مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى
ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 72 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قىزىمغا  خەت
saderden
QINDUS
دەرىجە: يېـڭى مــېھان
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 13939
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 6
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە6دانە
ياخشى باھا: 3 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 24 سوم
تۆھپىسى: 15 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 72(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-10-14
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 13:41

0 قىزىمغا  خەت

ئاپتۇر ھەققىدە_سۇخۇملىنىسكىي(1970-1918)_سابىق سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ مارئارىپ ئەمەلىيەتچىسى ۋە پىداگۇگىكا نەزىريەتچىسى  @
     سۆيۈملۇك قىزىم :
سىنىڭ سۇئالىڭ مېنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالدى .
بۈگۈن سەن توپتوغرا 14 ياشقا كىردىڭ .سەن دەل بىر چېگرانى ئاتلاپ ئۆتىۋاتىسەن ،ئۇنىڭدىن ئۆتكەندىن كىيىن ،بىر قۇرامىغا يەتكەن ئايال بولۇپ قالىسەن .سەن مېنىڭدىن :<<دادا ،مۇھەببەت دېگەن نىمە ؟>>دەپ سورىدىڭ .
    بۈگۈنكى كۈندە بىر سەبىي بالا بىلەن گەپلەشمەيۋاتقىنىمنى ئويلىغىنىمدا ،يۈرىكىم خۇشال ئويناپ كەتتى . سەن چىگرائاتلاۋاتىسەن ،ساڭا بەخىت يار بولسۇن .لىكىن ، پەقەت سەن ئەقىل -پاراسەتلىك ئادەم بۇلۇپ يىتىلگىنىڭدىلا ،بىر بەخىتلىك ئادەم بۇلالايسەن .
   مىڭلىغان ،مىليۇنلىغان ئاياللار ،جۈملىدىن ئاشۇ 14ياشلىق قىزلار دەككە -دۈككەئىچىدە :مۇھەببەت نىمىدۇ ؟دەپ ئويلىشىدۇ بۇنى ھەر كىم ھەرخىل چۈشىنىدۇ .ھەر بىر يىگىت ئەرلىك جاسارىتى ئۇرغۇغان چاغدىمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ئويلايدۇ . سۆيۈملىك قىزىم ،شۇ تاپتا ساڭايىزىۋاتقىنىم ئىلگىرىكىدەك خەت  ئەمەس .مىنىڭ ئارزۇيۇم ياشاش ئەقىل -پاراسىتىنى ،يەنى ياشاش ماھارىتىنى ساڭا ئۆگۈتىش ئەمما،ئاتا بولغۇچىنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى خۇددى بىر تال كىچىككىنە ئۇرۇق بولۇشىنى ،ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭنىڭ كۆز قارىشىڭنىڭ ۋە ئېتىقادىڭنىڭ مايسىلىرى بىخ سۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
   ئىلگىرى بۇ مەسىلە مېنىمۇ ئوخشاشلا تىنىچسىزلاندۇرغان . ئۆسمۈر ۋاقتىمدا ۋە ياشلىققا قەدەم قويغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ،مومام مارىيە مېنىڭ ئەڭ يىقىن ئادىمىم ئىدى . ئۇ راستىنلا قالتىس ئىدى .قەلبىمدىكى بارلىق گۈزەل ،ئەقلىي ، سەمىمىي نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مومام بەرگەن ئىدى . ئۇ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتتى . بىر قىتىم ،باش كۈزنىڭ جىمجىت ئاخشىمى مەن مومام بىلەن بىلەن بىر تۈپ  باراقسان ئالما دەرىخى تۈۋىدە ئىسسىق بەلۋاققا قاراپ ئۇچۇپ كىتىپ بارغان تۇرنىلارغا قاراپ ئولتۇراتتۇق ،مەن :<<موما ، مۇھەببەت دىگەن نىمە؟>>دەپ سورىدىم .
   مومام ئىنتايىن مۇرەككەپ مەسىللەرنى چۆچەك ئارقىلىق يىشىشكە بەك ماھىر ئىدى . ئۇنىڭ قاپقارا كۆزلىرىدىن چوڭقۇر خىيال ۋە ئەنسىزلىك ئەكىس ئەتتى ، نېمىشقىكىن ، ئۇ بىر خىل ئالاھىدە ، ئەزەلدىن كۆرۈلمىگەن نەزەر بىلەن ماڭا <<لاپ>>قىلىپ قارىدى .
  _مۇھەببەت دىگەن نىمە؟...تەڭرى دۇنيانى  ياراتقاندا ،بارلىق جان -جانۋارلارنى يەر يۈزىگە تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ ھەم ئۇلارغا ئەۋلاد قالدۇرۇپ ،نەسلىنى ساقلاشنى ،ئەۋلاتلىرىنى كۆپەيتىشنى ئۆگىتىپتۇ .ئەر بىلەن ئايالغايەر بولۇپ بىرىپ،ئۇلارغا لاپاسنى قانداق ياساشنى ئۆگىتىپتۇ .ئەرگە بىر كەتمەن ، ئايالغا بىر ئۇچۇم دان بىرىپتۇ .<<ياشاڭلار ،ئەۋلادىڭلارنى كۆپەيتىڭلار ،مەن ئۆز ئىشىمغا كەتتىم ،بىر يىلدىن كىيىن سىلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئەھۋالىڭلارنى كۆرگىلى كىلىمەن >>دەپتۇ تەڭرى ئۇلارغا .ئەمدىلا بىر يىل ئۆتۈشى بىلەن تەڭرى چوڭ پەرىشتە جىبرىئىلنى ئەگەشتۇرۇپ كەپتۇ .ئۇ دەل سەھەر ۋاقتى ،قۇياش كۆتۈرىلگەن چاغ ئىدى ، تەڭرى لاپاسنىڭ قېشىدا بىر ئەر بىلەن بىر ئايال ئولتۇرغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئېتىزدا زىرائەتلەرنىڭ پىشىپ كەتكەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ يېنىدا بىر سەگەنچۈك قۇيۇلغانلىقىنى، سەگەنچۈكتە بىر بوۋاقنىڭ ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ .ئۇ ئەر بىلەن ئايال تۇرۇپ ئاسمانغا قارىسا ،تۇرۇپ بىر -بىرىگە مېھىر -مۇھەببەت بىلەن قارىشىدىكەن .ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچىراشقان پەيىتتە ،تەڭرى ئۇ كۆزلەردىن ئۆزى چۈشەنمەيدىغان بىر خىل گۈزەللىكنى ۋە ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان مەلۇم خىل كۈچنى بايقاپتۇ بۇخىل گۈزەللىك ئاسمان بىلەن قۇياشنىڭ ،زىمىن بىلەن بۇغدايزارلىقنىڭ_تەڭرى ياراتقان ھەممە نەرسىنىڭ گۈزەللىكىنى بېسىپ چۈشۈپتۇ .بۇ گۈزەللىك تەڭرىنى گاڭگىرىتىپ ،ھۇدۇقدۇرۇپ قۇيۇپتۇ .
_بۇنىمە ؟ _دەپ سوراپتۇ تەڭرى پەرىشتە جىبرىئىلدىن .
_بۇمۇھەببەت
_مۇھەببەت دېگەننىڭ مەنىسى نىمە ؟
پەرىشتە نائىلاج مۆرىسىنى چىقىرىپ قۇيۇپتۇ .تەڭرى ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئالدىغا بېرىپ،ئۇلاردىن بۇھەببەت دىگەن نىمە ؟ دەپ سۇراپتۇ ئەمما ،ئۇلارمۇ چۈشەندۈرۈپ بىلەلمەپتۇ .شۇنىڭ بىلەن تەڭرى قاتتىق غەزەپلىنىپ :<<بۇلىدۇ !سىلەر نى جازالىمىغانلىقىمنى كۆرۈڭلا !ھازىردىن باشلاپ سىلەر قېرىڭلار،ئۆمرۈڭلاردىكى ھەر سائەت ، ھەر مىنۇت سىلەرنىڭ ياشلىق باھارىڭلارنى ۋە كوچىڭلارنى خوراتسۇن 50يىلدىن كىيىن مەن يەنە كىلىمەن ، كۆزلىرىڭلار دا يەنە نىمە قالىدىكىن بېشىنى يەيدىغانلار .....>>دەپ كايىپتۇ .
   _تەڭرى نىمىشقا غەزەپلىنىدۇ ؟_ سورىدىم مومامدىن .
   _چۈنكى ئەر بىلەن ئايال ئۇنىڭ ئىجازىتىسىز لا ،ئۇ ئاڭلاپمۇ باقمىغان ،كۆرۈپمۇ باقمىغان نەرسىنى ياراتقاندە _دە ،ئاخىرىنى ئاڭلا !50يىلدىن كىيىن تەڭرى جىبرىئىل بىلەن يەنە كەپتۇ .بۇ قېتىم تەڭرى ، بۇرۇنقى لاباسنىڭ ئورنىغا بىر يۈرۈش ياغاچ سېلىنىپ ، بىنەم يەرلەرمىۋىلىك باققا ئايلانغانلىقىنى ،بىر ناچچە ئوغۇل يەر ھەيدەۋاتقانلىقىنى ،قىزلا بۇغداي يىغىۋاتقانلىقىنى ،نەۋىرلەر ئوتلاقتا ئۇيناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ.بۇۋاي بىلەن بۇماي ئۇينىڭ ئالدىدا گاھىدا قىپقىزىل شەپەققە ،گاھىدا بىر -بىرىگە مېھىر -مۇھەببەت بىلەن قارىشىپ ئۇلتۇرۇپتۇ . تەڭرى بۇبىر جۇپ ئەر -ئايالنىڭ كۆزللىرىدىن تەڭداشسىز گۈزەللىك ۋە تېخىمۇ زور كۈچنى كۆرۇپتۇ ،ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە بىر خىل يىڭى ئەرسىمۇ بارئىكەن . تەڭرى :
_بۇنىمە ؟_دەپ سۇراپتۇ پەرىشتىدىن .
  _ساداقەت _دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ پەرىشتە .لىكىن ،يەنىلا ئېنىق چۈشەندۇرۇپ بىرەلمەپتۇ .تەڭرى ئاچچىقىنى باسالماي قاپتۇ ھەم: <<قىرىشىڭلار تىخى تىز بولماي قالدىما ؟بېشىنى يىگۇر ئادەملەر ،ياشايدىغان ۋاقتىڭ ئۇزاق قالمىدى .مەن يەنە كىلىمەن ،سېنىڭ مۇھەببىتىڭ يەنە قانداق ئۆزگىرىدىكىن ،كۆرىمەنغۇ !>>دەپتۇ .
   ئۈچ يىلدىن كىيىن تەڭرى چوڭ پەرىشتە جىبرىئىلنى ئېلىپ ،بۇيەرگەيەنە كەپتۇ .قارىسا ،بىر ئەر كىشى كىچىك بىر تۇپا دۆۋىسى يىنىدا ئولتۇرغۇدەك ،ئۇنىڭ كۆزلىرى قايغۇ ھەسرەتكە تولغان ،لىكىن ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يەنە كىشى چۈشەنمەيدىغان بىر خىل گۈزەللىك ۋە بۇرۇنقىغا ئوخشاش كۈچ چاقناپ تۇرغۇدەك .بۇپەقەت بۇھەببەت ساداقەت بولۇپلا قالماستىن ،يەنەئۇنىڭدا باشقا نەر سىمۇ بارئىكەن .
  _بۇ يەنە نىمە ئىش ؟_دەپ سوراپتۇ تەڭرى پەرىشتىدىن .
  _قەلىپنىڭ سىغىنىشى ،_دەپتۇ پەرىشتە .
تەڭرى ساقىلىنى سىلاپ ،توپا دۆۋىسى يېنىدا ئولتۇرغان بۇۋايدىن نېرى كىتىپتۇ . بىشىنى كۆتۈرۈپ بۇغدايلىقلارغا ،چوغدەك قىزارغان شەپەق نۇرىغا قاراپتۇ:ئالتۇن بۇغداي باشاقلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن يىگىت-قىزلار يۈرگۇدەك ئۇلار گاھى چوغدەك قىزار غان ئاسمانغا قارىسا گاھىدا بىر -بىرىگە قارىشىپ ،مېھىر -مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىۋاتقىدەك ....تەڭرى ئۇلارغا قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كىتىپتۇ .كىيىن چوڭقۇر خىيالغا چۆكۈپ ،بۇيەردىن كىتىپتۇ   .ئاشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ،ئادەم زىمىننىڭ خۇجايىنىغا ئايلىنىپتۇ .
  _مۇھەببەت دېگەن مۇشۇ نەۋرەم مۇھەببەت تەڭرىدىنمۇ يۈكسەك تۇرىدۇ .ئۇ ئىنسانلاردىكى مەڭگۈلۇك گۈزەللىك ۋە كۈچ -قۇدرەتتۇر كىشىلەر دەۋر بىلەن تەڭ ئالمىشىپ يۈرۈيدۇ ،ھەممىمىز بىر ئۇچۇم تۇپىغا ئايلىنىپ كىتىمىز ،لىكىن مۇھەببەت ئىنسان ئىرىقىنىڭ ھاياتى كۈچىدىكى مەڭگۈلۇك ئۈزۈلمەس رىشتە .
  مۇھەببەت دىگەن مۇشۇ سۆيۈملىك  قىزىم .مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ياشايدۇ ،كۆپىيىدۇ ،ئەۋلاد قالدىرىدۇ ،لىكىن پەقەت ئادەملا سۈيەلەيدۇ . شۇنداقلا ،ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتساق ،پەقەت ئادىمىيىلىك بىلەن سۈيەلىگەن ئادەملا ھەقىقى ئادەم بولالايدۇ . ئەگەر مۇھەببەتكە ياخشى مۇئامىلا قىلىنمىسا .ئىنسانى گۈزەللىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمەيدۇ ،يەنى ئۇنداق ئادەم پەقەتلا شەكلەن ئادەم بولالىغان ،لىكىن ھەقىقى ئادەم بولالىمغان بىر خىل جانلىقدىن ئىبارەت بۇلۇپ قالىدۇ ،خالاس .



تۇلۇقسىز 9-يىللىق دەرىسىدىن ئىلىندى .
[ بۇ يازما قىزغىن تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]
تېما تەستىقلىغۇچى : قىزغىن
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2010-10-17, 07:17
-سىز كۆرۋاتقان تىما قىزىمغا  خەت,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:
چىن دۇست
musilina
ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلۈمگە ئىنساپ تىلەيمەن
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 120
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 3
ئومومىي يازما: 1397
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1397دانە
ياخشى باھا: 417 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 13783 سوم
تۆھپىسى: 179 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 613(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
1 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 16:32

مۇشۇنداق تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بار تېمىغا بىرمۇ ئىنكاس چۈشمىگىنى بەكمۇ ئەپسۇسلىنارلىق.......

ھەقانداق بىر بالاغەتكە يەتكەن ۋە يېتىش ئالدىدا تۇرغان قىزلار كۆرسە بولغۇدەك ئېسىل مەزمۇنكەن......

<<مۇھەببەت دىگەن مۇشۇ سۆيۈملىك  قىزىم .مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسى ياشايدۇ ،كۆپىيىدۇ ،ئەۋلاد قالدىرىدۇ ،لىكىن پەقەت ئادەملا سۈيەلەيدۇ . شۇنداقلا ،ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ ئېيتساق ،پەقەت ئادىمىيىلىك بىلەن سۈيەلىگەن ئادەملا ھەقىقى ئادەم بولالايدۇ . ئەگەر مۇھەببەتكە ياخشى مۇئامىلا قىلىنمىسا .ئىنسانى گۈزەللىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلمەيدۇ ،يەنى ئۇنداق ئادەم پەقەتلا شەكلەن ئادەم بولالىغان ،لىكىن ھەقىقى ئادەم بولالىمغان بىر خىل جانلىقدىن ئىبارەت بۇلۇپ قالىدۇ ،خالاس . >>
ئەسەرنىڭ ئەڭ مېغىزلىق،  ئەھمىيەتلىك چىققان يېرى مۇشۇ.....
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
شىرىن
يۇرىگىم يىغلايدۇ...
دەرىجە: كــۆنگەن ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 8106
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 849
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە849دانە
ياخشى باھا: 326 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 3459 سوم
تۆھپىسى: 231 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 260(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
2 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:19

مەن كىچىك چىغىمدا ئاكامدىن تۇي قىلسا بالىسىغا ئامراق بۇلامدۇ ياكى قىرىندىشىغىمۇ دەپ سۇرغانتىم ئاكام ئىككىلەنمەيلا بالىسىغا دەپ جاۋاپ بەرگەنتى.شۇندىن كىيىن مەن چۇڭ بۇلسام ئاكامنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغىدەكمەن دەپ ئۇيلىغانتىم بۇ تىمىنى ئۇقۇپ كىچىك ۋاختىم ئىسىمگە كەپ قالدى
ھەيرانمەن ئىنساننىڭ نادانلىقىغا،
كۇلىمەن كۇڭۇلنىڭ ساراڭلىقىغا.
يىغلايمەن ئازاپنىڭ ئاچچىقلىقىغا،
قانمايمەن ھاياتنىڭ تاتلىقلىقىغا.
xamxarka
سىمىزلەپ كەتتىڭ دەپ قوغلىنىشدىن قورقىمەن !
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 7009
  جىنسى: يوشۇرۇن
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 402
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە402دانە
ياخشى باھا: 71 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2522 سوم
تۆھپىسى: 61 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 612(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
3 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:24

نەقىل ئېلىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 2قەۋەت  شىرىن كە 2010-10-17 05:19 PMئەۋەتىلدى  :
مەن كىچىك چىغىمدا ئاكامدىن تۇي قىلسا بالىسىغا ئامراق بۇلامدۇ ياكى قىرىندىشىغىمۇ دەپ سۇرغانتىم ئاكام ئىككىلەنمەيلا بالىسىغا دەپ جاۋاپ بەرگەنتى.شۇندىن كىيىن مەن چۇڭ بۇلسام ئاكامنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالغىدەكمەن دەپ ئۇيلىغانتىم بۇ تىمىنى ئۇقۇپ كىچىك ۋاختىم ئىسىمگە كەپ قالدى

چوڭ بولغىنىڭىزنى ھېس قىلىپسىز ھە ؟ ئاكىڭىز ئەمدى سىزنى توي قىلىۋەتمىسە بولمىغىدەك !!
OMAKPARIXTA
kalgusum
دەرىجە: تېرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 4923
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 361
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە361دانە
ياخشى باھا: 66 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 2428 سوم
تۆھپىسى: 50 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 876(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-07-27
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-17
4 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 17:38

بۇ دەرىسلىكىنى مەن مەكتەپتە ۋاقتىدا ئوقۇغان .خىلى ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ ماڭا بەك تەسىر قىلغاچقىمۇ ھازىرغىچە ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق !شۇڭا بۇ ئىنكاسنى تىمىڭىزنى ئوقىمايلا يىزىۋاتىمەن !مۇسلىنە ھەدەم دىگەندەكلا بۇ ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقان بالىلار ئۈچۈن تەربىيە ئەھمىيىتى مۇھىم ئەسەر !
تىمىڭىزغا رەھمەت!
تەسەۋۇر قانات...............كوكتە قىل پەرۋاز...........!!!!!!!!!!!!!!!!!
larzan
ئىنسان  بولساڭ غۇرۇرلۇق ياشا..
دەرىجە: ئىجادچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى تىزىم نۇمۇرى: 6404
  جىنسى: خانىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 1038
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1038دانە
ياخشى باھا: 657 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 5969 سوم
تۆھپىسى: 783 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 651(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-08-15
ئاخىرقى كىرىشى: 2010-10-18
5 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: تۈنۈگۈن 18:07

مەزمۇنى ياخشى ئەسەركەن،ئەجىرىڭىزغا كوپ رەھمەت.
بۇ ھاياتىنىڭ يۇلى ئېگىز -پەس،
مەڭگۇ بەردەم- تىك تۇرماقمۇ تەس،
چىن ئنسانغا غۇرۇر مۇقەددەس،
مىزانى شۇ ئادىمىيلىكنىڭ............