يولدىشىمغا بىر پارچە خەت
ئارىمىزنىڭ شۇنچە يېقىن تۇرۇپمۇ يەنە سىزگە خەت يىزىۋاتقىنىمدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمەن ،ئامال يۇق چۇنكى ھازىر مەندە سىز بىلەن گەپ تالاشقۇدەك ماغدۇرمۇ قالمىدى .راستىنلا ئامال يۇق ،سىزدىكى غايىسىزلىك ،ئىتقاتسىزلىق ،مەسئۇليەتسىزلىك ،ۋاپاسىزلىق پۇتۇن ۋۇجۇدۇمنى ئۆرتەپ ھىچ ھالىمنى قويمىدى .بۇ ۋىجدانسىزلىقىڭىز مىنى ھەممىدىن تويغۇزۇپ ئارزۇ -ئارمانلىرىمنى ،نىشانىمنى ،ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقىمنى .....ئىشقىلىپ ھەممىنى يوققا چىقاردى .ھازىر مىنى بىردىنبىر ھاياتقا ئىنتىلدۈرۈپ تۇرىۋاتقان نەرسە غۇبارسىز سەبىي ئوغلۇم ............ئۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەن ،ئۇنىڭ كەلگۈسىدىن ئەنسىرەيمەن .بىزنىڭ شۇنچە قاتتق قارشىلىقلارغا قارىماي توي قىلىشىمىز مىنى خارلىشىڭىز ئۈچۈنمىدى؟؟؟
سىزنىڭ يۈرىكىمنى ئاغرىتىپ ،ئىچىمنى زەرداپ قىلۋەتكىنىڭىزنى سۆزلەپمۇ سۆزلەپ بۇلالمايمەن ،يىزىپمۇ يىزىپ بۇلالمايمەن .مۇشۇنداق كىشىگە ئېيتقىلى بۇلمايدىغان ئاچچىق ھەسرەتتىن يېشىم 30غا بارماي تۇرۇپلا ئېغىر ئۆت كېسىلى بۇلدۇم .بەس يىتەر ئەمدى سىز ئۈچۈن ،ئۆزۈم ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن قايتا -قايتا سادىر قىلغان خاتالىقىڭىز ،مەسئۇليەتسىزلىكىڭىزگە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا خاس سەۋىرچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ غۇرۇرۇمنى دەپسەندە قىلىشىڭىزغا سۈكۈت قىلىپ كەلدىم .يامغۇردەك كۆز ياشلىرىم بىلەن ئەقلىڭىزنى تېپىشىڭىزنى ئۈتۈندۈم .لىكىن ئۇ كۆز ياشلار ئالدىڭىزدا يۇندىدەك قەدىرسىز بولدى ،كۆز ياشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالدىڭىز ،مىنىڭمۇ ئىنسانغا خاس مىھىر-مۇھەببەتكە تەشنا ئىكەنلىكىمنى ئويلاپمۇ قويمىدىڭىز .
ئەيىش -ئىشرەت قوغلىشىپ زەئىپلەشكەن مەنىۋىيىتىڭىزنى تاغ سۇيىدەك سۈزۈك ،تاڭ شامىلىدەك پاكىز روھىيىتىم بىلەنمۇ ئۆزگەرتىشكە قادىر بۇلالمىدىم ،ئاشۇ ئوماق ئوغلىمىزنىڭ تاتلىق قىلىقلىرىمۇ سىزگە تەسىر قىلالمىدى .
بۇپتۇ ،مۇشۇنداقلا بۇلدى قىلايلى، يۈرەكنى ئازاپلايدىغان ئۇ كۈنلەرنىمۇ مۇشۇنداقلا ئۇنتۇپ كىتەي ......
مەنبە :كۈندىلىك خاتىرەمدىن
[ بۇ يازما نەۋكەر تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]