى 2500 يىلدىن ئاشىدۇ ؛ "كاشىغەر" مۇ 1300 يىللىق تارىخقا ئىگە . دەرۋەقە ، بىرەر شەھەر ياكى ئەلنىڭ نامى كېيىنكى مۇئەللىپلەر تۈزگەن كىتابلاردا قەيت قىلىنغان ۋاقتىدا پەيدا بولغان ئىكەن دېگىلى بولمايدۇ . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ شەھەر ياكى ئەل بىنا ۋە ئاپىرىدە بولغانلىقى ئاددىي ساۋات ئىگىسىگىمۇ مەلۇمدۇر . zLQplw`#
B+yr
6Q.
N7A/&~g5L
F-MN%WD~
JJL#Y
2. كاشىغەرنىڭ قەدىمكى شەھەر تۈزۈلۈشى شەرق ۋە غەرب بىناكارلىق ئۇسلۇبىدىن ئۆزگىچە بولغان . ئكي - ئىمارەت قۇرۇلۇشى جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە يەر شارائىتى ھەم ھاۋا - كېلىماتىغا ماس بولغاندىن تاشقىرى ، يۇرت ئەھلىنىڭ ئادەت ۋە روھى ھالەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى خۇسسۇسىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن . شەھەر كوچىلىرىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، بالدۇرقى رەستە ۋە كوچا - كويلىرىنىڭ ئۆتۈشكەن جايلىرى كۆپىنچە "ئۈچ كوچا" ئىدى ، خۇددى "تاپچان" يېقىلمايدىغانلىقىغا ئوخشاش ، ئۈچ كوچا ئات -ئۇلاغ ، ھارۋا قاتارلىق قاتناش قوراللىرى دوقۇرۇشماي ، تىقىلىنچ بولماي راۋان بولۇپ تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغۇن ئەجدادلىرى شەھەر كوچىلىرىنى ( قەشقەر ، خوتەن ، يەكەن شەھەرلىرىدە ) "ئۈچكۈل" يەنى ئۈچ كوچا قىلىپ ياساش تەجرىبىسىنى ھاسىل قىلغان . * A B
ZqaCe>
VGLE5lP X
9Ra_[1
>3HLm3 T
3. قەشقەردە قەدىمدىن "32 خىل ھۈنەر - كەسىپ" تەل - تۆكۈس راۋاجلانغان . نۇرغۇن داۋالغۇشلار ۋە جەڭگە - جېدەل مالىمانچىلىقلارنىڭ كاساپىتىدىن ھۈنەرۋەنچىلىكنىڭ خېلىلا ۋەيران بولغىنىغا قارىماي ، كېيىنكى چاغلاردىمۇ ئۈزۈلۈپ قالمىغانلىقى مەلۇم . شۇ سەۋەبتىن ، قەشقەردىن چىققان سانائەت مەھسۇلاتلىرى قوشنا ئەللەردە بازار تاپقان داڭلىق مەھسۇلاتلار سانالغان . مەسىلەن ، ئون ئالتىنچى ئەسىردە ، ئىۋان گروزىن زامانىسىدا موسكىۋانىڭ بازىرىنى قەشقەرنىڭ مىس بويۇملىرى قاپلاپ كەتكەنلىكى مەلۇم . يەنە كېلىپ قەشقەردىن ئۆزگىچە توقۇلما بويۇملار مۇ ئىشلەنەەن . مەسىلەن ، مەھمۇد كاشىغەرى "دىۋان" دا : "كىشمىشكە --- قەشقەردىن چىقىدىغان گۈللۈك پالاز" دەپ ئالاھىدە قەيت قىلغان . pgK)
)*[3Imq/
(uBevU\
v#EXlpS
5Qb%g)jZ
4. شۇئەنزاڭ "غەربىي دىيار خاتىرىسى" دە ، "كاشىغەردە مېۋە - چېۋە تولا ئىكەن " دەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ يازغان . راست ، قەشقەردە مېۋىلەرنىڭ تۈرلىرىمۇ تولا ، سورتلىرى ئاندىن تولا . H]a;
مانا ، ئىسلاھات ، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، پەقەت قول سانائىتىنى ئالساق ، ئاجايىپ راۋاج تېپىپ ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان يېڭى - يېڭى مەھسۇلاتلار كەينى - كەينىدىن مەيدانغا كەلدى ؛ ئىچكى - تاشقى خېرىدارلارنى خۇددى ماگنىتتەك ئۆزىگە تارتىپ كەلدى . شەرق مۇزىكا مەدىنىيىتىدە پارلاپ تۇرغان گۆھەر --- ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى قەشقەردە ساقلىنىپ ، قەشقەرىيە مۇقام ئۇستازلىرى ئارقىلىق كۈنىمىزگە يېتىپ كەلدى ..... wy3{>A Z(
/"d5